ئانىلار بايرىمى» دېگەندەك» بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

«ئانىلار بايرىمى» دېگەندەك بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن. سوئالىم: «ئانىلار بايرىمى»، «ئاتىلار بايرىمى» دېگەندەك بايراملىرىنى تەبرىكلەش ۋە ھەدىيە بېرىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىرەر كۈننى بايرام ياكى ئاتايىن قۇتلايدىغان «كۈن» دەپ بېكىتىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شەرئىي ئاساسى بولۇشى لازىم. شەرئىي ئاساسى بولمىغان، مەھەللىي ئۇدۇم – ئەنئەنە ۋە رايونلۇق ئىسلامىي ئۆرپ – ئادەتتە ئورنى يوق نەرسىلەر ئىسلام نەزەرىدە جاھىلىيەت ئادەتلىرىگە ئوخشاش رەت قىلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.

كۈنىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان، ھە دېسە يات دىن ياكى غەيرى ئىسلامىي مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇمشاق ئىمبارگوسى، داغدۇغىسى ۋە تەشۋىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بازارغا سېلىنىپ، مودا قىلىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقان، گاھىدا ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ كۈچى ئارقىلىق خەلققە تېڭىش ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەپ كېلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئادەت ۋە يوسۇنلارغا ئاسانلا ئەل بولۇپ كېتىش ئۆزى ۋە مەدەنىيەتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىز ياكى ناتوغرىلىقى، ئەقىدە قىلىۋاتقان دىنىغا بولغان جاھالىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھادىسىلەردىندۇر.

ياتنىڭ نېمىسى كۆزگە ئىسسىق كۆرۈنسە، ئىلغاپ ئولتۇرماي، ئاق – قارىسىنى پەرق ئەتمەي قارىغۇلارچە ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، كەينىدىن ئۇنىڭغا ئانچە – مۇنچە ئىسلامىي پۇراق ئارىلاشتۇرۇۋېلىپلا ئەتەي شەرىئەتتىن ئاساس ئىزدەشكە زورۇقۇش كۈنىمىزدە دىندىن ياتلاشقان مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا، بىراۋ «بۈگۈن پالانى كۈنى» ياكى «پوكۇنى بايرىمى» دەپ بولغۇچە، قارىغۇلارچە دوراپ، ئەگىشىپ كەتمەي «بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا ھېيت كۈنىمىز بار» دېيەلىشىمىز لازىم.

ھەرقانداق ھادىسەنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى، مەنبەسى بولىدۇ. بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مەنبەسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى باردۇر. ئاتالمىش «ئانىلار بايرىمى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىۋاتقان «بايرام» دەل يۇقىرىقى تۈردىكى ھادىسەلەردىندۇر. كۈنىمىزدە خەلقئارالاشتۇرۇلغان بۇ «بايرام»نىڭ يىلتىزىنى قەدىمىي يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى نۇرغۇن ئەر ۋە ئايال «تەڭرى»لەرنىڭ ئانىسى بولمىش رېئا (Rhea) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ئەتىيازلىق تەنتەنىلەرگە باغلاش مۇمكىن. قەدىمىي رىملىقلارمۇ ھەزىرىتى ئىيسادىن 250 يىل بۇرۇن ئىلاھە كىبەلا نامىغا ئەتىياز تەنتەنىسى ئۇيۇشتۇراتتى.(1) كۈنىمىزدىكى «ئانىلار بايرىمى» بولسا ئامېرىكالىق ئاننا جارۋىس (Anna Marie Jarvis، 1864 – 1948) 1905 – يىلى ۋاپات بولغان مەرھۇم ئانىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1907 – يىلى غەربىي ۋىرژىنىيە شىتاتى گرافتون شەھرىدىكى بىر چېركاۋدا ئۇيۇشتۇرغان خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن باشلانغان ۋە ئانىسى بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلغان(2)، جاپاكەش ئانىلارغا ئارمىغان قىلىنغۇسى بىر كۈننىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ماقۇللىنىشى تەلىپى 1914 – يىلى 8 – مايدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشى ۋە ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسىنى «ئانىلار كۈنى» (Mother’s Day) قىلىپ رەسمىي «بايرام» قوبۇل قىلىشى بىلەن ئۇمۇملىشىشقا باشلىغان (3). كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 40 تىن ئارتۇق ئەل ۋە رايوندا ئوخشىمىغان كۈنلەردە ۋە ھەرخىل شەكىلدە «ئانىلار كۈنى» تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە رەسمىي تەتىل سۈپىتىدە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇنى مەيلى «ئانىلار كۈنى» دېگەندەك ئىسىم بىلەن ئاتىۋالسىمۇ، ماھىيىتى بەرىبىر «بايرام» دائىرىسىگە كىرىدۇ.

[[قىستۇرما: خەلقئارادا كۆپىنچە «كۈن» شەكلىدە ئىپادىلىنىدىغان بۇنداق ئالاھىدە كۈنلەر ئۇيغۇر تىلىدا «بايرام» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم خىتايچىدىكى «节/Jié» نىڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك.]]

 ھەيران قالارلىقى، بۇ بايرام گەرچە 1907 – يىلى ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان، 1948 – يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر «بايرام»غا ئاساس سالغان ئاننا جارۋىس (Anna Jarvis) نىڭ ئۆزى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بۇ بايرامنىڭ دەرنەك ۋە پاراۋانلىق جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئەسل مەقسەتتىن بۇرمىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي تاپاۋەتكە ۋاسىتە قىلىنغانلىقىدىن نارازى بولغان، پائالىيەت ۋە تەبرىكلەش ئىشلىرىنىڭ تاۋار تىجارىتى ۋە ئارتۇقچە ئىسراپچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغان ھەمدە 1943 – يىلىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مال – مۈلكىنى «ئانىلار بايرىمى»غا قارشى تۇرۇشقا سەرپ قىلغان.(4) شۇنداقلا چېركاۋنىڭ ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئاننا جارۋىس نەتىجىدە مەزكۇر سۈنئىي بايرامنى كۈتكىنىدەك ئۆتكۈزەلمىگەندىن سىرت ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئۆزى ئىجاد قىلغان بايرامغا ئۆزى ئىگە چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن.

«ئانىلار بايرىمى»نىڭ غەرب دۇنياسىغا يامرىشىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا ئۈچ ئەسىرلىك دىندىن يىراقلىشىش ۋە مەنىۋى بۇلغىنىشلار نەتىجىسىدە ئائىلە مۇقەددەسلىكىنىڭ جەمئىيەت ئېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈكچىلىكى، ئانا – بالا ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەبببەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىق جەمئىيەت ھاياتىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر «بايرام» بىلەنمۇ خۇددى باشقا ئاتالمىش بايراملارغا ئوخشاش تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنىڭ سەلبىيلەشكەن تەرەپلىرىنى ئازايتىش كۆزلەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن بىرلا قۇتۇپلۇق دۇنيا يارىتىش ئىدىيەسىدىكىلەرنىڭ دۇنياغا ئىمپورت قىلىپ تېڭىۋاتقان غەرب مەدەنىيىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ تۈردىكى سۈنئىي بايراملار ئۆزلىرىدە قانداق بولسا، غەرب مەدەنىيىتىگە ئەل بولۇشقا نامزات سانالغان بارچە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش ئومۇملاشتۇرۇش تەدرىجىي كېڭىيىپ بۈگۈنكى باسقۇچقا كەلگەن.

ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئۆزىگە ۋە مەدەنىيىتىگە ئىشەنچىسى يوق، غەربپەرەستلىشىپ كەتكەن ماڭقۇرت زىيالىي ۋە ئەدىبلەرنىڭ بۇنى تەشۋىق قىلىشى بىلەن بارا – بارا ئۆزلۈكى ئاجىزلاشقان، مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن ياتلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان تۆۋەن ساپالىق مۇسۇلمانلار توپىدا كەڭ ئەۋجىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ۋەتىنىمىزدە بولسا خىتتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ بۇ بايرامنى قوبۇل قىلىشى ۋە بايرام قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە تارقىلىپ كەلگەن، كېيىنچە يوقىتىلىش نىشانى قىلىنغان ئىسلامىي مىللىي بايراملار ئورنىغا دەسسىتىلگەن بىر تالاي سۈنئىي بايراملارنىڭ بىرى قاتارىدا نۆۋەتتە كەڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. ھالبۇكى، دىنىمىز بىزنى بۇرمىلاشلارغا ئەگەشمەسلىككە، جەمئىيەت ئېڭى قايسى تەرەپتىن بۇلغانسا، ئۇنى شۇ نۇقتىدىن تۇتۇپ ئاقارتىشقا، ساغلام ئىلىم – مەرىپەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، تەرك قىلىنىۋاتقان سۈننەت ۋە ياخشى ئەنئەنەلەرنى ئىھيا قىلىشقا بۇيرىغاندۇركى، قانداقلا بىر ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي قىممەتلەر تەرك قىلىنسا، باشقىلارنى دوراپ ئۇنى دەرھال بايرام ياساپ تەنتەنە قىلىشقا، ئىسمى چىرايلىق بولسىلا ئەگىشىۋېرىشكە بۇيرۇغان ئەمەس. ئەكسىچە، بۇنداق قىلىش قەدەممۇقەدەم ھالاكەتكە قاراپ ئىلگىرلەش جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بۇ خىل قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن، پەيدىنپەي مۇسۇلمانلىقتىن ياتلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلاردىن بۇرۇنقى (يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار) نىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇغېرىچ، گەزمۇگەز ئەگەشمەي قالمايسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كېلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ چوقۇم ئۇلارغا ئەگىشىپ كىرمەي قالمايسىلەر» دېگەن(5).

ئۇنداقتا ئىسلام نەزەرىدە ھېيت ۋە بايرام چۈشەنچىسى قانداق؟ ئىسلام ئانىلار ۋە ئاياللار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

 شۇبھىسىزكى، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن بايرام پەقەت ئىككى ھېيت بولۇپ، جاھىلىيەت بايراملىرىنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. شۇڭا، ئىسلام دىنىمىزدا، شۇ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە بولمىغان، ياتلاردىن سىڭىپ كىرىۋاتقان بۇ خىل بايراملار شىرك ئېتىقادقا چېتىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئىككى ھېيت ۋە جۈمەدىن باشقا بايراملارنى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا – ئانىلارغا ھەردائىم ياخشىلىق قىلىشنى، بويسۇنۇشنى، ھۆرمەتلەشنى ۋە ئۇلارغا «ئۇف» ياكى «ئۇھ» چاغلىق سۆزنىمۇ قىلماسلىقنى جېكىلەپ ئەمر قىلغان ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغىنىمىزدا، بۇنداق تەبرىكلەشلەرنىڭ نەقەدەر پۈچەكلىكى مەلۇم بولىدۇ – دە، ئۇنىڭغا ئېھتىياج قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿بىز ئىنسانغا ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى جېكىلىدۇق﴾(46/«ئەھقاف»: 15) دېگەن ۋە بۇنى باشقا ئايەتلەردىمۇ تەكرار – تەكرار تاپىلىغان.

بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

ــ مېنىڭ ياخشى مۇئامىلەمگە كىم ئەڭ ھەقلىق؟ ــ دەپ سورىغانىدى. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇنىڭغا:

ــ ئاناڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى:

ــ ئۇندىن كېيىنچۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، يەنە:

ــ ئاناڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى:

ــ ئۇندىن كېيىنچۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، يەنە:

ــ ئاناڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى:

ــ ئۇندىن كېيىنچۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:

ــ ئاتاڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى(6).

«قۇرئان كەرىم»دە كۆپ ئايەتلەردە، ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا شىرك كەلتۈرمەسلىكتىن قالسىلا ئىككىنچى مۇھىم جېكىلەش بولغان. ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنى «ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش» دەپ كۆرسەتكەن(7).

ئاللاھنىڭ رەسۇلى يەنە ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنى جەننەتكە كىرمەيدىغانلار قاتارىدىن سانىغان(8).

بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىلارغا ئېزگۈ مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە تېخىمۇ بەك تەكىتلەپ تاپىلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ياشانغانلىرىدا تەنلىرى ئاجىزلاپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە خەۋەر ئېلىشىغا بەكرەك موھتاج بولىدۇ، بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم» مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن:: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى جېكىلىدى. ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ خەۋەر ئېلىشىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئۇف» دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۆشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 23، 24)

ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بەرگەن مەرتىۋىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كېچىدە تۈنەپ، كۈندۈزدە روزا تۇتۇشمۇ ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. ئىسلام دىنى ئاتا – ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، ئوغلىنىڭ جىھادقا قاتنىشىشىنى ھارام قىلغاندۇر.

ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كىشى كېلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جىھادقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن:

ــ ئاتا – ئاناڭ ھاياتمۇ؟ ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى:

ــ ھەئە، ــ دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

ــ ئۇنداق بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ جىھاد قىلغىن! ــ دېدى(9). يەنى «ئۇلارنى بېقىش ۋە ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشنى جىھاد مەيدانىڭ قىلغىن» دېمەكچى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا – ئانىلارنى قاقشىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ تىللىنىشىغا سەۋەب بولۇشىنىمۇ ھارام دەپلا قالماي، بەلكى ئۇنى چوڭ گۇناھلار قاتارىدا سانىغان. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا لەنەت قىلىشى چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ــ دېگەن.

بۇنى ئاڭلىغانلار ئەقىل – ھوشى جايىدا بىر مۇئمىننىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئاتا – ئانىسىغا لەنەت قىلىشى ھەيران قالارلىق غەلىتە بىر ئىش تۇيۇلۇپ:

ــ كىشى ئاتا – ئانىسىغا قانداقمۇ لەنەت قىلىدۇ؟! ــ دەپ سوراشقاندا، رەسۇلۇللاھ:

ــ باشقا بىر ئادەمنىڭ ئاتىسىنى تىللىسا، ئۇمۇ ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ. ئانىسىنى تىللىسا، ئۇمۇ ئانىسىنى تىللايدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن(10).

ئەھۋال بۇنداق بولسا، ئاتا – ئانىسىنى يۈزمۇيۈز تىللايدىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى؟!(11)

دېمەك، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بۇ پەزىلەتتىن مەھرۇم قالغانلار ئادەت قىلىۋالغاندەك يىل بويى تاشلاپ قويۇپ يىلدا بىرەر كۈن ئۇلارنى يوقلاپ ھەدىيە بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى، ئۇ دىنىمىزدا «تەۋھىد»تىن قالسىلا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان، ھەر كۈن ۋە ھەر لەھزىدە ئورۇندىلىشى كېرەك بولغان پەرز ئەمەلدۇر. ئۇلارنى ئىككى ھېيتتىمۇ تۇنجى بولۇپ ئالاھىدە يوقلاپ، ئەھۋال سوراش ئېسىل ئەنئەنىمىزدە بار. ئېنىقكى، ئانا قورساق كۆتۈرۈش، ئېمىتىش ۋە بېقىپ تەربىيەلەشتە چەكسىز جاپا – مۇشەققەت تارتىش جەھەتتىن ئاتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ گۈزەل پەرزنى مۇشۇنداق پۈچەك بىر ئادەتكە ئالماشتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك گۆھەرنى ئەرزىمەس تاشقا ئالماشتۇرغانلىق، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىن غەپلەتتە قالغانلىقتۇر.

شۇڭا، ئاتا – ئانىنى ئىززەتلەشنى «ئانىلار بايرىمى»، «ئاتىلار بايرىمى» دېگەندەك كۈنلەرگە قاپسىۋالماي، مېھرىبان ئاتا – ئانىلارغا يىل بويى ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇلارغا كۆڭلىمىزدىكى ئالىي ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىشىمىز، دىنىمىزدىكى ئىككى ھېيتقا باشقا نۇرغۇن بايراملارنى ۋە بۇ ماھىيەتتىكى ئاتالمىش «كۈن»لەرنى قېتىۋالماسلىقىمىز، دىنىمىز ئەمر قىلغان پەزىلەت ۋە قىممەتلەرگە لايىقىدا ۋە بەجانىدىل ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدىغان ھەقىقىي ئۆرنەك مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەردىن بولۇشىمىز لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 25- شەۋۋال / م. 2023، 15 – ماي

—————————————–
1. https://www.mothersdaycelebration.com/mothers-day-story.html.
2. https://www.mothersdaycelebration.com/mothers-day-story.html.
3. Anatolini, Katherine Lane (2009). Memorializing Motherhood: Anna Jarvis and the Struggle for Control of Mother’s Day (PhD Diss). West Virginia University. p. 25.
4. «Take A Second To Salute Anna Jarvis, The Mother Of Mother’s Day». NPR.org. May 8, 2016.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3456؛ «مۇسلىم»، (2669. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5971)؛ «مۇسلىم»، (2548). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5976)؛ «مۇسلىم»، (87). ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، (6180). باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. «نەسائىي»، (2562)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (13180). ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، (244) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، (3542) بىلەن ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 278) «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3004)؛ «مۇسلىم»، (2549). ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5973)؛ «مۇسلىم»، (90). ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
11. يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئۈچۈن قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرى، 250 – 254 – بەتلەر. ھ. 1443 / م. 2023 – يىلى 2 – نەشرى 1 – باسمىسى، ئىستانبۇل.

Please follow and like us: