«ئويغاقلار»غا «ساجىيە»دىن جاۋاب (نۇر TV قانىلى يۇتۇبېرىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى خۇسۇسىدا بايانات)

«ئويغاقلار»غا «ساجىيە»دىن جاۋاب

(نۇر TV قانىلى يۇتۇبېرىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى خۇسۇسىدا بايانات)

«ئويغاقلار دۇنياسىدا – بۇرھان» سەھىپىسىدە قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان بۇرھان مۇھەممەد ئىسىملىك يازار شەرئىي مەسىلىلەرگە دائىر يېقىنقى ئوبزورلىرىدىن بىرىدە يۇتىيوپتا ئىسلامىي تەشۋىقاتلارنى ئاساس قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرۈرمەنلىرى بولغان نۇر  TVقانىلىدىكى «يۇتۇبېر» ھەققىدە پاكىتچانلىقى كۈچلۈك، نەزەرىيىۋىي تەھلىلى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەنقىد ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئوبزوردا مۇھاجىرەتتىكى دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى، جۈملىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» قاتارلىق ئورۇنلارنى تىلغا ئېلىپ، «شەرئىي مەسىلىلەردە ئازغۇنلۇق، پىتنە پەيدا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتا سۈكۈت قىلماسلىق، دىن بۇلغىنىۋاتقان ئاتموسفېرادا باشنى ئىچىگە تىقىپ تاماشا كۆرمەسلىك، دىنىي مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىق، ئادىل باھا ۋە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق» ھەققىدە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مۇئەسسەسەلەر ھەمدە ئورگانلارنى دىنىي ساھەلەردە يۈز بېرىۋاتقان بىنورمال ھادىسىلەرگە «سۈكۈتۋاز» بولماسلىققا چاقىرغان.

تۆۋەندە مەن بۇ ئورۇنلۇق تەلەپكە قارىتا مەركىزىمىز نامىدىن جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچىمەن. شۇنى تەكىتلەپ ئېيتايكى، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» ساغلام دىنىي مەۋقەنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ھېچقاچان باش تارتىپ باققان ئەمەس ۋە ئەسلا باش تارتمايدۇ. قۇرۇلغان كۈنىدىن بېرى ئۆز بۇرچىنى توختاۋسىز ئادا قىلىپ كەلدى ۋە بۇنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ قاتارىدا مىللىتىمىزگە زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقان، جۈملىدىن ئىمان – ئەقىدىمىز ۋە ئەمەل – ئىبادەتلىرىمىزنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق ئازغۇنلۇقتىن، قايمۇقتۇرۇش، ئېزىقتۇرۇش ۋە بىدئەت قىلمىشلاردىن خەلقىمىزنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، بىر مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقات قوشۇنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە توغرىنى خەلقىمىزگە يەتكۈزۈشتە بىرەر شەخس ياكى ئورگاننىڭ سىزىقىغا كىرىپ قالماستىن، قاش – كۆزىگە باغلىنىپ قالماستىن ۋە بىرەرسىدىن قورۇنۇپ، تارتىنىپمۇ قالماستىن، ياكى بىرەرسىگە ياخشىچاق بولۇشنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ۋە پەقەت ھەقتائالانىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەشكە، ئىلىم بېرىلگەنلەرگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بەجانىدىل ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسا، مەركىزىمىز بۇ رولىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل جارىي قىلدۇرىدۇ.

زاكات مەسىلىسىدە قارىشىمىز شۇكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقىنىدەك: ﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(9/«تەۋبە»: 60). بۇ ئايەتكە بىنائەن، زاكات يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز ئورۇنغىلا سەرپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 7 – تۈرنى، يەنى «ئاللاھ يولىدا» دېگەن تۈرنى مەيلى بىز بىرقەدەر تارراق مەنىدە چۈشىنىپ تۇرۇپ ئۇنى جىھادقىلا قارىتىپ، جىھادنى ۋەتىنىمىزنى، خەلقىمىزنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، زۇلۇمدىن خالاس ۋە ئازاد قىلىش ئۈچۈن دىنىمىز تەلەپ قىلغان ۋە بۇيرۇغان قوراللىق جىھادقا، شۇنداقلا سىياسىي، ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى جىھادقا كېڭەيتەيلى ياكى بولمىسا تېخىمۇ كەڭ مەنىدە چۈشىنىپ تۇرۇپ جىھادنى «دىن ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىدىغان بارلىق پايدىلىق شەرئىي ئىشلار» دەپ چۈشىنەيلى، ھەر ئىككى چۈشىنىش بويىچە زاكات ئىسلام دىيارى بولمىش شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە پارچىسى بولمىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى، ئازادلىقى ۋە ئىستىقلالى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەربىي، سىياسىي، ئىلمىي ۋە تەشۋىقات ساھەلىرىگە، يەنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا، دەۋا يولىغا توغرا ئاساستا ئىشلىتىلسە تامامەن بولىدۇ.

بۇ تۈر بىلەنلا ئەمەس، ئايەتتىكى زاكات سەرپ قىلىنىدىغان 8 – تۈر بولمىش «قۇللارنى ئازاد قىلىش» تۈرىنىمۇ كۈنىمىزدە دەۋايىمىزغا باغلىنىشلىقى بولغان، ئىلگىرىكى زامانلاردىكى مەلۇم دەرىجىدە ھەق – ھوقۇقى قوغدىلىدىغان، ئىبادەتلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان، مۇسۇلماننىڭ قولىدىكى قۇللارغا نىسبەتەن، ھېچقانداق ھەق – ھوقۇقى بولمىغان، پۈتۈن ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، كافىرلار قولىدىكى ئەسىر خەلقىمىزنى ۋە ۋەتىنىمىزنى بىر پۈتۈن قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، «قۇل ئازاد قىلىش ھۆكمىدە» دەپ تۇرۇپ زاكاتتىن سەرپ قىلىنسا، بۇ تۈرمۇ تامامەن دۇرۇس كېلىدۇ. بەلكى بۇ خىل ئازاد قىلىش تېخى بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالمىغان زامانلاردىكى قۇللارنى ئازاد قىلىشتىن ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ زۆرۈردۇر. دېمەكچىمىزكى، زاكاتنى ئايەتتىكى قۇل ئازاد قىلىشقا سەرپ قىلىنىدىغان قىسمنىمۇ بىر پۈتۈن قۇللۇقتا قالغان مىللەتنى ئازاد قىلىشقا ئىشلەتسە، سەرپ قىلىنسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

دېمەك، مەيلى جىھاد تۈرىنى ئالايلى، مەيلى قۇللارنى ئازاد قىلىش تۈرىنى ئالايلى، ھەر ئىككى تۈر ئايرىم – ئايرىم ھالدا ۋە بىرلەشكەن ھالدا زاكاتنى تۈرلۈك جىھادقا، جىھادنىڭ ئەڭ تەخىرسىزى بولغان، ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىش ۋە مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئورتاق نامى بولغان «دەۋا» ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بۇ يول غايەت زور چىقىم ۋە مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشتا، بارچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا، بولۇپمۇ پۇل – مال سەرپ قىلىشتا ئازغىنە زاكات بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئىختىيارىي ۋە نەفلە ياردەملەرنىمۇ قوشۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە سەرپ قىلىش، ئۆزى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ توختاپ قالماي، باشقىلارنىمۇ بۇ ئۇلۇغ ئىشقا قىزىقتۇرۇشى، سەپەرۋەرلىك قىلدۇرۇشى كېرەك. رەببىم ۋەتىنىمىزنى بالدۇرراق تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇستەملىكەسىدىن قۇتقۇزۇپ، مەزلۇم خەلقىمىزنى ھەقىقىي ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرگەي!

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، دەۋا قىلىۋاتقان ھەربىر شەخس ۋە ئورۇنغا زاكات بەرمەكچى بولغانلار چوقۇم ئۇ شەخس ياكى ئورۇننىڭ «ۋەتەن مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇشتا ھەقىقىي خىزمەت قىلامدۇ – يوق، ساختا دەۋاچىمۇ – ئەمەسمۇ، قىلىۋاتقان خىزمىتى مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ پايدىسىغا بولۇۋاتامدۇ – زىيىنىغىمۇ؟» دېگەندەك نۇقتىلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ھەقىقى دەۋا يولىدا ئىكەنلىككە قانائەتلىنىپ تۇرۇپ ئاندىن زاكىتىنى شۇ يەرگە بېرىشى كېرەك. بۇمۇ باشقا تۈرگە بېرىشتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ دەل جايىغا بېرىشكە تىرىشقانغا ئوخشاش  مۇھىمدۇر.

تەنقىد ئوبىيېكتى بولمىش يۇتۇبېرغا كەلسەك، مەن بۇرۇندىن تارتىپلا «خىتتايلار جەننەتكە كىرىدۇ» ۋە «قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئوبدان بىلىدۇ» دېگەندەك بىر تالاي كۇفۇر تەشۋىقاتلارنى كۆتۈرۈپ چىققان چاغلىرىدا، بۇ جۆيلۈمىسىنى «ئۆلىمالار بىرلىكى» مەسئۇللىرىغا ئاغزاكى يەتكۈزۈپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەيىبلىگەنىدىم. بىر قېرىندىشىمنى «ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز دېتالىغا ئۇدا ئۈچ قېتىم سېلىپ تەكشۈردۈم، بۇ پالانى چىقتى» دەپ قارىلاش ۋە تەجەسسۇسلۇق قىلىشتىن ئىبارەت يىرگىنىچلىك ۋە ئەخلاقسىزلارچە قىلمىشىدىنمۇ «ئۆلىمالار بىرلىكى» مەسئۇللىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قاتتىق ئەيىبلىگەنىدىم. «قىيامەت كۈنى روھىمىز جەننەتكە كىرىدۇ، جىسمىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ» دېگەن ئازغۇن ئېتىقادنى بازارغا سالغىنىدا، بۇ ھەقتە سورىغۇچىلارغا «ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەمدۇ؟» سەرلەۋھەلىك مەخسۇس پەتۋا يېزىپ ئېلان قىلىپ، مەسىلىنى ئىلمىي ۋە شەرئىي جەھەتتىن ئوچۇقلاپ بۇنىڭ ئازغۇن ئەقىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدىم. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرغۇچىلىرىغا بۇنداق يۇتۇبېرلارنى «ئۆلىما» دەپ بىرلىك ئەزاسى قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىلىمگە خىيانەت ئىكەنلىكىنى دەپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدىم. ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇتۇبېر ھەققىدىكى شىكايەتلىرىگە قارىتا، ۋەز – تەبلىغلىرىدىكى سادىر قىلىۋاتقان تۈرلۈك خاتالىق ۋە نۇقسانلىقلىرىنى مىسال قىلىپ بۇنداق يۇتۇبېرلارنى «ئۇستاز» دەۋېلىشمۇ شەرئىي ئىلىم ساھەسىنى دۇغلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ساھەسى ۋە سەۋىيە – سالاھىيىتىگە يارىشا ئاتاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدىم. بىر چىرايلىق سورۇنلارغا ئۇيۇشتۇرغۇچى سۈپىتىدە كېتىۋەرمەي، ئازغۇن ئەقىدە، مىللەتكە زىيانلىق سىياسىي مەۋقە تەشۋىقاتىنى قىلىپلا ماڭىدىكەن، «ساجىيە» ھەردائىم بۇ ۋە بۇنىڭدەكلەرگە، بولۇپمۇ ۋەز – تەبلىغ قىلىش تالانتىنى دىنىي ساھەنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىدىغان، تەنقىد – شىكايەتلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلارغا «شەخس» ياكى «تەشكىلات» دەپ ئايرىماي رەددىيە بېرىشتىن، شۇنداقلا ئومۇم خەلقىمىزگە ھەقنى بايان قىلىشتىن بۇرۇنقىدەكلا ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئوتتۇز قېتىم تاھارەت ئېلىپ ئارقىدىن بىر يەل قويۇۋېتىپلا ھەممىنى يوق قىلغاندەك، توققۇز توغرىغا بىر ئازغۇن ئەقىدە ئارىلاشتۇرسا، ئاۋام – خەلققە چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر ئارىسىغا زىيانلىق ئىدىيەنى قېتىپ تەشۋىق قىلسا، ھەر بىر چىراي ئىپادىسىمۇ خاتىرىلىنىپ ماڭىدىغان كامېرا ئالدىدىمۇ ئۇستاتلىق ئىشلەتسە، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. زىيىنى بۈگۈنكىلەرگىلا ئەمەس، كېينكىلەرگىمۇ، بۇ دۇنيادىلا ئەمەس قىيامەتتىمۇ ھەم ئېغىر ئاپەتتۇر، سورىقى باردۇر. ساھەنىڭ مۇتەخەسسىس ئەھلىلىرى، ئاۋامۇنناستىن پەرقلىق كۆز بىلەن توغرىسىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغانلارنىڭ، ھەق بىلەن باتىلنى، ساختا بىلەن راستنى پەرق ئېتەلەيدىغانلارنىڭ بۇلارنى ئۇقۇپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇشىمۇ جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالغانلىق، ئىلمىي قانائىتىدىن شەخسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ سۈكۈت قىلغانلىق جۈملىسىدىندۇر.

ھەركىشى ئۆزى ياخشى قىلالايدىغان، چوڭقۇرلاپ بىلگەن ساھەسىدە ئىش قىلىشى، ساھەسىگە چۆكەلمەيدىغان تۇرۇپ ساھەننىڭ ھەممە تەرىپىگە چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك. سەھىھ ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك، «ئاللاھ قىلغان ئىشىنى پۇختا رەۋىشتە قىلىدىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».  پۇختا قىلالمىغان، بىجىرەلمىگىنىگە قارىماي، نالايىق ئۇنۋان ۋە ئاتاقلار بىلەن ساھەنى پۇچەكلەشتۈرمەسلىكى لازىم. شەرئىي سەۋىيە، سالاھىيەت ۋە ئىلمى ئارقا كۆرۈنىشىنىڭمۇ تايىنى يوق تۇرۇپ ساھەنىڭ ئەھلىدەك كۆرۈنۈۋېلىشمۇ دىننىڭ تۈپكى تەلىپى بولغان سەمىمىي بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپتۇر.

پېقىر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئىلىم ئەھلىنى، شەرئىي ئىلىم ساھەسىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقان پىداكار ئۇستازلارنى، ۋىجدانى ئويغاق ئەركەكلىرىمىزنى مىللەتنى خاتا يۆنىلىشكە باشلايدىغان زىيانلىق ئىدىيە – ئېتىقاد تەشۋىقاتلارغا دادىل قارشى تۇرۇشىنى، خاتا قىلمىشقا چاپان يېپىشتەك نىفاققا ياتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشىنى ۋە ئاللاھ تائالا ئۈستىگە يۈكلىگەن شەرەفلىك ئىمانىي ۋە ئىلىم ئەھلىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇخىل ئەھۋاللارغىلا ئەمەس، مۇستەقىللىق دەۋاسىغا زىيانلىق ھەرقانداق پۈچەك چۈشەنچىلەرنى، مىللەتنىڭ ئىسلامىي دەستۇرلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بۇلغايدىغان بارلىق شېكەر يالىتىلغان تەشۋىقاتلارنى سەگەكلىك بىلەن ۋاقتىدا بېسىقتۇرۇپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان ھەق مەيداندا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى، مۇستەملىكە ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا تۈگىشىپ كېتىۋاتقان خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇشتا سەمىمىي بولۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. جۈملىدىن بۇ توغرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭمۇ مىللىي مۇجادەلەگە ئالاقىدار بۇ تۈرلۈك مۇھىم مەسىلىلەردە تەنقىدچىلەردىن ئاۋۋال چاتاقنى بايقاپ دىنىي ساھەگە توغرا ئۇسۇلدا ئىگە چىقىشى، ئۆلىمالارنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتىگە چېتىلىدىغان شەرئىي پەتىۋا، دەۋەت ۋە ۋەز – تەبلىغقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بولسىمۇ دادىللىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، دىن مەسىلىلىرىنى شەخسىي مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنىڭ قۇربانى بولۇشىغا يول قويماستىن ئۆلىمالارغا يارىشا ئىلمىي ۋە سىياسىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۈن تەرتىۋىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان ۋە دەتالاشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىشلارغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىشى ساجىيە ئەھلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە سەپداش ۋە توغرا مەۋقەلىك ساھەداشلار تەرىپىدىن كۈتۈلۈۋاتقان ئەمەلىي قەدەمدۇر. ئى ئاللاھ، يەتكۈزگەندىمەن؟! ئاللاھىم، سەن گۇۋاھ بول! (ألا هل بلغت؟ اللهم فاشهد!)

ھەقىقەتەن ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر، ھېچبىر مەخلۇقنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر.

﴿زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ﴾(26/«شۇئەرائ‍»: 227).

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1445، 20 – رامازان / م. 2024، 30 – مارت

 

 

مۇناسىۋەتلىك يازما: ئەزھەرىيلەرگە بيانات

Please follow and like us: