ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسىم - سۈپىتىنى ۋەزىپە قىلىپ زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسىم – سۈپىتىنى ۋەزىپە قىلىپ زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زىكىرنىڭ تەرىپى نېمە؟ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن مەلۇم بىرسىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ سوئال ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسىم – سۈپىتىنى زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى؛ يەنە بىرى، سان بەلگىلەنمىگەن مەلۇم زىكىرنى ئۆزىگە كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش.

بىرىنچى مەسىلىگە كەلسەك، زىكىر (الذِّكْرُ): ئەرەبچە «بىرنەرسىنى ساقلىماق، تىلغا ئالماق، ئۇنتۇپ قالماي ئەستە تۇتماق ۋە يادىغا كەلتۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى دىلىدا ياكى تىلىدا ئۇلۇغلاپ ئەسلىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئاللاھنى دىلدا، تىلدا، نامازدا، تىلاۋەتتە، تەسبىھتە، تىلەكتە ۋە ھەمدۇسانادا ئۇلۇغلاپ ئەسلەش بىلەن بولىدۇ. زىكىر ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئۇنىڭغا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ كاتتا پەزىلىتىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا تۈرلۈك ئىبادەتلەردە ۋە ئەھۋاللاردا زىكىر قىلىشنى يولغا قويغان(1).

ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ تۈرى ۋە ئىبارىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى قۇرئان – ھەدىستە كەلگەن بولسا، بەزىلىرى ئەسھاب –  تابىئىنلەردىن ۋە سالىھلەردىن كەلگەندۇر. ئومۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاللاھنى قايسىبىر تەرىقىدە، قايسىبىر ئۇسۇلدا، قايسىبىر ھالەتتە ئۇلۇغلاپ زىكىر قىلسا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭدا «مەلۇم زامان، ماكان، سان ۋە ھالەت» دېگەندەك چەكلىمە يوق. چۈنكى، نۇرغۇن ئايەت – ھەدىسلەر ھېچقانداق چەكلىمە قويماستىن مۇتلەق زىكىرگە بۇيرۇغاندۇر. پەقەت نامازدىلا چەكلەنگەن ۋاقىتلار بولىدۇ. بەندە كۆڭلى قارىداپ غەپلەتتە قالماسلىقى ئۈچۈن ھەردائىم زىكىر قىلىپ تۇرۇشى لازىم.

ئاللاھ تائالانىڭ «الله / ئاللاھ»، «الْحَيُّ / ئەلھەي»، «اللَّطِيْفُ / ئەللەتىف» دېگەندەك بىرەر ئىسىم – سۈپىتىنى تەكرارلاپ زىكىر قىلىش ئىمام غەززالىي، ئىمام فەخرۇررازىي ۋە ھافىز ئىبنى رەجەب قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىزدۇر(2). چۈنكى، بۇمۇ تىلدا ۋە دىلدا ياد ئېتىشتىن ئىبارەت زىكىر دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنى چەكلىگەن ئەھۋال يوق. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالا: ﴿مېنى ياد ئېتىڭلاركى، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 152)، ﴿ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن﴾(18/«كەھف»: 24)، ﴿ئەتىگەن – ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن﴾(76/«ئىنسان»: 25)، ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن﴾(73/«مۇززەممىل»: 8) دېگەندەك نۇرغۇن ئايەتلىرىدە مۇتلەق زىكىرگە بۇيرۇغان. ھەدىس – شەرىفلەردىمۇ شۇنداق.

يەنە قۇرئاندا: ﴿مۇھەققەقكى، سىلەر ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە گۈزەل ئۈلگەدۇر. ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەر ئۈچۈن﴾(33/«ئەھزاب»: 21)، ﴿ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾(33/«ئەھزاب»: 35)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار﴾(33/«ئەھزاب»: 41)، ﴿پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە – ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن﴾(7/«ئەئراف»: 205) دېگەندەك ئايەتلەردە زىكىرنى كۆپ قىلىشقا ئەمر بار. لېكىن، ناماز ۋە تىلاۋەتكە ئوخشىغان بەزى جىسمانىي زىكىرلەرنى داۋاملىق كۆپ قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، تىلىدا، دىلىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە ھەمد ئېيتىش ئىشلەۋاتقاندا، مېڭىۋاتقاندا، غىزالىنىۋاتقاندا ياكى سودا – سېتىق قىلىۋاتقاندا، ئۆيگە ۋە ھاجەتخانىغا كىرگەندە ۋە چىققاندا، ئومۇمەن ھەممە ئەھۋالدا قولايدۇر. كۆپ قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ. مۇنۇ ئايەتمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ:

﴿ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ:) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى ئورۇنسىز ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن!﴾(3/«ئال ئىمران»: 191)

كۆپ زىكىر قىلىش ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا دېدى: ‹بەندەم مېنى ئەسلىگەن، ئىككى لېۋى مېنى تەلەپپۇز قىلىپ مىدىرلىغان مۇددەتچە مەن بەندەم بىلەن بىللە بولىمەن›» دېگەن(3).

باشقا ئىبارە قاتماي ئىسىم – سۈپەت بىلەنلا زىكىر قىلىش خۇسۇسىدا ئايرىم ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زېمىندا ‹ئاللاھ! ئاللاھ!› دېيىلمەيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «‹ئاللاھ! ئاللاھ!› دەيدىغان بىرى بارلا بولىدىكەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن(4). بۇ ھەدىستە «ئاللاھ» كەلىمەسى تەكرارلانغان بولۇپ، بۇ شۇ ئۇلۇغ ئىسىمنىڭ ئۆزىنى تەكرارلاپ زىكىر قىلىش قالمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر. تەكرارلانمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن زېمىندا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بىرەر كىشىنىڭ قالمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان بولاتتى. تەكرارلانغاندىن كېيىن ئۇ ئېھتىماللىق بولمايدۇ(5).

بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇشرىكلەر قىينىغاندا: «ئەھەد، ئەھەد / بىردۇر، بىردۇر» دېگەنلىكى(6)، بەزى رىۋايەتلەردە «ئاللاھ! ئاللاھ!» دېگەنلىكى كەلگەن(7). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنى چەكلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان.

ئىبنى ھىشامنىڭ بايان قىلىشىچە: «مۇسۇلمانلارنىڭ بەدر غازىتىدىكى شوئارى: ‹ئاللاھ! ئاللاھ!› ئىدى»(8). كېيىنكى بۇ ئىككى ۋەقەلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا يۈز بەرگەندۇر. توغرا بولمىسا ئىدى، ئۇنى چەكلىگەن بولاتتى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، تاھاۋىي قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھەققىق ئۆلىمالار ۋە ئارىف زاتلار: «ئىسمى ئەئزەم / ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىسمى ‹ئاللاھ›دۇر» دېگەن(9). ئىسمى ئەئزەم توغرۇلۇق كەلگەن جىمى ھەدىسلەردە «ئاللاھ» ئىسمىنىڭ كېلىشى، شۇنداقلا قۇرئاندا 2697 قېتىم تەكرارلىنىشىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ئەرەب تىلىدا باشقا تىللاردا بولغىنىدەك، چاقىرىشتا «يا ئاللاھ! / ئى ئاللاھ!»دىكى «يا / ئى» ھەرپى چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. شۇڭا، «ئاللاھ» دېيىشنىڭ ئۆزى ئاللاھتىن مەدەت تىلەشنىمۇ، ئۇلۇغلاشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم – سۈپىتىنىلا تىلغا ئېلىش ئۆز ئالدىغا بىر زىكىر بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىنسانلارغا خىتاب قىلغاندەك چوقۇم بىرەر تولۇق جۈملە بىلەن خىتاب قىلىش كېرەك ئەمەس. «الله / ئاللاھ، الْحَيُّ / ئەلھەي» دېگەندەك ئىسىم – سۈپەتلەرنىڭ ئۆزىلا ئەڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل مەنالارنى، بەلكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. جانابى ئاللاھ باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولمىغىنىدەك، ئىسمىمۇ باشقا سۆزگە موھتاج ئەمەس.

بەندە «ئاللاھ» دېسە، ئەسلەش ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئۇلۇغلاش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. يەنە كېلىپ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا، تولۇق جۈملە باشقا بىر ئىنسانغا مەقسەتنى ئۇقتۇرۇشتا شەرت قىلىنسىمۇ، زىكىر ئۈچۈن شەرت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، زىكىر قىلغۇچى زىكرىدىن ئۆزى پايدىلىنىدۇ. زىكىردە ئىنساننىڭ بىراۋغا خىتاب قىلىپ مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇشقا ئېھتىياجى يوق. شۇڭا، ئىنسان ئاللاھنى ئىچىدە ئەسلىسىمۇ، باشقىلار ئالدىدا ئەسلىسىمۇ ئەسلەش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەدىس قۇدۇسىيدا ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «مەن بەندەمنىڭ مېنى ئويلىغان يېرىدىن چىقىمەن، ئۇ مېنى ئەسلىگىنىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، ئەگەر مېنى كۆڭلىدە ئەسلىسە، مەن ئۇنى ئۆزۈمدە ئەسلەيمەن، ئەگەر مېنى بىر جامائەت ئالدىدا تىلغا ئالسا، مەنمۇ ئۇ جامائەتتىن ياخشىراق بىر جامائەت ئالدىدا ئۇنى تىلغا ئالىمەن، ئەگەر ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن»(10).

شۇنداقتىمۇ، زاكىر (زىكىر قىلغۇچى) «ئاللاھ» دېگەندە، «رەببىم +»، «ئۇلۇغ +» ياكى «+ ئەھەد» دېگەندەك بىرەر كەلىمەنى كۆڭلىگە پۈكۈپ دېسە، «ئاللاھ» كەلىمەسى تولۇق جۈملە بولىدۇ.

دېمەك، پۈتۈن كامالەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچى زاتنىڭ ئىسمىنىلا ئاتاش، دىلدا ئەسلەش زىكىردۇر. ئاتاقلىق مۇھەددىس ھافىز ئىبنى رەجەب: «ئاشىقنىڭ قەلبىدىن مەھبۇبىنىڭ ئىسمى نېرى كەتمەيدۇ. ‹ئۇنى ئۇنتۇپ كەت› دېسىمۇ ئۇنتالمايدۇ. ‹ئۇنى تىلىڭغا ئالما› دېيىلسە، چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن(11).

بىر قىسىم ئالىملار بۇ خىل زىكىرنى يەنى ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم – سۈپىتىنىلا تەكرارلاپ زىكىر قىلىشنى «دىنىمىزدا يولغا قويۇلمىغان ئىش، بىدئەت» دەپ قارىغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە: «ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسمى ئېنىق ئىسىم ياكى ئالماش ھالىتىدە تولۇق كالام ياكى تولۇق جۈملىمۇ ئەمەس، بۇ بىر كەلىمە بىلەن ئىمان ياكى كۇفۇر، ئەمر ياكى چەكلىمە ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىدىن بىركىم بۇنداق زىكىر قىلىشنى دېمىگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنى يولغا قويمىغان» دېگەن(12).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەقتە: «ئەسلىدىنلا يولغا قويۇلمىغان، بىرەر ئىسىم – سۈپەتنىلا تەكرارلاپ زىكىر قىلىش بىرەر مەزمۇننىمۇ ئىپادىلىمەيدۇ، ئۇنى كالام دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ مەدھىيە ياكى ئۇلۇغلاشنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ» دېگەن(13).

بۇ ئىماملار يۇقىرىقى قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىللىرىگە رەددىيە بەرگەن ۋە كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىقى دەلىللىرىمۇ بۇ ئىماملارنىڭ «يولغا قويۇلمىغان» ۋە «بىرەر تولۇق مەنا ئىپادىلىمەيدۇ» دېگەن دەلىللىرىگە رەددىيە بولغان.

شەيخ سەئىد ھەۋۋا (ھ. 1354 — 1409 / م. 1935 — 1989): «كىمكى ‹ئاللاھ› دېسە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى زىكىر قىلغان ۋە ‹قۇرئان›دىكى ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن﴾(73/«مۇززەممىل»: 8) دېگەن ئەمرنى بەجا كەلتۈرگەن بولىدۇ. چۈنكى، رەببىمىزنىڭ نامى ‹ئاللاھ› بولغاچقا، ئۇنى زىكىر قىلغان كىشى شەكسىز ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇنىمىغان كىشى خاتالاشقۇچىدۇر» دەيدۇ(14).

شەيخ ئەلى مەھفۇز (ھ. 1289 — 1361 / م. 1872 — 1942): «ئاللاھنىڭ ئىسمىنىلا زىكىر قىلىش شەرئەن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن ئۇنىڭ مەكرۇھ ياكى ھاراملىقىنى كۆرسىتىدىغان چەكلىمە كەلمىگەن» دەيدۇ(15).

ئىككىنچى مەسىلە: «بەندىنىڭ ‹ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچە› دېگەندەك مەلۇم چاغلاردا ناماز، تىلاۋەت، زىكىر، دۇئا كەبى كۈندىلىك ۋىردلىرىنى قولدىن بەرمەسلىكى بولسا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە قەدىمدىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكەن سالىھلەرنىڭ سۈننىتىدۇر»(16).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن ‹قۇرئان›دىن كۈندىلىك ئوقۇيدىغان ۋىردىمنى كارىۋاتتا يېتىپمۇ ئوقۇۋېرىمەن» دېگەن(17).

ۋىرد (الْوِرْدُ): ئەرەبچە «سۇ بويىغا ياكى بىر جايغا كەلمەك، سۇ ئۈلۈشى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندە ئۆزىگە ھەر كۈنى ياكى كېچىسى ياكى مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋەزىپە قىلىۋالغان قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر ۋە نامازغا ئوخشىغان ئەمەلدۇر. بۇ ئەمەل شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ياكى ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى شۇ ئەمەلگە كېلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن مەنىدىكى ھىزب (الحِزْبُ) ئاتالغۇسىمۇ گاھىدا مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلىدۇ(18).

لېكىن، ھەدىستە مەلۇم سان بەلگىلەنمىگەن زىكىرلەرنى سان بەلگىلەپ ۋەزىپە (ۋىرد) قىلىۋېلىش يۇقىرىقى مەسىلىگە ئوخشاشلا قاراشلار ئوخشىمىغان مەسىلەدۇر. بۇنىڭدىمۇ دەلىللەر بەندە ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە شارائىتىغا قاراپ، سان ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالسا جائىز بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى مەسىلىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ئىككى يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مەزكۇر «جائىز» دېگەن قارىشىنى تۇتۇپ كەلگەن.

بۇ مەسىلىدە يۇقىرىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «جائىز» دېگەن قارىشى كۈچلۈك. شۇڭا، زىكىر قىلىشتا پەرز ۋە نەپلە نامازلار، قۇرئان تىلاۋىتى، نامازدىن كېيىنكى ۋە ھەر تۈرلۈك ئەھۋاللاردا ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن تەھلىل، تەسبىھ، تەكبىر قاتارلىق زىكىرلەرنى بارچە ئەھۋاللاردا ئەڭ ئەۋزەل دېيىش بىلەن بىرگە، خاھلىغانلار شەرىئەتتە مەلۇم سان چەكلىمىسى كەلمىگەن زىكىرلەرنى باشقىلارغا: «مۇشۇ ساندا زىكىر قىلىش سۈننەت ياكى مۇشۇ ئەڭ ئەۋزەل» دەۋالماستىن، ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم – سۈپەتلىرى بىلەن خاھلىغانچە ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ زىكىر قىلسا بولىدۇ. ئىككىنچى قاراشنى تۇتقانلار بۇنى بىدئەت دېمەي، ئۆزى «توغرا» دەپ قارىغان بويىچە زىكىر قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 22 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 7 – ئۆكتەبىر


1. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 4 – ج، 308 – بەت؛ ئەرراغىب ئەلئەسبەھانىي: «ئەلمۇفرەدات»، 328 – بەت.
2. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 4 – ج، 2 – بەت؛ فەخرۇررازىي: «ئەجائىبۇل قۇرئان»، 117 – بەت؛ ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 52 – ج، 10 -، 11 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەلفەتاۋا ئەلھەدىيسىييە»، 159 – بەت؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىر»، 2 – ج، 392 – بەت.
3. بۇخارىي «تەۋھىد بۆلۈمى»، «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇنى (قۇرئان ئايەتلىرىنى) ئوقۇشقا تەمشەلمە﴾(75/«قىيامەت»: 16) دېگەن ئايەتى ۋە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيى قوبۇل قىلىۋاتقان چاغدىكى ئىش – ھەرىكەتلىرى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىمام ئەھمەد (10981) «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
4. مۇسلىم (148).
5. ئەليافىئىي: «الذكر بالاسم المفرد بين المجيزين والمانعين – دراسة فقهية مقارنة»، 43 – بەت.
6. ئەھمەد (3832)؛ ئىبنى ماجە (150)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (32999، 33000، 34570، 37741، 37748)؛ ئىبنى ھىببان (7083)؛ ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 2 – ج، 160 – بەت. ھاكىم ۋە زەھەبىي «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
7. ئابدۇرراززاق (20412)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (1510)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىيئاب»، 1 – ج، 55 – بەت.
8. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 3 – ج، 182 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەسسىيرەت ئەننەبەۋىييە»، 2 – ج، 416 – بەت.
9. ئىبنى ئەمىر ھاج: «ئەتتەقرىرۇ ۋەتتەھبىر»، 1 – ج، 5 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن:«راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 4 – بەت؛ ئىبنۇننەججار: «شەرھۇل كەۋكەبىلمۇنىر»، 1 – ج، 25 – بەت؛ شىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1 – ج، 7 – بەت.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7405)؛ مۇسلىم (2675).
11. ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 52 – ج، 10 -، 11 – بەت.
12. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 10 – ج، 226 – بەت.
13. ئىبنۇلقەييىم: «تارىيقۇل ھىجرەتەين»، 498 – بەت.
14. سەئىد ھەۋۋا: «روھىي تەربىيەمىز (تربيتنا الروحية)»، 246 – بەت.
15. شەيخ ئەلى مەھفۇز: «ئەلئىبدائۇ فى مازارىل ئىبتىدائى (الإبداع في مضار الابتداع)»، 246 – بەت.
16. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22 – ج، 521 – بەت.
17. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، (186)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (8659). سەنەدى سەھىھ.
18. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 3 – ج، 456 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 43 – ج، 88 -، 89 – بەت؛ در. مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 472 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى: