مېيىتنى رەسىمگە تارتىشنىڭ ھۆكمى

مېيىتنى رەسىمگە تارتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېيىتنى رەسىمگە تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىمىنى باشقا دۆلەتلەردىكى تۇغقانلىرىغا يوللاشقا توغرا كەلسە، رەسىمگە تارتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مېيىتنى مەيلى يۇيۇپ – تاراشتىن بۇرۇن ياكى شۇ ئەسنادا، ياكى كېپەنلىگەندىن كېيىن، ياكى قەبردە دەپنە قىلىنىش ئالدى – كەينىدە رەسىمگە / سىنغا تارتىش، ئۇنى ساقلاش ۋە تاراتقۇلاردا تارقىتىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ جەسىتىنىڭمۇ ھايات چېغىدەكلا ئىززەت – ھۆرمىتى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنساننىڭ ئۇستىخانلىرىنى مېيىت ھالىتىدە چېقىش تىرىك ۋاقتىدا چاققانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن(1).

ئىمام ئەينىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە: «مەناسى شۇكى، ئادەم بالىسىنىڭ ھۆرمىتى ھەر ئىككى ھالىتىدە ئوخشاشتۇر. شۇڭا، تىرىك كىشىنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرۇش جائىز بولمىغىنىدەك، مېيىتنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرۇشمۇ جائىز ئەمەس» دېگەن(2).

ئىنسان ئۆلسە چىرايى، كۆرۈنۈشى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھېچكىم ئۆزىنى باشقىلارنىڭ بۇ ھالەتتە كۆرۈشىنى خاھلىمايدۇ. بىز ئۇنىڭ رەسىمگە تارتىشقا رازى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. شۇڭا، ھەتتا دىنسىزلارمۇ مېيىتنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مېيىتنى رەسىمگە تارتىش ئۇنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، شەخسىي ئەھۋالىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان سۈرىتى تۇغقانلىرىدىن تارقاپ كېتىپ دۈشمەنلىرىنىڭمۇ قولىغا چۈشۈشى ياكى مېيىت ھەققىدە نالايىق گەپ – سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى، ھەتتا ئابرۇي – ئېتىبارىنى زېدىلىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، بىرەر ھادىسە ياكى جىنايەتنى ئېنىقلاش ياكى ئىلىم ئۆگىتىشتەك زۆرۈرىيەت كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردا، مېيىتنى رەسىمگە تارتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتتە چىرايىنى كۆرۈشى جىددىي ئېھتىياج ئەمەس، بەلكى قايغۇ – ئەلەمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشقا، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 12 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 27 – ئۆكتەبىر


1. ئەبۇ داۋۇد (3207). سەھىھ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «خۇلاسەتۇل ئەھكام»، (3694)؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، (763).
2. ئەينىي: «شەرھۇ ئەبى داۋۇد»، 6 – ج، 158 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى: