سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەپەردە پېشىن بىلەن دىگەرنى جەملەپ ئوقۇغىنىمىزدەك، جۈمە بىلەن نامازدىگەرنى جەملەپ ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەربىر نامازنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش ئەسل قائىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن. ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇش شەرىئەت ھېساب قىلغان «سەپەر»، «مۇشەققەت» ياكى «يامغۇر» دېگەندەك بىرەر ئۆزرە تېپىلغىنىدا ئاندىن رۇخسەت قىلىنغان.
مەلۇمكى، «جۈمە نامىزى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر نامازمۇ ياكى شۇ كۈنكى پېشىننىڭ ئورنىغا قويۇلغان نامازمۇ، ياكى قايسىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن، پەقەت ئادا قىلىش بىلەنلا ئاندىن قايسىسى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەردە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش بىردەك ئەمەس. كۈچلۈكرەك قاراشتا پېشىن ئەسل ناماز، جۈمە نامىزى ئۇنىڭ ئورۇنباسارىدۇر(1).
سەپەردە جۈمە بىلەن دىگەرنى جەملەپ ئوقۇش ھۆكمىدە ئالىملار «جائىز» ۋە «جائىز ئەمەس» دېگەن ئىككى خىل قاراشتا بولغان. «جائىز ئەمەس» دېگەن ئالىملار: «جۈمە بىلەن نامازدىگەرنى جەملەپ ئوقۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلمىگەن، بۇ دېگەن ئىبادەت، شۇڭا ئىبادەتنى قىياس بىلەن ئىسپاتلىۋالغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، «جائىز» دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى(2) تۆۋەندىكىلەرگە ئاساسەن كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185) ۋە ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى﴾(22/«ھەج»: 78) دېگەن ئېنىق كۆرسەتمىسىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاسانلاشتۇﺭﯗڭلاﺭكى، قىيىنلاشتۇﺭﯗﯞﻩتمەڭلاﺭ، سۆيۈندۈرۈڭلاركى، قاچۇﺭﯗﭖ قويماڭلاﺭ!»(3) دېگەن بۇيرۇقىغا ئاساسەن، دىنىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى يەڭگىللىتىش ۋە سەپەردە نامازنى قەسر قىلىپ ۋە جەملەپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان دەلىللەر سەپەردە پېشىن ياكى جۈمەنىڭ قايسىبىرىنى ئوقۇغان بولسۇن، ئۇنى ئەسىر بىلەن جەملەپ ئوقۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەبۇززۇبەير سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋپمۇ بولمىغان، سەپەرمۇ قىلمىغان ئەھۋالدا مەدىنەدە پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىراقلا جەملەپ ئوقۇغان».
ئەبۇززۇبەير دەيدۇكى: «مەن سەئىدتىن:
— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نېمىشقا شۇنداق قىلغان بولغىيدى؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:
— مەنمۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇشۇنداق سورىسام، ئۇ: ‹(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم): ”ئۈممىتىدىن ھېچكىمگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن“ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى› دېگەنىدى»(4).
دېمەك، مەلۇم مۇشەققەت ياكى قىيىنچىلىق شارائىتىدا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن، سەپەر ئەسلىدىلا مۇشەققەتتىن خالىي بولمىغاچقا، بۇ رۇخسەتكە تېخىمۇ لايىقتۇر. شۇڭا، جەملەپ ئوقۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولمىش سەپەرىيلىك ھاسىل بولغان ھامان «جەملەپ ئوقۇش جائىز» دېگەن ھۆكۈممۇ يېتەرلىك ئاساسقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن جۈمە بىلەن دىگەرنى جەملەش بىلەن پېشىن بىلەن دىگەرنى جەملەش ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقتۇر. شۇنداقلا قىيىنچىلىق جۈمە كۈنىدىمۇ ئوخشاشلا قىيىنچىلىقتۇر.
ئىككىنچى: مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا پېشىن نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقىدا ھەممە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. ئەگەر بىتاپ كىشى، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى ۋە ئايال كىشى قاتارلىق جۈمە ۋاجىب ئەمەس كىشىلەر جۈمە نامىزىغا قاتنىشىپ قالسا، سەپەردىكى كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھېساب بولغىنىدەك، بۇ نامىزىمۇ ھېساب بولاتتى ۋە ناماز شۇ ۋاقىتنىڭ پەرزىگە كۇپايە بولاتتى. ئۇنداقتا، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، جۈمە نامىزى شۇ كۈنكى پېشىننىڭ ئورنىغا قويۇلغان ناماز دېسەك، ناماز جۈمە بىلەن دىگەرنى جەملەپ ئوقۇش تامامەن جائىزدۇر.
ئۈچىنچى: جۈمە كۈنى سەپەردە بولۇپ قېلىش كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جۈمە بىلەن دىگەرنى جەملىمەسلىك ھەققىدە چەكلىمە كەلمىگەن، شۇنداقلا ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۈمە بىلەن دىگەرنى جەملىگەنلىك ھەققىدە ھەدىس كەلمىگەنلىكى بۇنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرلىرىدە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەتتى. مۇساپىرغا جۈمە پەرز بولمىغاچقا، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇغان. شۇڭا، جۈمە بىلەن ئەسىرنى جەملەش كۆرۈلمىگەن. ئەمما، باشقىلار دۇچ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇشتا ئاساس قىلىنغان ئىللەت (مۇشەققەت ياكى سەپەر ھالىتى) ئوخشاشلا بۇنىمۇ جائىز قىلىدۇ.
تابىئىنلەردىن خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز (ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) شام دىيارىدا دابەقتىن سەپەر قىلىپ ھەلەب شەھرىدىن ئۆتكىنىدە، شەھەرنىڭ ۋالىيسىغا: «جۈمە ئوقۇۋەرگىن، بىز سەپەر ئۈستىدە» دەپ جۈمە نامازغا قاتناشمىغان(5). بۇ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بەزى تابىئىنلەرنىڭ «بۇ ئەھۋالدا جۈمەگە قاتنىشىش ۋاجىب» دەپ قارىغانلىقى مەلۇم. ﺋﻪﺗﺎﺋ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ (كىشىلەر) ﺗﻮپلىشىپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ناماز ﺟﯜﻣﻪﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﯓ – ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺴﺎﯓ نامازغا بېرىشىڭ ﻻﺯﯨﻢ»(6). دېمەك، «سەپەر ئۈستىدە جۈمە ۋاجىب ئەمەس» دېگەن قاراش كۈچلۈك بولۇپ، ئالىملارنىڭ ھەممىسى سەپەر ئۈستىدىكى كىشى جۈمەگە قاتنىشىپ قالسا پەرزى ئادا بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. بۇ ئايال كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىپ قالسا پېشىنگە ھېساب بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ھەسەن بەسرىي: «مۇھاجىرلارنىڭ ئاياللىرى جۈمەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئوقۇپ، ئۇنى پېشىننىڭ ئورنىغا ھېسابلايتتى» دېگەن(7).
تۆتىنچى: ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇش بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ. جۈمە ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلسا، ئەسىرنى جۈمە ۋاقتىغا سۈرۈپ ئوقۇش ئازنا كۈنلەردىن باشقا كۈنلەردىكىگە قىياسەن جائىز بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەممىسىدە ئەسىر ئۆزىدىن ئىلگىرىكى نامازنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، جۈمە بىلەن پېشىن بىر – بىرىنىڭ ئورنىدىكى ناماز بولۇش، ۋاقتى بىر بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق بولۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە قىياس قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ ئۆزىدە قىياس قىلىش بولماستىن، قاتتىق سوغۇق، جۇدۇن، قار ۋە پاتقاقنى ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشتا يامغۇرغا قىياس قىلىشتەك رۇخسەتلەرنى بىر – بىرىگە قىياس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، سەپەردە جۈمە بىلەن دىگەرنى ياكى باشقا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشنى ئىمام ئەئزەم ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرى بىلەن بىر بۆلۈك مۇجتەھىدلەر جائىز دەپ قارىمىغاچقا، ئىمام غەززالىي ۋە ئىمام نەۋەۋىيدەك «جەملەپ ئوقۇش جائىز» دېگەن ئالىملارمۇ «جەملىمەستىن ھەربىر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشى تېخىمۇ ئەۋزەل» دەپ قارايدۇ(8). سەپەر ئۈستىدىكى كىشى شارائىتىغا قاراپ، بۇ قاراشلاردىن بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.
ۋەلھاسىل، سەپەر ئۈستىدىكى كىشىگە جۈمە نامىزى ئوقۇش پەرز ئەمەس. ئەمما، بىرەر شەھەر ياكى كەنتكە يېتىپ بېرىشى ئۇ يەردىكىلەرنىڭ جۈمە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالسا، جامائەت بەرىكىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، جامائەتتىن ئايرىلماسلىق ۋە جۈمەنىڭ پەزىلىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن خاھلىسا ئۇلارغا قوشۇلۇپ جۈمە ئوقۇۋالسا بۇ پېشىننىڭ ئورنىنى باسىدۇ. جۈمەنى ئوقۇپ بولۇپ ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا جەملەپ نامازدىگەرنى قەسر قىلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇۋالسا بولىدۇ. خاھلىسا جۈمە ئوقۇماي پېشىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 20 – زۇلھەججە / م. 2022، 19 – ئىيۇل
1. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 89 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 3 – ج، 9 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 531 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇلمۇجتەھىد»، 1 – ج، 156 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 196 – بەت.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 383 – بەت؛ ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 3 – ج، 416 – بەت؛ سۇيۇتىي: «ئەلئەشباھۇ ۋەننەزائىر»، 299 – بەت.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (69)؛ مۇسلىم (1734).
4. مۇسلىم (705).
5. ئىبنى ئەبى شەيبە (5146). سەنەدى «سەھىھ».
6. بۇخارىي «ﺟﯜﻣﻪ بۆلۈمى»، «جۈمەگە قانچىلىك ئاﺭىلىقتىن كېلىدىغانلىقى ﯞﻩ ناماز جۈمەنىڭ كىمگە پەﺭﺯ بولىدىغانلىقى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئابدۇرراززاق (5179) «سەھىھ» سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
7. ئىبنى ئەبى شەيبە (5202). سەنەدى «سەھىھ».
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 378 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇلمۇجتەھىد»، 1 – ج، 156 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 196 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

