سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بۈگۈن ئائىشە ئانىمىز توغرۇلۇق بىر لېكسىيەدە فاتىمە ئانىمىزنى «جەننەتنىڭ خانىشى» دەپ تەرىپلىگىنىنى ئاڭلىدىم. بىر مەنبەدە فاتىمە ئانىمىزنىڭ رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مىراس خاپىلىقى تۈپەيلى خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گەپ قىلماي تۈگەپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ھەزرىتى ئەلىنىڭمۇ خېلى مەزگىلگىچە خەلىفەگە بەيئەت بەرمىگەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. ئەمما، دىنىمىزدا بىر مۇئمىننىڭ بىر مۇئمىنگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن فاتىمە ئانىمىزنىڭ بۇنداق تەرىپلىنىشىنى ھەدىس بىلەن قانداق باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن؟ ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئىككى دۇنيادا زىيادە قىلسۇن، ئامىن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
پەيغەمبىرىمىز ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى ۋە جىگەرپارىسى ھەزرىتى فاتىمە (ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 11 / م. 604 – 632) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — ئانىسى ھەزرىتى خەدىجەدۇر، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى، ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئانىسى ۋە جەننەتى ئاياللارنىڭ گۈلتاجىسى، «فاتىمەتۇززەھراﺋ» دەپ تونۇلغان زاتتۇر.
پەزىلىتى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «(ئاتام) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ‹جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ – ياكى مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ – گۈلتاجىسى بولۇشقا رازى بولمامسىز؟› دېگەن ئىدى» دېگەن(1). يەنە بىر ھەدىس شەرىفتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «فاتىمە مېنىڭ بىر پارچەمدۇر، كىم ئۇنى خاپا قىلسا، مېنى خاپا قىلغان بولۇر» دېگەن(2).
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىپ، ئۇچراشقىنىدا بۇمۇ تەتۈر قاراپ، ئۇمۇ تەتۈر قاراپ يۈرۈشى ھالال بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپ سالام قىلغىنىدۇر»(3) دېگەن.
«فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گەپ قىلماي تۈگەپ كەتكەن» دېگەن گەپكە كەلسەك، ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن (خەلىفە) ئەبۇبەكرى سىددىقتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قويۇپ كەتكەن، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا ئۇرۇشسىز غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن خەيبەر، فەدەك(4) ۋە مەدىنەدىكى ۋەقفلىرىدە قالدۇرغان مال – مۈلۈكتىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”بىز پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالمايدۇ. قالدۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سەدىقەدۇر“ دېگەن ئىدى› دېگەندە، ھەزرىتى فاتىمە خاپا بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەبۇبەكرىگە گەپ قىلماي ئۆلۈپ كەتتى. فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئالتە ئاي ئۆمۈر كۆردى. فاتىمە ئەبۇبەكرىدىن رەسۇلۇللاھ خەيبەر، فەدەك ۋە مەدىنەدىكى ۋەقفلىرىدە قالدۇرغان مال – مۈلۈكتىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئەبۇبەكرى بۇنىڭغا ئۇنىماي: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغان ئىشتىن ھېچبىرىنى تەرك ئەتمەيمەن. چۈنكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر ئىشىنى (قىلماي) تەرك ئېتىپ، ئېزىپ كېتىشتىن قورقىمەن› دېدى. ئائىشە مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ مەدىنەدىكى سەدىقەسىنى ئۆمەر ئەلى بىلەن ئابباسقا بەردى. خەيبەر بىلەن فەدەكنىڭ مېلىنى ئۆمەر تۇتۇپ قالدى ۋە: ‹بۇ ئىككىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەدىقەسى بولۇپ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدىغان ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلىرى ۋە باشقا جىددىي ئېھتىياجلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇنى خەلىفەلەر باشقۇرىدۇ› دېدى». زۇھرىي: «ئۇ ئىككىسى تا ھازىرغا قەدەر مۇشۇ يوسۇندا سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى(5).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر زېمىنىدىن تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالغان، فەدەكنىڭ جىمى زېمىنى ۋە بەنى نەزىر زېمىنلىرى ئۇرۇشسىزلا غەنىيمەت بولغان ۋە بۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمى بويىچە (59/«ھەشر»: 7) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا تېگىشلىك بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ مال – مۈلۈكتىن ئاياللىرىنىڭ بىر يىللىق خىراجىتىنى ئايرىپ قويۇپ، قالغىنىنى قورال – ياراغ ۋە قوشۇن تەييارلاشقا سەرپ قىلاتتى. ئاشقىنىنى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتەتتى.
بۇ مال – مۈلۈكلەرنى خەلىفە بىر تەرەپ قىلاتتى ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. كېيىنكى ھەزرىتى ئۆمەر، ئوسمان ۋە ھەتتا ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئېرى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ خەلىفە بولغاندىن كېيىن، ئۇ مال – مۈلۈكنى شۇ بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ ماڭغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتقۇزماي ئۆزى جايىغا تارقىتىپ بىرتەرەپ قىلاتتى، ئۇندىن كېيىن ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا بولدى، ئۇندىن كېيىن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا بولدى. بۇ ماللار ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەقفەسىدۇر. يەنى «بۇ مال – مۈلۈك شەخسىي مال – مۈلۈك بولماستىن، دۆلەت رەئىسى ۋە خەلىفە تۇتۇپ جايىغا سەرپ قىلىدىغان دۆلەتنىڭ مېلى»دۇر. شەخسىي مال – مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرمايدۇ.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مىراس سورىغىنىدا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەدىس شەرىف بىلەن قايىل قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى ئاياللىرىمۇ مىراس تەلەپ قىلغاندا، ئوخشاشلا رەت قىلىنغان. ئۇلارمۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ توختاپ قالغان(6).
ئاندىن ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەقف ماللارنى ئۆزى ياكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ باشقۇرۇشىنى سورىغاندا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىمۇ رەت قىلغان. بۇ يەردىكى رەت قىلىش ئۇلارغا تېگىشلىك ھەقلىرىنى بېرىشنى رەت قىلىش ئەمەس، شۇ مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشنى رەت قىلىشتۇر. ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مەرتىۋىسى شۇنچە كاتتا بولسىمۇ، مەئسۇم ئەمەس. ئىنسانچىلىقتا بۇ ئىشقا ئاچچىقى كېلىپ رەنجىپ قالغان ۋە ۋاپات بولغانغا قەدەر قېيىداپ ئالتە ئاي مەدىنە سىرتىدا تۇرغان.
شۇنداقتىمۇ، ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) شەئبىيدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كەلگەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:
— ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرەيمۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، ھەزرىتى ئەلى:
— ماقۇل، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن رازىلىق تەلەپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇ رازى بولۇپ كەتكەن»(7).
بۇ «مۇرسەل» رىۋايەت بولسىمۇ شەئبىيگە قەدەر سەنەدى سەھىھتۇر. بۇنىڭ بىلەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەبۇبەكرى بىلەن گەپلەشمەسلىكىنىڭ جائىزلىق تەرىپى ئايدىڭلىشىدۇ. بەزى ئىماملارمۇ مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گەپ قىلماي تاشلاپ قويۇشى شەرىئەت ھارام قىلغان تاشلىۋېتىش جۈملىسىدىن ئەمەس. چۈنكى، ھەزرىتى فاتىمەگە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەھرەم – نامەھرەم مەسىلىسىدە يات كىشىدۇر. ئۇچرىشىشنى رەت قىلسا، پاراڭلاشمىسا، زىيارەت قىلمىسا بولىدۇ. سالام قىلسا ئىلىك ئالمىغان ئەھۋالمۇ يوق. مۇبادا ئۇچرىشىپ سالام قىلىشمىسىمۇ تاشلىۋېتىشكەن ھېسابلانمايتتى. چۈنكى، يات ئەر بىلەن يات ئايال سالام – سەھەت قىلىشىشى ۋاجىب ئەمەس. ھەزرىتى فاتىمە پەقەتلا بېرىش – كېلىش قىلماي ئۆيىدە ئولتۇرغان. دۈشمەنلىشىپ، ئاداۋەتلىشىپ قالمىغان. ھەزرىتى ئەلىمۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كېسىلىنى بېقىش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئاتىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىلغانغا تەسەللى بەرگەن ئاساستا، كۆڭلىنى ئاياپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بارمىغان. ھەزرىتى فاتىمە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن خەلىفە ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بارغان ۋە بەيئەت قىلغان(8).
فەدەك زېمىنى مىراس بولسا ئىدى، ھەزرىتى فاتىمەلا ئەمەس، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئائىشە بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفسە قاتارلىق مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىمۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئابباسمۇ بۇ زېمىندىن مىراس ئالغان بولاتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۇنى مىراس سۈپىتىدە تەقسىم قىلمىغانلىقىمۇ ئۇ زېمىننىڭ مىراس ئەمەس، ۋەقف ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بولمىسا، بۇ ئىككى خەلىفە ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ مىراسىنى بەرمەي تۇرۇۋالماس ئىدى! دېمەك، بۇ ۋەقەلىك ئىنسانچىلىقتا بولىدىغان كىچىككىنە بىر چۈشىنەلمەسلىك ۋە ئورۇنسىز رەنجىشتىن ئىبارەتتۇر.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەيئەت قىلىشتا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئالتە ئاي كېچىكىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا ئۇ: «ساھابەلەر خەلىفە تىكلەشتە ئالدىراپ كەتتى، ئەسلىدە بۇ ئىشقا مېنىڭمۇ قاتىنىشىشىم ۋە مەسلىھەتىم ئېلىنىشى كېرەك ئىدى» دەپ قارىغان. ساھابە كىراملەر بولسا بۇ ئىشقا ئالدىرىغان ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دەپنە ئىشلىرىدىن پارىغ بولۇشىنى كۈتمەيلا، ئەبۇبەكرىنى خەلىفە تىكلىگەن. ھەزرىتى ئەلى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ ئىشتا قايتا ئويلىنىپ، ئەبۇبەكرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتا كېچىكىشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ ئۆزرە ئېيتقان. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ مىراس بەرمەسلىكتە ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. نەتىجىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە بەيئەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلىش ئالدىدا ئەبۇبەكرىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىپ قالغانلىقى ئەبۇبەكرىگە ھەسەت قىلغانلىق جەھەتتىن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پەزىلەتلەرگە كۆز يۇمغانلىق جەھەتتىن بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بولۇپ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ‹خەلىفەلىك ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىمىز بار› دەپ قاراپتىمىز، ئەبۇبەكرى بىز بىلەن كېڭەشمەستىن خەلىفەلىك ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىمىزدە غۇم پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ئالدىدا بەيئەت قىلغان. بارلىق مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ۋە بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىقتىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن(9).
دېمەك، بۇمۇ بىر خاتا ئويلىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان رەنجىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشى بىلەن بۇ مەسىلە تېزلا ھەل بولۇپ كەتكەن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 16 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 31 – ئۆكتەبىر
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3624)؛ مۇسلىم (2450).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3714)؛ مۇسلىم (2449).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6237)؛ مۇسلىم (2560).
4. فەدەك (فَدَكٌ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىككى – ئۈچ كۈنلۈك (120 كىلومېتىر ئەتراپىدا) يىراقلىقتىكى تۇپرىقى مۇنبەت، بۇلاقلىق بىر ۋاھە بولۇپ، بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەيبەرنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھائىت رايونىدىكى ھائىل ۋىلايىتىگە تەۋەدۇر. ئۇ جايدا پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا يەھۇدىيلەر تۇرىدىغان بولۇپ، ھ. 7 – / م. 629 – يىلى خەيبەر فەتھ قىلىنغان ھامان ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلەر پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان (مُعْجَمُ البُلْدانِ)»، 4 – ج، 238 – بەت.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3092، 3093)؛ مۇسلىم (1759).
6. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 4 – ج، 231 – بەت.
7. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (13113).
8. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6 – ج، 202 – بەت.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4240، 4241)؛ مۇسلىم (1759).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

