سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كىيىدىغان تۈركچە «kep ve cübbe» دەيدىغان بىر كىيىم بار. مۇشۇ كىيىمنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كىيسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ماگىستىر – دوكتورلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدە كىيىش دۇنياۋى ئادەتكە ئايلانغان تون بىلەن شەپكە (Academic dress) نى كىيىش جائىزدۇر. بولۇپمۇ بۇ كىيىم شۇ ئىلمىي مۇراسىم ئۈچۈنلا كىيىلسە، شەرئىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.
گەرچە بۇنى بەزى ئالىملار: «بۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى پوپلارغا خاس كىيىم، ئۇلارغا ئوخشاپ كىيىنىش ھارام» دېگەن ئاساستا چەكلىگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى ئالىملار: «بۇ كافىرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، بىرەر تەرىقەت ياكى بىرەر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە چېتىشلىق كىيىم ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدا ئاكادېمىك ساھەدە ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان كىيىم، بۇنىڭ بىلەن كافىر مۇسۇلماندىن ئايرىلىپ قارالمايدۇ. بۇنى كىيىش كافىرلارغا ئوخشىۋېلىش بولمايدۇ، بۇ كىيىم پەقەتلا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەرخىل دىندىكىلەر ۋە كەڭ مۇسۇلمانلارغا ئومۇملىشىپ كەتكەن شىم – كاستۇمغا ئوخشايدۇ خالاس. كىيگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى، ئۇستازلاردىمۇ ‹كافىرلارغا ئوخشىۋالاي› دېگەن نىيەت بولمايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇنى كىيىش مۇباھ» دەپ قارايدۇ.
دەرۋەقە، بۇ كىيىمنىڭ پوپلارنىڭ كىيىمى ياكى كافىرلارنىڭ ئىبادىتىگە ئالاقىدار كىيىملىكىگە پاكىت يوق. ئەكسىچە، بەزى تارىخشۇناسلار: «بۇ كىيىم ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ تون – يەكتەكلىرى ۋە ئەندەلۇس مەدرەسە ۋە بىلىم يۇرتلىرىدىكى تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ كىيىمىدىن كەلگەن» دەپ قارايدۇ.
چۈنكى، ياۋروپانىڭ قاراڭغۇ ئەسىرلىرى بولمىش ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بۈگۈنكى ئىسپانىيە تەۋەسىدىكى ئەندەلۇستا ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنتايىن گۈللەنگەن بولۇپ، پۈتۈن ياۋروپا ئىلىم شەيدالىرى ئەندەلۇس بىلىم يۇرتلىرىغا كېلىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئىلمى بىلەن يورۇتقان مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قولىدا پەلسەپە، دىن، قانۇن، تېبابەت، ئاسترونومىيە ۋە ئىنژېنېرلىق كەبى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلاتتى.
تارىخنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت ھازىرقى ئىتالىيەدىكى سالېرنو (Salerno) شەھرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەسسە قېتىشى ۋە ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىنىشى بىلەن ھ. 227 / م. 841 – يىلى قۇرۇلغان. شەرقتىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، كېيىنچە ئىسپانىيەنىڭ تولېدو ((Toledo، سېۋىلىيە ((Sevilla، ئىشبىيلىييە ((Ishbilia، گرانادا (Granada)، قۇرتۇبا(Córdoba) قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار قۇرۇلغان. ياۋروپالىق ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، قايتىشىدا ئەرەبچە تون – يەكتەكلەرنى كىيىپ قايتقان ۋە بۇ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغانلىقىنىڭ نىشانىسى ھېسابلانغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئەرەبچە كىيىم — تون – يەكتەكلەر — تا بۈگۈنگە قەدەر ئىلىم – پەندىكى يۈز – ئابرۇينىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرۈش، دىسسېرتاتسىيە ياقلاش مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلار تون بىلەن سەللە ياكى تەقىيە كىيىدىغان بولدى. سىتسىلىيە قرالى ئىككىنچى روگېر (Roger II of Sicily، 1095 – 1154) مۇ قەسرىدە ۋە رەسمىي سورۇنلاردا ئەرەبچە تون كىيەتتى ۋە ئەرەبچە سۆزلەيتتى، ئۇ يەنە پەن بىلىملىرىنى ئەرەب تىلىدا ئۆگىتەتتى(1).
تارىخچىلارنىڭ بايانىچە، بېرىتانىيەدىكى ئوكسفورد (Oxford) ۋە كامبرىج (Cambridge) ئۇنىۋېرسىتېتلىرى م. 1321 – يىلدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقى – تۇرقىدا بىردەكلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىلمۇخىل كىيىملەرنى چەكلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش تونىنى بىردەك كىيىشنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەندەلۇستىكى ئىسلام بىلىم يۇرتلىرى / ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئەندەلۇس ھەكىمى، ئاتاقلىق كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى ئابباس ئىبنى فىرناس (ھ. 194 – 274 / م. 810 – 887)، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇلقاسىم زەھراۋىي (ھ. 324 – 403 / م. 936 – 1013)، مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناس مۇھەممەد ئىدرىيسىي (ھ. 493 – 559 / م. 1100 – 1165)، بۈيۈك ھۆكۈما ۋە ئەڭ چوڭ ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595 / م. 1126 – 1198) … كەبى دۇنياۋىي ئالىملار يېتىشكەن. پاپا ئىككىنچى سىلۋېستېر Sylvester II (م. 999 – 1003 ئارىلىقى رىم پاپاسى) مۇ مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ مۇسۇلمانلاردىكى ئىلىم – پەننى ئەرەبچە ئىگىلەپ، ياۋروپاغا ھەندەسە (ھېساب / ماتېماتىكا)، جەبر (ئالگېبرا) ۋە ئاسترونومىيە ئىلىملىرىنى كىرگۈزگەن ئالىمدۇر.
شۇڭلاشقا «غەربلىكلەر ئوكسفورد، كامبرىج، پادوۋا ۋە سوربون (Paris-Sorbonne) ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى قۇرۇشتا ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئۆرنەك ئېلىشىپلا قالماي، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى كىيىنىش ئەنئەنەلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن» دېيىشنىمۇ، تارىخىي جەريانغا قارىغىنىمىزدا، پۈتۈنلەي رەت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
ۋەلھاسىل، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىدا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلار كىيىش ئادەتلەنگەن تون ۋە شەپكىنى كىيىش جائىز بولۇپ، شەرئىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 15 – مۇھەررەم / م. 2023، 2 – ئاۋغۇست
1. Jack Goody, Islam In Europe (ياۋروپادىكى ئىسلام), Cambridge, Polity Press, 2004, p. 43.