ئاياللارنىڭ قۇلاق، بۇرۇنلىرىنى تەشتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

ئاياللارنىڭ قۇلاق، بۇرۇنلىرىنى تەشتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاياللارنىڭ قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ توپلاردا «قۇلاق، بۇرۇن تەشتۈرۈش» ھەققىدە ئېلان – تەشۋىقاتلار بار ئىكەن، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قۇلاق تەشتۈرۈشىغۇ بۇرۇندىن ئادىتىمىزدە بار ئىش، ئەمما بۇرۇن تەشتۈرۈشى بىزنىڭ ئادىتىمىزدە يوق، ھىندىلارنىڭ ئادىتى دەپ بىلەتتىم. مۇسۇلمان ئاياللار بۇرۇن تەشتۈرسە ياكى شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە باشقىلارنىڭ بۇرۇن تەشتۈرۈشىگە ياردەملەشسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەرىئەتتە قىز – ئاياللارنىڭ ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا بوۋاق ۋە چوڭ قىز – ئاياللارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئازغىنە ئاغرىق ۋە زىيان يوق ھېسابتا سانالغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم «قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى ھارام» دەپ قارىغان ئىمام غەززالىي ۋە ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارغا: «بۇنىڭ جائىزلىقىغا كىشىلەرنىڭ شۇنى قىلىدىغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى قىلىشىنى چەكلىمىگەنلىكى يېتەرلىكتۇر. مۇبادا ئۇ چەكلىنىدىغان ئىش بولسا ئىدى، قۇرئان بىلەن سۈننەت چەكلەيتتى» دەپ رەددىيە بەرگەن(1) ۋە «ھارام» دېگەن قاراشنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسقان.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر بوۋاق ۋە چوڭ قىز – ئاياللارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىپ كەلگەن. رۇخسەت قىلىنغانىكەن، بۇ ئىش ئاللاھنىڭ گۈزەل ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر ئىككى قۇلاقنىڭ ئاستىدىكى يۇمشىقى ياكى ئۈستى تەرىپى بولسۇن، بەدەنگە زىيان يەتمىسىلا قايسى يېرىدىن تەشتۈرسە بولىدۇ.

قۇلاقنى بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشكە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە پەتۋا ساھەسىدە قاراشلار بىردەك ئەمەس.

بەزى ئالىملار: «ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش ئادەت بولسا، بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بىر قېتىم تەشتۈرۈش جائىز بولغانىكەن، ئىككىنچىسىمۇ زىننەتلىنىش ئېھتىياجىدىن جائىز بولۇشى كېرەك. بۇنى چەكلەيدىغان دەلىل يوق. ئەمما، قىز – ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش يوق بولسا، بۇ ئارتۇقچە تەشتۈرۈش (بىھۇدە زەخمىلەش) بولۇپ، چەكلىنىدۇ» دەيدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھەر ئىككى قۇلاقنىڭ بىردىن ئارتۇق يېرىنى تەشتۈرۈش ئايرىم رۇخسەتكە موھتاج. چۈنكى، شەرىئەتتە ئادەتتىن تاشقىرى رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈش قۇلاقنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە رۇخسەت دائىرىسىدىن ھالقىش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىشتا كافىر ۋە ئەخلاقسىز ئاياللارنى دوراشنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ» دەپ چەكلەيدۇ(2).

دېمىسىمۇ، ئەسلىدە قۇلاقنى تەشتۈرۈش رۇخسەت قىلىنغان دائىرە بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن بۇ ئادەتنى پەيدا قىلماسلىق، ئادەت ئومۇملىشىپ كەتكەن تەقدىردە، قۇلاقنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتمىگەن، سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن، ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قالمىغان ۋە ئۇلارنى دورىمىغان ئاساستا بىردىن ئارتۇق تەشتۈرسە ھېچ گەپ بولماس. ئەۋزىلى ئىككىنچىسىنى تەشتۈرمەي، قىسقۇچلۇق ھالقا تاقىغان تۈزۈك.

بۇدپەرەست ھىندۇلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، بۇرۇنغا ھالقا (ھىزما) سېلىپ زىننەتلىنىش مەقسىتىدە بۇرۇننى تەشتۈرۈشنى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى قۇلاق تەشتۈرۈشكە قىياسەن: «جائىز» دەپ قارايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابىدىن: «بەزى يۇرتلاردا بولغىنىدەك، ئاياللار زىننەتلىنىش ئۈچۈن بۇرنىنى تەشتۈرىدىغان بولسا، بۇ قۇلاقنى تەشتۈرۈشكە ئوخشاش (يەنى رۇخسەت قىلىنىدۇ). شافىئىيلارمۇ ئۇنى جائىز دەپ قارىغان» دېگەن(3).

شۇنداق، شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمى شۇنداق قارىغان. يەنە بىر قىسمى: «بۇدپەرەست ھىندۇلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتى بولمىسىمۇ بۇرۇننى تەشتۈرۈش ھارام، بۇ قۇلاقنى تەشتۈرۈشكە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، قۇلاقنى تەشتۈرۈش ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى. بۇرۇننى تەشتۈرۈش بولسا (بۇدپەرەست ھىندۇلاردەك) بەزى پىرقىلەردىلا زىننەتلىنىش ھېسابلانغىنى بىلەن ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە زىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئادىتى (شەرئىي ھۆكۈمنى بېكىتىشتە) ھېسابقا ئېلىنمايدۇ» دەپمۇ قارىغان(4).

ئەلبەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرۈپ چەكلىمىگەنلىكى جەھەتتىن «قۇلاقنى تەشتۈرۈشكىلا رۇخسەت قىلىنغان، ئارتۇقى ئارتۇقچە» دېسەك، بۇرۇننى تەشتۈرۈش رۇخسەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، بۇرۇننى تەشتۈرمەسلىك كېرەك. تەشتۈرۈش ئومۇملىشىپ كەتكەن يۇرتلاردا سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە بۇدپەرەست ھىندۇلارنى دورىمىغان ئاساستا تەشتۈرسە رۇخسەت، تەشتۈرمەسلىك ئەۋزەل.

ئۇندىن باشقا قاش – قاپاق، كالپۇك، تىل ۋە كىندىك قاتارلىق ئەزالارنى تەشتۈرۈپ ھالقا تاقاش بولسا بەدەننى ئارتۇقچە زەخمىلەندۈرۈش، ئېھتىياجدىن ئارتۇقچە زىننەتلىنىش، ئەخلاقسىز ئاياللارنى دوراش ۋە كافىر جەمئىيەتلەردە تارقالغان مودىلارغا ئەگەشكەنلىك جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

قارايدىغان بولساق، بەدەننىڭ تۈرلۈك يەرلىرىنى تېشىپ ھالقا تاقاپ ياسىنىش (پىئېرسىڭ / Piercing) ئېقىمى (ياكى مودىسى)غا ئەگىشىۋاتقان ياشلار ئادەتتە «مەلۇم داڭلىق سەنئەت چولپانلىرىنى دوراش، دىققەتنى تارتىش، مودىغا ئەگىشىش، ئالاھىدە بولۇش، جەمئىيەتتىكى گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بوشىنىش، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش» دېگەندەك مەقسەتلەردە بۇلارنى قىلىشى مۇمكىن بولغىنىدەك، بەزى جەمئىيەتلەردە ھەربىرىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەلۇم مەناسى بولۇشى، ھەتتا پاھىشە ئاياللارغا بەلگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. قەدىمكى ۋە يېڭى دىنىي ئېتىقادلار ۋە دىنىي ئادەتلەرگە چېتىلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. «تىل، قاش – قاپاق ۋە كالپۇك» دېگەندەك جايلارنى تەشسە، سالامەتلىككە زىيىنى بولۇشى تۇرغانلا گەپ. مادامىكى مۇسۇلمانلاردا قەدىمدىن بۇنداق ئادەت يوق، ئۇنداقتا، بۇ يات قەۋملەرنى دوراش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ ۋە دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە سىھھىي جەھەتتىكى زىيانلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇلارنى چەكلەش مۇئەييەنلىشىدۇ. نەتىجىدە، چەكلەنگەن جايلارنى تەشتۈرسە، شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە باشقىلارنىڭ تەشتۈرۈشىگە ياردەملەشسە بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 30 – سەفەر / م. 2023، 15 – سېنتەبىر


1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4/17860؛ ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، 209 – بەت؛ «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 7/87 ۋە 39/349، 350.
2. https://www.islamweb.net/ar/fatwa/75990/

https://islamqa.info/ar/answers/171488

https://ferkous.com/home/?q=fatwa-884
3. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/420.
4. رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8/34.

Please follow and like us: