سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! شەرىئەتتە بىر ئۆيدىكى قىز – ئوغۇل قان قېرىنداشلارنىڭ قانچە ياشقىچە بىر ياتاق ئۆيدە بىر يەردە يېتىشىغا رۇخسەت بار؟ ياتاق ئۆينى چوقۇم ئايرىش كېرەكمۇ، شارائىت يار بەرمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ بالا قانچە ياشقىچە دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۇخلىسا بولىدۇ، كۈنلۈك ھاياتتا ئاتا – ئانىسىنى قۇچاقلاپ سۆيسە بولامدۇ؟ قىز بالىنىڭ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن دادىنىڭ ئالدىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار! ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇغىلى ئۇنىمىسا، ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورنىنى ئايرىۋېتىڭلار» دېگەن(1).
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسىدىكى بىرىنچى كۆرسەتمىگە ئاساسەن، قىز – ئوغۇل سەبىي بالىلار ئاق – قارىنى پەرق ئېتىشكە باشلىغان مەزگىلى (يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە ئۈچ يىل) دە قىزىقتۇرۇش، ھەدىيە بېرىش، مەسجىدلەرگە ئاپىرىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى ئۆگىتىش يولى بىلەن نامازغا ئاستا – ئاستا كۆندۈرۈلىدۇ. ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازغا كۆنمىسە، گەپ – سۆز ۋە باشقا چارىمۇ كار قىلمىسا، يەڭگىل ئۇرۇپ ئەدەبلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇرۇش قاتتىق، زەخمىلەيدىغان دەرىجىدىكى تەن جازاسى ياكى يۈزىگە ئۇرۇش بولماستىن، ئۇلارنىڭ بەش ۋاقىت نامازغا قوپۇشى ۋە تاھارەتنى جايىدا ئېلىپ نامازنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەدەبلەش ۋە رۇسلاش يۈزىسىدىن يەڭگىل ئۇرۇشتۇر.
بۇ ئاتا – ئانا قاتارلىق بالىغا ئىگە بولىدىغان ۋەلىيلەرگە قارىتىلغان بۇيرۇق بولۇپ، ھەدىستىكى كۆرسەتمىلەر ئۇلارغا ۋاجىب بولغىنىدەك، بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. يەتتە – ئون ياش ئارىسى بالىلارنىڭ ھاياتنىڭ مەناسىنى بارا – بارا تونۇپ يېتىپ، چوڭلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشقا قاراپ ماڭىدىغان باسقۇچى بولغاچقا، تەربىيە ۋە ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىمدۇر. ناماز، باشقا ئىبادەتلەر ۋە گۈزەل ئەخلاققا مۇشۇ ياشلاردا كۆنمىسە، چوڭ بولغاندا كۆنۈشى قىيىن بولىدۇ.
روزا ۋە ھىجابمۇ شۇنداق بولۇپ، پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىلا كۆندۈرۈش ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. لېكىن، ناماز، روزا ۋە ھىجاب بالىلارنىڭ ئۆزىگە بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. ئەڭ روشەن ئىپادە بىلەن قىز بالا ھەيز كۆرۈش، ئوغۇل بالا ئېھتىلام بولۇش بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كىشىنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، جىسمانىي ساپاسى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بىرئاز ئىلگىرى – كېيىن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپچىلىك بالىلار 9 ياشتىن 15 ياشقىچە بالاغەتكە قەدەم قويۇپ بولىدۇ. شۇنداقلا ئوغۇللارنىڭ ئاۋازىنىڭ توملىشىشى، قىزلارنىڭ كۆكسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە ھەر ئىككى جىنستا ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكى ئۈنۈشتەك فىزىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدىكى ئىككىنچى كۆرسەتمىگە ئاساسەن، ئون ياشتىن ھالقىغان قىز – ئوغۇللارنى ئاكا – ئۇكىلىرى ۋەيا ئاچا – سىڭىللىرى بىلەن بىر كارىۋاتتا ياكى بىر يوتقاندا ياتقۇزۇشقا بولمايدۇ. ئۇلارنى بىللە ياتقۇزۇشنىڭ ھۆكمى ھارام، ئايرىم ياتقۇزۇش ۋاجىبتۇر(2). ھەر بىرى ئايرىم ئۆيدە ھېچ بولمىسا، ئايرىم كارىۋات ۋە ئايرىم يوتقان – كۆرپىدە يېتىشى لازىم. ئوغۇل بولسۇن، قىز بولسۇن باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا ياتسا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەدىس كۆرسەتمىسى (نامازغا بۇيرۇشتىكىدەكلا) ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار «قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ياتىدىغان ئورنىنى ئايرىۋېتىڭلار» دەپ چۈشىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئۆينىڭ شارائىتى يار بەرمىگەن ئەھۋالدا بىر كۆرپىدە ياكى بىر كارىۋاتتا ياتقان ئىككى بالا ئوتتۇرىغا تەنلىرى چاپلىشىپ قالمايدىغان تەرىقىدە پەردە ياكى شۇنىڭدەك توساق ئورنىتىلىشى ۋە كىيىنىپ يېتىشى كېرەك. بۇ ئەدەب ئۆگىتىش، ئەدەب – قائىدىگە كۆندۈرۈش ۋە يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جۈملىسىدىن بولۇپ، بەزى ئىسسىق بەلۋاغ ياكى پاراۋان تۇرمۇش ۋە غىدىقلىغۇچى مۇھىتلاردا قىز – ئوغۇللار توققۇز، ئون ياشتىلا بالاغەتكە يەتكەنلىكتىن، بويىغا يېتىش باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ ياشلاردا باشقىلار بىلەن بىللە ئۇخلىغاندا، بەدەن ئېچىلىپ قېلىشى، بىر – بىرىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە قاراپ قېلىشى ھەتتا شەھۋەت قوزغىلىشى ئېھتىمال.
ئىمام ئىبنۇلقاسىم ۋە زەركەشىي قاتارلىق بەزى ئالىملار(3) ھەدىسنىڭ: «بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ياتىقىنى ئايرىڭلار! ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا، ئۇرۇڭلار» دېگەن يەنە بىر رىۋايەتى(4)گە ئاساسلىنىپ، ئىلگىرىكى ھەدىستىكى ياتىقىنى ئايرىشنى نامازغا بۇيرۇش ۋاقتى بولغان يەتتە ياشقا باغلاپ: «يەتتە ياشتىن ھالقىغاندا ياتىقىنى ئايرىڭلار» دەپ چۈشەنگەن. لېكىن، كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئون ياشتۇر.
ئەلبەتتە بۇ ھۆكۈم تەربىيەلەش، كۆندۈرۈش ۋە يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئالىملار بۇ دائىرىگە ئاتا – ئانىلارنىمۇ قىياسەن كىرگۈزۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ بايانىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورنىنى ئايرىۋېتىڭلار» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، سەبىي بالا ئون ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئاكا – ئۇكىسى، ئاچا – سىڭىللىرى ۋە ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىپ ياتقۇزۇش ۋاجىب بولىدۇ. يات ئەر ۋە يات ئايال بىلەن ياتقۇزماسلىق تېخىمۇ ۋاجىب. ئوغۇل ئون ياشقا كىرسە، ئانىسى، ئاچا – سىڭلىسى ياكى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۇخلىمايدۇ. ئاتا – ئانا ئون ياشقا كىرگەن بالىنى ئارىسىغا ئېلىپ يېتىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا بولىدىغان گەپ – سۆز ۋە باشقا ئىشلارغا كۆز – قۇلاق بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئوغۇل ئاتىسى، قىز ئانىسى بىلەن ياتسا جائىز. چۈنكى، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىدىكى مەھرەملىك ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شەھۋەتتىن يىراق بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەدەب مۇكەممەل بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئۇخلىغاندا ئايرىم ياتقۇزۇش يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بالا ئون ياشقا كىرسە، جىماغا ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيقۇ ھالىتى شەھۋەت قوزغىلىدىغان، كىشى ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالسا سەزمەيدىغان پەيت. نەتىجىدە، كىچىكلەرنىڭ كۆزى چوڭلاردىنمۇ بەكرەك ئېچىلىپ كەتكەن بۇ زاماندا، يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»(5).
ئۇنداق بولىدىكەن، توققۇز ياشنى تاماملىغاندىن تارتىپ قىز – ئوغۇل قېرىنداشلار ئىمكانىيەت يار بەرسە، ھەربىرى بىر ئېغىز ئۆيدە، ئىمكانىيەت بولمىسا، قىزلار بىر ئۆيدە، ئوغۇللار بىر ئۆيدە، ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا، بويىغا يەتكەن بالا ئايرىم ئۆيدە، يەتمىگەنلەر بىر ئۆيدە ئايرىم ياتاق ۋە كارىۋاتتا يېتىشى كېرەك. بۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا، كىيىملىرى بىلەن، ئايرىم يېپىنچا – يوتقان بىلەن بىر جايدا ياكى بىر كارىۋاتتا ياتسا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئون ياشقا توشمىغان قىز ئون ياشقا توشمىغان قىزلار بىلەن، ئون ياشقا توشمىغان ئوغۇل ئون ياشقا توشمىغان ئوغۇللار بىلەن ياتقىنى ئەۋزەل. پەقەت ئىمكانىيەت بولمىسا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئارىلاش ياتسىمۇ مەيلى. قىز – ئوغۇلارنىمۇ يەتتە ياشتىن تارتىپ ئاتا – ئانىدىن ئايرىم جايدا ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈپ، ئون ياشقا كىرگەندە چوقۇم ئايرىم جايدا ياتقۇزۇش كېرەك.
قىز بالا توققۇز ياشنى تاماملىغاندىن تارتىپ دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۇخلىسا بولمايدۇ، ئوغۇل بالىمۇ توققۇز ياشنى تاماملىغاندىن تارتىپ ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۇخلىسا بولمايدۇ، بىر كۆرپىدە ياكى بىر كارىۋاتتا ئۇخلىغان تەقدىردە تەنلىرى چاپلىشىپ قالمايدىغان تەرىقىدە ئوتتۇرىغا پەردە ياكى شۇنىڭدەك توساق ئورنىتىلىشى ۋە كىيىنىپ يېتىشى كېرەك. بۇ ياشتىن كېيىن ئوغۇل ئانىسىنى، ئانا ئوغلىنى، قىز ئاتىسىنى، ئاتا قىزىنى يالىڭاچ كۆرسە بولمايدۇ. ئاتا قىزىنىڭ، ئوغۇل بالىمۇ ئانىسىنىڭ بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئادەتتە مەھرەم تۇغقانلار كۆرسە بولىدىغان جايلارغا قارىسا بولىدۇ. ئەۋرەتلىرىگە، كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىغا قارىسا بولمايدۇ.
قىز بالىلار ئاتىسى ۋە ئاكا – ئۇكىلىرى ئالدىدا، ئانىمۇ ئوغلى قاتارلىق مەھرەملەر ئالدىدا ئۇلار كۆرسە بولمايدىغان ئۇياتلىق يەرلىرىنى مەلۇم قىلىدىغان نېپىز تار كىيىملەرنى كىيسە ھەم بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! قۇللىرىڭلار، ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشلۈك ئارام ئېلىشقا كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن مۇشۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرىشتە ئىجازەت سورىسۇن﴾(24/«نۇر»: 58) دەپ بۇيرۇغان.
يەنى مۇشۇ ئۈچ ۋاقىت كىيىملەرنى سېلىپ ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولغاچقا، ئەدەب ۋە ھايا جۈملىسىدىن، كىچىك بالىلارنى كىرىشكە ئىجازەت سوراشقا بۇيرۇغان.
ئاتا – ئانا قىزى ياكى ئوغلىنىڭ ئاغزىغا يەتتە ياشتىن كېيىن سۆيمەيدۇ. ئۇندىن كېيىن مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە ياكى ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىغا ياكى قولىغا مېھىر – شەپقەت جەھەتتىن سۆيىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېشىغا كىرسە، ئۇنى سۆيۈپ يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرسىمۇ ئاتىسىنى سۆيۈپ يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى(6).
ئىمام ئىبنى مۇفلىھ بۇ ھەدىستىكى سۆيۈش ھەققىدە: «ھەرگىزمۇ ئاغزىغا سۆيمەيدۇ. پېشانىسىگە ياكى بېشىغا سۆيىدۇ» دېگەن(7).
ئون ياشقا كىرمىگەن قىز – ئوغۇل بالىلارنى ئاتا – ئانىلارنىڭ (ئۇخلىمىغان چاغلاردا كىيىمى بىلەن) قۇچاقلىشى، ئەركىلىتىشى، ئۇلارنى پۇرىشى ۋە سۆيۈشى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دىللىرىغا ئاتا قىلغان سۆيگۈ، مېھىر – شەپقەت جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ چەكلەنمەيدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوغلى ئىبراھىمنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى سۆيۈپ، پۇراپ كەتكەنىدى»(8).
بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، قىزى ئائىشە تەپ كېسىلى بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. مەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ: ‹ئى قىزىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟› دەپ ئەھۋال سورىدى»(9) دەپ سۆزلەپ بەرگەن.
«سەپەرگە چىقىش ياكى سەپەردىن قايتىش، توي – تۆكۈن، ھېيت ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتۈش» دېگەندەك بىرەر تەبرىكلەش ياكى ۋىدالىشىشتەك ئىشلاردا ئېھتىياج تۇيۇلغاندا، بويىغا يەتكەن قىزى ۋە ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ۋە كىچىك بالىلار ئاتا – ئانىلىرىنى قۇچاقلاپ كۆرۈشسە بولىدۇ.
ئۆگەي دادىمۇ قىزغا نىسبەتەن مەھرەم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قىز بالا ئۆگەي دادا ئالدىدا باشقا مەھرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا يۈرگەندەك يۈرسە بولىدۇ. ئالاقىدار ھۆكۈملەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش. لېكىن، ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، تولۇق يۆگىنىشى ۋە ئېھتىياتچان بولۇشى لازىمدۇر. بۇ ھەقتە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان(10).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 11 – مۇھەررەم / م. 2023، 29 – ئىيۇل
1. «ئەھمەد»، (6689)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (495). ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 3/238): «سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي، شۇئەيب ئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: «ھەسەن» دېگەن.
2. بەزى ئالىملار: «ئون ياشقا قەدەر ئايرىم ياتقۇزۇش مۇستەھەب، ئون ياشقا كىرسۇن ياكى كىرمىسۇن، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ۋاجىب» دەپ قارايدۇ. لېكىن، كۆپچىلىكنىڭ: «بالاغەتكە يەتمىسىمۇ ئون ياشتا ۋاجىب» دېگەن قارىشى كۈچلۈك. قاراڭ: مۇبارەكفۇرىي: «مىرئاتۇلمەفاتىيھ»، 2/278؛ خۇرەشىي: «شەرھۇ مۇختەسەرى خەلىل»، 3/75.
3. قاراڭ: زەكەرىييا ئەلئەنسارىي: «ئەسنەل مەتالىب»، 3/113؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 1/179؛ شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/377.
4. «دارەقۇتنىي»، (886)؛ «ھاكىم»، (721). ھاكىم ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
5. زەكەرىييا ئەلئەنسارىي: «ئەسنەل مەتالىب»، 3/113؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/382.
6. «تىرمىزىي»، (3872). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 9/93.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1303)؛ «مۇسلىم»، (2315).
9. «بۇخارىي»، (3918).
10. قاراڭ: «قىز بالىنىڭ ئۆگەي دادىسى ئالدىدا كىيىنىشى»، https://sajiya.biz/?p=3128 .