ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئابدۇرراززاق رەجەب

 

مىلادىيە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللار ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن تۈركىستان تېررىتورىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارنى بويسۇندۇرۇپ، يۇرت – ماكانلىرىنى خانىۋەيران قىلغان. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا بېسىپ كېلىپ، باغدادنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، شانلىق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن.

موڭغۇللار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، شام زېمىنلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ ئىشغال قىلغان. يەنە شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەملۇك سۇلتانلىرىنىڭ موڭغۇللار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ۋە ئىلخانىيلار سۇلتانى غازانخاننىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي دىنى قىلىپ جاكارلىشى بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار يېڭىدىن زەپەر قازىنىشقا باشلىغان(1).

ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي (ھ. 671 − 733 / م. 1272 − 1333) ياشىغان دەۋر موڭغۇل ئىستىلاسىنىڭ تەسىرى تامامەن يوقالمىغان بولسىمۇ، ئىسلام قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان دەۋر ئىدى. ئۇ بەزى موڭغۇل خانلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئازراق بولسىمۇ نەپەس ئالالىغان دەۋردە يېتىشىپ چىققان بىر ئەللامىدۇر.

موڭغۇللارنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىدىن قېچىپ، ئانا ۋەتەنلىرىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن ئۆلىمالار بىلەن ئىلىممۇ كېتىپ قالغان بولغاچقا، ئىلىم يولىدىكى تالىبۇلئىلىملەر ئانادولۇ ۋە مەملۇكىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلارغا ئېقىپ كېلىشكە باشلىغان. ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىيمۇ ئىلىم يولىدا ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەمەشق ۋە مەملۇكىيلارنىڭ مەركىزىي شەھىرى قاھىرەدە ئۆتكۈزگەن.

مەملۇكىيلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تۈركىستان دىيارلىرىدىن كۆپلىگەن ھەنەفىي ئۆلىمالار قاھىرەگە كېلىپ، يەرلىشىپ قالغان. جۈملىدىن ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىيمۇ مەزكۇر ئۆلىمالاردىن بىرى ئىدى. ئەينى زاماندا ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قاھىرە ۋە دەمەشق شەھەرلىرى پەقەت مەملۇك دۆلىتىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. چۈنكى، شەرق تەرەپتىن موڭغۇللار ئىسلام دۇنياسىنىڭ قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت، باغداد قاتارلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى خانىۋەيران قىلغان، غەرب تەرەپتىن ئەھلىسەلىپلەر ئەندەلۇس (ئىسپانىيە) تىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىگەن مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئىگىلىۋالغان. مۇشۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن ئۆلىمالار مەملۇكىيلارنىڭ مەركىزىي شەھىرى قاھىرەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قاھىرە ئەينى زاماندىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن باغدادنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىلىم مەركىزىگە ئايلانغان(2).

ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي بىرقانچە پارچە قىممەتلىك ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان ئۇسۇلشۇناس، فىقھشۇناس، كالامشۇناس (ئەقىدىشۇناس) تۈركىستانلىق كاتتا ئەللامە بولسىمۇ، ھازىر ئانچە تونۇلۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم قىممەتلىك ئەسەرلىرى قوليازما پېتى قالغان بولغاچقا، پېقىر بۇ كاتتا ئالىمنى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ھەم تەتقىقاتلىرىدا ئۇنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە بۇ ماقالىنى تەييارلىدىم:

شرح العقيدة الطحاوية هبة الله تركستاني
شرح العقيدة الطحاوية هبة الله تركستاني

ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىينىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرى

تۈركىستانلىق ئەللامە ھىبەتۇللاھنىڭ تولۇق ئىسمى ھىبەتۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇئەللا ئىبنى مەھمۇد تەرازىي تۈركىستانىي بولۇپ، «شۇجائۇددىن» دېگەن نام بىلەن مەشھۇردۇر. تارىخ كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ھ. 671 / م. 1272 – يىلى غەربىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى قازاقىستاننىڭ تەراز دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن(3).

ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي(4) (ھ. 1264 − 1304 / م. 1848 − 1886) ۋە ئىبنى تەڭرىبەردىي(5) (ھ. 813 − 874 / م. 1410 − 1470) قاتارلىق ئالىملار ئەللامە ھىبەتۇللاھنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىل تارىخىنى باشقا تارىخچىلارغا قارىغاندا باشقىچىرەك شەكىلدە زىكىر قىلغان.

تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي موڭغۇللار تۈركىستان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ماددىي ۋەيرانچىلىق ۋە مەنىۋى ئىلمىي يوقسۇللۇق سەۋەبلىك تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئوقۇپ، ئىلمىي ساھەدە ئىختىساسلىشىش مەقسىتىدە دەمەشققە بېرىپ، مەشھۇر ھەنەفىي ئالىم جالالۇددىن خەببازىي (ھ. 629 − 691 / م. 1232 − 1292) نىڭ قولىدا فىقھ ۋە ئەقىدە ئىلىملىرىنى ئوقۇغان.

ئەينى زاماندا مەملۇكىيلار (ھ. 647 − 922 / م. 1250 − 1517) شام زېمىنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ئەللامە جالالۇددىن خەببازىي بىر مەزگىل «ئىززىييە مەدرىسەسى»دە مۇدەررىسلىك قىلغان. كېيىن مەككەگە بېرىپ، بىر يىل تۇرۇپ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، شامغا قايتىپ كېلىپ، ھ. 674 / م. 1275 – يىلىدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «خاتۇنىييە مەدرىسەسى»دە مۇدەررىسلىك قىلغان(6). ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي ھ. 671 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇستازى جالالۇددىن خەببازىينىڭ ھ. 691 – يىلى ۋاپات بولغىنىغا قارىغاندا، ئەللامە ھىبەتۇللاھ شامغا كەلگەندە 15 – 20 ياشلار چامىسىدا بولسا كېرەك.

ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي (ھ. 696 – 775 / م. 1296 – 1373) نىڭ دېيىشىچە، ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي دەرس ئالغان ئۇستازلىرى ئارىسىدا تاجۇددىن ئەشقەر ئىسىملىك بىر ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ «ئەلجامىئۇل كەبىر» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغان(7).

تارىخ كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىينىڭ فىقھىدا ھەنەفىي، ئەقىدىدە ماتۇرىيدىي ئىكەنلىكى، ئۇسۇلۇلفىقھ، فىقھ ۋە گىرامماتىكا ئىلىملىرىدە يېتىشكەن ئۆلىما ئىكەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان(8).

مۇھەممەد قۇرەشىي ئەللامە تۈركىستانىينى: «ئۇ ئىنتايىن ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ناھايىتى كاتتا ئالىم ئىدى» دەپ تەرىپلىگەن(9).

ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي: «ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي قىلنى قىرىق يارىدىغان، ئىختىساسلىق، تەتقىقاتچى ئۆلىمالاردىن ئىدى» دېگەن(10).

ئەللامە تۈركىستانىيدا نۇرغۇن تالىبۇلئىلىملەر ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئەللامە مۇھەممەد قۇرەشىيمۇ ئۇنىڭدا ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان(11).

ئەللامە ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي «شەرھۇل ئەقىدەتىت تاھاۋىييە» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان تالىبۇلئىلىملەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەزكۇر كىتابنى يازغانلىقىنى ئېيتقان(12). ئۇ دەمەشقتە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلىم يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «زاھىرىييە مەدرىسەسى»دە مۇدەررىسلىك قىلغان.

ئەللامە تۈركىستانىي ھ. 733، 10 – زۇلقەئدە / م. 1333، 23 – ئىيۇلدا قاھىرەدىكى «زاھىرىييە مەدرىسەسى»دە ۋاپات بولغان(13).

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي، ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي ۋە ئىبنى تەڭرىبەردىي قاتارلىق ئالىملار ئەللامە ھىبەتۇللاھنىڭ «شەرھۇل ئەقىدەتىت تاھاۋىييە»، «تەبسىيرەتۇل ئەسرار فىي شەرھىل مەنار»، «ئەلغۇرەر»، «ئەلمەنازىل»، «ئەلئىرشاد ۋەلمىسال» ناملىق بىرقانچە ئەسىرى بارلىقى ھەققىدە بىردەك قاراشتا بولسىمۇ، ئەپسۇس ھازىر مەزكۇر قىممەتلىك ئەسەرلەردىن پەقەت تۆۋەندىكى ئىككىسىلا تېپىلىدۇ:

1. «شرح العقيدة الطحاوية (ئەقىدە تاھاۋىييە شەرھىسى)». ئەللامە تۈركىستانىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتور بۇ ئەسىرىدە ھەنەفىي ئالىم ئىمام تاھاۋىينىڭ «ئەلئەقىيدەتۇت تاھاۋىييە» ناملىق مەشھۇر كىتابىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنى قىدىرىپ، چۈشىنىش قىيىن بولغان يەرلەرنى شەرھلىگەن ۋە قىممەتلىك چۈشەنچىلەرنى سۈزۈپ چىققان. بۇ ئەسەرنىڭ ئىككى خىل قوليازما نۇسخىسى مەۋجۇد بولۇپ، بىرى ئامېرىكا «New Jersey (يېڭى جېرسىي)» شىتاتىدىكى پرىنسىتن ئۇنىۋېرسىتېتى قوليازما ئەسەرلەر كۇتۇبخانىسىدا تېپىلغان. يەنە بىر نۇسخىسى ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانىسى پەرتەۋپاشا، 650 – نومۇردا مەۋجۇد. ئەسەرنىڭ ھەر ئىككىلا نۇسخىسى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەشرگە سۇنۇلغان.

2. «تبصيرة الأسرار في شرح المنار (تەبسىيرەتۇل ئەسرار فىي شەرھىل مەنار)». بەزى تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ئەسەرنىڭ ئەللامە ئەبۇلبەرەكات نەسەفىينىڭ «مەنارۇل ئەنۋار فى ئۇسۇلىل فىقھى» ناملىق كىتابىنىڭ شەرھىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، كىتابنىڭ سۇلايمانىيە كۇتۇبخانىسىدىكى قوليازما نۇسخىسىغا قارىغىنىمىزدا، كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىدە «تبصيرة الأسرار في شرح المنار (تەبسىيرەتۇل ئەسرار فى شەرھىل مەنار)» دەپ ماۋزۇ قويۇلغانلىقىنى، مۇقاۋىنىڭ ئۈستۈنرەك تەرىپىگە «التبصيرة في أصول الدين (ئەتتەبسىيرە فى ئۇسۇلىددىن)» دەپ يېزىلغانلىقىنى، يەنە بىر بېتىدە «التبصيرة في أصول الدين على مذهب الإمام أبي حنيفة (ئەتتەبسىيرە فى ئۇسۇلىددىن ئەلا مەزھەبىل ئىمام ئەبى ھەنىفە)» دەپمۇ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا مەزكۇر كىتابنىڭ مەنارنىڭ شەرھىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەرنى تاپالمىدىم. ئەمما، كىتابنىڭ «ئۇسۇلۇددىن» ھەققىدە يېزىلغانلىقىنى بايقىدىم.

بۇ قوليازما ئەسەر پەقەت بىرلا نۇسخا، 114 بەت بولۇپ، ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانىسىدىكى ئايا سوفىيا قىسمىنىڭ 2190 – نومۇردا مەۋجۇد. ئىلمى كالام (ئىلاھىيەتشۇناسلىق، ئەقىدىشۇناسلىق) قىسمىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ، نەشرگە تەييارلىشىغا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.

ھ. 1444، 27 – جامادىيەلئاخىر / م. 2023، 20 – يانؤار


1. راغىب سەرجانىي: «الموسوعة الميسرة في التاريخ الإسلامي»، 20 – نەشرى، نەشرىيات: «مؤسسة اقرأ»، 2/5 – 16 – بەتلەر.
2. سەئىد ئابدۇلفەتتاھ ئاشۇر: «المجتمع المصري في عصر سلاطين المماليك»، م. 1992،  «دار النهضة العربية» نەشرىياتى، 158 – بەت.
3. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، «مىير مۇھەممەد كۇتۇبخانە» نەشرىياتى، كاراچىي، 2/204؛ خەيرۇددىن زىرىكلىي: «الأعلام»، «دارۇل ئىلمى لىلمەلايىن» نەشرىياتى، 8/71؛ ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەمىن باغدادىي: «هدية العارفين»، ئىستانبۇل، 2/506؛ ئىبنى قۇتلۇبوغا: «تاج التراجم»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد خەير رامازان يۇسۇف، «دارۇلقەلەم» نەشرىياتى، دەمەشىق، 313 – بەت.
4. ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي: «الفوائد البهية في تراجم الحنفية»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد بەدرۇددىن، «دارۇسسەئادە» نەشرىياتى، 223 – بەت.
5. ئىبنى تەڭرىبەردىي: «المنهل الصافي والمستوفي بعد الوافي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەمىن، «ئەلھەيئەتۇل مىسرىييەتۇل ئاممە لىلكىتاب» نەشرىياتى، قاھىرە، 12/43.
6. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەننۇئەيمىي دىمەشقىي: «الدارس في تاريخ المدارس»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئىبراھىم شەمسۇددىن، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىيە» نەشرىياتى، 1/386؛ ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204.
7. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204.
8. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204؛ ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەمىن باغدادىي: «هدية العارفين»، 2/506؛ ئىبنى قۇتلۇبوغا: «تاج التراجم»، 313 – بەت؛ خەيرۇددىن زىرىكلىي: «الأعلام»، 8/71.
9. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204.
10. ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي: «الفوائد البهية في تراجم الحنفية»، 223 – بەت.
11. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204؛ ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي: «الفوائد البهية في تراجم الحنفية»، 223 – بەت.
12. ھىبەتۇللاھ تۈركىستانىي: «شرح العقيدة الطحاوية»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: جادۇللاھ بەسسام سالىھ، «دارۇننۇر» نەشرى، 8 – بەت.
13. ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھەممەد ئەلقۇرەشىي: «الجواهر المضية في طبقات الحنفية»، 2/204.

Please follow and like us: