قەرەللىك پۇل تۆلەيدىغانغا تاۋار سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟

قەرەللىك پۇل تۆلەيدىغانغا تاۋار سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈركىيەدە ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۈرلۈك تاۋارلارنى تاكسىت بىلەن (مۇددەتكە بۆلۈپ) سېتىش ئومۇملىشىپ كەتتى. ئەلبەتتە تاكسىت سانى ياكى مۇددىتى ئۇزارغانسېرى باھا نەق سودىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشىدۇ. مەسىلەن، بىر تاۋارنى 6 ياكى 12، ياكى 24 ئايغا بۆلۈپ ئوخشىمىغان باھادا ساتىدىغان بولسا، بىز بىرىنى تاللاپ سېتىۋالساق بولامدۇ؟ ياكى بۇنىڭدا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئېلىم – سېتىم ياكى بەيئى قىلىش شەرىئەتتە: قىممەتكە ئىگە مالنى قىممەتكە ئىگە مالغا ئىگە قىلىش ۋە ئىگە بولۇش شەكلىدە ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ (1). ھەدىس شەرىفلەرگە ئاساسەن، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇلدىن باشقا تۈرلۈك تاۋارلارنى نەق سېتىش جائىز بولغىنىدەك، نېسى سېتىشمۇ ئەلبەتتە جائىز. نېسى سېتىش بىرنەچچىگە بۆلۈپ بېرىدىغان قەرەللىك سېتىش بولۇشىمۇ ياكى بىراقلا بېرىدىغان شەكىلدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. شەرئىي ھۆكۈم جەھەتتىن بىر قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىش بىلەن بىرقانچە قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىشنىڭ پەرقى يوق. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانەنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.

ئەلبەتتە، سودا نېسى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇشى تەبىئىي، بۇنىڭدا ھېچقانداق جازانە شەكىللەنمەيدۇ(2). ئەمما، نېسى ۋە قەرەللىك سودىدىمۇ نەق سودىدا شەرت قىلىنغىنىدەك، تاۋار ھالال، پاك تاۋار بولسا، تاۋار ۋە ئومۇم باھا ئېنىق بولۇشى، ساتقۇچى تاۋارنىڭ ئىگىسى ياكى ۋەكىلى بولۇشى، پۇل شۇ تاۋار ئۈچۈن تۆلەنگەن بولۇشى، سودىدا باشقا ئېنىقسىزلىق ياكى مۇجمەللىك بولماسلىقى، شۇنداقلا قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى تۆلەشتىن خالىي بولۇشى شەرت.

بۇ مەسىلىدە ھۆكۈم چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىقى شەرتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر – بىرلەپ ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ:

1.   ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ياكى قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ياكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنى نېسى ياكى قەرەللىك سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق ھۆكمى، شۇنداقلا ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن جازانە بولىدۇ.

2.   تاۋار، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما — دېگەن(3). ھازىرقى بانكا ئارىلاشقان سودىلاردا ۋە بەزىبىر تور سودىلىرىدا بۇ شەرت تېپىلمايدۇ.

3.   تاۋارمۇ، پۇلىمۇ ئېنىق بولۇشى، پۇلنى قاچان بېرىش، بۆلۈپ بەرگەندە ھەر قېتىمقى ئۈلۈشنىڭ ۋاقتى، مىقدارى ئېنىق بولۇشى كېرەك، مەۋھۇملۇق ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ. مەسىلەن، تاۋارنىڭ باھاسى پۇلنىڭ پاخاللىشىشىغا ياكى مائاشنىڭ ئېشىشىغا، ياكى باشقا بىرنەرسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلاپ قويۇلغاندا، تاۋارنىڭ ئومۇم سوممىسى ئىككىلا تەرەپكە ئېنىق بولمايدۇ. ھەدىس شەرىفتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق سودىدىن توسقان»(4).

4.   بۇ سودا توختامنامىسىدە: «ئەگەر پۇل بېرىش قەرەلىدىن كېچىكسە مۇنچە پىرسەنت (بازار نەرخى) ئۆسۈم ياكى كېچىكىش جازاسى قېتىلىدۇ»، «تاۋارنىڭ ئەسلى پۇلى ماۋۇ، ئۆسۈمى ماۋۇ» دېگەندەك ئۆسۈمگە ئالاقىدار ھېچقانداق گەپ – سۆز قىلىنماسلىقى شەرت. چۈنكى، كېچىكىش جازاسى بىر تەرەپتىن، قەرز كېچىككەنلىكتىن تۆلەنگەن ئۆسۈم بولغانلىقتىن جازانە بولۇپ، ھەممە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ تاۋارنىڭ ئومۇم سوممىسىنى نائېنىق قىلىشى جەھەتتىنمۇ توختامنى ناتوغرا توختام قىلىۋېتىدۇ. بۇمۇ ھەممە ئالىملار ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلەدۇر. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 1989 – يىلى ئالغان قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «قەرز ئىگىسى قەرزدارغا قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكسە، مەلۇم مىقداردا پۇل ياكى قەرزنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى كېچىككەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە سۈپىتىدە بېرىشنى شەرت قىلسا ياكى تاڭسا، بۇ باتىل شەرت ۋە باتىل تېڭىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. بەلكى ئەمەل قىلىش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ قۇرئان ھارام قىلغان جاھىلىيەت جازانىسىدۇر»(5).

ئىمام فەخرۇررازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) دەيدۇكى: «قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىپ، قەرزداردىن قەرزنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغىنىدا قايتۇرالمىسا، قەرز ئىگىسى قەرزنى ئاشۇرۇپ مۇددەتنى ئۇزارتسا، مانا بۇ جاھىلىيەتتە قىلىنغان جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر»(6).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) مۇ: «قەرز ئاشۇرۇلۇپ قەرەل ئۇزارتىلىدىغان مۇئامىلە جازانىدۇر» دەيدۇ(7).

مەسىلەن، ھەر بىر قەرەلدە مىڭدىن تۆلەيدىغانغا 12 قەرەلگە بۆلۈپ بىر تاۋارنى سېتىۋالساق، بىر قەرەل ۋاقتىدا تۆلەنمەي قالسا، ئومۇم 12 مىڭغا 500 قېتىلسا، مانا بۇ قېتىلغىنى جازانە. ئاندىن بەيئى توختامى قىلغاندا بۇ كىشى جەمئىي قانچە پۇل تۆلەيدىغانلىقى نائېنىق، چۈنكى، ۋاقتىدا تۆلىيەلىسە جەمئىي 12 مىڭنى، ئىككى قەرەلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە 13 مىڭنى، تۆت قەرەلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە 15 مىڭنى تۆلەيدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەردىن بىرەرسى تېپىلمىسا، بۇ سودا شەرىئەتتە: «ئەقدى فاسىد / ناتوغرا توختام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «جازانە» دېگەنلىك. بۇ سودىغا «كرېدى كارت»ى ئىشلىتىش قوشۇلسا، «كرېدى كارت»لىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدىغان بولغاچقا، توختامغا يەنە بىر قات جازانە قوشۇلىدۇ – دە، مەزكۇر سودىدىكى شەرىئەتكە خىلاپلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. پۇلنى تۆلىيەلمەي قالغاندا بانكىغا باغلاپ ئۆسۈملۈك قەرزگە زورلىغاندا، يەنە بىر قات ئېغىرلىشىدۇ. يۇقىرىقى ئۆسۈم، كېچىكىش جازاسى ۋە «كرېدى كارت» ئۆسۈمى (جازانەسى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

شۇڭا، ھازىر ھەممە دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەرەللىك سودىدىكى ناتوغرىلىق تۈپەيلى، سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھەر بىرىنىڭ بۇ سودىغا كىرمەسلىكى، كىرگەن بولسا ناتوغرىلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرالىسا، بىكار قىلىۋېتىشى كېرەك.

ئۇنداقتا، كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلساق، ئۆسۈم ئارىلاشمىغاچقا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولامدۇ؟ دېيىلسە جاۋاب شۇكى:

ئالدى بىلەن: «ۋاقتىدا تۆلەشكە ھېچكىم تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ» دەيمىز.

زۆرۈر ئېھتىياجلارغا كەلسەك، زۆرۈرىيەت ھالىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. «زۆرۈرىيەت» دېگىنىمىز شۇ سودىنى قىلمىسا، ئاچ، يالىڭاچ قېلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىينىلىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئىنتايىن تار دائىرە بولۇپ، زۆرۈرىيەت شەرتىگە چۈشكەندە ۋە قەرەلسىز سېتىۋالالايدىغان ئىمكانى بولمىغاندا، ئاندىن سودا جائىز بولىدۇ. ئەمما، ھازىر قىلىنىۋاتقان سودىلاردا كۆپىنچە بۇ شەرتلەر تېپىلمايدۇ. بۇ ۋەجدىن ھەربىر مۇسۇلمان جازانەدىن ساقلىنىش ۋە شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن پەقەت زۆرۈرىيەت بىلەنلا چەكلىنىشى ۋاجىبتۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ): «سودا – سېتىق جازانەگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانەنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275).

تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلاردا ماددىي جەھەتتىن قىسىلىپ قالغاندا دىنىمىز 18 ھەسسە ساۋاب ۋەدە قىلغان قەرز بېرىپ تۇرۇشتەك پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى جازانەگە كىرىپ قىلىشتىن قوغداش قولىدا ئارتۇقچە پۇل بار ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. شۇڭا، بۇ قىيىنچىلىقلارنى قەرز بېرىش تۇرۇش بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ۋە كېرەك. قەرز ئالغۇچىلارمۇ قەرز بەرگەنلەرنى پۇشايمان قىلدۇرماي قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىشى زۆرۈر.

خۇلاسە: قەرەللىك (تاكسىت) سودا ئۆسۈم ۋە كېچىكىش جەرىمانىسىدەك ناتوغرا شەرتلەردىن خالىي بولمىسا جائىز بولمايدۇ. زۆرۈرىيەت ھالىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 25 – سەفەر / م. 2023، 10 – سېنتەبىر


1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/3.
2. بۇ ھەقتە قاراڭ: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 144 – نومۇرلۇق: «ئارتۇق باھادا نېسى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشتا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟» دېگەن پەتۋا. https://sajiya.biz/?p=2971
3. «تىرمىزىي»، (1232). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسلىم»، (1513).
5. قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الـ 11 المنعقدة في مكة المكرمة، في الفترة من يوم الأحد 13 رجب ھ. 1409 الموافق 19 شباط (فبراير) م. 1989 إلى يوم الأحد 20 رجب ھ. 1409 الموافق 26 شباط (فبراير) م. 1989.
6. «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 7/75.
7. «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/439.

Please follow and like us: