بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر

بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»دا بەنى ئىسرائىلنىڭ زېمىندا چوقۇم ئىككى قېتىم چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئايەتلەر بار ئىكەن. بۇ ئىككى قېتىم يۈز بېرىپ بولغانمۇ؟ يۈز بەرگەن بولسا قاچان يۈز بەرگەن؟ ھازىرقى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى ئىككى قېتىمنىڭ بىرى شۇ دېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

پەلەستىن شام دىيارىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، «قۇرئان»دا پەلەستىن ﴿بەرىكەت ئاتا قىلىنغان زېمىن﴾(7/«ئەئراف»: 137)، (17/«ئىسراﺋ»: 1)، (21/«ئەنبىياﺋ»: 71، 81)، (34/«سەبەﺋ»: 18) ۋە ﴿مۇقەددەس زېمىن﴾(5/«مائىدە»: 21) دەپ ئاتالغان ۋە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بۇ يەردە ئۆتكەن.

«قۇرئان»دا بەنى ئىسرائىل(1) ھەققىدىكى بىرقانچە ئايەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالا مەككەدە نازىل قىلغان 17/«ئىسراﺋ» («بەنى ئىسرائىل») سۈرىسىنىڭ تۇنجى ئايەتىدە بەندىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆزىنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى، تۈرلۈك نېئمەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇ زاتنى مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىغا بەرىكەت ئاتا قىلغان مەسجىدى ئەقساغا «ئىسراﺋ» قىلغانلىقى، يەنى كېچىدە مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئىبارەت مۆجىزىۋىي ھادىسىنى بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالانىڭ «ئىسراﺋ»نى تىلغا ئالغاندىن كېيىنلا بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى بايان قىلىشى ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنلىرىغا ئىسلامنىڭ كېڭىيىدىغانلىقى، ئۇ زېمىنلارنىڭ ئىسلامنىڭ ھىمايىسىدە بولۇشى كېرەكلىكى ۋە ئۇشبۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىنىڭ بەيتۇلمەقدىسنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى قىبلە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئىسلام جىمى دىنلارنى ۋە شەرىئەتلەرنى ئاللاھنىڭ دىنى بولغان ئىسلامغا ۋە ئاخىرقى پەيغەمبىرىنىڭ شەرىئىتىگە قايتۇرۇپ، ھەقىقى توغرا يولغا سېلىشنى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇشەررەپ بولۇشىنى كۆزلىگەن.

ئەتراپىغا بەرىكەت ئاتا قىلىنغانلىقى ئۇ مەسجىدنىڭ بەرىكىتىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ ئەتراپقىمۇ يېيىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىكى بەرىكەت بولسا تۇپراق ۋە زىرائەت بەرىكىتىدىن سىرت، ئۇنى بىنا قىلغۇچىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولغانلىقى، ئۇنىڭدا ياشىغان، ناماز ئوقۇغان ۋە دەپنە قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىئراج كېچىسى مەسجىدى ئەقساغا بېرىپ، جىمى پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقى… قاتارلىقلاردۇر.

«مەسجىدى ئەقسا» (الْمَسْجِدُ الأَقْصَى): ئەرەب تىلىدا: «ئەڭ يىراق مەسجىد» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەككەگە يىراق بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ «قۇرئان» ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىمدۇر. چۈنكى، ئەرەبلەر ئۇ مەسجىدنى بۇنداق ئاتىمايتتى. لېكىن، ئۇ كۈنلەردە ئىلاھىي دىنغا تەۋە ئاشۇ ئىككى مەسجىدتىن باشقا مەسجىد يوق بولغاچقا، ئۇلار بۇ ئايەتنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇنىڭ قۇدۇس / ئىيلىيائدىكى مەسجىد ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. مەسجىدكە بۇ ئىسىمنىڭ بېرىلىشىدە يەنە بىر قۇرئانىي مۆجىزە يوشۇرۇنغان. ئۇ بولسىمۇ «ئەڭ يېراق مەسجىد» دەپ ئاتاش ئارقىلىق بۇ ئىككى مەسجىد ئوتتۇرىسىدا مەسجىدى ھەرەمگە نىسبەتەن يەنە بىر «يىراق مەسجىد»نىڭ يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ بولىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاساستا مەسجىدى نەبەۋىي مەككىدىن مۇساپە جەھەتتە يىراق مەسجىد، مەسجىدى ئەقسا بولسا، ئەڭ يىراق مەسجىد بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئايەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدكە ئالاھىدە سەپەر قىلىنمايدۇ: مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدى نەبەۋىي ۋە مەسجىدى ئەقسا» دېگەن(2) ھەدىسىدە بايان قىلغان ئۈچ بۈيۈك مەسجىدنىڭ ھەممىسىگە ئىشارەت قىلغان بولىدۇ(3).

ئاندىن 2 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا مەسجىدى ئەقسادا ۋە ئەتراپىغا بەرىكەت ئاتا قىلغان زېمىندا تۇرۇشقا ئەمر قىلغان بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىدىن كەچۈرىدىغان چوڭ ۋەقەلىكلەرنى، ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇش ۋە تۈزۈلۈش جەريانىنى بايان قىلىشقا ئۆتۈپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى يېتەكلەش ئۈچۈن كىتاب (تەۋرات) نى ئاتا قىلغانلىقتىن ئىبارەت نېئمىتىنى بايان قىلغان ۋە ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقىنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىق، تەۋھىدتە چىڭ تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

3 – ئايەتتە ئۇلارنىڭ كېمىدە شۈكۈر قىلغۇچى بەندە دەپ تەرىپلەنگەن نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كېمىدە توپان بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئىتائەتمەن بەندە (نۇھنىڭ ئوغلى سام) نىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا لايىق بولۇشلىرى كېرەكلىكىنى ئەسلەتكەن.

ئاندىن 4 -، 5 – ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان كىتابتا: «زېمىندا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە بەكلا چوڭچىلىق قىلىسىلەر، بىرىنچىسىنىڭ جازاسى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، جەڭگىۋار بەندىلىرىمىزنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلىپ ئەۋەتىمىزكى، ئۇلار دىيارىڭلار («ئورشەلىم»)نى ئۆيمۇئۆي، كوچىمۇكوچا ئارىلاپ، تاراپ، سىلەرنى تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە قىرىدۇ. بۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىدۇر» دەپ بىلدۈرگەن.

بۇ ئايەتتىكى «كىتاب»تىن ئىلگىرىكى ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان «تەۋرات» بىلەن «تەۋرات»نىڭ قوشۇمچىلىرى ھېسابلىنىدىغان «تاناھ» تىكى ئەشئىياﺋ ۋە ئەرمىياﺋ پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. چۈنكى، ئىككى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئاشۇ پەيغەمبەرنىڭ كىتابلىرىدا كەلگەن(4). دېمەك، بەنى ئىسرائىل كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قېتىم چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كىتابلىرىدىن بىلەتتى. «كىتاب»تىن «لەۋھۇلمەھفۇز» كۆزدە تۇتۇلغان دېگەن تەقدىردە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەن پۈتۈكنى بەنى ئىسرائىلغا «تاناھ»تا ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككى ئېھتىماللىقتىن بىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە توغرا كەلسە، ﴿بەنى ئىسرائىلغا﴾ دېگەن ئىبارە بىلەن ﴿قىلىسىلەر﴾ دېگەندىكى خىتاب ئۇنىڭدىن «لەۋھۇلمەھفۇز» كۆزدە تۇتۇلمىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى «زېمىن» كۈچلۈك قاراشتا پەلەستىننى كۆرسىتىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇزغۇنچىلىقى جازانىنى ۋە ھاراملارنى ھالال قىلىۋېلىش، باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋېلىش، ئەھدۇپەيمانلارنى بۇزۇش، قىرغىنچىلىق قىلىش، زۇلۇم سېلىش، ھەددىدىن ئېشىش، گۇناھ – مەئسىيەت ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق، «تەۋرات»نىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش، «تەۋرات»نى بۇرمىلاش، پەيغەمبەرلىرىگە بويسۇنماسلىق، پەيغەمبەرلىرىنى قەتل قىلىش ۋە ئۇلارغا سۇيىقەست قىلىش، ئەخلاقسىزلىق ۋە زىنا – پاھىشەنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، نۇرغۇن ئۇرۇش – نىزالارنى قوزغاش…

بۇ ئايەت بەنى ئىسرائىل بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ جەڭلەر ۋە كۈرەشلەرگە ئىشارەت قىلىدۇ. 1 – قېتىمقىسى ئۇلار بىلەن بابىللىقلار ئوتتۇرىسىكى جەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، 2 – قېتىمقىسى ئۇلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىكى جەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، 1 – قېتىمقىسى تارىختا «بابىل ئاسارىتى» دەپ ئاتالغان ۋە بابىل پادىشاھى بۇختەنەسسەر (نەبۇكاتنەزەر) نىڭ ئارقىمۇئارقا قىلغان غازاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى غازىتى م. ب 606 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بەنى ئىسرائىلدىن نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالغان. بۇ «1 – ئاسارەت» دەپ ئاتالغان. كېيىن م. ب 598 – يىلى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قايتا ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدا پادىشاھىنى ۋە نۇرغۇنلىغان بەنى ئىسرائىلنى ئەسىر ئالغان ۋە «سۇلايمان ھەيكەلى»دىكى ئالتۇن ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئالغان. بۇ «2 – ئاسارەت» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن بۇختەنەسسەر م. ب 588 – يىلى قايتا دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدا دۆلىتىنىڭ پۈتۈن خەلقىنى ئەسىر ئالغان ۋە «سۇلايمان ھەيكەلى»نى كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئورشەلىم (ئېرۇسالىم) خاراب ھالەتتە قالغان ۋە زېمىندا يەھۇدىيلار قالمىغان. بۇ بىرىنچى قېتىم دائىرىسىدىكى ۋەقەلىكلەردۇر.

يەھۇدىيلارنىڭ «سۇلايمان ھەيكەلى» دەپ ئاتىغىنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى بولۇپ، ھەيكەل يەھۇدىيلارنىڭ ئىستىلاھىدا ئاللاھنىڭ بەيتى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدۇر. بۇ يەردىكى ئىبادەتخانا دېگەن سۆز بىزدىكى «مەسجىد» دېگەن مەنىدە. مەلۇمكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدىن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام زامانىغا قەدەر ئۇلاردا مۇقىم بىر مەسجىد بولمىغان. «ئون ۋەسىيەت لەۋھەلىرى بىر تابۇتقا سېلىنىپ بىر قۇرۇلتاي چېدىرىدا ساقلىناتتى. يەھۇدىيلار قەيەرگە كۆچسە، ئۇنى بىللە كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. كېيىن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام م. ب 965 – 928 – يىللار ئارىسىدىكى پادىشاھلىقى زامانىدا ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدى ۋە بۇ ئىبادەتخانا تارىختا نەچچە قېتىم ۋەيران قىلىندى. ھازىر يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاستىنى قېزىپ شۇ ئىبادەتخانىنى ئىزدەپ يۈرمەكتە.

6 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا كىتابتا بىلدۈرگەن سۆزىنىڭ داۋامىنىڭ مەنىسى: «بۇ قېتىملىق جازالاشتىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن بەنى ئىسرائىل تەۋبە قىلغىنىدا، سىلەرنى دىيارىڭلارغا قايتۇرۇپ، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق ۋە نۇرغۇن قوشۇننى سەپەرۋەر قىلالايدىغان دەرىجىدە سانىڭلارنى بۇرۇنقىدىن ياكى فارسلارنىڭ قولىدا قىرىلىپ ئازايغان دۈشمىنىڭلارنىڭ سانىدىن ئاۋۇتتۇق».

بەنى ئىسرائىل بابىللىقلارنىڭ ئاسارىتىدە 40 ~ 43 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا فارس پادىشاھى كىروسنى بابىل پادىشاھىغا مۇسەللەت قىلغان ۋە ئاخىرقى ئۇرۇشلاردا فارسلار بابىللىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ م. ب 538 – يىلى بابىلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، م. ب 530 – يىلى فارس پادىشاھى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئورشەلىمگە قايتىشىغا ۋە دۆلىتىنى قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن. بەنى ئىسرائىل دۈشمەنلىرى بولمىش بابىللىقلارغا قارشى فارسلارغا ھەمدەمدە بولغانلىقتىن، بۇ قېتىم ئۇلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان بولغان. بۇ غەلىبىمۇ ئەشئىياﺋ ۋە ئەرمىياﺋ پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان(5). ئورشەلىمگە قايتقان بەنى ئىسرائىلغا مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلىنغانلىقى ۋە سانىنىڭ ئاۋۇغانلىقىمۇ ئەرمىياﺋ پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان(6).

7 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا كىتابتا بىلدۈرگەن سۆزىنىڭ داۋامىنىڭ مەنىسى: «سىلەرگە تەۋبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن قايتا پۇرسەت ۋە نېئمەت بېرىپ ئېھسان قىلدۇق، شۇڭا سىلەرمۇ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىتائىتىڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق، ئىسيانكارلىق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىسىلەر ۋە ئىلگىرىكىدەك جازاغا ئۇچرايسىلەر. ئەگەر سىلەر ئىسيانكارلىق قىلىپ، ئاخىرقى قېتىمنىڭ جازاسى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، بەندىلىرىمىزنى سىلەرگە چىرايىڭلارغا چىقىپ كەتكۈدەك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش، مەسجىدى ئەقساغا دەسلەپكى قېتىمقى بەندىلىرىمىز كىرگەندەك بېسىپ كىرىشى ۋە ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى قاتتىق ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن مۇسەللەت قىلىپ ئەۋەتىمىز».

بۇ ئاخىرقى قېتىمدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قايتا ئۈستۈن بولۇشنى ۋەدە قىلماي، پەقەتلا رەھىم قىلىنىشنى كۈتۈشنى تىلغا ئالدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمدىن كېيىن توغرا يولغا قايتىپ پادىشاھلىق تىكلىيەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەدۇر. بۇنىڭدىن ئايان بولىدۇكى، ئاخىرقى قېتىمقى بۇزغۇنچىلىق ۋە بەكلا چوڭچىلىق قىلىش بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىسيانكارلىق قىلىپ پەيغەمبەرلەرنى، سالىھلەرنى قەتل قىلىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ھەۋارىيلىرىغا ئەزىيەت بېرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى مەلاخىي پەيغەمبەر كىتابىنىڭ 3 -، 4 – ئىسھاھلىرىدا ئاگاھلاندۇرغان. زەكەرىيا، يەھيا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارمۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار قۇلاق سالمىغان. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى رىملىقلارنىڭ قولىدا ئەجەللىك جازالىغان.

بۇنىڭ جەريانى شۇكى، يەھۇدىيلار ئورشەلىمگە قايتىپ پادىشاھلىقىنى ۋە مەسجىدىنى قايتا تىكلىگەندىن كېيىن، فارسلارنىڭ نوپۇزى ئاستىدا ئىدى. ئۇلار بۇ ھالەتتە م ب 530 – يىلدىن م ب 330 – يىلغىچە داۋاملاشتى. ئاندىن مىسىر پادىشاھلىرى بولمىش باتالىمولارنىڭ ئورشەلىمگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار زەئىفلىشىپ، م ب 166 – يىلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىردى. بۇ يىلى ئۇلاردىن لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە مىيسىيا ئاتلىق بىر قوماندان يەھۇدىيلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا پادىشاھ بولدى ۋە قالايمىقانچىلىققا تولغان بىر مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پادىشاھ بولۇپ كەلدى. م. ب. 40 – يىلىغا كەلگەندە، يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتى رىملىقلارنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىردى. رىملىقلار يەھۇدىيلاردىن مەشھۇر ھىرودىس قاتارلىق قوماندانلىرىنى ئۇلارغا باش قىلىپ قويغان بولسىمۇ، قوماندانلىرى رىملىقلارغا قارشى ئىسيان قوزغىغان. رىمنىڭ قەيسەرى ۋېسپاسىيانوس بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى تىيتوسنى م. 40 – يىللىرى ئەتراپىدا قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئورشەلىم خاراب بولۇپ، مەسجىد كۆيدۈرۈلدى. تىيتوس 91 ~ 93 مىڭ يەھۇدىينى ئەسىر ئالدى. بۇ ئۇرۇشلاردا يەھۇدىيلاردىن 1 مىليون ئەتراپىدا قىرىلدى. كېيىن ئۇلار شەھەرنى قايتۇرۇپ ئالدى. ئۇ شەھەردە ئازغىنا يەھۇدىيلار قالغان بولسىمۇ، رىم ئىمپېراتورى ھادريانوس م. 135 – يىلى 135 – يىلى ئۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، خارابەلىككە ئايلاندۇردى. زېمىنلىرىغا تۇز چېچىپ گىياھ ئۈنمەس قىلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار تۈگەشتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتتى. ئورشەلىم پەقەتلا خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار ھ. 16/ م. 637 – يىلى ئاھالىسى بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇنى فەتھ قىلغاندىلا ئاندىن رىملىقلارنىڭ قولىدىن مۇسۇلمانلارغا ئۆتتى. ئۇ كۈنلەردە قۇدۇس شەھرى «ئىيلىياﺋ» دەپ ئاتىلاتتى(7).

8 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا كىتابتا بىلدۈرگەن سۆزىنىڭ داۋامىنىڭ مەنىسى: «بۇ ئاخىرقى قېتىمدىن كېيىن سىلەردە خار – زەبۇنلۇق داۋاملىشىدۇ. قاچانكى، ئىبرەت ئېلىپ ھوشىڭلارنى تاپساڭلار، بۇزغۇنچىلىقنى بولدى قىلىپ، تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا كىرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بىلەن رەھىم قىلىدۇ ۋە ئىسلام دۆلىتىدە خاتىرجەم ۋە تىنچ ياشايسىلەر. مۇبادا سىلەر بۇزغۇنچىلىققا قايتساڭلار، قانۇنىيەت بويىچە جازالىنىسىلەر. بىزمۇ سىلەرنى ئاخىرەتتىن بۇرۇن بۇدۇنيادا تەكرار ئەدەبلەشكە باشلايمىز. ئاخىرەتتە بولسا جەھەننەمنى جىمى كافىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق».

دېمەك، ئۇلارنى دۇنيادا جازالاش كۇفۇر ئۈچۈنلا بولمىغان، بەلكى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە شەرىئەت سىزىقىدىن چىقىپ كېتىش قاتارلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ بولغان.

بۇ خىتابتىكى قانۇنىيەت بەنى ئىسرائىلغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاب ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بېكىتىلگەن بىر قانۇنىيەت دېيىشكە ھەم بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قىسسەلەرنىڭ ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاب قۇرئاندا بايان قىلىنىشىدىن مەقسەت، مۇسۇلمانلارنى بەنى ئىسرائىل سادىر قىلغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، تارىختىن ئىبرەت ۋە ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

ئۇنداقتا بەنى ئىسرائىل بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە بەكلا چوڭچىلىق قىلىدىغان ئىككى قېتىم زادى قايسى؟

بۇلار ھەققىدە تۈرلۈك تەفسىر ۋە قاراشلار بار. يۇقىرىدا بىر قاراش بايان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇفەسسىرلەردىن بىرىنچى قېتىمقىسىنى ئەشئىيانى ئۆلتۈرۈش، ئەرمىيانى تۈرمىگە قاماش، تەۋراتقا خىلاپلىق قىلىش، زەكەرىييا ياكى شىئيا ئەلەيھىسسالاملارنى ئۆلتۈرۈش، يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بولۇپ، ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىنغان كۈچلۈك بەندىلەر جالۇت، سابۇر، پېرسىيە قوشۇنلىرى، بابىل قوشۇنلىرى، دەپ تەفسىر قىلغانلار بولغان. بەزىلەر: «بىرىنچىسى جالۇت، ئىككىنچىسى بۇختەنەسسەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بىرىنچىسى سەنھارىب» دەپمۇ تەفسىرلىگەن(8). بۇلار ھەممىسى ئىسرائىلىييات(9) بولۇپ، قۇرئاندا بىرەر ئايەتتە ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە بۇ كۈچلۈك بەندىلەرنىڭ ئېنىق كىملەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. بۇ ئۇلارنى بىلىشنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكى، مۇھىمى ئىبرەت ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەتنى بايان قىلىش ئىكەنلىكىدىندۇر.

ئومۇمەن، ئىلگىرىكى مۇفەسسىرلەر ئىككى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۇنىڭ جازاسىنىڭ يۈز بېرىپ بولغانلىقىدا بىردەك قاراشتا. لېكىن، ئۇلار كېيىنكى ئايەتتىكى: ﴿بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 8) دېگەن جۈملىگە تايىنىپ، «ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئەھدۇپەيمانلارنى بۇزۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى پىلانلاپ قىلمىشىغا يەنە قايتقان ۋە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھاب كىراملىرى بىلەن بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، بەنى قەينۇقاﺋ ۋە خەيبەر ئاھالىسى قاتارلىقلارغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەتكەن. بۇ 3 – قېتىمقىسىدۇر. يەنە قىلمىشىغا نەچچە قېتىم قايتسا، شۇنچە قېتىم ئەدىبى بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى» دەپ تەفسىرلىگەن. بۇ تەفسىرنى ھازىرقى كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەر ياقلىغان.

پەيغەمبىرىمىزدىن بۇ ھەقتە بىرەر ئىزاھات كەلمىگەن بولغاچقا، يېقىنقى زاماندىكى بەزى مۇفەسسىرلەر ئىجتىھاد قىلىپ ئايەتنى مۇنداقمۇ تەھلىل قىلغان: «ئۇ ئىككى قېتىم ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەمەس، كېيىندۇر، بەنى ئىسرائىل ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، بۇ ئىككى قېتىمنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلەرگە باغلاپ تەپسىرلەش مۇناسىپتۇر. ئايەتتە دىققەت تارتىدىغان ئىبارە «بەندىلىرىمىز». بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك. چۈنكى، «قۇرئان»دا بۇ خىل «بەندىلىك» سۈپىتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈش پەقەتلا ئەنبىيالارغا ۋە مۇئمىنلەرگىلا خاستۇر. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇختەنەسسەرنىڭ ياكى جالۇت كەبى مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ يەھۇدىيلارنى ئەدەبلىشى ئىككى قېتىمنىڭ بىرى ئەمەس. چۈنكى، بۇختەنەسسەر مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى(10).

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، 1 – قېتىمقىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىيلار نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېغىر دۈشمەنلىكلەرنى، خىيانەتلەرنى قىلغان چاغدىكى پەيغەمبەر قوماندانلىقىدىكى ئىماندا كۈچلۈك، ئۇرۇشقا چىدامچان ساھابە كىراملارغىلا مۇناسىپ كېلىدىغان سۈپەت. كېيىن خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇدۇسنىڭ ئاچقۇچىنى خرىستىيانلاردىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ قۇدۇسقا كىرگەن. ئۇلار بۇ قاراشنى ئاللاھ تائالانىڭ كېيىنكى ئايەتلەردىكى ﴿مەسجىدكە تۇنجى قېتىم كىرگەنلىرىدەك كىرىشى ئۈچۈن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 7) دېگەن سۆزى بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ قېتىمنىڭ نەتىجىسىدە خەلىفە ئۆمەر باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار مەسجىدكە تىنچلىق بىلەن كىرگەن بولسا، 2 – قېتىمدا يەنە مەسجىدكە كىرىش بولىدۇ. يەنى ھەر ئىككى قېتىمدا مەسجىدكە كىرىدىغانلار مۇسۇلمانلاردۇر. يەنە كېلىپ قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئاۋۋالقى قەدىم زامانلاردا 2 – قېتىمدا ۋەيران قىلىنىدىغان ئېگىز بىنالارمۇ يوق ئىدى. يەھۇدىيلار پۇل ۋە ئىقتىسادتىمۇ بۈگۈنكىدەك يۈكسەلمىگەن(11).

شۇنداقتىمۇ تارىخىي جەريان ۋە ئايەتلەردىكى مەزمۇننى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، بۇ ئىككى قېتىمنى بېكىتىشتە، «ئىلگىرىكى مۇفەسسىرلەر بىلەن ھازىرقى كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەرنىڭ تەفسىرى كۆپ تەرەپتىن ئورۇنلۇق ۋە راجىھ» دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەيلى: «ئىككى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان، قايتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن، مەدىنە ئەتراپىدىكى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئەدەبلەش بۇنىڭ تەكرارلىنىشى» دەيلى، ياكى «دەسلەپكىسى بۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان، ئاخىرقىىسى بۇندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ» دەيلى، ياكى ھازىرقى بەزى مۇفەسسىرلەرنىڭ تەفسىرى بويىچە «ھەر ئىككى قېتىمقىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن بولىدۇ» دەپ قاراپ: «مەدىنە ئەتراپىدىكى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئەدەبلەش دەسلەپكىسى، ئاخىرقىسى بۇندىن كېيىن كېلىدۇ» دەيلى، ھەممىسىدىلا قاچان بۇزغۇنچىلىق يۈز بەرسە، ئەدەبلەشنىڭمۇ تەكرارلىنىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، بۇ ئىككى قېتىملىقنىڭ قايسىلىقىنى تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ھەقىقەت بار:

بىرى، بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردىكى مەغلۇبىيەت ۋە خارلىق ھالىتى ئۇلار تاكى ھوشىنى يىغىپ ئاللاھنىڭ دىنىغا تولۇق قايتمىغۇچە، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلمىغۇچە داۋام قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، «شام ئەھلى بۇزۇلغان چاغدا، سىلەردە خەير ـ ئېھسان قالمايدۇ. تاكى قىيامەت قايىم بولغۇچە، ئۈممىتىمنىڭ بىر قىسمى ھەمىشە غالىب ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارغا ياردەم بېرىشتىن قاچقانلار ئۇلارغا ھېچقانداق زەرەر سالالمايدۇ»(12).

مانا بۇ ئىمان بىلەن كۇفۇرنىڭ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ، ھەق بىلەن باتىلنىڭ كۈرىشى ۋە رولىدۇر. بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق. ھەر ئىككىسىنىڭ بار بولۇشىدا ھېكمەت بار.

يەنە بىرى، سىيونىستلارنىڭ دەۋا قىلغىنىدەك پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي ھەققى يوق. ھەتتا ئىسرائىلىيە تارىخچىلىرىدىن بەزىلىرىمۇ «سىيونىستلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى تارىخىي ھەقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باھانە قىلىۋالغان تەۋرات ئەپسانەلىرى تارىخىي پاكىتى يوق ساختا دەۋادۇر» دەپ جاكارلاشقا باشلىماقتا. يەھۇدىيلارنىڭ خېلى كۆپ تائىفەلىرىمۇ پەلەستىن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ دۆلەت قۇرۇشنى خاتا دەپ قارايدۇ(13).

بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ قىيامەتتىن بۇرۇن قاتتىق مەغلۇب قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان بەندىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى﴾(7/«ئەئراف»: 167).

ھەدىس شەرىفلەردىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ بېشارەتنى بېرىپ: «سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشقان، ھەتتا ئارقىسىغا يەھۇدىي يوشۇرۇنۇۋالغان تاش: ‹ئى مۇسۇلمان! ئارقامدا يوشۇرۇنۇۋالغان يەھۇدىي بار، ئۇنى ئۆلتۈرگىن!› دەيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمەستىن بۇرۇن قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن(14).

لېكىن، بۇ بېشارەت قاچان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ؟ ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ.

دېمەك، ئىككى قېتىملىق چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئۆتۈپ بولدى. بۇنىڭغا ئالاقىدار ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىيىتىنى تەكىتلەشتۇر.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، يەھۇدىيلار بۇزغۇنچىلىققا قايتقىنىدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بەردى ۋە خەلىفە ئۆمەر ئۇلارنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھەيدەپ چىقاردى. يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلغىنىدا، گىتلېرنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قايتقىنىدا، ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشكە «بەندىلىرى» بولمىش مۇسۇلمانلارنى ئەۋەتىشى مۇھەققەقتۇر. بۇزغۇنچىلارنىڭ دۇنيادىكى ئاقىۋىتى شۇنداق بولىدىكەن، ئاخىرەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەھەننەمگە قاپسىلىدۇ ۋە بىرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ(15).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

‪ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 10 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 25 – ئۆكتەبىر


1. بەنى ئىسرائىل (بَنِي إِسْرَائِيْلَ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ۋە ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بولغان يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دېگەنلىك بولۇپ، ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقەبىدۇر. بەنى ئىسرائىل دېگەن ۋاقىتتا «يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، كېيىنچە ئومۇمەن ئۇلاردىن تاكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ھەتتا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىغىچە داۋاملاشقان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىيلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلىرى «ناسارا»، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان ئېيتقانلىرى بولسا «ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفِسِيْرِ (تەفسىر كىتابلىرىدىكى ئىسرائىلىييات ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر)»، 13 -، 14 – بەتلەر، «سۈننەت كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، قاھىرە، ھ. 1408.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1189)؛ «مۇسلىم»، (1397). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
3. ئىبنى ئاشۇر: «ئەتتەھرىرۇ ۋەتتەنۋىر»، 14/13.
4. «ئەشئىياﺋ كىتابى»، 5-، 10 – ئىسھاھلار؛ «ئەرمىياﺋ كىتابى»، 2-، 21 – ئىسھاھلار.
5. «ئەشئىياﺋ كىتابى»، 10 – 12 – ئىسھاھلار؛ «ئەرمىياﺋ كىتابى»، 28 -، 29 – ئىسھاھلار.
6. «ئەرمىياﺋ كىتابى»، 29 – ئىسھاھ.
7. ئىبنى ئاشۇر: «ئەتتەھرىرۇ ۋەتتەنۋىر»، 14/13 – 33.
8. ئىسرائىلىييات (الْإِسْرائِيْلِيَّاتُ): «بەنى ئىسرائىل»غا نىسبەت بېرىلگەن «ئىسرائىلىييە» كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈك ھالىتى بولۇپ، «يەھۇدىي – ناسارالار بولمىش ئەھلى كىتابنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەفسىر، تارىخ ۋە ۋەز – نەسىھەت كىتابلىرىدا ئۇلاردىن نەقىل قىلىنىپ بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر»دۇر. بۇ رىۋايەتلەردە بەزىبىر راست سۆزلەر بولسىمۇ، يالغان – ياۋىداق، توقۇلمىلار كۆپ سانلىقتا. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفْسِيْرِ»، «سۈننەت كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، 13 -، 14 – بەتلەر، قاھىرە، ھ. 1408؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﯨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 165 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
9. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 14/456 – 477؛ سۇيۇتىي: «ئەددۇررۇلمەنسۇر»، 9/251 – 253؛ شەۋكانىي: «فەتھۇل قەدىر»، 4/284؛ سەييىد قۇتۇب: «فى زىلالىل قۇرئان»، 15/2213، 2214.
10. بەزى مەنبەلەردە بۇختەنەسسەرنىڭ دەسلەپ مۇۋەھھىد فاتىھ ئىكەنلىكى، كېيىنچە كىبىرلىنىپ ئۆزىنى ئىلاھ دېگەندەك خاتا يولغا كىرىپ كەتكەنلىكى ۋە كېيىنچە دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تەۋھىدكە قايتىپ تەۋھىد دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە «كونا ئەھد»تىمۇ بايانلار بار. قاراڭ: «دانىيال كىتابى»، 4: 37.
11. شەيخ ئابدۇلمۇئىز ئابدۇسساتتار: «ئىسراﺋ سۈرىسى بەنى ئىسرائىلنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ»، «ئەلئەزھەر ژورنىلى»، ھـ 1376، جۇمادىيەلئاخىر/ م. 1957، 2 – يانۋار سانى، 28 – توپلام؛ شەيخ بۇ قانائىتىنى «اقترب الوعد الحق يا إسرائيل»، ئاتلىق كىتابىدىمۇ بايان قىلغان. شەيخ شەئراۋىي: «خواطري حول القرآن الكريم»، 8348 – 8368 – بەتلەر؛ شەيخ ئەسئەد تەمىيمىي: «ئىسرائىلىيەنىڭ يوقۇلۇشى قۇرئانىي مۇقەررەرلىك»، 15 – 22 – بەتلەر.
12. «تىرمىزىي»، (2192). مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
13. دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە تەقىييۇددىن: «ئىسرائىلىيە ئىچىدىكى سىيونىزمنى رەت قىلغۇچى دىنىي ھەرىكەتلەر (الحركات الدينية الرافضة للصهيونية داخل إسرائيل)»، 15 -، 63 – بەتلەر. «نوھوز ۋەقفى» نەشرى. كۇۋەيت، م. 2018.
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2926)؛ «مۇسلىم»، (2922). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
15. سەييىد قۇتۇب: «فى زىلالىل قۇرئان»، 15/2214.

Please follow and like us: