سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەبرىستانلىققا گۈل ئېلىپ چىقىش، گۈل ياكى ئۆسۈملۈك تىكىش قاتارلىقلار ھاراممۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قەبرنى زىيارەت قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئەسلىدە مۇباھ بولغان قەبرگە ھۆل شاخنى قويۇش ياكى تىكىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن «مۇستەھەب» دەپ قارالغاندۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ – ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻛﻜﻪ – ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺭﻣﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻗﻪﺑﺮلىرىدە ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئىككىسى ئاﺯﺍبلىنىۋﺍتىدﯗ، (لېكىن) چوﯓ گۇناھ سەﯞﻩبىدىن ئاﺯﺍﺏ چېكىشىۋﺍتقىنى يوﻕ› ﺩﻩﭖ بولۇﭖ، ئاندىن: ‹ياق! (ھەقىقەتەن بۇ چوڭ گۇناھتۇر) ئۆز ۋاقتىدا ئىككىسىنىڭ بىرﻯ سۈيدﯛكىدىن ساقلانمايتتى، يەنە بىرﻯ بولسا سۇخەنچىلىك قىلاتتى›(1) ﺩېدﻯ. ئاندىن خوﺭما ﺩﻩﺭىخىنىڭ بىر شېخىنى ئەكەلدﯛﺭﯛﭖ سۇندۇرۇپ، ھەﺭ قەبرگە بىرﺩىن سانجىپ قويدﻯ.
— ئى ﺭﻩسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈﻥ بۇندﺍﻕ قىلدىلا؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىلىۋىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھ دېدىكى:
— بۇ شاخلاﺭ قۇرۇپ قالمىسىلا – ياكى قۇﺭﯗﭖ قالغانغا قەﺩﻩﺭ – ئۇﻻﺭنىڭ ئاﺯﺍبى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن»(2).
يەنە بىر ئۇزۇن ھەدىستە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى كەڭ بىر ۋادىدىكى ئىككى تۈپ دەرەختىن ئىككى تال شاخ كېسىپ، ئىككى قەبرىگە بىردىن تىكىپ قويۇشقا بۇيرۇغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ‹مەن ئۇ يەردە ئىچىدىكىلەر ئازابلىنىۋاتقان ئىككى قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. ئۇلارنىڭ (سەن تىككەن) ھۆل شاخلار قۇرۇپ كەتكۈچە بولسىمۇ مېىنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئارام تېپىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم› دەپ چۈشەندۈرگەن»(3).
ئۈچىنچى بىر ۋەقەلىكنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: ‹ماڭا ئىككى تال خورما شېخى ئېلىپ كېلىڭلار› دەپ بۇيرۇپ، بىر تالنى قەبرنىڭ بېشى تەرىپىگە، يەنە بىر تالنى ئاياغ تەرىپىگە سانجىدى.
— ئى ئاللاھنىڭ نەبىيسى! بۇنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ — دەپ سورالغىنىدا:
— بۇ ئىككى شاختا ھۆللۈك بولسىلا، ئۇنىڭ بىر قىسىم قەبر ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەن(4).
يەنە بىر ھەدىستە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتىم، ئۇ زات مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ مېڭىۋاتاتتى. سول تەرىپىدە يەنە بىر كىشى بار ئىدى. توساتتىن ئالدىمىزغا ئىككى قەبر ئۇچرىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھەقىقەتەن ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، (لېكىن) ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺏ چېكىشىۋﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ› ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئاندىن: ‹ياق (ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ)! قېنى قايسىڭلار ماڭا بىر تال خورما شېخى ئېلىپ كېلىدۇ؟› دېدى. بىز (يەنە بىر كىشى) ئىككىمىز بەسلىشىپ بېرىپ باشتا بىر تال شاخنى مەن ئېلىپ كەلگەنىدىم، ئۇنى ئىككى قىلىپ سۇندۇرۇپ، ماۋۇ قەبرگە بىرىنى، ئاۋۇ قەبرگە بىرىنى تاشلاپ قويدى ۋە: ‹بۇ ئىككى تال شاخ سۇنۇقى ھۆللا تۇرىدىكەن، (قەبردە ياتقان) ئىككىسىگە (ئازاب) يەڭگىللىتىلىدۇ. ئۇلار سۈيدۈك بىلەن سۇخەنچىلىك سەۋەبىدىن ئازابلىنىۋېتىپتۇ› دېدى»(5).
بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھۆل شاخلا تىلغا ئېلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتى قوشۇپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى بىر ۋەقەلىك بولماستىن، بەلكى ئايرىم – ئايرىم ۋەقەلىكلەردۇر(6).
بۇرەيدە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قەبرسىگە ئىككى تال خورما شېخىنى قويۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان(7). ئەبۇ بەرزە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ(8)، تابىئىنلەردىن ئەبۇل ئالىيەمۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىلغان(9).
يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ۋە ساھابەلەرنىڭ ئەتەي قىلغان ۋەسىيەتىگە تايىنىپ، كۆپچىلىك ئالىملار گەرچە قانداق يەڭگىللىتىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار تەپسىلاتنى ئېنىق بېكىتەلمىگەن بولسىمۇ: «بۇ جىرىم ۋە گىياھلار قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتچە قەبر ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ جىرىم تىكىش ياكى ھۆل شاخ سانجىپ قويۇش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا مۇستەھەب ئىشتۇر» دەپ قارىغان. مەسىلەن:
ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «قەبرگە خۇشبۇي گۈل – گىياھلارنى قويۇش مۇستەھەب، گۈلنىڭ پۇلىنى سەدىقە بەرسە تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن(10). بۇنىڭغا ئاساسەن، مەيلى تېرىلغان ياكى تىكىلگەن بولسۇن، ياكى ئۆزى ئۈنۈپ قالغان بولسۇن، ھۆل ئوت – چۆپ ۋە گۈل – گىياھلارنى يۇلۇۋېتىش قەبردىكى مېيىتنىڭ پايدىلىنىشىنى توسقانلىق جەھەتتىن مەكرۇھ بولىدۇ. قەبرلەردە ئۆسكەن گۈل – گىياھلارنى يۇلۇۋېتىشمۇ مەكرۇھتۇر(11).
ئىمام قۇرتۇبىي، نەۋەۋىي، ئىبنى ھەجەر ۋە سۇيۇتىيلەر: «ئالىملىرىمىز ئېيتتىلەركى: ‹مەزكۇر ھەدىستىن قەبرگە دەل – دەرەخ تىكىشنىڭ مۇستەھەبلىكى مەلۇم بولىدۇ› دېگەن»(12).
شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى يەنە: «ئۆلىمالار قەبرگە ئىككى تال خورما شېخىنى سانجىشتىن قەبرگە دەرەخ ۋە خۇشبۇي گۈل – گىياھلارنى تىكىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى يەكۈنلىگەن. پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن قەبرگە ھۆل خورما شېخىنى قويۇش سۈننەت بولىدۇ. مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەنەدى سەھىھ، يەنە ئۇ شاخنىڭ تەسبىھىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ ئازابى يەڭگىللىتىلىدۇ. چۈنكى، ھۆل شاختا ھاياتلىق بولغاچقا، ئۇنىڭكى قۇرۇق شاخنىڭ تەسبىھىدىن ياخشى. قەبرگە قويۇش ئادەتلىنىپ كەلگەن خۇشبۇي گۈل – گىياھ ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى قويۇش بۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ» دېگەن(13).
ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: «ھەدىسكە ئاساسەن، قەبرنى زىيارەت قىلغۇچىنىڭ قەبرگە بىرەر تال ھۆل خورما شېخىنى قويۇپ بولسىمۇ مەرھۇمنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتكۈچى ئىشنى قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ۋەسىيەت قىلغان. باشقا نەرسىلەرنى تىكىشمۇ قىياسەن ئوخشاش مەنىدە. بىر قىسىم ئالىملار بۇنى توغرا تاپمىغان» دېگەن(14).
دېمەك، ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىدە پەرقلىق قاراشتىدۇر. كۆپچىلىك بۇنى مۇستەھەب دەپ قارىسا، بىر قىسىم ئالىملار: «شاپائەتنى تىلغا ئالغان ھەدىسكە ئاساسەن، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس بىر ئىش ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى مەكرۇھ (ياكى بىدئەت ۋە ھەتتا ھارام)» دەپ قارىغان.
ئالىملار خورما شېخىنى تىكىش ياكى قويۇپ قويۇشنىڭ قەبر ئازابىنى قايسى جەھەتتىن يەڭگىللىتىدىغانلىقى ھەققىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى»، «دۇئاسى»، «قولىنىڭ بەرىكىتى»، «ھۆل شاخنىڭ تەسبىھ ئېيتىشىنىڭ بەرىكىتى» دېگەندەك تۈرلۈك تەھلىللەرنى قىلىشقان. لېكىن، ئۇ زاتنىڭ شاخنى سانجىشقا باشقىلارنى بۇيرۇغانلىقى «رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنىڭ بەرىكىتى» دېگەن تەھلىلنى رەت قىلىدۇ. يەنە «قەبردىكىلەر ئازابلىنىۋاتامدۇ – يوق؟ بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىي ئارقىلىق بىلگەن، بىز بىلەلمەيمىز» دېگەن قاراش «بىزنىڭ مەرھۇم ئازابلىنىۋاتامدۇ – يوق، بىلمىگەنلىكىمىز ‹ئۇ ئازابلىنىپ قالسا، ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان ئىشقا سەۋەب قىلساق بولمايدۇ› دېگەنلىك ئەمەس. بۇ بىزنىڭ مەرھۇمغا رەھىم قىلىندىمۇ – يوق؟ بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭغا رەھمەت تىلىسەك بولغىنىغا ئوخشايدۇ» دەپ رەت قىلىنغان. بۇ ئىشنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئىش دەپ چۈشەنمىگەن ۋە ئۇ زاتنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز قەبرسىگە ئىككى تال خورما شېخى قويۇپ قويۇلۇشىنى ۋەسىيەت قىلغانىكەن، ئەگىشىشىمىزگە باشقىلاردىن ئۇ زات ئەڭ لايىقتۇر. ئىمام بۇخارىينىڭمۇ بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى «قەبرگە شاخنى قويسا بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ(15).
بۇنى چەكلىگەن ھازىرقى زاماندىكى بەزىلەر: «بۇ قەبرنى زىننەتلىگەنلىكتۇر، قەبرنى زىننەتلەش زىيارەتنىڭ ئاخىرەت ۋە ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن ئىبارەت ھېكمىتىگە ماس كەلمەيدۇ، شۇنداقلا يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلارغا ئوخشىۋېلىش بولىدۇ» دېگەن(16).
تۆت مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرىقى نەقىللەردىن شۇنداقلا مۆتىۋەر ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن قەبرگە يېشىللىق قويۇش / تىكىش ئادىتى ئىسلام دىيارلىرىدا قەدىمدىن بار ئادەت ئىكەنلىكى، ئۇنى مۇستەھەب دەپ قارىغان ئالىملار ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ئاممىنىڭ ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئەگىشىشنى ئاساس قىلغانلىقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالغا قاراپلا بۇنى «غەربلىكلەرنىڭ ئادىتى، خرىستىيانلارغا ئوخشىۋېلىش» دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئانچە توغرا ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
شۇڭا، بۇ ئىشتا نىيەت مۇھىم. غەربلىكلەرنى دوراپ ئەمەس، يۇقىرىقى ھەدىسكە، ئەسھابنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىغا ئەگىشىش نۇقتىسىدىن ئىسراپ قىلمىغان ۋە قەبرنى ئالاھىدە ياساپ، زىننەتلىمىگەن ئاساستا قەبرگە جىرىم ۋە گۈل – گىياھ تىكسە بولىدۇ. بۇنىڭغا قىياسەن، قەبرگە گۈل قويۇش ۋە بىرنەرسە تېرىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ مۇھىتنى كۆركەم ۋە ساغلام قىلىش ۋە زىيارەتچىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بولۇشتىن باشقا: «قايسىبىر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر زىرائەت تېرىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر قۇش ياكى ئىنسان ۋەياكى ھايۋان يەيدىكەن، شۇ ئىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا سەدىقە ساۋابى بولىدۇ»(17) دېگەن ھەدىستە كەلگىنىدەك، بۇ ئىش مەرھۇمغا ۋە قىلغۇچىغا سەدىقە بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ ھەقتە بىرەر چەكلىمە كەلگەنمۇ ئەمەس. ئەسھابى كىراممۇ بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئېتىراز قىلمىغان.
ئاخىرىدا بىز مېيىتكە پايدىسى يېتىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن مېيىت ئۈچۈن ياخشى دۇئا – تىلەك، سەدىقە قىلىش، قەرز ۋە ۋەسىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بوينىدىكى ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ھەج قىلىپ قويۇش… قاتارلىقلار بارلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 20 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 4 – نويابىر
1. ئىماﻡ نەﯞﻩﯞىي ﺩﻩيدﯗ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈيدﯛكتىن ساقلانماسلىقنى ‹چوﯓ گۇناھ ئەمەﺱ› ﺩﻩﭖ بولۇﭖ، كېيىن ‹چوﯓ گۇناھ› ﺩېگەﻥ بولغاچقا، ئالىملاﺭ بۇنى مۇندﺍﻕ ئۈﭺ خىل تەئۋىل قىلىشقاﻥ:
1. كىشىلەﺭنىڭ نەزەرىدە چوﯓ گۇناھ ئەمەﺱ، ئەمەلىيەتتە چوﯓ گۇناھ؛
2. سۈيدۈك ۋە سۇخەنچىلىكتىن ساقلىنىش قىيىن ئىش ئەمەﺱ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ساقلانماسلىق چوﯓ گۇناھ؛
3. بۇﻻﺭ چوﯓ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئەمەس.
بۇ ئىككى ئىشنىڭ چوﯓ گۇناھ قاتاﺭىدﺍ بولۇشىنىڭ سەﯞﻩبى شۇكى، سۈيدﯛكتىن ساقلانماسلىق ناماﺯنىڭ بىكاﺭ بولۇﭖ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدﯗ، ئۇندﺍﻕ بولىدىكەﻥ، ساقلانماسلىق ئەلۋەتتە چوﯓ گۇناھ بولىدﯗ. گەﭖ توشۇﭖ سۇخەنچىلىك قىلىپ كىشىلەﺭنىڭ ئاﺭىسىنى بۇﺯﯗشمۇ ھەﻡ قەبىھ گۇناھلاﺭنىڭ ئەﯓ قەبىھلىرىدىندﯗﺭ». ﯞﻩللاھۇ ئەئلەﻡ. قاراڭ: «ﺳﻪﮪﯩﮭﯘ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺷﻪﺭﮪﻰ»، 1 – ج، 473 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (216)؛ مۇسلىم (292).
3. مۇسلىم (3015).
4. ئەھمەد (9684). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
5. ئەھمەد (20389). ئالبانىي: «ئىسنادى ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
6. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 154 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1 – ج، 320 – بەت.
7. بۇخارىي «جىنازا ئەھكاملىرى بۆلۈمى»، «قەبرىگە خورمىنىڭ ھۆل شېخىنى سانجىپ قويۇش» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى سەئد «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
8. سۇيۇتىي: «شرح الصدور بشرح حال الموتى والقبور»، 305 – بەت.
9. ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا»، (8742).
10. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھىندىستان پەتۋالار مەجمۇئەسى/ ئالەمگىر پەتۋالىرى»، 5 – ج، 351 – بەت.
11. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 245 – بەت.
12. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 10 – ج، 267 – بەت؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1 – ج، 473 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1 – ج، 320 – بەت؛ سۇيۇتىي: «شرح الصدور بشرح حال الموتى والقبور»، 305 – بەت.
13. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي: «پەتۋالار چوڭ توپلىمى»، 2 – ج، 9 – بەت؛ ھەيتەمىي: «تۇھفەتۇلمۇھتاج»، 1 – ج، 434 – بەت.
14. بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 5 – ج، 7 – بەت.
15. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1 – ج، 320 – بەت.
16. شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام: «تەۋزىھۇل ئەھكام»، 3 – ج، 246 – بەت.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2320)؛ مۇسلىم (1553).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

