ئەلمەلىك، ئەلمەلىيك، ئەلمالىك جەللە جەلالۇھۇ

ئەلمەلىك، ئەلمەلىيك، ئەلمالىك جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿هُوَ اللَّهُ الَّذِيْ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ (ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر))﴾(59/«ھەشر»: 23). ﴿فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ (ئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر)﴾(20/«تاھا»: 114).

«ئەلمەلىيك» لەفزى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن: ﴿إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَهَرٍ فِي مَقْعَدِ صِدْقٍ عِنْدَ مَلِيكٍ مُقْتَدِرٍ (شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ)﴾(54/«قەمەر»: 54، 55).

«ئەلمالىك» لەفزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «لَا مَالِكَ اِلَّا اللهُ (ئاللاھتىن باشقا مالىك يوقتۇر)» دېگەن سۆزىدە كەلگەن([1]).

بۇ ئىسىملارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى

ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇ: مۈلكىدە (پۈتۈن كائىناتتا) بۇيرۇقى ئىجرا بولغۇچىدۇر. ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقانداق ئىگە بولغۇچىنىڭ (مالىكنىڭ) ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا بۇيرۇقى، تەسەررۇپى ئىجرا بولمايدۇ. دېمەك، «ئەلمەلىك» دېگەن بۇ سۈپەت «ئەلمالىك» دېگەن سۈپەتكە قارىغاندا «ئام» مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بولسا پۈتۈن مالىكلارنىڭ مالىكىدۇر. باشقا مالىكلار ئۆز ئىگىدارچىلىقلىرىدا تەسەررۇپ قىلىشنى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئۆگەنگەندۇر([2]).

ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇ: پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ مالىكىدۇر، بۇلارنى ھېچبىر توسالغۇسىز ۋە قوغدىغۇچىسىز تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر([3]). ئۇ ئۆز زاتىدا ۋە سۈپەتلىرىدە پۈتۈن مەۋجۇداتتىن بىھاجەتتۇر، بەلكى ھەممە ئۇنىڭغا موھتاجدۇر([4]). ئۇ زات خاھلىغان ئادەمگە ئۆز مۈلكىدىن خاھلىغان نەرسىنى ۋاقىتلىق ئىگە قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى خاھلىغان ۋاقىتتا خاھلىغىنىچە قايتۇرۇۋالىدىغان پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر.

ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇ: پادىشاھلىقىدا ھېچبىر كىشى دەتالاش قىلالمايدىغان ۋە قارشىلىشالمايدىغان، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ھەممىگە قادىر، قەھر قىلغۇچى سۈپىتى بىلەن تەسەررۇپ قىلىدىغان زاتتۇر. ئۇ مەخلۇقاتىدا بۇيرۇش، توسۇش، ئاتا قىلىش، مەنئى قىلىش، تار قىلىش، كەڭرى قىلىش، تۆۋەن قىلىش، يۇقىرى قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، تىرىلدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش ۋە ھىدايەت قىلىش، ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت خاھلىغىنى بويىچە تەسەررۇف قىلغۇچى زاتتۇركى، ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ ھۆكمىنى كەينىگە كېچىكتۈرگۈچى يوقتۇر، قازايى – قەدەرىنى رەت قىلغۇچى يوقتۇر.

«ئەلمەلىك» جەللە جەلالۇھۇنىڭ سۈپەتلىرى

1. (مۇتلەق) پادىشاھلىق ئاللاھقىلا خاستۇر

يەنى پەقەت ئاللاھ تائالا پادىشاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە مەملۇك([5])تۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ھەق پادىشاھ — ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 116). دېمەك، ھەقىقىي مالىك ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدۇر. ﴿ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شەرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»﴾(17/«ئىسراﺋ»: 111). دېمەك، ھەقىقىي پادىشاھلىق دەسلەپتە مەخلۇقاتنى ياراتقان، تەقدىر قىلىش ۋە پەرۋەردىگارلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن ئۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. پۈتۈن پادىشاھلىق، پۈتۈن ھۆكۈم ئۇ زاتقا خاستۇر. ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ تەرىپىگە قايتقۇچىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿(پۈتۈن ئاسمان – زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(67/«مۇلك»: 1)، ﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇبتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 1)، ﴿«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) غا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن﴾(114/«ناس»: 1 – 6). دېمەك، ئاللاھ تائالا پادىشاھتۇر، ئىنسانلار ھەممىسى مەملۇكتۇر. ئىنسانلار ھەقىقەتتە ھېچ نەرسىنىڭ ئىگىسى ئەمەس. قىيامەت كۈنىدىكى ھەشر (يىغىلىش) گە ئوخشايدىغان ھاجىلار يىغىلغان ھەيۋەتلىك ھەج پائالىيىتىدە مۇنۇ مۇبارەك تەلبىيە ئاۋازىنى ئاڭلايمىز: «لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لَا شَرِيْكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إِنَّ الْحَمْدَ وَالنِّعْمَةَ لَكَ وَالْمُلْكَ، لَا شَرِيْكَ لَكَ (لەببەي ساڭا ئى ئاللاھ! لەببەي ساڭا! لەببەي ساڭا! سېنىڭ ھېچقانداق شىركىڭ يوقتۇر، لەببەي ساڭا! جىمى ھەمدۇسانا ۋە نېئمەت، شۇنداقلا ئىگىدارچىلىق ساڭىلا خاستۇر، ھېچقانداق شىركىڭ يوقتۇر).

ئەگەر: «ئىنسان بىر نەرسىگە ئىگىدارچىلىق قىلالامدۇ؟» دېيىلسە، جاۋاب شۇكى: ئىنسان ھەقىقەتتە ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ پېقىرلىقى، ئاجىزلىقى ھەر دائىم ئۇنى لازىم تۇتقۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر﴾(35/«فاتىر»: 15) دېگەن.

چۈنكى، ئىنسان ئەڭ دەسلەپ ئىسپىرما ھالىتىدە ئىدى، ئاندىن لەختە قان بولىدۇ، ئاندىن بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، ئاندىن يالىڭاچ، ئاجىز، ھاياتلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ يىغلىغان ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئۇ نېمىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ؟! ئۇنىڭدىن كېيىن سەكراتقا چۈشكەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن تەئەللۇقاتلىرى ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ ۋە بىر سېكۇنتمۇ ئەجىلىنى ئۇزارتالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، نېمىنى ئۇنىڭ مۈلكى دەيمىز؟!

ئۇنداقتا ئىنساننىڭ مۈلكى قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان ئارىيەتتۇر. چۈنكى، ئۇ ئىككى قولى قۇرۇق ھالەتتە تۇغۇلىدۇ ۋە شۇ ھالەتتە دۇنيادىن كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار﴾(57/«ھەدىد»: 7). (يەنى بۇ ئايەتكە بىنائەن، مال ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ئىنساننى ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق ئىگە قىلغاندۇر).

بۇ بۈيۈك مەنىنى ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا بالىسى تۈگەپ كەتكەن چاغدا چۈشىنىپ يېتىپ:

— ئى ئەبۇ تەلھە! ئېيتىپ باقە، ئەگەر كىشىلەر بىر ئائىلىدىن بىرەر نەرسىنى ئارىيەت ئالغان بولسا، ئاندىن شۇ ئائىلە ئارىيەت ئالغان نەرسىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىسە بولامدۇ؟ — دېگەندە، ئەبۇ تەلھە:

— ياق، — دېگەندىن كېيىن، ئايالى:

— ئۇنداقتا سەن ئوغلۇڭنىڭ ئىشىغا سەۋر قىلىپ ساۋاب كۈت، — دېگەنىدى([6]).

قوي بېقىۋاتقان بىر ئەئرابىيدىن:

— بۇ قويلار كىمنىڭ، — دەپ سورالغاندا، ئۇ «بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئاللاھتۇر» دەپ بىلىدىغان كىشىنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە:

— بۇ مېنىڭ قولۇمدىكى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، — دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.

مانا بۇ «ھەقىقىي پادىشاھ ئاللاھتۇر» دەپ ئىشەنگەن راست، ھەقىقىي ئىماندۇر. شۇنىڭدەك ئاللاھنى تونۇغان مۇئمىن «ئۆزىنىڭ ئۆيى، ماشىنىسى، تىجارەت مېلى، زاۋۇتى، باغۇ – بوستان، ئېتىز – ئېرىقلىرى ھەممىسى ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر» دەپ بىلىدۇ. لېكىن، ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى بىزگە ۋاقىتلىق بەردى ۋە بىزنىڭ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزغا قاراش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرگە ئورۇنباسار قىلدى.

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن دۇنيا شېرىن ۋە ياپيېشىلدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنى دۇنيادا ئورۇنباسار قىلدى. سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. مال – دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ كېتىشتىن ۋە ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار. ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلدىكى فىتنە – پاسات ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن بولغان» دېگەن([7]).

ھارۇن رەشىدكە ئوخشاش مۈلكىنىڭ كەڭرى بولغانلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن «پادىشاھ» دەپ ئاتالغان ئاشۇ كىشىلەرگە قاراپ باقايلى! ئۇ ئاسماننىڭ چوققىسىدىكى بۇلۇتقا قاراپ: «نەگە خاھلىساڭ، شۇ يەرگە يامغۇرۇڭنى تۆككىن! پات ئارىدا سېنىڭ خىراجىڭ ماڭا كېلىدۇ» دېگەنىكەن.

ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ شەپىسى كەلگەندە، قەبرىسىنى كولاشقا بۇيرۇق قىپتۇ، قەبرىسى كولىنىپتۇ، ئاندىن قەبرىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. ئاندىن قەبرىگە بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، رەھىم قىلىنىشى ئۈچۈن يىغلاپ كېتىپتۇ. ئاندىن: «ئى پادىشاھلىقى يوقاپ كەتمەيدىغان زات! پادىشاھلىقى يوقاپ كېتىدىغان بەندەڭگە رەھىم قىلغىن» دېگەنىكەن([8]).

ئىبنۇسسسەمماك ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ھارۇن رەشىد ئۇنىڭغا:

— ماڭا نەسىھەت قىلغىن، — دېگەنىكەن، ئۇ:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئېيتىپ باقە، ئەگەر چاڭقاپ كەتكەندە، بىر يۇتۇم سۇدىن چەكلەنسەڭ، پۈتۈن بىساتىڭنىڭ يېرىمىنى فىدىيە قىلامتىڭ؟ — دەپتۇ.

— شۇنداق.

— يەنە ئېيتىپ باقە، ئەگەر تەرەت سۇندۇرۇشتىن قىينالساڭ، بىساتىڭنىڭ قالغان يېرىمىنىمۇ فىدىيە قىلامتىڭ؟

— شۇنداق.

— دېمەك، مال – مۈلكۈڭ بىر يۇتۇم سۇغا ۋە بىر قېتىملىق كىچىك تەرىتىڭگە باراۋەر بولمايدۇ([9]).

پىرئەۋنلەرنىڭ، رۇم ۋە يۇنانلارنىڭ ئىز – نىشانلىرىغا قاراپ باقايلى! ئۇ ھاكىمىيەت سۈرگەن، ئاندىن يوقاپ كەتكەن قەۋملەرنىڭ ئىز – نىشانلىرىدۇر. ئۇلار مەلۇم مەزگىل زېمىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ئىگە بولغانىدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ھەقىقىي پادىشاھلىقنىڭ ئۆزىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىگە بولغان مۈلكىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھامىنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئىرادە قىلغاندۇر.

كىمكى بۇ ھەقىقەتنى بىلمىسە ياكى كۆرمەس بولۇۋالسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا: ﴿بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟﴾(40/«غافىر»: 16) دېگەن، ئارقىدىن ئۆزى: ﴿غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر﴾(40/«غافىر»: 16) دەپ ئېنىق جاۋاب بەرگەن چاغدا، يەقىن (ئىشەنچلىك) ھالەتتە بىلىپ قالىدۇ.

قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلمەلىك ئاللاھنىڭ نىداسىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، بەلكى يەنە ئاللاھ ئۇلاردىن ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تارتىۋالىدۇ. ھەتتا ئىنسانلار قول – پۇت ئەزالىرىغا بولغان كونتروللۇقىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەزالار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە ھۆججەت كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئاللاھ) قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر﴾(1/«فاتىھە»: 4).

ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئىگىسى ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، دۇنيادا ئۆزىنى بۇيرۇق، چەكلىمە يۈرگۈزەلەيمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان ۋە نۇرغۇن داچا – قەسىر ۋە ئالتۇن – كۈمۈشلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر بار. ئەمما، قىيامەت كۈنىدە بولسا ھېچكىم بىرەر نەرسىگە ئىگە بولغانلىقىنى دەۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ، خەتنە قىلىنمىغان، قۇپقۇرۇق ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە دەيدۇكى: ﴿بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق ياراتقان بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار﴾(6/«ئەنئام»: 94). ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىندۇر﴾(25/«فۇرقان»: 26) دېگەن.

پادىشاھلىق ھەر ۋاقىت، ئەبەدىلئەبەد راھمان تائالاغا خاس بولسىمۇ، قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن غاپىللار پۇرسەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئويغىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە بىزگە: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى ئاسمانلارنى قاتلايدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتىدۇ، ئاندىن: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى ھەددىدىن ئاشقانلار؟ قېنى مۇتەكەببىرلەر؟› دەيدۇ. ئاندىن زېمىنلارنى سول قولى بىلەن قاتلايدۇ. ئاندىن: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى ھەددىدىن ئاشقانلار؟ قېنى مۇتەكەببىرلەر؟› دەيدۇ»([10]) دەپ تەلىم بەرگەندۇر.

يەھۇدىيلارنىڭ بىر ئالىمى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)! ھەقىقەتەن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاسمانلارنى بىر بارمىقىدا تۇتىدۇ، زېمىنلارنى بىر بارمىقىدا تۇتىدۇ، تاغلارنى، دەرەخلەرنى بىر بارمىقىدا تۇتىدۇ، سۇ ۋە تۇپراقنى بىر بارمىقىدا تۇتىدۇ. باشقا مەخلۇقاتلارنى بىر بارمىقىدا تۇتىدۇ. ئاندىن: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، مەن ئاللاھتۇرمەن› دېگەن ھالەتتە ئۇلارنى سىلكىيدۇ» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغان ھالەتتە كۈلدى، ئاندىن: ﴿ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شىرك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر﴾(39/«زۇمەر»: 67) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى([11]).

2. ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى بېرىش بىلەن كەملەپ قالمايدۇ

دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار باشقىلارغا بىرنەرسە بەرسە، مۈلكى كەملەيدۇ. ئەمما، ھەق پادىشاھ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ خەزىنىلىرى قانچىلىك بەرسۇن، قانچىلىك نەپىقە قىلسۇن، قىلچىلىكمۇ كەملەپ كەتمەيدۇ. ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: «ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلار ھەممىسى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ھەربىر ئىنسانغا مەندىن سورىغىنىنى بەرسەم، پەقەت دېڭىزغا چىلىنىپ ئېلىنغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى نەرسىدىنمۇ ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ»([12]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «ئاللاھنىڭ قولى (ياخشىلىق ۋە خەير – ئېھسانغا) توشۇقتۇر. نەپىقە قىلىش ئۇنى كەملىتىپ قويمايدۇ. سىلەر ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ نەپىقە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟»([13])

دۇنيادىكى يەپ – ئىچىۋاتقان ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولۇۋاتقان شۇنچىۋالا كۆپ ئىنسانلارغا قاراپ باقايلى! بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكى ۋە رىزقى ئەمەسمۇ؟!

3. بېرىش، چەكلەش، ئاتا قىلىش ۋە تارتىۋېلىش ھەممىسى ئاللاھقىلا خاستۇر

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاللاھ ھەقىقىي پادىشاھتۇر. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ھەقىقەتەن پادىشاھلىقنىڭ ھەقىقىتى بولسا بېرىش، چەكلەپ قويۇش، ھۆرمەتلەش، خار قىلىش، ساۋاب بېرىش، جازالاش، غەزەبلىنىش، رازى بولۇش، ئىگە قىلىش، ئايرىۋېتىش ۋە ئەزىزلىككە لايىق كىشىنى ئەزىز قىلىش، خارلىققا لايىق كىشىنى خار قىلىش بىلەنلا تامام بولىدۇ»([14]).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خاھلىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خاھلىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خاھلىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خاھلىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن (شۇنىڭ بىلەن كېچە – كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى (يەنى تىرىك بولغان ئىنساننى، ھايۋاننى) جانسىزدىن (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىدىن) چىقىرىسەن، جانسىزنى (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىينى) جانلىقتىن (يەنى جانلىق بولغان ئىنساندىن، ھايۋاندىن) چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خاھلىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 26، 27).

4. ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال – سوراق قىلىنمايدۇ

ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال – سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 23) دېگەن. چۈنكى، ئادەتتە چوڭ ئادەم كىچىك بالىدىن، ئۇلۇغ كىشى خار كىشىدىن، نام – مەرتىۋىسى ئۈستۈن كىشى مەرتىۋىسى تۆۋەندىن قىلغانلىرى ھەققىدە سوئال – سوراق قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھتىن چوڭ، ئاللاھتىنمۇ ئۇلۇغ، ئاللاھتىنمۇ ئۈستۈن ھېچكىم يوقتۇر (شۇڭا، ئاللاھتىن ھېچكىم سوئال – سوراق قىلالمايدۇ).

ئىمام نەسەفىي دەيدۇكى: «چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقىي مالىكتۇر. ئەگەر بىر سۇلتانغا (ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەقىقىي پادىشاھ ئەمەس) ئۇنىڭدىن خاتالىق سادىر بولغان ھالەتتە، (قىسمەن مەرتىۋىلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان) بەزى خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسە، كىشىلەر بۇنى قەبىھلىك ۋە نادانلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان ئۇ ئاللاھ ئېتىراز بىلدۈرۈلمەسلىككە تېخىمۇ لايىقتۇر»([15]).

5. ئاللاھ ئۆز مۈلكىدە (كائىناتتا) خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ مۈلكىدە ئۇ زات خاھلىغان نەرسىلا يۈز بېرىدۇ

كائىناتتىكى ھەربىر ھەرىكەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەنلا يۈز بېرىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈن ئولتۇرغان چاغدا:

— ئى ئەبۇ زەر! بۇنىڭ نەگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ — دېگەنىدى، مەن:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ ئەرشنىڭ ئاستىدا سەجدە قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، ئىزىن سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئىزىن بېرىلىدۇ. (قىيامەت يېقىنلىشىپ) سەجدە قىلىشقا ئاز قالغاندا، ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىزىن سورىسا، ئىزىن بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا: ‹كەلگەن يېرىڭدىن قايتقىن› دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەغرىبتىن چىقىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر﴾(36/«ياسىن»: 38) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر، — دېدى»([16]).

جىمى نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئاللاھ سەلتەنەتنى خاھلىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 247). ﴿ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 82).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇتلارنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن، قەۋمى ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن شامال ياكى سۇ ئەۋەتمىدى ۋەياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى. پەقەت ئوتقا بىر كەلىمە سۆز قىلدى – دە، بۇ ئوت ئەلمەلىك، ئەلجەببار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق﴾(21/«ئىبراھىم»: 69) دەيدۇ. ﴿ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)﴾(55/«ئەرراھمان»: 29). يەنى، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئاسانلىق بېرىدۇ. بەزى قەۋملەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يەنە بىرلىرىنى چۈشۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «زاماننى تىللىماڭلار، چۈنكى مەن زاماندۇرمەن (زاماننى ياراتقۇچىدۇرمەن). كۈنلەر ۋە كېچىلەر ماڭا خاستۇر، مەن ئۇلارنى يېڭىلاپ، كونىرىتىپ تۇرىمەن. بىر پادىشاھلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلارنى كەلتۈرىمەن»([17]) دېگەن.

ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇنىڭ ھەقلىرى (ئاللاھنىڭ بۇ ئىسىم – سۈپىتىگە قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟)

1. بىزگە پايدا – زىيان يەتكۈزۈشكە ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇدىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ دەپ ئىشىنىشىمىز كېرەك

يەنى ئى قېرىندىشىم! ھاياتىڭدا توغرا بولغان بىر يولدىلا ماڭغىن، پەقەت ھەقنىلا سۆزلىگىن، ھەقكىلا ئەمەل قىلغىن، سېنىڭ ئىشلىرىڭ تۈگۈل ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىنمۇ ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان كىشىلەرگە يۈزلىشىشتىن قورقمىغىن. بىلگىنكى ئاللاھ تائالا: ﴿ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خاھلىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەﻓﺌ قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»﴾(10/«يۇنۇس»: 49) دېگەن. يەنى بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەقەت ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇلا قادىر بولغاندەك، پايدا – زىيان يەتكۈزۈشكىمۇ شۇ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھلا قادىر بولىدۇ. ﴿(ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شىرك كەلتۈرمەيمەن». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا – زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»﴾(72/«جىن»: 20، 21).

2. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن سورىماسلىقىمىز ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. بىز ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن كۆزلىگەن، ئارزۇ قىلغان كېسەللەرنىڭ ساقىيىشى، تەن ساقلىق، پۇل – مال، بالىچاقا، ياخشى ئايال، ئەمەلىي ھاياتتا ياكى ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ياكى دىنىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ۋەياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىشلارنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇتلەق پادىشاھ بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ.

شۇنداق بولغانىكەن، قانداقمۇ ھەممە ئىشلارنىڭ تىزگىنى قولىدا بولغان ئاللاھنىڭ ئىشىكىنى تاشلاپ قويۇپ، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان مەخلۇققا تەلمۈرىمىز؟!

بەزى ئىسرائىلىييات قىسسەلىرىدە كېلىشىچە: «مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹ئى رەببىم! مېنىڭ بەزى دۇنيالىق ھاجەتلىرىم پەيدا بولغاندا، سەندىن سوراشتىن ھايا قىلىمەن› دېگەنىدى، ئاللاھ تائالا: ‹مەندىن خېمىرىڭنىڭ تۇزىنى ۋە ئېشىكىڭنىڭ ھەلىپىنىمۇ سورىغىن› دېگەن»([18]).

ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك كەئبىگە كىرگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى ھەزرىتى سالىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىشام:

— ئى سالىم! مەندىن بىرەر ھاجىتىڭنى سورىغىن، — دېگەنىكەن، سالىم:

— شەكسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇ زاتنىڭ غەيرىدىن سوراشتىن ھايا قىلىمەن، — دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار سىرتقا چىققاندىن كېيىن، ھىشام:

— ئەمدى سىرتقا چىقتۇق، بىرەر ھاجىتىڭ بولسا سورىغىن، — دېگەنىكەن، سالىم:

— دۇنيانىڭ ھاجەتلىرىنى سورايمەنمۇ ياكى ئاخىرەتنىڭ ھاجەتلىرىنىمۇ؟ — دەپتۇ.

— بەلكى دۇنيانىڭ ھاجەتلىرىنى، — دېگەندە، سالىم:

— ئۇنى ھەممە ئىش ئىلكىدە بولغان زاتتىن سورىمايمەنۇ، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان مەخلۇقتىن سورامدىمەن؟! — دەپتۇ([19]).

3. پەقەت ئۇ زاتقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك

ھەق تائالا ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە ھەممە نەرسىدە تەسەررۇپ قىلغۇچى بولغانىكەن، ئەلبەتتە باشقىسى ئەمەس، ئۇ زاتلا ئىبادەت قىلىشىمىزغا لايىق بولىدۇ. ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىۋاتقان ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى مەخلۇقتۇر، مەملۇكتۇر، مەربۇبتۇر. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقى باتىلدۇر، شۇڭا ئۇلارغا ئىبادەت قىلىش زۇلۇم ۋە ئازغۇنلۇقتۇر.

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا – زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 17) ﴿ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە – كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شىرك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ﴾(35/«فاتىر»: 13، 14) ﴿مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ھېچنەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان «ئىلاھلار (يەنى بۇتلار)»غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە (ئەسلا) قادىر بولالمايدۇ»(25/«فۇرقان»: 3) ﴿داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ «خۇدا» دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 56).

دېمەك، بالا – قازانى كۆتۈرۈۋېتىشكە، ھەر نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە كونترول قىلىشقا قادىر بولىدىغان زات بىردىنبىر ئىبادەت قىلىشىمىزغا لايىق بولغان ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇدۇر.

4. مۇتلەق ئىتائەت قىلىش

ئەگەر ھەقىقىي، دائىما، مۇكەممەل پادىشاھلىق شەرىكى يوق، يەككە – يېگانە ئاللاھقىلا خاس بولىدىكەن، مۇتلەق ئىتائەت قىلىشمۇ شەرىكى يوق، يېگانە شۇ ئاللاھقىلا خاس بولىدۇ. چۈنكى، زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ھەممىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى قۇللىرىدۇر. شۇڭا، ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇغا ئىتائەت قىلىشنى باشقا ھەرقانداق ئىتائەتتىن، ئۇ زاتنىڭ ھۆكمىنى باشقا ھەرقانداق ھۆكۈمدىن ئىلگىرى قىلىشىمىز زۆرۈردۇر. ھەرقانداق بىرسىگە ئىتائەت قىلىش چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ چەك – چېگراسىدا بولۇشى كېرەك. ئەمما، مەخلۇققا ئىتائەت قىلىپ ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، مەخلۇققا ئىتائەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65).

5. ئۇ ئاللاھ «مَلِكُ الْمُلُوْكِ، مَلِكُ الْأَمْلَاكِ (پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى)»دۇر دەپ ئېتىقاد قىلىشىمىز كېرەك

شۇڭا، بۇ ئىسىملار بىلەن ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاتاشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئەڭ غەزەبلىنىدىغان ۋە ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئادەم ‹مَلِكُ الْمُلُوْكِ، مَلِكُ الْأَمْلَاكِ (پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى)› دەپ ئاتالغان كىشىدۇر»([20]) دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۆزىنى ‹مَلِكُ الْمُلُوْكِ› دەپ ئويلىغان كىشىگە ئاللاھ قاتتىق غەزەب قىلدى. (ھەقىقىي) پادىشاھ پەقەت ئاللاھتۇر»([21]) دېيىلگەن.

بۇ ھۆكۈمگە بۇنىڭ مەنىسىدىكى «أَحْكَمُ الْحَاكِمِيْنَ (ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ھۆكۈم قىلغۇچىسى)، وَسُلْطَانُ السَّلَاطِيْنِ (سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى)، وَقَاضِي الْقُضَاةِ (قازىلارنىڭ قازىسى)، وَأَمِيْرُ الْأُمَرَاءِ (ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى)» دېگەندەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىملارمۇ كىرىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىسىملارغا (ھەقىقىي) پادىشاھ بولغان ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇلا لايىقتۇر، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ شەرىكى يوقتۇر.

6. ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى كەمتەر بولۇشى، ھەتتا پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى بەندىلىك ماقامىدىن ئۈستۈن قىلىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇ كىشى پادىشاھ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ قەھرى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاجىز، پېقىر بىر بەندىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. (شۇ ئەسنادا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسمانغا قارىغانىدى، بىر پەرىشتە چۈشۈۋېتىپتۇ. جىبرىل ئەلەيھىسسالام: ‹بۇ پەرىشتە يارىتىلغاندىن تارتىپ، بۇندىن بۇرۇن چۈشۈپ باقمىغان› دېدى. ئۇ پەرىشتە (چۈشكەندىن كېيىن): ‹ئى مۇھەممەد! رەببىڭ مېنى ساڭا ئەۋەتتى› دەپ، ‹سېنى پەرىشتە قىلامدۇ ياكى پەيغەمبەر بەندە قىلامدۇ (بۇنى تاللىشىڭ ئۈچۈن) ئەۋەتتى› دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام: ‹ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئۈچۈن كەمتەر بولغىن!› دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ياق، بەلكى پەيغەمبەر بەندە (يەنى بۇنى تاللايمەن)› دېدى»([22]).

7. ھەربىر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بار دەپ بىلىشىمىز كېرەك

يەنى كىمكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تېپىشنى ئىرادە قىلسا، ئەلمەلىك جەللە جەلالۇھۇدىن ئۇ زات ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ئارقىلىق قورقسۇن. نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: ‹ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار. ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلمەيدۇ. كىم دىنىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلاش نىيىتى بىلەن بۇلارنى تەرك ئەتسە، ئامان بولىدۇ. كىم بۇنىڭ قايسىبىرىنى قىلسا، ھارامنى قىلىپ سېلىشقا تاس قالىدۇ. بۇ خۇددى چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدا پادىسىنى ئوتلاتقان كىشىنىڭ پادىسىنىڭ ھەرئاندا بۇ رايونغا كىرىپ ئوتلاپ قېلىشقا تاس قالغىنىغا ئوخشايدۇ. ھەربىر پادىشاھنىڭ چەكلىگەن رايونى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ چەكلىگەن رايونى بولسا ھارام قىلغان نەرسىلىرىدۇر. قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ؛ ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»([23]).

ئەگەر پادىشاھلار ئۆزلىرىگە تەۋە رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى پۇختا چېگرا – توسۇقلار بىلەن قورشىسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم يېقىنلىشالمايدۇ. كىمدەكىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ياكى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىنى قاتتىق جازاغا دۇچار قىلغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، مۇتلەق پادىشاھ ئاللاھنىڭ چەك – چېگرالىرىدىن كىممۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلالايدۇ؟!

8. ئىگە بولغان نەرسىلىرىمىزدە ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك

ئى قېرىندىشىم! ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نىجات تېپىشنى ئويلىساڭ، ئىگىدارچىلىقىڭدىكى نەرسىلەرگە ئىككى خىل نەزەر بىلەن قارىغىن:

1) بۇ نەرسىلەر ھەرئاندا سەندىن تارتىۋېلىنىشى مۇمكىن. بۇ تارتىۋېلىش كۆپىنچە جازالاش يولىغا بىنائەن بولىدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت ھەزەر قىلىشىمىز ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچنەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟!»﴾(6/«ئەنئام»: 46).

2) ئىگىدارچىلىقىڭدىكى نەرسىلەرنى تەسەررۇپ قىلىشىڭ، خۇددى ئاللاھ تائالا: ﴿لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەنلىرى ئارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى)﴾(5/«مائىدە»: 48)، ﴿ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق﴾(18/«كەھف»: 7) دەپ ئېيتقاندەك، بىر تۈرلۈك سىناق – ئىمتىھاندۇر.

قاچانىكى، مال – مۈلكىمىز كۆپەيسە، ئۇنىڭغا قارىتا سىناق شۇنچە زىيادە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرۋاقىت ئىلكىمىزدىكى نەرسىلەرگە قارىتا ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىنسان ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندا بىر مېھمان، مال – مۈلكى بولسا ئارىيەت ھېسابلىنىدۇ. مېھمان دېگەن ھامىنى سەپەر قىلىدۇ، ئارىيەت بولسا ھامىنى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ» دېگەن.

9. «دۇنيادا ھەرقانداق مال – مۈلۈك ھامىنى يوقاپ كېتىدۇ» دەپ كەسكىن جەزم قىلىشىمىز كېرەك

سالىھلارنىڭ بىرى بىر پادىشاھقا نەسىھەت قىلماقچى بولۇپ، ھاكىمىيەت ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە: «ئەگەر بۇ ھاكىمىيەت سەندىن باشقىلاردا داۋاملىق تۇرغان بولسا، ساڭا ھەرگىزمۇ يېتىپ كەلمىگەن بولاتتى» دەپ يازغانىكەن.

دېمەك، دۇنيادا ھەرقانداق پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقى ئۆلۈمى بىلەن ياكى پادىشاھلىقىنىڭ قولىدىن كېتىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. لېكىن، رەببىمىز بولسا قەھر قىلىنمايدىغان مۇتلەق پادىشاھتۇر: «ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»(28/«قەسەس»: 88).

ئايرىلىسەن ماللىرىڭدىن ئۇرۇق – تۇغقان ھەم كېتەر،

خوتۇن، بالا ھەم ئۆزۈڭمۇ تۇپراققا سىڭىپ كېتەر

قالۇر ئەبەد رەببىڭ زاتى مۇقەددەستۇر ھىچ ئۆلمەس،

ئەمەللىرىڭ، يالاڭ بەدەن پەقەتلا سەنلە كېتەر.

ئاخىرقى سۆز

ئىنسان شەھۋىتى، ھاۋايى – ھەۋىسى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە غالىب كېلىپ، ئۆز نەفسىنى كونترول قىلسا، تىلى، ئىككى كۆزى ۋە ئىككى قۇلىقىنى باشقۇرسا، گەرچە ئۇنىڭ باشقۇرىدىغان نۇرغۇن پۇقرالىرى بولمىسىمۇ، ئۆزىگە پادىشاھ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، نەفسىگە ۋە نەفسىنىڭ نىجات تېپىشىغا ئىگە بولالىغان كىشى ھەقىقىي پادىشاھتۇر.

شۇنىڭدەك ئۆزىنى باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغۇدەك نەرسىگە ئىگە بولغان، ئىپپەتلىك بولغان ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزققا قانائەت قىلغان كىشىمۇ پادىشاھتۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچكىمگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېئمەتلەرنى بەردى»(5/«مائىدە»: 20).

 ئايەتتىكى «سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى» دېگەن گەپتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشىنىڭ ئايالى، قورۇ جايى ۋە خىزمەتچىسى بولسا، پادىشاھ دەپ ئاتىلاتتى»([24]) دېگەن.

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مىھسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى تىنچ – ئامان، تېنى ساغلام، ئالدىدا كۈندىلىك يېمەك – ئىچمىكى بار بولسا، گويا دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرى ئۇنىڭ ئىلكىگە جەملەنگەن بولىدۇ»([25]) دېگەن.

ئى پۈتۈن كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھ! مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز قىلغىن. ئامىن.

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الملك، المليك، المالك جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/119845//

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

**************************
([1]) «مۇسلىم»، (5734).
([2]) ئەبۇ ئىسھاق ئەززۇجاج: «تفسير أسماء الله الحسنى (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ تەفسىرى)».
([3]) «تەفىسىرۇ ئىبنى كەسىر».
([4]) ئەلغەززالىي: «المقصد الأسنى (ئەلمەقسەدۇلئەسنا)».
([5]) مەملۇك: قۇل، ئەسىر، مۈلۈككە ئايلاندۇرۇلغان نەرسە، ئىگىلەنگەن، تەسەررۇپىغا ئۆتكەن، قول ئاستىغا كىرگەن. قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (2016)، 566 – بەت.
([6]) «بۇخارىي»، (1301)؛ «مۇسلىم»، (2144).
([7]) «مۇسلىم»، (2742).
([8]) ئىبنۇلجەۋزىي: «التبصرة (ئەتتەبسىرە)».
([9]) ئەلخەتتابىي: «شأن الدعاء (شەئنۇددۇئاﺋ)».
([10]) «ئەبۇ داۋۇد»، (4734). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) «بۇخارىي»، (4811)؛ «مۇسلىم»، (2786).
([12]) «مۇسلىم»، (2577).
([13]) «بۇخارىي»، (4684).
([14]) ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىي: «طريق الهجرتين وباب السعادتين (ئىككى ھىجرەتنىڭ يولى ۋە ئىككى سائادەتنىڭ ئىشىكى)».
([15]) «تەفسىرۇننەسەفىي»، 2/320.
([16]) «بۇخارىي»، (3199).
([17]) «ئەھمەد»، (10442). شۇئەيب ئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىستىن مەقسەت: «بىرەر مۇسىبەتكە، كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا، زاماننى تىللىماڭلار. چۈنكى زاماننىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، بەلكى زاماننى ۋە ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر» دېمەكچى.
([18]) ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي: «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم».
([19]) ئىبنۇلجەۋزىي: «صفة الصفوة (سىفەتۇسسەفۋە)».
([20]) «مۇسلىم»، (2143).
([21]) «ئەھمەد»، (10389). شۇئەيب ئەرنائۇت: «سەھىھ، بۇنىڭ ئىسنادى ئۈزۈكتۇر» دېگەن.
([22]) «ئەھمەد»، (7160). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەببىگە ناھايىتى كەمتەر بولغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر. چۈنكى، بەندە قانچە كەمتەر بولسا، ئاللاھ ئۇنى شۇنچە ئەزىز قىلىدۇ.
([23]) «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).
([24]) ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد لەبىب: «أسماء الله الحسنى والتأدب معها والتخلق بها (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈش)».
([25]) «تىرمىزىي»، (2346)؛ «ئىبنى ماجە»، (4141). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: