شىئە بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى

شىئە بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مۇسۇلمان بىر ئەرنىڭ شىئە بىر ئايال بىلەن توي قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شىئەلەرنىڭ تائىپىلىرى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلاھ ئىدى ياكى پەيغەمبەر ئەلى ئىدى، جىبرىل ئەلچىلىكنى خاتا يەتكۈزگەن ياكى قۇرئان ئايەتلىرى كېمەيتىلىپ يوشۇرۇلغان، ئون نەچچەدىن باشقا جىمى ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، ئومۇم ساھابەلەر فاسىق ياكى كافىر» دەپ ئېتىقاد قىلسا، شۇنداقلا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ساھابەلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قۇرئان ئاقلىغان بوھتان بىلەن قارىلىسا، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قۇرئاندىكى ئېنىق ئايەتلەرگە تانسا، ئۇلار بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن كافىردۇر.

بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىمىز يەنە بىدئەت ئېتىقاد ئەھلىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا ۋە خاتالاشقانلىقىدا بىردەك قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، بىرەر ساھابەنى تىللاش ياكى ئۆچ كۆرۈش كۇفۇر ئەمەس، ئازغۇنلۇقتۇر. چۈنكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنى تىللىغانلارنى «كافىر» دېمىگەن. «ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەردىن ئەۋزەل» دېسىمۇ كافىر بولمايدۇ. دېمەك، ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا باغلىق. ئومۇمەن، ئالىملاردىن ئۇلارنى ئازغۇن، فاسىق دەيدىغانلارمۇ، مۇرتەد دەيدىغانلارمۇ، باغىي دەيدىغانلارمۇ بار(1).

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، شىئەلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش، ئۇلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىش ۋە بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. «زەيدىييە مەزھەبى» ئەھلى سۈننەتكە پىكىر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن مەزھەب بولۇپ، «بۇ مەزھەبتىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىش جائىز» دېيىشكە، دىيارىمىزدا تاشقورغاندىكى «ئىسمائىلىييە» تائىپىسىغا تەۋە تاجىكلار شۇنداقلا شامدىكى نۇسەيرىيلەر شىئەلەرنىڭ بەكلا ئازغۇن باتىنىي تائىپىلىرى بولغاچقا، «ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىش جائىز ئەمەس» دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھەبىدىكى رافىزە – شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. ئۇلارنى كافىر دەيدىغانلارمۇ، ئۆز ئېتىقادىنى تېگىدىن بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى كافىر، تېگىدىن بىلمەيدىغان ئاۋاملىرىنى ئازغۇن دەيدىغانلارمۇ بار.

نىكاھلىنىش مەسىلىسىگە قايتساق، ئېتىقاد ۋە ئاساسلىق دىنىي مەسىلىلەردە ئەھلىسۈننەت بىلەن شىئەلەر ئوتتۇرىدا بەزىبىر پەرقلەر بولغىنىدەك، شىئەلەرنىڭ ئەھلىسۈننەتكە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىكىمۇ ئېغىر.

ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ شىئەنىڭ ئېتىقادىي ئەھۋالىغا قاراپ، بۇ مەسىلىدە ئىككى خىلنى ئايرىپ: «ساپ رافىزىيلار ھاۋايى ھەۋەس، بىدئەت ۋە زالالەت ئەھلىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىزىنى رافىزىيغا نىكاھلاپ بېرىشى لايىق ئەمەس. مۇسۇلمان كىشى رافىزىي ئايالنى ئالسا، ئۇ ئايالنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، نىكاھ توغرا بولىدۇ. بولمىسا، بالىلىرىنى ئازغۇن تەربىيەلەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغىنى ئەۋزەل… بىر كىشىنىڭ قىزىنى ناماز ئوقۇمايدىغان رافىزىيغا نىكاھلاپ بېرىشى جائىز ئەمەس. قاچانىكى، ئۇنى ئەھلىسۈننەت ۋە بەش ناماز ئوقۇيدۇ دەپ ئويلاپ قىزىنى ئۇنىڭغا بەرگەن بولسا، كېيىن ئۇنىڭ بىناماز رافىزىي ئىكەنلىكى ئايان بولسا ياكى رافىزىيلىققا قايتىپ نامازنى تاشلىسا، ئۇلار نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەن(2).

ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شىئە ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشتىكى ۋە نىكاھنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىدىكى جاۋابى ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ كافىر دېيىلمەيدىغان بىر قىسمىغا مۇسۇلمانغا ئوخشاش، كافىر دېيىلىدىغان بىر قىسمىغا ئەھلى كىتاب مۇئامىلىسى قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 28 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 13 – ئۆكتەبىر


1. غەززالىي: «فەزائىھۇل باتىنىييە»، 149 – بەت؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4/160؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەسسارىمۇل مەسلۇل (الصارم المسلول على شاتم الرسول)»، 6/77؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 11/317، 318؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/145؛ موللا ئەلى قارىي: «شەممۇل ئەۋارىز (شم العوارض في ذم الروافض)»، 19 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4/237.
2. ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 32/61.

Please follow and like us: