سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر ساۋاقدىشىم تېبابەت كەسپىدە ئوقۇيتتى، ئۇلارنىڭ دېيىشچە ئۇلار دائىم جەسەتلەرنى ۋە ھايۋانلارنى تەجرىبە ماتىريالى قىلىدىكەن. مەسىلەن، توشقان، چاشقان، پاقا، ئىت… دېگەندەك تەجرىبە جەريانىدا جەسەت ۋە ھايۋانلارنىڭ قارنىنى يارىدىكەن، ھايۋانلارنى ناركوز قىلىدىكەن، بەزىدە ناركوز ياخشى قىلىنمىسا ھايۋانلار ناھايىتى قېينىلىپ كېتىدىكەن، ھايۋانلارغا ھەرخىل دورىلارنى سىناق قىلىدىكەن، ئەگەر خاتا سىناق قېلىنسا، ئۆلۈپمۇ قالىدىكەن، ئىسلامدا جەسەتلەرنى ۋە ھايۋانلارنى مۇشۇنداق تەجرىبە ماتېرىيالى قېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
يەنە بىر سوئال: مەن ئىچكىرىدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مېيىتلارنى يېرىپ ئەزالىرىنى ئېلىپ دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مەنمۇ قاتنىشىمەن. بۇ دىنىمزغا ئۇيغۇنمۇ؟
يەنە بىر سوئال: كىلىنىكىدا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ (ئاياللارنىڭ) ئاناتومىيە دەرسىگە قاتنىشىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تېببىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان جەسەت يېرىش، ئاناتومىيىلىك تەجرىبىلەردىن ئەنزىلەرنى ئېنىقلاش، كېسەللىكنى داۋالاش، ئۆگىتىش ۋە ئۆلۈك ياكى تېرىك يەنە بىر ئىنساننىڭ تېنى ۋە ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتىلىدۇ.
ئايەت ۋە ھەدىسلەردە جەسەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ھارام ياكى مۇباھ دەيدىغان كەسكىن ھۆكۈم كەلمىگەن. لېكىن، ئىسلام فىقھى كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، ئىلگىرىكى فۇقاھائلارنىڭ جەسەتلەرنى يېرىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىنى كۆرەلەيمىز. ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈشتە بۇ ھۆكۈملەرنى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ.
مەسىلەن، مېيىت ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھايات بالىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن قورسىقىنى يېرىش مەسىلىسىدە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى بولمايدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بالىنىڭ ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى بار دەپ قارالغان ئەھۋالدا بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەزم: «ھامىلىدار ئۆلۈپ قېلىپ قورسىقىدىكى ئالتە ئايدىن ھالقىغان بالا ھايات بولسا، ئايالنىڭ قورسىقى ئۇزۇنىسىغا يېرىلىپ بالا چىقىرىلىدۇ» دېگەن.(1)
فۇقاھائلار يەنە: ئۆلۈشتىن بۇرۇن قىممەتلىك گۆھەرلەرنى يۇتىۋالغان مېيىتنىڭ قورسىقىنى مىراسخورلارنىڭ ۋە گۆھەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن يېرىپ، زىيان تارتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، دېگەن.
ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈشلەر شەرئى ھۆكۈمنى بەلگىلەشتە يۇقىرىقىدەك مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، ئۆلىمالارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەنە ئىنسان تەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنچىكىلىكلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ ئۇلۇغ غايىگە يەتكۈزىدىغان بىر يولدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ﴿ئۆزەڭلاردىمۇ ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئالامەتلەر باردۇر﴾(51/«زارىيات»: 21) دېگەن سۆزى ئارقىلىق، ئىنسان ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا، تەپەككۇر، مۇلاھىزە قىلىشقا بۇيرۇغان.
دېمەك، ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار ئىماننى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئاللاھقا چىن ئىشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئاتاقلىق پەيلاسوپ ۋە تىبابەت ئالىمى ئىمام ئىبنى رۇشدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: «كىمكى ئاناتومىيە بىلەن شۇغۇللانسا، ئاللاھقا بولغان ئىمانى كۈچىيىدۇ. چۈنكى، بەدەن ئەزالىرى، بەدەندىكى توقۇلمىلار ۋە ئۇلارنىڭ باغلىنىشلىرىنى، ئۇستىخانلار ۋە ئۇلارنىڭ پۇختا قۇرۇلۇشىنى، مۇسكۇللار ۋە پەيلەرنى، يۈرەك ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ قۇرۇلمىسىنى، ئۆپكە، جىگەر، يۈرەك ۋە مېڭىنى تونۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە كىشىنى يوقتىن بار قىلغان، ھېكمەتلىك، مېھىر – شەپقەتلىك، ئاجايىپ بىر قۇدرەت ئىگىسىنىڭ يەنى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ.»(2)
رازى، ئىبنى سىنا، ئىبنۇننەفىس ۋە زەھرانى قاتارلىق ئاتاقلىق مۇسۇلمان تىبابەت ئالىملىرى ئاناتومىيە ئىلمىنى بىلگەن ۋە ئەزالارنى، ئۇستىخانلارنى، كېسەللىكلەرنى تەپسىلىي بىلىش ئۈچۈن ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىلىم – پەن تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ھەسەن ئىبنى ھەيسەم (965 – 1040 – يىللار) يورۇقلۇق (ئوپتىكا) ئىلمىنى تەجرىبە قىلىش جەھەتتە يول باشلاپ ماڭغان ئالىمدۇر. ئۇ ئەينى چاغدا كۆز ئاناتومىيىسى ۋە كۆزنىڭ ھەربىر پارچىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى خۇددى بۈگۈنكى كۈندە بىز بىلىۋاتقاندەك ناھايىتى ئىنچىكە سۈپەتلىگەن.(3)
ئەمدى تېببىي تەرەققىيات پەۋقۇلئاددە ئىلگىرىلىگەن ھازىرقى ئەسىردە بولسا، ئالىملار جىنايى قىلمىشلارنى ئېنىقلاش ياكى ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە جەسەتنى يېرىپ تەتقىق قىلىشنىڭ جائىزلىقىدا بىردەك قاراشتا بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان جەسىتىنى تېببىي تەتقىقات مەقسىتىدە يېرىپ تەجرىبە قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.
بىر گۇرۇپ ئالىملار: ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلسا، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنسان جەسىتىنى تېببىي مەقسەتتە تەجرىبە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ جانابى ئاللاھ ئىززەتلىگەن ئىنساننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق، بەدىنىنى قالايمىقان كېسىپ ئازار بەرگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۆلۈكنىڭ ھۆرمىتى تىرىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئوخشاشتۇر. ھەدىستە «ئىنساننىڭ سۆڭەك – ئۇستىخانلىرىنى مېيىت ھالىتىدە چېقىش، ھايات ۋاقتىدا چاققانغا ئوخشاشتۇر» دەپ كەلگەن.(4)
بۇ ساھەدىكى ئېھتىياج ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش بىلەن قامدىلىپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراشتىكىلەر ئارىسىدا شەيخ مۇھەممەد نەجىيب ئەلمۇتىيئىي قاتارلىق ئالىملار بار.
كۆپچىلىك ئالىملار: تېببىي مەقسەتتە ئىنسان جەسىتىنى تەجرىبە قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ، شەيخ يۈسۈف ئەددەجەۋىي، شەيخ ھەسەنەين مەخلۇف، مەۋدۇدىي، شەئراۋىي ۋە غەززالىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەرنىڭ، شۇنداقلا مىسىر «ئەزھەر پەتۋا كومېتىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان «كاتتا ئالىملار ھەيئىتى»، مەككە مۇكەررەمەدىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ قارىشىدۇر.(5)
قىياس جەھەتتىنمۇ، قورساقتىكى بالىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئانىسىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ چىقىرىۋېلىش جائىز ھەم ۋاجىب بولغىنىدەك، ئىنسانلار ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن تېببىي تەتقىقات مەقسىتىدە مېيىتنىڭ جەسىتىنى يېرىشمۇ جائىز بولىدۇ.
«ئىككى مەنپەئەت بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالسا، ئەڭ كۈچلۈكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ، ئىككى زىيان بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالسا، ئەڭ ئېغىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ يەڭگىلى قىلىنىدۇ» دېگەن شەرىئەت قائىدىلىرىگە ئاساسەن، ئىنسان جەسىتىنى تېببىي مەقسەتتە يېرىپ تەتقىق قىلىشتا بەزىبىر زىيانلىق تەرەپلەر بولسىمۇ، قارشىسىدا ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان مەنپەئەتلەرمۇ بار. جەسەتنى تېببىي مەقسەتتە يېرىپ تەتقىق قىلىشتىن كېلىدىغان مەنپەئەت، پۈتۈن ئۈممەتكە پايدىلىق ئومۇم مەنپەئەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق تېبابەتنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىن نۇرغۇن كېسەللىك، ئاغرىقلارنى يەڭگىللەتكىلى، ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئىنسان جەسىتىنى تېببىي مەقسەتتە يېرىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھايات ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى، مال – مۈلكىنى ساقلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھايات ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۆلۈكلەرنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىگە قارىغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ پايدىسى تېخىمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئەمما، جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشتىن كېلىدىغان پايدا بولسا، پەقەتلا مىيىتكە ياكى مېيىت ئاھالىسىگە چېتىشلىق خاس پايدا بولۇپ، ئىككى مەنپەئەت بىر – بىرىگە تاقىشىپ قالغان ئەھۋالدا يېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت كۆپچىلىككە، ئومۇم ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان پايدىلىق تەرىپى ئېغىر بېسىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خاس مەنپەئەت قۇربان قىلىنىدۇ.(6)
مۇسۇلمانلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېبابەت ئىلمىنى ئېگىلىشى، تېبابەت ئىلمى بىلەن شوغۇللىنىشى شەرىئەت تەرىپىدىن ئۈممەتكە ۋاجىب قىلىنغان بولغاچقا، تېبابەت ئىلمىنى ئىگىلەش جەسەتنى يېرىپ تەتقىق قىلىشسىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەت تېبابەت ئىلمىنى جەسەتنى يېرىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگىلەشنى ۋاجىب قىلغان بولىدۇ.
دوختۇرلارنىڭ تەكىتلىشىچە، دوختۇرلۇق ئىلمىنى تولۇق ئىگىلەش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى جەسەتنى يېرىپ تەتقىق قىلىشقا موھتاج. ئىنسان جەسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئورنىغا ھايۋانلارنى يېرىپ تەتقىق قىلىش بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان بىلەن ھايۋانلارنىڭ جىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر مەۋجۇدتۇر.(7)
تېببى مەقسەتتە جەسەتنى يېرىپ تەتقىق قىلىش، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولمايدۇ. چۈنكى، ئىشلار نىيەتكە باغلىق. بىكاردىن بىكارغا ياكى دۈشمەنلىك قىلىش مەقسىتىدە جەسەتنى يېرىش ئەلبەتتە ھارامدۇر. ئەمما، ئىنسانىيەت ھاياتىنى قوغداش، كېسەللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ھارام بولمايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى تەرجىھ قىلىنىدۇ. ئەمما، جەسەتنى تەتقىق قىلىشتا بىرقانچە ئىشقا دىققەت قىلىش لازىم:
1. جەسىتى تەتقىق قىلىنىدىغان مېيىت ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ياكى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك.
2. جەسەتنى تەتقىق قىلىشتا تېببىي تەتقىقات ئۈچۈن ھەقىقىي ئېھتىياجدىن ئارتۇقچە ئىشلار چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا جەسەتنى خارلاشمۇ چەكلىنىدۇ.
ھايۋانلارنى تەجرىبە ساھەسىدە ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك:
ئىسلام دىنى ھايۋانلارغا مېھىر – شەپقەت بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان، قىيناپ، ئۇرۇپ، ئازابلاشتىن، بىكاردىن بىكارغا ئۆلتۈرۈشتىن توسقان.
تېببىي ساھەدە دورا تەسىرىنى بىلىش ۋە ئوپېراتسىيىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتا ئادەتتە چاشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلار تەجرىبە قىلىنىدۇ.
ھايۋانلارمۇ دۇنيادىكى ئۆسۈملۈك، مەدەن ۋە تاغ – دەريالار قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ پايدىسى ۋە خىزمىتى ئۈچۈن يارىتىلغان بولغاچقا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ھايۋانلاردىن ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلانسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇ زات زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 29).
ئىنسانلارنىڭ كېسەللىرىنى داۋالاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ھايۋانلاردىن تېببىي تەجرىبىلەردە پايدىلىنىشنى تەقەززا قىلىدىغان بولغاچقا، ھايۋانلاردىن تۈرلۈك تېببىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھايۋانلارنى ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن تېببىي تەجرىبە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شەكىلدە پايدىلانسا بولىدۇ.
ئاخىرقى ئىككى سوئالدىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئاناتومىيە دەرسىگە، ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئاناتومىيە دەرسىگە قاتنىشىشىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ھازىر دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى يىللاردا ھەر ئىككى جىنسنىڭ ئاناتومىيىسىنى پۇختا ئىگىلەش، تەجرىبە يېتىلدۈرۈش ۋە ئىلمىي ئۇل سېلىش، ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈش، شۇنداقلا دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئەر ۋە ئايال ئاناتومىيىسى دەرسىگە قاتنىشىشى زۆرۈردۇر ۋە بۇنىڭغا مەجبۇردۇر.
بۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال بولۇپ، دوختۇرلۇقتا ئوقۇش ۋە دوختۇرخانىلاردا پىراكتىكا قىلىش تۈزۈملىرى ئاساسەن غەرب ئادەتلىرى بويىچە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئەمدى بۇنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، شەرىئەتتە ئەۋرەتكە قاراشنىڭ ھاراملىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر. بۇ ھەقتە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئەر ۋە ئايالنىڭ ئەۋرەت دائىرىسىمۇ شەرىئەتتە ئېنىق بېكىتىلگەن.
بۇ ئومۇم ھۆكۈم قارشىسىدا، داۋالاش دائىرىسىدە رۇخسەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. ساھابە ئاياللاردىن روبەييى بىنتى مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتقا چىقىپ، جەڭچىلەرگە ئۇسسۇلۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتۇق. يارىدارلارنى ۋە ئۆلگەنلەرنى مەدىنەگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتەتتۇق.(8)
ئىمام ئىبنى ھەجەر مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە: «بۇ ھەدىستە، ئايال كىشىنىڭ يات ئەرنى داۋالىشى زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بار» دېگەن.(9)
ئۆلىمالار زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئېھتىياجدىن ئاشۇرىۋەتمىگەن ئاساستا ئەۋرەتكە قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئايال ئاغرىپ قېلىپ ئۇنى داۋالايدىغانغا ئەر دوختۇردىن باشقىسى تېپىلمىسا، ئۇ ئايالنىڭ قاراشقا ئېھتىياج بولغان يەرلىرىگىلا قارىشى جائىز بولىدۇ. ئەر كىشى ئەر كىشىنى داۋالاشتىمۇ شۇنداق. ئەگەر بىر ئەر ئاغرىپ قېلىپ، ئۇنى داۋالايدىغانغا ئەر دوختۇر تېپىلمىسا، ئۇ ئەرنىڭ قاراشقا ئېھتىياج بولغان يەرلىرىگىلا قارىشى جائىز بولىدۇ. دېمەك، ئالىملار دوختۇرلۇق ۋە داۋالاش ئۈچۈن ئەۋرەتكە قاراش ئېھتىياجى بولسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز دەپ قارىغان.(10)
يۇقىرىقى ھەدىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ بايانلىرىنى ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا تەتبىقلىغىنىمىزدا، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھەر ئىككى جىنستىكى جەسەت ۋە مودېللارنىڭ ئاناتومىيىلىك دەرسىگە قاتنىشىشى زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىزلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئايال دوختۇر تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئەر دوختۇرنىڭمۇ ئاياللارنى تەكشۈرۈشى ۋە داۋالىشى جائىز بولىدۇ. شۇنداقلا سېسترالىق كەسپىدىمۇ ئەرلەرنىڭ ئەرلەرگە، ئاياللارنىڭ ئاياللارغا سېسترالىق قىلىشى، ئۇلار تېپىلمىغاندا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە سېسترالىق قىلىشىمۇ جائىز بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 6 – جامادىيەلئاخىر / م. 2012، 27 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 76 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/264؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 5/166؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/215؛ دىردىير: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1/429؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/369.
2. مجلة «دعوة الحق»، العدد 261 ربيع 2 – 1407/ ديسمبر 1986.
3. دوكتور مۇھممەد ئەلى ئەلبار: «علم التشريح عند المسلمين»، 15 – 28 – بەتلەر.
4. «ئەبۇ داۋۇد»، (3207). سەھىھ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 2/1035؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 763.
5. مجلة «دعوة الحق»، العدد 261 ربيع 2 – 1407/ ديسمبر 1986؛ شىنقىيتىي: «تېببىي ئوپېراتسىيە ئەھكاملىرى»، 173 – بەت؛ شەيخ ئىبنى باز: «شەيخ ئىبنى باز پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 22/349.
6. شىنقىيتىي: «تېببىي ئوپېراتسىيە ئەھكاملىرى»، 173 – بەت.
7. «اللجنة الدائمة للبحوث والإفتاء»، حكم تشريح جثة المسلم، مجلة البحوث الإسلامية، العدد 4، 1398هـ، ص79 – 80.
8. «بۇخارىي»، (2883).
9. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/80.
10. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلئادابۇششەرئىييە»، 2/429.