كافىرلارنىڭ بايراملىرىدىكى ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى

كافىرلارنىڭ بايراملىرىدىكى ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى، ماڭا كىرىسمەس سوۋغىتى بەردى، خاتىرە دەپتەر ۋە قەلەمكەن. مەن يۈزىدە رەت قىلالمايمەن، قوبۇل قىلدىم، ئەمما تېخى ئىشلەتمىدىم. شۇڭا، مېنىڭ قوبۇل قىلغىنىم گۇناھ بولامدۇ، بۇ دەپتەر – قەلەمنى ئىشلىتىشىم دۇرۇسمۇ؟

يەنە بىر سوئال: خرىستىيان ياكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي بايرىمىدا بىزگە سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىرى (تاتلىق تۈرۈم، شاكىلات… قاتارلىقلار) نى يېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشرىكلەردىن ۋە كافىرلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (ئايالى) سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ بىر پادىشاھ – ياكى زالىم – بار بىر شەھەرگە كىردى. كېيىن پادىشاھ: ‹سارەگە ھاجەرنى بېرىڭلار› دەپ بۇيرۇدى». يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر يەھۇدىي ئايال نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلىك قوي گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يېدى». يەنە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «ئەيلە ھۆكۈمدارى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئاق قېچىر ھەدىيە قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەردى». يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «دۇمە پادىشاھى ئۇكەيدىر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە (بىر يىپەك تون) ھەدىيە بەرگەن».

ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، چاچلىرى چۇۋۇق، ئۇزۇنتۇرا بىر مۇشرىك قوي ھەيدەپ كەلدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قوي سېتىلامدۇ ياكى ھەقسىز بېرىلەمدۇ (ياكى ھىبە قىلىنامدۇ)؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ياق، سېتىلىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن بىر قوي سېتىۋالدى»(1).

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، نورۇز، روژدېستۋوا ۋە مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك كافىر مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدا ئۇلارغا ھەدىيە بېرىش جائىز بولمىسىمۇ، كافىرلارنىڭ چوشقا گۆشى، شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى، ياكى ھاراق – شاراب ۋەياكى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس شام، ئارچىغا ئوخشىغان نەرسە – كېرەكلەر ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى (ئاتەشپەرەست) كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان(2). ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەست قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن(3). ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەست قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئەبۇ بەرزەگە ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى(4). يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق»(5).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2023، 24 – دېكابىر


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1481، 2216، 2217، 2617)؛ مۇسلىم (1392، 2056، 2190، 2371، 2469).
2. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (19335). ئىبنى تەيمىييە: («ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – ج، 514 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى ئەبى شەيبە (24856).
4. ئىبنى ئەبى شەيبە (24857).
5. ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2 – ج، 51 -، 52 – بەت.

ئاۋازلىق نۇسخىسى: