ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇ

ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇ

«ئەللەتىف (اللَّطِيفُ)» بولسا قۇلاق بىلەن قەلب بىردەك ھۇزۇرلىنىدىغان، ئەقىل ۋە پىكىر قۇۋۋەتلىنىدىغان ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خاھلىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(42/«شۇرا»: 19). بۇ ئايەتتە «كۆيۈنگۈچىدۇر» دېگەن سۆز «لەتىف (لَطِيفٌ)» لەۋزى بىلەن كەلدى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىم خاھلىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 100). بۇ ئايەتتىمۇ «تەدبىرلىكتۇر» دېگەن سۆز «لەتىف (لَطِيفٌ)» لەۋزى بىلەن كەلدى.

«ئەللەتىف»نىڭ مەنىسى:

ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇ ئىشلارنىڭ نازۇك، تۇتۇق ۋە يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ زاھىرىدىن زەرەردەك كۆرۈنسىمۇ، بىزگە مەنپەئەتلىك نەرسىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى بىزگە نېسىپ قىلىدۇ. زاھىرىدىن پايدىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، بىزگە زىيانلىق نەرسىنى ھەم بىلىدۇ ۋە ئۇنى بىزدىن يىراق قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك دوستلىرىمىزمۇ بۇنى بىلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بەزىدە پايدا – مەنپەئەتلەرنىڭ ئىنچىكە، نازۇك تەرەپلىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىزگە پايدا يەتكۈزىمىز دەپ ئەزىيەت بېرىپ قالىدۇ.

شۇڭا، ئاللاھنىڭ «ئەللەتىف» دېگەن ئىسمى «ئەلخەبىر (ھەممىدىن خەۋەردار)» دېگەن ئىسمى بىلەن بىللە كېلىدۇ. «ئەللەتىف» دېگەن بۇ گۈزەل ئىسىم قۇرئاندا يەتتە ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بەشىدە «ئەلخەبىر» دېگەن ئىسىم بىللە كەلگەندۇر. بۇنىڭدىكى سىر شۇكى، ھەقىقەتەن لۇتف (ئىشلارنىڭ نازۇك، ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بىلىش) پەقەت خەۋەردار بولغاندىلا ھاسىل بولىدۇ. خەۋەردار بولۇش زىيادە بولغانسېرى يوشۇرۇن نۇقتىلارنى بىلىش شۇنچە زىيادە بولىدۇ. مانا بۇ دەل ئەللەتىف ئەلخەبىر سۇبھانەھۇ ۋە تائالانىڭ بىر سۈپىتىدۇر.

ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ لەتىف بولۇپ، ئۇ زاتقا ھېچنەرسە مەخپىي ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ زات مەخپىي شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(1).

ئىمام غەززالىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بۇ ئىسىم پايدا – مەنپەئەتلەرنىڭ ئىنچىكە، نازۇك ۋە يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلىدىغان، ئاندىن بۇ مەنپەئەتلەرنى ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغان كىشىگە سىلىق – مۇلايىم ھالەتتە يەتكۈزىدىغان زاتقىلا لايىقتۇر»(2).

ئاللاھ تائالا لوقمان ھەكىمنىڭ سۆزىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(31/«لوقمان»: 16). يەنى ئۇ ئەمەللەر ناھايىتى كىچىك، نازۇك بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىنى، تۇرار جايىنى ۋە ساقلانغان ئورنىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى كەلتۈرۈشكە قادىر بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(67/«مۇلك»: 14).

ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئۇلار بىلمىگەن جايدىن مەرھەمەت قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلمىگەن جايدىن ئۇلارنىڭ پايدا – مەنپەئەتلىرىگە سەۋەبلەرنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. مانا بۇ بىز بىلگەن ۋە بىلمىگەن نەرسىلەرگە يوشۇرۇن ئېھسان قىلىشتۇر.

ھەسەل ھەرىسىنى ئالايلۇق، ئەگەر ھەسەل ھەرىسى بولمىغان بولسا، ھېچقانداق مېۋە پىشمىغان بولاتتى. چۈنكى، ھەسەل ھەرىسى گۈل – چېچەكلەرنى چاڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ بولسا ئىنسانلار تېخى يېقىنقى زاماندىلا بايقىغان كەشپىياتتۇر.

تەبىئەتتە يەنە كۆپلىگەن كىچىك جانلىقلار بار بولۇپ، بىز تا بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىپ بولالمىدۇق. بەلكى بۇ جانلىقلار يوقاپ كەتسە، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا كۆپلىگەن زەرەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئاددىي بىر مىسال:

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە يۈسۈف ئەلەيھىسىسالامغا بۇ پەيغەمبەر بىلمىگەن ۋە ئويلىمىغان يەردىن مەرھەمەت قىلدى ۋە مىسىر زېمىنىدا يەرلىشىش نېئمىتىنى ئاتا قىلدى. كىممۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە يولۇقۇشى ۋە سىناقلارغا مۇبتىلا بولۇشىنىڭ ئاخىرى بېرىپ مىسىر زېمىنىدا يەرلىشىپ، دۆلەتنىڭ خەزىنە ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققان؟!

بۇ پەيغەمبەرگە تۈرلۈك سىناقلار ئارقا – ئارقىدىن كەلدى:

قېرىنداشلىرى سۇيىقەست قىلدى؛ قۇدۇققا تاشلاندى، قورقۇنچ باستى؛ قۇل قىلىنىپ، ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق – تۇققانلىرى تەرەپتىن ھېچبىر ھىمايە ۋە كۆڭۈل بۆلۈش بولمىغان ھالەتتە ئۆزىنىڭ رايىسىز قولدىن – قولغا ئۆتىدىغان تاۋاردەك سېتىلدى؛ مسىر ئەزىزىنىڭ ئايالىنىڭ پىتنىسىگە يولۇقتى؛ ئاندىن مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى ۋە باشقا ئاياللار سۇيىقەست قىلدى؛ مىسىر ئەزىزىنىڭ قەسرىدە بىر مەزگىل باياشات ياشىغاندىن كېيىن، تۈرمىگە تاشلاندى؛ ئاخىرىدا ئىنسانىي ھېس – تۇيغۇلار سىنىقىغا دۇچ كەلدى. يەنى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار بولسا بۇ پەيغەمبەر ھاياتىدا يولۇققان تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە ئاشكارا سەۋەبچى بولغانلاردۇر.

﴿ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا – ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خاھلىسا، مىسىرغا ئامان – ئېسەن كىرىڭلار» دېدى. ئاتا – ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، پەرۋەردىگارىم خاھلىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 99، 100). دېمەك، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ۋە سىناقلارنى «إنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ (پەرۋەردىگارىم خاھلىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر)» دېگەن بۇ كەلىمىگە يىغىنچاقلىدى. يەنى «رەببىم ماڭا مەن بىلمىگەن ۋە ئويلىمىغان يەردىن كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدى ۋە پەزل – مەرھەمىتىنى يەتكۈزدى» دېمەكچىدۇر.

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ‹ئەللەتىف› ئىسمى ئاللاھنىڭ نازۇك شەيئىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى يوشۇرۇن شەكىلدە رەھمىتىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

ئاللاھنىڭ لۇتف مەرھەمىتىنىڭ نامايەندىلىرى:

بىرىنچى: بىزنىڭ ئاللاھنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمىز، لېكىن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدىغانلىقىمىز ۋە نېئمەتلىرىنى، ئېھسانىنى، پەزل – مەرھەمىتىنى ۋە رەھمىتىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىز

 ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(6/«ئەنئام»: 103).

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ بىز ئۈچۈن مۇۋەككەل قىلغان ئەمەللەرنى يېزىپ تۇرغۇچى، ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەرىشتىلەرنىڭ نازارىتىنى ھېس قىلدۇرمايدىغانلىقى

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر بىزنىڭ خاس قوغدىغۇچىلىرىمىز بولۇپ، بۇلار بىزگە ھەممە ئەھۋاللىرىمىزدا مۇلازىمەت قىلىپ تۇرسا، بىز ئەلۋەتتە پۇت – قولى چۈشەلگەن قۇلدەك بولۇپ قالاتتۇق ۋە بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان بولاتتۇق. خۇددى شۇنىڭدەك پەرىشتىلەرنىڭ نازارەت – مۇلازىمەتلىرىنى ھېس قىلىپ قالساق، ئەھۋال قانداق بولۇپ كېتەر؟! دېمەك، بۇ نۇقتىدىكى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان لۇتف – مەرھەمىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى: بىزنىڭ كۈن بويى ئېلىۋاتقان نەپەسلىرىمىزنى ۋە يۈرەك سوقۇشلىرىمىزنى ھېس قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمىز

ئەگەر ئۇنى تۇيۇپ قالساق، ھەممە ئىشلىرىمىز قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولاتتى.

تۆتىنچى: بىزگە ئاخىرەتتىكى ھالىمىزنى بىلدۈرمىگەنلىكى

ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئەمەل قىلماي يېتىۋالغان بولاتتى. ھاياتىمىزنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى (خاتىمەسىنى) بىلمەسلىكىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

بەشىنچى: ئاللاھ تائالا بەزىلىرىمىزنىڭ دىنىمىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، بىزنى مۇئەييەن ئىقتىساد ياكى مەنسەپتىن يىراق قىلىدىغانلىقى

ئەگەر بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىنى مۇشۇنداق ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقان بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىسىنى خۇددى سىلەر ئاراڭلاردىكى كېسەل كىشىنى (ئۇنىڭغا زىيان قىلىشىدىن) قورقۇپ، (بەزى) يېمەك – ئىچمەكلەرنى (بەرمەي) ئاسرىغاندەك، دۇنيادىن (پەرھىز تۇتقۇزۇپ) ئاسرايدۇ (ھىمايە قىلىدۇ). ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ»(3).

ئالتىنچى: ئاللاھ مۇئمىن بەندىسىگە بالا – مۇسىبەت بەرسە، ئۇنىڭغا سەبر ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىشنى ئىلھام قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مۇسىبەت يەڭگىل بىلىنىپ، ئەجىرگە نائىل بولىدىغانلىقى

يەتتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىغان نەرسىسىنى مەخپىي، سىلىق شەكىلدە قىلىدىغانلىقى

مەسىلەن: ئەللەتىف ئەلخەبىر تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تۈرمىدىن چىقىرىشنى ئىرادە قىلغاندا، تۈرمىنىڭ تاملىرىنى چاقمىدى ياكى پەرىشتىنى زالىملارنىڭ جېنىنى ئېلىشقا بۇيرۇمىدى ۋە ياكى ئاسماندىن چاقماق چاقتۇرۇپ، تۈرمىنىڭ تۆمۈر قۇلۇپلىرىنى قومۇرۇۋەتمىدى. بەلكى پادىشاھقا چۈش كۆرسەتتى – دە، بۇ چۈش يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلۇمنىڭ ئىشكەنجىلىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ناھايىتى سىلىق يوشۇرۇن بىر سەۋەب بولدى.

يەنە بىر مىسال:

ئەللەتىف ھەقتائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى خاھلىغان چاغدا، بەنى ئىسرائىل قەۋمى فىرئەۋننىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەزلۇملار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر مەيدان ئۇرۇش پەيدا قىلمىدى، بەلكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىنى باشقا ئىنىكئانىلارنىڭ سۈتىنى ياقتۇرمايدىغان قىلىپ قويدى. مانا مۇشۇنداق مەخپىي يول بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەس – ھوشىنى يوقاتقىلى تاس قالغان ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى.

يەنە بىر مىسال:

ئەللەتىف رەبتائالا رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە باشقا مۇئمىنلەرنى بەنى ھاشىم جىلغىسىدىن قوغلىۋەتمەكچى بولغاندا، قۇرەيشكە كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىدىغان بىرەر ئازاب ياغدۇرمىدى، بەلكى قۇرتلارنى ئەۋەتتىكى، بۇ قۇرتلار ئىتتىپاقداش قەبىلىلەرنىڭ زۇلۇم ۋە ئىپلاسلىق بىلەن يېزىلغان ۋەسىقىسىنى يەپ كەتتى.

سەككىزىنچى: ئاللاھنىڭ بىزنى ھالقىلىق پەيتتە قۇتقۇزىدىغانلىقى

بىر مىسال:

بوۋىقىمىز كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كېتىشكە تاس قالغان ۋاقىتتا ئۆيگە كىرىپ قالىمىز – دە، چوڭ بىر مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇپ قالىمىز. «نېمە ئۈچۈن دەل مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئۆيگە كىرىپ قالدىم؟» دەپ ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ باقايلى!

يەنە بىر مىسال:

بىر كۈنى سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قالىمىز، ئاندىن توڭلاتقۇدىن توك سىمىنىڭ ئەمدى كۆيۈشكە باشلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمىز – دە، توكنى تارتىۋېتىپ، بىر باش ئاغرىقىدىن ساقلىنىپ قالىمىز. ئويلاپ باقايلى، نېمە ئۈچۈن بەش مىنۇت كېچىكمەستىن، دەل شۇ پەيتتە ئاشخانىغا كىرىپ قالىمىز، بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان كۈچ زادى نېمە؟

توققۇزىنچى: بىزنى سەۋەب – باھانىلىرى تولۇق بار تۇرۇپ گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇۋېتىپ، ھېچ سەۋەبسىزلا تائەت – ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى ۋە شۇ پەيتتە قىلغان دۇئايىمىز بىلەن مەئسۇم ھالەتتە ساقلاپ قالىدىغانلىقى

بۇ ئۈچ تۈرلۈك نېئمەتنى ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان چاغدا ئاتا قىلدى. يەنى بۇ پەيغەمبەرنى گەرچە سەۋەب – باھانىلىرى كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ، يامان ئىش قىلىشتىن بۇرۇۋېتىپ، ئۆز پەزلى بىلەنلا ئىپپەتلىك بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ھالقىلىق پەيتتە قىلغان دۇئاسى بىلەن ئۇنىڭدىن موھتاجلىقنى يوق قىلدى: ﴿ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن﴾(12/«يۈسۈف»: 33).

ئونىنچى: ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىسىگە زىيانلىق ئىشلارنى سەت كۆرسىتىش ئارقىلىق نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ساقلاپ قالىدىغانلىقى ۋە تائەت – ئىبادەتكە ئۇنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى

ئون بىرىنچى: بىزگە بەزىدە يىراق بولسىمۇ، ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەرقاچان ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى

ئەگەر ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇ بىرنەرسىنى پەيدا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، بەندىگە ناھايىتى تەس ۋە يىراق تۇيۇلسىمۇ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ھاياتلىقنىڭ ھەممە مەيدانلىرىدا ئەمەلىي سۈرەت بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئېيتقانىدى: ﴿پەرۋەردىگارىم خاھلىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 100).

يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا قېرىنداشلىرى سۇيىقەست قىلمىغان بولسا، ئۇ قۇدۇققا تاشلانمىغان بولاتتى. ئەگەر قۇدۇققا تاشلانمىغان بولسا، كارۋانلار ئۇنى ئېلىۋالمىغان بولاتتى. ئەگەر كارۋانلار ئۇنى ئېلىۋالمىغان بولسا، ئۇلار ئۇنى مىسىر ئەزىزىگە ساتمىغان بولاتتى. ئەگەر مىسىر ئەزىزىگە سېتىلمىغان بولسا، ئەزىزنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى. ئەگەر بۇ تەلەپ قىلىش بولمىغان بولسا، ئۇ تۈرمىگە كىرمىگەن بولاتتى. ئەگەر تۈرمىگە كىرمىگەن بولسا، تۈرمىدىكى ئىككى ھەمراھى بىلەن ئۇچراشمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇ ئىككى ھەمراھى بىلەن ئۇچراشمىغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىگە تەبىر بەرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى پادىشاھقا يېتىپ بارمىغان بولاتتى. ئەگەر ئەھۋالى پادىشاھقا يېتىپ بارمىغان بولسا، تۈرمىدىن چىقمىغان ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ خەزىنە ئىشلىرىغا ئىگە بولمىغان بولاتتى، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ نەزەرىدە ناھايىتى تەس ۋە يىراق بولغان سەۋەبلەردۇر، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆز لۇتفى بىلەن ئۇنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى ۋە ھازىرلاپ بەردى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى مىسىر زېمىندا يەرلەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلغاندۇر.

بۇ ئەھۋالدا ئىنساننىڭ خىيالىدىن ئەڭ بالدۇر «يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇققا تاشلانغاندا بېشى يېرىلىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ياكى قۇدۇقتا بىرمەزگىل تۇرۇپ قالسا ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولۇشى مۇمكىن ياكى كارۋاندىكىلەر ئۇنى خىزمەتچى قىلىپ، ئۆمۈر بويى خار – زەبۇن ھالەتتە ياشىشى مۇمكىن» دېگەندەك ئەھۋاللار كېچىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا لەتىف زاتتۇركى، ئۇ ﴿خاھلىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 100).

بۇ يەردىكى ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفى شۇ يەردە بولۇشى مۇمكىنكى، ھەقىقەتەن سىناق سىنالغۇچىنىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا بولىدۇ: يەنى قۇدۇققا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام سەبىيلىك دەۋرىدىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، لېكىن تۈرمىگە بولسا پەيغەمبەر بولغان ھالىتىدىلا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن بولسا پىشىپ يېتىلگەن سىددىق ھالىتىدىلا ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

ئون ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا رىزقنى بىزگە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇ زاتنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقى بائىس بىزنىڭ پايدىلىقىمىزغا قارىتا تەقدىر قىلىدىغانلىقى

چۈنكى، بىز بەزىدە بىرنەرسىنى ئىرادە قىلىمىز، ھالبۇكى ئۇنىڭدىن باشقىسى بىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىز يامان كۆرسەكمۇ، ئاللاھ لۇتف – مەرھەمەت ۋە ئېھسان قىلغانلىقى يۈزىسىدىن بىزگە ئەڭ ياخشىسىنى تەقدىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خاھلىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(42/«شۇرا»: 19)، ﴿ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە – پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خاھلىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 27).

ئون ئۈچىنچى: ئاللاھنىڭ بىزنى ئىلىم ۋە ئىمان ئەھلىدىن بولغان سالىھ كىشى بىلەن دوست بولۇشقا نېسىپ قىلىدىغانلىقى

بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەربىيەلىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆگىنىمىز. بۇ بولسا ئاللاھنىڭ بەندىسىگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ لۇتف – نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، بەندىنىڭ سالىھ، ياخشى ئادەم بولۇشى كۆپلىگەن سەۋەبلەرگە باغلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدىن ئاللاھنىڭ بىزگە كۆيۈنۈشى ۋە بىزگە بىز بىلمىگەننى ئۆگىتىدىغان، مۇسىبەتكە يولۇقساق تەسەللى بېرىدىغان، ئۇنتۇپ قالساق ئەسلىتىپ تۇرىدىغان ۋە غەپلەتتە قالساق ئويغىتىدىغان سالىھ دوستلارنى رىزق قىلىپ بېرىشىدۇر. بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلغان مۇنۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر: ﴿سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن – ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن﴾(18/«كەھف»: 28).

ئون تۆتىنچى: ئاللاھنىڭ بىزگە ھالال رىزق ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە بىزنى ئۇنىڭغا قانائەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى

شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ رىزق بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىنسان ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان ئىبادەت، ئىلىم ۋە ئەمەلدىن غەپلەتتە قالمايمىز. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بۇ بولسا ئاللاھنىڭ بەندىسىگە قىلغان لۇتفىنىڭ ئەڭ چوڭ نامايەندىلىرىدىندۇر. چۈنكى، بەندە شۈكۈر قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىدىغان ئازغىنە ھالال رىزق بەندىنى مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشىدىغان كۆپلىگەن ھارام ۋە شۈبھىلەردىن ياخشىدۇر.

ئون بەشىنچى: ئاللاھنىڭ بىزگە كۆپ بېرىپ، ئاز ئەمەلگە تەكلىپ قىلغانلىقى

يەنى ئاللاھ تائالا بىزنى تەكلىپ قىلغان ئەمەللەر بىلەن بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان كۆپلىگەن تاقەت – قۇۋۋەتلەرگە نىسبەتەن بىزنى ناھايىتى ئاز ئەمەلگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

مەسىلەن، ئاللاھ تائالا بىزگە بىر كېچە – كۈندۈزدە ئايرىم – ئايرىم ۋاقىتتا بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشىمىزنى پەرز قىلدى. بىز بۇنى ھېچ چارچىماستىن ۋە زورلانماستىن قىلالايمىز، بەلكى كۆپرەكمۇ قىلالايمىز.

شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا بىزگە مېلىمىزدىن، ئەگەر نىساب (زاكات پەرز بولۇش ئۆلچىمى) قا يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، قىرىقتىن بىرىنى زاكات ئايرىشىمىزنى پەرز قىلدى. ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگىنىگە قاراپ باقايلى! ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايمىز.

ئاللاھ تائالا بىزگە ئەقىل، قەلب، كۆز، قۇلاق، تەن ساقلىقى ۋە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. شۇڭا، بىز بۇنى ياخشى ئويلىنىپ، ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان لۇتف – مەرھەمىتىنى ھېس قىلىشىمىز ۋە ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق قىلغاندەك، بىزمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىمىز كېرەك.

ئون ئالتىنچى: بىزگە قىسقا مۇددەتتە ئاز ئەمەل بىلەن ئەبەدىي سائادەتكە يېتىشنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى

يەنى بىز ئاتمىش يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئاز، ياكى كۆپرەك ئۆمرىمىزدە ئاللاھ بەلگىلىگەن پەرز – ۋاجىبلارنى ئورۇنداپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ۋە ھەممە ئەمەللىرىمىزنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خالىس قىلىمىز. شۇندىلا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان، ئاچ قالمايدىغان ۋە كېسەل بولمايدىغان، بەلكى كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپمۇ باقمىغان نازۇ – نېئمەتلەر تەييارلانغان جەننەتتە ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىمىز.

ئون يەتتىنچى: بىزگە شەرىئىتىنى ۋە ئىبادەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ھىفز ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟﴾(54/«قەمەر»: 17). «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلىشتا ئىختىيارلىق بېرىلىپ قالسا، گۇناھ بولمىسىلا، ئۇنىڭ ئەڭ ئاسان بولغىنىنى تاللايتتى»(4).

ئەگەر بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ۋە باشقا ئەتراپىدىكى نەرسىلەر ھەققىدىكى لۇتف – مەرھەمىتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە ئويلانغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىلى «ئەللەتىف، ئەلخەبىر» دېگەن سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان رەببىگە تەسبىھ، ھەمد ئېيتىشتىن ۋە مەدھىيە ئېيتىشتىن توختاپ قالمىغان بولاتتى.

ئەگەر ئاتا – ئانىمىزدىن تارتىپ بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىزگە قىلغان لۇتف – مەرھەمەتلىرىنى، غەمخورلۇقلىرىنى يىغساق، بۇلار ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان لۇتف – ياخشىلىقلىرىغا نىسبەتەن دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇغىمۇ باراۋەر بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممە ئىشلىرىمىزدا ئاللاھنى كۆزلىشىمىز ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئەللەتىف جەللە جەلالۇھۇنىڭ ھەقلىرى (بۇ سۈپەتكە قارىتا ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟)

بىرىنچى: مۇسۇلمانلارغا مۇلايىم بولۇشىمىز كېرەك

يېتىملەرگە، ئاجىزلارغا ۋە مىسكىنلەرگە باغرى يۇمشاق بولۇشىمىز، ئۇرۇشۇپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇشىمىز ۋە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئەڭ مۇلايىم سۆزلەرنى تاللاپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مۇلايىملىققا قارىتا ئاللاھ تائالا بىزگە لۇتف قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ. بۇ دۇنيادا ئاللاھ بىزگە كۆپ مەرھەمەت قىلىدۇ ۋە مۇلايىم بولىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئېيتقاندەك بولىدۇ: «ئاگاھ بولۇڭلار! مەن سىلەرگە دوزاخقا ھارام بولىدىغان ياكى دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام بولىدىغان كىشىنى دەپ بېرەيمۇ؟ دوزاخ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان، دىلى سۇنۇق ۋە مۇلايىم ئادەمگە ھارام قىلىنىدۇ»(5).

مۇلايىم، سىلىق ۋە يۇمشاق بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر بىزنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىمىز ۋە يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزدۇر. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارغا مۇلايىملىقنى ئاتا قىلىدۇ».

مۇئمىننىڭ قېرىنداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى ئۇلارغا مۇلايىم، سىلىق – سىپايە بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇندىلا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئالىملار بۇ مەئنا ھەققىدە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىسنى تىلغا ئالغان. بۇ ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كىرىشتىن ئىلگىرى (يەنى مەدىنەگە كېتىۋېتىپ) تۆگىسىنى ساتقانىدى، لېكىن مىنىپ مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىۋېلىشنى شەرت قىلدى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە بېرىپ بولغاندا، تۆگىنىمۇ، پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بەردى»(6).

ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى جابىر! پۇلنى تولۇق ئالدىڭمۇ؟ — دېگەنىدى، مەن:

— شۇنداق (تولۇق ئالدىم)، — دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— پۇلنىمۇ، تۆگىنىمۇ ئال، — دېدى(7).

ئىككىنچى: ئاللاھتىن مەمنۇن بولۇشىمىز ۋە ئۇ زاتقا تەۋەككۈل قىلىشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى بىزدىنمۇ بەكرەك بىلگۈچىدۇر. بىز بولساق، كۆز ئالدىمىزدىكىنىلا كۆرىمىز، لېكىن ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ئىنتايىن نازۇك، ئىنچىكە ھەممە تەرەپلىرىنى بىلىدۇ.

ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفىنىڭ يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلسە، ھەممە ھالەتتە ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ»(8).

يەنە مۇنداق دېگەن: «بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفى ھەققىدە بىمار ئۇستا تېۋىپقا ئىشەنگەندەك ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ قىلغان تەۋەككۈلى دۇرۇس بولمايدۇ»(9).

يەنى قىلغان گېپى توغرا بولۇشىمۇ، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن بولغان تېۋىپنىڭ گېپىگە ئىشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭ نەسىھەتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، لېكىن ئەللەتىف ئاللاھنىڭ بىزگە تاللاپ بەرگىنىگە ئىشەنمەسلىكىمىز ئەجەبلىنەرلىكتۇر. دېمەك، ئاللاھتىن مەمنۇن بولايلى ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايلى!

ئۈچىنچى: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك مۇددەتتىمۇ ئاللاھتىن غەپلەتتە قالماسلىقىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزنى دائىما كۆرۈپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇكى، ئۇخلىمايدۇ، ئۇ زاتنى مۈگدەك باسمايدۇ ۋە چوڭ – كىچىك، ئاشكارا – يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى، ھەتتا چوڭقۇر يەر ئاستىدىكى نەرسىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ﴿غەيبنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق. مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىقلىقتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 59). ئاللاھ تائالا يەنە لوقمان ھەكىمنىڭ تىلىدا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(31/«لوقمان»: 16).

شۇنداق بولغانىكەن، بەندە پەرۋەردىگارىنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە، تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىنى بىلسە، قانداقمۇ ئاللاھتىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولسىمۇ غەپلەتتە قالىدۇ ۋە ئاسىيلىق قىلىدۇ؟!

ئاندىن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە نىيەتلىرىگە قارىتا جازا – مۇكاپات بېرىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچنەرسە زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. يامانلىق قىلغۇچىنىڭمۇ قىلغان يامانلىقلىرىغا ھېچنەرسە زىيادە قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47).

تۆتىنچى: ئاللاھ تائالاغا بۇ گۈزەل ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

«اللهم يا لطيف الطف بنا، والطف لنا، وقدِّر لنا من ألطافك الرحيمة ما تُقوِّم به عِوَجَ نفوسنا، وتهدي به ضالَّ قلوبنا، وتُجمِّل به شَعَثَ حياتنا (يەنى ئى ئاللاھ! ئى مەرھەمەتلىك ئاللاھ! بىزگە قولايلاشتۇرۇپ بەرگىن! بىزگە رەھمەت قىلىپ ياخشى كۆرىدىغىنىمىزنى بەرگىن ۋە بىزگە كەڭرى رەھمەت – مەرھەمەتلىرىڭدىن نېسىپ قىلغىنكى، نەپسلىرىمىزنىڭ ئەگرىلىكى تۈزلەنگەي، قەلبلىرىمىز ھىدايەت تاپقاي ۋە ھاياتىمىزنىڭ قالايمىقانچىلىقى تۈزەلگەي».

«اللهم إنك لطيف لِما تشاء، وأنت العليم الحكيم، ارفَعْ عنا البلاء والشقاء، وأعِذْنا من الشيطان الرجيم (يەنى ئى ئاللاھ! شەكسىزكى، سەن خاھلىغىنىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەدبىرلىكسەن، سەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇرسەن. بىزدىن بالا – مۇسىبەتنى، بەختسىزلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن. بىزنى قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىغىن)».

بۇ دۇئالارنى داۋاملىق ئوقۇشىمىز كېرەك.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر مەسىلە شۇكى: كىشىلەرنىڭ تىللىرىدا سەنەد ۋە مەنە جەھەتتىن سەھىھ بولمىغان بىر دۇئا ئېقىپ يۈرمەكتە، ئۇ بولسىمۇ: «اللهم إني لا أسألك رد القضاء، ولكني أسألك اللطف فيه (يەنى ئى ئاللاھ! مەن سەندىن قازايىڭنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى سورىمايمەن، لېكىن ئۇنىڭدا مەرھەمەت قىلىشىڭنى سورايمەن)» دېگەن دۇئادۇر. بۇ دۇئانىڭ سەنەد جەھەتتىن سەھىھ ئەمەسلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلمىگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. مەئنا جەھەتتىن سەھىھ ئەمەسلىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قازا – تەقدىرنى پەقەتلا دۇئا قايتۇرىدۇ» دېگەن سۆزىگە ۋە يەنە ۋىتىر دۇئاسىدىكى: «مېنى سەن تەقدىر قىلغان يامانلىقلاردىن ساقلىغىن» دېگەن سۆزىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سېنىڭ «ئەللەتىف ئەلخەبىر» دېگەن گۈزەل ئىسىملىرىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمىزكى، بىزنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن ۋە ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغىن!

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ اللطيف جل جلالُه

https://www.alukah.net/sharia/0/118278

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

 

————————————
1. شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 3/551.
2. ئەلغەززالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا»، 1/101.
3. «ئەھمەد»، (23622). باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ» دېگەن.
4. «ئەھمەد»، (23622). باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ» دېگەن.
5. «تىرمىزىي»: (2488). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەلغەززالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا»، 1/101.
7. ئەلغەززالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا»، 1/101.
8. ئەلغەززالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا»، 1/101.
9. ئەلغەززالىي: «ئەلمەقسەدۇلئەسنا»، 1/101.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ