سپوت (SPOT) سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سپوت (SPOT) سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. توردا سپوت سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

فورېكس (FOREX) تىجارىتىدە سپوت (SPOT) سودىسى قىلىش دېگىنىمىز خەلقئارا ئاكسىيە بازىرىدا شىفىرلىك (Cryptocurrencies) ۋە باشقا تۈرلۈك پۇل ۋە پاي چەكلەرنى تېز ئېلىم – سېتىم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا سېتىۋالغان پۇلنى ئادەتتە سودا قىلغان كۈن (The Trade Date) دىن ئىككى تىجارىي كۈن (Two Business Days) ئۆتكەندە، يەنى راسچوت كۈنى (Settlement Date) ئاندىن تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. بەلكىم بەزى سودىلاردا شۇ چاغدا تاپشۇرۇپ ئالىدىغان يېڭىلىقلار بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق.

شىفىرلىك پۇللار بىلەن پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ھۆكمىدە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان بولۇپ، بۇ پەتۋادا پەقەتلا ئېلىم – سېتىم قىلىش جائىز بولغان پۇللارنى سىپوت قىلىش ئۈستىدە توختىلىمىز.

پۇللارنى سپوت (SPOT) قىلىپ ئېلىپ – سېتىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز بولۇپ، ئ‍ۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىككى تىجارىي كۈن كېچىكىش ئېلىم – سېتىم قىلغان سورۇننىڭ داۋامى ھۆكمىدە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ۋاقىت پەرقى تەقەززاسى، شۇنداقلا تىزىملاش، خەلقئارا بانكىلارئارا ئۇچۇرلىشىش، ھاۋالە قىلىش ۋە رەسمىيەت ئىشلىرى سەۋەبلىك بۇ خىل كېچىكىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ نەق سودا ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ پۇل سودىسىدا ئىككى كۈن كېچىكتۈرۈش جائىز دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى سېتىۋېلىنغان پۇل سېتىۋالغۇچىنىڭ ھېسابىغا دەرھال كىرىدۇ ۋە ھەر ئىككى پۇل ئىككى تەرەپنىڭ نامىدا ئەنگە ئېلىنىدۇ. لېكىن، سېتىۋالغان پۇلنى يۇقىرىقى ئىشلار سەۋەبلىك ئىككى ئىش كۈنىدىن كېيىن ئاندىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىككى كۈن ئەتەي كېچىكتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ياكى شەرت قىلىنغان ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سودىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان قىسقىغىنە كېچىكىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە سودا قىلغان ئىككى تەرەپ سودىدىن يانالمايدۇ ھەم ساتقان پۇل ھېسابىدىن سودىلاشقان تەرەپنىڭ ھېسابىغا چىقىرىۋېتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ پۇلنى باشقىلارغا قايتا ساتالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ نەق ئېلىم -سېتىش قىلغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

دېمەك. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ سودىنى نەقنىڭ ھۆكمىدە دەپ قارىغان ۋە كېچىكىشنى ئېھتىياج تۈپەيلى مەيلى دەۋەتكەن.

«سېتىۋېلىنغان پۇل سېتىۋالغۇچىنىڭ ھېسابىغا دەرھال كىرىدۇ» بىلەن «ئىككى تىجارىي كۈندىن كېيىن ئاندىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ» دېگەننىڭ پەرقى شۇكى، بىر كىشى 100 مىڭ ياۋرونى سىپوت قىلىپ سېتىۋالغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ھېسابىغا كىردى، ئەمما تولۇق بىر تەرەپ قىلىنمىدى. شۇڭلاشقا بۇ كىشى بۇ پۇلنى باشقا بىر كىشىگە ھاۋالە قىلىپ يوللاپ بەرمەكچى ياكى چەك يېزىپ بەرمەكچى بولسا، ئىككى تىجارىي كۈن ئۆتمىسە يوللىيالمايدۇ ياكى چەك ئىگىسى پۇلنى ئالالمايدۇ. يەنى سېتىۋالغۇچى ھېسابىغا چۈشكەن پۇلنى ئىككى تىجارىي كۈن ئۆتمىسە خەجلىيەلمەيدۇ.

دېمەك، بۇ خىل پۇل سودىسىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1. سودا نەق بولۇشى، كېچىكتۈرۈش شەرتى بولماسلىقى؛

2. ھەر ئىككى پۇل ئىككى تەرەپنىڭ ھېسابىغا چۈشۈپ ئەنگە ئېلىنىشى؛

3. سودىنىڭ پۇلىنى ئازراقىنىمۇ كېچىكتۈرمەي تولۇق، نەق تۆلىشى؛

4. بۇ سودىلارنى قىلىش جەريانىدا ئۆسۈم قوندۇرۇلماسلىقى؛ ئۆسۈم قونسا توختام ناتوغرا ۋە ھارام بولىدۇ.

بىرقىسىم ئالىملار بۇ خىل سودا پۇل ئايرىۋاشلاش/ ئالماشتۇرۇش (دۆۋىز) سودىسىدىن ئىبارەت بولغاچقا، «ئىككى تىجارىي كۈن كېچىكىش»تە، «نەقلىشىش شەرتى» تېپىلمىغانلىقتىن جائىز ئەمەس دەپ قارىغان(1).

كېيىنكى قاراش تېخىمۇ ئورۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سېتىۋلغان پۇلنىڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشى ئۇنىڭ ھېسابىغا چۈشۈش بىلەن ئەمەس، ئۇنى تەسەررۇپ قىلالايدىغان، خەجلىيەلەيدىغان بولسا ئاندىن ھۆكمەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىككى كۈنگىچە تەسەررۇپ قىلالمايدىغان، خەجلىيەلمەيدىغان بولسا، نەقلىشىش شەرتى تېپىلمىغان بولىدۇ. ئىككى ئىش كۈنى كېچىكىش گەرچە خەلقئارا ئاكسىيە ئۆرپىدە نەق ھېسابلانسىمۇ، شەرىئەت ئۆرپىدە نېسى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىككى كۈن كېچىكتۈرۈپ سىپوت قىلىپ، پۇل ئېلىم – سېتىم قىلىش جائىز بولمىغىنىدەك، بۇ تەرىقىدە سېتىۋالغان پۇلنى ئىككى كۈن ئۆتمىگۈچە باشقىلارغا ساتسا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ «قولىدا بولمىغاننى سېتىش»تىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇبادا ئىككى تىجارىي كۈن كېچىكىش بولمىغان سودىلارنى (سودا ئوبيېكتى ھالال بولغان تەقدىردە) يۇقىرىقى ئىككى قاراشتىكىلەر بىردەك جائىز دەپ قارايدۇ.

يىغىپ ئېيتساق، ئېلىپ – سېتىش ھالال بولغان پۇللارنى سپوت (SPOT) قىلىپ ئېلىپ – سېتىشنى كۆپچىلىك ئالىملار جائىز دەپ قارىسا، بىرقىسىم ئالىملار جائىز ئەمەس دەپ قارايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 9. 18


1. مجلة مجمع الفقه الإسلامي، العدد الحادي عشر، بحث المضاربات في العملة والوسائل المشروعة لتجنب أضرارها الاقتصادية، د. أحمد محيي الدين أحمد، ج31 ص515. زياد، فتحي سليم، غزال، حكم الشرع في البورصة، دار الوضاح، عمان – الأردن، ط2، 1428هـ – 2008م، ص35. (39) لطفي، التداول الإلكتروني للعملات، ص71. زياد، فتحي سليم، غزال، حكم الشرع في البورصة، دار الوضاح، عمان – الأردن، ط2، 1428هـ – 2008م، ص35.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ