«خۇدا»، «تەڭرى» ۋە «پەرۋەردىگار» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاللاھقا قوللىنىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى توغرىسىدا بەزىلەر: «‹ئاللاھ›نى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىستە كەلگەن ئىسىملار بىلەن چاقىرىش كېرەك. ‹خۇدا›، ‹تەڭرى› ۋە ‹پەرۋەردىگار› دېگەندەك بىزنىڭ ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ‹مەبۇد›لىرىنى چاقىرغاندىكى ئادەتلىنىپ قالغان ئىسىملار بىلەن چاقىرماسلىق كېرەك» دېگەن تەۋسىيەلەرنى قىلغان بولدى. قارىسام قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ۋە پارس تىلى تەسىرى بار بەزى خەلقلەر «خۇدا» ۋە «پەرۋەردىگار» دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىكەن. خىتاي تىلىدا 真主، ئىنگلىز تىلىدا «Lord» ۋە «God» ۋە يەنە نۇرغۇن تىللاردا باشقىچە ئاتالسا كېرەك. بۇ توغرىسىدا شەرىئىتىمىز نېمە دەيدۇ؟ ھەرمىللەت ئۆزىنىڭ تىلىدا چاقىرسا بولامدۇ ياكى شۇ بۇيرۇلغان ئىسىملار بىلەنلا چاقىرىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى مەبۇدلارنى ئاتاشتا ئادەتلىنىپ قالغان ئات – ئىسىملارنىڭ ھەممىسى چوقۇم شۇ بۇتپەرەستلىك ۋە شىرك ئېتىقاد دەۋردىن باشلاپلا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەم تەۋھىد ئېتىقادىدىكى دەۋرلەردىن قالغان. چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن ياشىغان. بۇ ئەقىدە ئىنسانلار بېسىپ ئۆتكەن تۈرلۈك باسقۇچلاردا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. كېيىنچە شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئىنسانلار ئەنە شۇ ئەسل تەبىئەتتىن ۋە ھەق يولدىن ئاداشقان. ھەقتائالا ئېيتقانكى: ﴿ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىندا (يەنى تەۋھىد دىنىدا) ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى﴾(47/«يۇنۇس»: 19).

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەدىس قۇدسىيدا دېگەنكى: «قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن رەببىم ماڭا ئۆزى بىلدۈرگەنلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى ۋە: ‹بەندىلىرىمگە ئېھسان قىلغان ھەممە نەرسە ھالالدۇر، مەن بەندىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توغرا يول ئۈستىدە ياراتتىم. كېيىن شەيتانلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنى دىنىدىن ئازدۇردى، ئۇلارغا ھالال قىلىپ بەرگىنىمنى شەيتان ھارام قىلدى، ھېچقانداق ئاساسسىزلا ئۇلارنىڭ ماڭا شىرك كەلتۈرۈشىنى ئەمر قىلدى› دېدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە نەزەر سالدى، بىر قىسىم ئەھلى كىتابتىن باشقا ئەرەب ۋە ئەجەم ھەممىگە غەزەپ قىلدى›»(1).

بۇ سەۋەبتىن ھەق يولدىن ئاداشقان قەۋملا بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز تىلى بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغان ۋە ھەرقانداق بىر قەۋملا بولىدىكەن، تەۋھىد ئېتىقادىدا ياشاپ باققان. بۇ ھەقتە ھەقتائالا: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتسەكلا بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق﴾(14/«ئىبراھىم»: 4) دېگەن. دېمەك، باشقا تىللاردىكى ياراتقۇچى يېگانە زاتنى ئىپادىلەيدىغان تۈرلۈك ئىسىملار ئەرەبچىدىكى «ئاللاھ»، «خالىق» ۋە «رەب» كەلىمەلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئىسىم – سۈپەتلەرنىڭ مەناسىنىڭ شۇ تىللاردىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇنى ئەرەبچە قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكى گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلەرنىڭ تەرجىمىسى دېيىشكە بولىدۇ.

تىلىمىزدا پارسچىدىكى «خدآي» سۆزىدىن ئۆزلەشكەن «خۇدا» سۆزىمۇ مەنە جەھەتتىن «ئۆز – ئۆزىدىن بار» دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتساق «خۇدا» سۆزىنىڭ مەنىسى ئەقىدە ئالىملىرى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپەتلىرى ئىچىدىكى ۋاجىبۇل ۋۇجۇد مەناسىدىكى «ئەلۋۇجۇد»، «بار بولۇشى مۇقەررەر» دېگەن تەرىپلەشنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. پارسلاردىن چىققان مەشھۇر ئەھلىسۈننەت پېشۋاسى ئىمام فەخرۇررازىي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پارسلارنىڭ ‹خۇدا› دېگەن سۆزى ‹مۇقەررەر مەۋجۇدىيەت› مەنىسىدىدۇر. چۈنكى، پارسچە تەلەپپۇزدا ‹خداي› سۆزى ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ‹خد›نىڭ مەنىسى شەيئىنىڭ ئۆزى، مەۋجۇدىيىتى، ھەقىقىتى دېگەنلىكتۇر. ئىككىنچى سۆز ‹اي› نىڭ مەنىسى بولسا ‹كەلگەن› دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ‹ۋۇجۇدقا سەۋەبنىڭ تەسىرىسىز، ئۆز – ئۆزىدىن كەلگەن› دېگەنلىككە ئىشارەت بولۇپ، بۇ خىل مەنە بويىچە ئۇلارنىڭ ‹خداي (خۇدا)› دېگىنى ئۆز – ئۆزىدىن بار ئىدى، دېگەنلىكتۇر»(2).

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 450 – 520 / م. 1058 – 1126) قاتارلىق بەزى ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن كەلتۈرگەن بىر نەقلىي بايانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رەب سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەرەبچە ‹ئاللاھ›، ‹راھمان›، ‹رەھىم›، پارسچە ‹خۇداي بوزورك›، تۈركچە ‹تەڭرى›… ۋە شۇنىڭدەك كەلىمەلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھالبۇكى جانابى ھەق ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ ئوخشىمىغان ئىبادەتلەر ۋە مەقسەتلەردە مەئبۇدتۇر. شۇنداقلا ئۇ زات تۈرلۈك ياد ئەتكۈچىلەرنىڭ زىكىرلىرىدە مەزكۇردۇر». ئىمام ئىبنى تەيمىييە مەزكۇر نەقىلگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئەرەبچە بىلەن باشقا تىللاردا ئوخشىماسلىقىغا كەلسەك، بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: گاھىدا ئەجەم تىلىدىكى ئىسىملار ئەرەبچە ئىسىملار ئىپادىلەيدىغان سۈپەتتىن باشقا بىر سۈپەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئىسىملار ئەرەبچە ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ئورنىدا بولىدۇ؛ گاھىدا ئۇنىڭ مەناسى ئەرەبچە ئىسىمنىڭ مەناسىدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ مەنىداش ئىسىملاردەك بولىدۇ»(3).

بۇ ھەقتە ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا (ھ. 1282 – 1354 / م. 1865 – 1935) مۇ ئېيتىدۇكى: «‹خۇدا› ۋە ‹تەڭرى› كەلىمەلىرى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زاتنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ دەلىلگە ياكى ئايرىم ئايەت ۋە ھەدىس كۆرسەتمىسىگە قاراشلىق يېڭى بىر ئىسىم قويۇۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئۇلۇغلۇقنى ئىپادىلەيدىغان ‹ئاللاھ› كەلىمەسىنىڭ تەرجىمەسىدۇر. بۇ ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە قىلغىلى بولىدىغان ئىسىم – سۈپەتلەرگە ئوخشاشتۇر. بۇ ھەممە تىللاردا مەنىداش كەلىمەلەردۇر. بولۇپمۇ پارسچىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان تىللاردا بىردەك جائىزدۇر»(4).

تىلىمىزدىكى «تەڭرى» كەلىمەسىمۇ تۈركلەردە تەۋھىد ئېتىقادى دەۋرىدىن بۇيان «ئىلاھ / ئاللاھ»نى بىلدۈرۈپ كەلگەن. گەرچە ھەق يولدىن ئازغان بەزى دەۋرلەردە ۋە كۈنىمىزدىمۇ باتىل ئىلاھلارغا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇ كەلىمەنىڭ ھەقتائالانى ئىپادىلىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. شۇڭلاشقا، تۈركلەر قاراخانىيلار دەۋرىدە ئىسلامىيەتكە قايتا مۇشەررەپ بولغاندىن بۇيان تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھردىكى ئالىملىرىمىز «تەڭرى» كەلىمەسىنى «ئاللاھ» مەنىسىدە، توغرىسى «ئاللاھ» ئىسمىنىڭ تەرجىمىسى ئورنىدا ياكى جانابى ئاللاھنى ئۇلۇغلۇق بىلەن سۈپەتلەشتە قوللىنىپ كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تە ۋە شۇ دەۋردىكى قۇرئان تەرجىمەسىدە بۇنى كۆرۈۋالالايمىز. م. 1933 – يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى»دىمۇ «تەڭرى» كەلىمەسى قوللىنىلغان. دېمەك، ئامۇخاس بارچە مۇسۇلمانلار «تەڭرى» ۋە «خۇدا» سۆزلىرىنى تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن. «ئاتائۇللاھ» دەپ ئاتىغاندەك، «خۇدابەردى»، «تەڭرىبەردى» دېگەن ئىسىملارنىمۇ بىمالال قويۇشقان ۋە بۇلار ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى تەرىپىدىن مەقبۇل كۆرۈلگەن. جانابى ئاللاھ: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13)، ﴿ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەت بار﴾(30/«رۇم»: 22) دېگەن ئايەتلىرىدىمۇ ئىنسانلارنى ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلەيدىغان خىلمۇخىل مىللەت قىلىپ ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. تەبىئىيكى، ئاللاھ تائالانى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۆز تىلى بىلەن ياد ئېتىدۇ. ئۇ زاتقا ئۆز تىلىدا دۇئا قىلىدۇ. ئەرەب بولمىغان بەندە قۇرئاننىڭ مۇئجىزىلىكى جەھەتتىن نامىزى دۇرۇس بولغۇدەك مىقداردا ئايەت (شۇنداقلا نامازدىكى ئەتتەھىيياتۇ كەبى بەزى زىكىر) لەرنى ئەرەبچە ئوقۇسىلا، ناماز سىرتىدىكى دۇئا ۋە زىكىرلەردە ئىگىسىنى چوقۇم ئەرەبچە ياد ئېتىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئاللاھ جىمى تىللارنى بىلگۈچىدۇر.

ھەتتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ: «نامازغا قۇلاق قاققاندا پارسچە ‹خۇداي بوزورك تەر / ئاللاھ ئەڭ بۈيۈك› ياكى ‹خۇداي بوزورك / ئاللاھ بۈيۈك› دەپ تەكبىر چۈشۈرسە، نامازغا تۇرغان بولىدۇ» دەپ قارىغان(5).

قەزۋىنلىك ئىمام رافىئىي (ھ. 557 – 623 / م. 1162 – 1226): «نامازغا ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تەكبىر چۈشۈرۈشكە ئاغزى كەلمەيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ تەرجىمەسىنى دەپ تەكبىر چۈشۈرسە بولىدۇ. تەكبىرنىڭ پارسچە تەرجىمەسى ‹خۇداي بوزورك تەر / ئاللاھ ئەڭ بۈيۈك›تۇر. جىمى تىللار تەرجىمەدە ئوخشاشتۇر» دېگەن(6).

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك (ھ. 118 – 181 / م. 736 – 797) مۇ سۆھبەتلىرىدە «خۇدا» سۆزىنى بىمالال قوللانغان(7). بىلىمىزكى يۇقىرىقى ئىككى بۈيۈك ئىمامىمىزدىن بىرى پارس، يەنە بىرى تۈرك مىللىتىدىندۇر. دېمەك، پارس ۋە تۈرك مىللىتىدىن بولغان سەلەفلىرىمىز ۋە ئىماملىرىمىزمۇ «خۇدا» كەلىمەسىنى «ئاللاھ»قا قوللانغان. بۇ ۋەجدىن «تەڭرى» ۋە «خۇدا» سۆزلىرىنى قوللىنىشنىڭ جائىزلىقىدا تۈرك ۋە پارس ئالىملار، شۇنداقلا جىمى ئەھلىسۈننەت ئالىمىلىرى بىردەك قاراشتا.

بۇ بىردەكلىكنى يەنە مۇنۇ مەسىلىدىكى بايانلاردىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز: ئەرەبچىدىن باشقا تىللاردا «تەڭرى» ۋە «خۇدا» سۆزلىرىدەك بىرەر سۆز بىلەن ئاللاھنى مەقسەت قىلىپ قەسەم ئىچكەن تەقدىردە، شەرىئىتىمىزدە قەسەم كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇ قەسەمنى بۇزۇۋەتسە، كەففارەت ۋاجىب بولىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) بۇ ھەقتە: «قەسەم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بىلەن ياكى ئاللاھنى ئىپادىلەيدىغان، باشقا نەرسىنى ئىپادىلىمەيدىغان ‹قەلبلەرنى ئۆرۈپ – چۆرىگۈچى، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى…› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بولىدۇ. بۇ جىمى تىللار بىلەن بولىدۇ. قەسەم ئىچىشكە بولىدىغان سۆزلەر مانا مۇشۇنىڭدەك سۆزلەر بولۇپ، قەسىمىدە تۇرمىسا كەففارەت كېلىدۇ» دېگەن(8).

كالامشۇناس ھەنەفىي فەقىھ ئالىم كامال ئىبنى ھۇمام (ھ. 790 – 861 / م. 1388 – 1457): «پارسچە ‹سۇكۇندەمى خورەم بىخۇداي› دېسە، قەسەم بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شۇ دەم (پەيت) نى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: ‹ئۇشبۇ دەمدە ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچۇرمەن› دېگەنلىكتۇر» دېگەن(9).

ۋەلھاسىل، قايسىبىر تىلدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى مەقسەت قىلىپ، شۇ تىلدا ئاللاھنى ئىپادىلەيدىغان، ئاللاھقا لايىق كامالەت مەنالىرى يۈكلەنگەن، تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت كەلمەيدىغان «تەڭرى» ۋە «خۇدا» دېگەندەك سۆزلەرنى قوللىنىش جائىزدۇر. بۇ كەلىمەلەر بىلەن قەسەم ئىچىشكە بولىدۇ. «ئاللاھ» كەلىمەسىنى قوللىنىش تېخىمۇ ئەۋزەل.

ئەمما، بۇ سۆزلەرنى مەسىلەن، ھازىرقى خرىستىيان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر«تەڭرى» سۆزىنى، ئىنگلىزلار «گاد / god» كەلىمەسىنى ئاللاھتىن غەيرىگىمۇ قوللىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇش ياكى خاتا چۈشىنىشكە ئېھتىماللىق قويمايدىغان «ئاللاھ» كەلىمەسىنى قوللىنىش لازىم. يەنە كېلىپ «گاد / god» نى ئاللاھقا قوللىنىش خۇسۇسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. قۇرئان تەرجىمىسىنى قىلىشتىمۇ «گاد / god» كەلىمەسىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شۇڭا، ئىنگلىزلەرگىمۇ «ئاللاھ» كەلىمەسىنى قوللانغاندا چۈشىنىشمەسلىكتىن ساقلانغىلى، ئىختىلاپ دائىرىسىدىنمۇ چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ.

باشقا تىللاردىمۇ يۇقىرىقىدەك كەلىمەگە يۈكلەنگەن مەنىسى، كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارغا قاراپ بىرنەرسە دېيىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1446، 10 – جۇمادىيەل ئاخىر / م. 2024، 12 – دېكابىر


1. مۇسلىم (2865).
2. فەخرۇررازىي: «مەفاتىيھۇل غەيب»، 1 – ج، 122 – بەت.
3. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 6 – ج، 568 – 570 – بەت.
4. مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 9 – ج، 371 – بەت.
5. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 2 – ج، 26 – بەت.
6. رافىئىي: «فەتھۇلئەزىز»، 3 – ج، 268 – بەت.
7. بەيھەقىي: «ئەلئەسمائۇ ۋەسسىفاتۇ»، (908).
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 8 – ج، 30 – بەت.
9. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر (ئەلھىدايەنىڭ شەرھى)»، 5 – ج، 75 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago