سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تىرناق لاكى (سىر خېنە) دە تاھارەت بولامدۇ؟ «تىرناق سۇ تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن، تىرناق لاكى سۈرۈۋالغان ھالەتتە تاھارەت ئالسا بولىدۇ» دەيدىغان قاراش باركەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«تىرناق سۇ تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن، تىرناق لاكى سۈرۈۋالغان ھالەتتە تاھارەت ئالسا بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ ئاساسى يوق.
توغرىسى، سىر خېنە سۈرتكەندىن كېيىن ئالغان تاھارەت ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، تاھارەت ۋە غۇسۇلنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇلىدىغان ئەزالار تولۇق يۇيۇلۇشى كېرەك. تىرناقنىڭ سۇ تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك ئەمەس، تىرناققا سۇ تېگىشى شەرت. ھالبۇكى، سىر خېنە (Nail polish / Manicure) سۇنى بەدەنگە تېگىشتىن توسۇپ قويىدۇ. سۇنى تەنگە تېگىشىدىن توسىدىغان موم، قوي مېيى، قېلىن گىرىم، لەۋ سۇرۇخ ۋە چاپلاق كەبى ماددىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە: ﴿ئى مۇئمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار! ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار! …﴾(5/«مائىدە»: 6) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، يۈزنى يۇيۇش، قوللارنى (جەينەك بىلەن قوشۇپ) يۇيۇش، باشقا مەسھ قىلىش، ئىككى پۇتنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش تاھارەتنىڭ (ۋە غۇسۇلنىڭ) پەرزلىرىدىن بولۇپ، تىرناقمۇ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان قول بىلەن پۇتنىڭ بىر قىسمىدۇر، چۈنكى ھەممىنى يۇيۇشقا قارىتىلغان بۇيرۇق ھەربىر قىسىمنى يۇيۇشقا بۇيرۇقتۇر. دېمەك، قول بىلەن پۇتنىڭ تولۇق يۇيۇلۇشى ئۈچۈن مەزكۇر بەدەن ئەزالىرىدىكى سۇنىڭ قول ۋە پۇتقا تېگىشىنى توسۇپ قويىدىغان ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن يۇيۇش كېرەك بولىدۇ(1).
پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ تاھارەتتە پۇتلىرىنىڭ ئارقىلىرىغا سۇ تەگكۈزمىگەنلەرگە: «ئارقىسى يۇيۇلمىغان پۇتلارغا ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻱ!» ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ياكى ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﯞلىغان(2).
يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقان بىرىنىڭ پۇتىدا تەڭگىچىلىك قۇرۇق يەرنى كۆرۈپ، ئۇنى يېڭىدىن تاھارەت ئېلىپ، نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇغان(3).
قولدىكى ئون بارماقنى ياكى پۇت – قوللاردىكى يىگىرمە بارماقنى جەملىسەك، تەڭگىچىلىك مىقداردىن چوڭ بولىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستىكى ۋەقەلىكتە كېلىشىچە: «بىر ئادەم تاھارەت ئېلىپ بىر پۇتىدىن تىرناقچىلىك يەرنى يۇيماي چالا قويغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كۆرۈپ: ‹قايتىپ بېرىپ تاھارەتنى تولۇق ئال!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قايتىپ (قايتا تاھارەت ئېلىپ) ناماز ئوقۇدى»(4).
ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستىن يۇيۇش كېرەك بولغان جاينىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى يۇيماي قويغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتىدۇر… بۇ ھەدىستىن يەنە تاھارەت ئەزالىرىدىن كىچىككىنە بىر جاينى يۇيۇش كېرەكلىكىنى بىلمەي يۇيمىغان كىشىنىڭمۇ تاھارىتىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ» دېگەن(5).
بۇنىڭدىن مۇنداق نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ:
1) تاھارەت ۋە غۇسۇل ھېساب بولمىغان ئىكەن، بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن نامازمۇ ھېساب بولمايدۇ؛
2) سۇنى تىرناققا ياكى تېرىگە تەگكۈزۈشنى توسۇپ قويمايدىغان خېنە ياكى باشقا بوياق ماددىلار بىلەن تاھارەت توغرا بولىدۇ؛
3) سىر خېنە سۈرۈشتىن ئىلگىرى ئالغان تاھارەت توغرا. كېيىن تىرناققا سىر خېنە سۈرتسە، ئۇ تاھارەت سۇنغانغا قەدەر تاھارىتى ھېساب. تاھارەت ھېساب بولغانىكەن، سىر خېنە بىلەن ئوقۇلغان نامىزىمۇ ھېساب؛
4) سۇنى تىرناققا ياكى تېرىگە تەگكۈزۈشنى توسۇپ قويىدىغان سىر خېنە ياكى باشقا ماددىلارنى تاھارەت ۋە غۇسۇلدا ئېلىۋېتىش ياكى تازىلىۋېتىش كېرەك؛
5) كېسەللىك ياكى يارا سەۋەبىدىن سۈرتۈلگەن دورا، چاپلاق ياكى تېڭىق بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛
6) تاھارەتلىك چاغدا سىر خېنە سۈرتۈپ، كېيىن تاھارىتى سۇنغاندا قايتا تاھارەت ئالماقچى بولسا، تاھارەتنى يېڭىدىن تولۇق ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىر خېنىنى چىقىرىۋېتىپ قولىنى يۇيۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈم ھەدىستىكى ئۆتۈككە بىر سوتكا ياكى سەپەردە ئۈچ كۈن مەسھ قىلىشقا بېرىلگەن رۇخسەتكە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، سىر خېنە ياسىنىش ئۈچۈن بولسا، مەسە ياكى ئۆتۈك ئۇزۇن يول يۈرۈش، پۇتنى سوغۇقتىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن داۋاملىق قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئېھتىياجدۇر. بەدەننى يۆگەيدىغان ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا قىياس قىلىنمايدۇ؛
7) تاھارەتنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن قولنى يۇيغاندا ئۈزۈك چىڭ يەرلەشكەن بولۇپ، ئاستىغا سۇ تېگىش – تەگمەسلىكى ئېھتىماللىق بولسا، ئۈزۈكنى مىدىرلىتىپ سۇنى تېگىگە يەتكۈزۈش كېرەك. بوش تۇرغان بولسا يۇيغاندا سۇ ئۆزى تېگىدۇ؛
8) «ھالال سىر خېنە» ياكى «ھالال لەۋ سۇرۇخ» دەپ ئاتالغان ماددىلارمۇ سۇ ئۆتكۈزمىسە بەرىبىر ئوخشاش. ئۇنىڭدا تاھارەت ھېساب بولمايدۇ. تەبىئىي خېنىگە ئوخشاش سۇ ئۆتكۈزسە تاھارەت دۇرۇس بولىدۇ.
9) ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن!…﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن ئەمرىگە بىنائەن، سىر خېنە ياكى لەۋ سۇرۇخ كەبى بوياق ۋە گىرىملەر بىلەن كوچىلارغا چىقسا، نامەھرەملەرگە كۆرۈنسە بولمايدۇ؛
10) تىرناق سۇنغان، قومۇرۇلغان ياكى كۆيۈپ كەتكەنلىكتىن ۋەياكى داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن سۈنئىي تىرناق (Acrylic Nails) تاقاشقا بولىدۇ. تاھارەت ئالغاندا ۋە غۇسۇل قىلغاندا ئۇنى ئېلىۋېتىش قىيىنچىلىق كەلتۈرىدىغان بولسا، ئۇنى ئېلىۋەتمەيلا ئۈستىدىن يۇيۇپ ياكى يۇيۇش قىيىن بولسا، تېڭىققا ئوخشاشلا مەسھ قىلىپ تاھارەت ئالسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تاھارەتلىك ھالدا تاقىغان بولۇشى شەرت ئەمەس. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي تىرنىقى سۇنۇپ كېتىپ دورا بىلەن تاڭغان ۋە ئۇنى ئېلىۋەتمەسلىكى كېرەك بولغان كىشى ھەققىدە: «تىرنىقىغا سۇ تەگمىسىمۇ تاھارىتى توغرا بولىدۇ» دېگەن(6). ئەمما، ياسىنىش ئۈچۈن سۈنئىي تىرناق تاقاش جائىز بولمايدۇ. تاھارەت ئالغاندا ۋە غۇسۇل قىلغاندا ئۇنى ئېلىۋېتىش كېرەك. تاھارەت ئالغاندىن كېيىن تاقاپ ئوقۇسا ناماز توغرا.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 30 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 15 – ئۆكتەبىر
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 5 – ج، 171 -، 172 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (60)؛ مۇسلىم (241، 242).
3. ئەبۇ داۋۇد (175). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. مۇسلىم (243).
5. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1 – ج، 396 – بەت.
6. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «ئەلئەسل / ئەلمەبسۇت»، 1 – ج، 56 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

