سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئىككى ئاياللىق تۇرمۇشتىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆينىڭ خىراجىتى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ تۇرمۇش پۇلى جان سانىغا قاراپ بولامدۇ ياكى ئوخشاش بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەر كىشىگە مەلۇم شارائىتتا مەلۇم شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا، بىرلا ۋاقىتتا تۆتكە قەدەر خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ۋە تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە شارائىتلاردا ئەمەلىي تەتبىقلىنىشقا ماس بولغانلىقىدىندۇر. بۇ شەرتلەر ئۇ ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئالماقچى بولغان ئەر كىشى بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلالىشى كېرەك. بولمىسا، بىردىن ئارتۇق ئېلىشى چەكلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرلا خوتۇن ياكى ئىگە بولغان چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار، بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 3).
ئەر كىشىگە ئاياللىرىنىڭ يېشى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قولىدىن كېلىدىغان ئادىللىقنى تولۇق قىلشى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولغاندىن سىرت، نۆۋەت بىلەن قونۇش، تۇرالغۇ، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك نەپىقەسى (تۇرمۇش خىراجىتى) قاتارلىق ئىشلاردا، تاقىتى ۋە ئىمكانىيىتى يەتسىلا، تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋاجىب ۋە قۇربى يېتىپ تۇرۇپ ئادىل بولمىسا، گۇناھكار بولىدۇ. مۇنۇ ھەدىس شەرىفتىكى ئومۇملۇقمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى بىر تەرەپكە مايىل ھالدا كېلىدۇ» دېگەن(1).
بۇ ئىشلاردا تەڭ مۇئامىلە قىلىنمىغان ئايالنىڭ ئېتىراز قىلىش ھەققى بولغىنىدەك، بۇ سەۋەبتىن ئۆيى بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولسا، مەۋجۇد ئەھۋالغا رازى بولۇپ كېلىشىش ھەققىمۇ بار. بۇ سۈلھ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا﴾(4/«نىساﺋ»: 128) دېگەن ئايەتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىر ئەرنىڭ قولىدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشنى خاھلىماي، تالاق قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئايال ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئايالى ئۇنىڭغا: ‹مېنى نىكاھىڭدا ساقلاپ قېلىپ باشقا بىرىنى ئال. نەپىقە بەرمىسەڭمۇ، كۈن تەقسىم قىلمىساڭمۇ سەندىن رازى› دەيدۇ. بۇنداق سۈلھ قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتى يول قويغاندۇر: ﴿ئۆزئارا سۈلھ قىلىشسا، ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، سۈلھ قىلىش خەيرلىكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 128)».(2)
ئالىملاردىن: «ھەر بىر ئايالىغا ئۆي ۋە يېتەرلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى قىلىپ بەرسە، بۇ ئىككى ئىشتا ئاياللىرى ئارا تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋاجىب ئەمەس، مۇستەھەب» دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. لېكىن، «ۋاجىب» دېگەن قاراش كۈچلۈك. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ(3). ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز – ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند – نەسىھەت قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 90)، ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 19) دېگەن ئايەتلىرىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
«ئالتۇن زىبۇزىننەتكە ئوخشىغان قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى ئېلىپ بېرىش، ھەج ۋە ئۆمرەگە ئاپىرىش، سەپەر ۋە ساياھەت قىلدۇرۇش» دېگەندەك ئالاھىدە ئىشلاردىمۇ تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن باشلاشتا ياكى قايسىسىنى تاللاشتا چەك تاشلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا چەك تاشلايتتى. چەك ئۇلاردىن كىمگە چىقسا، شۇنى بىللە ئېلىپ چىقاتتى. ھەربىر ئايالىغا بىر كېچە – كۈندۈزدىن بىللە تۇرۇشقا تەقسىم قىلاتتى. پەقەتلا سەۋدە بىنتى زەمئە ئۆزىنىڭ نۆۋەت كۈنى بىلەن كېچىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەگە بېرىۋەتكەن ئىدى»(4).
پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە كەلسەك، ئەر ئۆز ئىمكانىيىتىگە قاراپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەربىرىگە يېتەرلىك خىراجەتنى قىلىپ بېرىدۇ. بۇ خىراجەتتە ھەممە بالىغا تەڭ قىلىپ بېرىشى شەرت ئەمەس. چۈنكى، بوۋاققا كېتىدىغان خىراجەت چوڭ بالىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. داۋالىنىش، مەكتەپتە ئوقۇش ۋە باشقا چىقىملار ئېھتىياجغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي. بىر بالىسىغا مەكتەپ ئېھتىياجى تۈپەيلى كومپيۇتېر ئېلىپ بەرسە، ھەممىسىگە ئوخشاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. بىرىنىڭ تويىغا چىقىم قىلسا، ئوخشاش مەبلەغنى تويى بولمىغانلارغا بېرىشى كېرەك ئەمەس. ئەمما، بىر ياكى بىرقانچە ئايالىدىن بولغان بىرنەچچە بالا ئوخشاش ئەھۋالدا ۋە ئوخشاش ئېھتىياجدا بولسا، ئۇلارغا تەڭ خىراجەت قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاياللىرىغا بېرىدىغان نەپىقە ئاياللارنىڭ بالىلىرىنىڭ سانىغا ۋە ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايالىدىن 4 چوڭ بالا، يەنە بىرىدىن بىر بوۋاق بالىسى بولسا، ئۇ ئىككى ئايالغا بالىلار خىراجىتى ئۈچۈن تەڭ پۇل بېرىشى كېرەك ئەمەس. ئەكسىچە، ھەممە بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قامدىشى شەرت. ئەمما، ئاياللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خىراجىتى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، تەڭ – باراۋەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، بىرەر بالىسىنىڭ تويىنى قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرسە، باشقىلىرىنىڭ تويىنى قىلغاندىمۇ ئۇلارغا ئۆي ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بالىلارغا خاس مۈلك – ھەدىيە ئېلىپ بېرىشتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. يەنى ئادەتتىكى ئېھتىياجدىن سىرت بىرەر بالىسىغا ئالاھىدە مۈلك ئېلىپ بەرگەندە، چوقۇم پەرزەنتلەرگە تەڭ مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەرزەنتلەرئارا ئاداۋەت ۋە ھەسەتمۇ ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارغا تەڭ مۇئامىلە قىلىش ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن بۇ خىل ئىللەتلەرنى يوقىتىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى چىڭىتىدۇ.
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېگەنكى: «ئانام ئاتامدىن بىر قىسىم مېلىنى ماڭا ھىبە قىلىپ بېرىشنى سورىغان ئىدى. ئاتام دەسلىپىدە ئۇنىمىغان بولسىمۇ، كېيىن بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنى ماڭا ھىبە قىلىپ بەردى. ئانام: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گۇۋاھلاتمىغىچە رازى بولمايمەن› دەپ تۇرۇۋالدى، بۇ چاغدا مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاتام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپ:
— بۇ بالىنىڭ ئانىسى بىنتى راۋاھە بىر قىسىم مېلىمنى بۇ بالىغا ھىبە قىلىپ بېرىشىمنى سورىدى، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— بۇنىڭدىن باشقا بالاڭ بارمۇ؟ — دېدى. ئاتام:
— ھەئە، بار، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ناھەق ئىشقا مېنى گۇۋاھ قىلمىغىن! — دېدى»(5).
بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئاتام ماڭا بىر قۇل سوۋغا قىلغان ئىدى، (ئانام) ئەمرە بىنتى راۋاھە:
— سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گۇۋاھ قىلمىغۇچە رازى بولمايمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— مەن ئەمرە بىنتى راۋاھەدىن بولغان ئوغلۇمغا بىر قۇل بەرگەن ئىدىم. ئايالىم سىلىنى گۇۋاھ قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، يا رەسۇلەللاھ! — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:
— باشقا بالىلىرىڭغىمۇ ئوخشاش بەردىڭمۇ؟ — دېدى. ئۇ:
— ياق، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولۇڭلار! — دېدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ قايتىپ بېرىپ بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالدى»(6).
شۇڭا، كىشى ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
ئەرنىڭ ئۈستىگە ئۆگەي بالىسىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشى ۋاجىب ئەمەس. بەلكى، ئەجىر ئالىدىغان خەير – ئېھسان دائىرەسىدىدۇر. شۇڭا، ئۇنىمۇ ئۆز بالىلىرىدىن ئايرىماي چوڭ قىلىشى پەزىلەت ۋە مۇرۇۋۋەت ئەھلىگە لايىق ئېھساندۇر. ئۆگەي بالا ئاتىسى ۋاپات بولغان يېتىم بولسا تېخىمۇ شۇنداق.
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى جەننەتى ئەمەللەر قاتارىدا مۇنداق مەدھىيەلىگەندۇر: ﴿ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە شۈكۈر تەلەپ قىلمايمىز. شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»﴾(76/«ئىنسان»: 8، 9).
سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹يېتىم بالىنى بېقىپ خەبەر ئالغۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇنداق› دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئازغىنە كېرىپ ئىشارەت قىلدى»(7).
دېمەك، ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆرسەتمىسى ۋە ساغلام ئەقىل تەقەززاسى بويىچە ئىمكانىيىتى ۋە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئاياللار ۋە بالىلار ئوتتۇرىدا مۇۋاپىق رەۋىشتە ئادىللىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەكسىچە زۇلۇم ۋە پەرقلىق مۇئامىلە چەكلىنىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 4 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2023، 18 – نويابىر
1. «ئەھمەد»، (7923)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1825)؛ «تىرمىزىي»، (1141)؛ «نەسائىي»، (8890). ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8/37): «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (5206)؛ «مۇسلىم»، (3021).
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/166؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32/270؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/151؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/186.
4. «بۇخارىي»، (2593).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2650)؛ «مۇسلىم»، (1623).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2587)؛ «مۇسلىم»، (1623).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (5304)؛ «مۇسلىم»، (2983).