«جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

«جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن ۋە جەننەتتە قايسى تىلدا گەپلىشىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلەرگە تاكى قىيامەتكە قەدەر دەستۇر قىلىپ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان ئۇلۇغ كىتابىنىڭ تىلىنى ئەرەب تىلى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرتىۋېتەلمەسلىكىگە ئەبەدىي كاپالەتلىك قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە بىز چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز﴾(15/«ھىجر»: 9).

بۇ قوغداش ئەلبەتتە ئاللاھ تائالا ئىلاھىي مۇئجىزە كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئەرەب تىلىنىمۇ قوغداشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب تىلى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ھايات تىللارنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى بولۇپلا قالماي، تاكى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىشى پۈتۈلگەن تىلدۇر.

لېكىن، جەننەت ئەھلى ۋە دوزاخ ئەھلى سۆزلىشىدىغان تىل ئەرەب تىلىمۇ؟ بەزى ئالىملار: «جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە» دەپ يەكۈنلىگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە قۇرئاندا ياكى ھەدىستە كەسكىن ۋە ئېنىق دەلىل يوق.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن پەقەتلا سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىندىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەرەبلەرنى ئۈچ ئىش ئۈچۈن ياخشى كۆرۈڭلار! چۈنكى مەن ئەرەب، قۇرئانمۇ ئەرەبچە، جەننەت ئەھلىنىڭ سۆزىمۇ ئەرەبچە» دېگەن(1).

بۇ ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر «زەئىف» ياكى «ھەسەن لىغەيرىھى» ياكى «سەھىھ» دەپ قارىغان(2) بولسىمۇ، ئىسنادىنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەن ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئىبنۇلجەۋزىي، زەھەبىي، موللا ئەلى قارىي، شەۋكانىي ۋە ئالبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر ئۇنى «يالغان» ۋە «توقۇلما» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرگەن(3).

بۇ ھەقتە يەنە بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېگىزلىكىدە پادىشاھ گېزىدە(4) 60 گەز، يۈسۈف ھۆسنىدە، ئىيسانىڭ تەۋەللۇد بولۇپ (ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن) 33 ياشتا ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلىدا، بەدەنلىرى مويسىز، ساقال – بۇرۇتسىز، سۈرمە تارتىلغان ھالدا كىرىدۇ» دېيىلگەن(5). بۇ رىۋايەتنىڭ ئىسنادىدىكى رەۋۋاد ئىبنۇل جەرراھ ئىسىملىك راۋىي زەئىف بولۇپ، يەنە بىر راۋىي ھارۇن ئىبنى رىئابنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقىدا شەك بولغاچقا، بۇ ھەدىسمۇ مۇھەددىسلەر تەرىپىدىن «ئىنتايىن زەئىف» دەپ قارالغان(6).

شۇنداقتىمۇ سەلەفلەردىن كەلگەن بەزى تەفسىر ۋە يۇقىرىقى (سەھىھ بولمىغان) ھەدىسلەرگە قاراپ، بەزى ئالىملار: «جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە» دەپ قارىغان.

سەلەفلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، زۇھرىي ۋە مۇقاتىل قاتارلىقلاردىن «جەننەت ئەھلىنىڭ سۆزىمۇ ئەرەبچە» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(7). تەبەئى تابىئىن مۇھەددىسلەردىن سۇفيان سەۋرىي: «ۋەھيى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا چۈشمىگەن. ئاندىن ھەر بىر پەيغەمبەر ئۇنى ئۆز قەۋمىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. قىيامەت كۈنىدىكى تىل سۇريانىيچە بولىدۇ. جەننەتكە كىرگەنلەر ئەرەبچە سۆزلەيدۇ» دېگەن(8).

يۇقىرىقى تەفسىرلەر ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سەھىھ سەنەد بىلەن كەلدىمۇ – يوق، ئاندىن بۇنى ئۆز ئىجتىھادى بىلەن دېگەنمۇ ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن بويىچە دېدىمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. چوڭ ئېھتىمالدا سەنەدى سەھىھ ئەمەس. شۇڭا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭدىن: «ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە خالايىققا قايسى تىلدا خىتاب قىلىدۇ؟ ئۇلارغا ئەرەب تىلى بىلەن خىتاب قىلامدۇ؟ ‹دوزاخ ئەھلىنىڭ تىلى فارسچە، جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە› دەپ سەھىھ كەلگەنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، جاۋابەن دېگەنكى:

«جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ كۈندە كىشىلەر قايسى تىلدا سۆزلەيدىغانلىقى ياكى ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ خىتابىنى قايسى تىلدا ئاڭلايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ياكى رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بۇ توغرىدا خەبەر بەرمىگەن. فارسچەنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ تىلى ئىكەنلىكى ياكى ئەرەبچەنىڭمۇ ئەبەدىي ھۇزۇر – ھالاۋەت ئەھلىنىڭ تىلى ئىكەنلىكى سەھىھ كەلمىگەندۇر. بۇ ھەقتە ساھابە كىراملار ئارىسىدا دەتالاش بارلىقىنى بىلمەيمىز. بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە بولدى قىلىشىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدەك مەسىلىلەردە بىرنەرسە دېيىش ئارتۇقچە سۆزلەشتۇر. ئاللاھ تائالامۇ زېمىن ئەھلىگە بۇ ھەقتە سۆز قىلمىغاندۇر. لېكىن، كېيىن كەلگەن ئالىملار ئوتتۇرىدا بۇ ھەقتە قاراش ئوخشىماسلىقى بولغان. بەزىلەر: ‹ئەرەبچە سۆزلىشىدۇ› دېسە، يەنە بەزىلەر: ‹دوزاخ ئەھلى فارسچە سۆزلىشىدۇ› دېگەن. يەنە بەزىلەر: ‹سۇريانىيچە سۆزلىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى، جىمى تىللار شۇنىڭدىن شاخلاپ چىققان› دېگەن. يەنە بەزىلەر: ‹پەقەت جەننەت ئەھلىلا ئەرەبچە سۆزلەيدۇ› دېگەن. بۇ قاراشلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ يا ئەقىل تەرەپتىن، يا نەقىل تەرەپتىن پاكىتى يوق بولۇپ، ئۇ دەلىلسىز ئىددىئالاردۇر، خالاس. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ تولۇق بىلگۈچىدۇر»(9).

دېمەك، جەننەت ئەھلىنىڭ قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى ياكى پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ سۆزىنى قايسى تىلدا ئاڭلايدىغانلىقى، نامەئى ئەئماللەرنىڭ قايسى تىلدا يېزىلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ھەتتا قەبردىكى سوئال – سوراقلارنىڭ قايسى تىلدا بولىدىغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى ئاللاھ تائالا بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغرىدا سەھىھ بىرەر ھەدىس كەلگىنى يوق. ئۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس. بىزنىڭ بۇنى بىلىشىمىزمۇ زۆرۈر ئەمەس. بىز پەقەت جەننەت ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ۋە بىر – بىرىنى چۈشىنىشىدىغانلىقىنى بىلسەك يېتەرلىك. ﴿جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار﴾(41/«فۇسسىلەت»: 31) دېگەن ئايەتكە ئاساسەن، «جەننەت ئەھلى قايسى تىلدا سۆزلىشىشنى خاھلىسا، شۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ» دېگىلىمۇ بولىدۇ. توغرىسى، بۇ ھەقتە بىرنەرسە دېمەي، ئاللاھتىن جەننەتۇل رىزۋاننى تىلەشتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 29 – سەفەر / م. 2023، 14 – سېنتەبىر


1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (695، 11278)؛ تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت»، (5583، 9147)؛ ئۇقەيلىي: «ئەززۇئەفاﺋ»، (1530)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (1364، 1496)؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (6999، 7000).
2. سۇيۇتىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر»، 1/16؛ ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، (16600)؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (6999، 7000).
3. ئىبنى ئەبى ھاتىم: «ئەلئىلەل»، (2641)؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمەۋزۇئات»، 2/41، 42؛ ئۇقەيلىي: «ئەززۇئەفاﺋ»، (1530)؛ موللا ئەلى قارىي: «ئەلئەسرارۇل مەرفۇئە»، 277 – بەت؛ شەۋكانىي: «ئەلفەۋائىدۇل مەجمۇئە»، (167)؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (160، 161).
4. پادىشاھ گېزى: قەدىمدە ئەرەبلەر ئىشلىتىپ كەلگەن، ئىران پادىشاھلىرىنىڭ بىرىگە نىسبەت قىلىنغان گەز. باش بارماقنى تىك تۇتقان ھالەتتە يەتتە مۇشت مىقدارى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ گېزى كىرباس گەز دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باش بارماقسىز ئالتە مۇشت كېلىدۇ. قاراڭ: زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 16/466؛ فەييۇمىي: «ئەلمىسباھۇل مۇنىر»، 3/299.
5. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سىفەتۇلجەننە»، (210)؛ زىيا ئەلمەقدىسىي: «سىفەتۇلجەننە»، (112).
6. ھافىز ئىبنى ھەجەر : «تەھزىبۇتتەھزىب»، 3/249؛ زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 15/152.
7. ئىبنۇلقەييىم: «ھادىل ئەرۋاھ»، 277 – بەت؛ شەۋكانىي: «فەتھۇل قەدىر»، 6/394.
8. ئىبنى ئەبى ھاتىم: «ئەتتەفسىر»، (1950)؛ ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 6/163.
9. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 4/301.

Please follow and like us: