سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزى كىشىلەر: «قولىدىن قاس چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسا يامان بولىدۇ» دەيدىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نامازدا ياكى مەسجىدتە بولمىغان ئەھۋالدا قاس چىقىرىش مۇباھ ئىش. بۇنى چەكلەيدىغان سەھىھ بىر كۆرسەتمىمۇ يوق. بەزى كىشىلەر ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن ياكى قاس چىقىرىشقا ئېھتىياجى بولغانلىقتىن قاس چىقىرىشى مۇمكىن.
بەزىلەر بۇ ئىش لوت قەۋمىدىن قالغان ئادەت دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئىسپات يوق، بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەت يالغاندۇر. مەسىلەن، ئىمام زەھەبىي «ئەلكەبائىر» دېگەن كىتابىدا قاس چىقىرىشنى لوت قەۋمىدىن قالغان ئون خىل ناچار ئىللەت قاتارىدا سانىغان بىر رىۋايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلتۈرگەن(1). بۇنى شەيخ ئالبانىي «زەئىف ۋە يالغان ھەدىسلەر» توپلىمىدا: «يالغان» دېگەن.
ھەنەفىي مەزھەبتە: بوغۇملارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قاس چىقىرىشقا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ قاس چىقىرىشنى مەكرۇھ تەنزىيھىي، دەپ قارىغان.(2)
تېببىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دوختۇرلار داۋاملىق قاس چىقىرىشنىڭ ياشانغان چاغلاردا بارماق بوغۇملىرىدا سۇ يىغىلىش، كۆمۈرچەك ئۇپراپ كېتىش ۋە بارماق قېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ھەقىقەتمۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭ يۇقىرىقى مەكرۇھ تەنزىيھىي دېگەن قارىشىنى جانلاندۇرىدۇ.
نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشقا كەلسەك، جانابىي ئاللاھ «قۇرئان»دا نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرىدىغانلارنى مەدھىيەلىگەن بولۇپ، نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرۇش، بىھۇدە ئىش – ھەرىكەت قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. قاس چىقىرىشمۇ جىم تۇرۇشقا، خۇشۇغا زىت كېلىدىغان، غەپلەتكە دالالەت قىلىدىغان ئارتۇقچە ئىش – ھەرىكەت بولغاچقا، يەنە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىش بولغاچقا، نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشقا بولمايدۇ.
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامازدا جىم تۇرۇڭلار» دېگەن.(3)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى شۇئبە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇپ، بارماقلىرىمدىن قاس چىقاردىم. نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئۇ: «ھۇ يېتىمەك! نامازدا تۇرۇپمۇ بارماقلىرىڭدىن قاس چىقىرامسەن؟» دېدى.(4)
يەنە سەلەفلەردىن ئىبراھىم نەخەئىي، ئەتاﺋ، مۇجاھىد ۋە سەئىد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلارنىڭ نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشنى يامان كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(5)
يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «نامازدا تۇرۇپ بارماقلىرىڭدىن قاس چىقارمىغىن» دېگەنلىكى زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.(6)
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىش ئالىملار نەزەرىدە مەكرۇھاتلاردىن سانىلىدۇ. نامازنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇنىڭدا ئىجماﺋ بارلىقىمۇ نەقىل قىلىنغان.(7)
ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى نامازدا تۇرۇپ ئارقا – ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم قاس چىقارسا ناماز بۇزۇلىدۇ، دەپ قارىغان.(8) بۇ بەلكى نامازغا مۇناسىۋەتسىز كۆپ ئىش – ھەرىكەت بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك.
يەنە نامازغا مېڭىش ۋە ناماز ئۈچۈن مەسجىدتە ئولتۇرۇش نامازنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغان بولغاچقا، بەزى ئالىملار نامازغا ماڭغاندىمۇ، نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىمۇ، مەسجىدتىكى چاغدىمۇ نامازدا تۇرغان چاغقا ئوخشاش قاس چىقىرىش مەكرۇھ، دەپ قارىغان.(9)
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻧﺎﻣﺎﺯدا ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» دېگەن.(10)
شۇڭا، نامازنىڭ ئىچىدە، مەسجىدتە قاس چىقىرىشتىن ساقلىنىش، باشقا چاغلاردا ئادەتلىنىپ قالمىغان ئەھۋالدا بوغۇملارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قاس چىقىرىش ئېھتىياجى بولسا چىقارسا جائىز بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 9 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2012، 1 – فېۋرال
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 189 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. زەھەبىي: «ئەلكەبائىر»، 1/56.
2. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/22.
3. «مۇسلىم»، (430).
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7358). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 2/96): «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
5. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7359 – 7362).
6. «ئىبنى ماجە»، (965). ئىمام بۇسايرىي، ھافىز ئىراقىي بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن. قاراڭ: بۇسايرىي: «مىسباھۇززۇجاجە»، 1/140؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 6/414.
7. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/22.
8. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/371.
9. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/22؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 6/414؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/642.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (477)؛ «مۇسلىم»، (649).