ھىجرىيە 1440/مىلادىيە 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ساجىيە 5- ۋە 6- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»دا ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە
مىرفەت ئابدۇلجاببار
خرىستىيان دىنى «مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەپ دەۋا قىلىشىدىغان خرىستىيانلارنىڭ دىنى بولۇپ، «ئىنجىل» ئۇلارنىڭ كىتابىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دە خرىستىيان دىنىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە «ناسارا / ئەھلى كىتاب / ئەھلى ئىنجىل» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىپ «مەسىھىيلەر» دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ ئاتاش ئۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك ئەمەلىيىتى بىلەن بىردەك كەلمەيدۇ. ھەق ۋە توغرا بولغىنى بولسا ئۇلارنى «ناسارا (خرىستىيان)» ياكى «ئەھلى كىتاب» دەپ ئاتاشتۇر. چۈنكى، ئۇلارنى مەسىھىيلەر دەپ ئاتاشتىن بۇرمىلاش ۋە خاتا پىكىرلەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىنىپ قېلىشى كېلىپ چىقىدۇ. ھالبۇكى ئۇ زات بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پاكتۇر(1).
خرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھلىقىدىن ئەنسىرەپ خرىستىيانلارنى خىلمۇخىل ئازابلار بىلەن ئازابلىغان رۇم بۇتپەرەس دۆلىتىدىن قورققانلىقتىن دەۋەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا قادىر بولالماي، يوشۇرۇن دەۋەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. بۇ يوشۇرۇن دەۋەت ئۇلار كۈتكەندەك نەتىجە ئېلىپ كېلەلمىگەن.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن توغرا ئەقىدىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرتىلىشلەر ۋە بۇرمىلاشلار يۈز بەرگەن. ئۈچلۈك ئەقىدىسىگە («ئاللاھ، ئىيسا ۋە رۇھۇلقۇدۇس ئۈچى بىرلىشپ بىر ئىلاھنى شەكىللەندۈرىدۈ» دەپ قارايدىغان باتىل ئەقىدىگە) ئوخشىغان بۇرمىلانغان ۋە توقۇلما ئىبادەت، دىنىي مۇراسىملارنىڭ مەنبەسى بولغان توقۇلما ئەقىدىلەرنى ۋە ئىبادەتلەرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن خرىستىيانلار ئۇلارنى ئىلاھىي سىرلىرى بار شەرىئەت ئەھكاملىرى دەپ بايان قىلىشقان. بۇ بۇرمىلاشنىڭ مەنبەسى بولسا دەلىلسىز ھالدا ھارام ياكى ھالال قىلالايدىغان پاپالىق تۈزۈمى ئىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ بۇرمىلانما ئەقىدىلەر چېركاۋدىكى پوپلار، «ئىنجىل»نى شەرھلىگۈچىلەر، كاردىناللار (پوپلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كېڭەش ئەزالىرى بولۇپ، پوپ ۋاپات تاپسا شۇلارنىڭ ئارىسدىن پوپ سايلىنىدۇ) ۋەياكى خرىستىيان كېڭەشلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر. ھالبۇكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاشقان ۋە ئۇنى ئىشەنچلىك ھەم توغرا دەپ قاراشقان ئىدى.
ئىمپېراتور كونىستانتىننىڭ خرىستىيان دىنىغا كىرىشى بۇ بۇرمىلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. خرىستىيانلىقنى ئىمپېراتورلۇقىغا خرىستىيانلار بىلمىگەن بىر شەكىلدە يايدى. ئۇنىڭ خرىستىيان دىنىغا كىرىشى خرىستىيانلارغا ئارام ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى، بۇ ئىمپېراتور خرىستىيان دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مىلادىيەنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچى ئەسىرىدە خرىستىيانلار ئېزىلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنى ئېزىش مىلادىيە 54 – يىلىدىن 68 – يىلىغىچە بولغان رۇم ئىمپېراتورى سىيرون دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇ خرىستىيانلارنى رۇم شەھىرىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنى ئازابلاشتا ۋە ئوپچە شەكىلدە ئۆلتۈرۈشتە ئۇچىغا چىققان ئىدى. ئاندىن كېيىنكىسى م. 98 – يىلىدىن 117 – يىلغىچە بولغان ئىمپېراتور تراجان دەۋرىدە بولۇپ، بۇ ئىمپىراتور خرىستىيانلىقى ئاشكارا بولغان ھەرقانداق خرىستىياننى دارغا ئاسقان. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى م. 249 – يىلدىن 251 – يىلغىچە بولغان ئىمپېراتور دىيكوس دەۋرىدە بولۇپ، بۇ ئىمپېراتور خرىستىيانلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئېزىشنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئاخىرىدا م. 284 – يىلىدىن 305 – يىلغىچە بولغان ئىمپېراتور دەقيانۇس دەۋرىدە بولغان ئىدى. كېيىن ئىمپېراتور كوستانتىن خرىستىيان دىنىغا كىرىپ خرىستىيانلارنى ئارام تاپقۇزدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ دىنغا كىرىشى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياكى توغرا دەپ قارىغانلىقتىن بولماي، بەلكى خرىستىيانلار بىلەن بۇتپەرەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي مەنپەئەتنى دەپ بولغان ئىدى.
خرىستىيانلارنىڭ شەۋكىتى كونىستانتىننىڭ خرىستىيان دىنىغا كىرىشى بىلەن كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن خرىستىيان دىنىنى بۇتپەرەسلىكنىڭ غەلدى – غەشلىرىدىن ساقلاشقا قادىر بولالمىدى. بەلكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رۇمنىڭ بۇتپەرەسلىك ئەقىدىسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى، ئۇنى پاكلاشقا كۈچ سەرپ قىلىنمىدى. بۇ ئارىلىشىشنى خرىستىيان بۇتپەرەسلىكى دەپ ئاتاش مۇمكىن.
ئۇلار توغرا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىيان دىنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئېزىشىدىن بۇرۇن يەھۇدىيلەرنىڭ ئېزىشلىرى سەۋەبلىك بۇرمىلاشقا ئۇچرىغان، لېكىن بۇتپەرەسلىكنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇرمىلاش تېخىمۇ كەڭرى شەكىلدە كېڭەيگەن. ھەتتا ئاخىرىدا شەرق ۋە غەرب چېركاۋلىرى (شەرق چىركاۋى شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چىركاۋلارنى كۆرسەتسە، غەرب چىركاۋى رۇمنى مەركەز قىلغان غەربىي ياۋروپا چىركاۋىنى كۆرسىتىدۇ) ئېتىراپ قىلىدىغان رەسمىي خرىستىيان ئەقىدىسى يەھۇدىيلەرنىڭ خرىستىيان دىنىنى قەستلەش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ئۈچلۈك، سەلىب («ئىيسا ئەلەيھىسسالام كرېستقا ئېسىلغان» دەپ قارايدىغان ئەقىدە)، پىدا ئەقىدىلىرى («ئىيسا ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان» دەپ قارايدىغان ئەقىدە) ئەمەل ۋە ئەھكاملاردىكى بۇرمىلاشلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ بۇرمىلاشلارنىڭ ئارىسىدا خرىستىيان دىنىنى بۇزۇش ئۈچۈن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن بولغان ھىيلە – مىكىرلەر، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىش، پادىشاھ ۋە كاتتىلارنىڭ بېسىملىرىغا باش ئېگىش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بار.
خرىستىيان دىنىنى بۇزۇشقا ۋە ئۇنىڭدا يوق نەرسىلەرنى كىرگۈزۈشكە ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى يەھۇدىي (شائول) پاۋلۇستۇر. ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا چۈشۈرگەن خرىستىيان دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتىشتە كۆپ ھەرىكەت قىلغان كىشىدۇر. ئۇ فەرىيسىيلەردىن (يەھۇدىيلەرنىڭ بىر مەزھەبى) بولغان تارتۇسلۇق يەھۇدىي بولۇپ، ئىسمى شائول ئىدى. ئۇ گەرچە ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان بولسىمۇ، ئۇ زاتنى كۆرمىگەن ياكى ئۇ زاتنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىمىغان ئىدى.
پاۋلۇس خرىستىيان دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن خرىستىيان دىنىغا قاتتىق قارشى تۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، خرىستىيانلارنى ھەر خىل ئازابلار بىلەن ئازابلىغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا خرىستىيان دىنىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەمەشقتىن قايتىۋاتقاندا ئۇ يەرگە يېقىن بىر جايدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا: «سەن نېمىشقا مېنى ئازابلايسەن؟» دېگەنلىكى، ئۇ تىترىگەن ۋە ھەيران قالغان ھالدا: «ئەي پەرۋەردىگار! نېمە قىلىشىمنى بۇيرۇيسەن؟» دېگەندە، ئۇنىڭغا «تۇر! مەدىنەگە كىرگىن، ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئېيتىلىدۇ» دېگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ.
ھەمراھلىرى ئۇنى دەمەشققە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن شۇ يەردە ماكانلاشقان. ئۇنىڭ قېشىغا ھەنانىيا كېلىدۇ. ئۇ كىشى بولسا بارلىق يەھۇدىيلەر تەقۋالىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر كىشى ئىدى. پاۋلۇس ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزىگە دىن ئۆگىتىش ئۈچۈن تاللىغانلىقىنى ۋە نەسىھەت قىلىپ ئۇنى خرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ(2).
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خرىستىيان دەۋىتىنى باشلاپ بىرىنچى ئۇستاز بولىدۇ. بۇ ھېيلىسنى ئۆزىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالمىغانلىقىنى يوشۇرىدىغان پەردە قىلىدۇ. خرىستىيانلىققا دەۋەت قىلغۇچى 70 شاگىرتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ماركۇس ئىنجىلىنى ۋە لۇكا ئىنجىلىنى يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇستازى بولىدۇ. لۇكا ئىنجىلى بولسا يېقىن ۋە سۆيۈملۈك شاگىرتى يازغان «ئىنجىل»دۇر.
پاۋلۇس خرىستىيان دىنىغا كىرگۈزگەن بۇرمىلانما ئەقىدىلەرنىڭ مۇھىملىرى
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىش. بۇ ئۇلارغا ناتونۇش بولغان قاراشتۇر. ئۇ م. 66 – يىلى ياكى 67 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر خرىستىيان دىنىغا داۋاملىق بۇرمىلانما، يوق مەزمۇنلارنى قېتىۋەرگەن. بەزى ناسارالار ئۇنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىگە ئالدانغان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان تەۋھىدچىلەردىن ئىدى.
خرىستىيان دىنى ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسىدە كەلگەندەك خىلمۇخىل مەزھەبلەرگە بۆلۈنگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىيلەر 71 پىرقىگە بۆلۈنگەن. 70 پىرقىسى دوزاختا، بىر پىرقىسى جەننەتتە بولىدۇ. ناسارالار 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن. 71 پىرقىسى دوزاختا، بىر پىرقىسى جەننەتتە بولىدۇ. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. 72 پىرقىسى دوزاختا، بىر پىرقىسى جەننەتتە بولىدۇ» دېگەن. «ئۇلار كىملەر؟ ئى رەسۇلۇللاھ!» دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە» دېگەن(3).
بۇرۇنقى دەۋردىكى پىرقىلىرى
1. تەۋھىدچىلەر؛ بۇلار ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھ، ئىيسا بولسا ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ قارايدىغان ئاريوس (Arius) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.
2. نەستۇرىيلەر؛ بۇلار 431 – يىلدىكى ئىسكەندەرىيە پوپى نەستۇرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇ: «مەريەم ئەلەيھىسسالام پەقەت بىر ئىنساننىلا تۇغدى. شۇڭا ئۇ ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئانىسىدۇر» دېگەن. نەستۇرىيلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامدا ئىككى تەبىئەت بار دېگەن قاراشنى يەنى ھۇلۇل ئەقىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئاللاھ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
3. يەئقۇبىيلەر؛ ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر تەبىئەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلاھىي تەبىئەت بىلەن ئىنسانىي تەبىئەت بىرىككەن دەپ قارايدۇ(4).
بۇلاردىن باشقا پىرقىلىرىمۇ بار.
ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ پىرقىلىرى
1. كاتولىك؛ بۇلار بارلىق كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مۇرىدلىرى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە چوڭ تائىپىسىدۇر. كۆپىنچە ئەگەشكۈچىلىرى ياۋروپادا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھلىق جەھەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن تەڭ، روھۇلقۇددۇس ئۇ ئىككىسىدىن كېلىپ چىققان» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ(5). (ئاللاھ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
2. ئورتودوكس(6)؛ بۇلار ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ يەنى شەرقىي رىم چېركاۋىنىڭ مۇرىدلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ قەدىمقى مەركىزى كونستانتىنوپول ئىدى. شىمالىي ۋە غەربىي ئاسىيادا، شەرقىي ياۋروپادا ئەگەشكۈچىلىرى بار.
3. پىروتېستانت؛ ئۇلار ئون ئالتىنچى ئەسىردىكى گېرمانىيەلىك مارتېن لۇسېرنىڭ بەرپا قىلغان پىروتېستانت چېركاۋىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، «ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئەۋزەل، روھۇلقۇددۇس ئاللاھ تائالادىن شەكىللەنگەن» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ(7). (ئاللاھ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىمپېراتورى كوستانتىن ئۇلارنىڭ زىددىيەت ۋە مەزھەب كۈرەشلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر پىرقىسىگە تايىنىش ئۈچۈن 325 – يىلى نىكېئادىكى چېركاۋدا قۇرۇلتايغا چاقىرىدۇ، بۇ كېڭەش نىكېئا / ئىزنىك قۇرۇلتىيى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېڭەشتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھلىقى، ئاللاھنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر)، شۇنداقلا بۇ ئىلاھنىڭ ئىنسانلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەم شەكلىگە كىرگەنلىكى، كېيىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان پوپ ئاريوسقا لەنەت قىلىنىش قارار قىلىنىدۇ. ئاريوسنىڭ ئىسكەندەرىيە چېركاۋىنىڭ پوپى بىلەن ئىختىلاپى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، نەقىييە كېڭىشىدىن بۇرۇن ئاريوسقا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئىسكەندەرىيەدە كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كېڭەشتە ئۇنى خىزمەتتىن قوغلاش قارار قىلىنىدۇ. نەقىييە كېڭىشىدە بولسا ئۇنىڭغا لەنەت قىلىش، كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈش بىلەن بۇ قوغلاش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ.
بەزى كىشىلەر «نۇرغۇنلىغان پوپلار بۇ قارارغا قول قويغان، ئاز ساندىكىلىرىلا قول قويمىغان» دەپ قاراشسا، يەنە بەزىلىرى «نىقومىدىيە پوپى يوسابىيوس بىلەن يەنە بىر پوپتىن باشقا بارلىق پوپلار بۇ قاراشقا رازى بولغان ۋە قول قويغان» دەپ قارىشىدۇ(8).
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھلىقىنى دەۋا قىلىدىغان بۇ قارار ئىمپېراتورنىڭ كۈچى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئىمپېراتور كېيىن بۇ قاراشتىن يانىدۇ. مىلادىيە 334 – يىلى سور كېڭىشىنى چاقىرىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ كېڭەشتە ئاريوسنىڭ چىركاۋغا قايتىپ كېلىشى قارار قىلىنىدۇ. ئىسكەندەرىيە پوپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاخىرقى ھاياتىدا ئاريوسىنىڭ مەزھەبىدە ۋاپات تاپىدۇ. ھالبۇكى، ئاريوس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ قارىمايدىغان كىشى ئىدى.
مانا بۇ نەقىييە كېڭىشى خرىستىيان دىنىدا پەيدا بولغان بۇرمىلاشنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ توغرا ئاساسقا تايانمىغان ھاۋايى – ھەۋەس، شەخسىي كۆزقاراشلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن كېڭەشلەر ئارقىمۇئارقا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تېخىچە پارچىلانغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى توغرا بىر دىن ۋە قاراش بىرلەشتۈرەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بۇرمىلاش ۋە خۇراپاتلا ئۇلارنى جەملەپ تۇرغانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كېڭەشلىرىنىڭ ھەربىرىدە يېڭى قارارلار بېكىتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ كېڭەشلەر تۆۋەندىكىچە:
381 – يىلى ئىمپېراتور سىيودىسيوس كېڭەش چاقىرغان بولۇپ، بۇ كېڭەشتە چېركاۋلاردا تارقىلىپ يۈرگەن بەزى ئەقىدىلەرگە قارشى تۇرۇش قارار قىلىنىدۇ. بۇ ئەقىدىلەرنىڭ قاتارىدىن كونستانتىنوپول پوپى ماكدونىيوسنىڭ روھۇلقۇددۇس مەخلۇق، ئىلاھ ئەمەس دەپ قارايدىغان ئەقىدىسى، سابلىيوسنىڭ ئۈچلۈك ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەقىدىسى، ئەبۇلىينارۇسنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدا ئىنسانىي تەبىئەتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەقىدىسى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ كېڭەشكە 150 پوپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار روھۇلقۇددۇسنىڭ ئىلاھلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارغا لەنەت قىلىشنى قارار قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خرىستىيانلارنىڭ ئۈچلۈك ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ(9).
431 – يىلى ئەفسېس كېڭىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كېڭەش كونستانتىنوپول پوپى نەستۇرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي تەبىئىتى بار، مەريەم ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ ئانىسى ئەمەس دېگەن ئەقىدىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان ئىدى(10).
بۇ كېڭەشتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي تەبىئىتى بار بىر زات بولۇپ، مەريەم ئەلەيھىسسالام ئىلاھنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنىدۇ ۋە نەستۇرنى چېركاۋدىن قوغلاش قارار قىلىنىدۇ(11).
451 – يىلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن خەلقىدونىيەدە كېڭەش چاقىرىلىدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر – بىرىگە ئارىلاشمايدىغان، بىر – بىرىگە يۆتكەلمەيدىغان ۋە بۆلۈنمەيدىغان ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي ئىككى تەبىئىتى بار دەپ قارىشىدۇ(12). بۇ قاراشنى قوللىغانلار غەرب چېركاۋلىرىنىڭ پوپلىرى بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلارغا لەنەت قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشىدۇ. شەرق چېركاۋلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىغا قوشۇلماي ئەفسېس كېڭىشىدىكى كۆزقارىشىدا قېلىپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ يەتتىنچى كېڭىشى چاقىرىلىدۇ. بۇ كېڭەش ئىككى كېڭەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچىسى 754 – يىلى ئىمپېراتور كوستانتىننىڭ چاقىرىقى بىلەن ئېچىلىدۇ. بۇ كېڭەشتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئانىسىنىڭ ۋە چېركاۋ پوپلىرىنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچىلارنى بۇتپەرەسلەر دەپ لەنەت قىلىش قارار قىلىنىدۇ(13). 775 – يىلى ئىمپېراتور كوستانتىن ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، ئايالى ئىرەنى تەختكە چىقىپ، 787 – يىلى نىكېئادا كېڭەشكە چاقىرىدۇ. بۇ كېڭەشكە 350 پوپ قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مەريەم ئەلەيھەسسالامنىڭ، سالىھلەرنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى، ھەيكەللىرىنى ئېسىشنىڭ ۋاجىبلىقى، ئۇلارغا سەجدە قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش، بۇ سۈرەت ۋە ھەيكەللەرگە ھۆرمەت قىلمىغان كىشىلەرگە لەنەت قىلىش قارار قىلىنىدۇ.
869 – يىلى ئۇلارنىڭ سەككىزىنچى كېڭىشى چاقىرىلىدۇ. بۇ كېڭەشنىڭ سەۋەبى بولسا كونستانتىنوپول چېركاۋى بىلەن رۇم چېركاۋىنىڭ روھۇلقۇددۇس توغرىسىدىكى قاراش ئىختىلاپلىرى بولۇپ، رۇم چېركاۋى روھۇلقۇددۇس ئاللاھ ۋە ئىيسادىن تەڭ شەكىللەنگەن دەپ قارايتتى. كونستانتىنوپول چېركاۋى بولسا پەقەت ئاللاھتىنلا شەكىللەنگەن دەپ قارايتتى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
بۇ كېڭەشتە روھۇلقۇددۇسنىڭ ئاللاھ ۋە ئىيسادىن تەڭ شەكىللەنگەنلىكى قارار قىلىنىدۇ. كونستانتىنوپول پوپلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىر قاراشتا بولغانلار بۇ قاراشقا قېتىلماي ئۆز قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇشىدۇ. شۇ سەۋەبلىك 879 – يىلى كېڭەش چاقىرىلىپ روھۇلقۇددۇسنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا شەكىللەنگەنلىكى قارار قىلىنىدۇ(14).
مۇشۇ سەۋەبلىك چېركاۋ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:
1. رۇم پاپاسى باشچىلىقىدىكى غەرب چېركاۋى، بۇلار كاتولىكلاردۇر.
2. كونستانتىنوپول پاترىكى(15) باشچىلىقىدىكى شەرق چېركاۋى، بۇلار ئورتودوكسلاردۇر.
1215 – يىلى ئون ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش چاقىرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىلاھىي كەچلىك تاماق (خرىستىيانلارنىڭ بىر پارچە نان ۋە ھاراق بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت دىنىي پائالىيىتى) نىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنى ۋە قېنىغا ئايلىنىدىغانلىقى، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، خاھلىغان كىشىگە بېرەلەيدىغانلىقى قارار قىلىنىدۇ.
1769 – يىلى رىمدا چاقىرىلغان كېڭەشتە رۇم پاپاسىنىڭ گۇناھتىن خالىي ئىكەنلىكى قارار قىلىنىدۇ(16).
تالاق، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، خەتنە قىلىش، روزا تۇتۇش ۋە بۇنىڭدىن باشقا يەھۇدىي دىنىدىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئىشلارغا ئوخشاش خرىستىيان دىنىدىكى نۇرغۇن ئىشلار رۇملۇقلارغا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك بۇرمىلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلىدۇ.
يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشەلەيمىز:
خرىستىيان دىنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىپ كەتكەن چاغدىكى ھالىتىدىن ئۆزگەرتىلىپ، نۇرغۇنلىغان بۇرمىلاشلارغا ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئىچىدە خرىستىيانلارغا يەھۇدىي ۋە رۇملۇقلار تەرىپىدىن كەلگەن ئازابلاش، قورقۇتۇش سەۋەبلىرى ۋە شۇنداقلا سىياسىي مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن بۇرمىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شەخسىي ئامىللارمۇ بار. بۇ خرىستىيان دىنىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى، ھېچ بولمىسا، كىشىلەر تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان تەرەپلىرىنىڭ شەكسىز بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەشلەر دىنغا كىرگەن بىدئەت ئەقىدىلەرنى يوق قىلىپ، دىننى ئەسلىگە كەلتۈرمەستىن، بەلكى خرىستىيانلار خاھلىمىغان يېڭى ئەقىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا چىقىشالمايدىغان پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتكەن.
بۇ كېڭەشلەر بۇرمىلانغان خرىستىيان دىنىنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇلار ئېنىق، توغرا ئايەتلەرگە ئاساسلانماي، شەخسىي كۆزقاراشلىرىغا تايىنىپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بېكىتكەن. ئاندىن كېيىن يېڭى ئەھدە ۋە كونا ئەھدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس كىتابلىرىغا مەنسۇپ قىلىشقان. ئۇلارغا خاس بولغىنى «تۆت ئىنجىل» دەپ تونۇلغان يېڭى ئەھدىدۇر. بۇ تۆتى مەتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرمىلانغان ئىدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﻳﻪﻫﯘﺩىيلەﺭ: «ﺋﯜﺯﻩﻳﺮ ئاللاھنىڭ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ» ﺩﯦﺪﻯ، ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ: «ﻣﻪﺳﯩﻬ (ﻳﻪﻧﻰ ئىيسا) ئاللاھنىڭ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ» ﺩﯦﺪﻯ، ﺑﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻜﻰ (ﺩﻩﻟﯩﻠﺴﯩﺰ) ﺳﯚﺯﺩﯗﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ) ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ: «ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ئاللاھنىڭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ) ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ئاللاﻫ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻧﻜﻰ، (ئاللاھنىڭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ) ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ (ئاللاھنىڭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ) ئاللاھقا ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﭘﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯩﺒﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺭﺍﻫﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ﻳﻪﻫﯘﺩىيلەﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ) ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﻰ ﻣﻪﺑﯘﺩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. (ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ) ﺋﯘﻻﺭ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ) ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ئاللاھتىن ﺑﺎﺷﻘﺎ) ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ئاللاﻫ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ﴾(9/«تەۋبە»: 30، 31).
بۇ بۇرمىلاشلارنىڭ جۈملىسىدىن خرىستىيانلاردىن بولغان غەربلىكلەرنىڭ «پەيغەمبەرلىك ئەپلاتون پەلسەپەسىدىن ئېلىنغان» دېگەن قارىشىدۇر(17). بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن كەلگۈندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە خرىستىيان دىنى بىلەن قانچىلىك ئارىلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئامېرىكىلىق دراپېر «دىن ۋە پەن» دېگەن كىتابىدا: «خرىستىيان دىنىغا بۇتپەرەسلىك ۋە شىرك ئەقىدىلىرى رۇم دۆلەتلىرىدە يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان مۇناپىقلارنىڭ رۇمنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى سەۋەبلىك كىرگەن. ئۇلار دىنىي بىلىملەرنى بىلمىگەن ۋە ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ ئىخلاس قىلىپ باقمىغان» دەپ يازغان(18).
خرىستىيانلارنىڭ ئەقىدىسى چېركاۋلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساستىن تەركىب تاپقان:
1. ئۈچلۈك ئەقىدىسى
2. سەلىب ۋە پىدا ئەقىدىسى
3. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەردىن ھېساب ئېلىش ئەقىدىسى
بايان قىلغىنىمىزدەك، خرىستىيان دىنىغا بىدئەتلەر كىرگۈزۈلگەن ۋە كەڭ كۆلەمدە بۇرمىلانغاندىن كېيىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ خۇراپاتلىق ۋە ھەددىدىن ئېشىشلار يۈز بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. ھەددىدىن ئاشقان بۇ بۇرمىلاشلار ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇلارغا پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۆزلىرى پەرز قىلىۋالغان ئىشلار بار.
ئاللاﻫ تائالا دەيدۇ: ﴿ﺭاﻫﺒﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻤﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ئاللاھنىڭ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ (ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ)، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻰ ئاللاھنىڭ ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ﴾(57/«ھەدىد»: 27).
ئۇلار ئۆزلىرىگە قادىر بولالمايدىغان راھبانىيلىقنى يۈكلىۋىدى، يولدىن چىقىپ ئېزىشتى، شەھۋەتلىرىگە ئەگەشتى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ تائالا ياراتقان ساغلام تەبىئەتكە خىلاپلىق قىلىشقان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان پاساتچىلىقلار تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، پوپلار كىشىلەر ئەگىشىدىغان ئۈلگە، زاهىد بولۇشقا چاقىرىشقان دۇنيادىن ئەڭ يىراق كىشىلەر بولۇشى، ئەڭ تۆۋەن دېگەندىمۇ ئۆزلىرى پەيدا قىلغان راھبانىيلىققا ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىچە دىن نامى بىلەن جەمئىيەتكە غايەت زور پۇل – مال سېلىقى سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن توپلاشتى. نەتىجىدە، راھبانىيلىق ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل پاساتچىلىقلىرىنى كىشىلەردىن يۆگەيدىغان پەردىسىگە ئايلاندى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار «مەغپىرەت شاھادىتى»نى ئىجاد قىلدى، كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكلىرىنى شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇلاپ – تالاپلا قالماي، ئەقىل – ئىدراكىنىمۇ بۇلغىدى. ئۇلاردىن ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتىسىز يېقىنلىشىشتەك ئەڭ ئاددي پائالىيەتلەرنىمۇ مەھرۇم قىلدى. ئىبادەتتىكى بۇزغۇنچىلىقلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار مۇشۇ تەرەپلەردىن پايدىلىنىپ 1215 – يىلى ئېچىلغان لاتېران كېڭىشىدە چېركاۋنىڭ مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قارار قىلىشتى(19). ئۇلار «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقى بار» دەپ دەۋا قىلىشىپ، چېركاۋغا مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشكەن ئىدى. مەغپىرەت قىلىش دەسلەپتە ئاغزاكى بولۇپ، كېيىنچە ھەقلىق ھالدا مەغپىرەت شاھادىتى سېتىش ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇتپەرەسلەردە تارقالغان بۇ خۇراپاتلىقلارغا تايىنىپ كۈچ – قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلە – مىكىرلىرى ئىلىملىك كىشىلەردىن مەخپىي ئەمەس ئىدى. ئۇلار پاپانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئۇنىڭ گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشىغا ئالدانغان ساددا كىشىلەردەك ئالدانمىدى (ئەمما ئۇلار ھەقنى يوشۇرۇشتى). بۇ ھىيلە – مىكىرلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇم بولسىمۇ، بۇ ئازغۇن جەمئىيەتتە ئۇزاق زامان داۋاملىشىپ پوپلار ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ پايدىسىنى كۆپەيتتى. ئۇلار بۇ ھىيلە – مىكىرلەر بىلەن كىشىلەرنى دىندىن قاچۇرۇپ، قىزىقىشلىرىنى سۇسلاشتۇردى. بەزى پوپلارنىڭ پۇل – ماللارنى جەمئىيەتتە تارقالغان شەھۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشلىرى دىندىن نەپرەتلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئىنكۋىزىتسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ دىنسىزلىقنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان ئورگان بولۇپ، بازارلاردىكى تەلىملەرگە قارشى چىققۇچىلارنى ئازابلاشتا يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. كۆپىنچە ئازابلانغۇچىلار بولسا نامراتلار ئىدى، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە ئۆلگىچە ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئەڭ قاتتىق ئازابلايتتى.
بۇ زالىم مەھكىمىلەر ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارغا قوللىرىنى سوزۇپ، ئۇلارنى ۋەھشىيلەرچە ئازابلىغان، نادان خەلقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ چېركاۋلارغا بويسۇنۇشتىن چىقىپ كېتىشدىن ئەنسىرەپ، مۇسۇلمانلارنى ئىسپانىيەدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان ئىدى. پوپلار ئىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىدىن بىئارام بولۇپ ئىچى سىقىلاتتى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنىلا توغرا دەپ قارايتتى، ئۆزلىرىنىلا «ئىلىم ئەھلى» دەپ ھېسابلايتتى.
ئىنكۋىزىتسىيەلىرىدىن سادىر بولغان قەبىھ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە چېركاۋلارغا قارشى ئۆچ – ئاداۋەت پەيدا قىلدى. چېركاۋلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي زۇلۇملارنى قوللاش، ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى. چېركاۋلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى، تەسىرى بىلەن جەمئىيەتكە قارشى قاتتىق ھەددىدىن ئاشتى.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ﺷﻪﻙ – ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﻱ ﺳﺎﻧﺎﭖ (ئاللاھقا ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ)، راستىنلا ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ﴾(96/«ئەلەق»: 6 -، 7). ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنساننىڭ مال – دۇنياسى كۆپىيىپ ‹باي بولدۇم› دەپ قارىغان چاغدا، كۆرەڭلەپ يامان ئىش قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىپ ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى خەبەر بېرىدۇ»(20).
چېركاۋلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشلىرى دىنىي، ئەقلىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىلمىي تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
1. دىنىي (روھىي) تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار
پوپلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈچلۈك ئەقىدىسى، «ئىلاھىي كەچلىك تاماق» ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا بۇرمىلانغان ئەقىدىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىشاتتى. ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇقىرى ھېسابلىشاتتى. ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىشى، قارشى چىقماسلىق ۋاجىب دەپ قارىشاتتى. كىشىلەر ئۇلارنى غەزەپلەندۈرسە، ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرگەندەك؛ ئۇلارنى رازى قىلسا، ئاللاھ تائالانى رازى قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشاتتى. ھەتتا پوپلار ئۆزلىرىنى ئاللاھ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە قىلىۋالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە ئۇلار بىلەن باغلانغان، ئۇلارنى يۇيىدىغان (كىچىك بالىلارنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە روھۇلقۇددۇسنىڭ نامى بىلەن يۇيىدىغان)، شاپائەت قىلىدىغان، ئۇلارنى ناماز ئوقۇتىدىغان ۋە ئۇلارسىز ھېچبىر كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولمايدىغان كىشىلەر بولۇۋالغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ چېركاۋ خىزمەتچىلىرى، پوپلار، كاردىناللار، ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى ۋە رەئىسلىرىگىچە ھەممىسىگە بويسۇنۇشى ۋە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب بولۇپ، بۇ دىنىي تەرەپتىكى قاتتىق ھەددىدىن ئېشىش ئىدى.
2. ئەقلىي ۋە پىكىرىي تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دىنىي (روھىي) تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلاردىن باشقا يەنە ئەقلىي ۋە پىكىرىي جەھەتتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار يۈز بەرگەن. چۈنكى، چېركاۋ كىشىلەرنى ئۆزلىرىدىن باشقىلار بىلمەيدۇ دەپ دەۋا قىلىشىدىغان سىرلىق ئىشلارنى ئويلانماستىن قىلىشنى بۇيرۇغان، بۇ توغرىسىدا ئويلانغان كىشىلەرنى كافىر دەپ قاراپ مەڭگۈلۈك لەنەت قىلىش ئارقىلىق پىكرىي جەھەتتىكى ھەددىدىن ئېشىش يۈز بەرگەن.
ئۈچلۈك ئەقىدىسىگە ئوخشاش سىرلىرىنى ئۆزلىرىلا بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ئىشلارنى كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن بەكرەك ئەقىللەرنى گاڭگىرىتىپ چۈشىنىشنىڭ تەس بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە نادانلىقى ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازابلاش، مۇنازىرە قىلغانلارنى كافىرغا چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان. سۆزلىرىدىن سىرلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ كىشىلەرنى پىكىر قىلىشتىن توسقان.
مانا بۇ ئىشلار ئارقىلىق بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى، ئىسلام دىنىمىز پىكىر قىلىشقا، ئەقىل ئىشلىتىشكە، چۈشىنىش قىيىن بولغاندا پەيغەمبىرىمىزدىن سوراشقا چاقىرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە بەزى ئايەتلەر مۇھكەم ئايەتلەر بولۇپ، ئۇلارنى ھەممە كىشىلەر بىلەلەيدۇ. بەزى ئايەتلەر مۇتاشابىھ ئايەتلەر بولۇپ، پەقەت ئىلىمدا ۋايىغا يەتكەن كىشىلەرلا بىلەلەيدۇ ۋە بۇنى بىلىدىغانلار پەقەت بىرلا بولمايدۇ. مۇسۇلمان ئالىملىرى خرىستىيان پوپلىرى دەۋا قىلغاندەك ئۆزلىرىگە خاس بولغان سىرلارنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن خالىي ئىسلام دىنىي نېئمىتىنى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن.
3. ئىقتىسادىي تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار
بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇنلار يۇقىرىدا سۆزلىنىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ماللىرى جەمئىيەتنى نادان قالدۇرۇش سەۋەبلىك كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى، ھەتتا ئۆلۈشتىن بۇرۇن يېزىلىدىغان ۋەسىيەت ۋە سوۋغاتلارنىڭ پەقەت پوپلارنىڭ قولىدىلا يېزىلىشقا بۇيرۇدى. ئەگەر ۋەسىيەت يېزىلغاندا پوپ مەۋجۇت بولسا، ۋەسىيەت قىلغۇچى چېركاۋغا چوقۇم بىرەر نەرسە ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك ئىدى. چېركاۋ كىشىلەرنى دىن نامى بىلەن ئەزگەن، ماللىرىنى كۆز ئالدىدىلا تارتىۋالغان ئىدى.
4. سىياسىي تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار
چېركاۋ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەيسەرگە كىشىلەرنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تۆۋەندىكى سۆزنى يالغاندىن توقۇشىدۇ: «ئۇنداقتا، قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققىنى، ئاللاھقا ئاللاھنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار».
ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇ سۆزنى خرىستىيانلار دۇنياسىنى ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى بىلەن باشقۇرماي، رۇم قانۇنلىرىغا تاشلاپ بېرىپ ئەمەلىي ئىپادىسى بىلەن تەفسىر قىلىشقان»(21).
چېركاۋ، ئاۋام بولسۇن ياكى ھاكىم بولسۇن، ھېچبىر كىشىدىن ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشنى تەلەپ قىلمىدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلالايدىغان تەسىرلىرى بىلەن شەرىئەتنى يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى بولغان بولسىمۇ، كۈچ – قۇۋۋەتلەرنى پەقەت شەخسىي ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ۋە زۇلۇملىرى ئۈچۈنلا ئىشلەتتى.
سەتلەشتۈرۈلگەن، شەرىئەتسىز ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇنى توغرا دىن دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، خرىستىيان دۇنياسىنى ئاللاھ چۈشۈرگەن دىن بىلەن باشقۇرۇشقا ياردەم قىلماي، رۇملۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن خىلمۇخىل سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي زۇلۇملار شەكىللەندى. دىن سىياسەتتىن ئايرىۋېتىلدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھوقۇقلىرى يىمىرىلىشكە باشلىدى.
5. ئىلمىي تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار
بۇ ئاشۇ دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ھەددىدىن ئېشىشىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر. چۈنكى، بۇ خرىستىيان دۇنياسىدىكى ئۇزاق ۋاقىتلىق دىنىي، پىكرىي، ئىقتىسادىي تەرەپلەردىكى ھەددىدىن ئېشىشلاردىن كېيىن باشلانغان.
ئىلمىي تەرەپتىكى ھەددىدىن ئېشىشلار بولسا خىلمۇخىل توقۇلما سىرلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۇلار توغرىسىدا ئويلىنىشتىن توسۇش بىلەن باشلانغان. بۇ ھەددىدىن ئېشىشلار ئالىملار يەرشارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكى، ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا باشلانغان بولۇپ، چېركاۋ بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. بەزى ئالىملارنى كۆيدۈرۈپ، بەزىلىرىنى ئازابلىغان. «تەۋرات» يەرشارى تۈز، ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىپ، قاراشلىرىدىن يانمىسا، ئازابلاش، كۆيدۈرۈش تەھدىتىنى سالغان.
بەزىلەر «چېركاۋ باتلاميۇسنىڭ ‹يەرشارى ئالەمنىڭ مەركىزى› دېگەن نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلغان» دەپ قارىغان. بۇ نەزەرىيە «بارلىق ئاسمان جىسىملىرى يەرشارىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن، پوپ كوپېرنىك ئۇلارنىڭ نەزەرىيەسىگە قارشى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى» دېگەن كىتابىدا بايان قىلغان ۋە بېسىپ تارقاتقان. چېركاۋ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنى ئىنكۋىزىتسىيەگە ئېلىپ ماڭغان، لېكىن كوپېرنىك ئىنكۋىزىتسىيەگە بېرىشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپقان. چېركاۋ ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەپ، مەزمۇنلىرىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسى دەپ سۈپەتلەشكەن(22).
بۇ ۋەقەلەر بىزگە چېركاۋنىڭ ئىلمىي ھەرىكەتلەردە ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئىشلاردىن قورقىدىغانلىقى، ئۇلاردىكى ۋە جەمئىيەتتىكى بىلىمسىزلىكنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز دېيەلەيمىزكى، بۇ ئۇلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئىلىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىلىمنى ئۆگىنىشكە، قىزىقتۇرۇشقا قادىر بولالمىغان، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى چىققان. بۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان ئىلىم بىلەن دىننىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇشتەك قانۇنىيتىگە قارشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻟﻪﺧﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﺭﻩﻣﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﯘ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ) ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ﴾(96/«ئەلەق»: 1 — 5).
چېركاۋ ئىلىم ئېلىشنى خاھلايدىغانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى دىندىن چىققۇچىلار دەپ سۈپەتلىگەن، مانا بۇ ئىلىمغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەتتۇر. چەتئەللەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلاردىكى ئىلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەن. سوت مەھكىمىلىرى ئازابلىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن 32 مىڭى تىرىك كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر تەبىئىي پەن ئالىمى برۇنو بار بولۇپ، چېركاۋ ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرىغا قاتتىق قارشى تۇرغان. ئۇلار ئەڭ قارشى تۇرغان پىكىر بولسا ئۇنىڭ «ئامىللارنىڭ كۆپ خىل بولۇشى» دېگەن قارىشىدۇر. ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، تىرىك كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكەن(23).
تېلېسكوپنى ئىجاد قىلغان گالىلىي كوپېرنىكنىڭ كۆزقارىشىنى قوللىغان بولۇپ، يەرشارى يۇمىلاق دەپ قارىغان. سوت مەھكىمىسىگە كەلتۈرۈلۈپ، يەتتە كاردىنال ئۇنىڭغا قاماش ھۆكۈمى چىقارغان ۋە «پۇشايمان» پارىسىنى (ئىنجىل پارىسى) ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئۈچ يىل ئوقۇشقا بۇيرۇغان. كوپېرنىكنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان(24).
بۇ پاساتچىلىقلارنىڭ خۇلاسىسى
· چېركاۋنىڭ پاساتچىلىقلىرى دىنغا كىرگۈزگەن بۇرمىلاشلىرى ۋە دىننى تاشلاپ ئەمەل قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.
· ساغلام تەبىئەتكە قارشى كېلىدىغان قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىگە مەجبۇرى تېڭىش بىلەن ئۇلاردا خىلمۇخىل بۇرمىلاشلار پەيدا بولغان. ئورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئازدۇرۇپ، چېركاۋ نامى بىلەن مەنپەئەتلىرىنى قاندۇرىدىغان قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
· ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشلىرى جەمئىيەتنىڭ دىنىي، پىكرىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
چېركاۋنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ بارغان ھەددىدىن ئېشىشلىرى، بولۇپمۇ ئىلمىي جەھەتتە ئىلىم ئېلىشنى خاھلايدىغانلارغا بولغان ئازابلاش، قەستلەش ۋە ئۆلتۈرۈشلىرى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە چېركاۋلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىك ئۇيقۇسىدا قالغانلىقىنى بىلگەن ئەقىللىق كىشىلەر تېخىمۇ غەزەپلەنگەن.
غەربلىك تارىخشۇناسلاردىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بايان قىلىدىغان ھەقىقەتلەردىن بىرى، بۈيۈك ئىسلام فەتىھلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلامنىڭ يۈكسەك پىكىرلىرىنىڭ غەرب جەمئىيىتىدە تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىغا سەۋەب بولۇشىدۇر. ئۇلارغا ئىسلامنىڭ دىنىي ۋە كائىنات مەسىلىلىرىنىڭ ھەربىرىدە ھەقىقەت ۋە دەلىللەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلمىي ۋە ئەقلىي ئۇسۇللىرى يېقىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىشىگە ۋە مەنپەئەتلىنىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى. دەمەشقلىك يوھەننا ۋە 999 – يىلى رۇم چېركاۋىغا پاپا بولۇپ سايلانغان فىرانسىيەلىك راھىب گېربېرت قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى پوپلارنى ئىسلام نۇرى جەلپ قىلغان ئىدى(25). بۇ كىشىلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يۇرتلىرىغا مەكتەپ ۋە ئىلىم يۇرتلىرىنى قۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب تىلى ۋە ھەر خىل ئىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان ئىلىم يۇرتلىرى بار ئىدى. بەزى كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىملار بىلەن خەلقلەر تەرىپىدىن تەڭ باشقۇرىلىدىغانلىقى، ئىلىمغا رىغبەتلەندۈرۈپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمايدىغانلىقى، مال – مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالمايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئالىم – ئۆلىمالىرىغا ئوخشاش ھاۋايى – ھەۋەس بىلەن ھۆكۈم قىلماي، ئادىللىق، توغرا ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئۇلارغا يېڭىلىق بولغان ھەربىر چوڭ – كىچىك ئىشلار ئەقىللىرىنى لال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مۇھىتى ئۇلارنى چوڭقۇر ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا ھەرىكەتلەندۈردى.
بەزى كىشىلەر ئىلىم ئېلىش بىلەن قوللاشقا ئۇچرىماي، ئازابلىنىشقا، ئۆلتۈرۈشكە، تەھدىت سېلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالماقچى بولدى. چېركاۋ ئۇلارنى كافىرغا چىقىرىپ، خۇددى ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ قېنىنى ھالال قىلغاندەك ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ ھالال قىلدى. لېكىن، چېركاۋنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇپ بولدى. ئىلىم ئوقۇغان كىشىلەر دىننى قاتتىق ئۆچ كۆردى، ھەتتا ماركىس «دىن خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇن» دېدى.
دىنغا بولغان بۇ ئۆچمەنلىكتىن دىننى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغان دىنسىز ئىلمانىزملىق شەكىللەندى. بارلىق ئىلىملىرىنى دىنسىزلىق ئاساسىغا ئورناتتى. ئەگەر چېركاۋ ئۇلارغا ئىلىم ئىشىكىنى ئاچقان بولسا، بەلكى بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ھادىسىلەرنى ئاللاھقا ئەمەس، تەبىئەتكە باغلىدى. دىنىي ئالىملاردىن يۈز ئۆرۈدى، چېركاۋ پارچىلاندى. 1546 – يىلى كاتولىك چېركاۋىغا قارشى قوزغىلاڭ قىلىپ پىروتېستانت چېركاۋىنى پەيدا قىلغان مارتېن لۇسېر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر(26).
ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىملىرىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، ئىلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پوپلار ئىسلامغا بولغان ئۆچ – ئاداۋىتىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇردى. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنۇتقان ياكى يالغاندىن ئۇنۇتقان بولۇۋېلىپ، ئىسلام تەشەببۇسلىرىنى سەتلەشتۈرۈشتى. ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىپ بوھتان چاپلاپ، گرېتسىيە پەلسەپەسىگە مەنسۇپ قىلىشتى، بۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ بار ئەلۋەتتە. كىشىلەر ئىسلام دىنىنى ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان تولۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشمىدى، مۇشۇ سەۋەبلىك ئىسلام ئوبرازى غەرب ئەللىرىدە ھازىرغا قەدەر سەتلەشتۈرۈلگەن ھالىتىدە داۋاملاشماقتا.
غەربتىكى سانائەت ئىنقىلابى چېركاۋ ئەھلىنى تار يەرگە قىستاشقا، ئۇلارنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئىلىم ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئاستا – ئاستا چەكلەشكە باشلىدى، ئاخىرىدا ئاجىزلىشىپ پۈتۈنلەي يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
ياۋروپا چېركاۋ ۋە چېركاۋنىڭ ئەزالىرىغا، بولۇپمۇ پاۋلۇستەك يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشكەن يەھۇدىيلەردىن بولغان ئەزالىرىغا قارشى ئۇزاق، ئاچچىق كۈرەش قىلغاندىن كېيىن گۈللەندى.
ئىلىم ياۋروپادا پەلسەپەدىن باشلىنىپ گۈللىنىشكە باشلىدى، تەدرىجىي ھالدا چېركاۋ جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەردىن چېكىندۈرۈلدى. ئاندىن ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەر ئايرىلىپ مۇستەقىل ئىلىم بولۇپ شەكىللەندى. ئاخىرىدا ئەقىلنى ئۇلۇغلاپ دىنىي ساھەدىن يىراقلاپ دىنسىزلىق دەرىجىسىگە يېتىپ باردى. بۇ ساھادىكىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى بولسا ماركىسىزملىقتۇر. ھازىرقى ۋاقتىمىزغىچە ئىلمىي ساھەلەردە دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئېقىملار پەيدا بولدى، دىنسىز ئاقىللار مەيدانغا كەلدى.
ئۇلاردىن پىسخىكا كېسەللىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقتى. چۈنكى، ئۇلارنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ئىمان ئاساسى يوق ئىدى. بارلىق نەتىجىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، مەلۇم بىر نەتىجىسىگىلا يېتىش ئۈچۈن تەجرىبىلەرنى ئېلىپ باراتتى. ھالبۇكى، بۇرۇنقى مۇسۇلمان ئالىملىرى بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانسىز ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ باراتتى. ئەمما، غەرب بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن يادرو تەتقىقاتى، گېنغا تەسىر قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلغۇچى ئاپەتلەر شەكىللەندى. ھازىر قارايدىغان بولساق، كىلونلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتلارنىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
يۇقىرىقىلارنىڭ خۇلاسىسى
· غەرب خرىستىيانلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە جىنايەت قەدىمىنىڭ ئاستىدا ياشاش، ھاياتنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىدىن مەھرۇم بولۇش تۇيغۇلىرى ئۇلارغا خارلىقنى ھېس قىلدۇرغان ۋە ئۇلارنى بۇ پاساتچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشقا يۈزلەندۈرگەن ئىدى.
· غەرب ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان ھەيرانلىقى بىلەن ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ پىكرىي جەھەتتە نەقەدەر قالاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز جەمئىيىتىگە يۆتكەشكە ئۇرۇنغان ئىدى.
· چېركاۋنىڭ ئالىملارغا بولغان يولسىزلىقى، زۇلمى ۋە ئازابلىشى غەرب جەمئىيىتىدە چېركاۋنىڭ پاساتچىلىقلىرىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى.
· ئاقارتىش ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان بىرنەچچە قېتىملىق چېركاۋغا قارشى قوزغىلاڭ ۋە ئاغدۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلدى. چېركاۋ ئاقارتىش ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوزغىلاڭغا يۈزلەندى.
· چېركاۋنىڭ يولسىزلىقلىرى ۋە ئالىملارغا بولغان قاتتىق سىياسەتلىرى دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق نەرسىگە ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىپ، ئەقىلنى ئۇلۇغلاپ، دىنغا لەنەت ئوقۇيدىغان ماددىي دىنسىزلىق پىكىرلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
· ھازىرقى غەرب جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ پىكرىي خاتالىق دەل ئۇلارنىڭ دىندىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشى ۋە دىننى ئىلىمدىن خۇددى چېركاۋ ئىلىمنى دىندىن ئايرىغانغا ئوخشاش ئايرىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەت قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، ھاياتىنى تەرتىپلەپ تۇرىدىغان روھىي ۋە ئىمانىي تەرەپلەردە ئارقىدا قېلىۋېرىدۇ.
مەنبە: مرفت عبدالجبار: النصرانية بين التحريف والتخلف http://www.alukah.net/sharia/0/24509
تەرجىمىدە: نۇرۇددىن
1. دوكتور سەئۇد خەلەف: «دراسات في الأديان اليهودية والنصرانية (يەھۇدىي ۋە خرىستىيان دىنلىرى توغرىسىدا تەتقىقات)» 164 – بەت.
2.دوكتور ئابدۇرراھمان ھەبەننەكە: «كواشف وزيوف (رەسۋاچىلىقلار ۋە يالغانچىلىقلار)»، 1/11.
3. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. «الموسوعة الميسَّرة (قولايلاشتۇرۇلغان ئېنسىكلوپېدىيە)»، 502 -، 503- بەت.
5. «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 -، 77 – بەت.
6. «ئورتودوكس مەزھەبى (Orthodox)»: شەرقىي رۇم چېركاۋىغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، بۇلارنىڭ قەدىمكى مەركىزى كونستانتىنوپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) ئىدى. كۈنىمىزدە مەركىزى يوق بولۇپ، چېركاۋلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيا مىقياسىدا 170 مىليون ئەتراپىدا. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادا ياشايدۇ. بۇلار: «ئاتا ئىلاھ بالا ئىلاھتىن ئەۋزەل، روھۇلقۇددۇس ئاتا ئىلاھتىن كېلىپ چىققان» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992.— ت.
7. «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 -، 77 – بەت.
8. «مجموعة الشرع الكَنَسي (چېركاۋ قانۇنلىرى توپلىمى)»، 43 – بەت؛ «تاريخ الكنيسة (چېركاۋ تارىخى)»، 49 – بەت.
9. «مجموعة الشرع الكَنَسي (چېركاۋ قانۇنلىرى توپلىمى)»، 246 – بەت؛ «تاريخ الكنيسة (چېركاۋ تارىخى)»، 3/111 -، 114 – بەت؛ «النصرانية من التوحيد إلى التثليث (تەۋھىدتىن ئۈچلۈك ئەقىدىسىگە يۈزلەنگەن خرىستىيانلىق)»، 183 – بەت.
10. «تاريخ الفكر المسيحي (خرىستىيان پىكرى تارىخى)»، 2/170؛ جون لويمىر: «تاريخ الكنيسة (چېركاۋ تارىخى)»، 3/215؛ «النصرانية من التوحيد إلى التثليث (تەۋھىدتىن ئۈچلۈك ئەقىدىسىگە بولغان خىرىستىيانلىق)».
11. «مجموعة الشرع الكَنَسي» (چېركاۋ قانۇنلىرى توپلىمى)، 288 – بەت؛ «تاريخ الكنيسة (چېركاۋ تارىخى)»، 3/219؛ «النصرانية من التوحيد إلى التثليث (تەۋھىدتىن ئۈچلۈك ئەقىدىسىگە بولغان خىرىستىيانلىق)»، 183 – بەت.
12. خرىستىىئان ئەقىدىسىدىكى زىتلىقلارغا قارىمامدىغان؟!
13. دوكتور سەئۇد خەلەف: «دراسات في الأديان اليهودية والنصرانية (يەھۇدىي ۋە خرىستىيان دىنلىرى توغرىسىدا تەتقىقات)»، 259 – بەت.
14. دوكتور سەئۇد خەلەف: «دراسات في الأديان اليهودية والنصرانية (يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرى توغرىسىدا تەتقىقات)»، 260 – بەت.
15. شەرق چېركاۋىنىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى.
16. «أضواء على المسيحية (خرىستىيان دىنى توغرىسىدا بايان)»، 112 -، 116 – بەتلىرى.
17. فرانسىس يوڭنىڭ «أسطورة تجسيد المسيح (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ھەيكەللەشتۈرۈش رىۋايىتى)» دېگەن ماقالىسىدىن.
18. ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب :«مذاهب فكرية معاصرة (ھازىرقى زامان پىكىر مەزھەبلىرى)»، 9 – بەت.
19. ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب: «مذاهب فكرية معاصرة (ھازىرقى زامان پىكىر مەزھەبلىرى)»، 63 – بەت.
20. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 8/437.
21. ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب: «مذاهب فكرية معاصرة (ھازىرقى زامان پىكىر مەزھەبلىرى)»، 42 – بەت.
22. دوكتور ئابدۇرراھمان ھەبەننەكە: «كواشف وزيوف (رەسۋاچىلىقلار ۋە يالغانچىلىقلار)»، 1/32.
23. يۇقىرىقى مەنبە، 1/31.
24. يۇقىرىقى مەنبە، 1/32.
25. دوكتور ھەمۇد مۇھەممەد مەزرۇئە: «مذاهب فكرية معاصرة (ھازىرقى زامان پىكىر مەزھەبلىرى)».
26. دوكتور سەييىد مۇھەممەد شاھىد: «رحلة التفكير العلمي من التأثُّر إلى التأزُّم) تەسىرگە ئۇچراشتىن كرىزىسلىشىشقىچە بولغان ئىلمىي تەپەككۇر سەپىرى)»، 88 – بەت.

