سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەتىگىنى مەسجىدكە چىققاندا، بىزنىڭ مەسجىدتە ئەتىگەن تەرەپتە ئەزان توۋلاپ بولغاندىن كېيىن، قۇرئان ئوقۇيدۇ (ئەزاننى نورمالدا ناماز باشلاشتىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا بالدۇر توۋلايدۇ). بىز بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيدە ئوقۇپ چىقىمىز، ھەدىستە مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش باركەن. بۇ ئەھۋالدا قۇرئان تىڭشىشىم كېرەكمۇ ياكى ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئولتۇرۇپ قۇرئان تىڭشىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.
بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻗﺎيسىبىرىڭلار ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ» دەپ بۇيرۇغان(1).
تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات ئوقۇشتىن بۇرۇن تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇش – ئوقۇماسلىق مەسىلىسىدە بىرقىسىم ئالىملار (ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ شۇلار قاتارىدا): «ئوقۇلمايدۇ» دەپ قارىسا، يەنە بىرقىسىم ئالىملار (شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ شۇلار قاتارىدا): «تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامداتنىڭ پەرزىنى ئوقۇغانغا قەدەر نەپلە ئوقۇلىدۇ» دەپ قارىغان(2). بۇ مەسىلىدىكى قاراش ئوخشىماسلىقى جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، شۇنداقلا ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن (قۇياش چىقىۋاتقان، تىكلەنگەن ۋە پېتىۋاتقان) ۋاقىتلاردا تەھىييەتۇل مەسجىد ئوقۇشتىمۇ بار.
ھەنەفىي مەزھەب تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات ئوقۇشتىن بۇرۇن باشقا ناماز ئوقۇماسلىقنى بىلدۈرىدىغان بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، بۇنى يۇقىرىقى تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇشقا بۇيرۇغان ھەدىس مەزمۇنىدىن مۇستەسنا قىلغان. مەسىلەن، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا ناماز ئوقۇشنىڭ مەكروھ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ماۋۇ ئىككى رەكئەتتىن باشقا ناماز ئوقۇماڭلار»(3) دېگەن ھەدىسى ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاممىسى شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى بولمىش مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە قونغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان ھالەتلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ يېنىچە يېتىپ بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، نامازغا يەنى بامداتنىڭ پەرزىگە چىققانلىقىنى ئېيتقان(4) ھەدىس. يەنى ئارىلىقتا باشقا نەپلە ناماز ياكى تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇمىغان.
ھەر ئىككى قاراشقا ئاساسەن، ئەگەر بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇپ چىقمىغان كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇماي، ئىككى رەكئەت سۈننەتنىلا ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ تەھىييەتۇلمەسجىدكىمۇ ھېساب بولىدۇ.
بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇپ چىقمىغان كىشىگە كەلسەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىنى تاللىسا، تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇمايلا ئولتۇرىدۇ.
شافىئىي مەزھەب قارىشى بويىچە، تەھىييەتۇلمەسجىدنى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيدۇ. مانا بۇ قاراش بويىچە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشتا گاڭگىرايدۇ.
ئەلبەتتە، نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان قۇرئاننى تىڭشاشمۇ ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 204) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن بولسىمۇ، مەسجىدكە كېلىشتىن مەقسەت ناماز بولغانلىقتىن يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇماي ئولتۇرۇش بىلەن قۇرئان تىڭشاشتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بۇ سۈننەت قولدىن كېتىدىغانلىقتىن، مەسجىدكە كىرگەندە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى بۇ قاراش بويىچە ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇش مۇئەييەنلىشىدۇ.
مەسجىدتىكىلەرمۇ سۈننەت ۋە تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇيدىغان نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزماسلىق ۋە مۇشۇنداق گاڭگىراشقا سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇماي، ئىچىدە ئوقۇشى مۇناسىپ. كۆپ ئەللەردىكى كۆپىنچە مەسجىد – جامەلەردە بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.
ئەزان چىقىۋاتقاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئۆرە تۇرۇپ ئەزاننى تەكرارلىۋېتىپ، ئاندىن تەھىييەتۇل مەسجىد ئوقۇشقا تۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا يۇقىرىقى «ﻗﺎيسىبىرىڭلار ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ» دېگەن بۇيرۇققىمۇ، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاش توغرىسىدىكى بۇيرۇققىمۇ تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2022. 8. 21
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 444؛ «مۇسلىم»، 714. ﺋﻪﺑﯘ ﻗﻪﺗﺎﺩﻩ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
2. قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 6/139؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/3.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، 1278، سەھىھ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 183؛ «مۇسلىم»، 723.