muzikant abdulkadir tore kashgari

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەدىب، يېتۈك مۇزىكانت سەييىد ئابدۇلقادىر تۆرە كاشغەرىي

(1873 – 1946)

ئابدۇلقادىر تۆرە (Abdülkadir TÖRE) شەرقىي تۈركىستاننىڭ كاشغەردە تۇغۇلغان. ئاتىسى كاشغەر ئەمىرى مۇھەممەد ياقۇبخاننىڭ جىيەنى ئالىم ۋە سىياسەت ئەربابى سەييىد ياقۇبخان تۆرە بولۇپ، 1873 – يىلى ئاتىسى ئەلچى سۈپىتىدە ئىستانبۇلغا كەلگەن كۈنلەردە دۇنياغا كېلىدۇ. 5 ياش ئەتراپىدا ئانىسى بىلەن ئىستانبۇلغا بېرىپ جەرراھپاشا (Cerrahpaşa) جامىئى كوچىسىدا ئولتۇرۇپ كېيىن كاشغەرگە قايتىپ كېتىدۇ. كاشغەر خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئائىلىسى كەشمىر (Kashmir) سرىناگارغا (Srinagar) كۆچىدۇ. سرىناگاردا شەخسىي ئۇستاز يېتەكچىلىكىدە ئوقۇش ھاياتىغا قەدەم قويغان ئابدۇلقادىر كەشمىرنىڭ ھاۋاسى ياقمىغانلىقى تۈپەيلى تۆرت يىلدىن كېيىن ئانىسى بىلەن بىللە ئىستانبۇلغا كېتىپ بۇرۇنقى ئۆيىدە ئىستىقامەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاقساراي (Aksaray) مەھەللىسىدە باشلانغۇچ تەربىيەسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يۇسۇف پاشا رۇشدىيەسى (Yusuf Paşa Rüşdiyesi، تولۇقسىز ئوتتۇرا) ۋە داۋۇد پاشا ئىدادىسى (Dâvud Paşa İdâdîsi، تولۇق ئوتتۇرا) نى پۈتتۈرىدۇ. داڭلىق تارىخچى ئابدۇرراھمان شەرەف (Abdurrahman Şeref، 1853 – 1925) مۇدىرلىقىدىكى مەكتەبى مۈلكىيەئى شاھانە (Mekteb-i Mülkiyye-i Şâhâne، پادىشاھلىق مۈلكىيە مەكتىپى) دە ئىككى يىل ئوقۇغان بولسىمۇ، ئوقۇشىنى پۈتتۈرەلمىگەن. 1891 – ۋە 1894 – يىللىرى ئاتىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بارغان. ئابدۇلقادىر ئەپەندى تۇنجى خىزمەتكە داخىلىيە نازارەتى مەكتۇبىي قەلەمى (Dahiliye Nezâreti Mektûbî Kalemi، ئىچكى ئىشلار نازارىتى خەت – چەك ئىشخانىسى) دە باشلىغان، ئاندىن خارىجىيە نازارەتى مۇراجىئەت ۋە تەھرىرىياتى خارىجىيە قەلەمى (Hariciye Nezâreti Müracaat ve Tahrîriyyât-ı Hâriciyye Kalemi، تاشقى ئىشلار نازارىتى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەھرىرلىك ئىشلىرى) دە تەكشۈرگۈچى (mümeyyiz) بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە مۇشۇ خىزمەتتىن دەم ئېلىشقا چىققان.
تۈرك مۇزىكىسى نەزەرىيەسى تېمىسىدا ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى بىلەن بىرگە يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچى شاگىرتلىرى ۋە بەستىلىگەن (نوتىلىغان) ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئابدۇلقادىر تۆرە دەسلەپكى مۇزىكا دەرسلىرىنى 12 يېشىدا ئېلىشقا باشلىغان، قانۇنىي ھۈسەيىن خالىدKanûnî Hüseyin Hâlid) ، 1853 – 1920) بەگدىن قالۇن ۋە نەزەرىيە دەرسلىرى ئالغان. 1899 – يىلى كەمانىي تاتيوس ئەپەندى (Tateos Ekserciyan، 1858 – 1913) ۋە 1908 – يىلىغىچە كەمانىي كىركور ئەپەندى (Kirkor Çulhayan، 1868 – 1938) دىن ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئىسكرىپكىنى تاللاپ، بۇندىن كېيىنكى مۇزىكا ھاياتىنى ئۆز ئالدىغا داۋاملاشتۇرغان. شۇنداقلا سەييىد نىزام خانىقاسى زىكىرچىلەر بېشى (zâkirbaşısı) ۋە ھەكىمئوغلى ئەلى پاشا جامىئى مۇئەززىنى جەرراھ فەھمى ئەپەندى (Cerrah Fehmi Efendi، ئۆ. 1935) دىن يەتمىشچە دۇراق( )ۋە 200 دەك ئىلاھىي / ھۆكمەت ھەمدە نەزەرىيە ۋە ماقام، دۇراقچى ھاجى نافىز (Durakçı Hacı Nâfiz، 1849 – 1898) دىن نۇرغۇن دۇراق ۋە ئىلاھىي؛ ھاجى كىرمانىي ئەپەندىن (Hacı Kirâmî Efendi، 1840 – 1909) دىن پاسىللارنى مەشىق قىلىپ زىكىرخانلىق ۋە خانەندىلىك ساھەسىدىمۇ ئۆزىنى يېتىشتۈرگەن. خالىدىيە تەرىقىتىنىڭ شەيخى كىچىك ھۈسەيىن غوجام (Küçük Hüseyin Efendi، 1832 – 1930) غا قول بەرگەن، ئەينى دەمدە شابانىييە مۇھىببى بولغان ئابدۇلقادىر تۆرە نەقشىبەندىيە ۋە بەكتاشىي تەرىقەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەسەۋۋۇف ساھەسىدىمۇ سۆزى ئۆتىدىغان مۆتىۋەر كىشى بولغان.
ئۇ 1914 – يىلى ئېچىلغان دارۇلبەدايى (Dârülbedâyi، مۇزىكا مەكتىپى / كونسېرۋاتۇۋار) نىڭ شەرق مۇسىقەسى بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي ھەيئەتىدە ئورۇن ئالغان، مۇزىكا نەزەرىيەسى مۇئەللىملىكى قىلغان ۋە تانبۇرىي جەمىل (Tanbûrî Cemil، 1873 – 1916) ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەزكۇر ئورگاندا سەرسازەندەلىككە تەيىنلەنگەن. ئابدۇلقادىر ئەپەندى ئىستانبۇلدا بىر كونسېرۋاتۇۋار ئېچىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تىلغا ئالغان تۇنجى سەنئەتكارلاردىندۇر. بۇنداق بىر مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن 1916 – يىلى باشلىرىدا مائارىپ نازارىتىگە يازغان لايىھەسىنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كېلىشى بىلەن دارۇلئەلھان (Dârülelhan، نەغمەخانە) نىڭ ئېچىلىشى قارارلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىل قىلىنغان ئىلمىي ھەيئەتتە ئابدۇلقادىر ئەپەندىمۇ ئورۇن ئالغان ۋە بۇ ئورگاندا نەزەرىيە مۇئەللىمى، ئىسكىرىپكا ئۇستازى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1918 – 1927 – يىللار ئارىسى جەرراھپاشادىكى ئۆيىدە «گۈلشەنى مۇسىقىي» (Gülşen-i Mûsiki) نامىدا ئاچقان مەكتىپىدە توققۇز يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن، ئوتتۇز كىشىلىك ئۆمەك بىلەن كۆپىنچىسى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ پايدىسىغا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتلار خېلىلا دىققەت قوزغىغان. ھۈسەيىن سائادەتتىن ئارەل (Hüseyin Sadeddin Arel، 1880 – 1955) نىڭ ئارزۇسى بىلەن ئىستانبۇل شەھەرلىك كونسېرۋاتۇۋار تەرىپىدىن 1946 – يىلى 20 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن يۇبلىيسىدىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ مۇسىقىي مۇپەتتىشلىكى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئابدۇلقادىر تۆرەنىڭ ئاخىرقى رەسمىي ۋەزىپىسى دارۇششەفەقە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى (Dârüşşafaka Lisesi) دىكى مۇزىكا مۇئەللىملىكى بولغان.
سەنئەت ھاياتىنىڭ خېلى چوڭ قىسمىنى مۇزىكا نەزەرىيەسى ئىزدىنىشلىرىگە ئاتىغان تۆرە، «ئۇسۇلى تەئلىمى كەمان» (Usûl-i Ta‘lîm-i Kemân / اصول تعلیم کمان، ئىسكىرىپكا ئۆگىتىش قوللانمىسى) ئىسىمىدا بىر پارچە ئىسكىرىپكا مېتودى ئېلان قىلغان (ئىستانبۇل، ھ. 1329 – 1339 / م. 1913 – 1921) ئوقۇغۇچىسى م. ئەكرەم خۇلۇسى كارادېنىز (M. Ekrem Hulûsi Karadeniz، 1904 – 1881) بىلەن بىرلىكتە تەييارلاشقا باشلىغان «ئەساساتى مۇسىقىييە ۋە تۈرك مۇسقىسىدە تەرەققىيات ۋە تەكامۇل» (Esâsât-ı Mûsikiyye ve Türk Mûsikisinde Terakkî ve Tekâmül، مۇزىكىنىڭ ئاساسلىرى ۋە تۈرك مۇزىكىسىدا ئىلگىرلەش ۋە كامالەتكە يېتىش) ئاتلىق ئەسىرى نەشر يۈزى كۆرەلمىگەن. تۈرك مۇزىكىسىنىڭ فىزىك ۋە ماتېماتىك ئاساسلىرى ۋە 41 ئارىلىقىلىق تىزىق ئاساسىغا تايانغان ۋە ئۇسۇل، ماقاملار ھەققىدە كەڭ مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان بۇ ئەسەر ئابدۇلقادىر تۆرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ پىلانىغا مۇۋاپىق شەكىلدە ئەكرەم كارادېنىز تەرىپىدىن 1965 – يىلى تاماملانغان بولسىمۇ، 1983 – يىلىغا كەلگەندە «تۈرك مۇزىكىسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئاساسلىرى» (ürk Mûsikisinin Nazariye ve Esasları) نامىدا ئەنقەرەدە ئېلان قىلىنالىغان. ئەكرەم كارادېنىز، ئابدۇلقادىر تۆرەگە ئىتھاف قىلغان بۇ ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدە ئەسەرنى ئۇستازىنىڭ كىتابىدىن ئېرىشكەن بىلگۈلەر بىلەن تەييارلىغانلىقىنى ۋە جەۋھىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئابدۇلقادىر تۆرە ئۇزۇن يىللىق مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ناھايىتى باي نوتا كوللېكسىيەسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. تۈرك مۇزىكىسىنىڭ دىنىي، غەيرى دىنىي ۋە كلاسسىك فورمىلىرىدا نۇرغۇن ئەسىرى جاي ئالغان بۇ كوللېكسىيە م. ئەكرەم كارادېنىزغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭمۇ ۋاپاتىدىن كېيىن ئائىلىسى تەرىپىدىن سۇلايمانىيە كۇتۇبخانىسى (Süleymaniye Kütüphanesi) غا سوۋغا قىلىنغان. بۇ كوللېكىسيەدىكى دىنىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئەلى رىزا شەنگەل (Ali Rıza Şengel، 1879 – 1953) نىڭ كوللېكسىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ توققۇز جىلد شەكلىدە قۇببەئالتى ئاكادېمىيەسى كۈلتۈر ۋە سەنئەت ۋەقفى (Kubbealtı Akademisi Kültür ve Sanat Vakfı) تەرىپىدىن «تۈرك مۇسىقىسى كلاسىكلەرى: ئىلاھىيلەر» نامىدا ئېلان قىلىنغان (Türk Mûsıkîsi Klâsikleri: İlâhîler, nşr. Yusuf Ömürlü, V-IX, İstanbul 1984-1996). بۇ نەشردە ئابدۇلقادىر ئەپەندىنىڭ ئۆزى بەستىلىگەن 20 ئىلاھىينىڭ نوتىسىمۇ يەر ئالماقتا.
مەھمەد ئاكىف ئەرسوي (Mehmet Âkif Ersoy، 1873 – 1936) تەرىپىدىن يېزىلغان ئىستىقلال مارشىغا بەستە (نوتا / مۇزىكا / ئاھاڭ) يازغانلاردىن بىرى بولغان ئابدۇلقادىر تۆرە ئىلاھىي / ھۆكمەت، دۇراق / تۇغۇچ، پەشرەۋ (مۇقەددىمە مەرغۇل)، سازا سەمائىسى (saz semâisi)، بەستە، سەمائىي (semâi)، ئۇسۇللۇق ناخشا، ئەللەي ۋە ناخشا فورمىلىرىدا 200 دىن ئارتۇق ئەسەر بەستىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئەمگەكلەر تۈرك مۇزىكا تىزىملىكى (repertuvar) دە ئانچە كەڭ ئورۇن ئالالمىغان (102 ئەسىرىنىڭ تىزىملىكى ئۈچۈن قاراڭ: Öztuna, II, 401-403). ئابدۇلقادىر تۆرە تۈزگەن شەۋقى تاراب (Şevkutarab، شەۋقۇشادلىق) پەسلى ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ۋە بۇ پەسىلدىكى ناخشىلىرى بۇ فورمىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىلىرى قاتارىدا سانالغان. ئابدۇلقادىر تۆرە يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچى شاگىرتلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان بولۇپ، تەلەبەلىرىنىڭ تېز ۋە ئاسان ئۆگىنىۋېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگىچە ئەپچىل مېتودلار ئىختىرا قىلغان. ئەسەر ئۆگىنىشتە ئۇسۇلغا بېسىشنىڭ ۋاز كېچىپ بولمايدىغانلىقى بارىدا ناھايىتى زىل مۇئامىلە قىلغان، پەسىللەردە پەست ئاكوردى ئەمەس، دائىما شاھ ۋە مەنسۇر ئاكوردلىرىنى تاللىغان. ئۆتمۈشتىن بېرى ھېچقانداق قېلىپقا باغلىنىپ قالماي ئىختىيارىي شەكىلدە ئورۇندىلىپ كەلگەن دۇراقلارنىڭ سوڭغى پەيتلەردىكى بەزى نوتا نەشرىياتىدا قېلىپلارغا سېلىنىپ ئېلان قىلىنىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئۆزى تونىغان ھېچقايسى ئۇستاتنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
1907 – يىلى زەكىيە خانىم بىلەن توي قىلغان ئابدۇلقادىر تۆرە ئەپەندى بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن. ئوغلى كىچىك ياشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، قىزى مۇزىكانت يېتىشكەن. كۈيئوغلى مازھار تابۇر ئەپەندى زونگۇلداك مادەن تەتقىق مەكتىبى (Zonguldak Maden Tetkik Okulu) مۇدىرى ۋاقتىدا زونگۇلداكقا يوقلاپ بارغان ۋاقتىدا مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ، ئىستانبۇلغا قايتقاندىن كېيىن 1946 – يىلى 27 – ئاۋغۇست كۈنى جەرراھپاشادىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان ۋە ئەييۈبسۇلتان (Eyüpsultan) مازارلىقىدىكى ئائىلە قەبرىستانىغا، ئانىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ يېنىغا دەپن قىلىنغان.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:
نۇرى ئۆزجان «TÖRE, Abdülkadir (ئابدۇلقادىر تۆرە) ماددىسى. تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 41 – جىلد، 278 – 279. ئۇلىنىش: https://islamansiklopedisi.org.tr/tore-abdulkadir كۈن: 12.12.2024
ئۇلىنىش: https://tr.wikipedia.org/wiki/Abdülkadir_Töre#cite_note-vatan-1 كۈن: 12.12.2024
Mustafa Kara, Diplomat ve Fusûs Şârihi Yakup Han Kaşgarî, Tasavvuf: İlmî ve Akademik Araştırma Dergisi, 2009, cilt: IX, sayı: 23, “İbnü’l-Arabî” özel sayısı – II, s. 9-24

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەييارلىدى.

Please follow and like us: