بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

401 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!

1) مەن مۇشۇ ۋىتر نامىزىنى سەھەردە ئوقۇيمەن دەپ سەھەرلەردە ئۇخلاپ قېلىش سەۋەبلىك ياكى بالىلىرىم ئۇششاق ۋىتر ئوقۇغىلى تۇرغىنىمدا، بالىلارنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىش سەۋەبى بىلەن بامدات ۋاقتى كىرىپ قېلىپ ئوقۇيالماي قېپقالغان ۋاقىتلار بەك كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىترنىڭ قازاسى كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ؟

2) قۇرئان ئوقۇپ سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغان چاغدا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سەجدە قىلىۋېتىش زۆرۈرمۇ؟ ئەگەر قىلمىسا گۇناھكار بولامدۇ؟ بەزىدە «كېيىن قىلىمەن» دەپ ئېسىدىن چىقىپ قالىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ.

1) ۋىترنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، ۋىترنىڭمۇ قازاسىنى قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇخلاپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ۋىتر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالسا، ئېسىگە كەلگەندە ياكى ئويغانغاندا ئوقۇسۇن»(«ئەبۇ داۋۇد»، 1431). يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۇخلاپ قېلىپ، ۋىتر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالسا، تاڭ ئاتقاندا ئوقۇسۇن»دېگەن.(«تىرمىزىي»، 466)  بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى (ۋىترنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ ۋە يەنە) ۋىترنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2) جاۋابىنى مۇنۇ پەتىۋادىن كۆرۈۋالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2602

402 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.

1) ئۇستازنىڭ بىتكۇۋين توغرىسىدا پەتىۋاسى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار. بولمىسا، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

2) ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىسىنى سېتىۋەتسە، ئۇنىڭ پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) https://sajiya.biz/?p=4787

2) ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىسىنى سېتىۋەتسە، ئۇنىڭ پۇلىغا بىر يىل ئۆتكەندە زاكات كېلىدۇ.

403 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان ئىچىدە سەدىقە فىترنى بېرىپ بولغان كىشى (ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بېرىش كېرەكلىكىنى بىلمەي) قايتا بېرىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قايتا بېرىشى كېرەك ئەمەس.

404 – سوئال: مەن بىر ھەدىس ئاڭلىغانىدىم: «پېقىرچىلىقتا قالدىم، ئى رەسۇلۇللاھ!» دېگەنىدى، «ئۇنداق بولسا، ئۆيلەن» دېدى. ئۇ ساھابە تەكرار كېلىپ: «ئۆيلەندىم، يەنە پېقىرچىلىقتا قالدىم» دېگەنىدى: «يەنە ئۆيلەنگىن» دېدى. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: مەزكۇر ھەدىس سەھىھ ئەمەس. لېكىن، نىكاھنىڭ رىزىق ۋە بايلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بار.

405 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار ۋە قېرىنداشلار! سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر؟ بىر ئايال رامازاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن يېڭى بالا تۇغۇپتىكەنتۇق، قىرىقى توشمىغاچقا روزا تۇتالماپتۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت بارمۇ؟ بۇنىڭغا كەففارەت كېلەمدۇ؟ ياكى قىرىقى توشقاندىن كېيىن قازاسىنى قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! نىپاس دېگەن تۇغۇتتىن كېيىن يا بالا چۈشۈپ كەتكەن ياكى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ھەيز كېلىدىغان جايدىن كېلىدىغان قاندۇر. بىر ئايالنىڭ نىپاس مۇددىتى يەنە بىرسىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئەڭ قىسقا نىپاس بىردەملىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۇغۇتتىن كېيىنلا قان توختىسا ياكى قانسىز تۇغۇش بولغان بولسا، نىپاس تۈگىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، غۇسلى قىلىۋېتىپلا ناماز ئوقۇيدۇ ۋە باشقا نىپاس سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە نىپاس مۇددىتى ئەڭ ئاز بولسا 11 ياكى 26 كۈن بولىدۇ. ئەمما، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان نىپاس بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىرىق كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ساقايغاندىن كېيىن روزا تۇتمىغان بولسا، قازاسىنى قىلىشى ۋە تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ. ئاياللار بالا ئەمگۈزگەچكە قازاسىنى تولۇق تۇتۇپ بولالمىسا، كېيىنچە قازاسىنى تۇتالايدىغان بولسا قازاسىنىلا تۇتسا بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغانلار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولسا، قازاسىنى تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىديە بېرىدۇ.

406 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز!

1) زاكات ئالسا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلىرى ئېنىق، ئەمما بەزىلەر «شۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ بەكرەك ھالى ناچارلارنى تېپىپ بېرىمەن» دەپ قارايدۇ ھەم بۇ سەۋەبلىك شۇنداق ئادەمنى تاپقۇچە، بېرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

2) باشقىلار تونۇشتۇرغان زاكات ئالسا توغرا كېلىدىغان كىشىلەرگە كۆڭلى ئەمىن بولماي، ئۆزى تاپالماي كېچىكتۈرۈش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ.

1) زاكات نىسابىغا يېتىپ زاكات ئايرىش ۋاقتى كەلگەندە، بەكرەك ھالى ناچارلارنى تاپسا تاپتى، تاپالمىسا ئېھتىياجلىققا بېرىۋېتىدۇ. نىسابقا يەتكەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەيدۇ. 2) باشقىلار تاپقانغا ئىشىنەلمەي ھەم ئۆزى تاپالماي قالغاندا، ئىشەنچلىك بىر كىشىگە تۇتقۇزۇپ جايىغا بېرىۋېتىشنى تاپىلىشى لازىم. ئۆزى ساقلىسا بولمايدۇ.

407 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سىزنى ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن! تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن! ئۆيدە مۈشۈك باققانلار مۈشۈكىنى تۇغماسلىق (قىسر) ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنى قىلمسا، مۈشۈك سىرتلارغا چىقىپ كېتىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىردىن ئارتۇق مۈشۈك باققانلار بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرسا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆيدە مۈشۈك باققانلار مۈشۈكلەرنىڭ قاتتىق مىياڭلاشلىرىدىن بىئارام بولسا ياكى سىرتقا چىقىپ ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر تۇتۇملۇق سەۋەب بولسا، مۈشۈكىنى تۇغماسلىق (قىسىر) ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋەتسە بولىدۇ. بولمىسا چەكلىنىدۇ.

408 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم. فىتر زاكاتلارنى ۋاسىتىلىك بەرمەكچى بولساق، يەنى بىرەرسىنىڭ دوستى «مەن بېرىپ قويىمەن» دەپ يىغىپ، بىز رامازان ئىچىدە بەرگەن بولساقمۇ، ئوتتۇرىدىكى يىغىپ يەتكۈزگۈچى رامازان ئىچىدە ئەۋەتەلمىگەن بولسىمۇ مەسئۇلىيەت بىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەدىقە فىتىرنى بەرگۈچى ۋاقتىدا بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈگەيدۇ. سەدىقە ئادا بولىدۇ. كېچىكتۈرگەننىڭ گۇناھى ۋەكىلگە بولىدۇ.

409 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! تۇغۇتتىن ساقلىنىشقا دىنىمىزدا كۆرسەتمە باركەن، يەنە بەزى ۋاقىتتا «ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ» دەيدىكەنمىز. مۇشۇنى ئېنىق چۈشىنىش مەن ئۈچۈن تەس كەلدى. سوئالىم: 1) بىز پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساقمۇ، يەنىلا تەقدىردە بالا كۆرۈش يېزىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېمەكچىمۇ؟ 2) تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قىلمايلا، ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدىغان بولغاچقا، «شۇ تەقدىرىمىزدىكى بولىدۇ» دەپ، تەقدىرىمىزنى كۈتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. 1) شۇنداق. چۈنكى، ئۈزۈك ۋە باشقا چارە – تەدبىرلەرنى ئالغان تەقدىردىمۇ يەنە قورساق كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بولىدۇ.

2) ئېلىنغان چارە – تەدبىرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خاھلىغىنىدىن ۋە تەقدىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە سەۋەب قىلىپ باقىدۇ. سەۋەبى بويىچە ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرزەنت بەرمەسلىكنى خاھلىسا بەرمەيدۇ. بېرىشنى خاھلىسا، ئىنسان سەۋەب قىلسىمۇ پەرزەنتى بولىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساھابەلەر ئەزل قىلىش (يەنى مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىش) ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ‹قۇرئان› نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا بىز ئەزل قىلاتتۇق»(«بۇخارىي»، 5209؛ «مۇسلىم»، 1440). دېمەك، بۇ مۇباھ بولۇپلا قالماي، «شۇ تەقدىرىمىزدىكى بولىدۇ» دەپ تەقدىرىمىزنى كۈتۈش بىلەن زىت كەلمەيدىغان ئىش.

410 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ بىر يېقىنىم تۈنۈگۈن يولدىشى بىلەن بىللە تۈنەشكە دېيىشىپتىكەن، يولدىشىمۇ ماقۇل بوپتۇ. كېيىن يولدىشى ئۇخلاپ قاپتۇ، يېقىنىم يولدىشىنى ئويغىتىپ «ناماز ئوقۇيمىز، تەھەججۇد ئوقۇيمىز، قوپۇڭ!» دەپ كۆزىگە كىرىۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى «يوقال! بۇ ئۆيدىن چىق! يوقال دېدىم!» دەپ قايتا – قايتا دەپتۇ. «باشقا ئەرگە تېگىپ يوقال!» دەپمۇ گەپ قىپتۇ. ئۇيقۇچىلىقتا دېدىمىكى دېسەم، ئويغىنىپ دەپتۇ. بۇ تالاققا چۈشەمدۇ؟ بىر جاۋابىنى بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ كىنايە بولغاچقا تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسا، تالاق چۈشىدۇ. مەقسەت قىلمىغان بولسا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ پۈتۈن جەرياننى ۋە ئۇندىن ئىلگىرىكى تالاق تارىخىنى تولۇق بايان قىلىپ پەتۋا ئالمىسا، بۇ يەردە مۇنداقلا سوراش بىلەن توغرا ھەل قىلىنمايدۇ.

411 – سوئال: ئەسساﻻمۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ساﻻمەت تۇردىلىمۇ؟ 1) ئايال كىشى ھەيزدار ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە كىتابنى قولىغا ئېلىپ، زىكىر – تەسبىھ ئوقۇسا بوﻻمدۇ؟

2) يەنە ئۇستاز! ئايال ھەمشىرىلىرىمىز خىتتايدىن قازاقىستان ئارقىلىق مال ئەكىلىپ سېتىۋاتىدۇ. يەنە شۇ ئستانبۇلدا ئاياللار خىتتاي ئۈچۈن سودا قىلىۋاتىدۇ. شۇلارنى ئالىملار بىر توسقان بولسا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. 1) 175 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ. 2) 103 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

412 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ھەممىمىزنى رامازاندىن ئۇتۇق قازىنىپ چىققۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىن. بەش – ئالتە ياشلاردىكى قىزلارنىڭ ۋېلىسپىت مىنىشى ئۇيغۇن بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامىن! زىيان كېلىپ چىقمايدىغانلا بولسا، دىنىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.

413 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كۈيئوغۇلنىڭ قېيىن ئاتا – ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ كۈيئوغۇل پۇلىنىڭ زاكىتىنى قېيىن ئاتا – ئانىسىغا بەرسە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈيئوغۇلنىڭ قېيىن ئاتا – ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار كېسەللىكتىن ياكى پېقىرلىقتىن، ياكى ئۇلارنى باقالايدىغان قىز ۋە ئوغۇل بالىلىرى يوق بولغانلىقتىن زاكاتقا موھتاج بولسا، كۈيئوغلى ئۇلارغا زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ.

414 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) مەن ھەيزدار ھالەتتە قېپقالغان پارەمنى كومپيۇتېرغا قاراپ ئوقۇپ تۈگەتسەم، تامام قىلغان بولامدىم؟ 2) ھەيزدار ھالەتتە قولۇمغا پەلەي كىيىپ، قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن قارىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەيزدارلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. 2) پەلەي تۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەلەي بىلەن تۇتسا بولىدۇ. ئەمما ئوقۇشنىڭ ھۆكمى يۇقىرىقىدەك.

415 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بىر قەرزدارنىڭ قەرزىنى قايتۇرغىدەك شارائىتى يوق ئەھۋالدا، باشقىلار بۇ قەرزدارغا ئېھتىياجى بارلارغا بۆلۈپ تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان پۇلدىن بىر ئۈلۈشنى ئۆزى ئۈچۈن ئالسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. كۈچلۈك قاراشتا زاكاتنى بەرگۈچى مەلۇم ۋە مۇئەييەن شەخسلەرنى بېكىتمەي، قەرزدارلارغا (ياكى پېقىرلەرگە) تارقىتىپ بېرىشنى تاپىلىغان بولسا، ۋەكالەتەن باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان كىشى ئەگەر شۇ سۈپەت ۋە ئۆلچەمگە چۈشىدىغان بولسا، باشقىلارغا تارقاتقان مىقداردا ئۆزىگىمۇ بىر كىشىلىك ئالسا بولىدۇ. باشقىلارغا تارقاتماي ھەممىنى ئۆزىلا ئېلىۋالسا ياكى باشقىلارغا تارقاتقاندىن ئارتۇق ئېلىۋالسا دۇرۇس بولمايدۇ. ئۆزى ئالماي باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىشى مۇستەھەب. شۇنداقلا ئۆزى ئالغان تەقدىردە زاكات بەرگۈچىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇستەھەب. ۋاجىب ئەمەس(قاراڭ: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3 – توم، 338 – بەت).

416 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىرسىدىن مەلۇم مۇددەتلىك قەرز ئالغان بولسا، ئەمما ۋاقتى كەلگىنىدە قەرز قايتۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالى بەكلا قىينچىلىقتا بولسا ۋە يەنە مەلۇم مۇددەتكىچە قەرزنى قايتۇرغۇدەك ئەھۋالى بولمىغاندا، قەرز بەرگۈچى بۇ قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىپ قەرزنى بىكار قىلىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 16 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

417 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بەك ئېغىر باش ئاغرىقى كېسىلى بار ئىكەنتۇق، روزا تۇتقاندا تۇيۇقسىز باش ئاغرىقى قوزغىلىپ قالسا، دورا ئىچمىسە، بەك ئېغىرلاپ كېتىدىكەن ھەم دورا ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا روزىنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. باش ئاغرىش بىرەر كۈن بولسا دورا ئىچىپ داۋالىنىپ، ھېيتتىن كېيىن بىرەر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. بىرقانچە يىلدا تېز ساقايماس كېسەل بولسا، روزا تۇتماي ھەربىر كۈنگە بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ (تۈركىيەدە بۇ يىل 60 لىرا، ياۋروپا ئەللىرىدە 15 ياۋرو ئەتراپىدا).

418 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! «ئەبجەد ھېسابى» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا مەلۇمات ئالاي دېگەن ئىدىم. مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ئىلتىجايىمغا مەرھەمەت قىلغان بولسىلا، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئەبجەد ھېسابى» بىر خىل ھەرپلەر بىلەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدىكى 28 ھەرپنىڭ ھەربىرى بىرلىك ياكى ئونلۇق، ياكى يۈزلۈك مەلۇم ساننى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا 28 ھەرپ مۇنداق تەرتىپ بىلەن تىزىلىدۇ:

أبْجَدْ، هوز، حطِّي، كَلَمُنْ، سَعْفَص، قَرَشَتْ، ثَخَذْ، ضَظَغٌ

بۇلاردىن توققۇز ھەرپ بىرلىك سانلارغا، يەنە توققۇزى ئونلۇق سانلارغا، يەنە توققۇزى يۈزلۈك سانلارغا، بىرى مىڭگە بېكىتىلگەن بولىدۇ. باشقا تىللاردىكى يېزىق ھەرپلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە خاھلىغانچە بېكىتىپ ئىشلىتىدۇ.

مەسىلەن، أ = 1، ب = 2، ج = 3، د = 4… ي = 10، ك = 20… ق = 100، ر = 200… غ = 1000.

بۇ ئۇسۇل بىلەن بەزى تارىخلارنى ئىپادىلەشتە تارىخنى سان سىفىر بىلەن يازماي، بەزى كەلىمىلەرنى، جۈملىلەرنى ياكى بېىيتلارنى يازىدۇ. بۇ جۈملىلەردىكى ھەربىر ھەرپنى ئۇ ئىپادىلەيدىغان سانغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا، دېمەكچى بولغان تارىخ ياكى سان چىقىدۇ. بۇنى شائىرلار، يازغۇچىلار كۆپ ئىشلىتىدۇ.

مەسىلەن، «ئەتتۇھفە» ناملىق نەزمىي ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى ئەسەرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنۇ بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

أَبْيَاتُهُ نَدٌّ بَدَا لِذِي النُّهَى ** تَارِيخُهَا بُشْرَى لِمَنْ يُتْقِنُهَا

يەنى: بۇ ئەسەرنىڭ بېيىتلىرى ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى. تارىخى ئۇنى پۇختا ئىگىلىگەنلەرگە خۇش بېشارەت بولدى.

بۇ بېيىتتىكى «أَبْيَاتُهُ»دىن كېيىنكى («نَدٌّ بَدَا»دىكى) ھەرپلەرنى ئەبجەد ھېسابى بىلەن ھېسابلايدىغان بولساق، ن = 50، د = 4، ب = 2….. مەزكۇر نەزمنىڭ بېيىت سانى جەمئىي 61 بېيىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
» بُشْرَى = 712، لِمَنْ = 120، يُتْقِنُهَا = 566″ دېگەن ئىبارىنىڭ ھەرپلىرىنى ھېسابلىساق، ئۇ ئەسەرنى يازغان تارىخ ھىجرىيە 1398 – يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
بۇ مۇشۇ تەرىقىدە ھېسابلاشتا ۋە شىفىرلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۆز ئالدىغا مېتودى بار بىر ئىلىم ئەمەس. بۇ ئۇسۇل بىزنىڭ دىنىمىزغا، شەرىئەتكە ھېچقانداق ئالاقىسىز. لېكىن، تارىختىن بۇيان بۇنى سېھرىگەرلەر، تەسەۋۋۇف ئەھلى، شىيئەلەر، باتىنىيلار ۋە يەھۇدىي – خرىستىيانلار پال ئېچىش، سېھىر، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىش ۋە ئاجايىب – غارايىب ئىشلارنى ھەقىقەتتەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ياكى بەزىبىر بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئىشلەتكەن. مەسىلەن، يەھۇدىيلار ۋە بەزىلەر سۈرە بېشىدىكى ھەرپلەرنى بىر خىل ھېسابلاپ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتمەكچى بولغان. يەنە بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئېتىقادىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي – خرىستىيانلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا، پەيلاسۇپ ۋە مۇنەججىملەردىن چىققان سابىئىيلەر ۋە مۇشرىكلەرنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا بار بولغان بۇ تۈرلۈك ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر. يەنى دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر. شۇڭا، ھەربىر كۈچ ئىگىسى ئىلىم، تىل، قەلەم ۋە كۈچ بىلەن ئۇنى تەنقىد قىلىشى، ئۇنى چەكلىشى كېرەك. مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەڭ كاتتا ئەمرىمەرۇپ – نەھيىمۇنكەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇنداق قىلمىشلارنى قىلغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى، مىللەتلەرنىڭ ماڭقۇرۇتلىرىدۇر»(قاراڭ: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 35 – توم، 190 – بەت).

شۇڭلاشقا، قۇرئان تەفسىرى ياكى كېلەچەكنى بىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش، بۇنى ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئىلىم دەپ قارىۋېلىش كۇپۇر ۋە ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب. (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!)

419 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن توپ مال ساتىدىغان دۇكاندا ئىشلەيمەن. دۇكاننىڭ نەچچە يىللىق كونا خېرىدارلىرى بار، ئۇلار نېسىگە مال ئالىدۇ. پۇلىنى قاچان بېرىدىغانلىقىنى بەزىدە دەيدۇ، بەزىدە دېمەيدۇ. بىزمۇ قەرەللىك قەرز سۈيلەپ تۇرىمىز، ئۇلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە بۆلۈپ بېرىدۇ. بەزىدە «قاچان، قانچە پۇل بېرىسەن؟» دەپ ئېنىق سورىغىلى بولمايدۇ.

1)   بۇ سودىدىكى مەۋھۇملۇق دائىرىسىگە كىرىپ سودا دۇرۇس بولمامدۇ؟

2)   بەزىدە ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزىنىڭ ماللىرىنى بىزگە ئەكىلىدۇ، «پۇلىنى ساتقاندا بەرسىڭىزمۇ ياكى سېتىلىشىغا قارىتا بەرسىڭىزمۇ مەيلى» دەيدۇ، بىزمۇ «تامام» دەپ ئېلىپ قالىمىز. بۇمۇ سودا دۇرۇس بولمايدىغان نامەلۇملۇق دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

3)   تىجارەتتە سۆزىدە تۇرالماسلىق مەسىلىسى جىق يۈز بېرىدىغان بولۇپ، خام ماددا بېرىدىغان ئادەمنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن ۋەدە بەرگەن ئىشلەپچىقارغۇچى، توپ ساتقۇچى، پارچە ساتقۇچى دېگەندەك زەنجىرسىمان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقىغا سەۋەپ بولسا، ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ ياكى باشتىكى كىشىلا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر.

1) ئالىملار تاۋارنىڭ پۇلىنى تۆلەش ۋاقتىنى ھەقىقەتەن ياكى ھۆكمەن ئېنىق بولمىغان ۋاقىتقا بېكىتىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى، نامەلۇملۇق تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۇ ۋاقىتلارنى بىلىدىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ئادەتتە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەر ئايدا سېتىۋالىدىغان ماللارنى دەپتەرگە يېزىپ، قولىغا چۈشكەن پۇللارنى ئۇدۇللۇق تۆلەپ ماڭىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆرپى جەھەتتىن تۆلەيدىغان ۋاقىت ئۇلارغا مەلۇم دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەر بىر خىل تاۋار تىجارىتىدە ئادەتلەنگەن بىر ۋاقىت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېچىكىپ كەتسە بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدا تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان نائېنىقلىق يوق بولغاچقا، جائىز دېيىشكە بولىدۇ. يەنى تۆلەش ۋاقتى ھۆكمەن مەلۇم دېگىلى بولىدۇ.

2) ئەگەر بۇ سۆزنى دېگەن چاغدا بەيئىي (ئالدىم – ساتتىم) قىلىپ دېگەن بولسا، بۇ شەرت ۋاقىتنى نامەلۇم قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، مالنى قاچان ساتالىشى نامەلۇم. ساتالماسلىقىمۇ ياكى بەكلا ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ساتالىشىمۇ مۇمكىن. نەتىجىدە ۋاقىت ئېنىق ئەمەس بولىدۇ. ئەمما، سېتىش ئۈچۈن ئامانەت قويۇپ قويسا، بۇ بەيئى بولمايدۇ ۋە سېتىلسا پۇلىنى بېرىدۇ. سېتىلمىسا مالنى قايتۇرىدۇ.

3) ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلارنىڭ ئاقسىتىپ قويۇشى سەۋەبلىك ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمەسلىك ئېھتىمالى بار تۇرۇپ كېسىپ ۋەدە قىلىشى خاتا.

420 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! سالامەت قوپتىلىمۇ؟ ئاللاھ سىلىنى مەڭگۈ سالامەت قىلسۇن. جاۋابىنى بېرىپ بولغان سوئاللارنى قايتا كۆرمەكچى بولساق، سوئالنى ۋە جاۋابنى قانداق قىلىپ تاپىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. توربەتتىكى سوئال – جاۋابلارنى سەھىپە بويىچە ئۆرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تاپىمىز. بىر بەتتە 50 سوئال – جاۋاب كۆرۈنىدۇ. باش بەتتىكى ئىزدەش كۆزنىكىگە (لوپا ئەينەكنى چەكسىڭىز، رامكا ئېچىلىدۇ) سورىماقچى بولغان مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزىنى يېزىش ئارقىلىق ئالاقىدار پەتۋا ياكى تەتقىقات تېمىسىنى تاپقىلىمۇ بولىدۇ.

421 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇقنى يەپ بولۇپ، دۇئا قىلىپ، ئەزان چىققاندىن كېيىن، بامداتقا تاھارەت ئالغۇچە يېگەن نەرسىنىڭ ھەممىنى قۇسۇۋەتسە، روزىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىختىيارسىز قۇسۇۋەتسە روزا سۇنمايدۇ. سۇنمىغاچقا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

422 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندە قالغان خوتۇن – بالىلارنىڭ فىتر سەدىقىسىنى بۇ يەردە بەرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ.

423 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز روزا تۇتسا، ئەمما ھەر كۈنلۈكى دېگۈدەك مەجبۇرىي نەرسە يېگۈزۈلسە ياكى يېيىشكە زورلانسا روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز قاتتىق ئۇرۇش، تۈرمىگە سولاپ قويۇش، ئاتا – ئانا ۋە ئايالىدەك يېقىنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئىقتىسادىنى مۇسادىرە قىلىش، باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشقا ئوخشاش كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش بىلەن تەھدىت سېلىنسا، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتىشتىن باشقا چارە تاپالمىغان بولسا، تەھدىتتىن قۇتۇلغۇدەك مىقداردا يەپ – ئىچسە روزىسى سۇنمايدۇ، ئۇنىڭغا گۇناھمۇ بولمايدۇ.

424 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تۇتقان روزاڭلاردىن رازى بولسۇن! «تەسبىھ نامىزى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. (تەپسىلىي پەتۋا يېزىلدى)

425 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) نىكاھتىن بۇرۇن كېلىشكەن مېھر ھەققىنى 10 يىلدىمۇ ئادا قىلالمىسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ 2) تولىمۇ دىيانەتلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان يىگىت «مېھر ھەققى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ پارە قۇرئاننى لوقما يېمەي يادلاپ بېرىش»كە قوشۇلۇپتۇ، ئەمما توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىنمۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماپتۇ، بۇنىڭ بىرەر چارىسى بارمۇ؟ 3) مېھر ھەققىنى ئۇزۇن مۇددەت كېچىكتۈرۈش گۇناھمۇ؟ 4) ئەگەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، قەرزدار ھالەتتە ئۆلگەن ھېسابلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلمەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) گەدىنىدە قەرز بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆلسە مىراسى تەقسىم قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئايالىنىڭ مەھرى بېرىلىدۇ. 2) شۇ قىزنىڭ تەڭتۇشلىرىغا بېرىلگەن مىقداردا مەھرى بەرسە بولىدۇ. 3) قولىدا بار تۇرۇپ سۆرىسە زۇلۇم بولىدۇ. 4) نامىزىنى مۆتىۋەر ئالىملار چۈشۈرمەي، ئاۋاملار چۈشۈرىدۇ.

426 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قەدر كېچىسىدە ئۇخلاپ قېلىپ، كېچىنىڭ يېرىمى ياكى ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئويغانغان ئادەمنىڭ بۇ قەدر كېچىسىدە ئالىدىغان ساۋابى كەملەپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ئەگەر ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە ئۇخلىغان بولسا، ئەلبەتتە تولۇق ئەجىر ئالالمايدۇ.

427 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاۋازسىز نامازنى ئاۋازلىق ئوقۇپ قالغان كىشى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر نامازخان ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان بولسا (ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان نامازدا) قىرائەتنى خاھلىسا ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇ، ھېسابتا ئۆزىگە ئۆزى ئىمام بولغان؛ خاھلىسا پىچىرلاپ ئوقۇيدۇ. ئىمام قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان جايدا ئۈنلۈك ئوقۇپ سالسا ياكى قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان جايدا ئىچىدە ئوقۇپ قالسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ۋاجىب. چۈنكى، ئۈنلۈك ئوقۇش بىلەن ئىچىدە ئوقۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئورنىدا ئىمامغا نىسبەتەن ۋاجىب.

428 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىر ئايال رامازاندا روزا تۇتالمايدىغان، فىدىيە بېرىشى كېرەك ئەھۋالدا بولسا، ئەمما بۇ ئايالنىڭ ھېچقانداق ئۆز ئالدىغا كىرىمى بولمىسا، ئېرى بۇ ئايال ئۈچۈن ئۇ فىديەگە كېتىدىغان خىراجەتنى بېرىشنى خاھلىمىسا، 1) بۇ ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟ 2) كېسەل بولۇپ روزا تۇتسا زىيان قىلىدىغان ئەھۋالى بولسا، بەلكىم فىديەگە ئامال قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟ 3) شېكەر كېسەللەر، مەسىلەن ئۆمۈر بويى روزا زىيان قىلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىچۇ؟ 4) ئېرىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان ئايالنىڭ فىديە بېرىدىغان پۇلى بولمىسا، ئەمما ئېرى پاسىق ئادەم بولغاچقا فىديە چىقىمىنى قىلىپ بېرىشنى رەت قىلسا، سەدىقە ئېلىپ فىديە بەرسە توغرىمۇ؟ ئېرى گۇناھكار بولامدۇ؟ ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) كىرىمى بولمىسىمۇ قول ئىلكىدە بولسا، فىديەسىنى ئۆزى بېرىشى كېرەك. قول ئىلكىدە بولمىسا، تاپقاندا بېرىدۇ. بۇ نەپىقە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولغاچقا، ئېرىنىڭ فىديەنى تۆلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. 2) بەرمىگۈچە گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. 3) فىديە بېرىشى كېرەك. 4) سەدىقە ئېلىپ فىديە بەرسە بولىدۇ.

429 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازدا سەجدە ئايىتى تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم سەجدە قىلىنامدۇ ياكى ئىككى قېتىم قىلىنامدۇ؟ ئىمام ئىككى قېتىم قىلسا، جامائەتنىڭ بەزىسى ئەگىشىپ تەڭ قىلسا، بەزىسى تېڭىرقاپ بىرسىدە رۇكۇغا، بىرسىدە سەجدىگە كەتسە ھەم بۇ ناماز جائىز بولامدۇ؟ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىلاۋەت سەجدىسى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئىمام سەجدىنى ئىككى قېتىم قىلسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جامائەت ئىمام بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

430 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن، خاتىرجەملىك ئىچىدە قىلسۇن! بىر ئەرنىڭ ۋەتەندە ئايال – بالىلىرى بولۇپ، ئۆزى تۈركىيەدە تۇرىدىكەن. ئايالى ۋەتەندىن چىقالماي ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۇ ئەر تۈركىيەدىن ئىككىنچىلىككە يەنە توي قىلىپتۇ. ئەر گەرچە ۋەتەندىكى ئايالىغا باشقا ياردەم قىلالمىسىمۇ، ئىقتىسادىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. لېكىن، باشقا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئازابلىنىپ يۈرىدىكەن. تۈركىيەدىكى ئايالىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى ياخشىراق قىلىپ بېرەي دېسە ۋەتەندىكىسىگە قىلىپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، «ئادىل بولمىسام، قىيامەتتە يېرىمىم يوق قوپۇپ قالىمەن» دەپ، گەرچە قۇربىتى يېتىدىغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئايالىنىڭ بەزى ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قىلىپ بېرىشنى خاھلىمايدىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ بىر ئايالى قىلىشنى خاھلىمىغان ئىشقا يەنە بىر ئايالى «ئېھتىياجىم بار، مەن قىلىشنى خاھلايمەن» دېسىمۇ، «ئۇ قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىلىپ بېرەلمىگەندىن كېيىن، سەنمۇ قىلمايسەن» دەپ چەكلەش توغرىمۇ؟ ۋەتەندىكى ئايالىغا بەزى ئېھتىياجىنى قىلىپ بېرەلمەيدىغان بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى ئايالىغا قىلىپ بەرسە راستتىنلا ئادىل بولمىغان ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا يېنىدىكى ئايالنىڭ ھەققىگە كىرگەنلىك بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ھەر ئىككىسى يېنىدا بولۇپ تەڭ مۇئامىلە قىلمىسا، ئاندىن جازاغا دۇچار بولاتتى. ھالبۇكى بىرسى يېنىدا ئەمەس.

431 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بالىنى ئانىسىدىن بەكرەك دادا بىر تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟ ئانىسى باشقا دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ كەتسە، بالىنى بەرمەيدىغان ئىشلارغا دىنىمىزدا قانداق تەلىماتلار بار؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بالىنى ئانىسىدىن بەكرەك دادا بىر تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار. دادا بولمىغاندىن كېيىن دادىنىڭ دادىسى، ئۇمۇ بولمىسا دادىنىڭ ۋەسىيەت قىلغان كىشىسى ياكى ۋەكىلى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا بالىنىڭ ئاكىسى ۋە تاغىسى، ئۇلارمۇ بولمىسا ئانىسى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارمۇ بولمىسا قازى (ياكى سوت) بىرسىگە تاپشۇرىدۇ. بالىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇش ياكى ئانىسى باشقا دۆلەتكە ئېلىپ كېتىش ئەھۋاللىرىدا يۇقىرىقى ئەرلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

432 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرسەك بولامدۇ؟ تۈركىيەدە ئاساسلىقى كۆپ سانلىق ئادەم ئۆتكۈزگەچكە بىزنىڭ بالىلار قىزىقىپ قالىدىكەن، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز ئەسلىدە خاتا. بۇ ھەقتە ئاتا – ئانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6419

433 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى ئادەملەر «كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ» دەپ كۆز دۇئاسى يېزىپ بوينىغا ياكى ماشىنا – موتسىكلىتلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغاندۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. دۇئانىڭ مەنىسى چۈشىنىكسىز ياكى خاتا بولسا، تۇمار ئېسىش كۇپۇر ۋە شىرككە ياتىدۇ. چۈنكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تۇمار ئېسىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى پۈتتۈرمىگەي! كىمكى كۆزمونچاق ئېسىۋالسا، ئاللاھ ئۇنى قورققىنىدىن خاتىرجەم قىلمىغاي!» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17404). ئەگەر قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان بولسا، ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭلا خاھلىغىنى بولىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ تۇمار قىلىپ ئېسىش جائىز. سەلەفلەردىن شۇنداق قىلغانلار بار.

434 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. ئۇستاز! قەدر كېچىسىنى مەسجىدلەردە توپلىشىپ تۈنەپ ئۆتكۈزۈشكە قارىتا شەرىئەت نېمە دەيدۇ؟ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا «قەدر كېچىسى» دەپ توپلىشىپ تۈنەش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. مۇشۇ ئادەتلەر قۇرئان – سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ قەدر كېچىسنى قانداق ئۆتكۈزسەك قۇرئان – سۈننەتكە ئەڭ مۇۋاپىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز؟ ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. ئاللاھىم بارچىمىزنى بىدئەت – خۇراپاتلاردىن يىراق قىلىپ ئۆزىنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرگە توغرا ئەگىشىشنى نېسىپ قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! مەلۇم كېچىنى قەدر كېچىسى دەپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ. 27 – كۈنى كۈچلۈك قەدر كېچىسى بولۇشى ئېھتىماللىق بار. بۇنى قەدر كېچىسى دەپ كېسىپ بېكىتىۋالماي، مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. قەدر كېچىسىنى تۈرلۈك تائەتلەر بىلەن ئۆتكۈزسەك بولىدۇ.

435 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىلىملىرى زىيادە بولسۇن. «ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا- ئانا، بالىلىرىنىڭ رەسىمىنى تارتىپ ساقلىسا جائىز» دەپ پەتىۋا بېرىلىپتۇ، بۇ رەسىمگە چۈشسە بولىدۇ دېگەن گەپمۇ؟ «بولىدۇ» دېيىلسە، جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. رەسىمگە چۈشسە بولىدۇ. جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: «فوتو ئاپپارات ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش مەلۇم ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سايىنى قاتۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدا ئۇلۇغلاش نىيىتى ياكى ئەقىدىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى يوق. ئاللاھ ياراتقان بىرەر جانلىققا ئوخشىتىشمۇ يوق. رەسىم سىزىش ئىلگىرى بولمىغان بىر سۈرەتنى پەيدا قىلىش ۋە ياساش ھەمدە ئاللاھ ياراتقان بىر جانلىققا ئوخشىتىشتۇر».

436 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى، ئەجىر – مۇكاپاتلىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن. سوئالىم: چىشنىڭ ئارىلىقى كەڭرى بولسا شۇنى يېپىش ئۈچۈن چىش قاپلىتىش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! چىشلار بىر – بىرىدىن يىراق بولۇپ، سەت كۆرۈنۈپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان، مەنىۋىي ياكى روھىي ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئەيىب بولسا، چىش قاپلىتىش ئارقىلىق بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تۈزەتسە جائىز. ئەمما، سەت كۆرۈنۈش ياكى ئەيىب يوق بولۇپ، نورمال كۆرۈنسە، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش ۋە تېخىمۇ ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ.

437 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ روزىدار ھالەتتە قول بىلەن مەنىي چىقىرىپ سالسا، ئۇنىڭغا قازا كېلەمدۇ ياكى كەففارەتمۇ؟ كەففارەت بىلەن قازانىڭ پەرقى نېمە؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! روزىدار ھالەتتە قول بىلەن مەنىي چىقىرىپ سالسا، ئۇنىڭغا قازا كېلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇنىڭغا كەففارەتمۇ كېلىدۇ» دەيدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «قازاسىنىلا قىلىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ. قازا ئاتالغۇسى فۇقاھالارنىڭ ئىستىلاھىدا: «بىر ئىبادەتنى شەرىئەت بەلگىلىگەن ۋاقتىنىڭ سىرتىدا ئادا قىلىش»تۇر. يۇقىرىقى روزىسىنى سۇندۇرۇۋەتكەن كىشى رامازاندىن كېيىن بۇزۇۋەتكەن بىر كۈن ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتسا، قازاسىنى قىلغان بولىدۇ. كەففارەت دېگىنىمىز: «شەرىئەتتە مەلۇم بىر نۇقسانلىق ياكى سەھۋەنلىك ۋەياكى گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادا قىلىشى بەلگىلەنگەن جازا» بولۇپ، سەدىقە بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن بولىدۇ.

438 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن! ئالتە ھەپتىلىك بولغان ھامىلە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن كەلگەن خۇن نىفاس ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە روزىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ (توي قىلغىلى ئەمدىلا نەچچە ئاي بولغان، يېشى كىچىكرەك سىڭلىم بار ئىدى، رامازاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن كېلىشمەسلىك بولۇپ، ئالتە ھەپتىلىك ھامىلىسى چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە خۇن كېلىۋېتىپتۇ. بىر قارىيە خېنىمدىن بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە روزا ھەققىدە سورىسا: «ھامىلە ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن روھ كىرىدۇ، شۇڭا ئۈچ ئايلىق بولماي تۇرۇپ يەنى روھ كىرمەي تۇرۇپ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىدىن كەلگەن خۇن سەۋەبلىك ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلسا بولمايدۇ» دەپتىكەن. شۇڭا، ھازىرغىچە روزىسىنى تۇتۇپ، نامىزىنى ئوقۇۋېتىپتۇ. بۇ قاراش توغرىمۇ؟ بۇ خانىم – قىزلار ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، توغرىسىنى يەتكۈزۈپ قوياي دەپ يېزىشىم ئىدى) ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە 81 كۈندە كىرىدۇ. ئالتە ھەپتىلىك ھامىلە ئادەمزات شەكلىگە كىرىشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەگەر بۇ قان ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلگەن بولسا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسا، بۇ نىفاس قېنى بولماستىن، تومۇردىن چىققان قاندۇر. بۇ ئەھۋالدا ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئىستىھازە مەزگىلىدىكى ئايال پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ؛ روزا تۇتىدۇ؛ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇيدۇ؛ قۇرئاننى تۇتىدۇ ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلالايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

439 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مەن ئىجارە بېرىدىغانغا ئۆزۈمنىڭ پۇلى يېتىشمەي باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ بىر ماشىنا ئالغان ئىدىم. ماشىنىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سەل ياخشى چىقماي قالدى. سېتىپ باشقا ماشىنىغا ئالماشتۇرىدىغان مەقسىتىم بار. ئۆزلىرى قايسى كۈنى «ئىجارە بېرىدىغان ماشىنىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىيمىز» دېگەنتىلە. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئۇقالماي قالدىم.

مەسىلەن، ئىجارىگە بېرىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ ماشىنا بولسىمۇ ماشىنىنىڭ پۇلىغا ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىمدۇق ياكى ماشىنىنىڭ پۇلىنىمۇ ھېسابلايمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئىجارىگە بېرىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ ماشىنا بولسىمۇ ماشىنىنىڭ پۇلىغا ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىيمىز.

440 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. «ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى سېتىۋەتسە، بىر يىل ئۆرۈلگەندە زاكات كېلىدۇ» دېگەنتىلە. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرسى «ساتقاندىلا زاكات كېلىدۇ» دېگەچكە، ئۇنىڭ پۇلى بىلەن قولىدىكى پۇلنى قوشۇپ ھېسابلاپ زاكات بېرىپتۇ. بۇ قىلغىنى توغرىمۇ؟ ئەگەر ماشىنىنىڭ پۇلىغا زاكات كەلـمىسە، بېرىپ بولغان زاكاتنى كېلەركى يىلىغا ھېسابلىۋەتسە بولامدۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى سېتىۋەتسە، بىر يىل ئۆرۈلگەندە زاكات كېلىدۇ. شۇڭا، ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى ساتقان ھامان زاكات ئايرىشى خاتا. زاكاتنى ھېسابلاشتا خاتا ھېسابلاپ ئۆزىگە پەرز بولغان مىقداردىن ئارتۇق بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، ئارتۇق بەرگىنى ساۋابلىق نەفلە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. جانابىي ئاللاھ: (كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر)(2/«بەقەرە»: 158) دېگەن.

بۇ ئەھۋالدا زاكات بەرگۈچى (يەنى سەدىقە قىلغۇچى) زاكاتنى ئېلىپ بولغان كىشىدىن ئۇنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زاكات باشقىلارنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زاكات پەرزگە ھېساب بولمىغىنىدا، ئىختىيارىي نەفلىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. خۇددى بىرسى ئۆزىدىن يىراق بىر جايدىكى مال – مۈلكىنى ئىگىلىكىدە بار دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا زاكات بېرىپ بولغاندا، ئۇ مالنىڭ زايە بولۇپ كەتكىنى ئېنىقلانسا، ئۇنىڭ بەرگىنى ئىختىيارىي نەفلە سەدىقىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ»(«ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – توم، 150 – بەت).

بېرىپ بولغان ئۇ زاكاتنى كېلەركى يىلىغا ھېسابلىۋەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، زاكات بەرگۈچى ئۇ زاكاتنى ئۆتكەن يىلغا نىيەت قىلىپ بەرگەن. بەرگەندە «كېلەر يىل ئۈچۈن ئالدىن بېرىلگەن زاكات» دەپ نىيەت قىلمىغان.

441 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زاكات توغرىسىدا پەتىۋا سوراي دېگەن. ئايال كىشىنىڭ تويلۇق ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا كېلىدىغان زاكات توغرىسىدا بىلمەكچى ئىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايال كىشىنىڭ تويلۇق ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى قولىدىكى ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە ۋە پۇللىرىغا قوشقاندا 85 گرامدىن ياكى 5000 دوللار قىممىتىدىن ئاشسا، قولىدىكى ئالتۇن ۋە پۇللارنىڭ ھەممىگە ھەر يىلى %2.5 زاكات ئايرىشى كېرەك.

442 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇسۇلمان بىر ئەرنىڭ شىئە بىر ئايال بىلەن توي قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! شىئەلەرنىڭ بەزى تائىپىلىرى بارلىق ئەھلى سۈننەت ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كافىر بولغاچقا، يەنە بەزى تائىپىلىرىنى بەزى ئالىملار كافىر دېسىمۇ، ئالدىراپ كافىر دەۋەتكىلى بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇلارنى مۇسۇلمانمۇ ياكى ئازغۇن پاسىقمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان. ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھىبىدىكى راپىزە – شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. مۇبادا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايال شىئەلەرنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، شىئەلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان بولسا، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىسىم ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىدىلا شىئە بولۇپ، شىئەلىكىدە چىڭ تۇرمايدىغان بولسا، نىكاھلاپ ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «شىئەنى ئالسا بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بەرگەن(«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 32 – توم، 61 – بەت).

443 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. مۇنداق بىر ئىشتا ئىككىلىنىپ قالغان بىر ئەھۋال بولدى. بىرەيلەن بىر توپ جامائەتنى بىر ئاشخانىغا ئىفتارغا چاقىردى. ئۇ ئاشخانىدا ھاراقمۇ سېتىلىدۇ. يەنى ئۇ ئاشخانىدىكى ئىستاكان قاتارلىق نەرسىلەر مەيلى ئىشلىتىشتە بولسۇن، مەيلى يۇيۇشتا بولسۇن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە قىلغان ئىفتاردا شۈبھىلىنىپ قالسا قانداق بولۇر؟ بارماي دېسە تېخى بولمىغان.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇسۇلمان كىشى ھاراق ئولتۇرۇشلىرىغا قاتناشماسلىققا ۋە ھاراق ئىچكۈچىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىققا بۇيرۇلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ھاراق ئىچىلىدىغان سورۇندا ئولتۇرمىسۇن‹! دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 14651).

بۇ ئىفتار سورۇنى مۇسۇلمان دىيارلىرىدا بولسا، ئۇنىڭغا بارماي ئۆزۈر ئېيتىشى ۋە بۇ تۈرلۈك يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىشى ۋە كۈچى يەتمىگەن تەقدىردە سورۇنغا بارماي بېسىم قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ياۋروپادەك ھاراق ساتمايدىغان ئاشخانىلار كەم تېپىلىدىغان كافىرلارنىڭ دىيارلىرىدا بولسا ھەم ئۆزۈر ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ. ئۆزۈر ئېيتسا كۆڭۈل ئاغرىقى يۈز بېرىدىغان بولسا، بېرىپ ھاراق يوق شىرەدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ كەلسە بولىدۇ. چۈنكى، ھاراق ئىچىلگەن سورۇنلاردا ئولتۇرماسلىق چەكلىمىسى ھاراقنىڭ ئۆزىنى چەكلىگەنگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھارامغا ۋەسىلە بولىدىغان مۇھىتنى چەكلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھاراق ئىچىلگەن ئىستاكانلار يۇيۇلسا پاكىزلىنىدۇ.

444 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ پايدىلىق ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. قۇرئاندا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسى ئورنىدىكى ئايال ئۇنىڭغا ئازىدىكەن ھەم «سىلەر ئاياللارنىڭ ھىيلەڭلار بەكمۇ چوڭ» دېگەن مەزمۇندا گەپ بار ئىكەن. ئۇنداقتا:

1) ئاياللارنىڭ شەيتىنى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك، ھىيلىسى كۆپ بولامدۇ؟

2) ھەدىستىمۇ بىر گۈزەل مەنسىپى بار ئايال ئۆزىگە چاقىرسا «ياق» دېيەلىگەن كىشىگە كاتتا مۇكاپات بارلىقى سۆزلىنىدىكەن، ئەمما ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنى ئازدۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ياكى ھەدىس ئۇچراتمىدىم، بىزگە قالدۇرۇلغان ئەڭ چوڭ پىتنىمۇ بايلىق ئەمەس، ئايال كىشى ئىكەن. ئەجەبا ئەرلەر ئاياللارنى ئازدۇرمامدۇ؟ بۇ پىتنىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

1) مىسىر ئەزىزىنىڭ خوتۇنى خىزمەتچىسى ۋە قۇلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا كۆيۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان مىسىر ئەزىزى خوتۇنىغا: «سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار بەكمۇ چوڭ» دېگەن. دېمەك، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، مىسىر ئەزىزىنىڭ سۆزى. بۇ گەپ پۈتۈن ئاياللار جىنسىغا قارىتىلغان بولۇشىمۇ، شۇ قەسىردىكى ئاياللار توپىغا قارىتىلغان بولۇشىمۇ، شۇ يۇرت ياكى مىللەتكە قارىتىلغان بولۇشىمۇ ئېھتىماللىق. ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا بۇ سۆزنى توغرا ياكى خاتا دېمىگەن. يەنە قۇرئاندا ئەرلەرنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىنىڭ يامانلىقى ھەققىدىمۇ ئايەتلەر بار. مەسىلەن: (ئۇلار ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك بولسىمۇ، (ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ))(14/ئىبراھىم: 46) دېمەك، ھىيلە ۋە چۇتۇر ئاياللار جىنسىغا خاس نەرسە ئەمەس، بەلكى ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق سۈپەتتۇر. ھىيلە ئىنسان تەبىئىتىدە بار نەرسە. ئەرلەرنىڭ ھىيلىسى ئىنتايىن يامان. لېكىن، ئاياللارنىڭ ھىيلىسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى ئاياللار بۇ بارىدا ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللار ئومۇمەن كۈچ جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا، مەقسەتكە كۈچ بىلەن يېتەلمەيدىغانلىقتىن، ھىيلە بىلەن يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاياللار ئومۇم جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، سۆيگۈ، ئىشقى – مۇھەببەت بارىسىدا ھىيلە – مىكىر قىلىشتا ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن. خۇلاسە، ئاياللارنىڭ ھىيلىسى، شەيتىنى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك ئەمەس.

2) ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بار. مەسىلەن، سارە ئەلەيھەسسالام بىلەن زومىگەر پادىشاھنىڭ ۋەقەلىكى ھەققىدىكى ھەدىس. يەنە غارغا سولىنىپ قالغان ئۈچ كىشىنىڭ ۋەقەلىكى… بۇ پىتنىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

445 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدە ئەتىمۇ روزا تۇتىدىكەنمىز، بۇ ئاخشام سەئۇدى ئاي كۆرسە يەنىلا تۇتىۋېرەمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەئۇدى شەنبە كەچ ئاي كۆرسە، يەكشەنبە روزا تۇتمايدۇ.

446 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ رامازاندا ئەپلىشىپ قالمىسا، تۇتقان روزىسى ۋە نامىزى قوبۇل بولمامدۇ؟ بىرسىدىن قاتتىق كۆڭلى ئاغرىغان بولسىمۇ، ئارىدا ئۆچ – ئاداۋىتى بولسىمۇ، چوقۇم ئەپلىشىپ قېلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «رامازاندا ئەپلىشىپ قالمىسا، تۇتقان روزىسى ۋە نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. ئادەتتىكى كۆڭۈل ئاغرىشلاردا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاش ھەر ۋاقىت گۇناھ ئىش. رامازاندا ئۆچ – ئاداۋەتنى تۈگىتىش ياخشى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلار ئۆزۈر ئېيتىشى ۋە ھەقنى قايتۇرۇپ رازىلىق ئېلىشى كېرەك. ئاندىن ھەق ئىگىسى كەچۈرسە بولىدۇ. بولمىسا «ھەقنى قايتۇرمىسىمۇ چوقۇم كەچۈرۈشۈڭ كېرەك» دېگەن گەپ يوق.

447 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 438 – سوئالنىڭ «تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە 81 كۈندە كىرىدۇ. ئالتە ھەپتىلىك ھامىلە ئادەمزات شەكلىگە كىرىشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەگەر بۇ قان ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلگەن بولسا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسا، بۇ نىفاس قېنى بولماستىن، تومۇردىن چىققان قاندۇر. بۇ ئەھۋالدا ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئىستىھازە مەزگىلىدىكى ئايال پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ؛ روزا تۇتىدۇ؛ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇيدۇ؛ قۇرئاننى تۇتىدۇ ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلالايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن» دېگەن جاۋابىنى بۇرۇن بىلمەي، شۇنداق ئەھۋالدا ناماز ئوقۇمىغان ئايال كىشى بۇنىڭ ھۆكمىنى (يىللاردىن كېيىن) ئەمدى بىلگەن بولسا، شۇ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نامازلارنىڭ سانى بويىچە بىراقلا ياكى بۆلۈپ ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. مەسىلەن، ھەربىر پەرز ناماز ۋاقتىدا بىرەر ياكى بىرقانچە پەرزنى ئوقۇپ قازاسىنى قىلىپ بولدۇم دېگەندە ئاندىن توختىتىدۇ. سانىنى ئېنىق بىلەلمىسە ئوقۇپ بولغاندىمەن دېگۈچە ئوقۇيدۇ.

448 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! نەۋرىلەرگە ئۆزئارا نىكاھ چۈشەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چۈشىدۇ.

449 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! بالامنىڭ دادىسى بەش يىل بۇرۇن ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ كەتكەن. ئايرودۇرۇمدا تۇتۇلۇپ قالغانچە خەۋىرى يوق. ماڭغاندا يېڭى تۇغۇلغان بالىمىز ئۈچ ئايلىق بولغانتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۈچ كىشىگە ھېسابلاپ فىتر بېرىۋاتىمەن.

ئاتا ـ ئانام تۈگەپ كەتكەن، ئاتا – ئانام ئۈچۈنمۇ بېرەمدىم؟ ۋەتەندە قالغان تۇغقانلار ئاچا – سىڭلىمىز، ئاكا – ئىنىمىز ئۈچۈنمۇ بېرەمدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۈچ كىشىگە ھېسابلاپ فىتر بەرسىڭىز بولىدۇ. فىتىر پەقەت ھاياتلار ئۈچۈن بېرىلىدۇ. ۋەتەندە قالغان ئاچا – سىڭلىمىز، ئاكا – ئىنىمىز قاتارلىق تۇغقانلار ئۈچۈن بەرمەيمىز. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىراجىتى بىزگە ۋاجىب ئەمەس ھەم ئۇلار «بىزگە بېرىپ قويۇڭلار» دەپ تاپىلىمىغان.

450 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! تىرناق لاكى (سىر خېنە) دە تاھارەت بولامدۇ؟ «تىرناق سۇ تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن تىرناق لاكى سۈرۈۋالغان ھالەتتە تاھارەت ئالسا بولىدۇ» دەيدىغان قاراش باركەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىر خېنە سۈرتكەندىن كېيىنكى تاھارەت ۋە ئۇ تاھارەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، ئىشلىتىلگەن بوياق تاھارەت ئالغاندا، سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا، تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. كەم بولغانىكەن، نامازغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سىر خېنە سۈرتۈشتىن ئىلگىرى ئالغان تاھارەت توغرا بولغاندىن كېيىن، تىرناققا سىر خېنە سۈرتسە ئۇ تاھارەت سۇنغانغا قەدەر تاھارىتى ھېساب. ئەمما، تەبىئىي خېنە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تىرناقنىڭ سۇ تۇتۇپ تۇرۇشى شەرت ئەمەس، تىرناققا سۇ تېگىشى شەرت. سىر خېنە سۇنى تىرناققا تەگكۈزمەيدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ