بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

251 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىر شەھەردە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلىك ئايالغا مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىپ، شۇ يەرنىڭ توي خېتىنى ئېلىپ ئىقامەت بېجىرىپ بولۇپ، توي خېتىنى بىكار قىلىمىز دېيىشىپ، ئۇ خەتنى بىكار قىلماي تۇرۇپلا ئەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا نىكاھ چىگىلەمدۇ؟ ئۇ ئايالنىڭ مىراس دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇ يەرنىڭ توي خېتىنى ئالغان بولسا، ئۇ نىكاھلىق ئايالى بولىدۇ. ئايالىنى تالاق قىلماي ياكى توي خېتىنى ئايرىماي تۇرۇپ بىرى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئەر – ئاياللىق جەھەتتىن بىرى بىرىدىن مىراس ئالالايدۇ.

252 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېنىمدا دادىسى ۋەتەندە قالغان قىزىم بار. مېنىڭ ھازىر بۇ قىزغا ئۆگەي يولدىشىم بار، شۇڭا يېتىملارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى بىز ئۆيگە ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر ئۆگەي دادىسىنىڭ ياكى سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىز بولسا، ئۇ قىزغا ياردەم ئالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنى سىز بېقىشىڭىز كېرەك. ئۆگەي دادىسىنىڭ ياكى سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىز بولمىسا، ئۇ قىزغا ياردەم ئالسىڭىز بولىدۇ. قىزغا بېرىلگەن ياردەملەر پۇل بولسا، بۇنى قىزغا خەجلەپ، ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا ساقلاپ بېرىش لازىم. يېمەك – ئىچمەك بولسا، ئۆيدە سىز ۋە ئېرىڭىز قىزىڭىز بىلەن بىللە يەپ – ئىچسىڭىز بولىدۇ.

253 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىن چەتئەلگە «ھىجرەت» نامى بىلەن چىقىپ، ئەمما ئۆزىنىڭ ناماز، روزا، ھەج ۋە زاكات قاتارلىق ئىبادەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىسا ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنى قوللىمىسا، ئۇ كىشى «مۇھاجىر» دېگەن سۈپەتكە لايىق بولالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەيلى مۇھاجىر، مەيلى باشقا مەقسەتتە چەتكە چىقىپ قالغانلار بولسۇن، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارمىسا گۇناھكار بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە كۈچ چىقىرىشنى ھەربىر كىشى مەلۇم بىر ئىشقىلا ياكى مەلۇم بىر تەشكىلاتقىلا قارىتىپ تارايتىۋالماسلىقى كېرەك.

254 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆي ھايۋانلىرىدىن مۈشۈككە ئوخشاش ھايۋانلار بىلەن خۇشى بولماسلىق، ئۆچ كۆرۈش گۇناھ قاتارىغا كىرەمدۇ؟ بەزىلەر: «پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەن ھايۋان، شۇڭا بىزمۇ چوقۇم ياخشى كۆرىشىمىز كېرەك» دەيدىكەن. پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بىزمۇ چوقۇم ياخشى كۆرىشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئۆچ كۆرۈش تەبىئىتىمىزدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۆرمىسەكمۇ گۇناھ بولمامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەن ھايۋان» دەپ ياخشى كۆرۈش ياخشى ئىش. لېكىن، ياخشى كۆرمىسە، گۇناھ بولمايدۇ.

255 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! 1) بىر ئادەم 500 كىلومېتىرلىق (بېرىپ كېلىشنى قوشقاندا) سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، پەرز روزىنى تۇتمىسا توغرا بولىۋېرەمدۇ؟ 2) سەپەردە مۇشەققەتنىڭ بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا قاراپ ھۆكۈم ئۆزگىرەمدۇ؟ ياكى قانداقلا سەپەر بولسا، تۇتماسلىققا رۇخسەت بارمۇ؟ 3) بىر ئادەم ئەتە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ياكى ئىفتارغا ئۈچ سائەت قالغاندا ئۇزۇن سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، شۇ كۈنى روزا تۇتمىسا (يەنى سەپەرگە چىقىدىغان كۈنى) توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. 1) رۇخسەت بار، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ. 2) قانداقلا سەپەر بولسا، تۇتماسلىققا رۇخسەت بار. چۈنكى، جانابىي ئاللاھ ئېغىز ئېچىشنى سەپەر قىلىشقا باغلاپ قويغان بولغاچقا، جاپا – مۇشەققەتلىك سەپەر بولسۇن ياكى جاپاسىز دەپ قارالغان سەپەر بولسۇن، روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى ھەرقانداق سەپەرگە چۈشىدۇ. ھەم سەپەر ئادەتتە مۇشەققەتتىن خالىي بولمايدۇ. 3) ئەتە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ياكى ئىفتارغا ئۈچ سائەت قالغاندا ئۇزۇن سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى روزىنى نىيەت قىلىشى كېرەك. روزا تۇتماسلىقنى نىيەت قىلسا بولمايدۇ. سەپەر ئەمەلدىن قالسا روزىسى ھېساب. سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن (يەنە بىر قاراشتا چىققاندا) ئېغىز ئاچسا بولىدۇ.

256 – سوئال: ئەزان ئاڭلانمايدىغان يەرلەردە ئەزان ئەپى ئىشلىتىپ ۋاقىتقا قارايدىغانلار ئەتىگىنى ئەزان چىقىپ بەش – ئون مىنۇتقىچە كېچىكىپ ئېغىزىنى ئەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟ ئادەتتە بۇ خىل ئەپلەر يېقىن شەھەردىكى مەسجىدلەردىن خېلى بۇرۇن ئەزان چىقىرىدۇ.

جاۋاب: بۇ ئاشۇ ئەپلەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ۋە ۋاقىتنى توغرا بېكىتىشىگە باغلىق.

257 – سوئال: پەرز نامازدا «فاتىھە»دىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئويلاشمايلا رۇكۇغا چۈشكەن ئادەم قانداق قىلىشى كېرەك؟ سۈننەت ناماز بولسىچۇ؟

جاۋاب: ھەنەفىي مەزھەبتە پەرز نامازلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئەتىدە ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ھەممە رەكئەتىدە «فاتىھە» بىلەن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت ئوقۇش ۋاجىپتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرك ئەتمەستىن ئىزچىل مۇشۇنداق ئوقۇغان. شۇڭا، ئۇنتۇپ قېلىپ (يۇقىرىقى بويىچە) ئوقۇمىغان كىشىگە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. باشقا مەزھەبلەر «سۈرە قوشۇپ ئوقۇش سۈننەت» دەپ قارىغاچقا، تەرك قىلىنسا سەھۋەنلىك سەجدىسى كېرەك ئەمەس.

258 – سوئال: كىرىمى ھارام ئائىلىدىن بىلىپ تۇرۇپ تاماق يېيىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: جىمى كىرىمى ھارامدىن بولغان ئۆيدىن تاماق يېگىلى بولمايدۇ. بىرقىسمى ھارامدىن بولسا يېگىلى بولىدۇ.

259 – سوئال: كۈن چىقىش نامىزىنى كۈن چىقىپ 10 – 20 مىنۇت ئارىلىقىدا ئوقۇيمىز، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ چاشگاھ نامىزىنى كۈن چىقىش نامىزىدىن كېيىنلا ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ كۈن چىقىشنى ئېنىق كۆرۈش پۇرسىتى بولماي ئەپكە تايىنىدىغانلار ئۈچۈن كۈننىڭ ئورنىنى كۆرۈش ياكى پەرق ئېتىش دائىم قولاي بولمايدىكەن.

جاۋاب: كۈن چىقىش نامىزى، چاشگاھ نامىزى ھەممىسى بىر گەپ. ئۇنى كۈن چىقىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن يەنى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئوقۇيمىز.

260 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ماشىنىلىق سەپەردە، ئاھالىسى مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەردە، يولدا ماشىنىنى توختىتىپ ناماز ئوقۇماي، ماشىنىدا ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسا توغرىمۇ؟ 2) سەپەردە نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟ بولسا قانچىلىك سەپەرگە توغرا بولىدۇ؟ قانداق جۈپلەپ ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) پەرز نامازنى ماشىنىدا ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ. 2) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى»(«بۇخارى»، 1107؛ «مۇسلىم»، 704). كۆپچىلىك ئالىملار 85 كىلومېتىر ئارىلىقنى سەپەر ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم.

261 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ توي – تۆكۈنلەردىلا سېلىپ، بولمىسا سالماي قويۇپ قويىدىغان ۋە ئۇ ئالتۇنلار ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ساقلاپ تۇرۇلىدىغان، زاكات مىقدارىدىن ئاشقان ئالتۇنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ بەزىلەر «جىم تۇرغان ئالتۇنغا كەلمەيدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۈچلۈك قاراشتا ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن 85 گىرامدىن ئاشقان زىبۇزىننەت ئالتۇننىڭ ھەممىگە ھەر يىلى 2.5% زاكات كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي پەتىۋا يېزىلغان.

262 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن دائىم يولدىشىمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيتتىم، ئېرىم نامازدا تولا لىڭشىپ جىم تۇرمىغاندىن كېيىن، مەن ئايرىم ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ ياكى ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋېرىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگىشىپ ئوقۇۋېرىشىڭىز كېرەك.

263 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ئاللاھىم قوبۇل قىلسۇن! ئامىن. ئۇستاز! مۇشۇ ئىش تېپىش قىيىن بولۇش، ئىش تاپسىمۇ كېرەكلىك رەسمىيەتلەر تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىشتىن چىقىرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بەزى قېرىنداشلار ئۆي ئىجارىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنىڭ تەس بولۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتايلار ئاچقان فابرىكىلاردا تەرجىمانلىق قىلىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ قالدى. خىتتايلارنىڭ فابرىكىلىرىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش توغرىمۇ؟ ياكى ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىسە بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرسىلە بوپتىكەن، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! خىتتايلارنىڭ فابرىكىلىرىدا ياكى شىركەتلىرىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش توغرا ئەمەس.

264 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، رىزقلىرىنى بەرىكەتلىك، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن! مەقسەت: مېنىڭ ئايالىم نورمال ۋاقىتلاردا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇپ ئادەتلەنگەن، رامازاندا سوھۇرلۇق ئېتىش سەۋەبىدىن بۇ ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرالماي كۆڭلى بەكلا يېرىم. ئايال كىشىنىڭ رامازاندا سوھۇرلۇق ئېتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىغا قانداق ئەجىر بېرىلىدىغاندۇ؟ ياكى سوھۇرلۇق ئەتمەستىن تەھەججۇد ئوقۇشى ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۆزلىرىنىڭ رىزقلىرىنىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن! ئاياللارنىڭ ئۆيدىكى خىزمىتى ئۆيدە ئىللىقلىق، مېھىر ۋە ياخشى مۇھىت پەيدا قىلىدىغان كاتتا ئىشلاردىن بولۇپ، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە ۋە ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ئەرگە ياردەم قىلىش جەھەتتىن ئايال كىشى بۇنىڭدىن ئەجىر ئېلىشنى نىيەت قىلسا ساۋابلىق ئىشتۇر. شۇڭا، ئىككىسى تاقىشىپ قالغاندا ئۆي خىزمىتىنى ئالدىن ئورۇندا قويسا بولىدۇ. تاقاشتۇرماي، مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ ياخشى.

265 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سالامەت تۇرغانلا ئىنشائاللاھ! ئاللاھ ھەر دائىم سالامەت قىلسۇن! پەخىرلىك ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىزدىن رازى بولسۇن ۋە مۇبارەك تېنىنى ساغلام قىلسۇن! بىر سوئالىم بار ئىدى: سەئۇدىيغا بېرىپ – كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا شۇ دۆلەتكە بارار ۋاقتىدا كۈمۈش ياكى باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى كىيىمنىڭ ئارىسىغا ياكى ئېھراملىقىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ ئەكىرىدىغان ئىش بار ئىكەن. ئەگەر بۇ نەرسىلەرنى ئاشكارا شەكىلدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزسە، باج ئېلىنىدىغان بولغاچقا شۇنداق يوشۇرۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە شۇ مالنىڭ ئىگىسىدىن مەلۇم مىقداردا ئىش ھەققى ئالىدىكەن. يەنە ياۋروپا ياكى دۇبەيگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە تېلېفون ياكى كومپيۇتېر قاتارلىق نەرسىلەرنى باجدىن قاچۇرۇپ، چېگرادىن كىيىمنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ئەكىرىپ كەسپىي شەكىلدە پايدا ئېلىنىۋاتقان ئىشلار بار ئىكەن. بۇنداق شەكىلدىكى ئىشلار دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ ياكى چەكلىنەمدۇ؟ مۇشۇ سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! قاچاقچىلىق دىنىمىزدا توغرا ئەمەس.

266 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەندە 100 مىڭ دوللاردەك پۇل بار ئىدى، بۇنىڭ زاكىتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئايرىپ بولغان، ئازراق بىرقىسىمى قالغان، مۇشۇ پەيتتە بۇ پۇلنى بازاردا (كاپالى چارشىدا) ئوغرى ئالدى. ئەمدى ئايرىپ بولغان زاكىتىم قولۇمدا قالغان پۇلۇمغا كېلىدىغان زاكاتتىن ئارتۇق، ئوغرىلانغان پۇلنى قوشسام كەم. بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ئايرىش ۋاقتىدا قولىڭىزدا بار بولۇپ، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىغان بولسىڭىز، گەرچە ئوغرىلانغان ياكى زايە بولغان بولسىمۇ، كەم قالغان قىسمىنىمۇ ئايرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. يەنى زاكاتنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلى پۇلنى ئوغرى ئالغان بولسىمۇ ئايرىغان زاكاتنى بېرىش كېرەك.

267 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئايرىغان زاكات پۇلنى قىزىمنىڭ بالىلىرىغا بەرسەم بولامدۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ دادىسى، ئانىسى ياۋروپاغا كەتكەچكە بالىلارغا قارىيالمىدى. يەنە بىر قىزىمنىڭ ئىككى بالىسى بار، يولدىشىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى ئەمەس، ئىككى يىلدىن بېرى يەر ئاستى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇغۇش – تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بار تۇغقاندارچىلىق مەيلى دادا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئانا تەرەپتىن بولسۇن؛ مەيلى دادا، بوۋا… دېگەن تەرتىپ بويىچە ئۈستىگە ماڭىدىغان بولسۇن ياكى بالا، نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە… دېگەن تەرتىپ بويىچە تۆۋەنگە ماڭىدىغان بولسۇن، ھەرقاندىقىغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، دادا تۆۋەنگە ماڭغان تەرتىپتە بالىسىغا ياكى نەۋرىسىگە، ياكى ئەۋرىسىگە، ياكى چەۋرىسىگە… ۋە ياكى يۇقىرىغا ماڭغان تەرتىپتە دادىسىغا، بوۋىسىغا، بوۋىسىنىڭ دادىسىغا، بوۋىسىنىڭ بوۋىسىغا… بەرسە بولمايدۇ. يەنە ئايالىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن. شەرىئەتتە ئۆزى چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، زاكات پۇلنى قىزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا بەرسىڭىز بولمايدۇ.

268 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! مەن بىر تۇل ئايال، سوئالىم: ماڭا بۇرۇن ھەر رامازاندا ياردەم قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ رامازاندا قىيىنچىلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، قولىدا خېلى كۆپ زاكات كېلىدىغان پۇلى بار تۇرۇپ، ياردەم قىلماسلىقى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزگە ياردەم قىلمىغىنى بىلەن باشقىلارغا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

269 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇرئاندىكى «ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز؟ «تەۋبە قىلسۇن، قىلمىسۇن، چوقۇم مەغپىرەت قىلىدۇ» دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «شىركتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ قەرز، قىساس قاتارلىق ھەقلىرىدىن باشقا گۇناھلارنى تەۋبە قىلسا كەچۈرىدۇ. تەۋبە قىلمىسا، خاھلىسا كەچۈرىدۇ» دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

270 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زامان ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى «راستچىللار يالغانچى، قويمىچىلار ساخاۋەتچى… » دېيىلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتنى باتىلدىن قانداق ئايرىيمىز؟ كىمگە ئەگىشىمىز؟ ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەقىل ۋە بەسىرەت بىلەن ئايرىيمىز. توغرا يولدا دۇرۇسلۇق بىلەن ماڭغانلارغا ئەگەشسەك بولىدۇ.

271 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن!

1) كىيىمگە ئىنساننىڭ يېرىم بەدەن سۈرەت چۈشۈرۈلگەن، سۈرەتتە باشتىكى كۆز، قۇلاق، بۇرۇنلار بولغان ھالەتتىكى كىيىمدە ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

2) ئەرلەرنىڭ بەزى كۆينەكلىرىنىڭ مەيدىسىدە ماركىسى چۈشۈرۈلگەن ھالەتتە بولۇپ قالىدىكەن. مەسىلەن: كىچىككىنە تىمساھ دېگەندەك. قارىسام بۇ تىمساھ پۈتۈن بولۇپ، كۆزىمۇ باردەك قىلىدۇ. لېكىن، چوڭلۇقى بەك كىچىك بولغاچ يىراقتىن كۆزگە بەك چېلىقىپ كەتمەيدىكەن. بۇنداق كۆينەكلەردە ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! سۈرەت چوڭ ۋە كۆزگە چېلىققۇدەك بولسا، ناماز مەكروھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. كۆزگە چېلىقمىغۇدەك بولسا مەيلى.

272 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نەچچە كۈندىن بېرى قۇددۇستا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا قانداق قارايلا؟ مەسجىدتە دۈشمەندىن قوغدىنىش ئۈچۈن قارشىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە، شەھىد بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئېنىق تاجاۋۇز ۋە مەسجىدلەرنىڭ ۋە نامازخانلارنىڭ ھەق – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق. مەسجىدتە ياكى سىرتتا دۈشمەندىن قوغدىنىش ئۈچۈن قارشىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە، ئەلبەتتە شەھىد بولىدۇ.

273 – سوئال: دوختۇرغا كۆرۈنۈش ياكى باشقا ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن، ياكى سەپەرگە ئاتلىنىش تۈپەيلىدىن ناماز يولدا بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، قايتىپ كەلگۈچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆيدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئەزانغا بەش – ئون مىنۇت بولسا، ئەزان چىقمىسىمۇ بالدۇرراق ئوقۇۋەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزان ناماز ۋاقتى كىرىپ 5 – 10 مىنۇتتىن كېيىن چىقىدىغان بولسا توغرا بولىدۇ. ئەمما، ۋاقتى كىرىشى بىلەن ئېيتىلىدىغان بولسا، ۋاقتى كىرمىگەن چاغدا ناماز ئوقۇغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

274 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەركىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ، قۇربىتى يېتىپ تۇرۇپ، ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىدا بېخىللىق قىلسا، ئايالغا زۇلۇم قىلغان ياكى خورلىغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق. زۇلۇم قىلغان ۋە ئايالنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال ئېرىنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىگە ۋە ئۆيگە خەجلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا ئالسا بولىدۇ. ياكى بۇنىڭغا رازى بولمىسا، تالىقىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

275 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) مېنىڭ يولدىشىمنىڭ تەجۋىدى بەك ياخشىمۇ ئەمەس ھەم ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادقا بىلمەيدۇ، شۇڭا نامازغا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ. ناۋادا ئۆيدە ناماز ئوقۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلىپ تۇرمىسام، ئۆزۈم نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇيالايمەن. ئىقتىداﺋ قىلىپ تۇرسام، نامازنى تېزلا ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلىپ ئوقۇغىنىم ياخشىمۇ ياكى ئايرىم ئوقۇغىنىم ياخشىمۇ؟

2) رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نەفلە روزىلارنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئايال بولۇپ، تېنى ئاجىز. روزا تۇتقان كۈنلىرى ھالسىزلىنىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالىدۇ. بەزىدە ئىفتارغىمۇ تاماقنى ئۆيىدىكىلەر ئېتىپ بېرىدۇ. يولدىشى بۇ ئايالغا «روزا تۇتسىڭىز، بىز تاماقتىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز» دەپ، روزا تۇتۇشىغا ئۇنىمايدۇ. ئەمما، بۇ ئايال نەفلە روزىنىڭ ساۋابىنى قولدىن بەرمەيمەن دەپ، يەنىلا يولدىشىغا «روزا تۇتىمەن، قوشۇلۇڭ» دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. سوئال: بۇ ئايالنىڭ نەفلە روزا تۇتقاندىكى ساۋابى يۇقىرى بولامدۇ ياكى تۇتماي تېتىك تۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىقتىداﺋ قىلىپ ئوقۇش ئايرىم ئوقۇغاندىن ياخشى. 2) تۇتماي تېتىك تۇرۇپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرى ھەم نەفلە روزىنى ئېرى رۇخسەت قىلمىسا تۇتسا گۇناھكار بولىدۇ. ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز نەفلە روزا تۇتسا، ئېرى ئېغىز ئاچقۇزۇۋەتسە بولىدۇ.

276 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

بىرىنچى سوئالىم: ئەگەر بىر كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ دىققىتىنى يىغالماي نەچچە رەكئەت ئوقۇغىنىدىن گۇمانلىنىپ قېلىپ ياكى نامازدا سەھۋەنلىك كۆرۈلۈپ نامازنى قايتا ئوقۇسا، يەنە ئوخشاش خاتالاشسا يەنە سەل ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، يەنە قايتا ئوقۇپ يەنە ئوخشاش ئەھۋال سادىر بولسا، يەنە قايتا ئۆزىنى سەل توختىتىۋېلىپ قايتا ئوقۇسا، ئوخشاش دىققىتىنى يىغالمىغان ئەھۋال بولسا، ئۇ كىشى نامازنى خۇشۇﺋ قىلماي ئوقۇغان بولۇپ گۇناھكار بولامدۇ؟

ئىككىنچى سوئالىم: ئەگەر بىركىشى نامازنى خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇغان بولسا، ناماز ئىچىدە كاللىسىغا بەزى خىياللار كېلىشكە باشلىغان چاغدا كاللىسىغا كەلگەن شۇ خىياللاردىن ئۇزاقلىشىشىقا تىرىشىپ داۋاملىق ناماز ئوقۇسا، نامازدا خۇشۇﺋ قىلالىغان بولامدۇ؟ ياكى نامازدا خۇشۇﺋ قىلىش ئىنسان كاللىسىغا ھېچبىر خىيال كەلمەي ئوقۇيالىغاندا، ئاندىن خۇشۇ قىلالىغان سانىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نامازنىڭ سىرتىدا تۈرلۈك ھاۋايى – ھەۋەس ۋە ۋەسۋەسەلەردىن قۇتۇلۇشقا، نامازغا تۇرغاندىمۇ خۇشۇﺋ بىلەن تۇرۇشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشسا گۇناھكار بولمايدۇ. ئىنسان كۆڭلىگە خىيال كېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشسا، خۇشۇﺋ بىلەن تۇرغان بولىدۇ.

277 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئېرى يوق بىر ئايال تونۇشى بىلەن ئېرىنىڭ كېچىدە ئايرىم پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، دەماللىققا كۈندەشلىكى تۇتۇپتۇ. ئەمما، پەردەئى شەرم يۈزىسىدىن چاندۇرماپتۇ، ئۆيىگە كېلىپ ئېرى بىلەن خاپىلىشىپ قاپتۇ. ئەمما، ئېرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن خاپىلىقى ئوڭشىلىپتۇ. ئەمما، ئەتىسى ئۇلارنىڭ خاپىلىشىپ قالغانلىقىنى ھېلىقى ئايال كوچىلاپ سوراپ بىلگەندىن كىيىن: «مەن ئەخلاقسىز ئايال بولمىسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىز بىلەن ئارىلىشىدىغان تونۇش تۇرۇپ مېنى ئېرىڭىزدىن كۈنلىدىڭىز، مەندىن يامان گۇمان قىلدىڭىز. ئېرىڭىزنى كەلتۈرۈش نىيىتىم بولسا، بۇرۇنلا ئىجىتمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاستىرتتىن ئالاقىلاشمامتىم» دەپ ئاھانەت ھېس قىلغانلىقىنى دەپ بەك خاپا بولۇپتۇ. 1) بۇ ئايالنىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك «يەنە بىر ئايالدا ھەققىم قالدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ شەرىپىمگە نالايىق يامان گۇماندا بولدى» دەپ يامانلىشى توغرىمۇ؟ (بۇ يەردە كۈندەشلىك قىلغان ئايالدىن كېچىدە ئېرى بىلەن تۇرغان ھېلىقى ئايال «مەندىن ئېرىڭىزنى كۈنلەپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ» دەپ سورىغاندا، كۈنلەپ قالغان ئايال: «ھەئە» دېگەن. باشقا ئازار يەتكۈزىدىغان گەپنى قىلمىغان، ئەمما يەنە بىر ئايال ئۆزىگە زىيادە ئېلىۋېلىپ خاپا بولۇپ يۈرۈشىنى ھەقلىق دەپ قاراپ، يەنە بىر ئايالغا گۇناھكارلىق تۇيغۇسى قالدۇرۇپتۇ). ئارىدا نەچچە قېتىم قايتا مۇناسىۋەت باغلاپ، بىر يەرگە كېلىپ ئىككىلىسى ھالاللىق سورىشىپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، يەنە بىر ئىش بىلەن نەچچە يىل بۇرۇنقى بۇ كونا ئىشنى تارتىپ چىقىرىپ «مەندىن يامان گۇمان قىلىپ چوڭ گۇناھ قىلساڭمۇ، مەن سېنى كەچۈرۈۋەتتىم» دەپ دارتمىلىشى توغرىمۇ؟ قانداق ئەھۋالدا بىرەيلەننىڭ يەنە بىرەيلەندە ھەققى قالغان بولىدۇ؟ بىزنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئېرىمىزنى كۈنلەپ قېلىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ قارشى تەرەپ ئايالغا ئازار بەرمىگەن ياكى ھېچ بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا ئېرىمىز بىلەنلا دېيىشىپ خاپىلىقنى ھەل قىلساقمۇ بىز قارشى تەرەپ ئايالنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللارنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئېرىنى كۈنلەش ھەققى بار. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئالمىسا، كېيىن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. قارشى تەرەپ ئايالغا ئازار بەرمىگەن ياكى ھېچ بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا، ئېرى بىلەنلا دېيىشىپ خاپىلىقنى ھەل قىلسا، قارشى تەرەپ ئايالنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولمايدۇ.

278 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن. بۈگۈن بەزى يېتىم بالىلارنىڭ سوغۇقتا كىيىمى يوقلۇقىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇڭا سوئالىم زاكاتنىڭ پۇلىغا كىيىم ئېلىپ بەرسەك بولامدۇ ياكى ئۇستازىغا پۇلنى نەق بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي. ئۇستازىغا زاكات تۇتقۇزۇلغان ئەھۋالدا زاكاتنى يەنىلا كىيىمگە سەرپ قىلماي باشقا نەرسىگە سەرپ قىلىدىغان بولسا، كىيىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمما ئۇستازى بىلەن سۆزلىشىپ كىيىم ئېلىپ بېرىشنى تاپىلاپ پۇل بەرسە بولىدۇ.

279 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز!

مەن ياۋروپادا ياشايمەن، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىمنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى يەردە ئىشلىمەكچى ئىدىم. ماڭا چوڭ تاللا بازىرىدا مال يەتكۈزىدىغان ياخشى مائاشلىق، يېرىم كۈنلۈك خىزمەت چىقتى، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر قۇرئان كۇرسىدا ئىشلىيەلەيمەن. ئەمما، بۇ تاللا بازىرىدا ھاراق، چوشقا گۆشى قاتارلىقلارنىمۇ ساتىدۇ. خېرىدارلار زاكاز قىلسا، يەتكۈزۈپ بېرىشىمگە توغرا كېلىدىكەن. ھەدىستە ھاراق توشۇغىچىغىمۇ لەنەت قىلىنغانىكەن، ئىمام ئەئزەمدىن باشقا ئۆلىمالار ھەم چەكلىگەنىكەن. شۇڭا، ئىككىلىنىپ قالدىم. مەن مۇشۇ تاللا بازىرىدا ئىشلىسەم بولامدۇ؟ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئىشلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئەگەر بازار ئىگىسى بىلەن سۆزلىشىپ ھاراقتىن باشقىنى توشۇشقا كېلىشەلىسىڭىز ياخشى. بولمىسا باشقا ئىش مۇناسىپ.

280 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان تەھەججۇد نامىزىغا كېچىكىپرەك كەلگەن ئادەم ئارىلىقتىكى بەزى سەپلەرنىڭ بوش قالغانلىقىنى كۆرسە، قانداق قىلىدۇ؟ (ئەڭ ئاخىرقى سەپ لىق توشقان)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جامائەت نامىزىدا بوش ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن نامازخانلارنىڭ ئالدىدىن ۋە سەپلەرنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتسە بولىدۇ.

281 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. جۇغى كىچىك ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ، ئۆيىدە بالىلارغا بېقىپ بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يىرتقۇچ ياكى زىيانلىق ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ. باشقىلىرىنى باقسا ئاچ قويماسلىق شەرتى بىلەن جائىز.

282 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كېچىسى جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلاپ قېلىپ، ئەتىگىنى قوپالماي تاڭ ئېتىپ كەتسە روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

283 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بۇ ئۇلىنىشنى ئاچساق بۇرۇنقى سوئال – جاۋابلار چىقىدىكەن، يېڭى سوئال – جاۋابلارنى قانداق كۆرەلەيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەر بەت ئاستىدا بىرقانچە (123456) سەھىپە نومۇرى بار. شۇنى چېكىپ، ئاخىرقى سەھىپىنى ئاچسىڭىز كۆرەلەيسىز.

284 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىرەيلەننىڭ يولدىشىنىڭ ئەر بىر تۇغقىنى بولۇپ، ئايالى ۋە ئۇششاق ئالتە بالىسى بار. تۈركلەرگە ئىشلىسە ھۈنىرى بولمىغانلىقتىن ئۇششاق – چۈششەك ئىشنى قىلىپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلىسىمۇ، تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك ئىقتىساد تاپالماي، ئاساسلىقى ئەر بىر تۇغقىنىغا بېقىنىپ ۋە باشقا تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەپتۇ. ھازىر مائاشى يۇقىرىراق بىرەر خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇۋېتىپتۇ‌. ئادەتتە كەلگەن ياردەم پۇللار دوللار بولغاچقا ئۇنى يىغىپ قويۇپ، تۇرمۇشىغا ئازراقتىن ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياشايدىكەن. تۈگىسە تۇغقىنى ياردەم قىلىدىكەن‌. ئەمدى بۇ تۇغقىنىنىڭ ئايالىنىڭ بىر تۇل تونۇشى بولۇپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن يولدىشىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، ئۇ ئايالنىڭمۇ ئۇششاق ئۈچ بالىسى باركەن. كىرىم مەنبەسى يوقكەن، ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلار ئاز بىر دۆلەتتە ياشايدىكەن. ھازىر بۇلار كىمگە ياردەم قىلىشنىڭ بەكرەك لازىملىقىنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قاپتۇ. بىرسى بىر تۇغقان قېرىندىشى ئالتە بالا بىلەن يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئەھۋال، يەنە بىرى تۇغقىنى ئەمەس تونۇشى، ئەمما تۇل ۋە كىرىم مەنبەسى پەقەت يوق، ئىشلەش پۇرسىتى ھەم يوق. قولىدىن كەلگەننى قىلىپ ئۆيىنىڭ ئۇششاق چىقىمىنى تىرىشىپ قامدىسىمۇ ئىجارە دېگەندەككە چىقىش قىلالمايدىغان ئايال.

تۇغقانغا ياردەم قىلسا ئىككى ئەجىر بولىدىكەن، شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تۇغقاننى ئاۋۋال ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

285 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات، فىتر، سەدىقە قاتارلىق پۇللارنى ئەسىرلىكتە قېلىپ چىققىلى يېرىم يولدا توختاپ قالغان ھەمشىرىلىرىمىزگە بېرىلى دېگەن. ئەر كىشى ئۇ يەرگە بېرىشنى چەكلىسە، يەنى «رازى ئەمەس» دېسە، ئەركىشىنىڭ رازىلىقسىز بەرسە بولامدۇ؟ شۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ۋە سەدىقىلەر شۇ ئائىلىنىڭ بولۇپ، بۇنى ئەر جايىغا سەرپ قىلىدىغان بولسا، ئەرنىڭ رۇخسىتى كېرەك. ئەگەر بۇلار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ زاكىتى ۋە سەدىقىسى بولسا، ئەرنىڭ رۇخسىتى كېرەك ئەمەس.

286 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قىبلە تەرەپكە پۇتىمىزنى سۇنۇپ ياتساق بولامدۇ؟ بۇنىڭ بىر دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب: بەزى ئالىملار «ئەدەب جەھەتتىن قىبلىگە پۇتىنى سۇنمىغان ياخشى» دەپ قارايدۇ. ھۆرمەت ۋە ئەدەبتىن باشقا ئايرىم دەلىلى يوق.

287 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. توققۇز ئاينى تولۇق توشقۇزۇپ تۇغۇلغان بالىنىڭ تولۇق ئېمىش مۇددىتى 21 ئايمۇ ياكى 24 ئايمۇ؟ جەمئىي 30 ئاي دەيدىكەن، شۇڭا بىلەلمەي قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توققۇز ئاينى تولۇق توشقۇزۇپ تۇغۇلغان بالىنىڭ تولۇق ئېمىش مۇددىتى 24 ئاي. ﴿قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر﴾(46/«ئەھھاق»: 15) دېگەن ئايەت بوۋاق ھاياتتا قالىدىغان ئەڭ ئاز مۇددەت بويىچە ھېسابلىغان. مۇبادا ئەڭ كۆپ مۇددەتنى يەنى توققۇز ئاينى تىلغا ئالغان بولسا، «ئالتە ئاي قورساق كۆتۈرگەن ئايال مۇشەققەت تارتمايدۇ» دېگەندەك چۈشىنىلىپ قالغان بولاتتى. يەنە بىر ئايەتتە «ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىش ئىككى يىلدا»(31/«لوقمان»: 14) دېگەن. دېمەك، تولۇق ئېمىتىش 24 ئاي. بالىغا ئېغىر زىيان بولمايدىغان ئەھۋالدا، ئەر – ئايال مەسلىھەتلىشىپ بالىنى ئېمىتىشنى توختاتسا جائىز. تۈزۈك سەۋەبسىز، بالىنىڭ ئېمىش ئېھتىياجى بار تۇرۇپ، 24 ئاي تولۇق ئېمىتمىسىە، گۇناھكار بولىدۇ. بىر ھەدىستە «قىيامەت كۈنى بالىلىرىغا سۈتىنى بەرمىگەن ئاياللارنىڭ كۆكسىنى يىلان چاقىدۇ» («سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»: 1986) دەپ كەلگەن.

288 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) ھاجەتخانىغا تېلېفون ئېلىپ كىرىپ بىرەر نەرسە ئاڭلىسا ياكى يازما ئوقۇسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىشنى كۆپ ئۇچرىتىپ قالىمەن. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا بارسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىتاب ياكى تېلېفوندىن ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان مەزمۇندا ئاللاھنىڭ نامى ۋە ئايەتلەر بولسا، ھاجەتخانىدا ئۇنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاش مەكروھ («ھارام» دېگەن قاراشمۇ بار). ئۇنداق ئۇلۇغلىنىدىغان مەزمۇن بولمىسا، ئۇنى ھاجەتخانىغا ئەكىرىپ ئوقۇش ۋە ئاڭلاش تەنزىھىي مەكروھ. يەنى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئەكىرمىگەن تۈزۈك. ھاجەتخانىدا ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئولتۇرۇشمۇ زىيانلىق. بىلىشىمچە، بۇ خىتتايلارنىڭ ئادىتىغۇ دەيمەن. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا بارسا بولىدۇ. يىغا – زار قىلمىغان ۋە ئەرلەر بىلەن قىستالمىغان ئەھۋالدا بېرىشى مۇستەھەب.

289 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ئەتىگەندە سوھۇرلۇق يەپ بولۇپلا بامدات نامىزىنى ئوقۇساق بولامدۇ؟ مەكتەپكە بارىدىغان بالىلار بىردەم ئۇخلاش ئۈچۈن ئالدىراپ قالىدىكەن. 2) بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ روزا تۇتۇشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) سوھۇرلۇق يەپ بولۇپ بامدات ۋاقتى كىرگەندە، نامازنى ئوقۇساق بولىدۇ. بامدات ۋاقتى كىرمىگەن بولسا، ئوقۇساق بولمايدۇ. ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز ئەزان چىقىپ 25 – 30 مىنۇتتىن كېيىن بامدات ئوقۇۋالسىڭىز بولىدۇ. 2) بۇ سوئالغا ئىلگىرى جاۋاب بېرىلىپ بولغان.

290 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ھازىر تور سودىسى قىلىۋاتقانلار مۇنداق قىلىدىكەن: «زاكاز ئالىمىز» دەپ بىر نەرسىنىڭ رەسىمىنى يوللايدىكەن. «ھە بولىدۇ، مەن ماۋۇ نەرسىگە زاكاز بېرەي» دەپ زاكاز بەرسەك، ئۇ زاكاز قىلغان نەرسە كېلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز زاكاز قىلغان نەرسىنى بىزگە بەرمەي باشقىلارغا سېتىۋېتىدىكەن. «قېنى مېنىڭ زاكاز قىلغان نەرسەم» دېسەك، «يوق، تۈگەپ كەتتى» دەيدىكەن. مۇشۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئۇستاز! ياكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ گۇناھ يېزىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەگەر سىز پۇلنى ئالدىن تاپشۇرغان بولسىڭىز، زاكاز قىلغان نەرسىنى سىزگە بەرمەي باشقىلارغا سېتىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، زاكاز سودا (سەلەم) شەرىئەتتە: ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇش كېرەك بولىدىغان سودا بولغاچقا «زاكاز سودا» دەپ ئاتالغان. بۇ سودىدا پۇلنىڭ بىرقىسمىنى نېسى قىلسا بولمايدۇ. ھەممىنى ئالدىن تاپشۇرغان بولۇشى كېرەك. ئەمما، بىرقىسمىنى تاپشۇرغان بولسا، بۇ «زاكالەت سودىسى» بولىدۇ – دە، ئەگەر ساتقۇچى يانسا، ئالغان زاكالەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى قايتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، پۇلنىڭ بىرقىسمىنىمۇ تاپشۇرماي «مەن ئالىمەن» دەپ بۇيرۇتقان بولسىڭىز، بۇ قۇرۇق ۋەدە ھېسابلىنىپ، ساتقۇچى ۋەدىدە تۇرمىغانلىق جەھەتتىن گۇناھكار بولىدۇ.

291 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قايسى كۈنى «بالىياتقۇدىن كەلگەن يەل تاھارەت سۇندۇرمايدۇ» دەپ بەرگەن ئىدىلە، يەنى «ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، نىجىس ئەمەس» دېگەن. ئۇنداق بولغاندا، بالىياتقۇدىن كەلگەن نەملىكمۇ تاھارەتنى سۇندۇرمامدۇ؟ تۈركىيەدە بىرنەچچە كىشىدىن: «بالىياتقۇدىن كەلگەن ھۆللۈك تاھارەتنى بۇزمايدۇ. تۈرك غوجامدىن پەتىۋا سورىغان، بۇ توغرىسىدا ھەدىسمۇ باركەن، شۇنى مىسال قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا ناماز ئوقۇۋەرسەك بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇنى ئىككى – ئۈچ ئادەمدىن ئاڭلىدىم. لېكىن، ئىشەنچلىك ئەھلى ئىلىملەردىن سورىمىسا، ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرمەيدىكەن، شۇڭا سىلىدىن سوراپ باقاي دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدى تەرەپتىن چىققان سۇيۇقلۇق سۈيدۈك يولىدىن چىقماي، بالا تۇغىدىغان جايدىن چىققان بولسا، ھەمدە قان ياكى مەنىي، ياكى ۋەدىي ۋەياكى مەزى قاتارلىق سۇيۇقلۇقلار بولمىسا، ئۇ پاكىز ھېسابلىنىدۇ؛ تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسلى قىلىش كېرەك ئەمەس، كىيىم – كېچەكنى يۇيۇشمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى، بۇنداق سۇيۇقلۇقلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى ئاياللاردىنمۇ چوقۇم چىقاتتى. بۇنىڭ مەينەتلىكىگە قارىتا بىرەر دەلىل بولغان بولسا، ئىسلام ئۇنى بايان قىلغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق سۇيۇقلۇقلار سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس، بالىياتقۇدىن كېلىدۇ. كۆپىنچە، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا جىقراق كېلىدۇ. شۇڭا، تاھارەتنى يېڭىلىۋېتىش ئەۋزەل. چۈنكى، «تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ بار.

292 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ مەقسەت «NIKE ماركىسىدىكى كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىش ھارام، كىيسە بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. كىيسەك بولامدۇ، بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بەزى ئالىملار «نايك ماركىسى قەدىمكى گرېك ئىلاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان» دەپ قاراپ، ئۇ ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىشنى ھارام دېگەن. بەزىلەر ئاياغ ياكى پايپاققا رۇخسەت قىلغان. مەن بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن، مادامىكى بۇنداق دېيىلگەن ۋە ئېتىقادقا تاقىشىدىغان ئەھۋال بار ياكى ئېھتىماللىق ئىكەن، باشقا ماركىلارنى تاللاش ئەۋزەل. «ھارام» دېگەن قاراشقا ئاساسەن، ئۇنداق كىيىملەرنى سېتىۋالغانلار ئۇنى كىيسە، ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ. يا كىيىمنى تاشلىۋېتىشى، يا ماركىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى لازىم. مۇھىمى، مۇسۇلماندا ئىسلام ئەقىدىسى ۋە غۇرۇرى بولۇشى لازىم.

293 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. سوئال: مەمەت ئۆيىنى سېتىش ئۈچۈن قاسىم بىلەن سودىلىشىپ 200 مىڭ دوللارغا پۈتۈشكەن. 50 دوللار زاكالەت بېرىپ، قالغان پۇلنى 15 كۈندىن كېيىن بېرىدىغان بولغان. قاسىم سودىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مەمەتكە بانكىدىن قەرز ئالىدىغانلىقىنى، قەرز ئېلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئون كۈندە پۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇلنى بانكىدىن ئېلىپلا سودىلاشقان سوممىنى ۋەدە قىلغان كۈندە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ قاسىم ۋەدىلەشكەن كۈندە پۇلنى بېرەلمىگەن، مۆھلەتنى بىرنەچچە قېتىم ئۇزارتقان بولسىمۇ، يەنىلا پۇلنى بېرەلمىگەن ھەم مەمەتنىڭ بۇ سودىلاشقان ئۆيىنى بىرتەرەپ قىلىش، ئالدى – ساتتى قىلىش ۋەكالىتىنى بېرىشنى ئېيتقان. قاسىم بۇ ئۆينىڭ بىرتەرەپ قىلىش ۋەكالىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆينى گۆرۈگە قويۇپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ، مەمەتكە سودىلاشقان سوممىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن مەمەت قوشۇلمىغان ۋە بانكىنىڭ قەرز ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ھەم بۇ سودىدىن يېنىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاسىم بۇ سودا بۇزۇلسا بولمايدىغانلىقىنى، بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ماڭغانلىقىنى ھەم باشقىلارغا كۆپ سوممىدا پارا بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ سودىدىن يېنىۋالماسلىقىنى ئۆتۈنگەن. بۇ ئەھۋالدا مەمەت بۇ سودىدىن يېنىۋالسا بولامدۇ؟ مەمەت ئۆينى بىرتەرەپ قىلىش ۋەكالىتىنى قاسىمغا بېرىپ، قاسىمنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا ياردەم قىلىپ بۇ سودىنى پۈتتۈرسە بولامدۇ؟ بىر قېرىندىشىمىز يۇقىرىقى مەسىلىدە گاڭگىراپ قاپتۇ. جاۋابىنى ساقلايمىز. ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن، ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن، قەلبلىرىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر سودىدا بەيئى (ئېلىم – سېتىم) قىلماي ، زاكالەت بېرىپ قويغان بولسا، زاكالىتىنى ۋە سودىنى قايتۇرۇۋېتىش ۋاجىپ. چۈنكى، بۇ جازانىگە ياردەم قىلغانلىق. بۇ سودىنى پۈتتۈرسە بولمايدۇ.

294 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن. كۆڭلۈم 262 – سوئالنىڭ جاۋابىغا تازا قانائەت تاپمىدى. ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق مىدىرلىسا نامازدىن چىقىپ كېتىدىغان تۇرسا، «بېشىنى لىڭشىتىپ ئوقۇسا مىدىرلاشقا بولمايدۇ» دېسە ئاڭلىمىسا، نەچچە قېتىم دېسەم خاتالىقىنى تۈزەتمىدى، شۇڭا ئايرىم ئوقۇغان ئىدىم. شەرىئەتتە بۇ توغرۇلۇق دەلىل بارمۇ؟ ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ئۇستاز! ئۆزۈر سورايمەن. «ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» دەپ ئوقۇغانىدىم. شۇنداق تۇرسىمۇ، يەنىلا ئېرىمگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇمدىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق مىدىرلىسا نامازدىن چىقىپ كېتىدىغان تۇرسا» دېگەن سۆزىڭىز ھۆكۈمنى بايان قىلىشتا توغرا ئىپادىلەنمىگەندەك تۇرىدۇ. چۈنكى، «مىدىرلاش» دېگەن سۆز ئەڭ تۆۋەن ھەرىكەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ ھەم «ئۈچ قېتىم» دەپ بېكىتىۋېلىشمۇ ئانچە توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. شەرىئەتتە نامازخان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەيمىنىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 1 -، 2 ). نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغاندەك ئۇ زاتتىن ئەيمىنىپ ۋە ئۇلۇغلاپ تۇرۇش كېرەك بولغاچقا، بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇش (يەنى خۇشۇﺋ) قا دەخلى قىلىدۇ. ئەگەر شۇ ئىش كۆپ بولۇپ كەتسە، نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ؛ ئاز بولسا، مەكرۇھ بولىدۇ.

خوش، ئۇنداقتا بۇ ئاز بىلەن كۆپنىڭ پاسىلى قايسى، ئاز ياكى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكنى قانداق ئايرىيمىز؟ بۇ ھەقتە ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشى نامازدا تۇرۇپ مەلۇم ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولسا، قارىغان كىشى ‹بۇ كىشى نامازدا ئىكەن› دېسە، مەزكۇر نامازخاننىڭ نامازدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىش – ھەرىكەتلىرى ئازغا ھېساب. قارىغان كىشى ‹بۇ كىشى نامازدا ئەمەسكەن› دېگەننى جەزملەشتۈرەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلغان بولسا، بۇ كۆپكە ھېساب». بۇنىڭغا ئاساسەن، مىدىرلاش ياكى لىڭشىش قارىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يەڭگىل ئىش – ھەرىكەتكە كىرىدۇ. شۇڭا، ناماز بۇزۇلمايدۇ ۋە ئۇ كىشىگە ئىقتىداﺋ قىلسا بولىدۇ. ئەلبەتتە مىدىرلىماسلىق ياكى لىڭشىپ تۇرماسلىق ئەۋزەل. لېكىن، بەزى كىشىلەر بۇنى ئىختىيارسىز قىلىپ سالىدۇ.

295 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھەيزدار ئايال شىبى قەدر كېچىسىنى ئىزدەش كېچىلىرى قانداق ئىبادەتلەرنى قىلىش مۇمكىن بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سوئالىڭىزغا 158 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن.

296 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نەپسىنى تەربىيەلەش ۋە قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى ئىزدەنسەك كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تەسەۋۋۇف ھەققىدىكى ئەسەرلەر چىقىدىكەن، بەزىدە «خاتا گەپلەر، زەئىف ياكى يالغان ھەدىسلەر ئارىلىشىپ قالغانمىدۇ؟» دەپ ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، شۇڭا بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك ئاپتور ۋە كىتابلاردىن تەۋسىيە قىلغان بولسىلا. (نەپسنى تەربىيەلەش ھەققىدىكى ئانا تىلىمىزدىكى ياكى باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەردىن دېمەكچى…)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىمام ئىبنى قۇدامەنىڭ «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇلقاسىدىن (مختصر منهاج القاصدين)» دېگەن كىتابى مۇناسىپ. بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرگە تەييارلاۋاتىدۇ. باشقا تىللاردىمۇ تېپىلىدۇ.

297 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 1) ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدە تەسەۋۋۇفنىڭ ئورنى قانداق؟

2) تۈركچە مەنبەلەردە ئىبنى ئەرەبى، ھاجى بەكتاش ۋەلى، يۇنۇس ئەمرە، رۇمىي قاتارلىق نۇرغۇن تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىنىڭ كارامەتلىرى ھەققىدە ھەرخىل رىۋايەتلەر سۆزلىنىدىكەن، بۇلار ئىشىنىشكە بولىدىغان راست ۋەقەلەرمۇ ياكى كۆپتۈرۈش بارمۇ؟

3) كارامەت دېگەن بار ئىشمۇ؟ بولسا قانداق كىشىلەردە بولىدۇ؟

4) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىدىن مەلۇم بىرسىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ زىكىر ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

5) «روھنى تىنچلاندۇرىدۇ» دەپ نەي مۇزىكىسى ئاڭلاشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەۋر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەپسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەپسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەپسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇپلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر. 2) كۆپتۈرۈش ئېغىر. 3) كارامەت: ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بولۇپ، بۇ ئىش ساغلام ئېتىقاد ۋە سالىھ ئەمەل يار بولغان، شەرىئىتىگە بۇيرۇلغان پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى چىڭ تۇتقان، سالىھلىقى ئوچۇق – ئاشكارا بىر بەندىنىڭ قولىدا زاھىر بولىدۇ، مەيلى ئۇ بەندە (كىشىلەرگە) كارامەت بىلەن تونۇلسۇن ياكى تونۇلمىسۇن ئوخشاش. (باجۇرىي: «تحفة المريد على جوهرة التوحيد»، 321 – بەت. دار تحقيق الكتاب) 4) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى تەكرارلاپ زىكىر قىلىش جائىز. چۈنكى، بۇمۇ زىكىر دائىرىسىگە كىرىدۇ. چەكلىگەن ئەھۋال يوق. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالا: ﴿ئەتىگەن – ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن﴾ دېگەن(26/«ئىنسان»: 25). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زېمىندا ئاللاھ، ئاللاھ دېيىلمەيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(«مۇسلىم»، 146). بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇشرىكلار قىينىغاندا: «ئەھەد، ئەھەد» (بەزى رىۋايەتلەردە ئاللاھ! ئاللاھ!) دېگەنلىكى ھەدىسلەردە كەلگەن(«ئىبنى ماجە»: 150). ئىبنى ھىشامنىڭ بايان قىلىشىچە: «مۇسۇلمانلارنىڭ بەدر غازىتىدىكى شوئارى: ‹ئاللاھ! ئاللاھ!› ئىدى». ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئىمام ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»دە: «سۆيگۈچىنىڭ قەلبىدىن مەھبۇبىنىڭ ئىسمى كەتمەيدۇ. ئۇنى ئۇنتۇپ كەت دېسىمۇ ئۇنتالمايدۇ. ئۇنى تىلىڭغا ئالما دېيىلسە، چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام تاھاۋىي قاتارلىق زاتلار: «ئىسمى ئەئزەم (ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىسمى) ‹ئاللاھ›دۇر» دېگەن. شەرىئەتتە مەلۇم سان چەكلىمىسى كەلمىگەن زىكىرلەرنى باشقىلارغا «مۇشۇ ساندا زىكىر قىلىش سۈننەت» دەۋالماستىن، ئۆزىگە مەلۇم سان ۋەزىپە قىلىۋېلىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، جائىز. 5) مۇزىكا ھۆكمىدە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا، بىر قاراشتا جائىز.

298 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازنى جەملەپ ئوقۇشنىڭ شەكلى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. 1) مەسىلەن، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇماقچى بولساق، پېشىنگە ئەزان چىققان ھامان ئەسىرنىمۇ بىللە قوشۇپ ئوقۇۋالساق بولامدۇ ياكى پېشىننى ئاخىرقى ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈپ، ئەسىرنى ئەزان چىقاي دېگەندە، ئازراقلا ئالدىغا سۈرۈپ ئوقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ 2) سەپەر ئۈستىدىكى جەملەپ ئوقۇش بىلەن ئىستىھازا ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن جەملەپ ئوقۇشنىڭ پەرقى بارمۇ؟ 3) نامازنى ئۆزۈرسىز جەملەپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ 4) خىزمەت ئالدىراشلىقلىرى، ئىشقا ماڭغۇچە ياكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭغۇچە ناماز ۋاقتىنىڭ يولدا، ئاممىۋى قاتناشتا ئۆتۈپ كېتىپ قېلىشى، باشلىق ۋە خىزمەتداشلىرى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئىش ئورنىدىن كۆپ قېتىم ئايرىلىپ ئۇلارنى نارازى قىلماسلىق… قاتارلىق سەۋەبلەر نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا، جۈمە نامىزى ئوقۇماسلىققا ئۆزۈر بولالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) جەملەپ ئوقۇش رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋاللاردا قايسى قولاي بولسا، يەنى پېشىنگە ئەزان چىققان ھامان ئەسىرنىمۇ بىللە قوشۇپ ئوقۇۋالسا ياكى كۈن سارغىيىپ قالغۇچە جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. شامنى خۇپتەن بىلەن شام ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى تۈن نىسپىگىچە ياكى بامداتقىچە جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. 2) سەپەر ئۈستىدىكى جەملەشتە قەسر قىلىنىدۇ. ئىستىھازا ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن جەملەپ ئوقۇشتا قەسر قىلىنمايدۇ. 3) جائىز ئەمەس. 4) تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا، جۈمە نامىزى ئوقۇماسلىققا ئۆزۈر بولالىشى ئۆزرىنىڭ قاتتىق ياكى يوقىلاڭ بولۇشىغا باغلىق.

299 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) گۇمانغا تايىنىپ بىر ئادەمگە، بولۇپمۇ بىر ئايال كىشىگە تۆھمەت قىلىپ، ئۇنى نامەھرەم بىر ئەرنىڭ ئالدىدا شىكايەت قىلسا، ئېتىبارسىزلاشتۇرسا، بۇنىڭ دىنىي ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ 2) قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلسىچۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنىڭ ھۆكمىنى سىز ئۆزىڭىز گۇمان، تۆھمەت، مىننەت دەپ بايان قىلىپ بولۇپسىز.

300 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ ئىماننىڭ تەئرىفىدە: «ئەمەل ئىماندىن ئەمەس، ئىمان زىيادە بولمايدۇ ۋە كەم بولمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىدە سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ يول تۇتقان ئىكەن، شۇ سەۋەپلىك ئىمام بۇخارىي ۋە ئىبنى تەيمىييە ئەبۇ ھەنىفەنى «مۇرجىئەتۇل فۇقاھا» دېگەن ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن سەھىھمۇ؟ ۋە بىزمۇ ئەبۇ ھەنىفەنى سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ قىلغان دەپ قاراپ، «مۇرجىئە» دېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «مۇرجىئە (الْمُرْجِئَةِ)» ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپتە ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىسىدا بولغان «سىففىين» جېڭىدەك بەزى ئۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرگە ئارىلاشماي، ئارىلاشقانلارغا قارىتا بىرىنى خاتا، بىرىنى توغرا دەپ ھۆكۈممۇ قىلماي بىتەرەپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى قىيامەتكە قويغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىرقىسىم بىتەرەپ ساھابە كىراملەرنى، شۇنداقلا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئۇلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلمىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئەلھەسەن ئىبنى مۇھەممەد كەبى مۇجتەھىد ئالىملارنى كۆرسىتەتتى. دېمەك، ئىمان مەسىلىسى ۋە ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ مۇناسىۋىتى سەلەفلىرىمىز دەۋرىدە كۈچلۈك تالاش – تارتىش، قاراش ئوخشىماسلىقى بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئەھلىسۈننەت بىلەن خاۋارىج ۋە مۇئتەزىلەر ئوتتۇرىدا بولغىنىدەك، ئەھلىسۈننەت ئىچىدىمۇ تالاش – تارتىش بولغان. ئەھلىسۈننەت ئىچىدىن كۆپچىلىك ئەھلى ھەدىس ۋە فۇقاھالار ئەمەلنى ئىماندىن بىر جۈزئى دەپ قارىسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە بەزى كۇفە فۇقاھالىرى ئەمەلنى ئىماندىن بىر جۈزئى ئەمەس دەپ قارىغان. نەتىجىدە بۇ بىرقىسىم ئالىملار «مۇرجىئە» ياكى «مۇرجىئەتۇلفۇقاھا» ياكى «مۇرجىئەتۇسسۈننەت» دەپ ئاتالغان. يەنە ئىماننىڭ ئاۋۇش ۋە كېمىيىش مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان. قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قاراش ئوخشاشماسلىقىنىڭ ۋە تالاش – تارتىشلارنىڭ سەۋەبلىرى تۈرلۈك. بۇنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئىبنۇ ئابدۇلبەر ئېيتقاندەك ھەسەتمۇ بار. يەنە بەزى ئالىملار «بۇ ئىككى قاراش ئوتتۇرىدا ماھىيەتتە پەرق يوق، پەرق پەقەت ئىپادىلەشتە» دەپمۇ قارىغان. دەرۋەقە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىماننى تەرىپلەشتە «ئەمەلدىن پەرقلىق» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمەلنى ئىنتايىن چوڭ بىلەتتى. «شۇنىڭغا قاراپ دۇنيادا تەقۋا ياكى پاسىق بولىدۇ. ئاخىرەتتە ساۋاب ۋە جازاغا ئېرىشىدۇ» دەپ قارايتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەمەلنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن پۈتۈن ئۆمرىنى فقىھقا ئاتىغان ئىدى. بىلمۇقابىل ئەھلىھەدىسمۇ «ئەمەلنى تەرك قىلىش بىلەن دىندىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ قارىمايتتى. ئىمام بۇخارىيمۇ «سەھىھ»ىدە: پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ «ﺳﻪن ﺟﺎﮪﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﮪﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻼ، ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻنىڭ ﴿ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ…﴾(4/«نىساء»: 48، 116) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪتى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ» دەپ باب تېمىسى قويغان. يەنە «ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ كۇﻓﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ‹كۇﻓﯘﺭﻟﯘﻕ› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ» دەپ باب تېمىسى قويغان. ئەھلىھەدىس يەنە: «چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار تەۋبە قىلماي ئۆلسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەيمىز» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەھلىھەدىس نەزەرىدە ئەمەل ئىماننىڭ ئەسل رۇكنى بولمايدۇ. يەنى «ئەمەل بولمىسا، ئىمان بولمايدۇ» دېيىلمەيدۇ. ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھمۇ دەل مۇشۇنى دېمەكچى. لېكىن، بەزى ئەھلى ھەدىسلەر كېيىنچە «ئەمەلنى تەرك قىلغۇچىدا ئىمان يوق، لېكىن ئىسلام بار» دەپ قارىغان ۋە ئەمەلنى ئىماننىڭ رۇكنى دەپ قارىغان. يەنى «ئەمەل بولمىسا، ئىمان بولمايدۇ» دېگەن. نەتىجىدە تۇيماستىن خاۋارىج ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا بېرىپ قالغان. مانا بۇ كېيىنكىلەربىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى ھەقىقىي پەرقلىق. دېمەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شۇ چاغلاردا ئەدەپكەتكەن خاۋارىجلارغا قارىتا شۇنداق كەسكىن مەۋقەدە تۇرغان. بۇ كېيىنچە ئەھلى ھەدىس بىلەن ئۇ زات ئارىسىدىكى چوڭ پىكىر ئوخشىماسلىقى بولۇپ قالغان. شۇڭا، بىزمۇ ئىمامنى چوقۇم ئەھلى ھەدىستەك «مۇرجىئەتۇلفۇقاھا» دەپ قارىشىمىز ۋە ئاتىشىمىز كېرەك ئەمەس. ئۇنداق قارىساقمۇ ئىمامنى كەمسىتىش بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئىشلىتىلگەن. بۇلار بىدئەتچى مۇرجىئەلەر ئەمەس. لېكىن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلارنىڭ كاللىسىدا ئارىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنداق ئاتىمىغان تۈزۈك. ئىمام سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ يول تۇتمىغان. چۈنكى، ئىماممۇ سەلەف قاتارىدىن. بەلكى، كۆپچىلىك قارىشىدىن كۆرۈنۈشتە ياكى ئىپادىلىنىشتە پەرقلىق، ماھىيەتتە ئوخشاش يول تۇتقان. چۈنكى، سەلەف – سالىھلەر (السَّلَفُ الصَّالِحُ): ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى پەزىلەتلىك سالىھ زاتلار دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا شاھىت بولغان ساھابەلەر، ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان تابىئىنلار ۋە تابىئىنلاردىن كېيىنكى تەبەئى تابىئىنلار قاتارلىق ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئۈچ ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئىمامنىڭ بەزىسى شۇ قاتارغا كىرسە، بەزىسى ئاشۇ يولنى تۇتقان ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىنى باسقان بولغاچقا، شۇ نامغا تەۋەدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىمام لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە شۇلار كەبى زاتلارمۇ سەلەف – سالىھلەرگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان «ئىسلامىي مەزھەپلەر تارىخى» ئاتلىق ئەسەرىدە مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «يۇقىرىقىلاردىن شۇ خۇلاسىلىنىدۇكى، مۇرجىئە ئىككى خىل تائىپىنىڭ مەزھىپى بولغان. بىرى، ساھابەلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ھۆكۈم قىلماي سۈكۈت قىلغان. يەنە بىر تائىپە بولسا، ئاللاھنىڭ ئەپۇسى ھەممىنى سىغدۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ۋە ئاللاھ كۇپۇردىن باشقا ھەممە گۇناھنى ئەپۇ قىلىدۇ، كۇپۇر بار ھالدا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالدا گۇناھنىڭ زىيىنى يوق، دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان تائىپىدۇر. بۇ تائىپە ھەققىدە زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين مۇنداق دېگەن: «پاسىقلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇسىغا تەمەگەر قىلىپ قويغان مۇرجىئەلەردىن ئادا – جۇدامەن». بۇ تائىپە مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى بەتبەشىرە كۆرسىتىۋەتكەن بولۇپ، ئالىملار ۋە تائىپىلەر شۇ ئىسىم بىلەن تىللىنىدىغان بولۇپ قالغان.

«چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دەيدىغان مۇئتەزىلىلەر مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى ئۆزلىرىدەك قارىماي، «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ» دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ئىشلىتەتتى، ھەتتا بىراۋ «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەلۇم مىقداردا ئازابلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن يۆگىشىمۇ مۇمكىن» دەيدىغان بولسىمۇ، شۇنىڭغىمۇ «مۇرجىئە» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا، ئۇلار فىقھ ۋە سۈننەت ئىماملىرىنىڭ كۆپىگە مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى قوللانغانىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ۋە باشقىلارغا مۇشۇ ئېتىباردا مۇرجىئە دېگەن سۈپەت قوللىنىلغان. بۇ توغرۇلۇق شەھرىستانىي مۇنداق دېگەن:

«قەسەم قىلىمەنكى، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ‹ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى› دېيىلگەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ‹ئىمان دېمەك قەلب بىلەن تەستىقلاشتۇر، ئىمان ئارتمايدۇ ۋە كېمەيمەيدۇ› دېگەنلىكى بولسا كېرەك. ئۇلار ئەبۇ ھەنىفەنى ئەمەلگە سەل قارايدۇ دەپ گۇمان قىلغان. ئەبۇ ھەنىفە ئەمەلگە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قارايدىغان ئالىم تۇرسا، قانداقمۇ ئەمەلنى تەرك ئېتىشكە پەتۋا بەرسۇن؟! بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەبۇ ھەنىفە ئەۋۋەلقى دەۋردە پەيدا بولغان قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلىلەرگە قارشى يول تۇتقان ئىدى. مۇئتەزىلىلەر قەدەر مەسىلىسىدە ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇرجىئە دەپ لەقەم قوياتتى، خاۋارىجلارمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ لەقەمنى ئەبۇ ھەنىفەگە مۇئتەزىلە ۋە خاۋارىج پىرقىلىرىنىڭ چاپلاپ قويغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس»( شەھرىستانىي: «ئەلمىلەل ۋەننىھەل (دىنلار ۋە پىرقىلەر)»، 1- توم، 139 – بەت،).

مۇشۇ يوسۇندا ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن باشقا نۇرغۇن ئىماملار مۇرجىئەلەردىن سانالغان، ئۇلار ئىچىدە ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەمر ئىبنى مۇررە، مۇھارىب ئىبنى سەئر، مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان، قەدىد ئىبنى جەئفەر قاتارلىقلار بار. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىس ئىماملىرىدىن بولۇپ، ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىلارنى كاپىرغا چىقارمىغان ھەم ئۇلارغا دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.

بەزى ئالىملار مۇرجىئەلەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. بىرىنچى قىسىم: ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى. ئۇلار «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ئۆتكۈزگەن گۇناھى مىقدارىدا ئازابلىنىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، رەھمىتى بىلەن يۆگىشى، نەتىجىدە ئەسلا ئازابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ مەرھەمەتىدۇركى، ئاللاھ مەرھەمەتىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر» دەپ قارىغان. فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قىسىمغا كىرىدۇ. ئىككىنچى قىسىم: ئەھلى بىدئەت مۇرجىئەلىرى. كۆپىنچىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇرجىئەلىك ئىسمىغا خاس بولغانلار مۇشۇلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ يامان گېپىگە لايىق كېلىدىغانلار مۇشۇلاردۇر.

مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ ئاشۇ ئەخلاقسىزلار بىلەن بىر ئىسىمدا ئورتاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى يىراق قىلغان تۈزۈكتۇر. ۋەللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەئلەمۇ بىسسەۋاب» ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ سۆزى تۈگىدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ