كىمئاشتى سودىسى ھەققىدەjpg

كىمئاشتى سودىسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! كىمئاشتى سودىسىنىڭ ھۆكمى ۋە شەرتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىمئاشتى (ياكى كىمئارتۇق) سودىسى (ئەرەبچە: بَيْعُ الْمُزَايَدَةِ ياكى مزاد؛ تۈركچە: Müzayede، Mezat ياكى Açık Artırma ۋە ئىنگلىزچە: Auction): سېتىشقا چىقىرىلغان تاۋارنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇشتا خېرىدارلار ئارىسىدا بەسلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: بىر تاۋار سېتىشقا چىقىرىلسا، خېرىدارلار بىر – بىرلىرىدىن باھا ئاشۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى باھا بەرگەن كىشىنىڭ سېتىۋېلىشىدىن ئىبارەت. تۆت مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ سودا جائىزدۇر. بۇنىڭ تەتۈرى بولغان كېمەيتىپ سېتىشمۇ جائىز بولۇپ، ئۇنىڭدا خېرىدار مەلۇم سۈپەتلىك بىرەر تاۋارنى سېتىۋېلىش (ياكى بىرەر تۈرىنى ھۆددىگە بېرىش) ئېلان قىلسا، ساتقۇچىلار بىر – بىرىدىن باھا كېمەيتىشىپ ئەڭ تۆۋەن باھاغا رازى بولغىنى ساتىدۇ(1).

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھ. 1414 / م. 1993 – يىلى 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇنداق قارار ئالغان:

كۈنىمىزدە خېرىدار چاقىرىش (ئەرەبچە: طلب العروض تۈركچە: İhale؛ ئىنگلىزچە: Invitation to tender ياكى ITT) دەپ ئاتىلىۋاتقان سېتىۋېلىش (ياكى بىرەر تۈرىنى ھۆددىگە بېرىش) تا بىر تۈر/تىجارەت ياكى ئىش بىردىن ئارتۇق ساتقۇچىسى/سۇنغۇچىسى ئارىسىدا ئەڭ مۇۋاپىق تەكلىپنى سۇنغان بىر قاتناشقۇچىغا بېرىلىدۇ. كىمئاشتى ماھىيىتىدىكى جائىز ئىشتۇر.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغانكى: «بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قۇلىغا: ‹مەن ئۆلگەندىن كېيىن سەن ئازاد› دېگەنىدى، كېيىن ئۇ ئادەم موھتاج بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ قۇلنى ئېلىپ: ‹بۇنى مەندىن كىم سېتىۋالىدۇ؟› دېگەنىدى، نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللاھ ئۇنى مۇنچە پۇلغا سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ پۇلنى ئۇ ئادەمگە بەردى(2).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئېگەر بىلەن بىر قاچىنى كىمئاشتى سودىسىدا ساتقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(3).

بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىفلىك بولسىمۇ، ئۇ باشقا بىر سەھىھ ھەدىسكە زىت كەلمىگەندىن سىرت، باشقا شەھىھ ھەدىسلەر ۋە ئەسھاب كىراملەرنىڭ ئىش – ھەرىكەت ۋە سۆزلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ.

ئەتاﺋ (ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولسۇن): «مەن ساھابەلەرنىڭ غەنىيمەتلەرنى كىمئاشتى قىلىپ ساتسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى كۆرگەنمەن» دېگەن(4).

كىمئاشتى سودىسىنى سەلەفلەردىن يەنە ھەزرىتى ئۆمەر ۋە مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار شۇنداقلا مۇجاھىد، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ھەمماد قاتارلىق زاتلار جائىز دەپ قارىغان(5).

دېمەك، بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىن بۇيان قىلىنىپ كېلىۋاتقان سودا بولۇپ، فەقىھلىرىمىز بۇ سودىنىڭ تەئرىپىنى، شەكلىنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئەھكاملارنى ئەسەرلىرىدە بايان قىلىپ كەلگەن. ئىمام سەرەخسىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمئاشتى سودىسىنىڭ سۈپىتى بىر كىشى تاۋىرىنى ئۆزى ياكى ئورۇنباسارى ئارقىلىق توۋلاپ بازارغا سالسا، خېرىدارلارنىڭ بەزىلىرى بەزىلىرىدىن ئاشۇرۇپ باھا ئېيتىدۇ. توۋلاش توختىمىغان مۇددەتچە، باشقا خېرىدارلار باھانى ئاشۇرسا بولىدۇ. بىر خېرىدار بىر باھانى دېگەندىن كېيىن مال ئىگىسى ئۇنىڭغا رازى بولۇپ توۋلاشنى توختاتسا، باشقىلارنىڭ باھا ئاشۇرۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى مەكروھتۇر. چۈنكى، بۇ باشقىلار سودىلىشىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە سودىلىشىش بولىدۇ»(6).

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھ. 1414 / م. 1993 – يىلى 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇنداق قارار ئالغان:

كىمئاشتى سودىسى سودا – سېتىقتىن باشقا ئىجارىگە بېرىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش كەبى توختاملاردىمۇ بولىدۇ. توختام تەبىئىتىگە قاراپ ئادەتتىكى شەخسلەرئارا ئىختىيارىي كىمئاشتى بولۇشىمۇ، سوت مەھكىمىلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئېلىپ بارىدىغان مەجبۇرىي كىمئاشتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بۇ سودىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن سودىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1. رەسمىيەتلەر شەرىئەتكە خىلاپ بولماسلىقى؛

2. ھەربىر قاتناشقۇچى سودىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كاپالەت پۇل تۆلىشى جائىز. لېكىن سودا پۈتمىگەن ئەھۋالدا ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇشى، سودا پۈتكەن ئەھۋالدا تاۋارنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىغا ھېساب بولۇشى ۋاجىب؛

3. دەپتەر – قەغەز پۇلىدەك سورۇن چىقىمىغا ئائىت رەسمىيەت پۇللىرى بولسا شۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتمىسە جائىز بولىدۇ.

4. سودىغا سېتىۋېلىش نىيىتى بىلەن قاتنىشىش؛ سېتىۋېلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، باشقىلار يۇقىرى باھادا سېتىۋالسۇن ئۈچۈن باھانى ئاشۇرۇپ ساختا خېرىدار بولۇش ياكى باشقىلارغا زىيان ئۇرۇش ئۈچۈن قاتنىشىش ياكى باھانى ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش چەكلىنىدۇ.

5. تاۋار ئىگىسى ياكى ۋاسىتەچى، ياكى بىدىك پالانى مۇنچىگە ئالاي دېدى دەپ يالغان ئېيتماسلىقى ۋە خېرىدارلارنى باشقا تۈرلۈك گوللىماسلىقى؛(7).

6. باشقا سودىلاردا شەرت قىلىنغان بويىچە ساتقۇچى تاۋارنىڭ ئىگىسى ياكى ئىگىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇشى، تاۋارنىڭ سۈپىتى ئېنىق بولۇشى، بار ۋە تاپشۇرۇپ بېرەلەيدىغان تاۋار بولۇشى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 25 – رەجەب / م. 2024، 6 – فېۋرال

————————————————
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 9/9؛ 37/86 – 88، «كۇۋەيت ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى» نەشرى. ھ. 1404 – 1427؛ «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد12 (2/572) (قرار رقم 107- 1/12)..
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2141)؛ «مۇسلىم»، (998).
3. «تىرمىزىي»، (1218). سەنەدى زەئىف. ھەسەن دەپمۇ قارالغان.
4. «بۇخارىي»، «سودا – سېتىقلار بۆلۈمى»، «كىمئاشتى سودىسى بابى».
5. ئىبنى ئەبى شەيبە (20568 – 20576).
6. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 18/6.
7. قرار رقم: 73 (8/4) بشأن عقد المزايدة. مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره الثامن ببندر سيري بيجوان، بروناي دار السلام من 1-7 محرم 1414هـ الموافق 21-27 حزيران (يونيو) 1993م.

Please follow and like us: