سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دىيارىمىزدا ئادەتتىكى قويلارنى ئېلىپ سېتىشقا ئوخشىمايدىغان مەكىت قويى سودىسى شەكىللىنىپتۇ. بۇ مەكىت قويىنىڭ سىرتقى شەكلى باشقا قويلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، سۈپىتىگە قاراپ باھاسىمۇ ھەر خىل بولىدىكەن. ھەتتاكى بىر ئېسىل مەكىت قوچقىرىغا 10 مىليون سوم باھا قويۇلۇپتۇ.
1. مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان يۇقىرى باھالىق مەكىت قوچقىرى سودىسى جائىزمۇ؟
2. قىممەت باھالىق مەكىت قوچقىرىنى ئادەتتىكى قويلار بىلەن چاڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاشۇ ئادەتتىكى قوينىڭ قورسىقىدا تۆرەلمىنىڭ بولۇشى بىلەن ئۇ ئادەتتىكى قوينىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسىدىكەن. بۇ سودىمۇ جائىز بولامدۇ؟
3. قىممەت باھالىق مەكىت قوچقىرىنى ئادەتتىكى قويلار بىلەن چاڭلاشتۇرۇپ بەرگەنگە ھەق ئېلىش جائىز بولامدۇ؟
4. ئەگەر مەكىت قوچقىرىنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ – سېتىش جائىز بولسا، ئۇنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟ ئۇستازدىن يۇقىرىقى سوئاللارغا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
1. قوي ۋە باشقا ھايۋانلار سورتىغا، سۈپىتىگە قاراپ باھاسى ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. مەكىت قويىدا سېتىۋالغۇچى قىزىقىدىغان ئالاھىدە سۈپەتلەر تېپىلسا، ئالدامچىلىقتىن، ساختىلىقتىن خالىي بولغان ئەھۋالدا خاھلىغان باھادا ساتسا، ئالسا بولىدۇ. جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.
مەكىت قويىنى سېتىش تىجارەتتىن ئىبارەت بولۇپ، تىجارەت دېگەندە ھەركىم خاھلىغىنىچە باھا قويۇپ، سېتىۋالغانلارمۇ رازى بولغان باھادا سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدا كىشى ئەركىندۇر.
مەكىت قويىغا ئوخشاش نەسىللىك كالا، تۆگە ۋە ئەرەب ئاتلىرىمۇ شۇنداق سېتىلىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا نەجران ۋالىيسى ئىدى. ئۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇراھمان ئىبنى ئۇمەييە (يەئلا ئىبنى ئۇمەييەنىڭ قېرىندىشى) بىر بايتالنى يۈز ياش تۆگىگە سېتىۋالغان ئىدى. ساتقۇچى پۇشايمان قىلىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: يەئلا بىلەن قېرىندىشى ئىككىيلەن مېنىڭ بىر بايتىلىمنى تارتىۋالدى، دەپ ئەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر دەرھال يەئلاغا: ھۇزۇرۇمغا كەلگىن، دەپ مەكتۇب يازدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىلىۋىدى، ئۆمەر: سىلەردە ئات مۇشۇ باھاغا چىقامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، يەئلا: بۇندىن ئىلگىرى بىرەر ئاتنىڭ بۇنداق باھاغا چىققانلىقىنى بىلىپ باقمىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنىڭغا: ئۇنداق بولسا قىرىق قويدىن بىر قوي زاكات ئېلىپ، ئاتتىن زاكات ئالمامدۇق؟ ھەربىر ئاتقا بىر تىللا زاكات ئالغىن، دەپ بۇيرىدى. شۇنداق قىلىپ ھەربىر ئاتقا بىر تىللادىن زاكات بەلگىلىدى.(1)
يۇقىرىقى ۋەقەلىكتە ساھابە كىراملار ئېسىل ئاتلارنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ – ساتقان، خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن.
2. مەكىت قويى چاپتۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ ساغلىقنى بوغاز دەپ سېتىش جائىز. چۈنكى، بوغاز ئىكەنلىكى ئادەتتە بەزى بەلگىلەر بىلەن بىلىنىدۇ.
«مۇھەززەب»نىڭ شەرھىدە مۇنداق كەلگەن: «ئەسلىدە نامەلۇم سودا مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن باتىلدۇر، بۇ يەردە ئېنىق نامەلۇملۇق بولغان، ساقلىنىش مۇمكىن بولغان سودىدۇر. ئەمما، ئۇنىڭغا ئېھتىياج چۈشىدىغان، ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلەن، ئۆينىڭ ئۇلى، قورساقتىكى تۆرەلمە بىر ياكى ئىككى ياكى ئەركەك ياكى چىشى بولۇش ياكى ئەزالىرى تولۇق ياكى كەم بولۇش ئېھتىمالى تۇرۇقلۇق بوغاز ھايۋاننى سېتىۋېلىش، يەنە يىلىنىدا سۈت بار ساغلىقنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن سېتىش توغرا بولىدۇ».(2)
مەكىت قويى چاپتۇرۇلغانلىقى، باشقا قوينىڭ چاپتۇرۇلمىغانلىقى، شۇنداقلا تۆرەلمىنىڭ ئاشۇ مەكىت قويىدىن بولغانلىقى ئېنىق بولسا، بۇ ساغلىقنى ھامىلىسى سەۋەبىدىن يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولغان بولسىمۇ لېكىن، سېتىشقا بولىدۇ، دېگەن قاراش كۈچلۈك.(3)
ئەگەردە ساغلىقنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ئايرىپ تۇرۇپ سودىلاشسا جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا ساغلىققا ئايرىم، تۆرەلمىگە ئايرىم باھا قويۇپ سودىلاشسىمۇ جائىز بولمايدۇ. يەنە تۆرەلمىنى ئېلىپ قېلىپ ساغلىقنى سودىلاشسىمۇ بولمايدۇ.(4)
ئىمام سەرەخسى دەيدۇ: «ھايۋاننى سېتىپ قورسىقىدىكى تۆرەلمىنى مۇستەسنا قىلىۋەتسە سودا فاسىد بولىدۇ. چۈنكى، قورساقتىكى تۆرەلمىنى ئۆز ئالدىغا مەقسەت قىلىپ ساتقىلى بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇستەسنا قىلىپ ئايرىۋېلىشقىمۇ خۇددى قولى ياكى پۇتىنى ئايرىۋېتىشكە بولمىغاندەكلا جائىز بولمايدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، تۆرەلمە ئانىسى بىلەن بىر تۇتاش گەۋدە بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئوخشايدۇ، ھايۋاننىڭ بىرەر پارچىسىنى ئايرىپ سودىلاشقىلىمۇ بولمايدۇ، مۇستەسنا قىلىپ چىقىرىۋېتىپ سودىلاشقىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، تۆرەلمە قورساقتا تېخى نامەلۇم، ئۇ ئەركەكمۇ – چىشىمۇ؟ بىرمۇ ياكى ئىككىمۇ بىلمەيدۇ. ئەگەردە مۇستەسنا قىلىنغان تۆرەلمە نامەلۇم بولسا، مۇستەسنا قىلىنغان ئانىسىمۇ نامەلۇم بولىدۇ، نەتىجىدە، سودىلاشقان نەرسىنىڭ نامەلۇم بولۇشى سودىنىڭ جائىز بولۇشىنى توسىدۇ».(5)
3. مەكىت قويىنى ۋە ياكى كالا، ئات ۋە تۆگىلەردەك باشقا بىر ئەركەك ھايۋاننى ساغلىققا چاپتۇرۇپ بەرگەنگە ھەق ئېلىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەركەك ھايۋاننى چىشىغا چاپتۇرۇشتىن تاپقان پۇلنى چەكلىگەن» دېگەن.(6)
بۇ ئىشتىن مەقسەت ئادا بولۇشى ئەركەك ھايۋاننىڭ شەھۋىتىگە باغلىق نەرسە بولغاچقا، بۇ بىر خىل نامەلۇم ئىشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئادەمگەرچىلىككە ماس كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر.
لېكىن، سودىلاشمىغان ياكى شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا ئەركەك ھايۋاننى چاپتۇرۇۋېلىشقا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرسا، چاپتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ساغلىق ھايۋاننىڭ ئىگىسى ئەركەك ھايۋاننىڭ ئىگىسىگە بىرنەرسە ھەدىيە قىلسا، قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، كىلاب قەبىلىسىدىن بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئەركەك ھايۋاننى چىشىغا چاپتۇرۇش ئۈچۈن ھەق ئېلىش توغرىسىدا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى توستى. ئۇ ئادەم:
— يارەسۇلەللاھ! بىز ئەركەك ھايۋاننى چىشىغا چاپتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بېرىپ تۇرساق، ھەدىيە قىلىنىپ ئىززەتلىنىمىز، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.(7)
4. مەكىت قويى باشقا قويلارغا ئوخشاش ئەگەر قىرىق قوي بولغان ئەھۋالدا بىر قوي زاكات كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق ساندا كۆپ بولماي قىممەت باھالىق بىر ياكى بىرقانچە مەكىت قويى بولسا، بۇنىڭ قىممىتى سورتىغا قاراپ ئادەتتە زاكات كېلىدىغان بايلىق ئۆلچىمى (نىساب) دىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، زاكات بېرىدىغان چاغ كەلسە ئېلىپ – ساتىدىغان تىجارەت تاۋىرى قاتارىدا بازاردىكى باھاسى بويىچە ھېسابلىنىپ پۈتۈن قىممىتىنىڭ %2.5 ىنى زاكىتىنى ئايرىيدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 3 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 6 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 159 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئابدۇرراززاق»، (6889)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (7211). ھافىز ئىبنى ھەجەر («ئەددىرايە» 1/255) سۈكۈت قىلغان.
2. تەقىييۇددىن سۇبكى/ شەيخ مۇھەممەد نەجىب ئەلمۇتىيئىي: «تەكمىلەتۇل مەجمۇﺋ»، 9/246.
3. يۇقىرىقى مەنبە 9/305.
4. يۇقىرىقى مەنبە 9/307.
5. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 13/19.
6. «بۇخارىي»، (2284).
7. «تىرمىزىي»، (1274). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.