سىياسىي ۋە ئەقىدىۋى مەزھەبلەر ھەققىدە

سىياسىي ۋە ئەقىدىۋى مەزھەبلەر ھەققىدە

كىرىش سۆز

[1] بىز بۇ كىرىش سۆزدە ئىنسانلارنىڭ مەلۇم بىر ھەقىقەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇش سەۋەبلىرىنى بايان قىلىمىز، ئاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ گەرچە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ۋە ئىختىلاپلىشىش راۋا بولمايدىغان ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس مۇقەررەر ھەقىقەتلىرىدە بىر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ پىكرىي مېتودلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىمىز.

 

ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىكرىي ئىختىلاپ

[2] شۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇركى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئالىملار: «ئىنسان كىچىكىدىنلا كائىناتقا پەلسەپەۋى قاراش بىلەن قاراشقا باشلايدۇ» دەيدىغان بولسا، بىز شۇنداق دەيمىزكى: «ئاشۇ قاراشلار پەيدا قىلغان كاللىدىكى سۈرەت ۋە خىياللار ئىنسانلارنىڭ نەزەرلىرى چۈشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان نەرسىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ. ئىنسان مەدەنىيەت ۋە ھازارەت يولىدا قانچە قەدەم باسقانچە، ئىختىلاپنىڭ يوچۇقلىرى شۇنچە كېڭىيىدۇ، ھەتتا بۇ ئىختىلاپتىن ھەر خىل پەلسەپەۋى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەزھەبلەر پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر بىز ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىنى بىرمۇبىر ھېسابلاپ، چەك – چېگرىسىنى ئايرىماقچى بولساق، ئۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەقىقەتەن كۆپتۇر. بىز ئۇنى ھېسابلاپ ئولتۇرماستىن، بىر قىسىملىرىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى!

1. تېمىنىڭ ئەسلىدىنلا غۇۋا بولۇشى

[3] پەيلاسوپلار قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا يېپىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ھالبۇكى ئۇنى بىلىشنىڭ يولى ئاسان ئەمەس، ئۇنى چۈشىنىش يوللىرىمۇ ھەر خىلدۇر. ھەركىمنىڭ نەزەرى نېمىگە چۈشسە، شۇنى كۆرىدۇ ۋە ئاڭ – تەپەككۇرى نېمىگە باشلىسا، شۇنى ئىدراك قىلىدۇ. بەلكىم ھەقىقەت ئۇلارنىڭ بىرىدە ئەمەس، ئومۇمىدا بولۇشى مۇمكىن.

ئەپلاتون ئېيتقانكى: «كىشىلەر ھەقىقەتكە ئۇنىڭ ھەممە تەرىپىدىن يېتەلىگەنمۇ ئەمەس ۋە ھەممە تەرىپىدىن خاتالىشىپ كەتكەنمۇ ئەمەس، بەلكى ھەر ئادەم ھەقىقەتنىڭ بىر تەرىپىگە يەتكەن. بۇنىڭ مىسالى: بىرنەچچە قارىغۇ بار ئىكەن، ئۇلار بىر پىلنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ، ھەربىرى پىلنىڭ بىر ئەزاسىنى تۇتۇپتۇ ۋە قولى بىلەن سىلاپ بېقىپتۇ. پىلنىڭ پۇتىنى تۇتقىنى: ‹پىلنىڭ بەدىنى دەرەخنىڭ غولىغا ئوخشاش يۇمىلاق، ئېگىز ئىكەن› دەپتۇ. پىلنىڭ دۈمبىسىنى تۇتقىنى بولسا: ‹پىل دېگەن ئېگىز دۆڭلۈككە ئوخشايدىكەن› دەپتۇ. پىلنىڭ قۇلىقىنى تۇتقىنى بولسا: ‹پىل ئىنچىكە يايپاڭ ئىكەن، قاتلىسا قاتلىغىلى بولىدىكەن، ئاچسا ئاچقىلى بولىدىكەن› دەپتۇ. ھەربىرى ئۆزىنىڭ ھېس قىلغىنى بويىچە يەنە بىرىنى پىلنىڭ جىسمىنى سۈپەتلەشتە خاتالىق ۋە نادانلىق بىلەن ئەيبلەپتۇ. ھەقىقەتنىڭ ئۇلارنى قانداق بىرلەشتۈرگەنلىكىگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا يالغان ۋە خاتانىڭ كىرىپ، ئۇلارنى قانداق بۆلىۋەتكەنلىكىگە قاراڭ!»

ئىختىلاپ كۆپىنچە ھالدا تېمىنىڭ ئۆزى غۇۋا بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىككىلى تەرەپنىڭ بىر – بىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى بىلمەسلىكىدىن ۋە بىر تېمىدىكى نەزەرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا، سوقرات: «دەتالاش قىلىنىۋاتقان نۇقتا مەلۇم بولغان چاغدا، ھەرقانداق دەتالاش توختايدۇ» دەيدىكەن.

2. قىزىقىش ۋە مىزاجلارنىڭ ئوخشىماسلىقى

[4] ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى قىزىقىش ۋە خاھىشلارنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشلىرى، ھەۋەسلىرى ۋە مىزاجلىرى پەرقلىقتۇر. ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشلىرى دائىرىسىدە ئىدراك قىلىدۇ. سىپىنوزا: «ئەقىل كۆزىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قىزىقىشىمىز بىزگە شەيئىلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەنىدى. دېمەك، قىزىقىش شەيئى ۋە پىكىرلەردىكى گۈزەللىك ۋە قەبىھلىك ئۆلچىمىنى ئىگىلىۋالىدۇ.

ۋىليام جېيمىس (William James، م. 1842 – 1920) ئېيتقانكى: «پەلسەپە تارىخى دېگەن ئىنسانىي مىزاجلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشۇش تارىخىدۇر. مىزاجلار ئارىسىدىكى بۇ ئوخشاشماسلىقنىڭ ئەدەبىيات، ئىلىم – پەن ۋە ھېكمەت ساھەسىدىمۇ تەسىرى باردۇر».

3. يۆنىلىشنىڭ ئوخشىماسلىقى

[5] كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرسى يۆنىلىشنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر. كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقتىكى يۆنىلىشى ھەر كىشىدە ئۇنىڭ يۆنىلىشىگە مۇناسىپ بىر تەپەككۇر پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ. «ئىخۋانۇسسەفاﺋ رىسالەلىرى (رَسائِلُ إخوانِ الصَّفاءِ وخِلَّانِ الْوَفَاءِ)»نىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا مۇنداق كەلگەن: «قىياسنىڭ تۈرلىرى ھەر خىلدۇر، ئۇسۇللىرى كۆپتۇر، ھەممىسى ئىلىم ۋە سەنئەتلەرنىڭ ئاساسلىرى ۋە قانۇنلىرىغا بېقىپ بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: فۇقەھائنىڭ قىياسلىرى دوختۇرلارنىڭ قىياسلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئاستىرونوملارنىڭ قىياسى نەھۋىچىلەرنىڭ يا ئەھلى كالامنىڭ قىياسىغا ئوخشىمايدۇ، پەلسەپەچىلەرنىڭ قىياسلىرى مۇنازىرىچىلەرنىڭ قىياسلىرىغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭدەك مەنتىقچىلەرنىڭ قىياسلىرىمۇ مۇنازىرىچىلەرنىڭ قىياسلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىكى قىياسلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ»(1).

ئەگەر پىكرىي قىياسلار ھەربىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىلمىي يۆنىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشىمايدىغان بولسا، تەتقىقات ئوبيېكتى بىر بولغاندىمۇ، ھەربىر قىياس ئەھلى ئۆزىدىن باشقىلار بىلەن چوقۇم ئىختىلاپلىشىدۇ. چۈنكى، ھەربىرى ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلمىي مېتودىنى ئېتىپ چىقىرىدۇ. «قۇرئان»نىڭ مەخلۇقلۇقى ياكى ئەمەسلىكى تېمىسىدىكى كالام ئالىملىرى بىلەن فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپى ئەنە شۇ جۈملىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىخىتىلاپنىڭ سەۋەبى مېتودنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىدى. چۈنكى، فۇقەھائنىڭ قىياسلىرى پەقەت كىتاب ۋە سۈننەتكە تايانغان. كالام ئالىملىرى بولسا نوقۇل ئەقلىي قىياسلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرگەن.

4. ئىلگىرىكىلەرنى تەقلىد قىلىش(2)

[6] ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى ئىلگىرىكىلەرنى تەقلىد قىلىش ۋە دوراش. تەقلىدچىلەر ئەقلىي نەزەر بىلەن قارىمايدۇ. تەقلىدچىلىك خاھىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن ھەر ياققا باشلايدۇ. نەچچە ئەۋلاد ئالمىشىپ، مۇقەددەسلىكنىڭ رولىنى ئالغان پىكىرلەر قەلبلەرنى كونترول قىلىۋالىدۇ. ئاندىن ئەقىللەر شۇ پىكىرلەرنىڭ گۈزەللىكى ياكى قەبىھلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن پاكىتلارنى قويۇشقا ئاتلىنىدۇ، تەبىئىيلا بۇ ئەھۋال نەتىجىسى چىقمايدىغان ئىختىلاپقا، بەس – مۇنازىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم ئۆزى تۇيماستىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىشەنلىرى بىلەن ئىشكەللەنگەن ھالدا مۇنازىرىلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەقلىدچىلىكتىن مۇتەئەسسىبلىك كېلىپ چىقىدۇ. شەخسنىڭ ئۆزى تەقلىد قىلغان قاراشلارنى مۇقەددەس سانىشى مۇتەئەسسىبلىك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. قاتتىق مۇتەئەسسىبلىك ئېغىر ئىختىلاپ تۇغدۇرىدۇ.

مۇتەئەسسىبلىك نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغاندەك، تېمىنى ھەممە تەرىپىدىن چۈشەنمىگەنلىكتىنمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا كىشى قەلبى ۋە پىكرىنى پەقەتلا تېمىنىڭ بىر تەرىپىگىلا ئاچىدۇ… ئىمان كۈچىنىڭ مۇتەئەسسىبلىككە سەۋەب بولۇشى كەم ئۇچرايدۇ.

5. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئوخشاشماسلىقى

[7] ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى – كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك – ئەقلىي قابىلىيەتلەرنىڭ پەرقلىق بولۇشىدۇر. چۈنكى، بەزى ئەقلىي قابىلىيەتلەر ھەقىقەتكە يېتەلىسە، يەنە بەزىسى ھەقىقەتنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئەتراپلىق بىلىپ، ئۇنىڭدىن ھالقىيالمايدۇ؛ يەنە بەزىسىنى خاتا ئوي تىزگىنلىۋالسا، يەنە بەزىسىنى خام خىيال كونا پىكىرلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا خىلمۇخىل پىكرىي قايمۇقۇشلارغا باشلاپ كېتىدۇ. خاتا ئويلىۋېلىش ئاۋامغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بەزىدە ئالىملارنىمۇ خاتا ئوي – پىكىرلەر كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بەسىرەتىنى پەردىلەپ قويىدۇ – دە، ھەقىقەتكە يېتەلمەيدۇ.

«ئىخۋانۇسسەفاﺋ رىسالەلىرى»دا مۇنداق كەلگەن: «سەن كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ خىيال قىلىشى ياخشى، پەرق ئېتىشى ئىنچىكە، تەسەۋۋۇر قىلىشى تېز، ئەسلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسەن، يەنە بەزىلىرىنىڭ زېھنى ئاستا، قەلبى كور، بىپەرۋا ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. بۇ ھەم ئالىملارنىڭ كۆزقاراش ۋە مەزھەبلىرىنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىدراكلىرى ئوخشىمىغان ئىكەن، شۇنىڭغا بېقىپ، ئۇلارنىڭ كۆزقاراش ۋە ئېتىقادلىرىمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ»(3).

مانا بۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. چۈنكى، ئەقلىي قابىلىيەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى، شەكسىزكى، بۇ ئەقىللەر خۇلاسىلىگەن نەتىجىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. «قايناق ھېسسىيات كونترول قىلغان شائىرچە ئەقىل بىلەن سەۋەبنى نەتىجىگە زىچ باغلايدىغان ماتېماتىكىچە ۋە لوگىكىچە ئەقىل مەلۇم بىر تېمىنى تەتقىق قىلغاندا بىر – بىرىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟!

6. رىياسەت ۋە ھوقۇقنى ياخشى كۆرۈش

[8] بۇمۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر، بولۇپمۇ سىياسىي مېتودلاردا شۇنداق. ھوقۇققا قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپى ھاكىمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلاردا بولىدۇ. ئۇ خىل قاراشلار ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى قوللاشقا قىزغىن بولۇپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى چاقىرغان نەرسىسىدە راستچىل، دەۋاتقانلىرىنى يۈزدەيۈز ھەق ۋە توغرا دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بەزىدە مىللىي ياكى ئىرقىي تەرەپبازلىقمۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. بۇ خىل تەرەپبازلىق رىياسەت ۋە ھوقۇقنى ياخشى كۆرۈش ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

گاھىدا بىر ھاكىمنىڭ باشقىلارنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا چاقىرىدىغان ياردەمچىلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاكىمغا ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىدۇ ۋە مۇشۇ ئىنتىلىش ئىچىدە ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى تارقىتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى چاقىرىۋاتقان ئىشنى ھەق دەپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئالداپ كېتىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئىنسانلارغا ئەڭ خەتەرلىك كىشىلەردىندۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «أَخْوَفُ مَا أَخَافُ عَلىَ أُمَّتِي كُلُّ مُنَافِقٍ عَلِيمِ اللِّسَانِ / ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم سۆزمەن مۇناپىقلاردۇر»(4).

[9] مانا بۇلار كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلغان تېمىلاردىكى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا يېتىپ بارغان نەتىجىلەردىكى ئىختىلاپلىرىنىڭ بەزى سەۋەبلىرىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ بىرقاتار ئىختىلاپ سەۋەبلىرى ھەممە رايوندا ۋە ھەممە تېمىدا ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئىختىلاپلىشىلغان ھەرنەرسىدىكى ئورتاق ھادىسىدۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنىڭ يەنە ئايرىم سەۋەبلىرىمۇ بار.

 

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ سەۋەبلىرى

[10] شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمانلار ئېتىقاد، سىياسەت ۋە فىقھتا مەزھەبلەرگە بۆلۈنگەن. بىز بۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىشقا كىرىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

بىرىنچىسى: بۇ ئىختىلاپ دىننىڭ جەۋھىرىگە تەگمىگەن. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ يەككە – يېگانىلىكىگە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدە ئىختىلاپ بولمىغان ھەمدە «قۇرئان»نىڭ ئۈستۈن ۋە قادىر ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئىختىلاپ بولمىغان ھەمدە «قۇرئان»نىڭ بارلىق مۇسۇلمانلار ئەۋلادمۇئەۋلاد نەقىل قىلىپ، مۇتەۋاتىر يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىختىلاپ بولمىغان ھەمدە بەش ۋاقىت ناماز، زاكات، ھەج ۋە روزىغا ئوخشاش ئەسلىي پەرزلەردىمۇ ئىختىلاپ بولمىغان ھەمدە بۇ تەكلىفات(5)لارنى ئادا قىلىش تەرىقىسىدىمۇ ئىختىلاپ بولمىغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام ئەركانلىرىنىڭ ھېچبىرىدە ئىختىلاپ بولمىغان، شۇنداقلا ھاراق ۋە چوشقىنىڭ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى يېيىشنىڭ ھاراملىقىدەك دىندا ھەممە ئادەمگە ئوپئوچۇق مەلۇم بولغان بىرەر ئىش ھەققىدىمۇ ھەم مىراسنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى ھەققىدىمۇ ئىختىلاپ بولمىغان، بەلكى ئىختىلاپ ئەركانلارغىمۇ ۋە ئومۇمىي ئۇسۇل(6)لارغىمۇ تەگمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار ھەققىدىلا بولغان.

ئىككىنچىسى: شەكسىزكى، بەزى ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ۋە سىياسەت ھەققىدىكى ئىختىلاپ يامانلىقتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا، ئىمام بۇخارىي زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ: «اسْتَيْقَظَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم مِنَ النَّوْمِ مُحْمَرًّا وَجْهُهُ يَقُولُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَيْلٌ لِلْعَرَبِ مِنْ شَرٍّ قَدِ اقْتَرَبَ / پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۈزى قىزارغان ھالدا ئويغىنىپ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ! ئەرەبلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارغا بىر يامانلىق يېقىنلىشىپ قالدى، دېدى»(7) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئۆزىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ئىختىلاپقا ئىشارەت قىلغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «افْتَرَقَتِ الْيَهُودُ عَلَى إِحْدَى أَوْ ثِنْتَيْنِ وَسَبْعِينَ فِرْقَةً، وَتَفَرَّقَتِ النَّصَارَى عَلَى إِحْدَى أَوْ ثِنْتَيْنِ وَسَبْعِينَ فِرْقَةً، وَتَفْتَرِقُ أُمَّتِي عَلَى ثَلاَثٍ وَسَبْعِينَ فِرْقَةً (يەھۇدىيلەر يەتمىش بىر ياكى يەتمىش ئىككى پىرقەگە بۆلۈنگەن، ناسارالار يەتمىش بىر ياكى يەتمىش ئىككى پىرقەگە بۆلۈنگەن. مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقەگە بۆلۈنىدۇ)»(8).

سۈننەت ئالىملىرى ئوخشىمىغان بىرقانچە يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. (سالىھ ئىبنى مەھدىي) مەقبەلىي (ھ. 1047 – 1108/م. 1637 – 1696) «ئەلئەلەمۇششامىخ (العَلَمُ الشَّامِخُ)» ناملىق كىتابىدا ئېيتقانكى: «ئۈممەتنىڭ يەتمىش ئۈچ پىرقەگە بۆلۈنۈش ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ رىۋايەتلىرى كۆپ بولۇپ، خۇلاسە مەنىسىدە شەك قالمىغۇدەك دەرىجىدە، رىۋايەتلەر بىر – بىرىنى كۈچەيتىدۇ»(9).

ئومۇمەن ئەقىدە ھەققىدىكى بۆلۈنۈشلەر يامانلىق بولغان بولسا، ئۇنداقتا بىز شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەككى، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتىن ھېچبىر نەس(10) كەلمىگەن مەسىلىلەردىكى فىقھىي ئىختىلاپ يامانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ «قۇرئان» ۋە سۈننەت مەنىلىرىنىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىدىن ئىستىنبات(11) قىلىنىدىغان قىياسلارنىڭ چوڭقۇر تەتقىقاتىدۇر. فىقھىي ئىختىلاپ بۆلۈنۈش ئەمەس، بەلكى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقىدۇر. ھەربىر فەقىھ يەنە بىر فەقىھ يەتكەن نەتىجىلەردىن پايدىلىناتتى، ئۇنىڭغا يا مۇۋاپىق بولاتتى، يا مۇخالىپ بولاتتى. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز (ھ. 61 – 101/م. 681 – 720) ساھابەلەرنىڭ فۇرۇئتىكى(12) ئىختىلاپىدىن خۇش بولاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «مەن ساھابەلەرنىڭ ئىختىلاپلاشمىغان بولۇشىنى ياخشى كۆرمەيمەن. چۈنكى، ئەگەر ئۇلار بىر قاراشتا بولسا ئىدى، كىشىلەر چوقۇم تارچىلىقتا قالاتتى. ئۇلار ئەگىشىشكە تېگىشلىك ئىماملاردۇر. بىر ئادەم ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭ قارىشىنى تۇتسا، سۈننەتنى تۇتقان بولىدۇ»(13).

[11] بۇ يەردە بىرى سورىشى مۇمكىن: «نېمىشقا مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىدىن كېيىن ئىختىلاپلىشىدۇ؟ ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى كېچىسىمۇ كۈندۈزىگە ئوخشاش روشەن يول ئۈستىدە قالدۇرۇپ كەتكەن تۇرسا! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا ئۇلار چىڭ تۇتۇپ ماڭسىلا ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئۆزىنىڭ سۈننىتىنى قالدۇرۇپ كەتكەن تۇرسا!»

بۇنىڭغا جاۋاب: «ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ ئىدى. ئىختىلاپ ئىككى قىسىمدۇر: بىرى، ئۈممەتنى بۆلۈۋەتمەيدىغان ۋە ئۈممەتنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىۋەتمەيدىغان ئىختىلاپ. يەنە بىرى، ئۈممەتنى بۆلۈۋېتىدىغان، ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى يوقىتىدىغان ئىختىلاپ. ئۇ بولسىمۇ سىياسەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى ئىختىلاپتۇر. بىز بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىختىلاپنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى!»

1. ئەرەب قەبىلىۋازلىقى

[12] بۇمۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر، بەلكى ئۇ ئۈممەتنى بۆلۈۋەتكەن ئىختىلاپنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئىسلام «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپ نەسلىرىدە قەبىلىۋازلىققا قارشى تۇرغان. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْ / ئى ئىنسانلار! بىز ھەقىقەن سىلەرنى بىر ئەر (ئادەم) ۋە بىر ئايالدىن (ھەۋۋادىن) ياراتتۇق ۋە سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن خەلق ۋە قەبىلىلەر قىلدۇق﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «لَيْسَ مِنَّا مَنْ دَعَا إِلَى عَصَبِيَّةٍ / ئەسەبىيلىك(14)كە چاقىرغان كىشى بىزدىن ئەمەس»(14)، يەنە ئېيتقانكى: «يَا أَيُّهَا النَّاسُ، إِنَّ رَبَّكُمْ وَاحِدٌ، وَإِنَّ أَبَاكُمْ وَاحِدٌ، أَلَا لَا فَضْلَ لِعَرَبِيٍّ عَلَى عَجَمِيٍّ، وَلَا لِعَجَمِيٍّ عَلَى عَرَبِيٍّ، وَلَا لِأَحْمَرَ عَلَى أَسْوَدَ، وَلَا أَسْوَدَ عَلَى أَحْمَرَ، إِلَّا بِالتَّقْوَى / ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ئەۋزەللىكى يوق»(15

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە قەبىلىۋازلىق مۇشۇنداق روشەن ھۆججەتلەر بىلەن جىمىپ كەتكەن ئىدى. بۇ جىمىش تا خەلىفە ئوسماننىڭ دەۋرىگىچە داۋاملاشتى. كېيىن ئوسماننىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بۇ قەبىلىۋازلىق كۈچلۈك دولقۇن بولۇپ ئېتىلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىنىڭ دەسلەپتە ئۇمەۋىيلەر بىلەن ھاشىمىيلارنىڭ، ئاندىن خاۋارىجلار بىلەن باشقىلارنىڭ ئىختىلاپلىشىشىغا تەسىرى بولدى. خاۋارىج مەزھەبى تارالغان قەبىلىلەر مۇزەر قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى رەبىئە قەبىلىلىرىدىن ئىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدە رەبىئەلىكلەر بىلەن مۇزەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بولغان نىزا ھەممىگە تونۇشلۇقتۇر. ئۇ نىزانى ئىسلام كېلىپ بېسىقتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، خاۋارىج پىرقەسى بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا چىققان.

2.  خىلافەت ھەققىدىكى تالاش – تارتىش

[13] سىياسىي ئىختىلاپنى پەيدا قىلغان نېگىزلىك سەۋەبلەردىن بىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە كىمنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەسى (ئورۇنباسارى) بولۇشقا ئەڭ لايىق ئىكەنلىكى مەسىلىسىدۇر. بۇ تۈرلۈك ئىختىلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا پارتلاپ چىقتى. ئەنسارلار: «بىز جاي بەردۇق ۋە ياردەم بەردۇق، خەلىفە بولۇشقا بىز ئەڭ لايىق» دېيىشتى. مۇھاجىرلار بولسا: «بىز (ئىسلامغا كىرىشتە) ئەڭ ئىلگىرى، شۇڭا بىز ئەڭ لايىق» دېيىشتى. لېكىن، ئەنسارلارنىڭ كۈچلۈك ئىمانى ئىختىلاپنى كېسىپ تاشلىدى ۋە ئىختىلاپنىڭ ھېچبىر ئەسەرى قالمىدى. شۇ دەۋردىن كېيىن خەلىفەلىك ھەققىدە ئىختىلاپلار كۈچەيدى: خەلىفە بولۇشقا كىم ئەڭ لايىق؟ خەلىفە ئومۇمەن قۇرەيشتىن بولامدۇ ياكى خۇسۇسەن ئەلى ئەۋلادىدىن بولامدۇ؟ ياكى بىر جامائەت بىلەن بىر جامائەت ئوتتۇرىسىدا، بىر جەمەت بىلەن بىر جەمەت ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر پەرق يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلىفە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن بولامدۇ؟ چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھەممە باراۋەردۇر. ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ / شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋادارىڭلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلاردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇ: «لَا فَضْلَ لِعَرَبِيٍّ عَلَى عَجَمِيٍّ إِلَّا بِالتَّقْوَى (ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ئەۋزەللىكى يوق)»(16

بۇ ئىختىلاپنىڭ نەتىجىسىدە، مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق خاۋارىج، شىئە ۋە يەنە باشقا جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى.

3. مۇسۇلمانلارنىڭ كونا دىنلارغا مەنسۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن قوشنا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسلامغا كىرىشى

[14] كونا دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەردىن نۇرغۇنى ئىسلامغا كىردى. مەسىلەن، يەھۇدىيلەر، ناسارالار ۋە مەجۇسىيلار ئىسلامغا كىردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدا كونا دىنلىرىدىن قېلىپ قالغان دىنىي چۈشەنچىلەر بار ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ چۈشەنچىلەر ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇلار ئىسلام ھەقىقەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كونا ئېتىقادلىرى بويىچە ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىدا تارقالغان «مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق» ھەققىدىكى دەتالاشنى ۋە «ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى زاتتىن باشقا بىرنەرسىمۇ، ياكى سۈپەتلەر بىلەن زات بىرنەرسىمۇ؟» دېگەندەك ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى دەتالاشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا تارقاتتى.

شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، ئىسلامغا ئىخلاس بىلەن كىرگەن، لېكىن كاللىلىرىدا كونا دىننىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، كۆرۈنۈشتە ئىسلامغا كىرگەن، قەلبىدە كۇفۇرنى يوشۇرغان يەنە باشقا كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى بۇزۇش ۋە دىندا چىرىك ئىدىيەلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا زىندىقلار ۋە باشقا ئازغۇنلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلغۇچ پىكىرلەرنى تارقاتقانلار بولغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل (الفصل في الملل والأهواء والنحل)»دە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تائىپىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، پارسلار كەڭ پادىشاھلىققا ئىگە ئىدى، شۇڭا ھەرقانداق خەلقكە قول سوزالايتتى ۋە ئۆزلىرىنى ناھايىتى چوڭ چاغلايتتى، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر، ئەركە دەپ ئاتايتتى. جىمى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ قۇللىرى ھېسابلايتتى. ئۇلار مىللەتلەر ئارىسىدا خەتىرى ئەڭ تۆۋەن مىللەت دەپ قارايدىغان ئەرەبلەرنىڭ قولى ئارقىلىق دۆلىتىنىڭ يوقىلىشىغا ئۇچرىغاندا، ئۇلارغا بۇ ئېغىر كەلدى ۋە مۇسىبىتى ھەسسىلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا ئىسلامغا ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلىدى. ھەر قېتىمدا ئاللاھ ھەقنى غالىب قىلدى. نەتىجىدە ئۇلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئەھلى بەيت(17)نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا زۇلۇم قىلىشنى قەبىھ كۆرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىش ئارقىلىق شىئەلەرنى ئۆزىگە تارتتى، ئاخىرىدا، ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقاردى»(18

بۇ گەپ گەرچە مىسالەن ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان سەبەئىيلەردەك ئازغۇن شىئەلەرگە قارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە باشقا نۇرغۇن تائىپىلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. چۈنكى، مۇئتەزىلەلەر بولسۇن ياكى مۇشەببىھە(19) ياكى مۇجەسسىمە(20) بولسۇن، ياكى ئۇلاردىن باشقىلار بولسۇن، ھەربىر تائىپىدە مۇشۇنداق ئادەملەردىن ئانچە – مۇنچىلىرى بولغان، مەسىلەن، ئىبنى راۋەندىيگە ئوخشاش.

4. پەلسەپەنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

[15] ئەنە شۇ ئىختىلاپ سەۋەبلىرىدىن بىرى تەرجىمىچىلىك. پەلسەپەۋى كىتابلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئىختىلاپقا روشەن تەسىرى بولغان. چۈنكى، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى كائىنات، ماددا ۋە ھېسسىي تەبىئەت ئارقىسىدىكى مەنىۋىيەت (يەنى غەيب) ھەققىدە كۆپلىگەن قەدىمكى ئېقىملارغا ۋە پەلسەپەۋى قاراشلارغا ئۇرۇش ئاچقانىدى. مۇسۇلمان ئالىملار ئىچىدە قەدىمكى پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىغا ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتقان كىشىلەر پەيدا بولدى، شۇنداقلا ئابباسىيلار دەۋرىدە گرېك ۋە رىمدا پەيدا بولغان سەپسەتىچىلەرنىڭ خاھىشىغا ئەگەشكەن شۈبھىچى قەۋملەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ مەزھەبتىن خىلمۇخىل پىكىرلەر ئېتىلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىنىي تەپەككۇرغىمۇ تەسىرى بولدى. شۇڭا، بىز ئىسلام ئەقىدىلىرى ھەققىدە پەلسەپەۋى تەپەككۇر قىلىدىغان مۇتەپەككۇرلارنى ئۇچراتتۇق. بىز بۇنى ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئىسپاتلاشتا پەيلاسوپلارنىڭ مېتودلىرىغا ئەگەشكەن مۇئتەزىلەلەردىن كۆرۈۋالالايمىز. مۇئتەزىلەلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ مېتودىدىكى ئىلمى كالام بىر تۈركۈم مەنتىقىي قىياسلار، پەلسەپەۋى تەڭلىمىلەر ۋە نوقۇل ئەقلىي تەتقىقاتلاردىن ئىبارەت ئىدى.

5. كۆپلىگەن غۇۋا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىش

[16] ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاشتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ئارىسىدا پەلسەپەۋى تەپەككۇرنىڭ تارقىلىشى ئۇلارنى ئىنسانىي ئەقىل ئېنىق نەتىجىسىگە يېتەلمەيدىغان بىرقاتار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا سۆرەپ باردى. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلاش(21) ياكى نەفيى قىلىش(22) مەسىلىسى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە نىسبەتەن بەندىنىڭ قۇدرىتى مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەر. بۇ مەسىلىلەردە ئىزدىنىش ئىختىلاپنىڭ چوڭ بىر ئىشىكىنى ئاچتى. چۈنكى، بۇنداق چاغدا كۆزقاراشلار پەرقلىق بولىدۇ، مەسلەكلەر زىتلىشىدۇ، ھەربىرى يەنە بىرىگە قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ. كالام ئالىملىرى ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ جۈملىدىن بولسا كېرەك.

6. قىسسە سۆزلەش

[17] ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە قىسسە سۆزلەش پەيدا بولدى. ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئۆز دەۋرىدە) قىسسە سۆزلەشنى يامان كۆردى، ھەتتا قىسسەخانلارنى مەسجىدلەردىن چىقىرىۋەتتى. چۈنكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ كاللىلىرىغا خۇراپات ۋە ئەپسانىلەرنى سىڭدۈرەتتى. ئۇ خۇراپاتلارنىڭ بەزىلىرى بۇرمىلىنىپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئىلگىرىكى دىنلاردىن ئېلىناتتى. ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە قىسسە سۆزلەش كۆپىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ تەڭدىن تولىسى ياخشى ئەمەس ئىدى. مۇشۇ قىسسەخانلىق تەفسىر كىتابلىرىغا ۋە تارىخ كىتابلىرىغا نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىييات(23)نىڭ كىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. شۇ دەۋردە پەيدا بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى قىسسەلەر خىلمۇخىل سورۇنلاردا ئېيتىلىدىغان پىشمىغان ئەپكارلار ئىدى. ئۇنداق قىسسەلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىختىلاپنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئىي. بولۇپمۇ قىسسە سۆزلىگۈچى بىرەر مەزھەب پېشۋاسىنى ياكى ئىدىيە باشلامچىسىنى، ياكى بىرەر سۇلتاننى ھىمايە قىلىدىغان بولسا، يەنە بىر قىسسە سۆزلىگۈچى باشقىسىنى ھىمايە قىلىدىغان بولسا، ئىختىلاپ تەبىئىيلا يۈز بېرىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىختىلاپ ئاۋامنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىدۇ – دە، يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. خىلمۇخىل ئىسلامىي دەۋرلەردە شۇنداق ئەھۋال كۆپ بولغانىدى.

7. «قۇرئان»دا مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ كېلىشى

[18] ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۡهُ ءَايَٰتٞ مُّحۡكَمَٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَٰبِهَٰتٞۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمۡ زَيۡغٞ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنۡهُ ٱبۡتِغَآءَ ٱلۡفِتۡنَةِ وَٱبۡتِغَآءَ تَأۡوِيلِهِۦۖ وَمَا يَعۡلَمُ تَأۡوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ رَبِّنَاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ / (ئى پەيغەمبەر!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (قاراتمىلىقى نائېنىق) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر فىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنا بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدە توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ»﴾(3/«ئال ئىمران»: 7).

بۇ ئايەت بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەردىكى ئىماننىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى ئاجىزلىقىنى سىناش ئۈچۈن «قۇرئان»دا مۇتەشابىھنى كەلتۈرگەنلىكى ئىسپاتلاندى. مۇتەشابىھنىڭ كېلىشى ئالىملارنىڭ «قۇرئان»دىكى مۇتەشابىھلارنىڭ ئورۇنلىرىنى بېكىتىشتە ئىختىلاپ قىلىشىشىغا سەۋەب بولدى. كۆپلىگەن ئىدراكلىق كىشىلەر مۇتەشابىھنى تەئۋىل(24) قىلىشقا، ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىشكە ئۇرۇندى ۋە تەئۋىل ھەققىدە ئوچۇق ئىختىلاپلاشتى. ئالىملار ئىچىدە مۇتەشابىھنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ سىر ھالەتتە قېلىشىنى خاھلىغانلارمۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەئۋىل قىلمىدى، بەلكى مۇنداق دەپ توختىدى: ﴿رَبَّنَا لَا تُزِغۡ قُلُوبَنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَيۡتَنَا وَهَبۡ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةًۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ / پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن﴾(3/«ئال ئىمران»: 8).

8. شەرئىي ئەھكاملارنى ئىستىنبات قىلىش

[19] ھەقىقەتەن بۇ شەرىئەت(25)نىڭ سۈزۈك بۇلىقى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر. شۈبھىسىزكى، نەسلەرنىڭ چېكى بولىدۇ، لېكىن ھادىسىلەرنىڭ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا، ھەربىر ھادىسە ئۈچۈن شەرئىي ئەھكام ئىستىنبات قىلىش كېرەك ئىدى. نەسلەر كۇللىي(26) ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن نەسلەردە جۇزئىي(27) ئەھكاملار ئايرىم نەس بىلەن كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئويلىنىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھكام تېپىپ چىقىش كېرەك ئىدى. ھالبۇكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالدىدا ئەھكام تېپىپ چىقىشنىڭ يوللىرى تۈرلۈك بولغانىدى. ھەربىرى ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى ۋە قارىشىدا توغرا بولغان يولنى ھەمدە ئۆزى ئېرىشكەن ۋە «سەھىھ» دەپ قارىغان ھەدىس ياكى ئەسەر(28)لەرنى تۇتتى.

بۇ يەردە شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىستىنبات قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپ خەتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئاقىۋىتى گۈزەل، نەتىجىسى ياخشىدۇر. چۈنكى، ھەر خىل قاراشلار توپىدىن شۇنداق بىر قاراشلار تۇغۇلۇپ چىقىدۇكى، ئۇ قاراشلاردىن تۈزۈلۈشى ئەڭ پۇختا، مېتودى ئەڭ ئادىل، ئىنسان تەبىئىتىگە ھەم زامانغا ماسلىشىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بىر مەزمۇت قانۇننى ئاجرىتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

 

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ دائىرىسى

[20] يۇقىرىقىلار ئىختىلاپنىڭ بەزى سەۋەبلىرىدۇر. ھەردائىم ئىختىلاپنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئامىللىرى يوشۇرۇن بولىدۇ. ئۇ ئامىللارنىڭ بەزىسى گاھىدا تەتقىقاتچىغا ئاشكارا بولسىمۇ، يەنە بەزىسى تارىخ دېڭىزىدا يوشۇرۇن قېلىشى مۇمكىن. گاھىدا ئۇنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى جۇزئىي ھادىسە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۇللىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار كېلىپ چىقىدۇ. كۆڭۈللەر ھازىر بولغان چاغدا، ئەقىللەر ئېچىلىدۇ ۋە چۈشەنچىلەر پەرقلىق بولىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئىككى خىل كۆرۈنۈشى بار: بىرى ئەمەلىي، يەنە بىرى ئىلمىي.

ئەمەلىي ئىختىلاپقا كەلسەك، ئۇنىڭ مىساللىرى: مەسىلەن، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىققۇچىلاردىن يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار، يەنە ئىبنى زۇبەير بىلەن ئۇمەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار، خاۋارىجلارنىڭ ئۇمەۋىيلەر بىلەن، ئۇمەۋىيلەردىن بۇرۇن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قىلغان ئىختىلاپلىرى قاتارلىقلار. ئەنە شۇلار سىياسىي ھادىسىلەر بولۇپ، تارىخ ئۇنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي سەۋەبلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇ ھادىسىلەردىكى سەۋەب – نەتىجىلەرنى بىر – بىرىگە باغلايدۇ.

ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ تارىخىنى ئەمەس، ئىلىم ۋە مەزھەبلەرنىڭ تارىخىنى يازىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتچىغا مۇھىم بولغىنى شۇ ۋەقەلەرنىڭ پىكرىي مەزھەبلەرگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە مەزھەبلەرنىڭ شۇ ۋەقەلەرگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى خاتىرىلەشتۇر. مەسىلەن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئۇمەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ مۇنداق بىر پىكىردىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ پىكىر بولسىمۇ، كىملەرنىڭ خەلىفە سايلاش ھوقۇقى بار؟ سايلايدىغانلار مەدىنە ئەھلىمۇ؟ بۇ جەھەتتە باشقىلار ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟ ياكى خەلىفە سايلاش ھەممە جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىمۇ؟ نەتىجىدە ھىدايەت ئىمامى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇمەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قاتتىق ئىختىلاپتىن ھەر خىل مەزھەبىي پىرقەلەر مەيدانغا كەلدى، ئۇلار خاۋارىج، شىئە ۋە ئۇندىن باشقىلاردۇر. خاۋارىجلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ دەسلىپىدە ئۇلار بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئوتتۇرىسىدا، كېيىن ئۇلار بىلەن ئۇمەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇشلار كېلىپ چىقتى. شىئەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىرقاتار ئۇرۇشلار كېلىپ چىقتى. ئابباسىيلار دۆلىتى دەسلەپكى قۇرۇلۇش چاقىرىقىدا شىئە ئىدى. بىز سىياسىي مەزھەبلەر بىلەن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق رېئاكسىيەلىشىش بارلىقىنى، بۇ رېئاكسىيەلىشىشنىڭ كۈچىيىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قاتتىق بىر ئۇرۇشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرىمىز.

[21] مانا بۇ ئەمەلىي ئىختىلاپتۇر ۋە ئۇنىڭ پىكرىي ئىختىلاپ بىلەن رېئاكسىيەلىشىشىدۇر. ئۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار پىكىر – قاراش ئاساسىدا پەيدا بولاتتى ۋە نوقۇل غالىبىيەت ئۈچۈنلا بولىدىغان پادىشاھلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا ئايلانمىغانىدى. ئەمما، بۇ بىرىنچى ئىختىلاپ پادىشاھلارنىڭ ئىختىلاپلىشىشىنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچى بولاتتى. ھالبۇكى پادىشاھلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمران بولۇپ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىنىڭ يولى مۇشۇدۇر. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ تەستىقلايدۇ: «الْخِلاَفَةُ بَعْدِي ثَلاَثُونَ ثُمَّ تَصيرُ مُلْكًا عَضُوضًا / خىلافەت مەندىن كېيىن 30 يىل داۋاملىشىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ چىشلەپ تۇرۇۋالغۇچى بىر پادىشاھلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ»(29). چىشلەپ تۇرۇۋالغۇچى: ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ چىقارمايدىغان دېمەكچى. شۈبھىسىزكى، زۇننۇرەين ئوسماننىڭ دەۋرىدە ۋە ئىسلام چەۋەندازى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىگە يول ھازىرلىغانىدى، ئاندىن ئىشلار كېڭىيىپ، ئاخىرىدا ئىسلام ھاكىمىيىتى گاھىدا ئادىل بولسىمۇ، كۆپىنچە ھالدا زالىم بولغان، ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ چىقارمايدىغان بىر پادىشاھلىققا ئايلاندى.

[22] مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئىككىنچى تۈرى ئىلمىي ۋە پىكرىي ئىختىلاپتۇر. ئۇ خىل ئىختىلاپ ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلار توغرىسىدا ۋە فىقھىي فۇرۇئاتلار ھەققىدە بولغان ۋە بۇ ئىختىلاپ نەزەرىيىۋى چەكتىن ۋە پىكرىي يۆنىلىشتىن ھالقىپ كەتمىگەن. چۈنكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا قىلىچ سۇغۇرغۇدەك ئىختىلاپ يۈز بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ خاراكتېرى ئۇلارنىڭ ئىختىلاپنى سۆز مەيدانىدىن ئەمەل مەيدانىغا يۆتكىشىگە يول قويمايتتى. ئۇلارنىڭ پىكرىي ئىختىلاپى ھەرقانچە ئىتتىك بولسىمۇ، ئەمەلىي ئىختىلاپقا ئۆزگىرىپ كەتمەيتتى. ئىتتىكلىك پەقەتلا بىرى يەنە بىرىگە «خاتالاشقۇچى» ياكى «بىدئەتچى» دەپ ھۆكۈم قىلغاندا كۆرۈلەتتى، بەلكى فىقھتىكى ئىختىلاپ نۇقتىئىنەزەرنىڭ ئوخشىماسلىقى دائىرىسىدىن ھالقىمىغان، ھەتتا ئىختىلاپلاشقان ھەربىر تەرەپ: «بىزنىڭ قارىشىمىز توغرا، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن، باشقىلىرىمىزنىڭ قارىشى خاتا، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن» دەيتتى.

پىكرىي مەيداندا ئەمەلىي ئىختىلاپقا ئورۇن بولمىغانىدى، بىراق گاھىدا دۆلەت ئالىملارنىڭ بەزىسىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنىدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بىر بولسا دۆلەت ئۇ ئالىمنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا دۆلەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان بىرەر يولدا ماڭغانلىقىنى بىلگەن، نەتىجىدە ئەزىيەت ئەسلىي تەپەككۇر سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش سەۋەبىدىن بولغان؛ ياكى بولمىسا ئۇنىڭ قاراشلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا فىتنە قوزغىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بولغان. چۈنكى، بەزى قاراشلاردا ئىسلامدىن چىقىپ كېتىش مەزمۇنى ۋە زىندىقلىق چاقىرىقى بار ئىدى، ھەتتا بۇنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي بىر سەۋەبمۇ بار ئىدى. چۈنكى، زىندىقلىق سىياسىي بىر تەشۋىقاتنىڭ مۇقەددىمەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، مەسىلەن مەھدىينىڭ دەۋرىدە ئابباسىيلار دۆلىتىدە يۈز بەرگەن زىندىقلىققا ئوخشاش. ئەنە شۇ ئابباسىي خەلىفەسى زىندىقلىققا كۈشكۈرتۈپ قويۇپ، زىندىقلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن. ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب زىندىقلىق ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلىماقچى بولغان بىر خۇراسانلىق ئادەمنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ مۇقەددىمەسى ئىدى. زىندىقلىق ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنىڭ چۆكۈشىگە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. نەتىجىدە مەھدىي ئاشۇ ئىسيانچىلار بىلەن ئىككى مەيداندا ئۇرۇشتى. باشتا، پىكىر مەيدانىدا ئۇرۇشتى، يەنى ئۇلارنىڭ پەلسەپەلىرى ۋە دەتالاشلىرىنى باتىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇستا ئالىملارنى ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە سالدى، ئاندىن ئۇلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇشتى ۋە ئاشۇ ئازغۇن تەشۋىقاتلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا بولغان مۇقەننەﺋ خۇراسانىي بىلەن ئېلىشتى.

[23] پىكرىي ئىختىلاپ مەيلى سىياسەتتە بولسۇن، ياكى ئېتىقادىي ۋە فىقھىي ئىلىملەردە بولسۇن، قانچىلىك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە تەگمىگەن. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئىختىلاپ ھېچبىر شەك يوق قەتئىي يوللار بىلەن مەلۇم بولغان دىنىي مەسىلىلەردە، ياكى ئىنكارغا ئورۇن يوق، ئىسلامنىڭ بىناسىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ ئۇللىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىسلام ئاساسلىرىدا يۈز بەرمىگەن.

ئەگەر ئېتىقادقا تېگىش قىلىدىغان قاراشلار بولۇپ قالسا، ئالىملار ئۇنى قوبۇل قىلغانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن. مەسىلەن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە «ئاللاھ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، سەبەئىيلەر نامىدا بىر تائىپە پەيدا بولغان. شۇنداقلا يەنە «پەيغەمبەرلىك ئەلىگە مەنسۇپ ئىدى، لېكىن جىبرىل خاتالىشىپ پەيغەمبەرلىكنى مۇھەممەدكە ئېلىپ چۈشكەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، غۇرابىيلار نامىدىكى يەنە بىر تائىپىمۇ پەيدا بولغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى پىرقەنى پۈتۈنلەي ئىسلام ئەھلىدىن ئەمەس دەپ قارار قىلغان. شۇنداقلا خاۋارىجلار ئىچىدە سۈرە «يۈسۈف»نى ئىنكار قىلىدىغان بىر پىرقە بار بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ پىرقەنىڭمۇ ئىسلام ئەھلىدىن ئەمەسلىكىگە ئىجماﺋ(30) قىلغان.

[24] بىز بۇنىڭدىن ئىسلامىي مەزھەبلەرنىڭ ئۈچ خىل تارماققا بۆلۈنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بىرىنچى: سىياسىي مەزھەبلەر. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى بولغان. گاھىدا ئۇلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ چىڭ ئۇچىغا چىققان.

ئىككىنچى: ئېتىقادىي مەزھەبلەر. ئۇلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پىكرىي ئىختىلاپتىن ھالقىپ كەتمىگەن.

ئۈچىنچى: فىقھىي مەزھەبلەر. ئۇلار خەير ۋە بەرىكەت بولغان.

بىز بۇ تارماقلارغا يۈزلىنىپ، ئۇلارنى بىرمۇبىر بايان قىلايلى!

بىز بۇ قىسىمدا سىياسىي مەزھەبلەر ۋە ئېتىقادىي مەزھەبلەر توغرىسىدا سۆزلەيمىز، ئاندىن ئىككىنچى قىسىمدا فىقھىي مەزھەبلەر توغرىسىدا سۆزلەيمىز.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————————————-
1. بىر گۇرۇپپا مۇئەللىفلەر: «ئىخۋانۇسسەفاﺋ رىسالەلىرى (رَسائِلُ إخوانِ الصَّفاءِ وخِلَّانِ الْوَفَاءِ)»، 3/444، ئەددارۇل ئىسلامىييە، بېيرۇت.
2. تەقلىد قىلىش (التَّقْلِيْدُ): ئەرەبچىدە: «بوينىغا ئېسىۋېلىش ۋە دوراش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر ئالىمنىڭ ھۆكمىگە دەلىلىنى بىلمەستىن ئەگىشىش» دېمەك بولۇپ، دەلىلسىز سۆزنى قوبۇل قىلىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. دەلىلگە تايانماي، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى بولسا «مۇقەللىد (الْمُقَلِّدُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 90 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 521 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

3. بىر گۇرۇپپا مۇئەللىفلەر: «ئىخۋانۇسسەفاﺋ رىسالەلىرى»، 3/405.
4. ئەھمەد (143)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (14995). ئالبانىي: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

5. تەكلىف (التَّكْلِيْفُ): ئەرەبچىدە مۇشەققەت مەنىسىدىكى «كۇلفەت» سۆزىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، «كىشىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا مۇشەققەت بولىدىغان نەرسىنى يۈكلەش» دېمەكتۇر. ئىستىلاھتا: «شارىئنىڭ (مۇكەللەفتىن) قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتىن ئىبارەت مۇشەققەت بار ئىشنى تەلەپ قىلىشى»دۇر. شارىئنىڭ بۇ تەلىپى ھۆكۈم ئارقىلىق بولىدۇ (بۇ «تەكلىفىي ھۆكۈم» دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇ ھۆكۈم بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى مۇكەللەفلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار خىتابىدۇر. كۆپلۈكى تەكلىفات (التَّكْلِيْفُاتُ) تۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 13/248، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7089)؛ مۇسلىم (2880).
6. ئەسل (الْأَصْلُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ تۆۋەن قىسمى»، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «راجىھ (ئېغىر باسقۇچى)، قانۇنىيەت، قائىدە، دەلىل، ئۇل – ئاساس، قەدىمكى ھالەت، بالىغا نىسبەتەن ئاتا – بوۋا ۋە باشقا نەرسىلەر قىياس قىلىنىدىغان ئاساس» قاتارلىق مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. كۆپلۈك ھالىتىدە «ئۇسۇل» دېيىلسە، ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى؛ «ئۇسۇلۇددىن ئىلمى» دېيىلسە، تەۋھىد ئىلمى، ئىلمى كەلام ۋە ئەقىدە ئىلمىنى؛ «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى» دېيىلسە، شەرئىي دەلىللەردىن قانداق ئەھكام يەكۈنلەپ چىقىرىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەبۇلبەقاﺋ ئەييۇب ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات»، 171 – بەت، ئەدنان دەرۋىش، مۇھەممەد ئەلمىسرىيلەر نەشرگە تەييارلىغان، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، ھ. 1419/ م. 1998؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/55؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 158 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

7. ئەھمەد (8377)؛ ئەبۇ داۋۇد (4596)؛ تىرمىزىي (2640)؛ ئىبنى ماجە (3991). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
8. مەقبەلىي: «ئەلئەلەمۇششامىخ»، 512 – بەت، مەكتەبەتۇ دارىلبەيان، دەمەشق، م.1981.
9. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 3/96، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي.
10. نەس / نەسس (النَصُّ): ئەرەبچىدە «يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقىرى چەك، ئىنتايىن ئوچۇق بايان ۋە ئىبارە» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «باشقا مەنىگە ئاپارغىلى بولمايدىغان ئوچۇق كالام» بولۇپ، چۈشىنىلگەن ئاشۇ مەنىنى سۆزلىگۈچى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. يەنە «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن بولغان نەقلىي دەلىلگە، ھەتتا ئىجمائغىمۇ قوللىنىلىدۇ. كۆپلۈكى نۇسۇس (النُّصُوصُ). قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 7/97، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1695 – بەت؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ»، 137 – بەت، دارۇسسالام، 3 – باسمىسى، قاهىرە، ھ. 1442/ م. 2021.

11. ئىستىنبات (الْاِسْتِنْبَاطُ): ئەرەبچىدە «سۇ تارتماق؛ يەكۈنلىمەك» دېمەكتۇر. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «دېدۇكسىيە»: ئى. [ر‹لات›] ›لوگ› ئومۇمىي ھالەتتىن خۇسۇسىي ھالەتكە ئۆتۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئومۇمىي ھالەتتىن جۈزئىي نەتىجە چىقىرىش (يەنى ئىندۇكسىيىنىڭ ئەكسى). فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئەگەر نەسلەردە ھۆكۈم ياكى ئىللەت بايان قىلىنمىغان بولسا ھەم ئۇلار بارىدا ئىجمائمۇ قىلىنمىغان بولسا، ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمنى ياكى ئىللەتنى يەكۈنلەپ چىقىرىش» دېمەكتۇر. بۇ قىياس قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ئىللەتنى نەس ياكى ئىجماﺋ بىلەن بىلىش ئىستىنبات بولمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 4/111؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 158 – بەت.

12. فەرﺋ (الْفَرْعُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن (يىلتىزىدىن) ئۆرلەپ چىققان شاخ» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «قىياس قىلىنىدىغان ھۆكۈم (ئورتاق جەملەيدىغان بىر سۈپەت بولغانلىقتىن) ئۆتىدىغان (قىياس قىلىنغۇچى) شەيئىنى؛ ئاتا – بوۋىغا نىسبەتەن پەرزەنتنى؛ تۈپ مەسىلىدىن شاخلاپ چىققان فىقھىي مەسىلە»نى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى فۇرۇﺋ ۋە فۇرۇئات (الفُرُوعُ، الفُرُوعاتُ) تۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/98؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1205- بەت.

13. ئەبۇ داۋۇد (5121). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
14. ئەسەبىيلىك (العَصَبِيَّةُ): ئەرەبچىدە «قوغداش، ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش» قاتارلىق مەنىلەرنى جەملىگەن كەلىمە بولۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىماستىن ئۆز قەۋم – قېرىنداشلىرىغا، گۇرۇھىغا ۋە توپىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ۋە باشقىلارغا قارشى ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت. ھەدىستە: «ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغۇچىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەۋمىڭنىڭ زۇلۇم سېلىشىغا ھەمكارلىشىشىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنداق قىلىدىغان كىشىگە «ئەسەبىي» دېيىلىدۇ. «تەئەسسۇبلۇق قىلىش»مۇ ئەسەبىيلىكتىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەسەبىيلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد ، (5119)؛ ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 1/602؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 313 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، ھ. 1417/ م. 1996.

15. ئەھمەد (23489)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (5137). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
16. ئەھمەد (23489)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (5137). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
17. ئەھلى بەيت (أَهْلُ الْبَيْتِ): ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قارىشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە، كۈيئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شىئەلەرنىڭمۇ قارىشى. يەنە بىر قاراشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە بىر قاراشتا زاكات ئېلىش ھارام بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباس، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغۇللىرى ئەقىيل، جەئفەر ۋە ئەينى ۋاقىتتا كۈيئوغلى بولمىش ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 18 – بەت.

18. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل (الفصل في الملل والأهواء والنحل)»، 2/91، خانجى كۇتۇبخانىسى، قاھىرە.
19. ئەلمۇشەببىھە (الْمُشَبِّهَةُ): ئەرەبچىدە «ئوخشىتىش، مەڭزەتمەك» مەنىسىدىكى «تەشبىھ (التشبيه)» تومۇرىدىن تۈرلەنگەن مۇشەببىھە «ئوخشاتقۇچىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان يەنى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش قىلىۋالىدىغان بىر تائىپە»دۇر. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىي – خرىستىيانلار بولۇپ، زەردوشتىيلىك ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولمىش مانىھېيزم ۋە مەزدەكانلارغىمۇ تۇتىشىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ شىئەلەر بۇ ئېتىقادنى پەيدا قىلغان بولۇپ، كەررامىيلەر، قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلەلەر ھەتتا خاۋارىجلارمۇ بۇ خىل ئوخشىتىش خاھىشىدىن ساقلىنالمىغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 659 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2007.

20. ئەلمۇجەسسىمە (الْمُجَسِّمَةُ): ئەرەبچىدە «جىسىملەشتۈرگۈچىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى جىسىم (جىسىملارغا ئوخشىمايدىغان جىسىم دېيىشىمۇ مۇمكىن) دەپ مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان بىر تائىپە»دۇر. ئەلمۇجەسسىمە بىلەن ئەلمۇشەببىھە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇقۇملىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىرى يەنە بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىرى تىلغا ئېلىنغىنىدا، يەنە بىرىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەلمۇشەببىھە جىىسملەشتۈرمەي ئوخشاتسا، ئەلمۇجەسسىمە جىسىملەشتۈرىدۇ. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىيلار بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ گرېك پەلسەپەسى تەسىرىگە ئۇچرىغان «كەررامىيلەر» بۇ ئەقىدىنى ياقىلىغان. شىئەلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە بۇ ئېتىقادنى تاشلىغان. لېكىن، بىر قىسىم ئەھلى ھەدىسلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى يۈزەكى چۈشىنىشى بىلەن بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. قاراڭ: «ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 639 – 659 – بەتلەر.

21. ئىسپاتلىماق: بۇ سۆزنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتتە دېيىلگەن «پىكىر، دەۋانى دەلىل – ھۆججەت بىلەن دەلىللىمەك ياكى تەستىقلىماق» مەنىسى بىلەن بىرگە، ئەرەبىي ئەسلىگە ماس ھالدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا «دەلىل – ھۆججەت بىلەن ئالاقىسىز ھالدا، مەلۇم پىكىر ياكى دەۋانى تەستىقلىماق، مۇقىملاشتۇرماق، مەنسۇپ قىلماق» مەنىسىمۇ بار. بۇ كىتابتا «پالانى پىرقە ئاللاھقا يۈز ۋە قولنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ كەلگەن بايانلار شۇ جۈملىدىندۇر. سابىت داموللام ھەزرەتلىرى كىتابلىرىدا ئۇ سۆزنى نەچچە يەردە شۇ مەنىدە ئىشلەتكەن. قاراڭ: داموللا، سابىت ئىبنى ئابدۇلباقىي: «ئەقائىدى جەۋھەرىييە» 5، 17 – بەت، مەتبەئەتۇ ۋەۋەرشە تەجلىيدۇل ئەنۋار، قاھىرە، 2 – باسمىسى، ھ. 1379؛ سابىت ئىبنى ئابدۇلباقىي: «بەيانۇسسۈننە»، 5، 8، 10، 11، 32 – بەتلەر، مەتبەئەتۇ ۋەۋەرشە تەجلىيدۇل ئەنۋار، قاھىرە، 2 – باسمىسى، ھ. 1379.
22. نەفيى قىلماق: ئىنكار قىلماق، يوققا چىقارماق، رەت قىلماق. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (2016)، 645 – بەت.
23. ئىسرائىلىييات (الْإِسْرائِيْلِيَّاتُ): «بەنى ئىسرائىل»غا نىسبەت بېرىلگەن «ئىسرائىلىييە» كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈك ھالىتى بولۇپ، «يەھۇدىي – ناسارالار بولمىش ئەھلى كىتابنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەفسىر، تارىخ ۋە ۋەز – نەسىھەت كىتابلىرىدا ئۇلاردىن نەقىل قىلىنىپ بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر»دۇر. بۇ رىۋايەتلەردە بەزىبىر راست سۆزلەر بولسىمۇ، كۆپىنچىسى يالغان – ياۋىداق، توقۇلمىلاردىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفْسِيْرِ (ئەلئىسرائىلىييات)»، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، 13، 14 – بەتلەر، قاھىرە، ھ. 1408؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭئىي ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 165 – بەت.

24. تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەبچىدە «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق؛ ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە؛ يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىشى تەفسىر بولسا، كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىشى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىشى تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 327 – بەت.

25. شەرىئەت / شەرﺋ ۋە شارﯨﺌ (الشَّرِيعَةُ / الشَّرْعُ وَالشَّارِعُ): ئەرەبچىدە «سۇ ئالىدىغان جاي؛ يول» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق بەندىلىرىگە نازىل قىلغان ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ئادابلارنى، شۇنداقلا ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج كەبى ئىبادەتلەرنىڭ ئەھكاملىرىنى، تۈرلۈك مۇئامىلىلەر، جىنايەتلەرنىڭ جازالىرى، سوت، ھۆكۈم ۋە مىراس تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام قانۇنى ۋە تۈزۈمى»دۇر. شارﯨﺌ: شەرىئەتنى بەلگىلىگۈچى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 808 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 964 – بەت.

26. كۇللىي (الْكُلِّي): ئەرەبچىدە «پۈتۈن، ھەممە، جەمئىي» دېگەن مەنىدىكى كۇللۇ (الكل) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولۇشىنى يەنى ئۇنىڭ ئەقلىي سۈرىتىنىڭ ھەربىر جۈزئىيياتلىرىغا مۇتابىق بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىملىرىدە: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلەنمەيدىغان مەنە»دۇر. مەسىلەن، «ئىنسان» كەلىمەسىدە ئەر كىشىمۇ، ئايال كىشىمۇ، كىچىك بالىمۇ ئورتاق. دېمەك، «كۇللىي»دىن: ھۆكۈملەرنى شاخلىتىشقا ئاساس بولىدىغان ئۇل، قائىدە ۋە ئومۇمىي پرىنسىپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ، كۆپلۈكى كۇللىييات (الْكُلِّيَات). قاراڭ: قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء / جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 3/98، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 239 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 1336 – بەت.

27. جۇزئىي (الْجُزْئِيِّ): ئەرەبچىدە «پارچە ۋە ئۈلۈش» دېگەن مەنىدىكى جۇزﺋ (الْجُزْءُ) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولماسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدا: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلىنىدىغان مەنە». مەسىلەن، «زەيد» كەلىمەسى پەقەت مۇئەييەن بىر شەخسنىلا بىلدۈرىدۇ. زەيدتىن باشقىلار ئۇ ئىسىمدا ئورتاق بولمايدۇ. دېمەك، «جۇزئىي»لىك ئورتاقلىقتىن توسىغۇچى ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «ھەقىقىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ھەقىقىي كۇللىي» بولىدۇ. «جۇزئىي» يەنە ھايۋانغا نىسبەتەن ئىنساندەك، بىرنەرسىدىن خاسراق نەرسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ «ئىزافىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ئىزافىي كۇللىي» بولىدۇ. كۆپلۈكى جۇزئىييات (الْجُزْئِيَّاتُ) دۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/120؛ قازى ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/271؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 613 – بەت.

28. ئەسەر (الْأَثَرُ): ئەرەبچىدە «ئىز، خەبەر، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان سۆز ۋە قالدۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كۆپچىلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ساھابەگە ياكى تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز، پېئىل، تەقرىر ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلار»دىن ئىبارەت. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ئۈچ تۈرىگە قوللىنىلىدۇ. خۇراسان فەقىھلىرىنىڭ ئىستىلاھىدا «ئەسەر» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى ساھابە ياكى تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن «مەۋقۇف» بىلەن «مەقتۇﺋ»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى «مەرفۇﺋ»نى ئۇلار «خەبەر» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 18 – بەت؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِيْ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ (مەنھەجۇننەقد)»، 28 – بەت، دارۇلفىكر، بېيرۇت، م. 1979.

29. ئىمام ئەھمەد بىلەن تىرمىزىي: «خىلافەت (ئۈممىتىمدە) 30 يىل داۋاملىشىدۇ، ئاندىن كېيىن پادىشاھلىق بولىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلغان. ئەھمەد (21969)؛ تىرمىزىي (2226). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. سەفىينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى. ئىمام ئەھمەدنىڭ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايەتىدە (18430): «ثُمَّ تَكُوْنُ مُلْكًا عَاضًّا / ئاندىن كېيىن چىشلەپ تۇرۇۋالغۇچى پادىشاھلىق بولىدۇ» دەپ كەلگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. تايالىسىينىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە (225): «وَكَائِنًا مُلْكًا عَضُوْضًا» دەپ كەلگەن. ئالبانىي: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

30. ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ): ئەرەبچىدە «بىرلىككە كېلىش، ئىتتىپاقلىشىش» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى مەلۇم بىر ئەسىردە ئىسلام ئۈممىتى مۇجتەھىدلىرىنىڭ مەلۇم شەرئىي مەسىلىدە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى»دۇر. ئۇ مەسىلىدە ھەربىر مۇجتەھىد سۆز ئارقىلىق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرسە، «ئېنىق ياكى سۆزلۈك ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ الصَّرِيحُ / الْقَوْلِيُّ)»؛ بىرەر مۇجتەھىدنىڭ بىرەر مەسىلىدە بەرگەن پەتۋاسى كەڭ تارقىلىپ، باشقا مۇجتەھىدلەر يا ئېنىق ماقۇل كەلمەي، يا قارشى چىقماي سۈكۈتتە تۇرغان بولسا، «سۈكۈتىي ئىجماﺋ (الْإِجْمَاعُ السُّكُوْتِيُّ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابە كىراملارنىڭ بىرەر شەرئىي ھۆكۈمگە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى «ساھابەلەر ئىجمائسى (إجْمَاعُ الصَّحَابَةِ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەھلى بەيتنىڭ يەنى ھەزرىتى ئەلى، فاتىمە، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ بىرەر شەرئىي ھۆكۈمدە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى «ئەھلى بەيت ئىجمائسى (إجْمَاعُ أَهْلِ الْبَيْتِ)»؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە مۇجتەھىدلىرىنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئىجمائسى «ئەھلى مەدىنە ئىجمائسى (إجْمَاعُ أَهْلِ الْمَدِينَةِ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 2/48، 49؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 54 – 58 – بەت.

Please follow and like us: