تۈركىيەدە «توكى»دىن ئۆي سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟

تۈركىيەدە «توكى»دىن ئۆي سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. توكى (TOKi)نىڭ 2022 – يىلى 13 – سېنتەبىردە ئېلان قىلغان تۇرالغۇ سېتىش تۈرىدىكى ئۆيلەرنى سېتىۋالساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالام پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تۈركىيە كوللېكتىپ تۇرالغۇ ئىدارىسى (TOKi)نىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان تۆۋەن كىرىملىكلەرگە قارىتا مۇۋاپىق باھادىكى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى تەرىپىدىن 2022 – يىلى 13 – سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە تۈر ئىلگىرىكى قېتىمقىلاردىن بىر نۇقتىدا ناھايىتى روشەن پەرققە ئىگە. ئۇ بولسىمۇ بۇ نۆۋەت دۆلەت بانكىلىرىدىن تۆۋەن پىرسەنتتە ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش شەرت قىلىنمىغان. دەرۋەقە، ئۆسۈمسىز بولۇش ئەلبەتتە ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىيانىتى كۈچلۈك تۈرك پۇقرالىرىمۇ بۇ قېتىمقى تۈر ھەققىدە ئۆز ئۆلىمالىرىدىن پىكىر – پەتۋا ئېلىشقا سەل قارىمىدى. خېلى كۆپ تۈرك ئەھلى ئىلىملەر ۋە پەتۋا ئورگانلىرى بۇ قېتىمقى تۈرنىڭ ئېنىقسىزلىق تەرەپلىرىنىڭ خېلىلا سالماقلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق سودىدىن توسقان» دېگەن ھەدىسكە([1]) ئاساسەن، بۇ قېتىملىق تۈرنىڭ توختامىنى «ئەقدى فاسىد (ناتوغرا)»([2]) سودا دەپ قاراپ «جائىز ئەمەس» دېگەن قاراشتا بولدى. يەنە بىرقىسىم ئەھلى ئىلىملەر بۇ قېتىمقى تۈردىكى ئېنىقسىزلىقنى نىزاغا سەۋەب بولمايدىغان دەرىجىدە يەڭگىل دەپ قاراپ «جائىز» دېيىشتى. ئەھلى ئەھلى ئىلىملەردىن «شۈبھىلىك» دېگەنلەرمۇ، «جائىز، ئەمما تەۋسىيە قىلمايمەن» دېگەنلەرمۇ، «بىرنەرسە دېيەلمەيمەن» دېگەنلەرمۇ بولدى([3]).

كۆزىتىشىمچە، بۇ توختامدا دىققەت قىلىنمىغان، دىققەت قىلىنسىمۇ كۆزدىن قاچقان مۇنداق بىر قانچە مەسىلە مەۋجۇت:

1. جائىز ئەمەس دېگۈچىلەر: «توختاملاشقان ئەسنادا ياكى توختامدا 20 يىل (240 ئاي) بويىچە ھەر قەرەلدە تۆلىنىدىغان پۇل مىقدارى شۇنداقلا تۆلىنىدىغان ئومۇمىي پۇل سوممىسى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، ھەر ئالتە ئايدا كادىر مائاشىنىڭ ئارتىش نىسبىتى بويىچە قەرەل ۋە ئومۇمىي سومما ئۆرلەپ ماڭىدۇ، شۇڭا جائىز ئەمەس»، دېسە؛ جائىز دېگۈچىلەر: «بۇ ئۆرلىتىشلەر ھەممىگە مەلۇم ھەم دەتالاشقا سەۋەب بولمايدۇ، شۇڭا جائىز» دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە توكىنىڭ بايان قىلىشىدا كۆرسىتىلگىنى ھەر ئىككى قاراشتىكىلەرنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭدا ھەر ئالتە ئايدا باھا ئۆرلىتىش كادىر مائاشىنىڭ ئارتىش نىسبىتى بويىچە ئەمەس، بەلكى توكى ئىدارىسى كادىر مائاشىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىگە قاراپ ئۆزى خاھلىغانچە كادىر مائاشى نىسبىتىدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى نىسبەت بەلگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن([4]). مانا بۇ سودىدىكى ئېنىقسىزلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنداقلا نىسبەت يۇقىرى بېكىتىلىپ قالسا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئېتىراز بىلدۈرەلمەيدۇ.

2. قەرەللىك ئۆي سېتىۋالغۇچى ئەسلىدە تۆۋەن كىرىملىك كىشى. ئەگەر بۇ ۋەزىيەتتىكى كىشى مەلۇم قەرەلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئۆي تارتىۋېلىنامدۇ ياكى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا باغلاش بولامدۇ؟ كېچىكىش جازاسى ئۈچۈن پۇل تۆلىنەمدۇ؟ قانداق شەرتلەر بار؟ توختامدا بۇ نۇقتىلار ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش زۆرۈر. بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا: تۇرالغۇ قازانغۇچى قەرەللىك پۇل تۆلەشتە قىينىلىپ قالسا، 10% ياكى 20% لىك ئۆسۈم (فائىز) بىلەن بانكىدىن قەرز توغرىلاپ بېرىلىدىكەن. يەنە توكى بېكىتكەن تارىخلاردا «توختاملار بانكىلاردا تۈزۈلىدۇ (İdarenin belirleyeceği tarihlerde bankada sözleşme imzalanacak.)» دېگەن گەپ بار. نېمە ئۈچۈن توختام بانكىدا تۈزۈلىدۇ؟ بۇمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەجەبا، توكى ئوتتۇرىدىن چىقىۋېلىپلا قەرەللەرنى تۆلەش خۇسۇسىدا سېتىۋالغۇچىلارنى بانكىغا باغلاپ ياكى تاشلاپ قويماقچىمۇ؟

3. ئۆيگە ئېرىشكەنلەرگە نىسبەتەن ئۆينىڭ قايسى رايوندىن، قايسى قەۋەتتىن ۋە قايسى جىھەتتىن چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇلارنىڭ ئۆينىڭ باھاسىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بار. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى 2+1 بىلەن 3+1 نى ئايرىپ بىرسىنى مۇقىمداپ ئىلتىماس قىلسىمۇ، چەك قايسىسىغا چىقسا شۇنى ئېلىشى كېرەككەن. بەلكىم بۇ ئىشتا يەنە بىر قېتىم ئۆينى مۇقىمداش چېكى (Konut Belirleme Kurası) تاشلاش بولۇشى مۇمكىن. بۇلارمۇ سودىدىكى ئېنىقسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. بەلكىم چەك چىققاندىن كېيىن توختام ئىمزالىغاندا بۇلار ئېنىق بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش كېرەك.

4. «ئۆي باھاسىنىڭ 8% نىسبەتتە باج kdv)) تۆلىشى كېرەك بولىدۇ» دەيدىغان گەپلەر بار. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئېنىق ۋە كونكېرت مەلۇماتلار كېرەك.

5. توكىنىڭ بۇ خىل ئۆي سېتىش توختامى ئەسلىدە فىقھ بويىچە 2 توختامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئۆيگە تەۋە ئۆينىڭ زېمىندىكى ھىسسەسىنى سېتىش، يەنە بىرى، زېمىنغا ئۆي سېلىپ بېرىش (بۇيرۇتما / ئىستىسناﺋ) توختامى([5]). ئەھۋال بۇ ئىكەن، ئۆينىڭ تۈرى، كۆلىمى، سۈپىتى، پۈتكۈزۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى، ئومۇمىي باھاسى ۋە بىلىش كېرەك بولغان جىمى مەلۇماتلار ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئۆينى پۈتكۈزۈش كېچىككەن ئەھۋالدا تۆلەم (كېچىكىش جازاسى) شەرت قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ قېتىمقى توختامدا توكىي ئۆينى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ تاپشۇرالمىسا تۆلەم تۆلەشنى شەرت قىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنداق بولسا، ئۆي قازانغۇچىنىڭ ھەققى قوغدالمايدۇ.

بۇنىڭ ئەكسىچە زېمىنغا ئۆي سېلىپ بېرىش (بۇيرۇتما / ئىستىسناﺋ) توختامىدا پۇلنى قەرەلىدە تۆلەشتە كېچىككەنلىككە تۆلەم (كېچىكىش جازاسى) شەرت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا يۇقىرىقى 2. نۇقتىدا ئىشارە قىلىندى.

6. يۇقىرىقى شەرتلەر بويىچە زېمىن ھىسسەسىنى سېتىۋېلىش ۋە ئۆي سالدۇرۇش (بۇيرۇتما / ئىستىسناﺋ) توختاملىرى تۈزۈلگەن (يەنى توكىدىن ئۆي سېتىۋېلىنغان) ئەھۋالدا، ئۆينى سالدۇرغۇچى ئۆينى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن (بۇ قېتىم 2 يىلدا تاپشۇرۇش ۋەدە قىلىنغان) بۇرۇن باشقىلارغا ساتسا (دەۋرى قىلسا، قولدىن چىقارسا) جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يوق ئۆينى سېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

7. بۇ توختامنىڭ دىققەت قىلمىغان ئەڭ نازۇك تەرىپى شۇكى، 20 يىل جەريانىدا قەرەللەرنى تولۇق تۆلەپ بولمىغۇچە ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆيىنى باشقىلارغا ساتالمايدۇ([6]). ئەمما، ئىجارىگە بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە توكى خاھلىسا كېيىنچە قالغان قەرەل پۇللىرىنى بىراقلا تۆلەپ قەرەللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆيىنى 20 يىل جەريانىدا ساتماقچى بولغىنىدا ساتالماسلىق شەرتى سودا – سېتىقنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە، قائىدىسى ۋە تەقەززاسىغا زىت بولۇپلا قالماي، ئىقتىساد جەھەتتىنمۇ سېتىۋالغۇچى تەرەپكە ئىنتايىن زىيانلىق.

ئىمام نەۋەۋىي بۇ خىل مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەرسىنى سېتىپ، ئۇنىڭغا ساتمايسەن، ئۇنىڭدىن پايدىلانمايسەن ياكى ئۇنى ئىجارىگە بەرمەيسەن… دېگەندەك شەرتلەرنى قوشۇش سودا – سېتىقنىڭ تەقەززاسىغا زىت بولۇپ، بۇ تۈرلۈك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە مەزكۇر شەرتلەر تىجارەت تەقەززاسىغا مۇخالىپ بولغانلىقتىن سودا باتىل (ئىناۋەتسىز) بولىدۇ»([7]).

يەنە بەزى ئالىملار: «بۇ خىل شەرت ناتوغرا (فاسىد) شەرت بولۇپ، بۇنداق شەرت بىلەن قىلىنغان سودا فاسىد بولۇپ كېتىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر «سودا توغرا، ئەمما شەرت ئىناۋەتسىز» دېگەن([8]).

دېمەك، توكى ئۆينى پۈتتۈرۈپ سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرغان ئىكەن، سېتىپ بولۇپمۇ يەنە ئۆينىڭ ئىگىدارچىلىقى (مۈلكىييەتى) نى قولىدا تۇتۇۋالسا بولمايدۇ. ساتقان ئىكەن چوقۇم ئۆينىڭ ئىگىدارچىلىقى سېتىۋالغۇچىغا تولۇق يۆتكىلىشى لازىم. چۈنكى، ئۆي سېتلىشى بىلەن تەڭ يېڭى ئىگىسىنىڭ مۈلكى بولۇپ كەتتى. ئەگەر Toki ئۆينىڭ چېۋىرىنى (مۇلكىيەت ھۆججىتىنى) باشقىلارغا يۆتكەشنى ئۆينىڭ پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باغلاپ چەك قويسا، يەنى ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رەسمىيەت جەھەتتىن ئۆينى قولىدا تۇتۇپ تۇرمىغان كاپالەت رەنىسى (رهن ائتماني غير حيازي) قىلىۋالسا، بۇ بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىزدۇر([9]). ئۆي ئىگىسى ئۆيىنى ساتقاندا توكىنى خەۋەرلەندۈرۈشى ۋە ئالدى بىلەن توكى قالغان قەرەل پۇلنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قالغان پۇلنى ئۆي ئىگىسى ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل كاپالەت رەنىسى ئۆي ئىگىسىنى ئۆز مۈلكىنى تەسەررۇپ قىلىش ئەركىنلىكىنى توسۇپ قالالمايدۇ. يەنە توكى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي ئىگىدارچىلىقى ۋە سېتىش ئىرادىسىنى چەكلىمەي، قالغان پۇلى ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر شەخس ياكى ئورۇننى كېپىل قىلسا ھەم بولىدۇ. بۇنىڭ شەرئىي يولى ئاشۇنداق.

«فىقھ ئاكادىميەسى»مۇ ئۆينىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئۆينى رەنىگە ئېلىشنى جائىز، ئەمما ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى جائىز ئەمەس دېگەن([10]).

ئەسلىدە توكى ئۆيلەرنى پۇل پاخاللىقى (ئېنفىلاسيون) نىسبىتى ياكى مائاش ئارتىش نىسبىتى بويىچە باھا ئۆرلەتمەي مۇقىم باھادا قەرەللىك ساتسا ياكى بەزىلەر تەكلىپ بەرگەندەك ئالتۇنغا توغۇرلاپ ساتسا، ئاساسلىق مەسىلە ھەل بولاتتى. يۇقىرىقىدەك ئېنىقسىزلىق ياكى سېتىۋالغۇچى تەرەپنى زىيانغا دەسسىتىشكە ياتىدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلارمۇ كېلىپ چىقمىغان بولاتتى.

يۇقىرىقىلار تۈركىيەدىكى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىشقا ۋە بىلىشكە تېگىشلىك نۇقتىلاردۇر. بۇ ئىشقا قەدەم ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار يۇقىرىقىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى ۋە قارار قىلىشتا توغرىلىق ئىزدىشى شەرئىي مەسئۇلىيەتلەردىندۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 10. 27

————————————————–
([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1513 – ھەدىس.
([2]) فاسىد (الْفَاسِدُ): ئەرەب تىلىدا بۇزۇق، ئىناۋەتسىز ۋە ناتوغرا دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا مەزھەبلەرگە قاراپ پەرقلىق ئىشلىتىلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىبادەت ياكى توختاملاردىن ھېچبىر نەتىجىسى ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىناۋەتسىز بولغىنىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئاتالغۇ مەيلى مۇئامىلات مەسىلىلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئىبادەت مەسىلىلىرىدە بولسۇن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» بىلەن ئوخشاش. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ئەسلى يوللۇق، ئەمما بىرەر سۈپىتى ناتوغرا بولغان ئىش بولۇپ، جازانە توختاملارمۇ ئۆسۈم سەۋەبلىك فاسىد توختاملار قاتارىدىندۇر. ئۆسۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا توختام توغرا بولۇپ كېتىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ھەجدىن باشقا ئىبادەت مەسىلىلىرىدە «فاسىد (الْفَاسِدُ)» بىلەن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» ئوخشاش مەنىدە. ئۇلار «فاسىد (الْفَاسِدُ)»نى «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» بىلەن «سەھىھ (الصَّحِيحُ)» ئوتتۇرىدا دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا «بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ئۇنىڭغا تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك» دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 9/98؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 1194 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
([3]) مەسىلەن، جائىز ئەمەس دېگەنلەردىن: «ئىسمائىل ئاغا جامائىتى فىقھى قۇرۇلى ۋە فەتۋا ھەيئەتى»دىن ھۇسامۇددىن ۋانلىئوغلۇ خوجا؛

«ئىلمىي ۋە فىكرىي ئاراشتىرمالار مەركەزى (ئىفام)»دىن دوكتور ئېھسان شەنئوجاق خوجا؛

ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىم «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى (AAOIFI)»نىڭ رەئىسى مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي ھەزرەتلىرىمۇ بۇ خىل توختامنى ئېنىقسىزلىق تۈپەيلى جائىز ئەمەس دېگەن؛

جائىز دېگەنلەردىن: دىيانەت دىن ئىشلىرى يۈكسەك قۇرۇلى ئەزاسى مۇھەممەد كاپۇكايا خوجا؛ (بۇ دىيانەتنىڭ رەسمىي پەتۋاسى بولماي، شۇ ئەزانىڭ قارىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن)

جائىز ياكى شۈبھىلىك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تەۋسىيە قىلمايمەن دېگەنلەردىن: ئىلاھىيەتچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا قاراتاش خوجا؛

https://www.youtube.com/watch?v=Mey-wSIGUFU
([4]) مۇنداق دېيىلگەن:

“Hak sahiplerinin konutlarına ait kalan borç bakiyesi ve aylık taksitler her yılın Ocak ve Temmuz aylarında olmak üzere yılda iki kez, bir önceki 6 aylık dönemdeki Memur Maaş Artış Oranı dikkate alınarak İdarece tespit edilen oranda artırılacaktır”.
([5]) ئىستىسناﺋ / بۇيرۇتما سودا (الاِسْتِصْنَاعُ): ئەرەب تىلىدا بىر نەرسە ياساتقۇزماق، بىرنەرسە ئىشلەشنى بۇيرۇتماق. فىقھ ئىستىلاھىدا: بىرەر ھۈنەرۋەنگە سۈپىتى، تاپشۇرۇش مۇددىتى ۋە باھاسى ئېنىق قىلىپ بىرەر نەرسە ياساپ بېرىش ھەققىدە بېرىلگەن تاپشۇرۇق سودىسىدىن ئىبارەت. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 3/325؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلار قامۇسى)»، 146 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
([6]) مۇنداق دېيىلگەن:

“Projeyi imzalayan kişiler ödemelerini düzenli olarak yapmış olsalar dahi tüm ödemeleri bitip idareden ibraname almadıkları sürece sahip oldukları konutları satamayacaklardır”.

“Hak sahibi olup sözleşme imzalayanlar konutlarını borçları bitene kadar devredemeyeceklerdir”.
([7]) نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/368.
([8]) ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/420.
([9]) ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئىغاسەتۇللەھفان»، 253.
([10]) قرار مجمع الفقه الإسلامي بجواز رهن المبيع على ثمنه، مع منع احتفاظ البائع بملكيته, جاء في قراره رقم 51 (2/ 6) بشأن بيع التقسيط: لا حق للبائع في الاحتفاظ بملكية المبيع بعد البيع، ولكن يجوز للبائع أن يشترط على المشتري رهن المبيع عنده لضمان حقه في استيفاء الأقساط المؤجلة.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ