دروپشىپپىڭ (Dropshipping) شەرئەن توغرىمۇ؟

دروپشىپپىڭ (Dropshipping) شەرئەن توغرىمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)» سودا ئۇسۇلى شەرئەن توغرىمۇ؟ توغرا بولمىسا بۇ ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە سەۋەبىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قايسىبىر تۈر تىجارەتكە كىرىشتىن ئاۋۋال ھۆكمىنى بىلىش زۆرۈر. بولمىسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن «توغرا ئەمەس ئىشنى قىلىپتۇق» دەپ يېنىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىكى تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى زور تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ سەپەر قىلمايمۇ، بازارغا بارمايمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە سودا قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى ۋە قىتئەلەر، شەھەرلەر ئارىسىدىكى مۇساپە يېقىنلاشتى. نەتىجىدە ئېلېكترونلۇق تىجارەت پەيدا بولدى. ئېلېكترونلۇق تىجارەتنىڭ خىلمۇخىل شەكلى بولۇپ، جازانىگە، نائېنىقلىققا ۋە ئالداشقا ياتمايدىغان شەكىلدە توردا مال سېتىشقا بولىدۇ. تور سۇپىلىرىدا سېتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئومۇميۈزلۈك بىر ھۆكۈم بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بەزى سېتىش ئۇسۇللىرىدا بەزىدە چەكلەنگەن ئىشلار ياكى ناتوغرا شەرتلەر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ھەركىم دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغان نۇقتىنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. مەسىلەن، «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)» مۇ بىر شەكلى بولۇپ، بۇ خىل سودا جائىز ئەمەس. شۇڭا، بۇنىڭ ھۆكمىنى ۋە چەكلىنىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە ئاتالغۇلارنى تەرىپلەشكە توغرا كېلىدۇ:

تىجارەت (التِّجَارَةُ): ئەرەبچە «ئالماق – ساتماق ۋە سودا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: پايدىنى كۆزلەپ مال – مۈلك ۋە تاۋارلارنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. تىجارەت قىلىش پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدا تىجارەتتە راستچىل، سەمىمىي ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك ئاداب – قائىدىلىرى، ساختىلىق قىلماسلىق، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، يالغان قەسەم قىلماسلىق، ئىلكىدە بولمىغاننى ساتماسلىق، مونوپول قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماسلىقتەك چەكلىمىلىرى بار(1).

ئېلېكترونلۇق تىجارەت (التِّجَارَةُ الإِلِكتِرونِيَّةُ / Electronic Commerce): ئىنگلىزچە: «تۈرلۈك ئاتوملارنى ھاسىل قىلىدىغان ئىنتايىن كىچىك مەنپىي زەررىچە» دېگەن مەنىدىكى «ئېلېكترون (Electron)» كەلىمەسى بىلەن سۈپەتلەنگەن تىجارەت تۈرى بولۇپ، ئىنتېرنېتقا ئوخشىغان بىرەر ئېلېكترونلۇق ۋاسىتە بىلەن ئېلىم – سېتىم توختاملىرى قىلىش، تىجارىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش، تاۋارلارنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت. سودىدا شەرت قىلغان شەرئىي ئۆلچەملەر تېپىلغان تەقدىردە، ئېلېكترونلۇق تىجارەتنىڭ جائىزلىقىدا دەۋر ئالىملىرى بىردەك قاراشتا(2).

دروپشىپپىڭ (Dropshipping): ئىنگىلىزچە «يۈك توشۇماي، ئامبارسىز ۋاكالەتچىلىك» مەنىسىدىكى بىر خىل ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدا شەخسلەر «ئەلى ئېكسپرېس (AliExpress)» ۋە «ئېباي (eBay)» دېگەندەك توربەتلەردە ئۆزلىرىگە خاس ئىنتېرنېت سۇپىسى ياكى سەھىپە قۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان، باشقىلارنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولغان تاۋارلارنى پايدا قوشۇپ پارچە ساتىدۇ. خېرىدارلار توربەتتىن مەلۇم تاۋارنى سېتىۋالغىنىدا، توربەت ئىگىسى ئۇ تاۋارنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىپ، خېرىدارىنىڭ ئادرېسىنى بېرىدۇ. تاۋارنىڭ ئىگىسىمۇ تاۋارنى شۇ ئادرېسقا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە توربەت ئىگىسى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش ئاۋارىچىلىقىغا يولۇقماستىن ھەم سەرمايە سالماستىن ئىككى باھا ئوتتۇرىدىكى پەرقنى پايدا ئالىدۇ(3).

دېمەك، «دروپشىپپىڭ» ئادەتتىكى تاپان ھەققى ئېلىپ ۋاسىتىچىلىك قىلىشتىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا خېرىدارغا بىرنەرسە ساتقاندا، 1 – ساتقۇچىنىڭ ئۇ تاۋار بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ.

ئامازون (Amazon) دا دروپشىپپىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. لېكىن، تاۋارنى ئامبارغا قاچىلىۋېلىپ سېتىش / FBA ( (Fulfillment by Amazon ئۇسۇلىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ/ بَيعُ السَّلَفِ): ئەرەبچىدە بۇ سۆز: «ئالدىن بېرىش، ئالدىن تاپشۇرۇش» دېگەن مەنىدە. «السَّلَفُ» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: «ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودىدا پۇلنى ئالدىن نەق بېرىپ، تاۋارنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلەم سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، سەلەم دېگەن پۇلنى ئالدىن بېرىپ، تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىش – سېتىۋېلىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جازانە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى، مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق تاۋاردا سەلەم سودىسى دۇرۇس بولىدۇ. يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولماستىن، سودىنى كېسىپ قىلىش كېرەك. بولمىسا، جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سودىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ: «كىمكى مالغا ئالدىن پۇل ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن، كەمچەننى ئېنىق، ئېغىرلىقنى ئېنىق ۋە مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەپ پۇل ئۆتكۈزسۇن»(4) دېگەن(5).

بۇ خىل سودىنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە كەلسەك، «دروپشىپپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى» شەرئەن توغرا ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

1) سودىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم شەرتلەردىن بىرى، ساتقان تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. بۇ سودا «ئۆز ئىلكىدە بولمىغاننى سېتىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا تېخى سودا قىلىپ ئالمىغان نەرسىنى باشقىلارغا ساتىدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: «مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما — دېگەن»(6).

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلاردىن سېتىۋېلىپ، ئاندىن تاپشۇرسا بولمايدۇ.

2) ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن سېتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، تاۋۇس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توسقان نەرسە ئاشلىقنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ سېتىشتۇر. مەن ھەرقانداق نەرسە شۇنىڭغا (ئاشلىققا) ئوخشاش دەپ ئويلايمەن» دېگەن(7).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاشلىق سېتىۋالىدىكەن، ئۇنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ساتمىسۇن» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى ئاشلىق سېتىۋالىدىكەن، ئۇنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ساتمىسۇن» دېگەن(8).

بۇ ھەدىسلەر يۇقىرىقى 1 – نۇقتىدىكى ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. چۈنكى 1- نۇقتىدىكى ھەدىس ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى سېتىشتىن توسقان بولسا، بۇ ھەدىسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن توسقان. «دروپشىپپىڭ سودا ئۇسۇلى» بولسا ھەم ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى، ھەم قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى، كېيىنكى ھەدىسلەردىكى چەكلىمە ئاشلىق ھەققىدە كەلگەن بولغاچقا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ، تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئاشلىقنى سېتىشقا بولمايدۇ. يەنە نەق – نېسى بولۇش جەھەتتىن ئالتۇن – كۈمۈش، قەغەز پۇللارنىمۇ سېتىشقا بولمايدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى بويىچە ئۆي مۈلۈكتىن باشقا نەرسىلەرنى، ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى بويىچە ھەرقانداق نەرسىنى، ئىمام ئەھمەد قارىشى بويىچە كەمچەنلىنىدىغان ۋە تارازىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىمام مالىكنىڭ قارىشى بويىچىلا ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، ئەمما تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىش جائىز بولىدۇ.

3) دروپشىپپىڭچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. تاۋار ئىگىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بازارغا سېلىپ سېتىپ بېرىش (Affiliate marketing) مۇناسىۋىتى ئەمەس. چۈنكى، دروپشىپپىڭچى مەھسۇلاتنى ۋاسىتىچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئۆزىنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە ساتىدۇ. خېرىدارمۇ دروپشىپپىڭچىنى ئەسلى ئىگىسى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن تاۋارنى ئالىدۇ. ئەمما، ۋاسىتىچىلىك سېتىشتا ئەسلى ئىگىسىدىن ئالاتتى. يەنى ۋاسىتىچى بۇ ئەھۋالدا ساتقۇچى ئەمەس، بەلكى بازارغا سالغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاسىتىچى دېگەن سودىنى پۈتتۈرسە، تاپان ھەققىنى ساتقۇچىدىن ياكى بىر تەرەپكە ياللانمىغان تەقدىردە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالىدۇ. «دروپشىپپىڭ»دا بولسا تاۋار باھاسىنى ئاشۇرۇپ سېتىپ ئارتۇقىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا دروپشىپپىڭچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

4) يۇقىرىقى نۇقتىدىن ۋاسىتىچى بىلەن ۋەكىلنىڭ پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋاسىتىچى ياللانغۇچى ياكى ساتقان تاۋىرىغا قاراپ چاي ئالغۇچى. ئەگەر ئۇنىڭغا سودا ئىشى تولۇق تاپشۇرۇلغان بولسا، بۇ ۋاكالىتەن سېتىپ قويغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ھالبۇكى، «دروپشىپپىڭ»دا ۋاكالەت يوق.

5) «دروپشىپپىڭ»دا يەنە ئۆزىنى مەھسۇلات ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىپ باشقىلارنى گوللاش، تامۇژنا چىقىمىغا ئالاقىدار ئالدامچىلىق بىلەن ئېلان تەشۋىقاتىدىكى ئالدامچىلىق، يالغان باھا ۋە يالغان خېرىدارلارنى ياساپ ئىستېمالچىنى ئالداش، باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ خېرىدار تارتىۋېلىش كەبى ساختىلىقلارمۇ يوق ئەمەس. «دروپشىپپىڭ»دا دروپشىپپىڭچى ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان تېزلا باي بولۇش چۈشىنى ئويغاق تۇرۇپ كۆرىدۇ. «سىگنال ئارناك (www.signal-arnaques.com)» توربېتىدە جان پاتىست (Jean-Baptiste) ئۆزلىرىنى ئالدانغۇچىلار دەپ قارىغان خېرىدارلارنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى يۈزلىمىلىك ئالدامچىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تاۋارغا ئېرىشىپ، سودىدىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۆزلىگەن ۋە كۆزلىگەنگە ئېرىشەلمىگەن ئىستېمالچىلار ئالدىنىدۇ. يەنە ‹پايدىغا ئېرىشىمەن› دەپ خام خىيال قىلغان دروپشىپپىڭچىمۇ ئالدىنىدۇ. لېكىن، ھەقىقىي پايدىنى بىرنەچچە مىنۇتتا شوبىفاي (Shopify) ۋە فىيسبوكلار كەبى تىجارەت سۇپىسى قۇرۇپ بېرىدىغان ۋاسىتىچىلار، يەنە مۇشۇ خىل تىجارەتنى چۈشەندۈرۈپ مەشق قىلدۇرىدىغان كىشىلەر ئالىدۇ».

مەزكۇر سەھىپەنىڭ دېيىشىچە، «دروپشىپپىڭ» ناھايىتى قىيىن بازار. ئۇنىڭدا يۈزلىگەن سۇپىلار رىقابەتلىشىدۇ. بۇ سۇپىلارنىڭ بەزىلىرىنى بۇ ئىشقا ھېچقانداق چېنىقمىغان كىشىلەر ئاچىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەممىسى شۇ بىر تاۋارنىڭ ئۆزىنى ئوخشاش باھادا ساتىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۈچۈن بۇ ساھەدە تىجارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەرىجىگە بارىدۇ.

بۇ تەجرىبىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئامېرىكىلىق كودى ئىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى تېزلا بايقىغان. ئۇ «لوموند گېزىتى (Le Monde)» گە بەرگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سۇپامنى قۇرۇپ باشلىغاندىن كېيىن دەسلەپكى ھەپتىدە بەزى نەرسىلەرنى ساتتىم. لېكىن، مېنىڭ فىيسبوكتا نىشانلىق ئېلان قىلىش بارىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتىم يوق ئىدى. بىر چىراقنى 30 دوللار پايدا ئېلىش ئۈچۈن 70 دوللارغا ساتتىم. لېكىن، خېرىدارىم كانادادا بولغاچقا 25 دوللار كىرا تۆلەپ، پەقەت 5 دوللارلا پايدا ئالالىدىم».

بۇ تۈرلۈك خېيىم – خەتەرگە تېزلا يىغىلىپ قالىدىغان رەسمىيەت پۇللىرى قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ساھەدە ئەڭ مەشھۇر بولغان شوبىفايغا سۇپا ئېچىپ بېرىش، باشقۇرۇش ۋە پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى باشقۇرۇپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر قارشىلىقىدا ھەر ئايدا 30 دوللار ئىشتىراك پۇلىدىن تاشقىرى، سودا سوممىسىنىڭ %2 تىنى شېرىنكانە تۆلەيدىغان گەپ.

«لوموند گېزىتى»مۇ دوكلات تەييارلاش مەقسىتىدە بۇ مۇلازىمەتنى بىۋاسىتە ئۆزى سىناپ كۆرگەن. يېرىم سائەتكە بارمىغان ۋاقىتتا گالستۇك سېتىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتا بىر سۇپا قۇرغان. بۇنى سىناپ بولغاندىن كېيىن تاقىۋەتكەن. جۇڭگودا 2 ياۋرو سېتىلىدىغان بىر گالستۇكنى 100 ياۋروغا سېتىۋالغان.

مەزكۇر گېزىت يەنە: «شوبىفاي جىنايەتكە ئىتتىرەمدۇ، قانداق؟» دېگەن سوئالنى قويغان. چۈنكى، بۇ ئورۇن «ئەلى ئېكسپرېس (AliExpress)» توربېتىدىكى ئىستېمالچىنى «بۇ سۇپىلارنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلىرى بار» دەپ گوللايدىغان باھا – مۇلاھىزىلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. 2018 – يىلىغا قەدەر يالغاندىن «پالانى پۇستانىلار پالانى تاۋارنى سېتىۋالدى» دەيدىغان يالغان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرسىتىدىغان كۆزنەك بار ئىدى. كېيىن تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ تېخنىكىغا ئۇستىراق كىشىلەر بۇنى قىلالايدۇ(9).

6) «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)» «سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش)» سودىسىدىن بىرقانچە نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ:

بىرىنچى: «سەلەم»نىڭ شەرتلىرىدىن بىرى پۇلنىڭ ئالدىن تاپشۇرۇلۇشى بولۇپ، «دروپشىپپىڭ»دا بۇ شەرت تېپىلىدۇ. لېكىن، «سەلەم»دە ساتقۇچى بۇ پۇلنى دەرھال خەجلىيەلەيدۇ. بەلكىم تېخى تاۋارنى تەييارلاشتا ئۇ پۇلغا ئېھتىياجى بولىدۇ. مانا بۇ پۇلغا ئىگە بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما، دروپشىپپىڭچى (Dropshipper) تاكى تاۋار ئىگىسىگە تېگىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتمىگۈچە ئۇ پۇلغا ئىگە بولالمايدۇ. يەنى سەلەم سودىسىدىن كۆزلەنگەن نەرسە بۇنىڭدا يوق. يەنە سەلەم سودىسىدا سېتىۋالغۇچىنىڭ تاۋارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشى كۆزلەنگەن. بۇ دروپشىپپىڭدا تېپىلمايدۇ. چۈنكى، خېرىدار تاۋارنى ئەسلى قىممىتىدىن يۇقىرىراق باھادا سېتىۋالىدۇ – دە، زىيان تارتقۇچىغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، سەلەم سودىسىنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىدىكى ئېھتىياج بولۇپ، «دروپشىپپىڭ»دا تاۋارنى بازارغا سېلىش بىلەن تېز ۋە قولاي پايدا ئېلىش كۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئېھتىياجمۇ يوق(10).

ئىككىنچى: «دروپشىپپىڭ»دا تاۋار سودا قىلىش بىلەنلا دروپشىپپىڭچى تەرىپىدىن ئەمەس، تاۋار ئىگىسى تەرىپىدىن خېرىدارغا ئەۋەتىلىدۇ. «سەلەم» سودىسىدا بولسا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تاۋارنى ئەۋەتىدۇ ياكى تاپشۇرىدۇ. دېمەك، بۇ سودىدا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تاپشۇرۇش شەرتى يوقتەك، پەقەتلا ئەۋەتىش قانچىلىك ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا چىقسا، تاپشۇرۇش شۇنچىلىك ۋاقىت كېچىكىدۇ.

ئۈچىنچى: «دروپشىپپىڭ»دا بولسا دروپشىپپىڭچى ئىككى سودا قىلىدۇ: بىرى، ئۆزىگە خاس ئىنتېرنېت سۇپىسىدا ئىگە بولمىغان تاۋارنى سۈپىتىگە ئاساسەن ساتىدۇ. ئاندىن ئۇ تاۋارنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىپ، خېرىدارىنىڭ ئادرېسىنى بېرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئىككى «سەلەم» سودىسى قىلىپ بىرىنچى سودىدا ساتقۇچى، ئىككىنچى سودىدا سېتىۋالغۇچى بولىدۇ ۋە خېرىدارىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتا ۋەكىل قىلغاندەك بولىدۇ. ئىككى سودىنى بىر – بىرىگە چېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

تۆتىنچى: «سەلەم» سودىسىنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ بىر شەرتى ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، «مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەش» بولۇپ، «دروپشىپپىڭ»دا تاپشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولماستىن، پالانى كۈندىن پوكۇنى كۈنگىچە دېگەندەك تەخمىنەن بولىدۇ. تېخى ئاخىرقى ئۇ كۈندىنمۇ كېچىكىپ كېتىشى مۇمكىن. تاپشۇرۇش ۋاقتى يەنە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئادرېسىنىڭ يېقىن – يىراقلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

بەشىنچى: «سەلەم» ئەسلىدە يوق تاۋارنىڭ سودىسى بولسا، «دروپشىپپىڭ» ساتقۇچىنىڭ قولىدىن يىراقتا باشقا بىرسىنىڭ قولىدا بار تاۋارنىڭ سودىسىدۇر.

ئالتىنچى: سۇنۇق ياكى بۇزۇق چىقسا قايتىدىن ئەۋەتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ئىگىسىنىڭ قولىدا تاۋار تۈگەپ كېتىپ قالسا ياكى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرەلمىسە، «دروپشىپپىڭ»دا تاپشۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

يەتتىنچى: «سەلەم»دە مال ئىگىسى بىلەن خېرىدار ئىككى تەرەپلا بولسا، «دروپشىپپىڭ»دا ئۈچ تەرەپ بار. خېرىدار بىلەن تاۋار ئىگىسى دروپشىپپىڭچىنى شۇنداقلا قانچىلىك پايدا ئالغىنىنى ئېنىق بىلمەسلىكى، خېرىدارمۇ تاۋارنى باشقا بىرىنىڭ سېتىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. دروپشىپپىڭچى خېرىدارغا ئۆزىنى تاۋار ئىگىسى دەپ تونۇشتۇرسا، تاۋار ئىگىسىگە ئۆزىنى خېرىدار دەپ تونۇشتۇرسا بۇ ئالدامچىلىق بولىدۇ.

سەككىزىنچى: «سەلەم» نورمال سودا ۋە تىجارەت بولغاچقا، ئۇنىڭدا بازارنىڭ ئۆرلەپ – چۈشۈشى بىلەن ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىغا پايدا ياكى زىيان بولىدۇ. ئەمما، دروپشىپپىڭچى ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ئامبارلاش، يۆتكەش، ئەۋەتىش، ۋە يوقاپ كەتسە تۆلەش چىقىملىرىغا ئىگە بولمايدۇ، پەقەتلا تاۋارنىڭ ساق يەتكۈزۈلمەسلىكىدەك بەزىبىر ئەھۋاللاردىلا مەلۇم زىيان تارتىشى مۇمكىن. بۇنى تىجارەتتىكى زىيان دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئىشتا سودىنىڭ ئۆزىدە پايدا %100 كاپالەتلىك، زىيان %0. بۇنىڭ ئۆزى بۇ سودىنى ھارام دېيىشكە يېتىدۇ. ئەسلىدە تىجارەتتە زىيان تارتىش بولسا، زىياننى دروپشىپپىڭچى كۆتۈرۈشى كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «پايدا زىيان تارتىشقا باغلىق»(11) دېگەن ھەدىسى بىلەن «زىيىنىغا مەسئۇل بولمىغان نەرسىنىڭ پايدىسىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ»(12) دېگەن يەنە بىر ھەدىسىگە، شۇنداقلا «پايدا ئېلىش زىيان تارتىش مەسئۇلىيىتىگە قاراشلىق» دېگەن فىقھىي قائىدىگە «دروپشىپپىڭ»دا ئەمەل قىلىنمايدۇ.

توققۇزىنچى: «سەلەم»دە مەدىنەدىكى باغۋەنلەرنىڭ ئادەتتە خورما باغلىرى بار ئىدى. باغلار ئادەتتە خورما ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويمايتتى ھەم ئۇلار خورمىغا ئۆزلىرى ئىگە بولاتتى. دروپشىپپىڭچىنىڭ قولىدا «خورما»مۇ، «باغ»مۇ يوق. ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت باشقىلارنىڭ قولىدا ھەم ئىشلەپچىقىرىدىغان تاۋارمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇبادا تاۋار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان زاۋۇت مەلۇم تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتسا ياكى تاقالسا، تاپشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.

ۋەلھاسىل: «دروپشىپپىڭ» جائىز ئەمەس، ئۇ «سەلەم»گە ياكى ۋاستىچىلىككە چۈشمەيدۇ. توغرىسى تاۋارنى ئېلىپ ئاندىن سېتىش ياكى ۋاسىتىچى بولۇش، ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە ۋەكىل بولۇش.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

‪ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 3 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 18 – ئۆكتەبىر


1. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 10/151 – 154، «كۇۋەيت ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى» نەشرى. ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 334 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.
2. قاراڭ: دوكتور ئەدنان ئىبنى جەمئان ئەززەھرانىي: «ئىسلام فىقھىسىدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئەھكاملىرى»، 21 – بەت، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، بېيرۇت، ھ. 1430/ م. 2009؛ دوكتور ئەدنان ئىبنى جەمئان ئەززەھرانىي: «ئىسلام فىقھىسىدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت ئەھكاملىرى»، 21 – بەت، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، بېيرۇت، ھ. 1430/ م. 2009؛ دوكتور نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپپىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق تىجارەت (التجارة الالكترونية بالدروب شيبنغ في ميزان الشرع)» ئاتلىق ماقالە، 5 – بەت، «ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شەرىئەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتى»، قۇسەنتىينە – ئالجىرىيە، م. 2023؛ «خەلقئارا ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيەسى»، ھ. 1410، 17 – 23 – شەئبان/ م. 1990، 14 – 20 – مارت، (بشأن حكم إجراء العقود بآلات الاتصال الحديثة) 52 (3/6) – نومۇرلۇق قارار.
3. قاراڭ: مۇھەممەد سەندۇبىي: «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)»، 1 – بەت، تور كىتابى. م. 2018؛ دوكتور نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپپىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق تىجارەت» ئاتلىق ماقالە، 6 – بەت، «ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شەرىئەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتى»، قۇسەنتىينە – ئالجىرىيە، م. 2023.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2240)؛ «مۇسلىم»، (1604).
5. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/35؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 11/371؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/191 – 200، «كۇۋەيت ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى» نەشرى. ھ. 1404 – 1427.
6. «تىرمىزىي»، (1232)؛ «نەسائىي»، (4627). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2135)؛ «مۇسلىم»، (1525).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2136)؛ «مۇسلىم»، (1526).
9. ئەلجەزىرە توربېتىدىكى «ئىنتېرنېتتا تېز پۇل تېپىش خام خىيالى، دروپشىپپىڭ تۇزىقىغا چۈشۈش (وهم المكسب السريع عبر الإنترنت.. الوقوع في فخ دروب شيبينغ)» ئاتلىق ماقالىگە قارالسۇن. https://www.aljazeera.net/lifestyle
10. دوكتور نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپپىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق تىجارەت» ئاتلىق ماقالە، 10 – بەت.
11. «تىرمىزىي»، 1206 – ھەدىس. تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
12. «تىرمىزىي»، 1234 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: