سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ ئۆيدە قېيىنئاتىسى، قېيىنئاكا – قېيىنئىنىسى ۋە ئۆزىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇللىرى ئالدىدا يالاڭباش، كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرۇشى توغرىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالاڭباش ياكى قىسقا يەڭ كىيىم كىيەلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى شۇكى: ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن؛ ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ۋەيا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن! يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن!﴾(24/«نۇر»: 31).
مەزكۇر ئىلاھىي ئەمرگە ئاساسەن، ئاياللار قېيىنئاتىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا گىرىملىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرى بىلەن يالاڭباش، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئاچىدىغان كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئايالغا نىسبەتەن مەھرەمدۇر. كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى چوقۇم يۆگىشى كېرەك. مەھرەملەر ئالدىدا ئۇلار كۆرسە بولمايدىغان ئۇياتلىق يەرلىرىنى مەلۇم قىلىدىغان نېپىز تار كىيىملەرنى كىيسە ھەم بولمايدۇ.
ئەمما، قېيىنئاكا – قېيىنئىنىسى ئالدىدا تولۇق كىيىم بىلەن تۇرىدۇ. پەرقى باشتىكىلەر ئايالغا مەڭگۈلۈك مەھرەملەر. كېيىنكىسى ۋاقىتلىق مەھرەملەردۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— يات ئاياللارنىڭ قېشىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار، — دېگەندە، ئەنسارلاردىن بىرى:
— يا رەسۇلەللاھ! ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كىرىشىگە نېمە دەيلا؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۈمدۇر، — دېدى (1).
بۇ ھەدىستىكى «ئەرنىڭ تۇغقىنى»دىن كۆزدە تۇتۇلغىنىنى ئىمام نەۋەۋىي: «ئەرنىڭ ئاتىسى بىلەن ئوغلىدىن باشقا ئاكا – ئۇكىلىرى، ئەرنىڭ ئوغۇل جىيەنلىرى، ئەرنىڭ تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ ئوغلى ۋە ھاممىلىرىنىڭ ئوغلى قاتارلىقلاردەك ئايالغا مەھرەم بولمىغان تۇغقانلىرىدۇر، چۈنكى ئاتىسى بىلەن ئوغلى (ئايالنىڭ ئۆگەي ئوغلى) ئايالغا مەھرەمدۇر. ئۇلار بىلەن خالىي ئولتۇرسا بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان(2).
يېزنىلەر يەنى ئاچا ياكى سىڭىلىنىڭ ۋە ھاممىنىڭ ئېرىمۇ يات ۋە نامەھرەمدۇر.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن قولى ئەۋرەت ئەمەس. مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن يەنە بىر قاراشنى تۇتىدىغانلار يېزنىلىرى (ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ يولداشلىرى)، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەرنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى، ئەرنىڭ ئوغۇل جىيەنلىرى، ئەرنىڭ تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرى، ئەرنىڭ ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ھاممىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىقلاردەك ئايالغا مەھرەم بولمىغان تۇغقانلىرى ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا يۈزى بىلەن قولىنى ھەم يۆگىشى كېرەك. يەنى پۈتۈن بەدىنىنى يېپىشى كېرەك، قولىنىمۇ (پەلەي كىيىپ) يۆگىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ھەر ئىككى قاراشتا بىلەكلىرى ئوچۇق، پاچاقلىرى ئىشتانسىز ھالدا كۆرۈنۈپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئايالغا يات ۋە نامەھرەمدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 30 – سەفەر / م. 2023، 15 – سېنتەبىر
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5232)؛ مۇسلىم (2172).
2. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7 – ج، 308 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

