تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىش

تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاق يەرنى تېرىش ياكى باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىدىغانلارغا پۇلغا ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ، ئالىدىغان ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىگە ئىجارىگە بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىجارە مۇددىتى ئېنىق بولۇشى، گۇناھ ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىكىنى شەرت قىلىش كېرەك.

تېرىلغۇغا ئىشلىتىدىغان بولسا تېرىيدىغان زىرائەت تۈرى، يەنى بۇغداي ياكى قوناق ياكى كېۋەز دەپ ئېنىق بايان قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ.

ئاق يەرنى تېرىش ياكى باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىدىغانلارغا پۇل بىلەن ئىجارىگە بەرسە جائىز دېگەن بۇ قاراش كۆپچىلىك ئالىملار توغرا تاپقان قاراشتۇر، ئاز بىر قىسىم ئالىملار مەكرۇھ، دەپ قارىغان. جائىز بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان سەھىھ دەلىللەر ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سىلەر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئەۋزەلرەكى، ئاق يەرنى بىر يىلدىن يەنە بىر يىلغىچە ئىجارىگە ئېلىشىڭلاردۇر» دېگەن.(1)

ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تېرىلغۇ يېرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ ۋە مۇئاۋىيەنىڭ خەلىفىلىكىنىڭ ئىلگىرىكى دەۋرلىرىدە ئىجارىگە بېرىدىغان ئىدى».(2)

سالىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم» دېگەن.(3)

ھەنزەلە ئىبنى قەيس رىۋايەت قىلىدۇكى، راﻓﯩﺌ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىكى: مېنىڭ ئىككى تاغام ماڭا سۆزلەپ بەردىكى: «ئۇلار (ساھابەلەر) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا يەرنى ئېرىق ياقىسىدا ئۆسكەن زىرائەتكە ياكى يەر ئىگىسى بەلگىلىگەن نەرسىگە ئىجارىگە بېرىدىغان بولۇپ، كېيىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق قىلىشنى چەكلىگەن». ھەنزەلە دەيدۇ: «مەن راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

— يەرنى تىللا بىلەن تەڭگىگە (پۇلغا) ئىجارىگە بەرسە قانداق بولىدۇ؟ — دېسەم، راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنى تىللا بىلەن تەڭگىگە (پۇلغا) ئىجارىگە بەرسە كېرەك يوق، — دېدى».(4)

رافىئ‍ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىز ئەنسارلار ئىچىدە تېرىلغۇ يەرلىرى ئەڭ كۆپ كىشىلەر ئىدۇق، شۇڭا (يەرنىڭ بىر قىسمىنى يەر ئىگىسىگە ئاتاپ) يەرنى ئىجارىگە بېرەتتۇق، بەزىدە بۇ يەردىن ھوسۇل چىقىپ، ئۇ يەردىن چىقمايمۇ قالىدىغان ئەھۋال بولغاچقا، بىز ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەندۇق. تەڭگىگە ئىجارىگە بېرىشتىن چەكلەنمىدۇق».(5)

يۇقىرىقى «سەھىھ» دەلىللەرگە ئاساسەن تېرىلغۇ يەرنى پۇلغا ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ. ئىجارىگە بەرسە بولمايدۇ، دەپ قارالغان ئەھۋال بىرەر يەرنىڭ ھوسۇلىنى ئىجارىگە بەلگىلەپ قويغانغا ئوخشىغان بىر خىل مەۋھۇم ياكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئەھۋاللىرى بولۇپ، ساھابە كىراملارنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا تۆت مەزھەب ئالىملىرى پۇلغا ئىجارىگە بېرىشنى توغرا دەپ قارايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 1 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 4 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 160 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «بۇخارىي»، «تېرىلغۇ يەرنى ئالتۇن – كۈمۈشلەرگە ئىجارىگە بېرىش» دېگەن باب.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2343)؛ «مۇسلىم»، (1547).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2345)؛ «مۇسلىم»، (1547).
4. «بۇخارىي»، (2346، 2347).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2722)؛ «مۇسلىم»، (1547).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ