ئايال كىشىنىڭ چېچىنى سېتىشى توغرىمۇ؟

ئايال كىشىنىڭ چېچىنى سېتىشى توغرىمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشىنىڭ چېچىنى تاراش جەريانىدا چۈشكەن ياكى كەسكەن چېچىنى ساتسا بولامدۇ؟ مەھەللىمىزدىكى بەزى ئاياللار ساتسا بولمايدۇ دەپ مازارغا ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىدۇ، بەزىلىرى چاچ ئالغىلى كەلگەنلەرگە داس، چېلەك … دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تېگىشىدۇ، بۇ مەسىلىدە قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بارلىق ئالىملار ئادەمزات چېچىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. چۈنكى، ئادەمزات ئىززەتكە سازاۋەر مەخلۇقتۇر.

ئاللاھ تائالا: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 70) دېگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنساننىڭ پارچىسى سېتىلىدىغان تاۋار سۈپىتىدە خارلانسا بولمايدۇ.(1)

يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەمزات چېچىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاراملىقىغا ئايرىم بىر چەكلىمە كەلگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ چاچ ئۇلاپ قويغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى ئاياللارغا، گۈل چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېگەن.(2)

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاچ ئۇلاپ قويغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېگەن.(3)

چاچنى ئۇلاپ پايدىلانماسلىق، ئۇلىغان تەقدىردە، لەنەتكە ئۇچراش بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلانماسلىقنى، پايدىلانماسلىق، ئۇنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بىر ھەدىستە بۇنى «ساختىلىق» دەپ ئىزاھلىغان. چۈنكى، چاچنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش چاچ ئۇلاش ۋە كەيمە چاچ ياساش ئۈچۈن بولىدۇ.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەدىنەگە ئاخىرقى قېتىم كەلگىنىدە بىزگە خۇتبە سۆزلىدى، ئۇ بىر ئۆرۈم چاچنى ئېلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن يەھۇدىلاردىن باشقىلارنى بۇنداق ئىشنى قىلار دەپ قارىمايتتىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ئىشنى (چاچ ئۇلاشنى) ‹ساختىلىق› دەپ ئاتىغان».(4)

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى مەدىنە خەلقى! سىلەرنىڭ ئالىملىرىڭلار قەيەرگە كەتتى؟ مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاچ سېلىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى ۋە: ‹ئىسرائىل ئەۋلادى (ئۇلارنىڭ) ئاياللىرىنىڭ يالغان چاچ سالغانلىقى سەۋەبىدىن ھالاك بولغان› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېگەن.(5)

كېسەللىك سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ چاچ ئۇلاشقا، كەيمە چاچ كىيىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزلەپ بەردىكى، بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قىزىمنى نىكاھلاپ قويغان ئىدىم، كېيىن ئۇنىڭغا كېسەل تېگىپ چاچلىرى چۈشۈپ كەتتى. ئېرى مېنى ئۇنى تېزرەك يۆتكەپ ئاپىرىپ قويۇشقا ئالدىرىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا چاچ ئۇلاپ قويسام بولامدۇ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاچ ئۇلاپ قويغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى.(6)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنسارلاردىن بىر قىزچاق ياتلىق بولغان ئىدى، ئۇ ئاغرىپ قېلىپ چېچى چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسى ئۇنىڭغا چاچ ئۇلاپ قويماقچى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراشقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ چاچ ئۇلاپ قويغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېدى.(7)

لېكىن، چاچنى كەيمە چاچ ۋە چاچ ئۇلاشقا ئىشلىتىشنىڭ ھاراملىقى ئەرگە تېگىش ۋە ئېرىنى گوللاش قاتارلىق ئەھۋاللارغا خاس بولماستىن، بەلكى ئومۇميۈزلۈك ساختىلىققا قارىتا چەكلىمىدۇر. چۈنكى، تۆۋەندىكى ھەدىستە ئېرى چاچ ئۇلىۋېلىشقا بۇيرۇغان ئايال ھەققىدىمۇ لەنەت قىلىنغانلىقى كەلگەن.

سەفىيە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئەنسارىي ئايال قىزىنى ياتلىق قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ چېچى چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇ زاتقا بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ: قىزىمنىڭ يولدىشى مېنى قىزىمنىڭ چېچىنى ئۇلاپ قويۇشقا بۇيرىدى، دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ياق، بولمايدۇ، چاچ ئۇلىغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلىنغان» دېدى.(8)

مانا بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلمىغان قىزنى ئەمەس، كېسەل سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى ئېرى چاچ ئۇلاشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئېرىنىڭ بۇيرىغىنىنى قىلىشتىن توسقان. ھالبۇكى، بۇ ئەھۋالدا ئېرى بىلگەن بولغاچقا، ئېرىگە نىسبەتەن ساختىلىق، گوللاش بولمايتتى.

لېكىن، بۇ ئەھۋالدا ئېرىگە قارىتا ساختىلىق بولمىغىنى بىلەن، ئومۇم مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر خىل ساختىلىق ۋە باشقىچە كۆرۈنىۋېلىش بولىدىغانلىقى، ئىنسان ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىملىرىمىز چاچ سېتىشنى ۋە چاچتىن پايدىلىنىشنى ھارام دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭ ھېكمىتىنى ئىنساننىڭ ئىززىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ئېيتىدۇ: «ئادەمزاتنىڭ چېچىنى سېتىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئىززەت – ئىكرام بىلەن ھۆرمەتلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ بىرەر پارچىسى خارلانسا بولمايدۇ. چاچنى سېتىش ۋە ئىشلىتىش ئۇنى خارلاشتۇر. چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىلار ئىززەتلەنگەن ئىنساننى خارلىغانلىقى، ئىشلەتسە بولمايدىغان نەرسىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن لەنەتكە ئۇچرىغان».(9)

ئىمام مالىكمۇ چۈشۈرۈۋەتكەن چاچنى سېتىشنى يامان كۆرگەن.(10)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىماملىرىمىز دەيدۇكى، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، مەھرىمى بولسۇن، ياكى ئېرى، ياكى ياتلارنىڭ بولسۇن، ئادەمزاتنىڭ چېچىنىلا ئۇلىۋالىدىكەن، بۇ، ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا، ھارامدۇر. چۈنكى، چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىغا لەنەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەمزات چېچى ۋە باشقا بارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلىنىش، ئادەمزاتنىڭ ئىززىتىگە تاقىشىدىغان بولغاچقا، ھارام بولىدۇ».(11) ئىمام بەھۇتىي ئېيتىدۇ: «ئادەمزاتنىڭ ھۆرمىتى بولغاچقا، چېچىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ».(12)

يۇقىرىدا بۇ ھەقتە كەلگەن دەلىللەرنى ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئادەمزات چېچىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىش ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلىشتا ئىنساننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش بار بولۇپ، ئىنساننىڭ چېچىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئايرىم چەكلىمە كەلگەن. چاچ ئۇلىماسلىق ھەققىدىمۇ ئايرىم چەكلىمە ۋە لەنەت كەلگەن. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاياللارغىمۇ لەنەت قىلىنغان. بىر نەرسىنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنىدىكەن، ئۇنى سېتىپ پۇلىنى خەجلەشمۇ ھارام قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىيارىمىزدا چاچلار كافىرلارغا سېتىلىدۇ. ئۇلار ياسالما چاچلارنى قىممەت باھادا سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ. بۇ جەھەتتىن چاچنى سېتىش ساختىلىق ۋە ھارام ئىشقا ھەمكارلاشقانلىقلا بولماستىن، كافىرلارنى بېيىتىشمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ﴿گۇناھ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ھەمكارلاشماڭلار! ﴾(5/«مائىدە»: 2) دەپ بۇيرۇغان . مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاچ ئۇلاش بىلەن كەيمە چاچ كىيىشنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىشى دەپ قارىغان.

ئەمدى، كېسىۋېتىلگەن چاچلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەھلى ئىلىملىرىمىز چاچ – تىرناقلارنى كۆمۈۋېتىش ئەۋزەل ۋە مۇستەھەب دەپ قارىغان. بەزى ساھابەلەردىن شۇنداق قىلغانلىقى كەلگەن.

ئالىملار: ئىمكانىيەت تېپىلسا، چىش ۋە چاچ – تىرناقلارنى كۆمۈۋېتىشنى مۇستەھەب، خالىجايلارغا، ئەخلەتخانىلارغا تاشلىۋېتىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان.

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئىنسانلار ھايات چاغلىرىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى قىلمىدۇقمۇ؟﴾(77/«مۇرسەلات»: 25 – 26) دېگەن ئايەتلىرىنى مۇنداق تەفسىر قىلغان: «تىرىكلەر ئۇنىڭغا قان، چاچ ۋە تىرناقلىرىنى كۆمىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا ئۆلۈكلىرىڭلارنى دەپنە قىلىسىلەر» دەپ تەفسىر قىلغان.(13)

ئىمام نەۋەۋىي: «تېرىك ئادەمدىن ئاجرىغان چاچ ۋە تىرناق قاتارلىقلارنى كۆمۈۋېتىش مۇستەھەب بولىدۇ. شۇنداقلا ئالدۇرغان قانلارنىمۇ كۆمۈۋېتىدۇ» دېگەن.(14)

ئىبنى جۇرەيج رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاننى كۆمۈۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. مۇھەننا مۇنداق دېدى: مەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن:

—بىر كىشى چاچ – تىرناقلىرىنى ئالغاندا ئۇنى كۆمۈۋېتەمدۇ ياكى تاشلىۋېتەمدۇ، — دەپ سورىسام، ئۇ:

—كۆمۈۋېتىدۇ، — دېدى.

—بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە بىرەر كۆرسەتمە يەتتىمۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

—ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما كۆمۈۋېتەتتى، — دېدى.(15)

دېمەك، ئىنسان بەدىنىدىن چىققان نەرسىلەرنى كۆمۈۋېتىش، ئىنساننى ئىززەتلەش، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ، كېسەل تارقىلىشىنىڭ ۋە چەكلەنگەن ساھەلەردە ئىشلىتىلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

ھازىرقى بىنالاشقان شەھەر شارائىتىدا چاچ – تىرناقلارنى كۆمۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئەخلەتكە تاشلىۋەتسە بولىدۇ. تاھتاۋىي: «ئالغان تىرناقلىرىنى، چۈشۈرگەن چاچلىرىنى كۆمۈۋېتىشى كېرەك، تاشلىۋەتسىمۇ مەيلى» دېگەن.(16)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، چاچ ياكى كەيمە چاچ ساتىدىغانلار بۇ ئىشنى تاشلىشى، چاچ تىجارىتى قىلىدىغانلار بۇ تىجارەتنى تاشلاپ، ھالال كىرىم قىلىدىغان ئىش ئىزدىشى لازىم. بۇنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەي بۇ تىجارەتتىن پۇل تاپقان بولسا، تەۋبە قىلسا، بۇ تىجارەتتىن تاپقان پۇلنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ھاراملىقنى بىلىپ تۇرۇپ تىجارەت قىلغان بولسا، بۇ تىجارەتتىن تاپقان پۇللارنى ئومۇم مۇسۇلمانلار پايدىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. پەقەتلا سەرمايە پۇلنى ئېلىپ قېلىپ شۇنىڭدا باشقا تىجارەت قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 20 – سەپەر / م. 2014، 12 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 75 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 31/56.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5933)؛ «مۇسلىم»، (2122).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5936)؛ «مۇسلىم»، (2122).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5938)؛ «مۇسلىم»، (2127).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3468)؛ «مۇسلىم»، (2127).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5935)؛ «مۇسلىم»، (2122).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5934)؛ «مۇسلىم»، (2122).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5205)؛ «مۇسلىم»، (2123).
9. ئىبنۇل ھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 6/426؛ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 4/51.
10. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/49؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/328.
11. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/145.
12. بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/57.
13. سەفارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 3/329.
14. ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 2/117.
15. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/65؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/346.
16. تاھتاۋىي: «ھاشىيەتۇتتاھتاۋىي»، 1/349.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ