Jennetning_mu'ekkelliri

جەننەتنىڭ مۇئەككەللىرى

جەننەت ئۆزىنىڭ بۈيۈكلۈكى، گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى ۋە ساقلىغۇچى خىزمەتكارلارنى ياراتتى.

ئۇنداقتا ئاشۇ مۇئەككەللەر كىملەر؟

ئۇلار پەرىشتىلەرمۇ؟

ئۇلارنىڭ سانى قانچە؟

ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى نېمە؟

ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ مۇئەككەللىرىنى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەردىن قىلغان بولۇپ، ئۇلار جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە كىرگەن چاغدا قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ – توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 73).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ، ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتە: ‹سەن كىم؟› دەيدۇ. مەن: ‹مەن مۇھەممەد› دەيمەن. پەرىشتە: ‹ساڭا ئېچىشقا بۇيرۇلدۇم، سەندىن ئىلگىرى ھېچبىرىگە ئېچىپ باقمىغان ئىدىم› دەيدۇ»(1).

بۇ ھەدىس جەننەتنىڭ ساقلىغۇچى پەرىشتىلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە يەنە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى پەزىلىتى، ھۆرمىتى ۋە قىيامەت كۈنى ئادەم بالىلىرىنىڭ خوجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇلارنىڭ سانى

جەننەتنىڭ مۇئەككەل پەرىشتىلىرىنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بارلىقىغا، ئۇلارنىڭ جەننەتتە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئاسىيلىق قىلماستىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىمىز.

ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى بار بولۇپ، بەزىسى مۇئمىنلەر جەننەتكە كىرگەندە ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بەزىسى جەننەتكە تۇنجى كىرگەن كىشىگە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ. جەننەتكە تۇنجى كىرگۈچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى جەننەت ئەھلىنىڭ يېنىغا ھەر دەرۋازىدىن كىرىپ تۇرىدۇ.

ئىززەت – ئىكرام

مۇئمىنلەرنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلىش ئۈچۈن، بۈيۈك پەرىشتىلەر ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ.

 

جەننەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ توپىسى
جەننەت ئەھلى ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر، مەي باغلىغان مېۋىلەر، كاۋاك مەرۋايىتتىن ۋە تاشلىرى ئالتۇن – كۈمۈشتىن بولغان چېدىرلاردا تۈرلۈك نېئمەتلەرنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. جەننەت نېمىدېگەن ياخشى ماكان! ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلار نېمىدېگەن ياخشى ئادەملەر!

ئۇنداقتا جەننەتنىڭ قۇرۇلمىسى قانداق؟

جەننەتنىڭ تاشلىرى نېمە؟

ئەسھاب كىراملەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جەننەت توغرۇلۇق سورايتتى، ئۇ زات ئۇلارغا جاۋاب بېرەتتى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز سىلى بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىمىزدا قەلبلىرىمىز ئېرىيدۇ ۋە بىز ئاخىرەت ئەھلىدىن بولۇپ كېتىمىز. ئەگەر سىلىدىن (سىلىنىڭ يانلىرىدىن) ئايرىلساق، دۇنيا بىلەن ۋە ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز بىلەن بولۇپ كېتىمىز، — دېگەنىدۇق، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەگەر سىلەر ھەرقانداق ۋاقىتتا مېنىڭ يېنىمدا بولغان چاغدىكى ھالىتىڭلاردەك بولغان بولساڭلار، پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ يۈرەتتى. ئەگەر سىلەر ئۆيۈڭلاردىلا بولۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالا مەغفىرەت قىلىشى ئۈچۈن، گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان بىر قەۋمنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى، — دېدى. ئاندىن ئەسھابلەر ئۇ زاتتىن جەننەتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە سورىدى.

جەننەتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: ‹بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە جەننەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىلە! ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى نېمىدىندۇر؟ — دېگەنىدۇق، ئۇ زات:

— ـ بىر كېسەك كۈمۈش، بىر كېسەك ئالتۇن، لېيى خۇشپۇراق ئىپار، شېغىللىرى مەرۋايىت ۋە ياقۇت، توپىسى زەپەر. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، ئۈمىدسىز بولمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، مەڭگۈ ياشايدۇ. كىيىملىرى كونىرىمايدۇ، قېرىماي ياش پېتى تۇرىۋېرىدۇ…› دېدى»(2).

دېمەك، جەننەتنىڭ تاشلىرى بولمىش ئالتۇن – كۈمۈشتىن قەسىرلەر سېلىنىدۇ. ئۇنىڭ لېيى ئىپاردۇر. جەننەتنىڭ توپىسى زەپىران بولۇپ، بۇ توپا پاك سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلسا ئىپار بولىدۇ(3). جەننەتنىڭ شېغىللىرى بولسا مەرۋايىتتۇر.

نېئمەت

جەننەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، مەرۋايىت، ياقۇت ۋە مارجاندىن بولۇشى جەننەت ئەھلىنىڭ كۆزلىرىنىڭ نېئمىتىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈندۇر.

جەننەتنىڭ خانەلىرى ۋە چېدىرلىرى
جەننەتتە خانەلەر ۋە چوڭ قەسىرلەر بار بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿لېكىن، (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت – قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 20).

ئۇنداقتا بۇ خانەلەرنىڭ شەكىللىرى قانداق؟

ئۇ خانەلەردە تۇرغۇچىلار كىملەر؟

چېدىرلار نەگە تىكلىنىدۇ؟

ئاللاھ تائالا تەقۋادارلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئۇلار جەننەتكە لايىق شەكىلدە سېلىنغان قەۋەت – قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ﴾(34/«سەبەﺋ»: 37).

شۇنداق، مال – دۇنيا ۋە بالىچاقا پەقەت ياخشى ئەمەلگە ئايلانغان ۋاقىتتىلا بەندىنى پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، مال – دۇنيايىمىز بىلەن مەسجىد سالدۇق ياكى «قۇرئان»لارنى ھەدىيە قىلدۇق، ياكى بىرەر يېتىمگە كېپىل بولدۇق، ۋەھاكازا. بالىلىرىمىزنىمۇ «قۇرئان» يادلىتىپ، ئىسلام بىلىملىرى ۋە باشقا نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلىسەك، مانا مۇشۇ ۋاقىتتىلا مال – دۇنيا ۋە بالىچاقىلىرىمىز بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

بەلكى ئۇنداق كىشىلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ياخشى ئەمەلىگە ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ ۋە جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇنىڭ تۇرالغۇ جايى جەننەتنىڭ ئۈستۈن خانەلىرىدە بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق قورقۇنچ بولمايدۇ.

جەننەتنىڭ خانەلىرىدە تۇرغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرى

جەننەتنىڭ ئۈستۈن خانەلىرىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ئەمەللىرىنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: «ھەقىقەتەن، جەننەتتە كۆپ خانەلەر بولۇپ، بۇ خانەلەرنىڭ سىرتى ئىچىدىن، ئىچى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇلارنى ئاللاھ باشقىلارغا تاماق بەرگەن، سالامنى قانات يايدۇرغان ۋە كېچىلىرى خالايىق ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇغان ئادەملەرگە تەييارلىدى»(4).

شۇنداق، ئاللاھ تائالا جەننەتتە ئارقىسىدىكى نەرسىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نېپىز خانەلەرنى تەييارلىدى. بۇلارنى ئەخلاقى گۈزەل، باشقىلارغا مۇلايىم، يۇمشاق گەپ قىلغان ئادەملەرگە تەييارلىدى. باشقىلارغا يۇمشاق گەپ قىلىش بولسا ئۇلارغا مۇلايىم بولۇش، خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇنىڭدەك بۇ خانەلەرگە ئايرىم شەخسلەر ئۈچۈن، ئومۇم ئۈچۈن، كەمبەغەللەر ئۈچۈن ۋە مېھمانلار ئۈچۈن تاماق بەرگەن ئادەملەرمۇ كىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە كېچىلىرى باشقا ئىنسانلار ئۇخلاۋاتقاندا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان ئادەملەرمۇ كىرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىبادەتلەردە ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس قىلغانلىقىنىڭ ۋە ئاللاھنى راست سۆيىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

جەننەت ئەھلى تۇرالغۇلىرىنى قانداق تونۇيدۇ؟

جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگەندە، خانەلىرىنى ۋە تۇرالغۇلىرىنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ بىلەلەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شۇھەدائنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ﴾(2/«مۇھەممەد»: 4 — 6).

يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن شۇھەدائنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتنى تونۇتتى ۋە سۈپەتلەپ بەردى. شۇنداقلا ئۇلار جەننەتكە كىرگەندىن كېيىن تۇرىدىغان تۇرالغۇلىرىنىمۇ تونۇتتى.

مۇفەسسىر مۇجاھىد ﴿ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى﴾ دېگەن ئايەت ھەققىدە ئېيتىدۇ: «جەننەت ئەھلى جەننەتتىكى ئۆيلىرىنى ۋە تۇرالغۇلىرىنى بىلەلەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن بويىچە ئۇلار خاتالىشىپ قالمايدۇ. خۇددى ئۇلار يارىتىلغاندىن باشلاپلا جەننەتتە ياشىغاندەكلا، بىرەرسىدىن كۆرسىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلمايلا تاپالايدۇ»(5).

ئىمام قۇرتۇبىي ئېيتىدۇ: «كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر دېدىكى: ‹جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگەندە، ئۇلارغا: ”تۇرالغۇلىرىڭلارغا تارقىلىڭلار“ دېيىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىنى جۈمە نامىزىدىن قايتقان كىشىلەر ئۆيلىرىنى بىلگەندىنمۇ بەكرەك بىلەلەيدۇ›»(6).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «مۇئمىنلەر (پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن) دوزاخ بىلەن جەننەت ئارىسىدىكى چوڭ بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، دۇنيادىكى چاغلىرىدا بەزىلىرىدە قالغان قىساس ۋە ھەقلىرى بەزىلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاخىرى تۈزىتىلىپ تازىلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بىرى جەننەتتىكى تۇرالغۇسىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ ياخشىراق تونۇيدۇ»(7).

جەننەتنىڭ چېدىرلىرى

ئەگەر تۇرالغۇ جايلار تۈرلۈك بولسا، ئۇ تۇرالغۇلار ئۇنىڭدا تۇرغۇچى ئۈچۈن شۇنچە باياشات ۋە خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى بولىدۇ. جەننەتتە ئالتۇن ئۆيلەر، كۈمۈش قەسىرلەر ۋە ھەممە جايلارغا تىكلەنگەن چېدىرلار بار. ئەگەر خاھلىساڭ، ئۇ چېدىرلارنى ھەسەل ئۆستىڭىنىڭ بويىغا ئېلىپ بارالايسەن ياكى شاراپ ئۆستىڭىنىڭ بويىغا تىكلىيەلەيسەن. ئۇ چاغدا سەن بىلەن يەنە ئايالىڭ ۋە دوستلىرىڭ بىللە بولىدۇ.

بۇ چېدىرلار خانەلەر ئەمەستۇر (يەنى چېدىرلار باشقا، خانەلەر باشقىدۇر). نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(جەننەتتىكى) چېدىر ئىچى كاۋاك گۆھەردۇر. ئۇنىڭ ئاسماندىكى ئېگىزلىكى ئوتتۇز مىل بولۇپ، ھەربىر بۇلۇڭىدا مۇئمىنگە (جۆر بولىدىغان) ھۆرلەر تۇرىدۇ، (چېدىرنىڭ كەڭ ۋە ئازادىلىكىدىن) ئۇلار باشقا بۇلۇڭدىكىلەرنى كۆرمەيدۇ» دېگەن(8).

چېدىر دېگىنىمىز — ئەئرابىيلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بولغان تۆت چاسا ئۆي بولۇپ، دۇنيادا ئادەتتە رەخت ۋە كىگىزدەك نەرسىلەر بىلەن ياسىلىدۇ. ئاللاھ تائالا چېدىرلارنى زىكىر قىلىپ: ﴿ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر﴾(55/«رەھمان»: 72) دېگەن.

لېكىن، جەننەتنىڭ چېدىرلىرى دۇنيانىڭ چېدىرلىرىغا ئوخشىمايدۇ. جەننەتتە ھەربىر مۇئمىن ئۈچۈن ئىچى قۇرۇق بىر چېدىر بولىدۇ. ئۇ ھەجمى چوڭ، ئېگىز چېدىر بولۇپ، ئېگىزلىكى ئاتمىش مىل كېلىدۇ. ئۇ چېدىرلاردا بۇلۇڭلار بولۇپ، مۇئمىن ھەربىر بۇلۇڭدىكى ئايالىنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. چېدىر چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىر بۇلۇڭدىكى ئاياللارمۇ بىر – بىرىنى كۆرەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

بۇ خانەلەردە ۋە چېدىرلاردا چوقۇم ئۆي سەرەمجانلىرى، كارىۋاتلار ۋە كرېسلولار بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنىڭ سۈپەتلىرى قانداق؟

جەننەتنىڭ كارىۋاتلىرى ۋە كرېسلولىرى

جەننەت سەرەمجانلىرىنىڭ گۈزەللىكى، جابدۇقلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە تۈۋرۈكلىرىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە ئىنسان نەپسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە خۇشال قىلىدىغان دەرىجىدە بولۇپ، رەببىمىز ئاللاھ بۇلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە سۈپەتلەپ بەردى، مەدھىيەلىدى ۋە نەپسلەرنى ئۇنىڭغا ئىنتىلدۈردى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت – رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار﴾(88/«غاشىيە»: 13 — 16).

ياستۇقلار ھەممە ئورۇنغا تاشلاپ قويۇلىدۇ. مۇئمىن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ ۋە يېنىچە ياتىدۇ. بىساتلار جايدىكى گۈزەللىكنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

تەپەككۇر قىلغىنكى، ئاللاھ تائالا «تەختلەر»نى ئېگىز دەپ، «بىساتلار»نى سېلىنغان دەپ، «ياستۇقلار»نى رەت – رەت قويۇلغان دەپ سۈپەتلىدى.

تەختلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى ئۇنىڭ ئېگىزلىكىگە، يۇمشاقلىقىغا ۋە ئۇنىڭدا يېنىچە ياتقان ئادەمنىڭ ئەتراپىغا قارايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بىساتلارنىڭ سېلىنغانلىقى ئۇنىڭ كۆپلۈكىگە، ھەممە ئورۇنلاردا بار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. دېمەك، ھەممە جايدا بىساتلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. ياستۇقلارنىڭ رەت – رەت قويۇلغانلىقى بۇ ياستۇقلارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئەمەس، ھەممە ۋاقىتتا يۆلىنىش ۋە ئولتۇرۇش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ(9).

ئىززەت – ئىكرام

ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل تارتىشلىرى ۋە ئىستەكلىرى خىلمۇخىل بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ تۇرالغۇلىرىنى خانەلەر ۋە چېدىرلار شەكلىدە ھەر خىل قىلدى.

جەننەتنىڭ پۇرىقى
جەننەتنىڭ خۇشبۇيى، ئۆتكۈر ھىدى بولۇپ، بۇ پۇراق جەننەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قاپلايدۇ. مۇئمىنلەر بۇنى يىراق مۇساپىلەردىنمۇ پۇرىيالايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە خەبەر بەردى ۋە بەزى گۇناھلارنىڭ ئىگىسىنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

ئۇنداقتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراشتىن توسۇپ قويىدىغان گۇناھلار قايسىلار؟

بۇ «ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەنلىكمۇ؟

بۇ ئۇنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قاتار قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. مەسىلەن، ھاراقكەش، سۇخەنچى ۋەھاكازالار. بۇ «بۇ ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار كافىردۇر» دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇشتۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، جەننەتكە كىرىدۇ. لېكىن، باشقىلار پۇرىغاندەك جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ.

بۇ يەردە جەننەتنىڭ پۇرىقىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان بىر قاتار كىشىلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمەن:

1) ھاراقكەش

ھاراق ئۇ نىجاسەتلەرنىڭ ئەسلى ۋە ناچار ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچسە، ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچەلمەيدۇ. كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچسە، ئاللاھقا ئۇنى تىينەتۇلخەبال بىلەن سۇغىرىشى ھەق بولىدۇ.

ھەدىستە: «ئى رەسۇلۇللاھ! تىينەتۇلخەبال دېگەن نېمە؟» دېيىلگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دوزاخ ئەھلىنىڭ تەرى ياكى قان – يىرىڭلىرىدۇر» دېدى(10).

كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچكەن بولسا، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ. پەقەت ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغان ۋە پەرۋەردىگارىمىز ئەپۇ قىلغان كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

2) باشقىلارنى ئۇرىدىغان ئادەملەر ۋە يېرىم – يالىڭاچ ئاياللار

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «ئىككى تۈرلۈك دوزىخىي ئادەملەر باركى، ئۇلارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم: بىرى، قوللىرىدىكى كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر؛ يەنە بىرى، يېرىم – يالىڭاچ كىيىنگەن، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان، باشلىرى تۆگىنىڭ سىڭايان لوككىسىدەك ئاياللار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ ھىدى مۇنچىلىك – مۇنچىلىك يىراق مۇساپىدىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ»(11).

بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلارنى ئۇرۇشتىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە يەنە ئاياللارنى يېرىم – يالىڭاچ يۈرۈشتىن، ھىجابلىنىش ۋە ئورۇنۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن ئاگاھلاندۇردى.

3) ئەھدە بېرىلگەن كىشىگە زۇلۇم قىلغۇچى

ئەھدە بېرىلگەن— يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتاب بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاپ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ بىلەن تىنچ ئۆتۈشكە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا كېلىشىم تۈزگەن بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىش ۋە ھەققىنى بەرمەسلىك دۇرۇس بولمايدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، كىمكى ئەھدە بېرىلگەن كىشىگە زۇلۇم قىلسا، ئۇنىڭ ھەققىنى كەم بەرسە ۋە ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىسا ياكى ئۇنىڭ بىر نەرسىسىنى رازى بولمىسىمۇ ئېلىۋالسا، قىيامەت كۈنى مەن ئۇ (ئەھدە بېرىلگەن كىشى) نىڭ تەرەپدارى بولىمەن»(12). ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارمىقى بىلەن مەيدىسىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئامانلىق بەرگەن زىممىينى ئۆلتۈرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ پۇرىقىنى ھارام قىلدى. ھەقىقەتەن، جەننەتنىڭ پۇرىقى يەتمىش يىللىق مۇساپىدىنمۇ كېلىدۇ» دېگەن(13).

«زىممەت»: ئەھدە، ئامانلىق، كېپىللىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر. ئاللاھنىڭ ئەھدىسى بولسا ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەرگەن ئامانلىقىدۇر. ئاللاھ بەرگەن بۇ ئەھدە ۋە ئامانلىقىنى بۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا سەل قاراش دۇرۇس بولمايدۇ. كىمكى شۇنداق قىلسا، جەننەتنىڭ پۇرىقىنى ھەرگىز پۇرىيالمايدۇ. جەننەتنىڭ پۇرىقى يەتمىش يىللىق مۇساپىدىنمۇ كېلىدۇ.

4) ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى

ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھتۇر ۋە نان كورلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا ئاتا – ئانىنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ ھەققىگە ئەگەشتۈرۈپ كەلتۈرۈپ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى﴾(17/«ئىسراﺋ»: 23) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە «قۇرئان»دا ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشنى ئاتا – ئانىغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىللە تىلغا ئېلىپ: ﴿(ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر﴾(31/«لۇقمان: 14) دېگەن.

ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئىككىلا دۇنيالىق بەخت – سائادەتنىڭ يولىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولسا، خىش – ئەقرىبالىرىغا سىلە – رەھىم قىلسۇن» دېگەن(14).

5) بېخىل، مىننەت قىلغۇچى

بېخىل دېگىنىمىز — ئاللاھ تائالا رىزقىنى كەڭرى قىلىپ، كۆپ مال – دۇنيا بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىگە ۋە بالىلىرىغا نەپىقە قىلمايدىغان، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ۋە سىلە – رەھىم قىلمايدىغان كىشىدۇر. بېخىللىق بولسا خەتەرلىك ئىللەتتۇر.

مىننەت قىلغۇچى بولسا باشقىلارغا بىرنەرسىنى بېرىپ، كەينىدىن بەرگىنىگە مىننەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى خىجىل قىلىش ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىنى تىلغا ئالىدىغان كىشىدۇر.

ئەگەر بېخىللىق بىلەن مىننەتخورلۇق بىرلەشسە، قاتمۇقات زۇلمەت بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار بولۇپ، ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ پۇرىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىنمۇ كېلىدۇ. ئۇلار: ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، ھاراقكەش ۋە بېخىل مىننەتخور» دېگەن(15).

بۇ ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتىن ۋە ئۇلارغا يامانلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇشتۇر. شۇنداقلا نىجاسەتلەرنىڭ بېشى بولغان ھاراقتىن ۋە بېخىللىقتىن، مىننەتخورلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

بەزى ھەدىسلەردە «جەننەتنىڭ پۇرىقى يەتمىش يىللىق مۇساپىدىنمۇ كېلىدۇ» دەپ كەلدى. يەنە بەزى ھەدىسلەردە «جەننەتنىڭ پۇرىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىنمۇ كېلىدۇ» دەپ كەلدى. ئۇنداقتا بۇ ئىككى ھەدىسنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ چۈشىنىمىز؟

جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراش شەخسلەرنىڭ ئىمانى ۋە ئەمەللىرىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. يىراق مۇساپىدىنمۇ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان كىشى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى يېقىن مۇساپىدىن پۇرىغان كىشىدىن ئېسىل ۋە سالىھ كىشىدۇر. جەننەتنىڭ پۇرىقىنى ئادەمنىڭ تەبىئىتى ۋە بەدىنىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن پۇرىغىلى بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىگە ئاتا قىلغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن پۇرىغىلى بولىدۇ. بەزىدە ئاللاھ خاھلىغان بەزىلەر يەتمىش يىللىق يىراقلىقتىن پۇرىيالىسا، بەزىدە بەش يۈز يىللىق يىراقلىقتىن پۇرىيالايدۇ(16).

دۇئا

ئاللاھتىن بىزگە جەننەتنى ئاتا قىلىشىنى ۋە بىزنى دوزاختىن ساقلىشىنى سورايمىز.

جەننەتنىڭ دەرەخلىرى ۋە مېۋىلىرى
قارىغۇچىنىڭ كۆزىنىڭ ھۇزۇرلىنىشى، كۆڭۈللەرنىڭ يايراپ خۇشال بولۇشى ۋە بەخت – سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ جەملىنىشى ئۈچۈن يېشىللىق ۋە سايىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى گۈزەللىكنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

جەننەتنىڭ دەرەخلىرى، ئۇ دەرەخلەرنىڭ سايىلىرى، كۆكلەملىكى ۋە كۆركەملىكى ھۇزۇر ۋە بەخت – سائادەتتۇر. ئاللاھ تائالا جەننەتنى ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق – سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 27 — 30)، ﴿ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار﴾(55/«رەھمان»: 48)، ﴿ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار﴾(55/«رەھمان»: 68).

جەننەتنىڭ دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ئۇزۇن بولۇپ، شېرىن سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغاندۇر. ئۇ دەرەخلەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىقتۇر، مېۋىلىرى بەك شېرىن ۋە پاكتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە دېدىكى: «ھەقىقەتەن جەننەتتە بىر دەرەخ بولۇپ، ئۇلاغلىق كىشى يۈز يىل مېڭىپمۇ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر خاھلىساڭلار ﴿ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن﴾(56/«ۋاقىئە»: 30) دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار»(17).

بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 14) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ: «ھەقىقەتەن، جەننەت ئەھلى جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن ئۆزلىرى خاھلىغان ھالەتتە، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە يېنىچە ياتقان ھالەتتە يەيدۇ» دېگەن(18).

لەززەت

تاماق دۇنيادا ئاچلىقتىن مۇداپىئە، ئاخىرەتتە لەززەت، ھۇزۇر ۋە نېئمەتتۇر.

 

جەننەت ئەھلىنىڭ تائاملىرى
جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەر ۋە كۆڭلى تارتقان قۇشنىڭ گۆشلىرى بار. بۇ مېۋىلەرنى ئۇلارغا چىرايلىق خىزمەتكارلار ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ مېۋىلەردىن ۋە قۇشنىڭ گۆشلىرىدىن ئۆزلىرى خاھلىغان ۋە كۆڭلى تارتقاننى ئېلىپ يەيدۇ.

ئۇنداقتا بۇ تائامنىڭ تەبىئىتى قانداق؟

ئۇنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

بۇ تاماقلار بەدەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

لەززەتلىك تائام ھاياتلىققا لەززەت ۋە گۈزەللىكنى زىيادە قىلىدۇ. جەننەتنىڭ تائامى، مېۋىلىرى ۋە قۇشلىرىدىنمۇ پاك ۋە لەززەتلىك تائام يوقتۇر. ئەگەر گۈزەل مەنزىرە بىلەن لەززەتلىك تائام، جانغا ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى سورۇن ۋە گۈزەل يۈزلەر بىرلەشسە، لەززەت تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ. بۇ لەززەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ كۆپتۇر.

جەننەتنىڭ مېۋىلىرى

جەننەتنىڭ مېۋىلىرى بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئېغىزلىرى لەززەتلىنىدۇ، كۆڭۈللىرى ھۇزۇرلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق – سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 28 — 34).

بۇ مېۋىلەرنىڭ ھەجمى چوڭ، كۆرۈنۈشى بىر ھۇزۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇغان چاغدا بۇنى كۆرگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «(ئۇ زات بۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندا):

— ھەقىقەتەن، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇلار بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلمايدۇ، شۇڭا ئۇنى كۆرگىنىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار، — دېدى. ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ، بىز سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ بىرنەرسىگە قوللىرىنى سۇنۇپ ئاندىن كەينىلىرىگە چېكىنگەنلىكلىرىنى كۆردۇققۇ؟! — دېيىشكەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن (مۇشۇ جايىمدا تۇرۇپ) جەننەتنى كۆردۈم، ئاندىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئالماقچى بولۇپ قولۇمنى سۇندۇم، ئەگەر ئۇنى ئالغان بولسام، سىلەر ئۇنىڭدىن تا قىيامەتكىچە يېگەن بولاتتىڭلار، — دېدى»(19).

جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئۇنى ئالغۇچىلار ئۈچۈن بەك يېقىندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 14).

ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسبىھ ئېيتىش سېلىنىدۇ

جەننەت ئەھلىنىڭ كۆڭلىگە تەسبىھ ۋە ھەمد ئېيتىش سېلىنىدۇ. ئۇلار يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ، لېكىن تەرەت قىلمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەننەت ئەھلى ئۇنىڭدا يەپ – ئىچىدۇ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمايدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يېمىكى ئىپار تەرلىگەندەك ۋە خۇشبۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ. خۇددى ئۇلار تەبىئىي نەپەسلىنىپ تۇرغىنىدەك، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسبىھ ۋە ھەمد ئېيتىش سېلىنىدۇ»(20).

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت ئەھلىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

جەننەت ئەھلى بىئىختىيار تەبىئىي نەپەس ئېلىپ تۇرغىنىدەك، تەسبىھ، تەكبىر ۋە ھەمدلەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شۈكرى ئېيتقانلىقى ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ تەسبىھلەر ئۇلارنى جەننەتتىكى نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشىدىن توسۇپ قويمايدۇ.

جەننەت ئەھلىنىڭ تۇنجى تائامى

بۇ چوڭ نېئمەت ۋە لەززەتلىك تائامدۇر، مۇئمىنلەر تۇنجى بولۇپ يەيدىغان بۇ تائام نېمە؟

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئېيتىدۇ: «مەن مۇسۇلمان بولۇش قارارىغا كەلگەن ۋاقتىمدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم ۋە:

— مەن سىلىدىن سوئال سورايمەن، — دېدىم. ئۇ زات:

— سورىغىن، — دېدى.

— جەننەت ئەھلى دەسلەپتە يەيدىغان تائام قايسى؟ — دېدىم. (ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

—بېلىقنىڭ جىگىرىنىڭ كىچىك قۇلىقىدۇر(21) — دېگەن»(22).

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇراتتىم. يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرى كېلىپ:

— سالام ساڭا ئى مۇھەممەد! — دېدى، مەن ئۇنى شۇنداق قاتتىق ئىتتىردىمكى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى ۋە:

— مېنى نېمە ئۈچۈن ئىتتىرىسەن؟ — دېدى. مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دېسەڭ بولمامدۇ! — دېدىم.

ئۇ:

— بىز ئۇنى ئائىلىسى قويغان ئىسىم بىلەن چاقىرىمىز، — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن مېنىڭ ئائىلەم قويغان ئىسمىم مۇھەممەدتۇر، — دېدى. ئۇ يەھۇدىي:

— مەن سەندىن سوراش ئۈچۈن كەلدىم، — دېدى.

— ئەگەر ساڭا سۆزلەپ بەرسەم، ساڭا پايدىسى بولامدۇ؟

— قۇلاق سېلىپ ئاڭلايمەن.

شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاياق بىلەن يەرنى جىجىپ تۇرۇپ:

— سورىغىن، — دېدى. يەھۇدىي:

— زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدىغان كۈندە ئىنسانلار نەدە بولىدۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ زات:

— ئۇلار كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە زۇلمەتتە، — دېدى. يەھۇدىي:

— ئۇ يەردىن تۇنجى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار كىملەر؟

— مۇھاجىرلارنىڭ پېقىرلىرى.

— ئۇلار جەننەتكە كىرگەن چاغدا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارغا ھەدىيە قىلىنىدىغان نەرسە نېمە؟

— بېلىقنىڭ جىگىرىنىڭ كىچىك قۇلىقىدۇر.

— ئۇلارنىڭ ئۇندىن كېيىنكى غىزاسىچۇ؟

— ئۇلارغا جەننەتنىڭ يايلاقلىرىدىكى ئوت – چۆپلىرىدىن يېگەن جەننەت بۇقىسى بوغۇزلىنىدۇ.

— ئۇلارنىڭ ئۇندىن كېيىنكى ئىچىملىكى نېمە؟

— جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقتىن.

— راست ئېيتتىڭ»(23).

شۇنداق، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راست ئېيتتى. پىلسىراتتىن تۇنجى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلار مۇھاجىرلارنىڭ پېقىرلىرىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جانلىرىنى، ماللىرىنى ۋە ھاياتىنى ئاتىغان ئىنسانلاردۇر.

جەننەت ئەھلى چوڭ، كىچىك تەرەت قىلمىسا، يېمەك – ئىچمەك ئۇلارنىڭ بەدىنىدە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

ئاللاھنىڭ جەننەت ئەھلىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىن جەننەت ئەھلى چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. يېمەكلەر ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئەڭ خۇش پۇراق تەر بولۇپ ۋە خۇشبۇي كېكىرىك بولۇپ چىقىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن، ئۇلارنىڭ بىرىگە يېيىش، ئىچىش ۋە جىما قىلىشتا يۈز ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بېرىلىدۇ، — دېدى. يەھۇدىيلاردىن بىرى:

— يېگەن ۋە ئىچكەن ئادەم ھاجەت قىلىدۇ، ھالبۇكى جەننەتتە ئەزىيەت (چىقىرىش) يوقتۇر، — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئۇلارنىڭ ھاجىتى تەر بولىدۇ، بۇ تەر ئۇلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك چىقىدۇ. ئاندىن (يېگەن، ئىچكىنىنى ھەزىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن) قورسىقى كىچىكلەيدۇ، — دېدى(24).

تاماق ئۇلارغا بويسۇندۇرۇلىدۇ

جەننەت ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى ھەل قىلىشتا جاپا تارتمايدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھەقىقەتەن، سەن جەننەتتىكى قۇشقا قاراپ، ئۇنى كۆڭلۈڭ تارتسا، ئۇ سېنىڭ ئالدىڭغا كاۋاپ ھالىتىدە بولىدۇ» دېگەن(25).

ئىسىم بىر، تەم ھەر خىلدۇر

جەننەتتىكى تائاملارنىڭ لەززەتلىك بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن، مۇئمىن ئەر ۋ مۇئمىن ئاياللار بىر كۈندە بىر يېمەكنى يەپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ لەززەتلىك تەمنى ھېس قىلىدۇ. ئاندىن شۇ يېمەكنىڭ ئۆزىنى ئىككىنچى قېتىم يېسە، ئاۋۋالقىدىنمۇ لەززەتلىك يېڭى بىر تەمنى ھېس قىلىدۇ.

مېۋىلەر ۋە قۇشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. بۇلارنىڭمۇ شەكلى ئوخشاش، لېكىن جەننەت ئەھلى ھەربىر قېتىم يېگەندە، يېڭى بىر تەمنى ھېس قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھالەتنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەبەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 25).

ئۇلارغا شەكىل جەھەتتە ئوخشاش بولغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ، لېكىن بۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ.

ئۇلارنىڭ تائامى داۋاملىق باردۇر

جەننەت ئەھلىنىڭ تائامى ئۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالماستىن، داۋاملىق كېلىپ تۇرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارارجايىدۇر. كافىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارارجايى دوزاختۇر﴾(13/«رەئد»: 35)، ﴿بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ﴾(38/«ساد»: 54)، ﴿ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق – سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە: 28 — 34).

ئاللاھتىن بىزنى بۇ نېئمەتلەرنىڭ ئەھلىدىن قىلىشىنى ۋە دۇنيادا شۇ نېئمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغانلاردىن قىلىشىنى سورايمىز.

بىلىش

پەرۋەردىگارىمىز بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىنىڭ تۈرلۈك يېمەك – ئىچمەكلەرنى تارتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، جەننەتتە ئۇلارغا تۈرلۈك تۈرلۈك قىلىپ بېرىدۇ.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. مۇسلىم (197).
2. ئەھمەد (8030). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «باشقا يوللىرى بىلەن سەھىھتۇر» دېگەن.
3. ئىبنۇلقەييىم: «ھادىلئەرۋاھ ئىلا بىلادىلئەفراھ»، 128 – بەت.
4. ئىبنى ھىببان (509). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 618) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
5. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (31627).
6. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 392 – بەت.
7. بۇخارىي (6535).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3243)؛ مۇسلىم (2838).
9. ئىبنۇلقەييىم: «ھادىلئەرۋاھ ئىلا بىلادىلئەفراھ»، 198 – بەت.
10. مۇسلىم (2002).
11. مۇسلىم (2128).
12. ئەبۇ داۋۇد (3052). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2655) «سەھىھ» دېگەن.
13. ئىبنى ماجە (2677). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 2677) «سەھىھ» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2067)؛ مۇسلىم (2557).
15. تەبەرىي: «تەھزىبۇل ئاسار»، 1566. «سەھىھ مۇرسەل»دۇر.
16. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي» 19/369.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4881)؛ مۇسلىم (2826).
18. بەيھەقىي: «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر»، (855). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3734) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1052)؛ مۇسلىم (2106).
20. مۇسلىم (2835).
21. ئومۇمەن بېلىق مەنپەئەتلىك يېمەكلىكتۇر. جىگىرىنىڭ كىچىك قۇلىقى بولسا ئۇنىڭ بەدەنگە كۆپ مەنپەئەتلىرى باردۇر. بۇنى يېڭى ئىلىم – پەن نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن كېيىن ئىسپاتلاپ چىققاندۇر. (جىگىرىنىڭ كىچىك قۇلىقى جىگەرگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئايرىم بىر پارچە بولۇپ، ئىنتايىن تەملىك ھەم قولاي ھەزم بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 15/211 — ت.)
22. ئەھمەد (12078). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
23. مۇسلىم (315).
24. ئەھمەد (19288). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
25. بەززار (2032). ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 10/417) «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.