كالتە ئىشتان ۋە ئاسما مايكا بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

كالتە ئىشتان ۋە ئاسما مايكا بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئەۋرەتنى ياپقۇدەك كالتە ئىشتان (ئۇزۇنراق كۇسار) ۋە ئاسما مايكا بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ناماز ئوقۇش بەندىنىڭ پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا تەكبىر، تىلاۋەت، تەسبىھلەر ۋە رۇكۇ – سەجدىلەر بىلەن قۇللۇق ئىزھار قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن تاھارەت، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە ئەۋرەتنى يۆگەش تەلەپ قىلىنغان. ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر مەسجىدتە زىننەتلىنىڭلار﴾(7/«ئەئراف»: 31) دېگەن.

مۇفەسسىرلەر ئايەتتىكى «زىننەتلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى: «ئاللاھنىڭ بەيتىگە ئىبادەت ئۈچۈن ھەر قېتىم كىرگىنىڭلاردا ئەۋرىتىڭلارنى يۆگەڭلار» دەپ تەفسىرلىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئايەت «ئەۋرەتنى يۆگەش» دېگەن مەنىدىن سىرت «ياسىنىش» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. يەنى پەقەت ئەۋرەتنى يۆگەشلا ئەمەس، بەلكى ئەۋرەتنى يۆگىگەننىڭ سىرتىدا «چىرايلىق كىيىنىش، ياسىنىش» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئۇشبۇ ئايەت ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىدىكى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، نامازغا ئەۋرەتنى يۆگەش پەرز بولسا، ھەر نامازغا، بولۇپمۇ جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىغا زىننەتلىنىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ياسىنىش، خۇشبۇي ۋە مىسۋاك ئىشلىتىش مۇستەھەب بولىدۇ(1).

نامازدا ئەۋرەتنى يۆگەش پەرز بولۇش بىلەن بىرگە نامازنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر، شۇڭلاشقا كىيىم بار تۇرۇپ يالىڭاچ ئوقۇلغان ناماز ھېساب بولمايدۇ.

ئەر كىشىنىڭ ئەرلىك ئەزاسى ۋە ساغرا/كاسسىسىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىدە پۈتكۈل ئالىملار بىردەك قاراشتا. ئەمما، كىندىك، يوتا، تىز قاتارلىقلارنىڭ ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرىش – كىرمەسلىكىدە فۇقاھائلار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بار. تۆت مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا «كىندىك بىلەن تىز ئارىلىقى ئەۋرەت» دەپ قارىلىدۇ(2).

ھەنەفىي مەزھەبتە ئەر كىشىنىڭ ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان يېرى كىندىكىنىڭ ئاستىدىن باشلاپ تىزىنىڭ ئاستىغىچە، كىندىكنىڭ ئۆزى ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمما، تىز ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەر كىشى تىزنى تولۇق يۆگەيدىغان كالتە ئىشتان (ئۇزۇن كۇسار) بىلەن ناماز ئوقۇسا، ئەۋرەتنى يۆگەشتىن ئىبارەت پەرز ئادا بولىدۇ. تىزى ۋە يوتىسى كۆرۈنۈپ قالىدىغان كالتە، يىرتىق ئىشتانلاردا ناماز توغرا بولمايدۇ. بۇنداق ئىشتانلار بىلەن سىرتقا چىقىشقىمۇ بولمايدۇ(3).

شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى، بىلەك ۋە مۈرە ئوچۇق قالىدىغان كالتە يەڭ مايكا ۋە ئاسما مايكىلار بىلەن تىزنى يۆگەيدىغان كالتە ئىشتان كىيگەن ھالدا ناماز ئوقۇش جائىز بولسىمۇ ئەۋزەلنى تەرك قىلغانلىق بولىدۇ. مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز دېگەنلەرمۇ بار. بىرقۇر كىيىم تېپىلمىسا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئەۋرەتنىلا يۆگەپ ئوقۇش جائىز. بىرقۇر كىيىم بار ئەھۋالدا مۈرىسىنى، بىلەكلىرىنى، تىزىنىڭ ئاستىنى ۋە پاقالچىقىنى يۆگەپ، چىرايلىق كىيىنىپ، ياسىنىپ ئوقۇش ئەۋزەل. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىسىدە: «قايسىڭلار ناماز ئوقۇسا بىرقۇر كىيىمىنى كىيسۇن، چۈنكى ئاللاھ زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ھەقلىق» دېگەن(4).

ئەلبەتتە، يالغۇز ياكى ئۆيدە ئوقۇلغان نامازدا بۇ ھەقتە ئازادىچىلىك بولسىمۇ، ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بۇيرۇلغان زىننەتلىنىش ئەمرىگە ئاساسەن، مەسجىد ۋە جامائەتلەردە ناماز ئوقۇغاندا كالتە ئىشتان كىيمەسلىك كېرەك.

بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «بىرلا ئىزار (بەل ئاستىنى يۆگەيدىغان كىيىم) دا ناماز ئوقۇش كۆڭلى قارا كىشىلەرنىڭ قىلىقىدۇر. بىر پارچە رەختكە تولۇق ئورىنىپ ئوقۇش كۆڭلى قارىلىقتىن يىراق. ئىزار بىلەن رىدا (يەنى بىرقۇر كىيىم) دا ناماز ئوقۇش ئېسىل زاتلارنىڭ ئەخلاقىدۇر» دېگەن(5).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

 

‪ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 22 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 6 – نويابىر


1. ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم)»، 3/406.
2. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 31/50، .
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/50.
4. تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت»، (9368). ئالبانىي: «سەھىھ»، دېگەن.
5. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1/89.

Please follow and like us: