سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سىلىگە كۆپ ساۋاب ئاتا قىلسۇن! بىر ئايال كېسەللىك تۈپەيلى بالىياتقۇسىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. ئەر – ئايالنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىكەن. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئەر – ئايالنىڭ ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ پىروبىركىدا يېتىشتۈرۈپ، باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا سالسا، شۇ ئايال ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاسىتىچى شىركەتلەر بار بولۇپ، ئۇلارغا پۇللا بەرسە كەسپىي دوختۇرلاردىن تۇتۇپ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىدىغان خەن مىللىتىدىن بولغان ئاياللارغىچە ھەممىنى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ. دىنىمىزدا بۇ ئىشنىڭ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىلىدىن سوراپ بېقىشنى ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى. مېنىڭ كاللامغا يەنە مۇنداق سوئاللار كېلىپ قالدى: ناۋادا بۇ ئىش بولىدىغان بولسا، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى مۇسۇلمان بولۇش كېرەكمۇ؟ ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى بۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە مىراس مەسىلىلىرى چېتىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جانابى ئاللاھ ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى، نەسەبنىڭ قوغدىلىشى، ئىپپەت ۋە ئەخلاقنىڭ پاكلىنىشى، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىدىكى خاتىرجەملىكنىڭ، مېھرى – ئۈلپەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى… قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن توي قىلىشنى يولغا قويغاندۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇ، ئىنساننى ئابىمەنىدىن يارىتىپ، ئۇنى نەسەب ۋە قۇدا – باجىلىق تۇغقانچىلىقىغا ئايلاندۇرغان زاتتۇر. پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر﴾(25/«فۇرقان»: 54).
﴿ئۇنسى – ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ ئاراڭلاردا مېھرى – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى، ئۇنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىندۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن شەك – شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار ﴾(30/«رۇم»: 21).
﴿ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەر قىلىپ بەردى. سىلەرگە جۈپلىرىڭدىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار ھېلىمۇ باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلىشامدۇ؟﴾(16/«نەھل»: 72).
ئاللاھ تائالا زىنانى نەسەب ئېلىشىپ، ئىپپەت – نومۇس دەپسەندە قىلىنىدىغان بولغاچقا، ھارام قىلىۋەتكەن.
شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئۆزىنىڭ بالىسى قىلىپ بېقىۋېلىشنى ھارام قىلىۋەتكەن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى ﴾(33/«ئەھزاب»: 4)؛ ﴿ئۇلارنى ئۆز ئاتىلىرىغا نىسبەت بېرىپ چاقىرىڭلار! ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ توغرىسى شۇدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 5).
ئىنكار قىلىنمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، پەرزەنتلەر جانابى ئاللاھ ئېيتقاندەك: ﴿دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر﴾(18/«كەھف»: 46). پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىش ئىنسانلار تەبىئىتىگە سىڭدۈرۈلگەن بىر ئىستەك بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىرىنى ئوغۇل پەرزەنتلىك، بىرىنى قىز پەرزەنتلىك، بىرىنى ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىك، يەنە خاھلىغان بىرىنى تۇغماس قىلىشنى ئىرادە قىلغان.
﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. نېمىنى خاھلىسا شۇنى يارىتىدۇ. خاھلىغانغا قىز پەرزەنت، خاھلىغانغا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ. خاھلىغاننى تۇغماس قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ھەممىگە قادىردۇر ﴾(42/«شۇرا»: 49، 50).
«ۋاكالىتەن تۇغۇش» تەدبىرى بولسا، ئاياللاردىكى بەزىبىر تۇغماسلىق ئەھۋاللىرىغا بىردىنبىر چارە بولۇشى مۇمكىن.
«ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش» نېمىدىن ئىبارەت؟
«ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش»، ياكى «بالىياتقۇ ئىجارىلاش»، ياكى «ئورۇنباسار ئانا»، ياكى «تۆرەلمە قەلەمچىسى» دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىلمىي يېڭىلىق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ تارقىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا بەزىبىر داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان تۇغماسلىق ھالەتلىرىگە ئۈنۈملۈك چارە تېپىپ، نەچچە يىللار پەرزەنت كۆرەلمەي مەھرۇملۇق دەردىنى تارتىۋاتقان ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئائىلىسىگە ئۈمىد پەيدا قىلغان.
كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇلدا تۇغۇش ماددىي بەدەل بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، «بالىياتقۇ ئىجارىلاش» دېگەن ئاتالغۇ بىرقەدەر ئومۇملاشقان.
ئەلبەتتە، بۇ تۈرلۈك ئىلمىي يېڭىلىقلارنىڭ چىقىپ تۇرۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەللىرىگە داۋا تېپىش ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقاتلار توختاۋسىز ئىلگىرىلىشى زۆرۈر. بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان پەيدا بولغان «بىر ئاتا، ئىككى ئانىلىق بوۋاق» نامىدىكى تېببىي يېڭىلىقمۇ، بوۋاقلاردىكى بەزىبىر داۋالىغىلى بولمايدىغان ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان مۇشۇ تۈردىكى يېڭىلىقلاردىن بولۇپ، بۇ يېقىندا ئەنگىلىيەدە قانۇنلۇق يولغا قويۇلۇش باسقۇچلىرىنى باسماقتا. ئۇندىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان «كلون تېخنىكىسى»مۇ، دەۋرىمىزدىكى مۇشۇ خىل يېڭىلىقلاردىندۇر.
لېكىن، بۇ تۈرلۈك يېڭىلىقلارغا قارىتا ماس قەدەمدە شەرئى تەتقىقات ۋە ئىجتىھاد قىلىنىشى، بۇلارنىڭ چەكلىنىدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان تۈرلىرىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن، فىقھىي ئىزدىنىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئوخشاشلا زۆرۈردۇر.
سوئالدىكى «ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش» ياكى «بالىياتقۇ ئىجارىلاش» مەسىلىسىگە قايتساق، بەزىبىر ئەھۋاللاردا تۇغماسلىق ياكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك سەۋەبىنى پەقەتلا تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاخباراتتا ئادەتتە، «پروبىركا بوۋىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.(1) لېكىن، بۇ ئۇسۇل بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرى «بالىياتقۇنى ئىجارىلاش» ياكى «باشقىلارنىڭ بالىسىغا قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ بېرىش» بىلەن بولىدۇ. بۇ تۈرمۇ بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. دېمەك، بۇ سوئالدىكى «ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش»، تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈلگەن ھامىلىنى ئىككىنچى بىر ئايال بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈپ بالىنى تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىشنى بەزىلەر ماددىي بەدەلسىز قىلىپ بەرسىمۇ، كۆپىنچىلەر ھەق ئېلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئىجارىلاش ۋە ياللاشقىمۇ چېتىلىدۇ.
تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يېڭىلىق، خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ھەر دەۋر ۋە ھەر ماكانغا يارايدىغان ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، دەۋرىمىزدىكى تونۇلغان ئىجتىھادلىق ئالىملار بۇ مەسىلىنى شەرىئەتنىڭ مەقسەت – نىشانلىرىنى كۆز ئالدىدا قويۇپ تۇرۇپ، تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان.
«تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش»نىڭ ئېنىقلىمىسى
«تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش» دېگىنىمىز ــ ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ئۇرۇق بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمىنى تەبىئىي جىما بولماستىن، بالىياتقۇ سىرتىدا شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.(2)
تاللانغان بىرقانچە تۇخۇملارنى ئايرىم – ئايرىم بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى سوتكىدىن 7 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا تۆرەلمە بىلاستولا (blastula) باسقۇچىغا كىرگەندە، تۆرەلمىلەرنىڭ ئەڭ سۈپەتلىكى تاللىنىپ بالىياتقۇغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئارتۇق تۆرەلمىلەر كېيىنچە، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.
تۆۋەندە تەن سىرتىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۈپ، يات بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈپ يېتىلدۈرۈپ تۇغدۇرۇشنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە توختىلايلى. ئەلبەتتە بۇ، ھەقسىز ياكى ھەقلىق بولىدۇ.
«بالىياتقۇ ئىجارىلاش» تۈرلىرى ھازىرقى زامان يېڭىلىقلىرى بولغاچقا، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار بۇ ھەقتە بىرەر ھۆكۈم بايان قىلمىغان بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالار بۇ خىل يېڭىلىقنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى تۈرلىرى بىلەن ھۆكمى ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم توختالغان ۋە بۇ ھەقتە خېلى كۆپ پەتۋالار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدا بەزى تۈرلەرنىڭ ھۆكمىدە بارلىق ئۆلىمالار بىردەك ئىتتىپاق بولسا، بەزىسىدە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.(3)
«تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش» تۈرلىرى ۋە ھەربىرىنىڭ ھۆكۈملىرى
بىرىنچى تۈرى: ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئاپىرىدە بولغان تۆرەلمە، مەزكۇر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلۈپ بوۋاق بولۇپ يېتىلىپ تۇغۇلىدۇ.
ئالىملارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، بۇ خىل ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى زۆرۈر ئەھۋاللار تېپىلغاندا بەزىبىر شەرتلەر بىلەن جائىز. چۈنكى، بۇ خىل تۈردە ئۇرۇق شۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقى، تۇخۇممۇ شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تۇخۇمى، تۇخۇم ۋە ئۇرۇق ئېلىنغان ۋاقىت بىلەن ئىشلىتىلگەن ۋاقىت شەرئى نىكاھ ھالىتى. كېيىن تۆرەلمە كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇمۇ، شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەر – خوتۇن ئىككىيلەندىن باشقا يات بىر تەرەپ ئارىلاشمىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئەر – خوتۇنلاردىكى بەزىبىر ئۇرۇقلانماسلىق ئەھۋاللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقمۇ، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ شەرئى پەرزەنتى بولىدۇ.(4)
بەزىدە ئەرنىڭ ئىسپىرما بانكىسىدا ساقلانغان ئۇرۇقلىرىنى يا سەپەر قىلىش، يا تالاق بولۇش، ياكى تۈرمىگە قامىلىش، ياكى ئۆلۈش قاتارلىق نورمال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان چاغلاردا ئېرىدىن بالا يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن ئايالىنىڭ توخۇمى بىلەن شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئاپىرىدە بولغان تۆرەلمە، مەزكۇر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلۈپ بوۋاق بولۇپ يېتىلىپ تۇغۇلىدۇ.(5)
شەرئى جەھەتتىن، تالاق قىلىنغان ئايال ئۈزۈل – كېسىل تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا، بۇرۇنقى ئېرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمنى بالىياتقۇسىغا سالسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن بولىدۇ. ئەمما، ئەمرىگە قايتۇرىۋالالايدىغان (رەجئى) تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا، ئىددەت مەزگىلىدە ئەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمنى بالىياتقۇسىغا سالسا جائىز بولىدۇ. چۈنكى، رەجئى تالاق ئىددىتى مەزگىلىدە ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت تېخى ئۈزۈلمىگەن بولىدۇ.
شۇنداقلا ئېرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمنى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بالىياتقۇسىغا سالسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆلۈم بىلەن ئۈزۈلگەن بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا بەزى ئالىملار بالىنى، تالاق قىلغان ياكى ئۆلگەن ئەرگە مەنسۇپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.(6)
ئىككىنچى تۈرى: ئەرنىڭ ساغلام ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، يات بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمىنى شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئاپىرىدە بولغان تۆرەلمە، مەزكۇر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلۈپ بوۋاق بولۇپ يېتىلىپ تۇغۇلىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇل ئېنىق ھارام. چۈنكى، ئۇرۇق ئىگىسى ئۇ ئايالغا يات كىشىدۇر.
ئۈچىنچى تۈرى: ئۇرۇقمۇ، تۇخۇممۇ يات كىشىلەردىن ئېلىنىپ شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئاپىرىدە بولغان تۆرەلمە، تۇخۇمنىڭ ئىگىسى بولمىغان باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلۈپ، بوۋاق بولۇپ يېتىلىپ تۇغۇلىدۇ. بۇ تۈرنى «تۆرەلمە سېتىۋېلىش» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق، چۈنكى بۇنىڭدا تۆرەلمە سېتىۋېلىنىدۇ. ئەگەر تۇغۇپ بولغاندا ھەق ئېلىپ بوۋاقنى 3 – بىر ئايالغا بېرىۋەتسە، بۇ بىر تەرەپتىن «بالىياتقۇ ئىجارىلاش»، يەنە بىر تەرەپتىن «تۆرەلمە سېتىۋېلىش» بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ ئېنىق ھارام. چۈنكى، ئۇرۇق ئىگىسى ئۇ ئايالغا يات كىشىدۇر.(7)
تۆتىنچى تۈرى: ئەرنىڭ ئۇرۇقى يات بىر ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆرەلمە شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ «تۇخۇم سېتىۋېلىش» بولىدۇ.(8)
بۇ ئۇسۇلمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى، ئايال يات. ئۇرۇقنىڭ يات ئايالنىڭ توخۇمى بىلەن ئۇرۇقلىنىشى چەكلىنىش بىلەن بىرگە، يات ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن ئۇرۇقلانغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇسىغا سېلىشمۇ چەكلىنىدىغان ئىش. بۇ ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ نەسەبى ئەرگىمۇ، ئايالىغىمۇ ئىسپاتلانمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ نەسەبى، ۋەلەدى زىنا (ھارامدىن بولغان) غا ئوخشاش، قورساق كۆتۈرگەن ئانىغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ.(9)
بەشىنچى تۈرى: ئەرنىڭ ئۇرۇقى يات بىر ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆرەلمە يەنە بىر يات ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. يەنى، بۇ 3 تەرەپ بىر – بىرىدىن يات ئادەملەر بولىدۇ.(10)
بۇ ئۇسۇلمۇ ھارام، ئەلبەتتە. چۈنكى، ئۇرۇق ئىگىسى، تۇخۇم ئىگىسى ۋە قورساق كۆتۈرگۈچى 3 تەرەپ بىر – بىرىدىن يات. بەلكى تېخى بۇ 3 كىشى تۆرەلمىنى مەزكۇر تەرىقىدە يېتىلدۈرۈپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بوۋاقنى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن باشقا بىر ئائىلىگە سېتىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلار بوۋاقنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بالىسى سۈپىتىدە نوپۇسقا ئالدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىسلام ھارام قىلىۋەتكەن «بېقىۋېلىنغان بالىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» مەسىلىسىمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىدۇ.(11)
ئالتىنچى تۈرى: ئۇ بولسىمۇ، سوئالدىكى «ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش» تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا، ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئاپىرىدە بولغان تۆرەلمە يات بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلۈپ بوۋاق بولۇپ يېتىلىپ تۇغۇلىدۇ. قورساق كۆتۈرۈپ بەرگەن ئايال بۇنى يا پىداكارلىق قىلىپ، يا ھەق ئېلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ھەق ئالسا «بالىياتقۇ ئىجارىلاش» بولىدۇ.
بەزىدە ئەرنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلىشىمۇ مۇمكىن.
ھازىر ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەزى باي تەبىقىلەردىكى ئاياللار تۇغۇت جاپاسىنى تارتماسلىق ئۈچۈن بالىياتقۇ ياللايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپىيىشكە باشلىماقتا. ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردا (Storkes) قاتارلىق مەخسۇس بالىياتقۇ ياللاش شىركەتلىرى قۇرۇلماقتا. توختام بويىچە ئاياللار تۇغۇپ بولۇپ، بوۋاقنى بىرىنچى ئايالغا ياكى پۇل تۆلىگەنلەرگە تاپشۇرۇپ ئۆز يولىغا ماڭىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسلام دۇنياسىدىمۇ يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى.(12)
بۇ ئۇسۇلدا «ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش» شەرئى جەھەتتىن ھارام. بۇ ئاساسەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چىقارغان ھۆكمى بولۇپ، جائىز ئەمەسلىكىگە «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»، «ئىسلام قۇرۇلتىيى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ۋە يەنە «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالى پەتۋا ئورگانلىرى قارار چىقارغان.(13)
ھارام دەپ قارىغانلار ئىچىدە ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي، دوكتور مۇستافا زەرقاﺋ ۋە دوكتور مۇھەممەد رىفئەت ئوسمان قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار بار.
«ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» بۇنىڭغا مۇنداق سەۋەب كۆرسەتكەن: «قورساق كۆتۈرۈش ئىشىدا ئۈچىنچى بىر تەرەپنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ. بۇنىڭدىكى نەرسە ئىسپىرما بولسۇن، ياكى تۇخۇم بولسۇن، ياكى تۆرەلمە بولسۇن ئوخشاش. شۇنداقلا ئۈچىنچى تەرەپ ياللانغان بولسۇن ياكى ياردەم قىلغان بولسۇن ئوخشاش».(14)
جائىز بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى:
1. بىر ئەرنىڭ بىر ئايالدىن پەرزەنت كۆرۈشى ئۈچۈن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا شەرتلىرى تولۇق ۋە توغرا ئەر – خوتۇنلۇق ھالىتى بولۇشى شەرت. مەزكۇر ئەھۋالدا ئىسپىرما ئىگىسى بىلەن قورساق كۆتۈرگۈچى ئوتتۇرىسىدا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، باشقا ئايالنىڭ بىرىنچى ئايالنىڭ ئېرى تەرىپىدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى قورسىقىدا كۆتۈرۈشى شەرىئەتكە زىت ۋە چەكلەنگەن يول بىلەن ھامىلە بولغان بولىدۇ.
2. مەلۇم بىر بالىياتقۇدىن پەرزەنت كۆرۈش ھەققى ۋە ئاشۇ بالىياتقۇ ئىگىسىدىن جىنسىي بەھر ئېلىش ھەققى بىلەن، شۇ ئىشنىڭ جائىز بولۇش ئوتتۇرىسىدا شەرئى باغلىنىش بار. بۇنى مۇنداق بىر قائىدە شەكلىدە ئىپادىلەش مۇمكىن: بىر ئايالدىن جىنسىي بەھر ئېلىش ھەققى بار كىشىنىڭ ئۇ ئايالنى ھامىلىدار قىلىپ ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرۈش ھەققى بار. بىر ئايالدىن جىنسىي بەھر ئېلىش ھەققى يوق كىشىنىڭ، ئۇ ئايالنى ھامىلىدار قىلىپ ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرۈش ھەققى يوق.
3. بالىياتقۇنى بېرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. خۇددى جىنسىي بەھر ئېلىش ئۈچۈن جىسمىنى سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ھەدىيە قىلىش توغرا بولمىغىنىدەكلا، بالىياتقۇنىمۇ ئارىيەتكە ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ. جىنسىي بەھر ئېلىشتىن ھامىلىدار قىلىش كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىش شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىن باشقىلارغا ھارام قىلىنغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئايال كىشى پەقەت ئېرىنىڭلا بالىسىغا قورساق كۆتۈرسە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغىنىدا، نەسەبلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ. زىنانىڭ ھارام قىلىنغانلىقىمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
4. شەرىئەت ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى ھارام قىلىۋەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سودىدا تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق نامەلۇملۇقتىن توسقان.(15)
بالىياتقۇنى ئىجارىلاشمۇ ئىككى ئايال ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. قايسىسى ئانا؟ توخۇم ئىگىسىمۇ ياكى بالىياتقۇ ئىگىسىمۇ؟ بەلكى تېخى بۇ تالاش – تارتىش دائىرىسى بالىنىڭ نەسەبى ئۆزىگە ئىسپاتلىنىشتىن پايدىلىنىدىغان باشقا تەرەپلەرگىمۇ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بولۇپمۇ، بالىنىڭ مىراس ياكى باشقا شەكىلدە ماددىي ھەق – ھوقۇقلىرى بولغان تەقدىردە، تېخىمۇ شۇنداق. شەرىئەتنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى بولسا، جەمىيەتتىكى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا نىزا پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يولىنى تاقاش بولۇپ، نىزاغا ئېلىپ بارىدىغان بۇ تۈردىكى ئىشلار شەرىئەتتە جائىز بولمايدۇ.
5. بالىياتقۇ بېرىپ تۇرۇش نەسەب قوچۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى، بالىياتقۇغا تۆرەلمىنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ تۆرەلمە ئۆلۈپ قېلىپ ياكى كۆچۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىپ، بالىياتقۇ ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئېرىدىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى، نەتىجىدە، ھامىلە كۆچۈرۈلگەن يات تۆرەلمىدىن يېتىلگەن دەپ ئويلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھامىلە بالىياتقۇ ئىگىسىنىڭ تۇخۇمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان. شۇنداقلا بالىياتقۇ بېرىپ تۇرغان ئايال تۆرەلمە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆز ئېرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ تۇرسا، ئوخشاشلا نەسەب ئارىلىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، تۆرەلمە قورساق كۆتۈرگەن ئايالدىن غىزالانغىنىدەك، ئۇ ئايالغا يېقىن كېلىۋاتقان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسىدىنمۇ غىزالىنىدۇ. ھەدىستە باشقا بىرسىدىن ھامىلىدار بولغان ئايالغا يېقىن كېلىش ئېنىق چەكلەنگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، سۈيىدە باشقىلارنىڭ زىرائىتىنى سۇغارمىسۇن» دېگەن.(16) يەنى، باشقا بىرىدىن ھامىلىدار بولغان ئايالغا يېقىن كەلمىسۇن دېمەكچى.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋتاس كۈنى ئەسىرگە چۈشكەن دېدەكلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھامىلىدار ئاياللارغا تۇغۇپ بولمىغىچە، ھامىلىدار ئەمەسلىرىگە بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ بولمىغىچە يېقىن كەلمەڭلار».(17)
6. بالىياتقۇ بېرىپ تۇرغان ئايال تۇل بولغان تەقدىردە، زىنا بىلەن قارىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىش زىنا – پاھىشىنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، تۇل ياكى بويتاق تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلار، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بالىياتقۇمنى ئىجارىگە بەرگەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. زىنادىن قورساق كۆتۈرگەن ئايال بىلەن، بالىياتقۇ ئىجارىلاپ قورساق كۆتۈرگەن ئايالنى ئايرىش تەسكە چۈشىدۇ. بۇ بىنورمال ئەھۋال ئىجتىمائىي جەھەتتىن نۇرغۇن پاراكەندىچىلىكلەرنى ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ.
7. ئەلبەتتە، ئەرنى ئۆز ئايالىغا يېقىن كېلىشتىن توسقىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بالىياتقۇسىنى ئىجارىگە بەرگەن ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېرىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشىنى رەت قىلسا بولمايدۇ. بۇ شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىدە ئېنىق چەكلەنگەن ئىشلاردۇر. بالىياتقۇ ئىجارىلاش توختامىمۇ، ئەرنىڭ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش ھەققىنى بىكار قىلىۋەتسە باتىل توختام بولىدۇ. يەنە تېخى بۇ ئىجارە توختامىنىڭ تەرەپلىرىنى بېكىتىش، مەزكۇر ئايال ئېرىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئېرى بىلەن بىللە بولسا، بۇ توختامنى بۇزغان ھېسابلىنامدۇ ياكى بۇ ھالالنى ھارام قىلىۋېتىدىغان باتىل شەرت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ناۋادا تالاق قىلىنسا قورسىقىدا باشقىلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان مۇددەتتە بۇ ئايال ئەرگە تېگەلەمدۇ ياكى ئىجارە توختامى سەۋەبلىك تۇغقانغا قەدەر ئەرگە تېگىشتىن چەكلىنەمدۇ؟ تۆرەلمە ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز يىراق جايلارغا سەپەر قىلالامدۇ ياكى سەپەردىن مەنئى قىلىنامدۇ؟ بۇ ئايال بالىياتقۇسىنى ئىجارىگە بەرگەنلىكنى ئىنكار قىلىپ، بالىنى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز ئېرىنىڭ نامىدا نوپۇسقا ئالدۇرغان تەقدىردە، قانۇنىي ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ تۆرەلمە ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟ قورساق كۆتۈرگەن ئايال بالىنى قەستەن چۈشۈرۈۋەتسە قانداق جازالىنىدۇ؟ ئېرى بار تۇرۇپ بالىياتقۇسىنى ئىجارىگە بەرگەن ئەھۋالدا، تۇغقان بوۋاق ئېرىگە مەنسۇپ قىلىنماي قالسا، «بالا دېگەن كۆرپە ئىگىسىگە تەۋەدۇر» دېگەن(18) ئېنىق ھەدىسكە زىت كېلىشىچۇ؟ مانا بۇلارمۇ مەزكۇر توختامنى باتىل قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.(19)
8. بالىياتقۇ ئىجارىلاشنى ھارام دېيىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بۇ ئىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھ ياراتقان ۋە ئىنسانىيەت تونۇغان ئانىلىقنى تىجارەت تاۋىرىغا ئايلاندۇرۇش، ھازىر غەرب ئەللىرىدە نۇرغۇن شىركەتلەر قۇرۇلۇپ، نامرات ئاياللارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئىجارىلاپ تۇغۇت جاپاسى تارتمايلا بالىغا ئېگە بولۇشنى خالايدىغان بايلارغا خىزمەت قىلماقتا. نەتىجىدە، نامراتلارنىڭ بالىياتقۇلىرى تىجارەت تاۋىرىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ ئىش ئاياللارنى تەلەپكە ئاساسەن بالىياتقۇلىرىنى ئىجارىگە بېرىپ جان باقىدىغان قىلىپ قويۇپ، ھەقىقىي ئانىلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كىرالىنىدىغان ئۇلاغقا ئوخشىتىپ قويىدۇ. ئانا بولۇش ھەققى، ئىپپىتىنى ساقلاش ھەققى، نەسلىنى ساقلاش ھەققى قاتارلىق تەبىئىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاياللار ئىززىتى دەپسەندە قىلىنىپ خارلىنىشقا ئۇچرايدۇ.
9. پۈتۈن ساماۋى شەرىئەتلەر ئۇلۇغ بىلگەن ۋە نۇرغۇن ئەھكاملىرىنى بېكىتكەن، دانىشمەنلەر، ئەدىبلەر ۋە شائىرلار پەزىلىتى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئانىلىقنىڭ ئۇلۇغلىقى تۇخۇمدان ئىشلەپچىقارغان بىر تۇخۇمنى ئۇرۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىنلا كېلىپ چىقمايدۇ. بەلكى قورساق كۆتۈرۈش، سېزىك تارتىش، ھامىلىدارلىق جاپاسى، تۇغۇت تولغىقى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاجىزلاش ۋە ئېمىتىش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھلىق ئانىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئىمام قەرەداۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەر ئانىنى ‹ۋالىدە› يەنى، ‹تۇغقۇچى› دەپ ئاتايدۇ. پەرزەنتلەرنىمۇ ‹ئەۋلاد› دەپ ئاتايدۇ. بۇ نەسەب ئىسپاتلاشتا تۇغۇشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىرسىي سۈپەتلەرنى يۆتكەشتە ئەھمىيىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي ئانىلىقنى ۋۇجۇدقا چىقارمايدۇ. ئانىلىق دېگەن قورساق كۆتۈرۈش، سېزىك ۋە تولغاق ئازابىنى تارتىشتۇر. تۇخۇم ئىگىسى پەرزەنت ئۈچۈن جاپا تارتمىغان، بىر ئىش قىلمىغان تۇرسا، توققۇز ئاي ئارامىدا ياشاپ كېلىپلا، بالىنى قېنى بىلەن غىزالاندۇرۇپ، ۋۇجۇدىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تۇغقان نامرات، بىچارە ئايالدىن تەييار بالىنى تارتىۋالسا بولامدۇ؟ ھەقىقىي ئانا كىم؟ كىم بوۋاققا ئەڭ ھەقلىق؟ بۇ غەرب مەدىنەيىتى ئىجاد قىلغان يېڭىلىق بولۇپ، غەربلىكلەر ئېسىل ۋە چىرايلىق ئانىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلغان».(20)
يۇقىرىقىلاردىن، ئېرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن تۇخۇمنى باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈپ تۇغدۇرۇشنىڭ، ئىجارىلاش شەكلىدە بولسۇن، ياكى ھەدىيە شەكلىدە بولسۇن، ياكى ياردەم شەكلىدە بولسۇن، شەرىئەتتە جائىز ئەمەسلىكى ئايان بولىدۇ.(21)
ئۇشبۇ مەسىلىدە، پەقەت «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي شەرتلىك جائىز دەپ قارىغان بولۇپ، «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى»نىڭ ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئەزالىرى بىردەك چەكلىگەن. پەتۋا ساھەسىدە ئاشۇ چوڭ پەتۋا ئورگانلىرىدىكى كۆپچىلىكنىڭ قارارى كۈچكە ئىگە.(22)
يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار ئايال كىشى كۈندىشىگە بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرسا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» بۇنى مۇنداق دەپ رەت قىلغان: «تۆرەلمە بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈلگەن 2 – ئايال تۆرەلمە كۆچۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەستە تېخى بالىياتقۇسىنىڭ ئاغزى ئېتىلمەي تۇرۇپ ئېرى بىلەن بىللە بولسا، ئېرىدىن قورساق كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بولىدۇ. نەتىجىدە، قوشكېزەك تۇغۇپ قالىدۇ. قوشكېزەكنىڭ قايسىسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمىدىن، قايسىسى شۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ تۇخۇمىدىن بولدى بۇنى ئايرىغىلى بولمايدۇ ياكى ئىككى ھامىلىنىڭ بىرى ئۇيۇل قان ھالىتىدىكى چاغدا ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئانىسى بىلىنمەي قالىدۇ. بۇ ئانا تەرەپتىن نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ».(23)
بالىياتقۇ ئىجارىلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر
1. بوۋاقنىڭ نەسەبى. بالىياتقۇ ئىجارىلاش ھارام ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش يۈز بېرىپ بالا تۇغۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ نەسەبى كىمگە تەۋە بولۇشى ئايرىم بىر ئىش. ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا:
بىرى، بوۋاقنىڭ نەسەبى ئۇرۇق ئىگىسى بولغان ئەر بىلەن تۇخۇم ئىگىسى بولغان ئايالغا تەۋە بولىدۇ. قورساق كۆتۈرۈپ بەرگەن ئايال ئىنىكئانىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىرسىي خۇسۇسىيەتلەر تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقتىن بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىگىسىنىڭ ئىرسىيەتكە تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى، بالىياتقۇ بىر ماكاندۇر.
ئىككىنچى قاراش: ئەگەر بالىياتقۇ ئىگىسى بولغان ئايال ئېرى بار ئايال بولسا، بوۋاق تۇغقان ئايال بىلەن شۇ ئايالنىڭ ئېرىگە مەنسۇپ بولىدۇ.(24)
بۇنىڭ تەسىرى، بېقىش ھەققى ۋە مەھرەملىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە كۆرۈلىدۇ.
2. قورساق كۆتۈرگەن ئايالنىڭ نەپىقىسى.
ئىمام قەرەداۋىي ئېيتىدۇ: «قورساق كۆتۈرگەن ئايالنىڭ نەپىقىسى بالىنىڭ ئاتىسىغا يۈكلىنىدۇ. چۈنكى، بالىياتقۇ ئىگىسى تۆرەلمىنى قېنى بىلەن غىزالاندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نەپىقە ئېلىشى لازىم. ئۇ ئايالنىڭ نەپىقىسى ھامىلىدارلىق ۋە نىپاسدارلىق مۇددىتى ئاخىرلاشقىچە بېرىلىدۇ».(25)
3. مىراس ۋە ئاتا – ئانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر.
بۇنىڭغا مىراس، مەھرەملىك، قىساس ئېلىش ھەققى ياكى تۆلەم ئېلىش ھەققى، ۋەلىيلىك مەسىلىسى، نەپىقە ۋە سىلە – رەھىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر چېتىلىدۇ.
4. روھىي پاراكەندىچىلىك. بوۋاقنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن ئىككى ئانا ئوتتۇرىدىكى تەڭلىك سەۋەبىدىن تارتىدىغان روھىي ئازابىمۇ، ئۇنى بىئارام قىلىدۇ. ئىككى ئانىنىڭ بالىدىن ئايرىلىپ قالغىنىمۇ، بىر تۈرلۈك مەھرۇملۇقتۇر. بالىغا قورساق كۆتۈرگەن ئايال توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ ئانىلىق ھېس قىلغاندا، بوۋىقىنى باشقا بىر ئايال ئېلىپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر زەربە بولىدۇ. باشقا بىر ئايال قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بالىنى باشقا بىر ئايالنىڭ بېقىشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئۇ ئانا ھەقىقىي ئانىلىق ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، تۇغقان ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدا مەلۇم رىشتە پەيدا بولۇپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئانا – بالىلىق مېھرى بولىدۇ. كېيىن باشقا بىر ئايال بىلەن ئانا – بالىلىق رىشتىسى قۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ.
5. بالىياتقۇ بېرىپ تۇرغۇچى ئايال توخۇم ئىگىسىنىڭ ئانىسى، ھەمشىرىسى ياكى قىزى بولغان تەقدىردە، نەتىجە قانداق بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، جەنۇبى ئافرىقىدا ئانا قىزى ئۈچۈن بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرۇپ، قىزىنىڭ بالىسىنى تۇغۇپ بەرگەن. ئىتالىيەدە قىزى ئانىسىغا بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرۇپ، ئانىسىنىڭ بالىسىنى تۇغۇپ بەرگەن. يۇقىرىقى ئىككى ئايال قوشكېزەكلەرنى تۇغقان. ئەگەردە بەزى ئالىملار جائىز دەپ قارىغاندەك، كۈندىشىگە بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرسا بولىدۇ دېگەن قاراش بويىچە ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، كۈندىشىنىڭ بالىسىغا قورساق كۆتۈرۈپ بەرسە نەتىجە قانداق بولىدۇ؟
6. بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرغان ئايالنىڭ ئېرى، بوۋاقنىڭ دادىسى بولامدۇ ياكى ئۇرۇقنىڭ ئىگىسى بالىنىڭ دادىسى بولامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىككى قاراشتا بولغان.
بىرىنچى قاراش: بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرغان ئايالنىڭ ئېرى بوۋاقنىڭ دادىسى بولىدۇ. ئۇرۇقنىڭ ئىگىسى دادىسى بولمايدۇ.
ئىككىنچى قاراش: ئۇرۇقنىڭ ئىگىسى بوۋاقنىڭ دادىسى بولىدۇ. بالىياتقۇسىنى بېرىپ تۇرغان ئايالنىڭ ئېرى دادىسى بولمايدۇ. بۇ ئىمام قەرەداۋىي ۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ قارىشىدۇر.(26)
بۇنىڭغا ئاساسەن بالىياتقۇسىنى بېرىپ قورساق كۆتۈرگەن ئايالنىڭ ئېرى بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى سۈپىتىدە نوپۇسقا ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا ھارام بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بالىنىڭ ئۆزىدىن بولمىغىنىنى ئېنىق بىلىدۇ. بەلكى ئۇنى بالام ئەمەس دەپ تېنىشى ۋاجىب بولىدۇ.
خۇلاسە: تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىشىدا، پەقەتلا ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈش ئۇسۇلى بەزىبىر شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئەھۋالدا جائىز. باشقا ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ھارام.
مۇئمىن كىشى ئاللاھنىڭ پۈتكىنىگە سەۋر قىلىدۇ، رازى بولىدۇ. سىناق ۋە مۇسىبەتلەر ئىچىدە ئىلاھىي رەھمەتنى كۆرەلەيدۇ. ھەدىستە كەلگەندەك: «ئەجىرنىڭ كاتتىلىقى سىناقنىڭ ئېغىرلىقىغا كۆرە بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ بىر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارنى تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ. رازى بولغانلار رازىلىققا، نارازى بولغانلار نارازىلىققا ئېرىشىدۇ».(27)
شەرىئەت يول قويغان ئىككىنچى ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى قانۇنلاشتۇرماسلىقنىڭ زىيىنى، غەرب پەيدا قىلغان بۇ ئاۋارىچىلىكىنىڭ زىيىنىدىن يەڭگىل بولۇشى ئېنىق. يېتىم بالىنى بېقىۋېلىشمۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر ساۋابلىق چارىسىدۇر، ئەلبەتتە!
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 13 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2015، 4 – مارت
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 74 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بۇنداق ئاتاش ئاخبارات تەرىپىدىن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، تۆرەلمە پروبىركىدا ئەمەس، شىشىدە قويىلىدۇ. ئەمما، بۇ جەرياندا پروبىركا قوللىنىلىدۇ.
2. «الموسوعة العربية العالمية»، ترجمة أحمد عبد اللطيف. 1/345. «مجلة المسلم المعاصر»: أطفال الأنابيب بين العلم والشريعة د. زياد أحمد سلامة ص 60 – 64.
3. «مجلة المجمع الفقهي»، العدد الثاني 1/247، 360.
4. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/308؛ قرار لمجمع الفقه بمنظمة المؤتمر الإسلامي سنة 1407هـ.
5. «مجلة المسلم المعاصر»: أطفال الأنابيب بين العلم والشريعة د. زياد أحمد سلامة ص97.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/328؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 7/5181.
7. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/315؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 7/5181.
8. د. هند الخولي: «تأجير الأرحام في الفقه الإسلامي»، كلية الشريعة جامعة دمشق. 281 – بەت.
9. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/309 – 310.
10. د. زياد أحمد سلامة: «أطفال الأنابيب بين العلم والشريعة»، «مجلة المسلم المعاصر»، 97 – بەت. «التلقيح الصناعي وأطفال الأنابيب»، بحث مقدم لمؤتمر المجمع الفقهي الإسلامي في دورته السابعة بمكة المكرمة لعام 1404هـ 299 – بەت. http://www.layyous.com
11. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/313 – 314.
12. «مجلة المجمع الفقهي»، العدد الثاني 1/247، 292.
13. قرار «مجمع البحوث الإسلامية» بمصر رقم 1 بجلسته المنعقدة بتاريخ الخميس 29 مارس 2001م؛ وقرار مجلس المجمع الفقهي الإسلامي في دورته الثامنة المنعقدة بمقر رابطة العالم الإسلامي في مكة المكرمة في الفترة من يوم السبت 28 ربيع الآخر 1405هـ إلى يوم الإثنين 7 جمادى الأولى 1405هـ الموافق من 19 – 28 يناير 1985م.
14. قرار «مجمع البحوث الإسلامية» بمصر رقم (1) بجلسته المنعقدة بتاريخ الخميس 29 مارس 2001م.
15. «مۇسلىم»، (1513).
16. «ئەھمەد»، ((17031)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2158). تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
17. «ئەبۇ داۋۇد»، (2157). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2745)؛ «مۇسلىم»، (1457).
19. قرار «مجمع البحوث الإسلامية» بمصر رقم (1) بجلسته المنعقدة بتاريخ الخميس 29 مارس 2001م.
20. د. يوسف القرضاوي: «الإسلام حضارة الغد»، 55 – بەت، مكتبة وهبة.
21. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/10 – 16
22. قرار «مجمع البحوث الإسلامية» بمصر رقم (1) بجلسته المنعقدة بتاريخ الخميس 29 مارس 2001م.
23. من قرارات «المجمع الفقه الإسلامي» لعام 1405هـ مجلة «المجمع الفقه الإسلامي»، ص 324؛ عمر الأشقر: «قضايا طبية معاصرة»، 821 – بەت.
24. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/16؛ دكتورة هند الخولي: «تأجير الأرحام في الفقه الإسلامي»، 293 – بەت؛ «مجلة المجمع الفقهي»، الدورة الثانية، 30 – بەت.
25. د. يوسف قرضاوي: «قضايا علمية تنتظر أحكامها الشرعية»، مجلة العربي، العدد 232، 48 – بەت.
26. د. يوسف قرضاوي: «قضايا علمية تنتظر أحكامها الشرعية»، مجلة «مجمع الفقه الإسلامي»، 284 – بەت.
27. «ئىبنى ماجە»، (4031). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.