قوليازمىنىڭ ئىسمى: زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد/ زبدة المسائل والعقائد
تۈر: فىقھ، فەتۋا، ئەقىدە،
ۋاراق سانى: 55 (110 بەت)
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 21 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان بۇ تۈركچە / چاغاتايچە قوليازما باسمىسى ھ. 1314 / م. 1877 – يىلى ئىستانبۇلدا ھاجى ئابباس ئەفەندى مەتبەسىدە چاپى قىلىنغان.
ھەزرىتى مۇھەممەد سادىق ئەئلەم كاشغەرىي ئۇشبۇ ئەسەرىنى ئۆز ۋاقتىدىكى كاشغەر ھاكىمى مىرزا ئوسمان بەگنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋام ئېھتىياجى بولىدىغان ئەقىدە مەسىلىلىرى، ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرىنى تۈركىي تىلدا جەملەپ تەييارلىغان. مۇئەللىف بۇ ئەسەرنى تەييارلاشتا ئەقائد جەلالىييە، ئەقائىد نەسەفىييە، ئەقائىد سەنىييە، ھىدايە، شەرھى ۋىقايە، شەرھى مەۋلانا ئەبۇل مەكارىم، شەرھى مەۋلانا فەخرۇددىن، مۇختەسەرى خزانە، فەتاۋا ئالەمگىر، دەستۇرى قزات، تەرغىبۇسسالات، زەخيرەتۇلمۇلوك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىتابلاردىن جەملەپ، تۈركىي تەرجىمە قىلىپ يازغان. ئەسەر بىر مۇقەددىمە، 6 باب ۋە خاتىمەدىن تەركىب تاپقان.
باشلىنىشى: الحمد لله الذي مهد مباني الإسلام بالآيات الظاهرة، وأحكم قواعد الأحكام الباهرة، وأوضح معالم الدين بظواهر المعقول، وزين قلائد الشرع بجواهر الفروع والأصول…
ئاخىرى: وكافىرلارغه بو واقعه لار سبب استدراج وضلالت دور. أهل توحيد غه سبب كرامت وزيادت إيمان دور… وصلى الله علي خير خلقه محمد وآله وأصحابه أجمعين. اللهم اغفر لمؤلفه ولكاتبه ولقارئه وساعيه، ولمن نظر فيه، آمين، يا رب العالمين! ويا خير الناصرين، برحمتك يا أرحم الراحمين!
قوليازما باسمىسى ساقلانغان ئورۇن: Türkiye Yazma Eserler Kurumu
عقائد تركي 129.
KAYIT NO 173: A. F şeriyye Millet Kütüphanesi
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قازى ئەئلەم مۇھەممەد سادىق ئىبنى موللا شاھ ئەئلەم ئاخۇنۇم ئەلكاشغەرىي
تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1153/ م. 1740.
ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1266/ م. 1849.
بۇ زات ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.
مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي
بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇن ۋاقىئەلەرنىڭ شاھىدى بولغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن غەزەل ۋە مەسنەۋىلەرنى، «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ( «تەزكىرەئىي خوجاگان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق مەشھۇر دىنىي، ئەدەبىي ـ تارىخىي ئەسەرلەرنى، «تارىخى تەبەرىي»، «تارىخى رەشىدىي» قاتارلىق بەدىئىي تەرجىمىلەرنى خەلقىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1740 ـ يىلى كاشغەردە ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىشچە ئۇ كىچىكىدىنلا ئوقۇشقا ھەۋەس قىلىپ ھەرخىل بىلىملەرنى تىرىشىپ ئإگەنگەن، مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى، يەكەننىڭ ھۆكۈمدارى خوجا جاھان (ياقۇب) ئەرشىينى ئۇستاز تۇتقان. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»نىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرىنى خوجا جاھان ئەرشىيگە بېغىشلىغان.
مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئىجادى پائالىيىتى لىرىك شېئىرلار يېزىش بىلەن باشلانغان. كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا 18 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور تارىخى ـ ئىجتىمائىي ۋاقىئەلەرمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئاز قىسىمىلا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن.
مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1771 ـ تەزكىرە ژانىردىكى ئەسىرى ــ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»نى يېزىپ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بىر شانلىق سەھىپە ئاچتى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەزكىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ئۇنىڭ بىرى دىنى ـ ئەدەبىي تەزكىرلەر، يەنە بىرى، تارىخى ـ ئەدەبىي تەزكىرىلەردۇر. «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆز ئۇچرايدىغان تارىخى ـ ئەدەبىي تەزكىرە تىپىگە كىرىدۇ. ئۇ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئە. ناۋائىينىڭ «ماجالىسۇننەفائىس»، دۆلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ «تەزكىرەتۇششۇئەرا» تەزكىرىلىرىگە ئوخشىسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چۇڭقۇر ۋە مول تارىخى ـ ئىجتىمائىي مەزمۇنلىرى بىلەن يۇقارقى ئىككى ئەسەردىن پەرقلىنىدۇ. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىي ـ ئەدەبىي تەزكىرە ئىجادىيىتىدە يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى پەللە ياراتقانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ.
«تەزكىرەئى ئەزىزان»دا خوجەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرى، ئافاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خان ـ خوجەلەر ھەققىدىكى بايانلار، خوجا دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننىڭ ھاياتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مۇنقەرز بولۇش تارىخىغا دائىر بايانلار ۋە خوجا بۇرھانىددىنغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋاقىئەلەر ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا شۇ دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەدىبلەر، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى قىممەتلىك مەلۇماتلارمۇ ئۇچرايدۇ.
«تەزكىرەئى ئەزىزان»غا كىرگۈزۈلگەن مەسنەۋىيلەر، غەزەللەر، مۇسەممەن، مۇخەممەس، رۇبائىي ۋە ساقىينامىلار ئاپتور ئىجادىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئالايلى:
قايسى بىر دەردىم بايان ئەيلەيكى، قايسى كۈلپەتى،
بىلىمەن يا كەلمىگەي مۇنداغ بىرەۋگە مېھنەتى.
ماتەمىمنى ئېيتاينىمۇ يا مۇسىبەت غۇسەسى،
يا دەينىمۇ خانۇ ـ ۋەيرانلىق بەلائۇۇ شىددەتى.
ياكى دۇشمەنلەر ھوجۇم ئەيلەب جاۋانىبىدىن ماڭا،
قەسدى جانىم قىلغانىڭ دەيمۇ خەتەرلىك ئافەتى.
بارچە غەم بىر سارىيۇ بېغەم رەقىب تەڭدىل،
يەتكۈزۈپ ھەردەم مالامەتىدىن تۇمەنمىڭ زەخمەتى.
سادىقا! شاھزادىلەرگە يوق جاپالار قالدىمۇ؟
نە ۋەفا قىلدى ئاڭا خەيلى ھەشەم نە دەۋلەتى.
شائىر بۇ غەزىلىدە خەلق بېشىغا كەلگەن ئاپەت ـ كۈلپەتلەرنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز ئېغىرلىقىنى، ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق، قان تإكەشلەرنىڭ ئېغىر ئاقىبەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. «تەزكىرەئى ئەزىزان»دا ئەينەن ئېلىنغان ياكى ئاپتور تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشلەنگەن، ئىجاد قىلىنغان ماقال ـ تەمسىللەر، ھەتتا بىر قىسىم فارسچە ماقال ـ تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر فولكلورىنى ياخشى بىلىش بىلەنلا قالماي، شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە فولكلورى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ـ ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مەلۇم مەزگىل كاشغەر خانلىق مەزگىلىدە مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، كاشغەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ باش قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىلدە ئالىمنىڭ شان ـ شۆھرىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېيىلغان. زوھورىددىن ھاكىمبەگ دەۋرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرى ئا. نىزارىي، غەربىي، زىيائىي، سەبۇرىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلىم ـ پەن تەتقىقاتى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئەدىب «زۇبدەتۇل مەسائىل» (1840 ـ يىلى)، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەئف» (1844 ـ يىلى)، «تاجنامە شاھ» (1846 ـ يىلى) قاتارلىق تارىخىي ـ بەدىئىي ۋە ئەخلاقىي ـ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى.
«تاجنامە شاھ» مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئەرەب تارىخچىسى تەبەرىينىڭ «تارىخ تەبەرىي» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئاخىرغا بىرقانچە بابلارنى قوشۇپ ئىجادىي ئىشلەپ چىققان تەرجىمە ئەسىرى. ئەسەرنى يېزىشنى كاشغەر ھاكىملىرىدىن ئىسكەندەر بەگ ئوغلى شاھزادە يۇنۇس تاج بەگ تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئاپتور بۇ تەرجىمە ئەسىرىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.
ئاتاقلىق ئەدىب، تارىخچى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ 1836 ـ يىلى، خېلى كۆپ مىقداردىكى ئالتۇنغا سېتىۋالغان قىممەتباھالىق مۈلكى ــ «مەسنەۋى شىرىف» كىتابىنى ھەزرىتى موللام ــ مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا ۋەقف قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى ھۆججەت مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ۋە مازىرىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى پاكىت بولۇپ خىزمەت قىلدى.
1849 ـ يىلى كاشغەردە بولغان بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي پاجىئەلىك تۈردە قەتلى قىلىندى. ئۇ شۇ يىلى 109 ياشقا كىرگەندى. ئۇنىڭ جەسەدى كاشغەر شەھىرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى زەرەتكالىققا (ئاق مازارغا) دەپىن قىلىندى.
(ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ ئاپتورى نامەلۇم. ماقالىدىكى «شىنجاڭ» دېگەندەك بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى.)
***
اسم المخطوطة: زبدة المسائل والعقائد
الفن: العقيدة، الفقه، الفتاوى.
عدد الأوراق: 55 (110 صفحة)
وصف المخطوطة: كل صفحة 21 سطر بخط واضح باللغة التركية الجغتائية. وهي نسخة مطبوعة من المخطوط طبعت بمطببعة الحاج عباس أفندي عام ھ. 1314 / م. 1877 . وقد جمع الإمام محمد صادق الكاشغري مسائل في العقيدة والعبادة والمعاملات مما ييحتاج إليه العوام وترجمه إلى اللغة التركية التركية الجغتائية. بأمر من حاكم كاشغر ميرزا عثمان بك. وقد استفاد من العقائد الجلالية، والعقائد النسفية، والعقائد السنية، والهداية، وشرح وقاية، وشرح مولانا أبو المكارم، وشرح مولانا فخر الدين، ومختصر الخزانة، وفتاوى عالمكير، ودستور القضاة، وترغيب الصلاة، وذخيرة الملوك وغيرها من الكتب. وقد اشتمل على مقدمة وستة أبواب وخاتمة.
أوله: الحمد لله الذي مهد مباني الإسلام بالآيات الظاهرة، وأحكم قواعد الأحكام الباهرة، وأوضح معالم الدين بظواهر المعقول، وزين قلائد الشرع بجواهر الفروع والأصول…
آخره: وكافىرلارغه بو واقعه لار سبب استدراج وضلالت دور. أهل توحيد غه سبب كرامت وزيادت إيمان دور… وصلى الله علي خير خلقه محمد وآله وأصحابه أجمعين. اللهم اغفر لمؤلفه ولكاتبه ولقارئه وساعيه، ولمن نظر فيه، آمين، يا رب العالمين! ويا خير الناصرين، برحمتك يا أرحم الراحمين!
مكان المخطوطة: Türkiye Yazma Eserler Kurumu
عقائد تركي 129.
KAYIT NO 173: A. F şeriyye Millet Kütüphanesi
الاسم المؤلف الكامل: الشيخ القاضي الأعلم محمد صادق بن مُلّا شاه أعلم آخون الْكاشْغَريّ
مكان الولادة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1153/ م. 1740.
تاريخ الوفاة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1266/ م. 1849.
وهو ضاحب هذه الترجمة:
الأديب المؤرخ
محمد صادق الكاشغري
(؟ – ؟)
هو محمد صادق أو محمد بن صادق، من مواليد مدينة كاشغر قبيل منتصف القرن الثامن عشر ومن المعمرين، وإن تاريخ تأليفه «أصحاب الكهف» من مصنفاته كان عام 1844م، وأول تأليفه ديوانه المسمى بـ«تذكرة العزيزان» كتبه عام 1771م، يتوسطها تأليفه الديني وفتواه الفقهية بعنوان «زبدة المسائل الفقهية» بتاريخ عام 1840م.
ويبدو من هذا النشاط العلمي أنه قد شارف المائة من عمره المديد، وبالرغم من ذلك لم نعثر على تاريخ محددة لولادته أو وفاته حتى الآن.
وأما نتاجه الأول «تذكرة العزيزان» كتبه بتكليف من الأميرة الوالدة رحيمة خان آغجام، وهي والدة حاكم ولاية كاشغر آنذاك السيد عثمان بك حكيمي. يعتبر محمد صادق الكاشغري أثره هذا تاريخا مفصلا للقرن الثامن عشر بالنسبة للتركستان الشرقية بقسميها الشمالي والجنوبي.
ومحمد صادق الكاشغري من العلماء العاملين والداعين المصلحين من أعلام المسلمين، ثم إنه ختم حياته بترجمة تاريخ ابن جرير الطبري إلى اللغة التركستانية (عام 1846م)، وصرف فيها ثلاث سنوات كاملة من عمره المديد المبارك، وسماها «تاريخ إسكندر تاجنامه شاه»1، وقد زاد فيه زيادة مفيدة تكلم فيها عن حقوق الراعي والرعية مسهبا ومبسطا للغاية.
انظر: الإعلام لبعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (10) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد» pdf
1. وذلك أن إسكندر حاكم كاشغر هو الذي طلب منه أن يألف كتابه هذا فسماه باسمه. ويذكر أن العلامة محمد صادق الكاشغري قتل في حركة العصيان في كاشغر عام 1849م وعمره 109 عاما ودفن في المقبرة البيضاء (آق مازار) التي أمام مقبرة يوسف خاص حاجب في كاشغر – ت.

