ئىسلامىي ئاتالغۇلار

ئىسلامىي ئاتالغۇلار(1)

بۇ سەھىپىدە ئىسلامىي ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» ئىنچىكە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئۆلچەملىك تەبىرلەر كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە سۇنۇلدى. يېڭى ئاتالغۇلار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. كىتاب ياكى ماقالىلەردە مەنبە كۆرسەتكەن ھالدا قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (2022. 9. 30 نەشرى. ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024. 2. 29)

* * *

ئارىف (الْعَارِفُ): ئەرەبچىدە «تونۇغۇچى، تونۇپ يەتكۈچى» دېگەن مەنىدە، ئەھلىسۈننەت ئىستىلاھىدا: «ئاللاھنى تونۇغۇچى، ئاللاھنى ياخشى كۆرگۈچى، ئاللاھنىڭ شەرىئەتى بىلەن ئەمەل قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكۈچى» دېگەنلىكتۇر. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىدىكى، شەرىئەتىدىكى ۋە يارىتىشىدىكى ھېكمەتنى تونۇپ يەتكۈچى، ئۇ زاتقا ئىبادەت قىلىشتا ۋە ئۇ ئىبادەتتىن ئاللاھنىڭ نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بەسىرەت ئەھلى» دەپ تەرىپلەيدۇ. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/97؛ مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، 2/196.

ئازاد قىلغانلىق ئىگىدارچىلىقى (الْوَلاَءُ/وَلَاءُ الْعَتَاقَةِ): بىرەر قۇلنى ئازاد قىلغانلىق سەۋەبىدىن قولغا كېلىدىغان مەنىۋى تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىدۇر. شۇڭا، ئازاد قىلغۇچى بىلەن ئازادگەردە (ئازاد قىلىنغان قۇل) ئوتتۇرىسىدا مىراس، دىيەت قاتارلىق ئىشلاردا تۇغقاندارچىلىقتەك رىشتە بولىدۇ. مەسىلەن، ئازادگەردە ۋاپات تاپقاندا ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدىغان، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن ھېچقانداق ھۆر مىراسخورى ياكى ئاسىب (مىراسخورلاردىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخور) تۇغقىنى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ھەممىسىگە ئازاد قىلغۇچى (ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن) ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، ئازاد قىلغۇچىنىڭ ئاسىب تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ھۆر، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورى بولسا، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنى ئازاد قىلغۇچى ئالىدۇ. خاتالىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سالسا، ئازاد قىلغۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەتىنى تۆلەيدۇ، ئازادگەردىنىڭ نىكاھىغا ۋەلىي بولالايدۇ. ئازادگەردە بولسا ئۆزىنى ئازاد قىلغان خوجايىنىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەلەيدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 45/121، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئاسىب (عَاصِبٌ): ئەرەبچىدە «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. كۆپلۈكى ئاسىبلار (الْعَصَبَةُ). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/132، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1116 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئاشۇراﺋ (عَاشُورَاءَ): ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بەزى ۋەقەلىكلەر يۈز بەرگەن ۋە نېئمەتلەرمۇ بولغان ئالاھىدە بىر كۈن بولغاچقا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ۋاجىب ياكى سۈننەت تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى 2 – شەئباندىن (م. 624، 2 – ئاي) باشلاپ رامازاندا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغاندىن بېرى بۇ كۈندە روزا تۇتۇش مۇستەھەب بولۇپ كەلگەن. ئاشۇراﺋ كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن(مۇسلىم: 1162). بۇ كۈنگە مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇش مۇستەھەبتۇر. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ، كېيىنمۇ كەئبەگە مۇشۇ كۈندە يوپۇق يېپىلىدىغان ئەنئەنە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ مۇشۇ كۈندە، يەنى ھ. 61، 10 – مۇھەررەم كۈنى (680، 10 – ئۆكتەبىر) «كەربەلاﺋ» چۆلىدە قانخور ئىراقلىق شىئەلەر تەرىپىدىن ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلۈشى بۇ كۈندە يۈز بەرگەن ئىسلام تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىنچە، شىئەلەر بۇ كۈننى ئۆزىنى كاچاتلاش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان تەزىيە ۋە ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرىۋالغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/234، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا/يۇنۇس شەۋكى ياۋۇز: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» (تۈركچە) «Âşûrâ» ماددىسى، ئىستانبۇل، م. 1991، 4/24 – 26؛ دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/255.

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش/ 1967 ئىيۇن مەغلۇبىيىتى (حرب الأيام الستة/نكسة 67): «1967 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئالتە كۈن داۋاملاشقان 3 – قېتىملىق ئەرەب – ئىسرائىل ئۇرۇشى» كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، «1967 ئىيۇن ئۇرۇشى» ياكى «1967 ئىيۇن مەغلۇبىيىتى»، ياكى «ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا مىسىر، سۇرىيە ۋە ئىئوردانىيە ئارىسىدا پارتىلىغان بولۇپ، ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تۇنىس، ماراكەش ۋە ئالجىرىيەمۇ ئەسكەر ۋە قورال – ياراق ياردىمىدە بولغان. ئالتە كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ مۇتلەق غەلبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، سۇرىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى ۋە پەلەستىننىڭ غەززە رايونى بىلەن غەربىي قىرغاق تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان ئىسرائىلىيە زېمىنىنى تۆت ھەسسە كېڭەيتىۋالغان.

ئالتە كىشىلىك شۇرا ھەيئىتى (أَهْلُ الشُّورَى السِّتَّةُ): ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سەكراتتىكى ۋاقتىدا، ھ. 23/م. 644 – يىلى ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىفە سايلىمى ئۈچۈن تاللىغان ئالتە كىشىلىك ھەيئەتتۇر. ئالتە كىشى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ قاتارلىقلار بولۇپ، ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۈچىنچى خەلىفە بولۇپ سايلانغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 585 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئالدانغۇچى (الْمَغْرُورُ): ھىدايەتكە باشلىغۇدەك ئەقىل كۆزى ئېچىلمىغان، نادان ھالەتتە قېلىپ، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە شەيتانغا ئەگەشكەن كىشىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 471 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئالىي ئىسناد/سەنەد (الْإِسْنَادُ الْعَالِي/العَالِي مِن الأَسَانِيدِ): ھەدىس ئىلمىدە: «مەلۇم بىر ھەدىس سەنەدلىرى ئىچىدە راۋىيلىرى باشقا سەنەدلەرگە قارىغاندا ئاز بولغىنىدۇر». ئىسنادنىڭ ئۈستۈن بولۇشى مۇھەددىسلەر نەزەرىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇلار رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكى ئۈچۈن ئالىي ئىسنادنى كۆزلەپ سەپەر قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 507 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئاي/كۈن تۇتۇلۇش نامىزى (صَلَاةُ الْكُسُوفِ/الْخُسُوفِ): ئاي ياكى كۈن تولۇق ياكى قىسمەن تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان نەفلە ناماز بولۇپ، كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنىڭ ھۆكمى سۈننەتتۇر. بىر قىسىم ئالىملار «ۋاجىب» دەپ قارىغان. ئاي تۇتۇلۇش نامىزىنىڭ ھۆكمىمۇ سۈننەتتۇر. بىر قىسىم ئالىملار «مۇستەھەب» دەپ قارىغان. ئوقۇش ۋاقتى ۋە شەكلى قاتارلىقلاردا مەزھەبلەردە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇد. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، كۈن تۇتۇلۇش نامىزى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن باشلاپ تا ئەسىرنى ئوقۇپ بولغۇچە ئارىلىقتا ئادەتتىكى نەفلە نامازلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدىغان بولۇپ، پەرقى ئۇنىڭغا ئەزان توۋلانمايدۇ، تەكبىر چۈشۈرۈلمەيدۇ، خۇتبە سۆزلەنمەيدۇ، «ناماز جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدۇ!» دەپ جاكارلىنىدۇ ۋە جامائەت بولۇپ تاكى كۈن ئېچىلغانغا قەدەر ئۇزۇن قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئاي تۇتۇلۇش نامىزى بولسا ئاي تۇتۇلغاندىن باشلاپ تاكى ئېچىلغانغا قەدەر ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ. تۇتۇلغاندا يىغىلىپ جامائەت بولۇش (ھەنەفىي مەزھەبتە) سۈننەت ئەمەس، جائىز. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا پات – پات مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشىدە ئۇلارنى ئۆزلىرى، كائىنات، ئالەم، ھاياتلىق ۋە ئاخىرەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن؛ بۇ ئارقىلىق ھايات يولىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تاللىۋالسۇن؛ ياخشى ئەمەللەرنى تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن قىلسۇن؛ خاتالىقلاردىن، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يانسۇن… دېگەندەك ھېكمەتلەر باردۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27/252 – 258، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئەئرابىي (الأَعْرَابِيُّ): ئەرەبلەردىن كۆچمەن ياشايدىغان، ئىشى بولمىسا شەھەرگە كىرمەيدىغان سەھرالىق كىشى. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 3/334.

ئەبيۇرد/ئەبىۋەرد (أبيورد/أَبِيوَرْدُ/Abiwert/Abiward): بۈگۈنكى تۈركمەنىستاندىكى قاراقۇرۇم چۆلىگە جايلاشقان، ساسانىيلار زامانىدا خۇراساندىكى سەرەخس بىلەن نەسا ئارىسىغا بىنا قىلىنغان، ھاۋاسى ۋە سۈيى ناچار تارىخىي شەھەر. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەبيۇردنى ساھابە قوماندان ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئىبنى كۇرەيز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 31/م. 652 – يىلى فەتھ قىلغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/86.

ئەتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب (ھەدىسلەر بىلەن قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش/التَّرْغِيبُ وَالتَّرْهِيبُ مِنَ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ): مۇھەددىس زەكىييۇددىن ئابدۇلئەزىم ئىبنى ئابدۇلقەۋىي ئەلمۇنزىرىي (ھ. 581 – 656/م. 1185 – 1258) تەرىپىدىن يېزىلغان، ئىخلاس، ئىلىم، ناماز، ئالدى – ساتتى، ئەدەب، زۇھد، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىق تېمىلاردا دىنىي جەھەتتىن قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىنغان ھەدىسلەر ئاساسەن «كۇتۇبى سىتتە»، ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»سى، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى خۇزەيمەنىڭ «ئەسسەھىھ»لىرى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئەبۇ يەئلا مەۋسىلىنىڭ «مۇسنەد»لىرى، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى ۋە ھاكىمنىڭ «ئەلمۇستەدرەك»ى قاتارلىق ھەدىس مەنبەلىرىدىن تاللىنىپ خۇسۇسلار بويىچە 25 بۆلۈم شەكلىدە تەرتىپكە تىزىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 6000 ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەردە، مۇئەللىف ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىدە ساھابەدىن باشقا راۋىيلىرىنى زىكىر قىلمىغان ھەم ھەدىسلەرگە ئېنىق باھا بەرمىگەن. ئۆتكەن ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق مۇھەددىس شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي (ھ. 1333 – 1420/م. 1914 – 1999) مەزكۇر كىتابتىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئۈچ تومدا 3775 ھەدىس) ۋە «زەئىفۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئىككى تومدا 2248 ھەدىس) دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن، ھەتتا ئۇنىڭ باھالىرى ئىمام مۇنزىرىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 629 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەجەم (الْعَجَمُ): ئەرەبلەردىن باشقا مىللەتلەر، خۇسۇسەن فارسلارنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 110 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەرەب ئېلىپبەسى (الْحُرُوْفُ الْعَرَبِيَّةُ): مىلادى 2 – 4 – ئەسىرلەر ئارىسىدا ئەسلىدە فېنىكە يېزىقىدىن ئېلىنغان نەباتى يېزىقىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇش بىلەن بىرگە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي يازما يادىكارلىقلار مىلادى 6 – ئەسىرگە (سۇرىيە زەبەدان يازمىسى م. 512، تۈركىيە ھارران يازمىسى م. 568) ئائىتتۇر. ئەڭ دەسلەپكى ئەرەب ئېلىپبەسى 15 پەرقلىق ئىشارەت بىلەن 22 ھەرپنى ئىپادىلەيتتى. 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ھالى خېلى كېيىنكى دەۋرلەردە مۇكەممەللەشكەن. ئەرەب ئېلىپبەسىدە مەۋجۇد 28 ھەرپنىڭ 22 سى نەباتى ئېلىپبەسىدىن ئۆتۈشتە شەكلى ئۆزگەرگەن ھەرپلەر بولۇپ، قالغان 6 ھەرپ ئەرەبچىگە خاستۇر.

ئەرافە/ئەرافات (عَرَفَةَ/عَرَفَات): «تونۇش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەرىپەت ۋە ئىرفان كەلىمەلىرى بىلەن بىر يىلتىزدىن تۈرلىنىدۇ. ئەرافات مەككەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر تۈزلەڭلىكنىڭ نامىدۇر. مەسجىدى ھەرەمدىن 22 كىلومېتىر، مىنادىن 10 كىلومېتىر، مۇزدەلىفەدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ھەرەم سىرتىدىكى بۇ تۈزلەڭلىكتە «رەھمەت تېغى» دەپ ئاتالغان بىر تاغ بار. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسى بولمىش زۇلھەججەنىڭ 9 – كۈنى پېشىندىن كۈن پاتقانغا قەدەر مۇشۇ تۈزلەڭلىك (ئەرافات) تە تۇرمىسا، ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى بولغان «ھەج»نى ئادا قىلغان بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەج دېگەن ئەرافات (تا تۇرۇش) تۇر» دېگەن. ھاجىلار ئەرافاتتا تۇرىدىغان بۇ كۈن شۇ سەۋەبتىن «ئەرافات كۈنى» دەپ ئاتالغان. تىلىمىزدىكى «ھارپا كۈنى»مۇ ئەرافات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە «ئازاد قىلىش كۈنى»، «پەخىرلىنىش كۈنى»، «دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش كۈنى» ۋە «مەشھۇد كۈن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتى ئايەت، ھەدىسلەردە تەكىتلەنگەن.

ئەرتەبۇن (Tribune): م. 634 – يىل 7 – ياكى 8 – ئايلاردا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي رۇم ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن «ئەجنادىن جېڭى»گە قاتناشقان رۇم قوشۇنلىرى قوماندانى. ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى تېئودوروس (Theodorus). ئىسلام تارىخىدا «ئەرتەبۇن» ياكى «ۋاردار» دەپ تونۇلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 596 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەررەبەزە (الرَّبَذَةُ): مەدىنەنىڭ 170 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئىراق يولى بويىدىكى مەشھۇر بىر ئوتلاق. خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ جاينى ھ. 16/م. 638 – يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئات – ئۇلاغ ۋە زاكات چارۋىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن مەخسۇس قوغدالغان رايون قىلغان. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 30/م. 652 – يىلى خەلىفە ئوسماننىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇ جايغا يەرلەشكەن ۋە شۇ جايدا ۋاپات بولغان.

ئەركىن تەسەررۇپ ھەققى (حقُّ التصرّفِ المُطْلَقُ Ius Abutendi ياكى Abusus): ھەق – تەلەپ قانۇنى ۋە روما قانۇنىغا ئائىت بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى (Dominium) نى تەشكىل قىلغۇچى ھوقۇقلار توپىدىكى ئۈچ چوڭ تارماقنىڭ بىرىدۇر. ئېنىقلىمىسى: ئىگىدارلىق يەنى ياتلىشىش، مىراس ياكى باشقا شەكىلدە بىر ياقلىق قىلىش ھەققى ياكى ھېچكىم سورىقىنى ئالالمايدىغان، قانۇنىي «تامامەن يوقىتىش ياكى قوللىنىش ھەققى» دېگەنلىكتۇر.

ئەززاۋىيە (الزَّاوِيَةُ): قەدىمكى ﺑﻪﺳﺮﻩﺩﯨﻦ تەخمىنەن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان مەشھۇر بىر جاي. ئۇ جايدا ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ﺳﺎﺭىيى بار ئىدى. ھ. 82/م. 701 – يىلى مۇھەررەم ئايدا ئۇ جايدا ھەججاج قوشۇنى بىلەن ئىبنۇل ئەشئەس قوشۇنى ئوتتۇرىدا مەشھۇر جەڭ بولغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/128.

ئەزفار (أَظْفَارٌ): يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن ساھىلىغا جايلاشقان بىر شەھەر. زافار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇستە ئۇ يەرگە ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلەتتى. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/282، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ئەزلام (الأَزْلاَمُ): «پەيسىز ئوقلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۆزنىڭ بىرلىك ھالىتى ئەززۇلەم (الزُّلَمُ) دۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەر پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ تال ئوق بولاتتى. بىرىگە: «رەببىم مېنى بۇيرۇدى»، يەنە بىرىگە: «رەببىم مېنى توستى» دەپ يېزىلىپ، ئۈچىنچىسى ئاق قالاتتى. خەت يېزىلغانلىرىدىن قايسىبىرى چىقسا، شۇ بويىچە ئىش تۇتاتتى. بىرنەرسە يېزىلمىغىنى چىقسا، پالنى قايتا سالاتتى. ئەزلام پالى 5/«مائىدە»: 3 -، 90 – ئايەتلەردە ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 126 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەزل قىلىش (الْعَزْلُ): ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىش. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 10 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەسەبىيلىك (العَصَبِيَّةُ): ئەرەبچىدە «قوغداش، ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش» قاتارلىق مەنىلەرنى جەملىگەن كەلىمە بولۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىماستىن ئۆز قەۋم – قېرىنداشلىرىغا، گۇرۇھىغا ۋە توپىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ۋە باشقىلارغا قارشى ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت. ھەدىستە: «ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغۇچىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەۋمىڭنىڭ زۇلۇم سېلىشىغا ھەمكارلىشىشىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنداق قىلىدىغان كىشىگە «ئەسەبىي» دېيىلىدۇ. «تەئەسسۇبلۇق قىلىش»مۇ ئەسەبىيلىكتىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەسەبىيلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد ، (5119)؛ جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 1/602، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 313 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

ئەسەر (الْأَثَرُ): ئەرەبچىدە «ئىز، خەبەر، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان سۆز ۋە قالدۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كۆپچىلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ساھابەگە ياكى تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز، پېئىل، تەقرىر ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلار»دىن ئىبارەت. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ئۈچ تۈرىگە قوللىنىلىدۇ. خۇراسان فەقىھلىرىنىڭ ئىستىلاھىدا «ئەسەر» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى ساھابە ياكى تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن «مەۋقۇف» بىلەن «مەقتۇﺋ»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى «مەرفۇﺋ»نى ئۇلار «خەبەر» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِيْ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ (مەنھەجۇننەقد)»، 28 – بەت، دارۇلفىكر، بېيرۇت، م. 1979.

ئەسسۇنەنۇل كۇبرا (بۈيۈك سۈنەن/ اَلسُّنَنُ الْكُبْرَى): مەشھۇر مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئەلبەيھەقىي (ھ. 384 – 458/م. 994 – 1066) نىڭ ئەھكام ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابە – تابىئىنلەردىن كەلگەن بايانلارنى جەملىگەن 10 توملۇق بۈيۈك ئەسەرى بولۇپ، 70 بۆلۈم ۋە يۈزلەرچە بابلاردا 30 مىڭغا يېقىن ئىسناد ۋە 26 مىڭ 490 مۇسنەد رىۋايەت بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىسنى، ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى ۋە شەرئىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنەن ئېنسىكلوپېدىيەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەدىس، ساھابە ۋە تابىئىن بايانلىرىنى تەخرىج قىلىشتىكى مۇھىم ۋە ئەسل مەنبەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىمام بەيھەقىي بۇ ئەسەرىگە «الْمَدْخَلُ إِلَى كِتَابِ السُّنَنِ الْكُبْرَى (‹سۇنەنۇل كۇبرا› كىتابىغا كىرىش)» نامىدا بىر توم مۇقەددىمە يازغان. ئىمام بەيھەقىي يەنە بۇ ئەسەرىدە ھەدىس ئىلمى بىلەن فىقھ ئىلمىنى جەملەش بىلەن بىرگە ھەدىسلەردىكى ئىللەتلەرنى، مۇھەددىسلەرنىڭ باھالىرىنى بايان قىلغان ۋە بىر – بىرى بىلەن زىتتەك كۆرۈنگەن ھەدىسلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلغان. ئەسەر ھ. 432 – يىلى 12 – جامادىيەلئاخىر/م. 1041 – يىلى 17 – فېۋرال تاماملانغاندۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە (سەھىھ ھەدىسلەر يۈرۈشلۈك توپلاملىرى/سِلْسِلَةُ الأَحَادِيْثِ الصَّحِيْحَةِ وَشَيْءٌ مِنْ فِقْهِهَا وَفَوَائِدِهَا): 20 – ئەسىردە ياشىغان ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس ئالىملىرىدىن شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان توققۇز جىلدلىق ئەسەر بولۇپ، مەلۇم بىر تەسنىف مېتودىغا قارىماي، سەھىھ ھەدىسلەر كەڭ ئىزاھلار بىلەن باھالانغان ئەسەردۇر. شەيخ ئالبانىي بۇ ئەسەرىدە تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېلىنغان «سەھىھ» دەپ قارالغان (جەمئىي 4035) ھەدىسلەرنى جەملەپلا قويماي، ھەربىر ھەدىسنىڭ سەنەدى، رىۋايەت يوللىرى ۋە راۋىيلىرى ھەققىدە ھەدىسشۇناسلىق ئۇسۇلى بويىچە ئىخچامراق توختالغان ۋە ئۇ ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان فىقھىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلارنىمۇ بايان قىلغان. ئايرىم مەسىلىلەردە ئۇزۇنراق توختالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 630 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەسسىمۇت (السَّمْت/اَلسُّمُوت/ Azimuth): ئەرەبچە «يول، يۆن، سالاپەت ۋە تەقى – تۇرق» مەنىسىدىكى «السَّمْتُ(as-samt) »نىڭ كۆپلۈكى «اَلسُّمُوت(as-sumūt) »تىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، بىر ئاسمان جىسمىنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يۆنىلىشىنىڭ ئۇپۇقتىكى شىمال ياكى جەنۇب نۇقتىسىدىن بۇلۇڭ مۇساپىسىنى ئىپادىلەيدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/447، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، azimuth ماددىسى.

ئەسل (الْأَصْلُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنىڭ تۆۋەن قىسمى»، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «راجىھ (ئېغىر باسقۇچى)، قانۇنىيەت، قائىدە، دەلىل، ئۇل – ئاساس، قەدىمكى ھالەت، بالىغا نىسبەتەن ئاتا – بوۋا ۋە باشقا نەرسىلەر قىياس قىلىنىدىغان ئاساس» قاتارلىق مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. كۆپلۈك ھالىتىدە «ئۇسۇل» دېيىلسە، ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى؛ «ئۇسۇلۇددىن ئىلمى» دېيىلسە، تەۋھىد ئىلمى، ئىلمى كەلام ۋە ئەقىدە ئىلمىنى؛ «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى» دېيىلسە، شەرئىي دەلىللەردىن قانداق ئەھكام يەكۈنلەپ چىقىرىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەبۇلبەقاﺋ ئەييۇب ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات»، 171 – بەت، ئەدنان دەرۋىش، مۇھەممەد ئەلمىسرىيلەر نەشرگە تەييارلىغان، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، ھ. 1419/ م. 1998؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 5/55، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 158 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئەسھابى سۇففە/ئەھلى سۇففە (أَصْحَابُ الصُّفَّةِ/أَهْلُ الصُّفَّةِ): «لەمپە ئاستىدا تۇرىدىغانلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ئۆزىگە تەۋە تۇرالغۇسى ياكى ئائىلىسى يوق، غېرىب – غۇرەبا، يوقسۇل مۇھاجىر ساھابەلەر ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لەمپە (سۇففە) لىك قىلىپ سېلىنغان، بارا – بارا بىر مەدرەسە ھالىغا كەلگەن ئورۇندا ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە تۇرغان بىر توپ ساھابەلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئەھلى سۇففە ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخشۇناسلاردىن ئەبۇ نۇئەيم «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» ناملىق ئەسەرىدە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن 100 نى تىزىملىغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش، ئۆيلىنىش ياكى ۋاپات بولۇش ياكى سەپەر قىلىش سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ سانى ئېشىپ – كېمىيىپ تۇراتتى. جۈملىدىن ئالتە مىڭدىن زىيادە ھەدىس رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ئەھلى سۇففەدىن ئىدى. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/595؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 1/86، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000.

ئەشەرەئى مۇبەششەرە/جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (الْعَشَرَةُ المُبَشَّرُوْنَ بِالْجَنَّةِ): جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئەر ۋە ئايال ساھابەلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە ئون ساھابەسىنىڭ ئىسىملىرىنى بىرمۇبىر ئاتاپ، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىسلامىيەت ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن. بۇلار «ئەشەرەئى مۇبەششەرە» دەپ ئاتالغان. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەبۇبەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس جەننەتتە، سەئىد ئىبنى زەيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە جەننەتتە»(تىرمىزىي 3747). ئالبانىي «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»دا: (50) «سەھىھ» دېگەن. سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 585 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەقەبە بەيئەتى/بەيئەتۇلئەقەبە (بَيْعَةُ الْعَقَبَةِ): مەككەدە مەسجىدى ھەرەمگە تەخمىنەن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىنا رايونى ئىچىدىكى «ئەقەبە» دېگەن جايدا ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشنىڭ 12 – 13 -/م. 621 – 622 – يىللىرى ھەج مەۋسۈمىدە مەدىنەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىتائەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش بارىسىدا بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئەھدىسى. بىرىنچى قېتىمقى ئەقەبە بەيئەتىدە مەدىنەلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىدىن 12 كىشى بەيئەت قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىسلام تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئەۋەتكەندىن كېيىن مەدىنەدە ئىسلام دىنى كەڭ تارقاپ، كېيىنكى يىلى ئۇنىڭ بىلەن 75 كىشى ئەقەبەدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشتا ئىككىنچى قېتىمقى بەيئەتكە قاتناشقان. ئىككىنچى قېتىمقىسى چوڭ بەيئەتۇلئەقەبە (بَيْعَةُ الْعَقَبَةِ الْكُبْرَى) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئىككى بەيئەتنىڭ مەدىنە ئاھالىسى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىسلامىيەتنى يېيىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرىتىگە ۋە ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇل ھازىرلاشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «السِّيْرَةُ النَّبَوِيَّةُ عَلَى ضُوْءِ الْقُرْآنِ وَالسُّنَّةِ (قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەر سىيرەتى)»، 436 – 450 – بەتلەر، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1992؛ «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 316 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئەقىق ۋادىسى (وَادِي الْعَقِيقِ): مەدىنەنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋادىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر ئۇچى زۇلھۇلەيفەگە تۇتىشىدۇ. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 194 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

ئەقىقە (الْعَقِيْقَةُ): ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت قۇربانلىقتىن ئىبارەت. بۇ قۇربانلىقنى بوۋاققا ئىسىم قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش ۋە سەدىقە بېرىش بىلەن بىرگە يەتتىنچى كۈنى قىلىش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقەسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»(«ئىبنى ماجە»، 3165). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1130 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەلئام (الْعَامُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇمىي، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چەكسىز سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇئمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 13) دېگەن ئايەتىدە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «مۇئمىن»نىڭ چېكى يوقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 188 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 34 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلئەدەبۇل مۇفرەد (ئەدەبكە ئالاقىدار ھەدىسلەر توپلىمى/جُزْءٌ فِي الأَدَبِ – الْأَدَبُ الْمُفْرَدُ): مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي (ھ. 194 – 256/م. 810 – 870) نىڭ ئىسلامىي ئەدەب – قائىدىلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا ساھابە – تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى جەملىگەن ھەدىس توپلىمىدۇر. ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىمام بۇخارىي «جامىئۇسسەھىھ»ىدە ئاتايىن «ئەدەب بۆلۈمى» نامىدا بىر باب كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەي، مەزكۇر ئەسەرنى ئايرىم تۈزگەن ۋە ئۇنىڭدا «سەھىھۇلبۇخارىي»دا بولمىغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەرنىمۇ كەلتۈرگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا «مۇئەللەق» كەلتۈرگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى بۇ ئەسەرىدە سەنەدلىك كەلتۈرگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا ئىسمى ئېنىق كەلتۈرۈلمىگەن راۋىيلەرنىڭ ئىسمىنى بۇ ئەسەرىدە ئېنىق كەلتۈرگەن. ئەسەردە 644 بابقا بۆلۈنگەن 1322 «مەرفۇﺋ» ۋە «مەۋقۇف» ھەدىسنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئەدەب – قائىدە توغرىسىدا بولغاچقا، ئۇنىڭدا «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكىدەك قاتتىق شەرت قويمىغان. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي مەزكۇر ئەسەردىكى ھەدىسلەر ئۈستىدە تەھقىق ئېلىپ بېرىپ، ئۆز قانائىتى بويىچە «سەھىھ»لىرىنى (994 ھەدىس) «سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە، «زەئىف»لىرىنى (219 ھەدىس) «زەئىفۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە ئايرىپ باھالىغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 629 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلئەزھەر شەيخلىك ئىدارىسى (مَشِيْخَةُ الْأَزْهَرِ): «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ جامەسى» ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ئەلئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمەيسى»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ئىنستىتۇتلار بۆلىكى»، «ئەلئەزھەر چوڭ ئۆلىمالار ھەيئىتى»، «ئەلئەزھەر كۇتۇبخانىسى»، «ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ شەھەرچىسى»، «ئەلئەزھەر ﺭﻩﺳﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ» ۋە «ئەلئەزھەر پەتۋا مەركىزى»… قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ ئىلىم ۋە ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ باشقۇرىدىغان دىنىي مۇئەسسەسە ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ «ئەلئەزھەر ﺷﻪﻳﺨﻰ» باشقۇرىدۇ.

ئەلبەدرۇل مۇنىر (نۇرلاندۇرغۇچى تولۇن ئاي/الْبَدْرُ المُنِيْرُ فِي تَخْرِيْجِ الْأَحَادِيْثِ وَالْآثَارِ الْوَاقِعَةِ فِي الشَّرْحِ الْكَبِيْرِ): ئىران قەزۋىنلىك شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس ۋە تەرجىمىھال يازغۇچى، ئىبنۇلمۇلەققىن نامى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھەفس سىراجۇددىن ئۆمەر ئىبنى ئەلى ئەششافىئىي (ھ. 723 – 804/م. 1323 – 1401) تەرىپىدىن ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد رافىئىي (ھ. 557 – 623/م. 1162 – 1226) نىڭ ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505/م. 1058 – 1111) قەلىمىدىن شافىئىي فىقھىدىكى «ئەلۋەجىز»ىگە يازغان «ئەلئەزىز (ئەششەرھۇل كەبىر/العزيز في شرح الوجيز)» ناملىق شەرھىدىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يېزىلغان ئەسەردۇر. 2004 – يىلى توققۇز تومدا، 2008 – يىلى 28 تومدا تولۇق نەشر قىلىنغان بولۇپ، شافىئىي فىقھىدا دەلىل قىلىنىدىغان 2574 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇئەللىف بۇ ئەسەرىدە ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، باھا بېرىش ۋە مۇھەددىسلەردىن نەقىل ئېلىشتا كەڭ ئىزدەنگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىن ئۇنى ئىخچاملاپ «خۇلاسەتۇل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. كېيىن ئۇنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ «مۇنتەقا خۇلاسەتىل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس شىھابۇددىن ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852/م. 1371 – 1449) ھەم بۇ ئەسەرنى 4/1 ىگە ئىخچاملاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا مۇھەددىسلەرنىڭ بايانلىرىنىمۇ قوشۇپ تولۇقلاپ «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ھەجەرنىڭ «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر»ى تۇنجى بولۇپ 1886 – يىلى دېھلىدا تاش مەتبەئەدە، كېيىن 1964 – يىلى قاھىرەدە بېسىلغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلبەقاﺋ (الْبَقَاءُ): ئەرەبچىدە «دائىملىق، ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك بولۇش ۋە باقىمەندە» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: (پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەيدىغان بولغان) ئەلفەنائدىن كېيىن، ئۇنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ئەسەرى بولمىش مەخلۇقاتلارنى كۆرۈش ۋە ھېس قىلىشقا قايتىشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئىككى زىت نەرسىنىڭ بىرىنى كۆرمەسلىك «ئەلفەناﺋ» بولسا، ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە كۆرۈش «ئەلبەقاﺋ» دۇر. يەنە «ئەلفەناﺋ» رەزىل ئىللەتلەرنى تاشلاش، «ئەلبەقاﺋ» گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش دەپمۇ ئىزاھلىنىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ئەجىبە: «معراج التشوف إلى حقائق التصوف (تەسەۋۋۇف ھەقىقەتلىرىگە نەزەر مىئراجى)»، 59 — 60 – بەتلەر.

ئەلبىقاﺋ (الْبِقَاعُ): دەمەشق، ھىمس ۋە بەئلەبەك ئارىسىدىكى كەڭ بىر زېمىننىڭ ئىسمى. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/470.

ئەلجامىئۇسسەغىر (ئىخچام ھەدىسلەر توپلىمى/الجَامِعُ الصَّغِيْرُ مِنَ حَدِيْثِ الْبَشِيْرِ النَّذِيْرِ): تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس، فەقىھ، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئالىمى جەلالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد سۇيۇتىي (ھ. 849 – 911/م. 1445 – 1505) تەرىپىدىن توپلانغان قىسقا ھەدىسلەردىن تەشكىل تاپقان ئۇشبۇ ئەسەر ھ. 907/م. 1501 – يىلى تاماملانغان. ئەسەر ھەدىسلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرپىگە كۆرە ئېلىپبەلىك تەرتىپتە تىزىلغان ۋە بۇ مەنتىق سەۋەبىدىن سەنەدلەر يېزىلمىغان. ئەمما، ھەربىر ھەدىستىن كېيىن شۇ ھەدىسنىڭ راۋىيسى بولغان ساھابەنىڭ ئىسمى، مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ھەدىس توپلاملىرى ياكى مۇھەددىسلەر (ئېنىق ئىسمى ياكى ھەرپ بىلەن) بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگىمۇ باھا بېرىلگەن. ئىككى جىلدتا چاپ ئېتىلگەن ئۇشبۇ ئەسەر 10 مىڭ 31 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمام سۇيۇتىي مەزكۇر ئەسەرىگە قوشۇمچە (زەيىل) تەرىقىسىدە «زەيلۇل جامىئىسسەغىر (ذيل الجامع الصغير من حديث البشير النذير)»نى تۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا مىڭ ئەتراپىدا ھەدىسنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئايرىم بىر جىلدتا نەشر قىلىنغان. مەرھۇم شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىمۇ «سەھىھۇلجامىئىسسەغىر» ۋە «زەئىفۇلجامىئىسسەغىر» دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بەزى باھالىرى ئىمام سۇيۇتىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 630 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلجەمئۇ بەينەسسەھىھەين (بۇخارىي بىلەن مۇسلىمدىن ئىبارەت سەھىھەيننى جەملەش/الْجَمْعُ بَيْنَ الصَّحِيْحَيْنِ الْبُخَارِيِّ وَمُسْلِمٍ): ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى فەتۇھ ئەلھۇمەيدىي ئەلئەزدىي (ھ. 420 – 488/م. 1029 – 1095) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇمۇسلىم»دىكى ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى «مۇسنەد» شەكلىدە جەملىگەن ئەسەردۇر. مۇئەللىف مۇقەددىمەسىدە سۈننەتنىڭ ئورنى، ئالىملارنىڭ سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىملەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن «سەھىھەين»دىكى بابلارغا چېچىلىپ كەتكەن ھەدىس مەتنىلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ، بىر كىتاب قىلىشنى كۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاندىن ئېھتىياج كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئىسنادنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت كىتابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان، كىتابنى بەش قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن باشلىغان. ئارقىدىن باشقا 64 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، ئاندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان 6 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى (بۇ قىسىم كىتابنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ)، ئاندىن ئاز ھەدىس رىۋايەت قىلغان 41 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، بۇ قىسىمنىڭ ئاخىرىدا ئىمام بۇخارىي ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلمىغان 35 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاندىن ئىمام مۇسلىم ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلمىغان 55 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاخىرقى قىسىمدا بولسا، 37 ئايال ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى كەلتۈرگەن. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەندە، ئالدى بىلەن «مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى»نى ئاندىن ئىمام بۇخارىيلا رىۋايەت قىلغاننى، ئاندىن ئىمام مۇسلىملا رىۋايەت قىلغاننى تىزغان. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەن قىسىمدىكى ھەدىسلەرگە ئايرىم نومۇر قويغان. ھەدىسلەرنى رەتلەپ، جەملەش بىلەنلا توختاپ قالماي رىۋايەتلەرنى ھەر جەھەتتىن سېلىشتۇرغان. ئەڭ مۇھىمى «سەھىھەين»دە ئىخچاملىنىپ كەلگەن ياكى ئىلگىرى ئۆتكەن ھەدىسلەرگە ئىشارە قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق رىۋايەتىنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرگەن ۋە بۇنىڭدا ئىسمائىيلىينىڭ، بەرقانىينىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۈرلۈك «مۇستەخرەج» ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. ھەدىسلەرنىڭ «مۇسنەد»، «مۇرسەل»، «مۇئەللەق» ياكى «مەۋقۇف» دېگەندەك ھۆكۈملىرىنى بەرگەن. كېيىنچە مەزكۇر كىتابنىڭ ھەدىس توپلاملىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورنى بولغان. كىتابنىڭ قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ دوكتور ئەلى ھۈسەين ئەلبەۋۋاب ھ. 1444/م. 1994 -يىلى ئۇنى 4 توم قىلىپ بېيرۇتتا نەشر قىلغان.

ئەلجۇھفە/مەھيەئە (الْجُحْفَةُ/مَهْيَعَةُ): قەدىمدىن «مەھيەئە (مَهْيَعَةُ)» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ھەج ياكى ئۆمرە مەقسىتى بىلەن مىسىر ياكى سۇرىيە تەرەپتىن كېلىپ مەدىنەگە كىرمەي ئۇدۇل مەككەگە كەلگۈچىلەر ئىھرام باغلايدىغان مىيقات نۇقتىسى بولۇپ، قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىن 9 كم يىراقتا، مەككە مۇكەررەمەنىڭ 187 كم شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز زامانىدا مەدىنەدە تارقالغان ۋابا كېسىلىنى جۇھفەگە يۆتكىۋېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ جايغا ئاياغ بېسىشتىن قاچقان ۋە جۇھفەنىڭ ئورنىغا (ئۇ جايغا ئۇدۇل كېلىدىغان 30 كم يىراقلىقتىكى) مەككەگە 204 كم يىراقلىقتىكى «رابىغ (رَابِغ)» دېگەن جايدىن ئىھرام باغلايدىغان بولغان. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇھفە م. 13 – ئەسىردە ئاللىبۇرۇن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن، تا ھازىرغىچە خاراب ھالدىكى جۇھفەنىڭ كىرىشىدە ئەسرى سائادەتتىن قالغان «مەسجىدى ئەزۋەر/مَسْجِدُ عَزوَر»، چىقىشىدا «مەسجىدى ئەئىممە (مَسْجِدُ الأَئِمَّةِ)» ساقلىنىپ قالغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/339، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 15/112، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئەلخاس (الْخَاصُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇم بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر شەخس ياكى سان بىلەن چەكلىنىدىغان سۆز»دۇر. خاسلاشتۇرۇش (التَّخْصِيْصُ) بولسا «ئەلئام ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋېتىش»تىن ئىبارەت. خاسلاشتۇرغۇچى (الْمُخَصِّصُ) بولسا شارىئتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 128 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 38 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلفەناﺋ (الْفَنَاءُ): «يوقىماق، پانىي بولماق» دېگەن مەنىدىكى تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: 1) قەلبنىڭ تەۋەككۈل، ئىبادەت ۋە بۇلارغا ئالاقىدار ئىشلاردا پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆزلىمەسلىكى. قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشتىن يوقىلىشى (الْفَنَاءُ عَنْ عِبَادَةِ السِّوَى) دۇر. بۇ ھەق ۋە توغرا بولۇپ، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاستىن ئىبارەت؛ 2) قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەسلىكى (الْفَنَاءُ عَنْ شُهُودِ السِّوَى). بۇ تۈردە كەمچىللىك بار؛ بۇ كۆپلىگەن سالىكلار ئۇچرايدىغان ھالەت بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەقسەت قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ تۈردۇر. بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ۋە ھېس قىلىشىدىن يوقىلىشى»دۇر. بۇ ئەھۋال بىر خىل ئۆزىنى يوقىتىش بولۇپ، «مەستلىك»، «قومۇرۇش»، «ئۆچۈرۈش» ۋە «جەملەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەھبۇبنى كۆرۈش غالىب كەلسە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ، «بىرلەشتىم»، ھەتتا «مەن ئۇنىڭ ئۆزى شۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئەقلىگە كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار پەرۋەردىگاردۇر، بەندە بەندەدۇر. خالىق باشقا، مەخلۇقات باشقىدۇر. مەخلۇقاتلاردا خالىقنىڭ زاتىدىن، خالىقنىڭ زاتىدا مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىر نەرسە يوقتۇر. لېكىن، فەناﺋ ۋە مەستلىك ھالىتىدە ھوشىنى يوقىتىپ ئالىجوقا جۆيلۈپ سېلىشى ئېھتىماللىق ئىش. مۇبادا ئەقىل – ھوشى جايىدا چاغدا بۇ تۈرلۈك ئالىجوقا گەپلەرنى قىلسا، بۇ ئەلبەتتە ئازغۇنلۇق بولاتتى. بۇ ۋەجدىن ھوشىنى يوقىتىش سەۋەبلىك گۇناھ يېزىلمايدۇ. بۇ تۈرلۈك ئۆزىنى يوقىتىش كامالەت ياكى ياخشى سۈپەت ئەمەس، تەرغىبمۇ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ ئىگىسى ئەقلى جايىدا بولمىغانلىقتىن قەدىم بىلەن ھادىسنى ئايرىيالماسلىقتا ئۆزرىلىك سانىلىدۇ. 3) قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تونۇشىدىن يوقىلىشى (فَنَاءٌ عَنْ وُجُودِ السِّوَى) بولۇپ، بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش نەزەرىيەسىنى ياقىلىغانلارنىڭ فەنائسى بولۇپ، ئۇلار مۇتلەق بىرلىكتە يوقىلىشنى نىشان قىلىدىغان، مەۋجۇدىيەتتىن كۆپلۈك ۋە ساننى نەفيى قىلىدىغان، نەتىجىدە ئۆزگىنى ئەسلا كۆرمەيدىغان، بەلكى بەندىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۆزى دەپ قارايدىغانلاردۇر». مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەرۋەردىگار ۋە بەندە يوق بولۇپ، بۇ خىل يوقىلىشتا تائەت ياكى مەئسىيەت دېگەن نەرسە ھەم بولمايدۇ. چۈنكى، تائەت ۋە مەئسىيەت دېگەن ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئىككىلىك بولسا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شىركتۇر. ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدەك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بولسا، بۇ ئۈچىنچى تۈر ئېغىر دەرىجىدە زىندىقلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولۇپ، بۇ: «پۈتۈن مەۋجۇدلۇق پەقەت ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا مەۋجۇدلۇق يوق» دېگەنلىك بولغاچقا، بۇ تۈر كېيىنكى زامانلاردىكى خالىق بىلەن مەخلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش (الْحُلُولُ وَالِاتِّحَادُ) ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان زىندىقلارنىڭ قارىشىدۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 217 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/313 – 222، دارۇلۋەفاﺋ، مىسىر، م. 2005؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 737 – 738 – بەت، لۇبنان ناشىرۇن. بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1219 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەلمۇئەتتىلە (الْمُعَطِّلَةُ): ئەرەبچىدە «بىكار قىلماق، ئىشتىن قالدۇرماق، بوشاتماق، بىكارلىماق ۋە زىننەتتىن، ئىشتىن خالىي بولماق» دېگەن مەنىلەردىكى تەتىل/تەئتىل (التَّعْطِيلُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئالەمنى پۇختا ياراتقان، زىننەتلىگەن ياراتقۇچىسىدىن بوش دەپ قارايدىغان ياكى ياراتقۇچى زاتنى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەزەلىي ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئازغۇن پىرقە»دۇر. بۇ پىرقەدىكى تەئتىل ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان يۈزلىنىش بولۇپ، تەۋھىدتىن چەتنىگەن خاھىشتۇر. بۇ پىرقە دەھرىيلىك بىلەن جاھىلىيەتتىن قالغان پەلسەپەۋى ئېقىملىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ھەممىسى بىرىكىپ زاتى ئىلاھىييەنى ئىنكار قىلىشقا بېرىپ توختايدۇ. دېمەك، بۇ كۇفۇر ۋە شىرك بىلەن زىچ باغلانغان، نىفاق، مۇرتەدلىك ۋە زىندىقلىق بىلەن ئورتاق، مۇشەببىھەلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن پىرقەدۇر. تەئتىل ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، جىمى ئىسىم – سۈپەتلەرنى بىكار قىلىدىغان «كۇللىي تەئتىل»، يەنە بىرى، بەزى سۈپەتلەرنىلا بىكار قىلىدىغان «جۈزئىي تەئتىل»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 304 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1576 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەلمۇبەييەن (الْمُبَيَّنُ): ئەرەبچىدە: «ئىزاھلانغان، بايان قىلىنغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «تىلنىڭ ئۆزىدىن ياكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغان سۆز»دۇر. تىلنىڭ ئۆزىدىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى: «تاغ، ئاسمان، ئادالەت» دېگەندەك سۆزلەر. بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، ئادا قىلىش بىلەن بېرىش ئەسلىدە مۇجمەل ئىدى، لېكىن قانداق ئادا قىلىش بىلەن بېرىلىدىغان مىقدار بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مۇجمەل مۇبەييەن بولۇپ كەتتى. قاراڭ: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلمۇتلەق (الْمُطْلَقُ): ئەرەبچىدە: «مۇتلەق، بىرەر قەيت ياكى شەرت بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئورتاق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى قەيتسىز ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(58/«مۇجادىلە»: 3) دېگەن ئايەتى بولۇپ، بۇ ئايەت ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان «قۇل»غا مۇسۇلمان ياكى كافىر، ئەر ياكى ئايال دەپ چەك قويمىغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 280 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلمۇجەسسىمە (الْمُجَسِّمَةُ): ئەرەبچىدە «جىسىملەشتۈرگۈچىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى جىسىم (جىسىملارغا ئوخشىمايدىغان جىسىم دېيىشىمۇ مۇمكىن) دەپ مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان بىر تائىپە»دۇر. ئەلمۇجەسسىمە بىلەن ئەلمۇشەببىھە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇقۇملىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىرى يەنە بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىرى تىلغا ئېلىنغىنىدا، يەنە بىرىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەلمۇشەببىھە جىىسملەشتۈرمەي ئوخشاتسا، ئەلمۇجەسسىمە جىسىملەشتۈرىدۇ. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىيلار بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ گرېك پەلسەپەسى تەسىرىگە ئۇچرىغان «كەررامىيلەر» بۇ ئەقىدىنى ياقىلىغان. شىئەلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە بۇ ئېتىقادنى تاشلىغان. لېكىن، بىر قىسىم ئەھلى ھەدىسلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى يۈزەكى چۈشىنىشى بىلەن بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. قاراڭ: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 639 – 659 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2007.

ئەلمۇجمەل (الْمُجْمَلُ): ئەرەبچىدە: «مۇبھەم، يىغىنچاقلانغان ۋە ئومۇم» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مەقسەت قىلىنغان مەلۇم مەزمۇننى بېكىتىشتە ياكى سۈپىتىنى ۋە ياكى مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغان سۆز»دۇر. بېكىتىشتە باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 228) دېگەن ئايەتى بولۇپ، «قۇرئى» كەلىمەسى پاكلىققىمۇ، ھەيزگىمۇ ئورتاقتۇر. شۇڭا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى بېكىتىشتە باشقا بىر دەلىلگە قاراشلىقتۇر. سۈپىتىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، نامازنى قانداق تەرىقىدە ئوقۇش باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولۇشنىڭ مىسالى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، بېرىش پەرز بولغان زاكاتنىڭ مىقدارى باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 261 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلمۇزارەبە/پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (الْمُضَارَبَةُ/Mudarabah): بۇ پۇلى بار كىشى بىلەن كۈچى بار كىشىنىڭ پايدىنى مەلۇم پىرسەنت بويىچە بۆلۈشۈش مەقسىتىدە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پايدا چىقسا، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مەلۇم ئۈلۈش بويىچە تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ. زىيان چىقسا، ماددىي زىياننىڭ ھەممىسىنى پۇل چىقارغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۈچ چىقارغۇچى ماددىي زىيان تارتمايدۇ، بەلكى پەقەتلا سەرپ قىلغان كۈچىنىڭلا زىيىنىنى تارتىدۇ. «مۇزارەبە» ياكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ «مۇرابەھە»، «ئىينە سودىسى» ۋە «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق» قاتارلىق جازانەلىك كېلىشىملەردىن پەرقى ئۆسۈمسىز سەرمايە – ئەمگەك شېرىكچىلىكىدۇر. جازانە — باشقىلارنىڭ قان – تەرىنى سۈمۈرۈش ۋە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، جازانە كېلىشىمىدە تەر ئاققۇزماستىن پايدىغا ئېرىشىلىدۇ. ۋەھالەنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدا چىقسا ھەربىر تەرەپ پايدىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، زىيان چىقسىمۇ ھەربىر تەرەپ زىياندىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى، كۈچ ئىگىسى كۈچىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى زىيان تارتىدۇ. پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ، پەقەتلا زىيان تارتماي، مۇقىم، خەتىرى يوق پايدىغا ئېرىشىش بولسا كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ، قول سېلىپ ئىشلەش روھىنى يوق قىلىدۇ. دىلنى قارايتىپ، پۇرسەتپەرەست، تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىللەتلەردىن جانابىي ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەش كېرەك. قاراڭ: مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 3/202؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/15؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/34؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/874.

ئەلمۇستەدرەك (سەھىھەينگە تولۇقلىما/الْمُسْتَدْرَكُ عَلَى الصَّحِيْحَيْنِ): ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ھاكىم نىشاپۇرىي (ھ. 321 – 405/م. 933 – 1014) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇمۇسلىم»گە تولۇقلىما قىلىپ، ئۇ ئىككى كىتابتا كەلتۈرۈلمىگەن ھەدىسلەرنى توپلاپ «سەھىھەين»نىڭ ئىككىلىسىنىڭ ياكى كەمىدە بىرىنىڭ ئۆلچىمىگە توشىدىغان، ئۆزى «سەھىھ» دەپ قارىغان ياكى ئۆزى «سەھىھ» دەپ قارىمىسىمۇ، ئىسنادلىرى سەھىھ بولۇش ئۆلچىمى بويىچە 30 يىلدىن زىيادە مۇددەتتە (ھ. 373 – 405/م. 983 – 1014) يازغان ئەسەر. ئەپسۇس مۇئەللىف تېخى كىتابىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ پىششىقلاپ بولماستىنلا ئۆمرى يار بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇڭا، ئەسەردە سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەرمۇ ساقلىنىپ قالغان. لېكىن، بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كېيىنكى ئالىملار تولۇقلىۋەتكەن. ھەدىس ئىلمىدە ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بۇ كىتابتىكى 8803 ھەدىس تۆت جىلدقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھاكىم بۇ ھەدىسلەرنى «سەھىھەين»دىكىدەك فىقھىي ئەھكاملار تەرتىپى بويىچە رەتلىگەن. ھاكىمنىڭ بۇ كىتابى ئۆز ۋاقتىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر پەقەت «سەھىھەين»دىلا بار دەپ قارايدىغان بەزى ساغلام بولمىغان قاراشلارغا خاتىمە بەرگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلمۇشەببىھە (الْمُشَبِّهَةُ): ئەرەبچىدە «ئوخشىتىش، مەڭزەتمەك» مەنىسىدىكى «تەشبىھ (التشبيه)» تومۇرىدىن تۈرلەنگەن مۇشەببىھە «ئوخشاتقۇچىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان يەنى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش قىلىۋالىدىغان بىر تائىپە»دۇر. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىي – خرىستىيانلار بولۇپ، زەردوشتىيلىك ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولمىش مانىھېيزم ۋە مەزدەكانلارغىمۇ تۇتىشىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ شىئەلەر بۇ ئېتىقادنى پەيدا قىلغان بولۇپ، كەررامىيلەر، قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلەلەر ھەتتا خاۋارىجلارمۇ بۇ خىل ئوخشىتىش خاھىشىدىن ساقلىنالمىغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 659 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2007.

ئەلمۇغنىي (الْمُغْنِيْ): ھەنبەلىي فەقىھ، ئىمام مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي (ھ. 541 – 620/م. 1146 – 1223) تەرىپىدىن ھەنبەلىي فەقىھ ئەبۇلقاسىم ئۆمەر ئىبنى ھۈسەين ئەلخۇرەقىي (ھ. ؟ – 334/م. ؟ – 945) نىڭ ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنى ئىخچاملىغان قىممەتلىك ئەسەرى «ئەلمۇختەسەر»گە يېزىلغان شەرھتۇر. مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسەرىدە ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەزھەبلەر ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرى بويىچە ئىسلام فىقھىنى باشتىن -ئاخىر سېلىشتۇرما فىقھ ئاساسىدا بۆلۈم، باب، پەسل ۋە مەسىلىلەرگە ئايرىپ ئىنتايىن گۈزەل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ئەھكاملارنى، مەزھەب ۋە قاراشلارنى، ئىجماﺋ ۋە ئىختىلاپلارنى، دەلىل ۋە ئاساسلارنى تولۇق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا كەلتۈرۈشتە «ھەنبەلىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇكەممەل بىر «ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر 10 تومدا بېسىلغاندۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 634 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلمۇغنىي ئەن ھەملىل ئەسفار (‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن› ھەدىسلىرىنىڭ تەخرىجى/المُغْنِيْ عَنْ حَمْلِ الأَسْفَارِ فِي الأَسْفَارِ فِي تَخْرِيْجِ مَا فِي الْإِحْيَاءِ مِنْ الأَخْبَارِ): تونۇلغان ئىراقلىق مۇھەددىس زەينۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلھۈسەين ئەلئىراقىي (ھ. 725 – 806/م. 1325 – 1403) تەرىپىدىن ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505/م. 1058 – 1111) نىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يازغان ئەسەرىدۇر. ساقلاش ۋە سەپەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ئەسەرىنى مۇشۇ ھەقتە يازغان چوڭ («ئىخبارۇل ئەھياﺋ») ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك («ئەلكەشفۇل مۇبىن») ئىككى ئەسەرىدىن ئىخچاملىغان بولۇپ، ھەدىسلەرنىڭ باش تەرىپىنى، راۋىيسى بولغان ساھابەنى ۋە ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس توپلاملىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە سەنەدلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگە باھا بېرىپ ماڭىدۇ. ھ. 790/م. 1388 – يىلى رەبىيئۇلئەۋۋەلنىڭ 12 – كۈنى تاماملانغان بۇ ئەسەر 4613 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلمۇقەييەد (الْمُقَيَّدُ): ئەرەبچىدە: «ئارغامچا ياكى شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن باغلانغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىرەر سۈپەتكە باغلاپ ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالەن ئاللاھ تائالا: ﴿بىر نەپەر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(4/«نىساﺋ»: 92) دېگەن ئايەتىدە ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان قۇل «مۇئمىن»لىك سۈپىتى بىلەن باغلانغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 292 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت، دارۇ ئىبنىلجەۋزىي، رىياد، ھ. 1426.

ئەلمۇۋەتتا (قولايلاشتۇرۇلغان ھەدىسلەر توپلىمى/الْمُوَطَّأ): بۈيۈك مۇھەددىس، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان مالىكىي مەزھەبىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (ھ. 93 – 179/م. 712 – 795) تەرىپىدىن خەلىفە ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر (ھ. 136 – 158/م. 754 – 775 ئارىلىقى ئۇمەۋىيلەر خەلىفىسى) نىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى بولۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە توپلانغان ئەڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابىدۇر. «قولايلاشتۇرۇلغان» ياكى «ئىتتىپاقلاشقان» دېگەن مەنىدىكى «ئەلمۇۋەتتا» كەلىمەسى ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ سەھىھلىكى ۋە توغرىلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئۇ «سەھىھەين»دىن كېيىنكى مەرتىۋىدە كەلسىمۇ، بەزى مۇھەددىسلەر ئۇنى «سەھىھەين»نىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ ئەسەر «مەرفۇﺋ» ھەدىسلەردىن باشقا «مەۋقۇف»، «مەقتۇﺋ»، «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» تۈرىدىكى ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى، ئىمام مالىك ۋە كۆپچىلىك ئالىملار «مۇرسەل» ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. يەنە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 368 – 463/م. 978 – 1071) ئۇنىڭدىكى «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 61 ھەدىستىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن تۆت ھەدىستىن باشقىسىنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغانلىقىنى يەكۈنلەپ «تەنۋىرۇل ھەۋالىك» ناملىق ئەسەر يازغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆت ھەدىسنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. ئىمام مالىك بۇ كىتابىنى 40 يىلدا تۈزگەن بولۇپ، ئەسەرنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغان نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئىچىدىن يەھيا ئەللەيسىي (ھ. 152 – 234/م. 769 – 848)، (71 بۆلۈم، 703 باب ۋە 1823 ھەدىس. ئادەتتە ‹مۇۋەتتا› دېيىلسە مۇشۇ رىۋايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ۋە مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي (ھ. 131 – 189/م. 749 – 805) (1008 ھەدىس) لەرنىڭ رىۋايەتلىرى ئەڭ مەشھۇردۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 634 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022..

ئەلمۇئجەم (الْمُعْجَمُ): ھەرپكە چېكىت قويۇش ئارقىلىق تۇتۇقلۇقىنى، چۈشىنىكسىزلىكىنى يوقاتماق» مەنىسىدىكى «الْإِعْجَامُ» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «مۇئجەم ھەرپلىرى (حُرُوْفُ الْمُعْجَمِ)» چېكىت بىلەن ئېنىقسىزلىقى يوقايدىغان ھەرپلەرنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن چېكىت قويۇلغانلىرى چۈشىنىشلىك بولغاندىن كېيىن چېكىت قويۇلمىغانلىرىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، جىمى ئېلىپبە ھەرپلىرى «مۇئجەم ھەرپلىرى» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ئەرەب تىلشۇناسلىرى ئىستىلاھىدا: «سۆزلۈكلەر ئېلىپبەلىك ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىب بويىچە جەملىنىپ ئىزاهلانغان لۇغەت»تۇر. مەسىلەن، «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت». ئەمما، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «ھەدىس شەرىفلەر كۆپىنچە ساھابەلەرنىڭ ياكى مۇئەللىفنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ، ياكى يۇرت – شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىب بويىچە توپلانغان ئەسەر»دىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئىمام تەبەرانىي (ھ. 260 – 360/م. 873 – 971) «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر» ناملىق ئەسەرىدىكى ھەدىس شەرىفلەرنى ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»نى ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك تەرتىب بويىچە تىزغان بولسا، ئىمام سەمئانىي (ھ. 426 – 489/م. 1036 – 1096) «مۇئجەمۇل بۇلدان» ناملىق ئەسەرىدىكى ھەدىس شەرىفلەرنى يۇرت – شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە تىزغاندۇر. يەنە ھەربىر ئىلىمگە خاس ئىستىلاھلارنى ياكى جاي ناملىرىنى ئېلىپبەلىك تەرتىب بويىچە تىزىپ ئىزاهلىغان قامۇسقىمۇ «مۇئجەم» دېيىلىدۇ. لېكىن، قامۇس تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ ئىزاهلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، «مۇئجەمۇل بۇلدان» ۋە «ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى» قاتارلىقلار. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 12/385، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/586، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1557 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (ئېلىپبە تەرتىبلىك ئوتتۇرا ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى/الْمُعْجَمُ الْأَوْسَطُ): مۇئجەم — راۋىيلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك ھالدا تۈزۈلگەن ئەسەرلەر — لىرى بىلەن مەشھۇر مۇھەددىس مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360/م. 873 – 971) نىڭ ئۇستازلىرىدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزغان ۋە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ: «بۇ كىتاب مېنىڭ روھىمدۇر» دېگەن ئەسەرىدۇر. كۆپىنچە «غەرىب» ۋە «فەرد» (يەككە) رىۋايەتلەر ئېلىنغانلىقى جەھەتتىن ئىمام دارەقۇتنىينىڭ «ئەلئەفراد»ىغا ئوخشىتىلىدۇ. تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 9489 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كاتتا ئەسەر 10 تومدا نەشر قىلىنغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 635 بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (ئېلىپبە تەرتىبلىك بۈيۈك ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى/الْمُعْجَمُ الْكَبِيْرُ): مۇئجەم ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ھەدىس قارىيسى ئەبۇلقاسىم مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360/م. 873 – 971) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرى بولۇپ، ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ كەڭ ھەجىملىك ئۆرنىكى بولغان ئەسەردە باشتا خۇلەفائى راشىدىن، «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن باشلاپ ساھەبە كىراملارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئايرىم بىر جىلدتا توپلىغان. ھەر ساھابەنىڭ ھەدىسلىرىدىن بۇرۇن ئۇ ساھابەنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. بىرنەچچە ھەدىس ئوتتۇرىسىدا مەزمۇن ئورتاقلىقى بولسا شۇنداقلا ئىسمى ئوخشاش بولغان ساھابەلەر بولسا ئۇنى ئايرىم بابتا بايان قىلغان. بىر ساھابەدىن بىرقانچە تابىئىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولسا، ھەربىر تابىئىننىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەن. ئەسەرنى ئابدۇلمەجىد سەلەفىي (ئىراق، ھ. 1404/م. 1983) بەش توم فىھرىست (مۇندەرىجە) بىلەن 25 توم قىلىپ نەشر قىلغان. لېكىن، 13 – 16 ۋە 21 – توملىرى كەمتۈك نەشر قىلىنغان. كېيىن 13 – تومنى (931 ھەدىس)، 14 – تومنى (474 ھەدىس) ۋە 21 – تومدىن بىر پارچىنى (216 ھەدىس) تېپىپ نەشر قىلغان. نەتىجىدە 15 – 16 – توملىرى، شۇنداقلا 21 – تومنىڭ كەم قىسمىلا (2000 ھەدىس ئەتراپىدا) نەشر قىلىنمىغان. نەشر قىلىنغان قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ساھابەلەر 1600 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردىن جەمئىي 22 مىڭ 21 ھەدىس كەلتۈرۈلگەندۇر. تېپىلمىغان قىسمى بىلەن ھېسابلىغاندا، جەمئىي 25 مىڭ ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېپىلمىغان قىسمىدىكى ھەدىسلەر مۇئەللىفنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا باشقا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە تېپىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 635 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەلئۇم (ئانا/الْأُمُّ): كۆپ قىسمىنى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان شافىئىي مەزھەبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇجتەھىد ئىمام شافىئىي (ھ. 150/م. 767، غەززە – ھ. 204/م. 820، مىسىر) رەھىمەھۇللاھ ئۆزى يازغان ۋە بىر قىسمىنى شاگىرتلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ يازدۇرغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، ئىسلام فىقھىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي مىراسلارنىڭ بىرىدۇر. ئىمام شافىئىي كىتابتا 4000 غا يېقىن ھەدىسنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرىدۇ ۋە سېلىشتۇرما فىقھ تەتقىقاتىنى ئۇسۇلۇلفىقھ بىلەن باغلاپ سۇنىدۇ. ئىمام شافىئىي بۇ كىتابنى مىسىردا ئۆتكۈزگەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تۆت يىلىدا يازغان بولغاچقا، ئەسەر ئۇنىڭ «يېڭى فىقھ قاراشلىرى»غا، پىكرىنىڭ سۈزمىسىگە، ئەڭ ئاخىرقى ئىجتىھادىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۇر كىتاب يەنە ئىلگىرىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىمام شافىئىي بىلەن دەۋرداش بولغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئوقۇرمەنلەردە ئاكادېمىك ئىقتىدار يېتىلدۈرىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەمىرۇلمۇئمىنىن/مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفەسى (أَمِيْرُ الْمُؤْمِنِيْنَ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ راشىد خەلىفىلىرىدىن ئىككىنچى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدىن تارتىپ ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەئىسىگە بېرىلگەن سىياسىي ئۇنۋان/ئاتاق. كېيىن بۇ ئاتاق ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە «خەلىفە» دېگەن نام بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلىپ كەلگەندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 229 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

ئەنئەنە (الْعَنْعَنَة): ئەرەبچە پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دېگەندىكى شەخستىن شەخسكە يېتىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدىغان «- دىن/ – تىن» مەنىسىدىكى «ئەن» ھەرپىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەنئەنە» كەلىمەسىمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ھەدىسنى پالانى پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دەپ سۆزلەپ بېرىشنى ياكى ئاڭلىغانلىقنى، ياكى خەۋەر بەرگەنلىكنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «مۇئەنئەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ تۇتىشىشىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەردىن بولماستىن، بىر خىل ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، مۇھەددىسلەر بۇ خىل مۇئەنئەن ھەدىسلەرنى راۋىيلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، مۇدەللىس بولماسلىقى شەرتى بىلەن سەنەدى تۇتاشقان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 556 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئەنبەر (Ambergris): بىر خىل مۇمسىمان ئۆتكۈر خۇشپۇراقلىق ماددا بولۇپ، كۈل رەڭ، قارا، ئاق ياكى سېرىق رەڭلىكلىرى ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن ئەڭ قىممەت ھەم ئەڭ ئېسىل ئەتىر ۋە خۇشپۇراقلار ياسىلىدۇ. ئەنبەر ئىلمىي ساھەدە (Bilaenopetra musculus) دەپ ئاتىلىدىغان ئىپار كىتىنىڭ ئۈچىيىدىن ئېلىنىدۇ، بەزىدە ئىپار كىتى دېڭىزغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن دېڭىزدىن ياكى قىرغاقتىن سۈزۈۋېلىنىدۇ.

ئەنبىجانچە تون (أَنْبِجَانِيَّةُ): بۈگۈنكى سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تەخمىنەن بۈگۈنكى «مۇنبىج» تەرەپلەردىن چىقىدىغان بىر تۈرلۈك ﺳﯩﺪﺍﻡ يۇڭ ئېگىن. بۇ رايوندا توقۇلغان ئېگىن – لىباسلار رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنەتتى. «‹ئەنبىجان› دېگەن جايدىن كەلتۈرۈلىدىغان يۇڭ تون» دېگەنلەرمۇ بار. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/320؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/93، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

ئەنسارلار (الأَنْصَارُ): «ياردەمچىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنە خەلقى بولغان ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئورتاق نامىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىپ، مەككەدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنى پاناھلاندۇرغانلىقى ۋە ئىسلامىيەت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 100 -، 117 -؛ 8/«ئەنفال»: 72 – 74 ۋە 59/«ھەشر»: 9 – ئايەتلەر) دە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، بۇ نامنى ئۆزى بەرگەن. نىسبەت بېرىلسە «ئەنسارىي» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 234 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئەھلى بەيت (أَهْلُ الْبَيْتِ): ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قارىشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە، كۈيئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شىئەلەرنىڭمۇ قارىشى. يەنە بىر قاراشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە بىر قاراشتا زاكات ئېلىش ھارام بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباس، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغۇللىرى ئەقىيل، جەئفەر ۋە ئەينى ۋاقىتتا كۈيئوغلى بولمىش ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

ئەھلى زاھىر (أَهْلُ الظَّاهِرِ/الظَّاهِرِيَّةُ): ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ زاھىرىي مەناسىغا ئېسىلىپ قىياسنى ئىنكار قىلىدىغان فىقھىي مەزھەب بولغان «زاھىرىي مەزھەب» ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسچىسى داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەززاھىرىي (ھ. 200 ياكى 202 – 270/م. 815 ياكى 817 – 884)، مەزھەبنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىلى ئىمام ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 384 – 456/م. 994 – 1064) دۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 51 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ئەھلىسەلىب (الصَّلِيْبِيُّوْنَ/Crusaders): ياۋروپادىكى خرىستىئان مۇرىدلىرىنىڭ مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىم (قۇددۇس) نى ئىگىلەش ھەمدە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شەرققە 1094 – 1272 – يىللار ئارىسى بىرقانچە قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشقان ياۋروپا خرىستىيانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كىيىملىرىگە ۋە قوراللىرىغا سەلىب (كرېست) بەلگىسىنى قادىۋالغان. شۇڭا، ئەھلىسەلىب دەپ ئاتالغان.

ئەھۋاز (الأَهْوَازُ): ئەھۋاز (الأَهْوَازُ) ياكى ئەخۋاز (الأحواز): ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر شەھەرنىڭ نامى بولۇپ، فارسچە «ھورموشىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/284. دەسلەپكى ئىسلام مەنبەلىرىدە دۇجەيل دەپ ئاتىلىدىغان قارۇن دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا قۇرۇلغان ئەھۋاز شەھرى ئېلام پادىشاھلىقىنىڭ (م. ب. 3000 – م. ب. 646) باششەھرى ئىدى. ساسانىي ھۆكۈمدارى ئەردەشىر I (م. 224 – 242) بۇ يەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن يېقىن ئەتراپقا يېڭى بىر شەھەرنى بىنا قىلىپ ھۇرمۇز ئەردەشىر (ھورموشىر) دەپ ئاتىغان. مۇسۇلمان جۇغراپىيەچىلىرى سۇقۇلئەھۋاز (خۇزلارنىڭ بازىرى) دەپ قەيت قىلغان شەھەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاددىي قىلىپ ئەھۋاز ياكى ئەخۋاز دېيىلىپ قالغان. شەھەر ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىن ھىجرىيە 19 ياكى 21 – يىلى، يەنى مىلادى 640 – يىلى ياكى 42-641 – يىللىرى فەتىھ قىلىنغان. ئەھۋاز (أهواز) كۈنىمىزدە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ، 1.5 مىليون ئەتراپىدىكى نۇپۇسى بىلەن ئىراننىڭ ئالتىنچى چوڭ شەھىرىدۇر.

ئەۋالىي (الْعَوَالِي): «ئۈستۈن مەھەللىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنەنىڭ نەجد تەرەپىدىكى (يەنى شەرقىدىكى) 2 مىلدىن 8 مىلغىچە يىراقلىققا جايلاشقان كەنتلەر «ئۈستۈن مەھەللىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. تىھامە تەرىپىدىكى (يەنى غەربىدىكى) كەنتلەر بولسا «ئاستىن مەھەللىلەر (السَّافِلَةُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/37، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز. بۇ خۇددى ۋەتىنىمىزنىڭ ئاتۇش دىيارىدا قوللىنىلىۋاتقان «ئاستىن ئاتۇش، ئۈستۈن ئاتۇش» ئاتالغۇلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «يۇقارقى/تۆۋەنكى» شەكلىدىمۇ قوللىنىدىغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن جۇغراپىيەلىك تەرەپلەرگە ئەمەس، يەر تۈزۈلۈشىگە، يەنى سۇنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېقىشىغا باغلىق ئۇقۇملاردۇر.

ﺋﻪﺋﺮﺍبىيلەﺭ (الْأَعْرَابُ): مەلۇم شەھەر – يېزىغا يەرلەشمەي قىردا ياشايدىغان كۆچمەن ئەرەبلەر.

ئەينۇتتەمر (عَيْنُ التَّمْرِ): ئىراقتىكى كۇفە شەھرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەنبارغا يېقىن بىر كەنت. ھىجرىيە 12 – يىلى خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوماندانلىقىدا فەتىھ قىلىنغان. خورما ۋە شېكەر قومۇشى كۆپ چىقىدۇ. كۈنىمىزدە كەربالا شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/176؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/576.

ئەيكەلىكلەر (أَصْحَابُ الأَيْكَةِ): قاراڭ: مەديەن ئاھالىسى (أَهْلُ مَدْيَنَ).

ئەيلە (أَيْلَةَ): قۇلزۇم (قىزىل) دېڭىزىنىڭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ جايلاشقان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ھىجازنىڭ ئاخىرى، شامنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ 7/«ئەئراف»: 163 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «شەنبە كۈنى بېلىق تۇتماسلىق چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان يەھۇدىيلەر ئولتۇراقلاشقان شەھەر» ئەيلە شەھىرىدۇر ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ بولۇپ، ھازىر ئىئوردانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەقەبە شەھرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خارابىلىككە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 10/507؛ ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/292؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 39 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

ئەين جالۇت ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ عَيْنِ جَالُوْتَ/Battle of Ain Jalut): ھ. 658 – يىلى 25 – رامازان/ م. 1260 – يىلى 3 – سېنتەبىر كۈنى بەھرىيە مەملۇك سۇلتانى سەيفۇددىن قوتۇز ۋە ئىلغار قىسىمنىڭ قوماندانى بايبارس رەھبەرلىكىدىكى مەملۇك قوشۇنلىرى بىلەن تېگى تۈرك بولغان كەتبۇغا نويان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئىلخانىي خانى ھىلاكۇ قوشۇنلىرى ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، باش قوماندان كەتبۇغا ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋە سۇرىيە قاتارلىق ئىسلام ئالەمى شۇنداقلا پۈتۈن ياۋروپا موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر مەيدان تارىخىي ئۇرۇشتۇر.

ﺑﺎبىل (بَابِلُ/Babylon): قەدىمكى مىسسوپوتامىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مەشھۇر شەھىرى. ئەرەبلەر قەدىمكى زامانلاردىن بېرى كۈنىمىزدىكى باغداتنىڭ 88 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ھىللە بازىرى يېقىنلىرىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بابىل، قەسر، ئامران ئىبن ئەلى، ئىسنۇل ئەسۋەد، جۇمجۇمە، ھۇمەيرا ۋە مەركەز قاتارلىق يەتتە تۆپە ئۈستىگە يېيىلغان قالدۇقلارنى «ئەتلالۇ بابىل (قەدىمىي بابىل شەھىرىنىڭ خارابەلىرى)» دەپ ئاتايتتى.

باتىل/ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ): قاراڭ: فاسىد (الْفَاسِدُ).

باتىنىيلار (الْبَاطِنِيَّةُ): «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دەپ، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ لەفزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تەئۋىل قىلىدىغان، كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغان تۈرلۈك ئازغۇن ۋە خەتەرلىك پىرقەلەرنىڭ ئورناق نامى بولۇپ، تارىختا قەرمەتىيلەر، فاتىمىيلار، ئىسمائىيلىيلار، ھەششاشىيلار، نۇسەيرىيلەر، پەيلاسوپلار، بەھائىيلار، بابىيلار، قادىيانىيلار، شىئەلەر ۋە بىر قىسىم سوپىلار كەبى پىكىر – ئېتىقادلىرى ئىنتايىن تۇتۇق ۋە مەخپىي تۇتۇلىدىغان ساناقسىز پىرقەلەر باتىنىيلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 163 – 186 – بەتلەر، قاھىرە، م. 2007.

باغىيلار (الْبُغَاةُ): ئەرەبچىدە «زۇلۇم قىلغۇچىلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلار»، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىرەر تەئۋىل بىلەن ھەق خەلىفە/دۆلەت رەئىسىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى قوراللىق ئىسيانچى تائىپە»دۇر. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ھۆكمىنى (49/«ھۇجۇرات»: 9) ئايەتتە بايان قىلغان. خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىققانلارمۇ، خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىپ، كېيىنچە ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىدىن باشقىچە ئەقىدە شەكىللەندۈرگەن بىدئەتچى «خاۋارىجلار»مۇ باغىيلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى ئورتاقلىقلار بولسىمۇ خاۋارىجلاردا گۇناھ – مەئسىيەت بىلەن كافىرغا چىقىرىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە قانلىرىنى ھالال ساناش قاتارلىق بۇزۇق ئەقىدە باردۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 8/130، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 341، 763 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 89، 179 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

بانكا مۇرابەھەسى (الْمُرَابَحَةُ المَصْرَفِيَّةُ/Banking Murabaha): كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋەھالەنكى، كۈنىمىزدە «ئىسلام بانكىسى» ئارقىلىق ئۆي ياكى ماشىنا دېگەندەك بىرنەرسە سېتىۋالماقچى بولغان بىر خېرىدار مەلۇم بىر «ئىسلام بانكىسى»غا ئەگەر مەزكۇر بانكا خېرىدار ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنى ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن سېتىۋالسا، مەلۇم پايدا بېرىپ مەزكۇر «ئىسلام بانكىسى»دىن نېسى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئىلتىماس سۇنىدۇ. «ئىسلام بانكىسى» بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. دېمەك، خېرىدار سېتىۋېلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، بانكا شۇ مۈلكنى ئۆزى ئېلىپ تەلەپتە بولغان خېرىدارغا يۇقىرىراق باھادا نېسى سېتىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ باھادا كېلىشىدۇ. دېمەك، بۇ ئۈچ تەرەپلىمىلىك سودا بولۇپ، بىرىنچىسى تاۋار سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدار؛ ئىككىنچىسى «ئىسلام بانكىسى»؛ ئۈچىنچىسى تاۋارنى ساتقۇچى. بۇ خىل پايدىسىغا سېتىشنى كۆرسىتىدىغان پەقەتلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان سودا كلاسسىك مۇرابەھەدىن پەرقلىنىشى ئۈچۈن «ئىسلام بانكىلىرىدىكى مۇرابەھە سودىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. نەتىجىدە بۇ سودا تۈرىدە شەرئىي ئۆلچەملەر تېپىلمايدىغان بولغاچقا، ئۆسۈملۈك قەرزدىن پەرقسىز بولۇپ قالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1486 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 8 – شەرئىي ئۆلچەم. (هـ) قوشۇمچىسى، 234 – بەت.

بەتھاﺋ/مەككە بەتھائسى (الْبَطْحَاءُ/بَطْحَاءُ مَكَّةَ): «ئەبتاھ»، «ئەلمۇھەسسەب»، «ئەلمۇھەسسەب ۋادىسى» ۋە «بەنى كىنانەنىڭ تاغ باغرى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەككەدىكى ئىبراھىم ۋادىسىدىكى ساي بولۇپ، مىنا بىلەن مەسجىدى ھەرەم ئوتتۇرىدىكى ھەجۇن مەھەللىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستۈن تەرىپى «ئەبتاھ»، ئاستىن تەرىپى «مەسفەلە» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/288، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 1/212، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010.

بەدر غازىتى (غَزْوَةُ بَدْرٍ): بەدر مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى كارۋان يولىغا جايلاشقان بىر كەنت بولۇپ، مەككەگە 310، مەدىنەگە 155، دېڭىز قىرغىقىغا 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. بەدر غازىتى بولسا ھ. 2 – يىلى رامازان/م. 624 – يىلى مارت ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ باشچىلىقىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن بولۇپ 313 ساھابەدىن تەشكىل تاپقان ئىسلام قوشۇنى بىلەن 1000 كىشىلىك قۇرەيش مۇشرىكلىرى قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرى قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا كاتتا نۇسرەت ئاتا قىلغان بۇ ئۇرۇش كۇفۇر بىلەن ئىسلام كۈرىشى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇرۇش قىلغان تۇنجى غازات ھېسابلىنىدۇ. بۇ غازاتقا قاتناشقانلار ساھابە كىراملارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولۇپ، ئۇلار «بەدرىي (الْبَدْرِيُّ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 7/291؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 265 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

بەدرىي (الْبَدْرِيُّ): قاراڭ: بەدر غازىتى (غَزْوَةُ بَدْرٍ).

بەدىيھىي (بَدِيهِيٌّ): ئەرەبچىدە «ئىشنىڭ ئەۋۋىلى، دەرھال ۋە ئۇزۇن ئويلانماستىنلا روشەن بولۇش» دېگەن مەنىسىدىكى بەدىيھە (البَدِيهَةُ) گە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىر جاۋاب كىشىگە «بەدىيھە ئىگىسى (صاحبُ بَدِيهَةٍ)» دېيىلىدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىلىم «بەدىيھىي»، «زۆرۈرىي» ۋە «ئىستىدلالىي» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بەدىيھىي: «بىلىش ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا ياكى مۇقەددىمەگە قاراشلىق بولمىغان، ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان ھۆكۈم»دۇر. هازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا «ئاكسىئوما» دېيىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىش شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە جەزم قىلىنىدىغان، ئەقىل قوبۇل قىلىشتىن باش تارتالمايدىغان ھۆكۈملەرگىلا، جىمى ئىنسانلار رەت قىلمايدىغان ۋە پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان قائىدە – پرىنسىپلارغىلا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلىش، ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلىش، پۈتۈننىڭ پارچىدىن چوڭلۇقى، شۇنداقلا بارلىق ۋە يوقلۇقنىڭ بىرنەرسىدە تەڭلا جەملەشمەيدىغانلىقى ھەم بىرنەرسىدىن تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەستىقلاش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى مىساللاردا بەدىيھىي زۆرۈرىي بىلەن مەنىداش ياكى زۆرۈرىيدىنمۇ خاسراق دېيىش مۇمكىن. كۆپلۈكى بەدىيھىييات (بَدِيهِيَّاتٌ) تۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»،1/44؛ تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 40 – بەت، خەلق نەشرىياتى، م. 1990؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 200 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 268 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 325 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

بەرائەت كېچىسى (ليلَةُ البَراءةِ): ئەرەبچىدە: «كەچۈرۈم قىلىنىش، ئاقلىنىش كېچىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: ھىجرىي كالېندار بويىچە 8 – ئاي بولمىش شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كېچىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كېچىدە خالايىقنى مەغفىرەت قىلىۋېتىشى ۋە باشقا پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرگە ئاساسەن شۇنداق ئاتالغان. لېكىن، بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىدە مۇھەددىسلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان.

بەرك ئەلغىماد (بَرْكُ الْغِمَادِ): ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، مەككە مۇكەررەمەگە تەخمىنەن 475 كىلومېتر، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە تەخمىنەن 899 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەسىر رايونىغا تەۋە بەرك ۋىلايەتىنىڭ مەركىزىدۇر.

بەرىد (الْبَرِيدُ): ئەسلىدە «بەرىيدە دەم» دېگەن فارسچە سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «قۇيرۇقى كېسىۋېتىلىپ بەلگە قىلىنغان پوچتا، ئۇچۇر – ئالاقە ئۈچۈن تەق قىلىنغان قېچىر» دېگەن مەنىدە. ئەرەبچىدە ئاشۇ قېچىرغا مىنىپ خەت توشۇيدىغان كىشى ياكى ئەلچى «بەرىد» دەپ ئاتالغان، يەنە ئىككى پوچتا نۇقتىسى ئارىلىقىدىكى مۇساپىمۇ «بەرىد» دەپ ئاتالغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: «نامازنى قەسىر قىلىپ، روزىدار ئېغىز ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا سەپەر مۇساپىسىنى بەلگىلەشتە ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ» بولۇپ، فۇقەھائ‍ بىر بەرىد تۆت فەرسەخ ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا. بۇ 22 كىلومېتىر 260 مېتىرگە باراۋەر. دېمەك، ناماز قەسىر قىلىنىدىغان تۆت بەرىد 89 كىلومېتىرغا باراۋەر كېلىدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 3/82، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 8/80، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «الْمَكَايِيْلُ وَالْمَوَازِيْنُ الشَّرْعِيَّةُ (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 55 – بەت.

بەرىكەت (الْبَرَكَةُ): ئەرەبچىدە «ئاۋۇماق، زىيادە بولماق، بەخت – سائادەت ۋە پاراۋانلىق»نى كۆرسىتىدۇ. «تەبرىكلەش (التَّبْرِيكُ)»، تەبەررۈك/تەۋەررۈك (التَّبَرُّكُ): ئەرەبچىدە «بەرىكەت تىلەش» دېمەكتۇر. بەرىكەت بار بولغان نەرسە «مۇبارەك» بولىدۇ. «بارەكەللاھ»: ئاللاھ ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن دېگەنلىك بولىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئىلاھىي خەيرلىكنىڭ بىرنەرسىدە ئىسپاتلىنىشى»دىن ئىبارەت. بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 10/69، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

بەھائىيلەر (الْبَهَائِيَّةُ): 19 – ئەسىردە ئىراندا ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن بابىييە تائىپىسىنىڭ داۋامى بولغان بىر تائىپە. پەلسەپەسى ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ ۋە ئاشقۇن سوپىلارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقتا خرىستىيانلىق تۈسى ئالىدۇ، دۇنياۋىيلىككە ئىنتىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەگەشكۈچىلىرى بار. «بەھائۇللاھ» دەپ نام ئالغان قۇرغۇچىسى مىرزا ھۈسەين ئەلى نۇرىي مازەندارانىي (ھ. 1233 – 1309/م. 1817 – 1892) غا نىسبەت بېرىلىپ «بەھائىييە» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

بەھىرە (الْبَحِيرَةُ): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر تۆگە بەش قېتىم بوتىلىسا ۋە ئاخىرقى بوتىلىقى ئەركەك بولسا، ئۇ تۆگىنىڭ قۇلاقلىرىنى پىچىشەتتى ۋە ئۇنىڭغا مىنىشنى ھارام دەپ قارىشاتتى. ئۇ تۆگە بوغۇزلانمايتتى، ئۈستىگە يۈك ئارتىلمايتتى، ئوت ۋە سۇلاردىن قوغلانمايتتى، ئاتالمىش خۇدالىرى ئۈچۈن ئەركىن قويۇپ بېرىلەتتى، بۇنىڭغا «بـەھىـرە (قۇلىقى پىچىلغان)» دېگەن نام بېرىلەتتى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

بەنى مۇستالىق غازىتى/مۇرەﻳﺴﯩﺌ غازىتى (غَزْوَةُ بَنِي الْمُصْطَلِقِ/غَزْوَةُ الْمُرَيْسِيْعِ): بەنى مۇستالىق قەھتانىيلەرگە مەنسۇب خۇزائە قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقى بولۇپ، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. قۇرەيشلىكلەر پۈتۈن ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خەندەك ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغاندا، بەنى مۇستالىق رەئىسى ھارىس ئىبنى ئەبۇ دىرار مۇرەﻳﺴﯩﺌ سۈيىنىڭ بېشىدا بارىگاھ قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەتراپتىكى قەبىلە – ئۇرۇقلارنىمۇ كۈشكۈرتۈپ چېرىك توپلاشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن ۋاقىف بولغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھ. 5 – يىلى شەئباننىڭ 2 سى (626 – يىلى 27 – دېكابىر) 30ى ئاتلىق 700 كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن مۇرەيسىئگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان بەزى مۇشرىكلەر قاچىدۇ. قالغانلار ئىسلام قوشۇنى يېتىپ كەلگەندە مۇسۇلمان بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش باشلايدۇ ۋە مۇسۇلمانلار غالىب كېلىدۇ. دۈشمەندىن 10 كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، 600 ياكى 700 كىشى ئەسىر، 2000 تۆگە ۋە 5000 قوي قاتارلىق نۇرغۇن ئولجا قولغا چۈشىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى زەپەر بىلەن قايتىۋاتقاندا مۇناپىقلار بۇنىڭغا چىدىماي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بوھتان چاپلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلەرگە ئازار بەرمەكچى بولغاندۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/4، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «بەنى مۇستالىق» ماددىسى، 31/360 – 361. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2020.

بەنى ئىسرائىل (بَنِي إِسْرَائِيْلَ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ۋە ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بولغان يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دېگەنلىك بولۇپ، ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقەبىدۇر. بەنى ئىسرائىل دېگەن ۋاقىتتا «يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، كېيىنچە ئومۇمەن ئۇلاردىن تاكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ھەتتا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىغىچە داۋاملاشقان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىيلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلىرى «ناسارا»، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان ئېيتقانلىرى بولسا «ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفِسِيْرِ (تەفسىر كىتابلىرىدىكى ئىسرائىلىييات ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر)»، 13، 14 – بەتلەر، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، قاھىرە، ھ. 1408.

بەيداﺋ (الْبَيْدَاءُ): قەدىمكى يەسرىب (مەدىنە مۇنەۋۋەرە) نىڭ 9 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دەل – دەرەخ ئۈنمەيدىغان كەڭ سەھرادۇر. ھازىرقى مەككە/جىددە – مەدىنە تاش يولى ئۇنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. بەيدائنىڭ باش قىسمى زۇلھۇلەيفەنىڭ ئايىغىدىن باشلانسا، ئايىغى كۈنىمىزدىكى مەدىنە شەھەرلىك تېلگراف ئىدارىسى بېكىتى (تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بار رايون) نىڭ ئارقىسىدىكى تاغلارغا بېرىپ توختايدۇ. قاراڭ: ئەھمەد ياسىن ئەلخىيارىي: «تَارِيْخُ مَعَالِمِ الْمَدِيْنَةِ الْمُنَوَّرَةِ قَدِيْماً وَحَدِيْثاً (مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەشھۇر جايلىرىنىڭ تارىخى)»، 240 – بەت، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەدەبىيات كۇلۇبى، ھـ. 1410/م. 1990.

براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﯩﺰﻡ مىلادىدىن ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براخمانىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 330 – ﺑﻪﺕ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.

بۇرھان (الْبُرْهَانُ ج الْبَرَاهِينُ): ئەرەبچىدە «روشەن، كەسكىن ھۆججەت ۋە پاكىت» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «زېھىن ئېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىدىن نائېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت؛ «زېھىن قارشى تەرەپ ئىنكار قىلمايدىغان ھۆكۈملۈك جۈملىدىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىشىدىن قاچقىلى بولمايدىغان يەنە بىر ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت دەپمۇ تەرىپلەنگەن. دېمەك، بۇرھان يەقىينىييات (چىنپۈتۈلىدىغان شەكسىز ھەقىقەتلەر) تىن تۈزۈلگەن قىياس بولۇپ، بۇرھان قارشى تەرەپنىڭ ھۆججەت، پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ھۆججەتتۇر. ئۇ ئىننىي بۇرھان (بُرْهَانٌ إِنِّي)، لىممىي بۇرھان (بُرْهَانٌ لِمِّيٌّ) … قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىننىي بۇرھان (بُرْهَانٌ إِنِّي): ئىننىي مەۋجۇدلۇق مەنىسىدە بولۇپ، دەلىللەشتە بىرنەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلماستىن دەلىللەيدىغان بۇرھاندۇر. مەسىلەن، كۈندۈزنىڭ بارلىقى بىلەن قۇياشنىڭ چىققانلىقىنى دەلىللەش. مەلۇمكى، قۇياشنىڭ چىقىشى كۈندۈزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتىدۇر. لېكىن قۇياشنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ كۈندۈز ۋۇجۇدقا چىققان بولسا، قۇياشنىڭ چىققانلىقى دەلىللىنىدۇ. يارالغۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن ياراتقۇچى (خالىق) نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەشمۇ شۇنداق. لىممىي بۇرھان (بُرْهَانٌ لِمِّيٌّ): لىممىي نىچۈن مەنىسىدە بولۇپ، دەلىللەشتە ئىللەتنى بىلىشتىن مەئلۇلنى بىلىشكە يۆتكىلىدىغان بۇرھاندۇر. مەسىلەن، قۇياشنىڭ چىققانلىقى بىلەن كۈندۈزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەش، ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن يارالغۇچىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەش. بۇ ئەڭ كۈچلۈك بۇرھاندۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/53، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 64 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 280 – بەت.

بۇسرا (بُصْرَى): ئۆز ۋاقتىدىكى رۇم ئىمپېرىيەسىگە بېقىندى بولغان خرىستىيان ئەرەب غەسسانىيلەر ئەمىرلىكىنىڭ پايتەختى. يەنى تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان شامدىكى قەدىمىي بىر شەھەر بولۇپ، دەمەشققە 140 كىلومېتىر كېلىدۇ. هازىر سۇرىيەنىڭ ئىئوردانىيە چېگراسىغا يېقىن «دەرئا» ۋىلايەتىگە تەۋەدۇر.

بۇئاس (بُعَاث): يەر نامى بولۇپ، مەدىنەلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئارىسىدا 120 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى دەل مۇشۇ بۇئاستا يۈز بەرگەن. بۇئاس ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن «يەسرىب» دەپ ئاتالغان مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئىككى فەرسەخ (11 كىلومېتىر) يىراقلىقتا بولغان بەنى قۇرەيزەگە تەۋە رايون ئىچىدە ئىدى. ھىجرەتتىن بەش ياكى ئالتە يىل بۇرۇن (م. 617 – يىلى) يۈز بەرگەن ۋە «يەۋمى بۇئاس» دەپ تونۇلغان بۇ ئۇرۇش ئەۋس قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ خەزرەج قەبىلىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر يات كىشىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلانغان. ھەر ئىككى قەبىلىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن بۇ توقۇنۇش خەزرەج رەھبىرى ئەمر ئىبنى نۇئماننىڭ بىر ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئەۋسلىكلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن. (ئەينى چاغدا) «بۇئاس ئۇرۇشى»نى خاتىرىلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلار يېزىلغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/269، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «بۇئاس» ماددىسى، 6/340، ئىستانبۇل، م. 2012.

بېخىللىق (الْبُخْلُ): ئىچكى بېخىللىقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى مال – دۇنيانى ئۆزىنىڭلا قىلىۋېلىپ، باشقىلارنى مەھرۇم قويىدىغان، بولۇپمۇ ئاجىزلار، كەمبەغەللەر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆز ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدىغان دەرىجىدە مال – دۇنيانى قاتتىق ياخشى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك ئېغىر شەخسىيەتچىلىكتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 449 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

بىدئەت (الْبِدْعَةُ): ئەرەبچىدىكى «ئىجاد قىلماق، يېڭىلىق ياراتماق، ئۆرنىكى كۆرۈلمىگەن بىرنەرسىنى قىلماق» دېگەن مەنىدىكى «بدع» يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن بىدئەت: ئىلگىرى ئوخشىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان، كېيىنچە پەيدا بولغان نەرسىدۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا بىدئەتنى تەرىپلەشتە ئىككى يۆنىلىش بار: بىرى، ئىمام شافىئىي باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ئەرەب تىلىدىكى ئومۇم مەناسىنى ۋە :«كىمكى ئىسلامدا بىرەر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا (تۇنجى يولغا قويغۇچىغا) شۇ ئىشنىڭ ئەجرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قانچىلىك ئادەم قىلسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەجىر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ (ئەگەشكۈچىلەرنىڭ) ئەجىرلىرىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمكى ئىسلامدا بىرەر يامان ئىشنى باشلاپ بەرسە، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قانچىلىك ئادەم قىلسا، ئۇنىڭغا (تۇنجى باشلاتقۇچىغا) شۇنچىلىك گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ (ئەگەشكۈچىلەرنىڭ) گۇناھىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ»(مۇسلىم: 1017) دېگەن ھەدىسنى ۋە خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەراۋىھنى بىر قارىي ئارقىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى «بۇ نېمىدېگەن ياخشى بىدئەت (يېڭىلىق) – ھە»(بۇخارىي: 2010) دېگىنىنى ئاساس قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولغان ياخشى – يامان ھەممە يېڭىلىقلارنى بىدئەت دەپ چۈشەنگەن ۋە: «ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا قىلىنغانلىرىدۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر»(مۇسلىم: 867)، «(دىنغا) يېڭىدىن پەيدا قىلىپ قوشۇپ قويۇلغان ھەرقانداق ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن يېڭى پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش بىدئەتتۇر. ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»(ئەبۇ داۋۇد: 4607) دېگەن ھەدىسلىرى بىلەن بۇ چۈشەنچىسىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، بىدئەتنى ياخشى ۋە يامان دەپ ئىككىگە ئايرىشنى مۇناسىپ كۆرگەن. قۇرئاننى بىر مۇسھەف قىلىپ جەملەش، تەراۋىھنى مەسجىدنىڭ ھەممە جامائىتى بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنى قۇرۇش كەبى يېڭىلىقلار ياخشى بىدئەتنىڭ، قەبرە قاتۇرۇشتەك ئىشلار يامان بىدئەتنىڭ مىسالىدۇر. بۇ ئىزاھاتقا ئاساسەن ھەدىسلەردە ئازغۇنلۇق دەپ سۈپەتلەنگىنى يامان بىدئەتتۇر.

ئىمام مالىك باشچىلىقىدىكى يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار بىدئەتنى تار دائىرىدە چۈشىنىپ، ئۇنى «ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا قىلىنغانلىرىدۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر»(مۇسلىم: 867) دېگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەمەلگە قوشۇلغان ياكى ئۇنىڭدىن كېمەيتىلگەن ھەرقانداق نەرسە» دەپ تەرىپلىگەن. بۇ تەرىپ بويىچە دىنغا مۇناسىۋەتسىز ۋە دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئىشلار بىدئەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

ئىمام ئىبراھىم ئىبنى مۇسا شاتىبىي (ھ. 720 – 790/م. 1320 – 1388) بىدئەت تېمىسىدا ئالاھىدە توختالغان «ئەلئىئتىسام (الاعتصام)» ناملىق ئەسەرىدە بىدئەتنى «تېخىمۇ ياخشى ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە كېيىن ئىجاد قىلىنغان، شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇق تۈسىنى ئالغان يول» دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن دىنىي تۈس ئالمىغان ئىشلار بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى ساغلاملىقنى كۆزلەپ ھالال بىر يېمەكتىن پەرھىز تۇتۇشى بىدئەت بولمايدۇ. لېكىن، «بۇ پەرھىزنى دىن بۇيرۇغان» دېسە، بىدئەت بولىدۇ.

مەزكۇر ئىككى يۆنىلىش ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب پەقەت ئاتاشتىكى چۈشىنىشمەسلىك بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ دىندىن بولمىغان، كېيىن پەيدا قىلىنغان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەمەللەرنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغىنىدەك، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ۋە دىنغا زىت بولمىغان يېڭى پىكىر ۋە ئىشلارنى بىرىنچى يۆنىلىشتىكىلەر «ياخشى بىدئەت» دەپ ئاتىسا، ئىككىنچى يۆنىلىشتىكىلەر بۇلارنى «بىدئەت» دائىرىسىگە كىرگۈزمەيدۇ.

بىدئەت بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ياخشى ياكى يامان دەپ ئايرىلغىنىدەك، يەنە ھېچبىر دەلىل ياكى ئاساسقا تايانمىغاننى «ھەقىقىي بىدئەت»، مەلۇم ئاساسى بار، لېكىن قوشۇمچە مەزمۇن پەيدا قىلىنغانلىرىنى «ئىزافىي بىدئەت» دەپ ئايرىشمۇ، ئېتىقادقا ئالاقىدار ۋە ئەمەلگە ئالاقىدار دەپ ئايرىشمۇ، ئەمەل قىلىشقا ئالاقىدار بولغىنىنى «ئەمەلىي بىدئەت»، تەرككە ئالاقىدار بولغىنىنى «تەركىي بىدئەت» دەپ ئايرىشمۇ بار. قاراڭ: رەھمىي ياران: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «بىدئەت» ماددىسى، 6/129 – 131، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 1992.

بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس/مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس (مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ): مەلۇم بىر ھەدىسنىڭ ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ «سەھىھەين» دەپ ئاتالغان «ئەلجامىئۇسسەھىھ» ۋە «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»لىرىنىڭ ئىككىلىسىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر. «سەھىھەين» بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بارلىق مۇھەددىسلەرنىڭ بىرلىككە كەلگىنىگە ئوخشاش دەپ قارىلىپ، مەزكۇر ئاتالغۇ بىر ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى/حَدَّثَنَا، بىزگە خەۋەر بەردى/أَخْبَرَنَا، (بىزگە مەلۇمات بەردى/أَنْبَأَنَا، ئاڭلىدىم/سَمِعْتُ: بۇ ئىبارىلەر ئادەتتە ھەدىس رىۋايەتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۆت خىل ئىبارە بولۇپ، ئىمام بۇخارىي ۋە ئۇستازى ھۇمەيدىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر «بۇ ئىبارىلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق» دەپ قارىسا، ئىمام تاھاۋىي، قازى ئىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھەددىسلەر قارىشىدا ئۇستازىدىن ھەدىس ئاڭلىغان كىشى يۇقىرىقى تۆت ئىبارىنىڭ قايسىبىرىنى قوللانسا ياكى «پالانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» ياكى «پالانى بىزگە مۇنداق دېدى»، «پالانى بىزگە مۇنداق بايان قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلسا جائىز بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى ئىبارىلەرگە ‹پالانى بىزگە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغىنىمىزدا ھەدىس سۆزلەپ بەردى (حَدَّثَنَا فُلاَنٌ قِرَاءَةً عَلَيْهِ)› دەپ قەيت قىلىپ رىۋايەت قىلمىسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان. بۇ كالامشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام شافىئىي، ئىمام مۇسلىم ۋە نەسائىي قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا ‹بىزگە ھەدىس ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ/حَدَّثَنَا› دېسە بولمايدۇ، ‹ بىزگە خەۋەر بەردى/أَخْبَرَنَا› دېسە بولىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ ھەدىس رىۋايەتىدىكى ئىستىلاھ مەسىلىسى بولۇپ، مۇھەددىسلەر «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ/حَدَّثَنَا» دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانغا خاس قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىككى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ رىۋايەت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قارىغان. كېيىنكىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەن ھالدا ئەگەر ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان بولسا، «ماڭا سۆزلەپ بەردى/حَدَّثَنِي» ياكى «ماڭا خەۋەر بەردى/أَخْبَرَنِي» ياكى «ئاڭلىدىم/سَمِعْتُ» دەپ ئىپادىلەپ، باشقىلار بىلەن بىللە ئاڭلىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىدەك كۆپلۈك ھالىتىدە ئىپادىلەشنى توغرا تاپقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاجىب ئىش بولماستىن، ئىنچىكىلىك كۆزلەنگەن گۈزەل ئىستىلاھلاردۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/11، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز.

بىئرۇ جەمەل (بِئْرُ جَمَلٍ): ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنەنىڭ سىرتىدىكى تۆگە بېقىلىدىغان بىر جاينىڭ نامى. ئۇ جايدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈيىنى ئىچكەن ۋە سۈيىدە تاھارەت ئالغان مەدىنەنىڭ مەشھۇر يەتتە قۇدۇقىنىڭ بىرى بولغان بىئرى جەمەل (تۆگە قۇدۇقى) بار ئىدى. كۈنىمىزدە ئورنى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. نەسائىي: «بىئرى جەمەل تەرەپتىن كەلدى. ئۇ ئەقىقكە تەۋە جاي» دەپ رىۋايەت قىلغان. فەيرۇزئابادىي ئۇنى: «جۇرۇف تەرەپتە ئەقىقنىڭ ئايىغىدىكى تونۇلغان قۇدۇق» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/443؛ ئەھمەد ياسىن ئەلخىيارىي: «تَارِيْخُ مَعَالِمِ الْمَدِيْنَةِ الْمُنَوَّرَةِ قَدِيْماً وَحَدِيْثاً (مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەشھۇر جايلىرىنىڭ تارىخى)»، 278 – بەت، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەدەبىيات كۇلۇبى، ھـ. 1410/م. 1990.

 

Please follow and like us: