«ھاراق سىركىسى»نى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

«ھاراق سىركىسى»نى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ياۋروپادىكى دۇكانلاردا سېتىلىدىغان، ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن، «ۋېگان (يەنى ئۆسۈملۈك) تىن ياسالغان» دەپ بەلگىسى بار بولغان «ھاراق سىركىسى»نى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ قارا رەڭلىك ئاچچىقسۇ بولۇپ، ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىقسۇلىرىنى تاپالمىغاچقا، بۇنى ئىشلەتسەك قانداق بولار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سىركە ئادەتتە بۇغداي، گۈرۈچ، ئارپا ياكى ئالما، خورما، ئۈجمە ۋە ئەنجۈر كەبى مېۋە – ئاشلىقلاردىن ئېچىتىپ ياسىلىدىغان، قىرتاق تەملىك بىر خىل سۇيۇقلۇق. ھاراق بولسا بۇلاردىن ياسالغان مەست قىلىدىغان ئىچىملىك.

بۇ خىل سىركە كلاسسىك فىقھ ئۆلىمالىرىمىز «ھاراق سىركىسى / شاراب سىركەسى / Şarap Sirkesi / خل الخمر / خل الكحول/ خل النبيذ (Wine Vinegar)» دەپ ئاتىغان سىركە بولۇپ، ئاچچىقسۇمۇ سىركەنىڭ بىر تۈرىدۇر.

«ھاراق سىركىسى / Wine Vinegar)» دېگىنىمىزدە بۇغداي، گۈرۈچ، ئارپا ياكى ئالما، خورما، ئۈجمە ۋە ئەنجۈر كەبى ئاشلىق ۋە مېۋىلەردىن ئېچىتىپ ياسىلىدىغان ھاراقتىن ئىشلەنگەن سىركە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل سىركە ئىشلەپچىقىرىش ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ:

1 – باسقۇچ، ئىسپىرتلىق ئېچىتىلىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا ئارپا، بۇغداي، ئۈزۈم ۋە ئالما كەبى ئاشلىق ۋە مېۋىلەردىن چىقىرىلغان شەربەت تەركىبىدىكى شېكەر ۋە كراخمال ماددىسى ئېتانول (Ethanol) ئىسپىرتى (C2H5OH) غا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئېتانول «ئېتىل ئالكوھول» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە ئىستېمال قىلىنسا مەست قىلىدۇ. دېمەك، ئېچىغان شەربەت ھاراققا ئايلىنىدۇ.

 2 – باسقۇچ، ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا ئېچىپ ھاراققا ئايلىنىپ كەتكەن «شەربەت» كۈنگەي جايدىن سايىگە يۆتكەش ياكى ھاۋالاندۇرۇش ئارقىلىق ئاتسېتوباكتېر (Acetobacter) كەبى باكتېرىيەلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئوكسىدلىنىپ، ھاراق تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول (C2H5OH) نى سىركە كىسلاتاسى (acid Acetic) غا ئايلاندۇرىدۇ. سىركە تەركىبىدىكى كىسلاتا بەزى دۆلەتلەردە %5 بىلەن چەكلەنسە، ئېتىل ئالكوھول %0.5 بىلەن چەكلىنىدۇ([1]). بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايرىم باسقۇچلىرى ۋە ئۆلچەملىرى بار، ئەلبەتتە. بۇ سىركە تاماق ئېتىشتىن باشقا يەنە كەتچاپ (پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ قىيامى / Ketchup‏)، مايونېز (تۇخۇم سېرىقى قىيامى / Mayonnaise) ۋە بەزى ئاچچىق قورۇما / سالاتلارنى تەييارلاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ خىل «ھاراق سىركىسى (Wine Vinegar)» نى تاماق ئېتىش ۋە يېمەك – ئىچمەككە قېتىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىسمى «ھاراق سىركىسى» بولسىمۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتى سىركە ۋە ئاچچىقسۇدۇر. سىركە ياساش كۆپىنچە ھاراق ئېچىتىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولسىمۇ، فۇقاھائلىرىمىز يەنىلا سىركە ياساشنى مۇباھ دەپ قارايدۇ ۋە ھەممىسى بىردەك: «ھاراق ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئايلانسا، پاك ۋە ھالال بولىدۇ» دەيدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام نەۋەۋىي: «سىركە ئىشلەپچىقىرىش ئىجمائەن جائىزدۇر. شەربەت ئېچىماي تۇرۇپ، شېرىنلىكتىن ئاچچىقلىققا ئايلانمايدۇ. شۇڭا، ھاراققا ئايلانغىنىدا ئۇنى ھارام دەپ تۆكۈۋېتىلسە، سىركە ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ([2]).

سىركىگە ئايلاندۇرۇش سىركىگە ئۆزلۈكىدىن ئايلىنىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خۇددى تېرىنى ئاشلاش ئارقىلىق پاكلىغانغا ئوخشاش ئىش. نەتىجىدە «ھاراق»نىڭ مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭدا قالمىغان بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇ غىزالىنىش ۋە داۋالىنىشتا پايدىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر([3]).

دېمەك، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى بولغان مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى يوقىلىپ سىركىگە ئايلانغانىكەن، «ھارام» ھۆكمىمۇ تەڭ يوقىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى سىركە / ئاچچىقسۇلارمۇ مۇشۇ تەرىقىدە، يەنى شەربەت ھاراققا، ئاندىن سىركىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ئىشلىنەتتى ھەم بۇ سىركىنى ھارام دەيدىغان بىرەر دەلىلمۇ يوق. ئەكسىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نان تۆگۈرۈپ يېيىش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك سىركىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ زات سىركە ھەققىدە: «سىركە ئەجەپ ياخشى تېتىتقۇ؟!»([4]) دېگەن. يەنە: «سىركە بار ئۆيدە نان قۇرۇق يېيىلگەن ھېسابلانمايدۇ»([5]) دېگەن. ئۇ زات ھاراقتىن ئىشلەنگىنى بىلەن شەربەتتىن بىۋاسىتە ئىشلەنگىنىنى ئايرىپ قارىمىغان ھەم بىزنى سىركىنىڭ ئەسلىنى ئېنىقلاشقىمۇ بۇيرۇمىغان. ساھابەلەردىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق سىركىسىنى نان بىلەن ئىستېمال قىلغان. ھەزرىتى ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ھاراق سىركىسىنى «ھالال» دېگەن. تابىئىنلەردىن ئىبنى سىرىن، ئەتاﺋ، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە ھەسەن بەسرىي قاتارلىق زاتلارمۇ ھاراق سىركىسىنى ھالال ۋە پاك دەپ قارىغان ۋە ئىستېمال قىلغان([6]).

ھازىرقى ھاراق سىركىلىرى ئەسلىدە شەربەتتىن ئىشلەپچىقىرىلغان سىركىلەر بولۇپ، ئارىلىقتا ھاراققا ئايلىنىپ، كېيىن سىركىگە ئايلانغان بولسىمۇ بەرىبىر پاك ۋە ھالالدۇر. چۈنكى، ئەسىل مەقسەت بۇنى ھاراققا ئايلاندۇرۇش ئەمەس. دىققەت قىلىنىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھاراقنىڭ باھاسى ئادەتتە سىركەنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بىۋاسىتە ھاراقتىن سىركە ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ.

دېمەك، بۇ خىل ھاراق سىركىسى ھالال ۋە پاكتۇر. بۇ ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان كۆپچىلىك ئالىملىرىنىڭ ۋە فەتۋا كومىتېتلىرىنىڭمۇ قارىشىدۇر. دەۋرىمىزدە «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (European Council For Fatwa and Research)» 2018 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان 3803 – نومۇرلۇق پەتۋاسىدىمۇ شۇنداق قارار ئالغان([7]).

بەزى ئالىملار: «ھاراق ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئايلانسا ھالال بولسىمۇ، ئۇنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان تۇرۇقلۇق، يەنە: «ھاراق سىركىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىستېمال قىلىش جائىز» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ: «ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ» دېيىشىدىكى سەۋەبنى ئىمام تىرمىزىي بايان قىلىپ: «بۇ خىل سىركىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ‹مۇسۇلمان كىشى ھاراقنى ئۆيىدە ساقلاپ قالمىسۇن، ھاراقتىن يىراق تۇرسۇن› دەپ شۇنداق چەكلىمە قويۇلغان»([8]) دەيدۇ.

دېمەك، چەكلىگەن ئالىملارنىڭ چەكلەش سەۋەبى ئۇنىڭ نىجىس ياكى ھاراملىقى ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەبتىن بولغان:

1) كىشىلەر ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىدە ھاراق ساقلاپ، ئىچىپ قېلىش يولىنى تاقىۋېتىش؛ ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ‹ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرسا بولامدۇ؟› دەپ سورالغاندا، ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئايلانغان ھاراق سىركىسىگە رۇخسەت قىلغان تۇرۇقلۇق: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ پەقەتلا ھەرخىل باھانە بىلەن قولىدا ھاراق ساقلاش يولىنى تاقىۋېتىش بولۇپ، شەرىئەت بۇ ئىشىكنى تاقىۋەتكەن ۋە سىركىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە بولسىمۇ ھاراقنى ساقلاشنى چەكلىۋەتكەن. چۈنكى، ئۇنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، كىشىلەر ئۇنى ساقلىغان بولاتتى ۋە ئىچىشىگە باھانە بولاتتى» دېگەن([9]).

2) مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاراقنى بىردەم بولسىمۇ ئىلكىدە ساقلىشى ھالال بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئاللاھ تائالا ھاراقتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان بولغاچقا، ئۇنى ساقلاش جائىز بولمايدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيىدە ھاراق بولمايدۇ» دېگەن([10]).

كۈنىمىزدىكى ھاراق سىركىلىرىنى بۈيۈك ئېھتىمالدا كۆپىنچە غەيرى مۇسلىم ياكى دىنسىزلار ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھاراق ۋە ھاراق سىركىسى ئىشلەپچىقىرىشى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس. مۇھىمى ھاراق سىركىسىنىڭ ھەقىقىي سىركىگە ئايلانغان بولۇشى بولۇپ، كىملا ئىشلەپچىقارسۇن ھاراق سىركىسى ھەممە ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھالالدۇر.

«مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشى مەكرۇھ» دەپ قارىغان ئالىملاردىن ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن): «خرىستىيان كىشى ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرسا، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا مۇسۇلمان كىشى سىركىگە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ ئىستىغفار ئېيتسا، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ» دېگەن([11]).

شۇ قاتاردا يەنە ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ: «زىممىيلەرنىڭ ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشى جائىز بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىمام ئەھمەد ئۇنداق قىلىشنىڭ چەكلىنىشىگە: ‹مۇسۇلمان كىشى ئۆيىدە ھاراق ساقلىسا بولمايدۇ› دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن. زىممىي مۇسۇلمان بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ھاراقنى ساقلىشى چەكلەنمەيدۇ. ۋەلھاسىل، زىممىيلەرنىڭ ھاراقتىن ئايلاندۇرغان سىركىسى جائىز بولىدۇ» دېگەن([12]). دېمەك، يۇقىرىقى ھەر ئىككى سەۋەب دىنسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

شۇڭا، بۇ بىرقىسىم ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ھاراقنى مۇسۇلمان كىشىنىڭ سىركىگە ئايلاندۇرۇشىنى چەكلەش بىلەن ھاراقتىن ئايلاندۇرۇلغان بۇ خىل سىركىمۇ ھارام بولۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شەرىئەت مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئايلاندۇرۇلغان سىركىنى چەكلىمىگەن.

يەنە كېلىپ، ھاراق سىركىسىنى كۈنىمىزدە بەزى دۆلەتلەردە ئۈزۈم شەربىتىنى ھاراققا ئايلاندۇرمايلا سىركىگە ئايلاندۇرۇش ياكى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەنلا ھاراق سىركىسى ئىشلەپچىقىرىشمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق قىلغاندا شەربەت ھاراققا ئايلىنىش باسقۇچىدىن ئۆتمىگەن بولىدۇ.

خۇلاسە: «ھاراق سىركىسى ياكى ھاراق ئاچچىقسۇيى / Wine Vinegar)» نى تاماق ئېتىش ۋە يېمەك – ئىچمەككە قېتىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. يەنە تەركىبىگە ھاراق سىركىسى قېتىلغان كەتچاپ (پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ قىيامى Ketchup‏)، مايونېز (تۇخۇم سېرىقى قىيامى / Mayonnaise) دەك يېمەك – ئىچمەكلەرنىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 12- شەۋۋال / م. 2023، 2 – ماي

—————————————
([1]) قاراڭ: «خل الخمر واستعماله في الأطعمة (دراسة فقهية)»: دوكتور: عبد العزيز بن إبراهيم الشبل، مجلة الدراسات العربية  (DRAM)، المجلد 40، العدد 3، يوليو 2019، الصفحة 1289 – 1332.
([2]) ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 4/72.
([3]) قاراڭ: كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 10/452؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/124؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 10/346؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/260.
([4]) «مۇسلىم»، (2052).
([5]) «تىرمىزىي»، (1842). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
([6]) «مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، (24567 – 24578).
([7]) https://www.e-cfr.org/blog/2018/10/22 /
([8]) «تىرمىزىي»، 1263 – ھەدىستىن كېيىن.
([9]) ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 3/153.
([10]) ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/486.
([11]) ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 4/146.
([12]) ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 398 – بەت.

Please follow and like us: