ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار بىلەن گەپ – سۆزىمىز، ئاڭ – پىكرىمىز بەك بىر يەردىن چىقماي ياكى بەزى مىجەزى ئىتتىك، گەپ – سۆزگە دىققەت قىلالمايدىغان، گەپ قىلسا كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان قېرىنداشلارنى چەكلىۋېتىش (قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىش) نىڭ ئۆزى ئاداۋەت ساقلىغانلىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ چەكلىۋېتىشنىڭ سەۋەبى قەتئىي كۆرۈشمەسلىك ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئاغرىقى سۆزدىن يىراق تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولسا، ئۇ كىشىنى چەكلىۋەتكەنلىك ئاداۋەت ساقلىغانلىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ۋاتساپ، فېيسبوك ۋە ئىنستەگرام كەبى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا بىرەر كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ياكى چەكلەش (بلوكلاش) ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشماسلىقنى، ئۇچۇرلىشىش يولىنى تاقىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

چەكلىۋېتىش ئادەتتە ئاغرىنغانلىقىنى، نارازى بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەش بولۇشى  ياكى زىيانلىق تەشۋىقات، تىل – ھاقارەت ۋە ئۆكتەملىك قاتارلىقلارغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بولۇشى ۋەياكى خاتا چۈشىنىش، ئارتۇقچە نازۇكلۇق بولۇشى مۇمكىن.

ئەھلى ئىمان ئوتتۇرىدا ئۆزئارا سۆيگۈ – مۇھەببەت بولۇشى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ ئەڭ مەھكەم تۇتقىلىرىدىن بولۇپ، مۇسۇلمانلارئارا بۇ سۆيگۈ ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئەھۋالدا ئۆزئارا ئاداۋەت ۋە زىددىيەت يۈز بەرمەسلىكى كېرەك.

لېكىن، كىشى مەلۇم كىشى تەرىپىدىن مۇخاتەب بولۇشتىن ئازار يېسە ياكى بىئارام بولسا ياكى ئاداۋەتلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، يا بولمىسا ئېتىقادىنى بۇلغىۋېتىشتىن ئەنسىرىسە ۋەياكى ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خاھلىمىسا، ئۇ كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر.

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جىمى ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغانكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر دىن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق سالاملاشماي تاشلىۋېتىشى جائىز ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسە، ئالاقىلەشسە، ئۇنىڭ دىنىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۇنىڭ دىنىغا ۋە دۇنيالىقىغا زىيان سالىدىغان، ياكى زىددىيەت، ئاداۋەتنى ئۇلغايتىدىغان ئەھۋاللاردا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا، ئارىلاشماي ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقىنىڭدا، ئۇ خاتالىقلىرىڭغا ئېسىلىۋالىدۇ. توغرا سۆزلىرىڭنى قوبۇل قىلماي دەتالاش قىلىدۇ. نەتىجىدە ئارىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولۇشىدىن ساقلىنالمايسەن، گاھىدا چىرايلىقچە ئالاقىنى ئۈزۈش ئازارغا ئۇچراپ ئارىلىشىشتىن ياخشىدۇر»(1).

ئەلبەتتە، زىيىنى ئېغىر مۇنافىقلار، بۇزۇق ئەقىدە، ئىدىيە تارقاتقۇچىلار، گۇناھ – مەئسىيەتكە تەشۋىق قىلغۇچىلار ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنى، شۇنداقلا قالايمىقان چاقچاق قىلىدىغان نامەھرەم كىشىلەرنى ئالاقىلاشماي تاشلىۋېتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋاجىبتۇر.

بۇ ھەقىقىي دۇنيادىكى ئۇچرىشىپ سالام – سەھەت، باردى – كەلدى قىلىش ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈش ھەققىدە دېيىلگەن ھۆكۈملەر بولۇپ، مادامىكى بۇ خۇسۇستا ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئەلبەتتە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىرسىنى قېتىۋېلىش پەقەتلا ئۇنىڭ دوستلۇقىغا قوشۇلۇش ۋە ئۇنىڭ سەھىپىسىگە ياكى ھېسابىغا ئەگىشىشىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى ھەقىقىي دۇنيادىكى تاشلىۋېتىشتىن ۋە ئارىلاشماسلىقتىن تولىمۇ يەڭگىل دېگىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقى زىيانلىق ئەھۋاللار بولمىغان تەقدىردە، مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا تاشلىۋېتىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدىكى مۇنۇ ئەمرىگە خىلاپتۇر: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ»(2).

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا چەكلىۋېتىش ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا تاشلىۋېتىشكە ئوخشاشمۇ؟ بۇنىڭدا قاراشلار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا چەكلىۋېتىپ، ئۇچراشقاندا سالاملىشىدىغان بولسا، ھەدىستىكى «قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىش» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، «ئۆزئارا تەتۈر قارىشىش» دائىرىسىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، چەكلىۋېتىش پەقەتلا بىئارامچىلىق ۋە ئازارلىنىش ئەھۋاللىرىدىلا بولۇشى مۇناسىپ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

‪ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 17 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 1 – نويابىر


1. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 6/127؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 9/268.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (6064)؛ «مۇسلىم»، (2563). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.

Please follow and like us: