سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيەدىكى بەزى مۇسۇلمانلار رەجەب ئېيىدا «رەغائىب نامىزى» دەپ بىر خىل ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇ ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟ بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تۈركىيەدە ۋە كۆپىنچە سابىق ئوسمانلى تۇپراقلىرى بولمىش بەزى يۇرتلاردا رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى جۈمە كېچىسى «رەغائىب قەندىلى» دەپ ئاتىلىپ پەيشەنبە ئاخشىمى شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزى ئارىسىدا «رەغائىب نامىزى» ئوقۇش بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ كېچىدە كىشىلەر جامىئەلەردە توپلىشىپ ناماز ئوقۇيدۇ ۋە بۇ كېچىگە ئاتاپ يېزىلغان «رەغائىبىييە»، «مىئراجىييە» ناملىرى ئاستىدا نەئت، قەسىدە ۋە ھۆكمەتلەرنى ئوقۇشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى قەندىللەر (تۈنەك كېچىلىرى) نى تەبرىكلەش تۈركىيەدە خېلىلا راۋاج تاپقان بولۇپ، بۇ كۈندە كىشىلەر ئۆزئارا تەبرىك ئۇچۇرلىرى يوللىشىپلا قالماي، ئايرىم رەسمىي قاناللار بەزى چوڭ جامىئە مەسجىدلەردىكى پائالىيەتلەرنى نەقمەيدان تارقىتىپمۇ ئۈلگۈرمەكتە.
قەندىل ئەرەبچە «قِنْدِيْلٌ» سۆزلۈكىدىن كەلگەن بولۇپ «چىراغ» دېمەكتۇر، تىلىمىزدا: «چىراغ؛ كۆپ شام قادىلىدىغان ئاسما شامدان؛ بىرنەچچە تال شام ئورنىتىلغان ئاسما شامدان ياكى بىرقانچە لامپۇچكا ئورنىتىلغان ئاسما چىراغ»(1) دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. قەندىل (Kandil) سۆزلەمى تۈركىيەدە مەۋلۇدى نەبىي، رەغائىب، مىئراج، بەرائەت ۋە قەدر كېچىلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوغلى سۇلتان سەلىمخان II دەۋرىدە (م. 1566 — 1574) جامىئە مەسجىدلەر يورۇتۇلۇپ، مۇنارلارغا مۇبارەك ئايغا مەخسۇس قەندىللەر (mahya) ئېسىلىپ تەبرىكلىنىشكە باشلىغاندىن بېرى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پەزىلەتلىك دەپ قارىلىپ «تەبرىكلىنىدىغان ئالاھىدە كېچىلەر» دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
«رەغائىب / الرَّغَائِبُ» ئەرەب تىلىدا: «تەرغىب قىلىنغان، مول ئىنئام» مەنىسىدىكى «رەغىيبە / الرَّغِيبَةُ» كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلغان نەپلە ئەمەل»نى كۆرسىتىدۇ. مالىكىيلەردە: «بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ياكى كىشى يالغۇز ھالەتتە ئادا قىلىدىغان سۈننەتتىن بىر دەرىجە تۆۋەن مۇستەھەب»نى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش «رەغائىب نامىزى» بولسا — «رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە باغلىغان كېچىسى (‹رەغائىب كېچىسى›) شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت ناماز بىلەن بارائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچە (‹بارائەت كېچىسى›)دە ئوقۇلىدىغان 100 رەكئەت ناماز»نى كۆرسىتىدۇ. ھەر ئىككى ناماز بىدئەتتۇر(2).
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ناماز ئىبادەتتۇر. ئىبادەت بولىدىكەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بېكىتىپ بەرگەن بولۇشى، ئۇنى ئىسپاتلايدىغان ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بولۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا بىدئەت پەيدا قىلىش بولىدۇ. بىدئەت پەيدا قىلىشقا ھېچقانداق ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت ۋە قۇللۇق قىلىشىمىزنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزلەرگە ئەڭ مۇكەممەل ۋە تەپسىلىي پروگرامما ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. نامازنى ئېلىپ ئېيتساق، كېچە – كۈندۈزدىكى بەش ۋاقىت پەرز ناماز ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئادا قىلىنىدىغان تۈرلۈك نەپلە نامازلار ئارقىلىق ھېچقانداق بوشلۇق ياكى كەمتۈكلۈك قويمىغان. مەسىلەن، نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئىككى رەكئەتتىن تارتىپ نەچچە ئون رەكئەتكىچە – ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتقا ئۇدۇللىمىسىلا – خاھلىغان جايدا ۋە ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. بۇ بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇلغاندۇر، بۇنىڭدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. لېكىن، ھېچكىم پەرز نامازلاردىن باشقا بىرەر نامازنى ھېچقاچان «شەرىئەت مۇنچە رەكئەت ۋە پالانى ۋاقىتتا ئوقۇشنى بۇيرۇغان» دەپ دەلىلسىز ھالدا شەرىئەتكە باغلىۋالالمايدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ شۇ ۋاقىتتا، شۇ رەكئەت سانىدا ناماز ئوقۇشقا تەرغىب قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلسا، ئىبادەت قىلىمەن دەپ تۇرۇپ بىدئەت پەيدا قىلغان بولىدۇ.
رەغائىب كېچىسى «قۇرئان كەرىم»دە ۋە ھەدىسلەردە(3) ھۆرمىتى تەكىتلەنگەن ھەرەمئايلاردىن بىرى بولغان رەجەب ئېيىدا تەبرىكلىنىدۇ. تەسەۋۋۇف ئەسەرلىرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەغائىب كېچىسى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا چۈشكەنلىكى، شۇڭا رەجەب ئېيىنىڭ بىرىنچى پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇپ، شۇ كېچىدە (رەغائىب نامىزى نامىدا) بىر ناماز ئوقۇشنىڭ ناھايىتى ساۋابلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى ھەققىدىكى رىۋايەتكە ئاساسەن، رەجەبكە ئۆتكەن يېڭى ئاي پەيشەنبە كەچتە كۆرۈنگەن تەقدىردە، ئۇ كېچىسى «رەغائىب كېچىسى» دېيىلمەي، يېڭى ئاي كۆرۈلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى پەيشەنبە كۈنى «رەغائىب كېچىسى» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ ئاخشىمى «رەغائىب نامىزى» دەپ ئاتالغان 12 رەكئەت بۇ بىدئەت نامازشام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئوقۇلىدۇ. بۇ نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە «فاتىھە»گە قوشۇپ «قەدر» سۈرىسى ئۈچ قېتىم، 112/«ئىخلاس» سۈرىسى 12 قېتىم ئوقۇلىدۇ. ھەر ئىككى رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. نامازدىن پارىغ بولۇشقا ئۇلاپ 70 قېتىم دۇرۇد ئوقۇپ سەجدىگە بارىدۇ. شۇ تەرىقىدە مۇئەييەن دۇئا ۋە زىكىرلەرنى مەلۇم ساندا قىلىپ ئىككىنچى سەجدىگە بېرىپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ(4).
«رەغائىب كېچىسى» بىلەن «رەغائىب نامىزى» ھەققىدىكى گەپكە كەلسەك، بۇ رىۋايەت مۇھەددىسلەرنىڭ بىردەك قارىشىدا «توقۇلما»دۇر(5). چۈنكى، بۇ رىۋايەت ئىشەنچلىك ھەدىس مەنبەلىرىدە كەلمىگەن، بەلكى ھىجرىيە 4 – ئەسىردىن كېيىنكى بەزىبىر توقۇلما رىۋايەتلەر بىلەن تولغان ۋەز – نەسىھەت ۋە تەرغىبات كىتابلىرىدا پەيدا بولغاندۇر. جۈملىدىن ئىبنۇلجەۋزىي (ئۆ. ھ. 597 / م. 1201)، زەھەبىي (ئۆ. ھ. 748 / م. 1348)، ئىبنى كەسىر (ئۆ. ھ. 774 / م. 1373)، ھافىز ئىراقىي (ئۆ. ھ. 806 / م. 1403) ۋە ئىبنى ھەجەر (ئۆ. ھ. 852 / م. 1449) قاتارلىق مۇھەددىسلەر رەغائىب روزىسى ۋە نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنىڭ «بەھجەتۇل ئەسرار»نىڭ مۇئەللىفى ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە سوپىلىرىنىڭ پېشۋاسى ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئىبنى جەھدام ئەلھەمەدانىي ئەلمەككىي (ئۆ. 414 / م. 1024) تەرىپىدىن توقۇلغانلىقىنى، مەزكۇر ھەدىسنىڭ باشقا ھېچقانداق مەنبەدە كەلمىگەنلىكىنى ۋە سەنەدىدە يەنە باشقا ئىشەنچسىز ۋە ناتونۇش راۋىيلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان(6).
تارىخىي قەيتلەردە ھ. 448 / م. 1056 – يىلى قۇدۇستا ۋە ھ. 480 / م. 1087 – يىلى باغداتتا رەغائىب كېچىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان(7)، ئىمام غەززالىي پۈتۈن قۇدۇس خەلقىنىڭ بۇ كېچىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان(8). ئەبۇ تالىب ئەلمەككىي (ئۆ ھ. 386 / م. 996) رەغائىب كېچىسى دېمىگەن بولسىمۇ، رەجەب ئېينىڭ دەسلەپكى كېچىسىنى غەنىيمەت بىلىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكىنى(9) تىلغا ئالغان. ئۆلىمالىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ساھابە ۋە تابىئىنلەر دەۋرلىرىدە بۇنداق بىر ئىبادەتنىڭ بولمىغانلىقى، بەلكى باشقا دىنلارنىڭ تەسىرى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇل بائىس بۇ كېچىدە ئالاھىدە ئىبادەتلەردە بولۇشنىڭ دىندا يېڭى ئىبادەت يەنى بىدئەد بەيدا قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن ئومۇمىي مەنادا بىدئەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلەن بىرگە جۈمەگە ئۆتكەن كېچە ۋە جۈمە كۈنى ئاتايىن بىر ئىبادەتتە بولۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، شۇڭا رەغائىب كۈنى ۋە كېچىسى مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى قىلىشنىڭ دىنىي جەھەتتىن ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان(10).
«رەغائىب نامىزى»نى تۆت ئىمام ۋە باشقا بۈيۈك مۇجتەھىدلەرمۇ ئوقۇپ باقمىغان ھەم ئوقۇشنى تەۋسىيەمۇ قىلمىغان. ئەكسىچە، ئالىملىرىمىز ئۇنىڭ بىدئەتلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئۇنداق ناماز ئوقۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئەھلى ئىلىملەر بۇنى توسۇپ كەلگەن ۋە ئۇنى پەيدا قىلغانلارغا لەنەت ئوقۇغان. مەسىلەن، ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئۇنى پەيدا قىلغانلارغا لەنەت قىلسۇن! چۈنكى، ئۇ ئازغۇنلۇق، جاھالەت ۋە دىنىمىز تونۇمايدىغان بىدئەتتۇر. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا دىنىمىزدا يوقلۇقى ئېنىق بولغان ئىشلار باردۇر. بىر بۆلۈك ئالىملار ئۇنىڭ قەبىھ قىلمىشلىقىنى ۋە ئۇنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى كۆپ دەلىللەر بىلەن بايان قىلىپ ئايرىم رىسالىلەرنى يازغاندۇر»(11).
ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ باشقا مەزھەب ئالىملىرىدەك «رەغائىب نامىزى ھەققىدە كەلگەن رىۋايەت»نىڭ توقۇلما ۋە ساختا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇ نامازنى «بىدئەت» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئۇنى جامىئەلەردە يىغىلىپ ئادا قىلىشنى چەكلىگەن(12). ئىمام نۇرىددىن ئىبنى غانىم ئەلمەقدىسىي (ئۆ. ھ. 1004 / م. 1596) بۇ ھەقتە يازغان مەخسۇس رىسالەسىنىڭ مۇقەددىمەسىدە: «پېقىر ئاللاھ تائالادىن ھاكىملىرىمىزنى مۇشۇ بىدئەتنى قىلىۋاتقان مەسجىد ئىماملىرىنى چەكلەشكە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىشىگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمەن»(13) دېگەن.
ھەتتا فىقھ ۋە تەرىقەت پېشۋالىرىدىن بولمىش ئىمام رەببانىي ئەھمەد سىرهىندىي ھەزرەتلىرى (ئۆ. ھ. 1034 / م. 1624) مۇ بۇ خۇسۇستا بىدئەتنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاۋامۇ خاۋاسنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «ھالبۇكى، ئۇلار پەرز ۋە سۈننەت نامازلارنى تۆۋەن كۆرۈپ، پەرز نامازلارنى ئەۋزەل ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، پەرزلەرگە ئېرەنشىمەيدۇ – يۇ، نەفىللەرنى بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئادا قىلىدۇ، يەنە ئاشۇرا كېچىسى، بارائەت كېچىسى، رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى ۋە ‹رەغائىب› دەپ ئاتىۋالغان رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى جۈمە كېچىسى قاتارلىق كېچىلەرنى تۈنەپ ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ قەبىھنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ بىلىشمەيدۇ»(14) دېگەن.
ئىبنى ھەجەر: «رەجەب ئېيىنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭدا ياكى مەلۇم كۈنىدە روزا تۇتۇش، ياكى مەلۇم كېچىسىدە قىيامدا تۇرۇش ھەققىدە دەلىل بولغۇدەك سەھىھ بىر ھەدىس كەلمىگەن. ئەمما، رەجەب ئېيىدا باشقا ئايلاردا ئادەتلەنگىنى بويىچە كۈن ئاتلىتىپ ياكى ئاينىڭ 13 -، 14 -، 15 – كۈنلىرى ۋەياكى دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتسا بولىدۇ»(15) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) ئۆزىدە بولمىغاننى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ»(16) دېگەن.
ئىمام شاتىبىي: «شەرىئەتتە دەلىلى بولمىغان ئەمەل بىدئەت دەپ ئاتالغان»(17) دېگەن.
دېمەك، «رەغائىب نامىزى» ۋە «رەغائىب كېچىسى»نىڭ پەزىلىتىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچبىر ئاساسى يوقتۇر. دىنىمىزدىكى «ئىسراﺋ – مىئراج» ھادىسەسىمۇ بەزى جايلاردا ئۇشبۇ رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى تەبرىكلىنىدىغان بولۇپ، «ئىسراﺋ – مىئراج مۇشۇ كېچىدە يۈز بەرگەن» دەيدىغانلار بار بولسىمۇ، ئۇ كۈننىڭ دەل شۇ كۈنى ئىكەنلىكىگە دەلىل يوقتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444، 24 – جەمادىيەلئاخىر / م. 2023. 17 – يانۋار
1. مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، 2 – ج، 437 – بەت؛ م. تۇرسۇن قاتارلىقلار: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 502 – بەت؛، خ. تۆمۈر، ئا. پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 460 – بەت؛ ئابلىز ياقۇپ قاتارلىقلار: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 767 – بەت.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 56 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «م. ۋ.»، 1 – ج، 356 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 22 – ج، 271 – بەت.
3. 2/«بەقەرە»: 217؛ 5/«مائىدە»: 2، 97؛ 9/«تەۋبە»: 36؛ بۇخارىي (4662).
4. ئىبنى ھەجەر: «رەجەبنىڭ پەزىلىتىگە دائىر ئەجايىباتلارنىڭ بايانى»، 53 – بەت.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 56 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «رەجەبنىڭ پەزىلىتىگە دائىر ئەجايىباتلارنىڭ بايانى»، 53 – بەت؛ ئەجەلۇنىي: «كەشفۇلخەفاﺋ»، 2 – ج، 417 – بەت؛ ئەبۇ شامە ئەلمەقدىسىي: «ئەلبائىس (الْبَاعِثُ عَلَى إِنْكَارِ الْبِدَعِ وَالْحَوَادِثِ)»، 42 – بەت؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمەۋزۇئات»، 2 – ج، 125 – بەت؛ ھافىز ئىراقىي: «‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن›دا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجى»، 1 – ج، 163 – بەت؛ سۇيۇتىي: «ئەللەئالىئۇل مەسنۇئە»، 2 – ج، 312 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «ئەلمەسنۇﺋ (الْمَصْنُوْعُ فِيْ مَعْرِفَةِ الْحَدِيْثِ الْمَوْضُوْعِ)»، 1 – ج، 259 – بەت؛ ئەلفەتەنىي: «تەزكىرەتۇل مەۋزۇئات»، 2 – ج، 410 – بەت؛ شەۋكانىي: «ئەلفەۋائىدۇل مەجمۇئە»، 48 – بەت؛ ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي: «ئەلئاسارۇل مەرفۇئە»، 1 – ج، 62 – بەت؛ كەۋسەرىي: «مەقالاتۇل كەۋسەرىي»، 63 – بەت.
6. ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمەۋزۇئات»، 2 – ج، 47 – بەت؛ زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 28 – ج، 351 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12 – ج، 218 – بەت؛ ھافىز ئىراقىي: «زەيلۇ مىزانۇل ئىئتىدال»، 162 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «لىسانۇل مىزان»، 6 – ج، 16 – بەت.
7. ئەبۇبەكرى تۇرتۇشىي: «ھاۋادىسلەر ۋە بىدئەتلەر (الحَوَادِثُ وَالبِدَعُ)»، 132 – بەت؛ ئەبۇ شامە ئەلمەقدىسىي: «ئەلبائىس»، 35 – بەت؛ ئىبنى رەجەب: «لەتائىفۇل مەئارىف»، 130- بەت.
8. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1 – ج، 203 – بەت.
9. ئەبۇتالىب ئەلمەككىي: «قۇتۇل قۇلۇب»، 1 – ج، 121 – بەت.
10. ھەمدى تەكەلى: «تۈركىيە ﺩ. ﯞ. ﺋﯩ. ﺋﯧ.»، (تۈركچە) «REGAİB GECESİ» ماددىسى، 34/535 -، 536 – بەتلەر.
11. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4 – ج، 134 – بەت.
12. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6 – ج، 115 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 1 – ج، 259 – بەت؛ ئىبنى ئەمىر ھاج: «ھەلبەتۇل مۇجەللىي (حَلْبَةُ الْمُجَلِّي فِي شَرْحِ مُنْيَةِ الْمُصَلِّي)»، 2 – ج، 575 – بەت؛ ئىبراھىم ئەلھەلەبىي: «ئەششەرھۇل كەبىر / غۇنيەتۇل مۇتەمەللىي (غُنيَةُ المُتَمَلِّي فِي شَرْحِ مُنْيَةِ الْمُصَلِّي)»، 433 – بەت؛ مۇھەممەد ئەفەندى بىرگىۋىي / ئەبۇ سەئىد ئەلخادىمىي: «بەرىقە مەھمۇدىييە في شەرھى تەرىقە مۇھەممەدىييە (بَرِيقَةُ مَحمُودِيَّةُ فِي شَرْحِ طَرِيقَةِ مُحَمَّدِيَّةِ)»، 1 – ج، 92 – بەت ۋە 4 – ج، 210 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 26 – بەت.
13. ئىبنى غانىم ئەلمەقدىسىي: «رادئۇرراغىب (رَدْعُ الرَّاغِبِ عَنِ الْجَمْعِ فِيْ صَلَاةِ الرَّغَائِبِ)»، 3 – بەت.
14. ئىمام رەببانىي: «مەكتۇبات»، 288 – مەكتۇب.
15. ئىبنى ھەجەر: «رەجەبنىڭ پەزىلىتىگە دائىر ئەجايىباتلارنىڭ بايانى»، 23 – بەت.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2697)؛ مۇسلىم (1718).
17. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1 – ج، 36 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

