خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ كىرىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خۇپتەننى شام بىلەن جەملەپ ئوقۇش توغرىسىدا

خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ كىرىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خۇپتەننى شام بىلەن جەملەپ ئوقۇش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياۋروپادىكى بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە شام ۋاقتى 21:47، خۇپتەن 23:50، بامدات 3:30 ئەتراپىدا كىرىۋاتىدۇ. بىز بۇ ياز پەسلىدە چارچىغانلىقتىن ياكى ئۇيقۇ كېلىپ كەتكەنلىكتىن بالىلارنى ئۇخلاتقاچ ئۇخلاپ قېلىپ يا خۇپتەننى، يا بامداتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇساق ياكى شامدىن بىر سائەت ئۆتكۈزۈپ خۇپتەننى ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەربىر نامازنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش ئەسل قائىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن. ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇش شەرىئەت ھېساب قىلغان «سەپەر»، «مۇشەققەت» ياكى «يامغۇر» دېگەندەك بىرەر ئۆزرە تېپىلغىنىدا، ئاندىن ئەسىرنى پېشىن ۋاقتىغا ياكى خۇپتەننى شامنىڭ ۋاقتىغا سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇشقا ياكى پېشىننى ئەسىرگە، شامنى خۇپتەن ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.

مەلۇمكى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، شامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن پاتقاندىكى قىزىل شەپەق يوقاپ كېتەي دېگەن ۋاقىتتۇر. شامنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتسە، يەنى قىزىل شەپەق يوقىسا، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا: «قىزىللىقتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئاقلىق يوقىسا خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىدۇ»(1).

ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بەزى دۆلەتلەردە قىزىل شەپەق يوقىمايلا تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە بەكلا كېچىكىپ، تاڭ ئېتىشقا بىر – ئىككى سائەت قالغاندا يوقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ، بامدات ۋاقتى ئىلگىرى بولغىنىدا، خۇپتەننى ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىنلىشىدۇ ياكى خۇپتەن ۋاقتى ئەسلا بولمايدۇ.

خۇپتەن ۋاقتى ئەسلا بولمايدىغان جايلاردا ئۆز يۇرتلىرىدا خۇپتەن ۋاقتى نورمال بولىدىغان چاغلاردىكى خۇپتەن ۋاقتىنى ياكى خۇپتەن ۋاقتى مەلۇم بولىدىغان يېقىن دۆلەتلەردىكى خۇپتەن ۋاقتىنى، ياكى مەككە ۋاقتىنى ھېساب قىلىپ خۇپتەن ئوقۇيدۇ.

خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ، بامدات ۋاقتى ئىلگىرى بولغىنىدا خۇپتەننى ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىن بولمىسا ۋاقتىدا ئوقۇش كېرەك. ۋاقتى بەك كەچ كىرگەنلىكتىن ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئىش ۋە مەكتەپكە ۋاقتىدا بارالماسلىق، ياكى بامداتقا تۇرالماسلىق… سەۋەبلىك ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىنلىشىدىغان بولسا، خۇپتەننى شامنىڭ ۋاقتىغا سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇش جائىز. ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالىتىدە ئىككى نامازنى بىراقلا جەملەپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ بىرى ئەبۇززۇبەير سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋپمۇ بولمىغان، سەپەرمۇ قىلمىغان ئەھۋالدا مەدىنەدە پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىراقلا جەملەپ ئوقۇغان». ئەبۇززۇبەير دەيدۇكى: «مەن سەئىدتىن:

— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نېمىشقا شۇنداق قىلغان بولغىيدى؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ دېدىكى:

— مەنمۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇشۇنداق سورىسام، ئۇ: ‹(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم): ”ئۈممىتىدىن ھېچكىمگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن“ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى› دېگەن»(2).

ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق رىۋايەت قىلدىكى: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر كۈنى ئەسىردىن كېيىن كىشىلەرگە تاكى كۈن پېتىپ يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىغانغا قەدەر خۇتبە سۆزلىدى. كىشىلەر: ‹ناماز… ناماز…› دېيىشىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا تەمىم قەبىلىسىدىن بىر كىشى ھاپىلا – شاپىلا كېلىپ:

— ناماز! ناماز! — دېگەنىدى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما:

— ماڭا سۈننەتنى ئۆگىتىۋاتامسەن؟ بۇ يېتىمەكنى قارا! — دەپلا، ئارقىدىن:

— مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىر ۋاقىتقا ۋە شام بىلەن خۇپتەننى بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەنمەن، — دېگەن». ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئېيتىدۇ: «بۇ ئىشتىن كېيىن كۆڭلۈمدە بۇ ھەقتە ئازراق شەك پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىسام، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ گېپىنىڭ راستلىقىنى ئېيتقانىدى»(3).

يۇقىرىقى «سەھىھ» ھەدىسلەرگە شۇنداقلا ئۈممەتتىن ھەرەجنى كۆتۈرۈۋەتكەن ﴿سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى﴾(22/«ھەج»: 78) دېگەن «قۇرئان» ئايەتىنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ياۋروپادا ياز ۋاقتىدا خۇپتەن ۋاقتى يېرىم كېچىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنگە كېچىكىپ كېتىدىغان ياكى خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكى شەرئىي بەلگىلىرى بىلەن مەلۇم بولماي تۇرۇپلا، بامدات ۋاقتى كىرىپ كېتىدىغان بولسا، ئەتىگەندە سەھەر قوپۇپ بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئادەتلىنىش بىلەن بىرگە، ئىشقا ۋە مەكتەپكە بېرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدىغان كۈنلەردە ۋەيەنە قىش كۈنلىرىدە كۈن ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ھەربىر نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش قىيىن بولغىنىدا، داۋاملىق ئادەت قىلىۋالماستىن، پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا، شام بىلەن خۇپتەننى شام ۋاقتىدا جەملەپ ئوقۇۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىلگىرىكى بەزى سەلەفلەرنىڭ، شۇنداقلا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەۋرىمىزدە «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (The European Council For Fatwa and Research)» 1999 – يىلى شۇنداق قارار ئالغان ۋە بۇ تەرىقىدە جەملەپ ئوقۇشنى ئاشۇ ھالەت داۋاملاشقان مۇددەتچە شۇ دىيارلاردىكى جىمى كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك قىلىۋالماستىن، ئۆزرە ئىگىلىرىگىلا رۇخسەت دەپ بىلىشنى، بولمىسا رۇخسەتنى ئەسل ھۆكۈمگە ئايلاندۇرۇۋېلىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل قىيىنچىلىقنىڭ دائىرىسىنى ئۆرپ – ئادەت بەلگىلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شەخسلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ھالەتلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان(4).

2007 – يىلى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارغا ئىزچىل جەملەشنى ئادەت قىلىۋالماي، ئېھتىياج تېپىلغان چاغلاردا جەملەپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا پەتۋا بەرگەن(5).

بۇنداق ئىلگىرى سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇغاندا، يەنى خۇپتەننى شام بىلەن جەملەپ ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، تەراۋىھ ياكى ۋىتىر نامىزىنى خۇپتەننىڭ ئارقىدىنلا ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىن كېيىن خۇپتەن ۋاقتى ھەقىقەتەن كىرگەندە ئويغاق بولسىمۇ خۇپتەننى قايتا ئوقۇمايدۇ.

ۋەلھاسىل، خۇپتەننىڭ ۋاقتى بەكلا كېچىكىپ كىرىدىغان دۆلەتلەردىكى كىشى ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ، قىينالمايدىغان كۈنلەردىمۇ ئىزچىل ئادەت قىلىۋالماستىن، قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتكە دۇچار بولىدىغان كۈنلەردىلا خۇپتەننى ئىلگىرى سۈرۈپ شام ۋاقتىدا (شام بىلەن جەملەپ) قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 6 – زۇلھەججە / م. 2022، 5 – ئىيۇل


1. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 43 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1 – ج، 124 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – ج، 38 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇلمۇجتەھىد»، 1 – ج، 210 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1 – ج، 231 – بەت.
2. مۇسلىم (705).
3. مۇسلىم (705).
4. من قرارات الدورة الثالثة / كولون، ألمانيا / 4 – 7 صفر 1420هـ، الموافق 19 – 22 أيار (مايو) 1999م.
5. «الدورة التاسعة عشر» المنعقدة بمقر رابطة العالم الإسلامي، بمكة المكرمة، في الفترة من 22 – 27 شوال 1428هـ، الموافق 3 – 8 نوفمبر2007م، القرار الثاني.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ