توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىستانبۇلدا توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئىشلار پەيدا بولۇپتۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپىدە بولمىغان، شۇنداقلا خىتتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ تاماقنى سېتىش ۋە يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۆرپ جەھەتتە ياخشى كۆرۈلمىگەن بىر ئىشقا ھازىرقى شارائىتىمىزدا قانداق قارايمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

توخۇ، غاز، كۈركە قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى ئىسلامدا گۆشى ھالال ئۇچارلىقلار قاتارىدىن بولۇپ، تارىختىن بېرى ئىستېمال قىلىنىپ كەلگەن بۇ ئۆي قۇشلىرى قوي، ئۆچكە ۋە كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىغا قارىغاندا بېقىش – يېتىشتۈرۈش نىسبەتەن قولاي، گۆشى سىڭىشلىك، بولۇپمۇ تۇخۇمى ۋە گۆشى ئۈچۈن توخۇ ئەزەلدىن تۇرمۇشىمىزدىن ئاساسەن كەم بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىدىندۇر. سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەۋۋەلا غەربتە، سوڭرە بولۇپمۇ 19 -، 20 – ئەسردىن ئېتىبارەن شەرقتە كۆرۈلگەن شىددەتلىك سانائەتلىشىشكە ئەگىشىپ شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى بىلەن گۆش تەمىناتى خۇسۇسىدا مەخسۇس فېرمىلار قۇرۇلۇپ، چوڭ – كىچىك چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرى بورداقچىلىقى ئۆز ئالدىغا بىر ساھە بولۇپ ئىلگىرىلەپ، كۈنىمىزدە ئاتايىن بىر كەسب بولۇپ شەكىللەندى. كۆلەملەشكەن فېرمىلاردا بېقىلغان قۇش ۋە ھايۋانلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلتۈرۈپ، سويۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە خېرىدارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس قۇشخانىلار بارلىققا كەلدى.

تۈركىيەدە باقمىچىلىق ساھەسىدە كەسبىي توخۇ فېرمىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 -، 70 – يىللىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، كۈنىمىزدە بۇ فېرمىلارنىڭ شارائىتى ۋە ئىستېمالغا تەييار گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە تامامەن ئۇيغۇندۇر. تېمىغا ئالاقىدار بولغان توخۇ پۇتىغا كەلسەك، تۈركىيە قۇشخانىلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن توخۇ ۋە تۈردىشى ئۆي قۇشلىرىنىڭ پەي (تۈك)، قان، پوكان، ئاشقازان، ئىچ – باغر، باش ۋە پۇتلىرى چىقىرىندىلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، 2017 – يىلىدىن بۇرۇن 200 گرادۇستا قاينىتىلىپ دېزېنفېكسىيەلەنگەندىن كېيىن ئۇنسىمان ھالغا كەلتۈرۈلۈپ قايتا پىششىقلىنىپ يەنە ئۆي قۇشلىرى بوغۇزىغا ئايلاندۇرۇلۇپ سېتىلغان بولۇپ، «تەننەرخى تۆۋەن، ئەمما ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى» بۇ يەم تۈرى 2002 – يىلى ياۋروپا ئەللىرىدە ئۆي قۇشلىرى فېرمىلىرىدا بوغۇز قىلىش چەكلىنىپ، بۇ چىقىرىندىلار پەقەتلا ئىت قاتارلىق ئەرمەك ھايۋان فېرمىلىرى ۋە چوشقا فېرمىلىرىدا بوغۇز قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەمۇ 2017 – يىلى رەسمىي گېزىتتە قارار ئېلان قىلىپ چەكلىگەن. لېكىن، تۈركىيەدىكى ئەرمەك ھايۋان يەم بازىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك بولۇشى ۋە ياۋروپادىكىدەك مەخسۇس ئەرمەك ھايۋان تۆللىتىش ۋە چوشقا فېرمىلىرىنىڭ كۆپ بولماسلىقى تۈپەيلى چىقىرىندىلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشى مەسىلىگە ئايلانغان. شۇندا قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ توخۇنىڭ پۇت ۋە باشلىرى ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان(1).

دەرۋەقە توخۇ پۇتىنىڭ ئاسىيانىڭ شەرقىدە خىتتايدىلا ئەمەس، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى، كورىيە ۋە ياپونىيەلەردە بازىرى ئىتتىك يېمەكلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇمدۇر. بولۇپمۇ بىزلەرگە تونۇشلۇق بولغان خىتتاي تائىپىسىنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلىرى قاتارىدىن دېيىشكە بولىدۇ. توخۇ پۇتى ھەققىدە خىتتاي تور بەتلىرىدە قانداق ئىستېمال قىلغاندا لەززىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەئرىف ۋە تەشەببۇسلار كۆپ بولۇپ، سەلبىي تەرىپىمۇ تىلغا ئېلىنغان بىر تور بەتتە توخۇ پۇتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول كوللاگېن، كالتىسىي ۋە ئاقسىل مىقدارىنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش، قان تومۇرلارنى ئېلاستىك قىلىش ۋە ئىممۇنىتېتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق پايدىلىرى بولسىمۇ، توخۇ پۇتىنىڭ ھەزىمى قىيىن بولۇپ، كۆپ يېگەندە ئاسانلا ھەزمسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغانلىقى ۋە ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ قىزىتمىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقى؛ توخۇ پۇتىنىڭ ھەممە ئادەمگە ياراشمايدىغانلىقى، ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قاندىكى ماينى ئۆرلىتىش، ئۆت خالتىسى ياللۇغى ۋە ھەرخىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى؛ بولۇپمۇ زۇكام، قىزىتما، سېمىزلىك ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ياكى ئالامەتلەرنى تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان(2). مەزكۇر خىتتاي تور بېتىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى بولمىسىمۇ، توخۇ پۇتىنىڭ بەزىبىر ئاز پايدىلىرىغا قوشۇپ كۆپ زىيىنىنىمۇ بايان قىلغان ئىنگىلىزچە مەنبەلەرمۇ يوق ئەمەس(3).

ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى: بازاردىكى توخۇلار شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى توكتا سوقۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەھۋالدا توخۇنىڭ پۇتى تۈگۈل ئۇنىڭ گۆشىنىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تۈركىيەدىكى ھەممىلا قۇشخانا شەرىئەتكە ئۇيغۇن بوغۇزلاش شەرتىگە چۈشمىسىمۇ، خەلقنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئايرىم كەسب ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىقادىغا بولغان ساداقىتى تۈپەيلى شەرئىي شەرتلەرگە مۇۋاپىق بوغۇزلاش ئېلىپ بېرىلىدىغان فېرمىلارمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. شەرئىي بوغۇزلانغان توخۇ پۇتىنى يېيىش ئېنىق چەكلىنىدىغان ئايرىم دەلىل بولمىسىمۇ، تېرە، كۆمۈرچەك ۋە پەيلەردىن ئىبارەت بولغان توخۇ پۇتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن زىيانلىق تەرىپى ئېغىر باسىدىغانلىقىنى ئۇنى ئەڭ سۆيۈپ ئىستېمال قىلىدىغان خىتتايلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بىزلەرنىڭ ئېڭىمىزدىكى توخۇ يايلاپ يۈرۈيدىغان، ھەرقانداق نەرسىنى ئىلغىماي يەيدىغان، ھەتتا ئەڭ مەينەت يەرلەردىمۇ بىمالال «دانلاپ» كېتىۋېرىدىغان بىر جانىۋار بولۇپ، ئالىملىرىمىز «توخۇ يەپ قويغان نىجاسەت قاتارى مەينەت نەرسىلەرنىڭ سارقىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن سولىنىپ پاك يەم بىلەنلا بېقىلىشى يېتەرلىك» دەپ قارىغان(4) ۋە ئەلمىساقتىن خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئوقۇمۇشسىز كىشىلەرمۇ توخۇ گۆشىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىستېمال قىلغان.

كۈنىمىزدە گەرچە پىچاقلىق توخۇلار مەخسۇس قاشالانغان فېرمىلاردا بېقىلىدىغان بولسىمۇ، ھەممىسى ناھايىتى چوڭ بىر كاتەك ئىچىدە نەچچە مىڭلاپ بىللە بېقىلغاچقا، ئۇنچىۋالا جىق توخۇنىڭ ئاستىنى ھەر دائىم تازىلاپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش چىقىم ھەم ۋاقىت جەھەتتىن فېرما خوجايىنلىرىنىڭ دىققەت قىلىپ كېتەلىشى تەس بىر ئىشتۇر. توخۇلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللەردىن بىرسى توخۇ پەنجىسى كېسىلى بولۇپ، تىپىك ئالامەتلىرى: توخۇنىڭ «ئالىقىنى» ئىششىپ قالىدۇ، قىزىرىپ ياكى قارىيىپ قالىدۇ ۋەياكى قەھۋە رەڭ داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە باشقا توقۇلمىلارغا ئۆتۈپ، يىرىڭلىق قاپارتما قېتىشىپ، ئاقىۋەتتە توخۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خوش، بازارغا سېلىنغان توخۇ پۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ خىل كېسەللىكتىن ئېرىغ ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ ھەتتا 200 گرادۇستا قاينىتىلغان تەقدىردىمۇ، «بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى قالمىدى» دەپ جەزملەشتۈرۈشكە بولامدۇ؟

تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلار توخۇنى ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، توخۇنىڭ باش ۋە پۇتلىرىنى «كۆز ھەققى» دەپ ئىت – مۈشۈككە تاشلاپ بەرگەن ياكى كۆمۈۋەتكەن، تىبابەت ساھەسىدىمۇ ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمىغان. توخۇ پۇتىنى ئىستېمال قىلىش بولسا ھالا بۈگۈنكى كۈندە بىزلەرگە كۆكتە ئۇچقان ۋە يەردە ماڭغان تۆمۈر – تەسەكتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى ئىلغىماي يەيدىغان تاجاۋۇزچى خىتتايلار بىلەن كىرىپ كەلگەن ياتتىن يات بىر ئىشتۇر. تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئەللەردە توخۇ پۇتىنى يېيىش ئادىتى يوق، ئۇنداق ئادەت بولغاندا ئىدى، توخۇ گۆشى سېتىلغان يەردە پۇتىنىمۇ تاپقىلى بولاتتى.

تۈركىيە شارائىتىدا تېپىلغان توخۇ پۇتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى مەجھۇل بولۇپلا قالماي، تۈركىيەدە توخۇ گۆشىگە قويۇلغان ساغلاملىق تەلىپىنىڭ توخۇ پۇتىغا قويۇلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. دېمەك، ھېچقانداق مۇسۇلماننىڭ تەبىئىتى ھالاللىقى ۋە ساغلاملىقى شۈبھىلىك نەرسىنى ئىستېمال قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە توخۇ پۇتى قىسقا بوغۇملاردىن تەركىپ تاپقان، يا قاتتىق ئەمەس، يا يۇمشاق ئەمەس كۆمۈرچەكسىمان بولغاچقا بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ. ھەر جەھەتتىن ئويلىغاندا، ھامىلىدارلارغا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇللا تاپسا بولىدىغان كىشىلەر ساتقان ھەم ھالاللىقى، ھەم ساغلاملىقى شۈبھىلىك، شۇنداقلا تەبىئەتەن ۋە تەركىبەن تەن ساقلىققا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ نەرسىنى ئىستېمال قىلىش شۈبھىلىك ۋە مەكرۇھلۇق جەھەتتىن ناتوغرىدۇر. بۇنىڭدىن ساتقۇچىمۇ، بېدىكچىسىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك جاۋابنى ئالدى دېگەن قانائەتتىمىز.

ئۆرپ نۇقتىسىدىن ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقىغا كەلسەك، ئىسمى ئاتىلىپ يېيىش ھارام قىلىنمىغان، ئەمما ئۆرپ جەھەتتىن ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن يېيىلمەيدىغان نەرسىلەر رايون خاراكتېرلىك بولىدۇ. مەسىلەن، ئات گۆشى، كەپتەر گۆشى، توشقان گۆشى، قوچقارنىڭ تاش بۆرىكى، تال ۋە باشقىلار. لېكىن، توخۇ پۇتى بولسا ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان، مەجبۇرلانمىسا يېيىلمەيدىغانلار قاتارىدا بولۇپ، ئارىمىزدىكى يېگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس باشقىچە ئالاھىدە تەمىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سۈرۈلگەن دورا – دەرمەكنىڭ تەمىنى ئىزدەپ يېسە كېرەك. ئۇنىڭ ھېلىقى «تەم»ىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل خۇرۇچلارنىڭ ئەسل تەركىبىدىكى ھالاللىق ياكى ئەمەسلىك مەسلىسىدىن زىيادە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، بىزلەرنى مۇشۇ مۇساپىرچىلىققا مەھكۇم قىلغان خىتتايلارنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلاپ يېيىش سېپى ئۆزىدىن خىتتايسىراپ قالغانلىق. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشاشقا تىرىشسا ئۇ شۇلاردىندۇر»(5) دېگەن ۋە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئان كەرىمدە: ﴿كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر﴾(4/«نىسائ‍»‍: 69) دېگەن ۋە بۇنىڭغا مۇقابىل: ﴿غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)﴾(1/«فاتىھە»‍: 7) دەپ ئۆگىتىپ غەيرى مۇسلىملەرگە ئوخشاپ قالماي، ئۇلارنىڭ يولىدىن، ھالىدىن ۋە ئادەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىغان. ئەجەبا خىتتايلاردىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكىلا ئەمەس ئاللاھقىمۇ دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان تائىپىگە ئوخشاپ قېلىشتىن ھېزى قىلىشقا بىزدىن بەكرەك ھەقدار قايسى مۇسۇلمان خەلق باردۇر؟!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب/ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444 – جەمادىيەلئاخىر 18 / م. 2023. 1. 11


1. Çevre Müh. Ömer Faruk SARI, Prof.Dr.Saim ÖZDEMİR SAÜ. Çevre Mühendisliği Bölümü, TAVUK KESİMHANE ATIKLARININ YÖNETİMİ VE ALTERNATİF DEĞERLENDİRME YÖNTEMLERİ, https://www.stb.org.tr/Dosyalar/Arastirmalar/tavuk-kesimhane-atiklarinin-yonetimi.pdf
2. https://new.qq.com/rain/a/20191101A0E9FG00?pc
3. https://www.healthline.com/nutrition/chicken-feet#downsides
4. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 5/17؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/28.
5. «ئەبۇ داۋۇد»، 4031. ئالبانى: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: