بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

501 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن كىرىش قەۋەتتىكى ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغىلى ئىككى ئاي بولۇپ قالدى، ئۇ ئادەممۇ باشقىلادىن يىللىق بىرلا ئىجارە ئېلىۋېلىپ بىزگە ئىجارىگە بېرەتتى. بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ئاغزاكى ھالەتتە بۇ يىل رامازاندىن كېلەر يىلى رامازان تۈگىگۈچە 2000 لىرادىن ئولتۇرىدىغانغا دېيىشكەنتۇق، بۈگۈن «بىنانىڭ يىللىق ئىجارىسى ئۆستۈرۈلدى» دەپ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى 3000 لىراغا ئۆستۈرۈپ، «مۇشۇ بويىچە بولسۇن، بولمىسا باشقا ئەرزانراق ئۆيگە كۆچۈۋالامسىز، قانداق قىلىسىز؟» دەپ ئۇچۇر كەلدى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئاغزاكى توختامنى خاھلىغانچە بۇزۇپ، ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر يىل دېگەندەك مەلۇم مۇددەتتە توشىدىغانغا ئىجارە توختامى قىلىنغان بولسا، ئىككى تەرەپ رازىلىقى بولمىسا ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىجارەنى ئۆستۈرۈش ھەققى بولمايدۇ. مەيلى يېزىقچە ياكى ئاغزاكى بولسۇن، توختامغا ئەمەل قىلىش پەرز. ئاللاھ تائالا ﴿ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 1) دەپ بۇيرۇغان. دېمەك، كېلىشكەن مۇددەت توشقۇچە توختامنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ رازىلىقىسىز خاھلىغانچە بۇزالمايدۇ ھەم ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. ئۇنداق قىلىمەن دېسە، رەت قىلساڭلار بولىدۇ.

502 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەۋرەتنى ياپقۇدەك ئۇزۇن كۇسار (كالتا ئىشتان) بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نامازدىن ئىلگىرى ئورۇندايدىغان ئىشلار قاتارىدا ئەۋرەت يۆگەلگەن بولۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر مەسجىدتە زىننەتلىنىڭلار﴾(7/«ئەئراف»: 31). مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «زىننەتلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى «ئەۋرەتنى يۆگەڭلار» دەپ تەپسىرلىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئايەت «ئەۋرەتنى يۆگەش» دېگەن مەنىدىن سىرت «ياسىنىش» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. يەنى پەقەت ئەۋرەتنى يۆگەشلا ئەمەس، بەلكى ئەۋرەتنى يۆگىگەننىڭ سىرتىدا چىرايلىق كىيىنىش، ياسىنىش دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەۋرەتنى يۆگەش پەرز، چىرايلىق كىيىنىش سۈننەت. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان يېرى كىندىكىنىڭ ئاستىدىن باشلاپ ئىككى تىزىنىڭ ئاستىغىچە. كىندىكنىڭ ئۆزى ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمما، تىز ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر كىشى تىزنى تولۇق يۆگەيدىغان كۇسار بىلەن ناماز ئوقۇسا، ئەۋرەتنى يۆگەشتىن ئىبارەت پەرز ئادا بولىدۇ.

503 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىكى بەزىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن، بەزىسى تېخى ھايات كىشىلەرگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئامانەت ۋە قەرزلەر بولسا، بۇنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندىكى ئامانەت ۋە قەرز ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ مىراسخورلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولسا، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىش كېرەك. ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى پەرزەنتلىرى ياكى ئاتا – ئانىسىغا تاپشۇرۇش مۇناسىپ. ئۇلارمۇ بولمىسا، ئامانەت سۈپىتىدە قولىدا ساقلاپ قويسا بولىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

504 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسى، ئاتۆليە يەنى تىككۈچىلىك ئورۇنلىرىدا، دۇكانلىرىدا ئىشلىگەنلەرگە بۇنىڭ ئىشقا ئېھتىياجى بار، ئىشلىمىسە جېنىنى باقالمايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇلارنى ئەرزان باھادا ئىشلىتىدىغانلار ياكى مائاشىنى بەرسەم چىقىپ كېتىدۇ دەپ كېچىكىپ بېرىدىغان، ئاز مائاش بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغانلارنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. مۇشۇ ئەھۋالدا رازى بولماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ ئىش ئىگىلىرىدە ماددى ھەققى قالغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىش ھەققىگە كېلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. پۈتۈشكەن ئىش ھەققىگە رازى بولغان كىشى ئىشلەيدۇ. رازى بولمىسا ئىشلىمىسە بولىدۇ. نەق ئىش ھەققىگە كېلىشكەن بولسا كېچىكتۈرسە بولمايدۇ. ئەمما، ئاز مائاشقا رازى بولماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ ئىش ئىگىلىرىدە ماددى ھەققى قالغان بولمايدۇ.

505 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىز 10 — 15 ئاغىنەلەر يېقىن ئۆتۈپ ئىزدىشىپ، ئىمانلىشىپ، ئارىمىزنى ياخشىلاپ، ئارىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن بىخەۋەر قالماسلىق ئۈچۈن ئايدا ئىككى – ئۈچ قېتىم ئولتۇرۇش قىلىپ تاماق يەپ، ۋەز – نەسھەت قىلىپ تارقىلىپ كېتەتتۇق. بەزەن بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشى بولماسلىق، قەستەن كەلمەسلىك سەۋەبلىك جىددىي ئەھۋال بولمىسىمۇ ۋاق قالسا ياكى قەستەن كەلمىسە، سورۇنغا ئىشلىتىدىغانغا 50 – 60 دوللار ئەتراپىدا جەرىمانە بېكىتىپ قويدۇق. شۇ جەرىمانە پۇل شەرىئەت ھۆكمى بويىچە توغرىمۇ؟ ۋاقىتنى 10 كۈن ياكى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بېكىتىپ قويىمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. گەرچە بارلىق ئەزالار بۇ جەرىمانىگە كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە جەرىمانە تۆلىگەندە نارازى بولۇپ قالسا بۇ جەرىمانە سورۇندىكىلەرگە شۈبھىلىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ماددىي جازا ئورنىغا باشقا تۈرلۈك جازا بېكىتىش ياكى جەرىمانەدىن يىغىلغان پۇلنى سورۇنغا ئىشلەتمەي موھتاجلارغا ياردەم سۈپىتىدە بېرىش مۇناسىپ.

506 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قېپىغا ئالتۇن يالىتىلغان قەلەمنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆپچىلىك ئالىملار «ئالتۇن يالىتىلغان قەلەمنى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشى جائىز» دەپ قارايدۇ.

507 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەبرىستانلىققا گۈل ئېلىپ چىقىش، گۈل ياكى ئۆسۈملۈك تىكىش قاتارلىقلار ھاراممۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئادەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: «ئۇلار ئازابلىنىۋاتىدۇ، چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ بىرى سۈيدۈكتىن ساقلانمايتتى، يەنە بىرى بولسا سۇخەنچىلىك قىلاتتى» دېدى. ئاندىن خورما دەرىخىنىڭ بىر ھۆل شېخىنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى يېرىپ ھەربىر قەبرىگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابەلەر:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ بۇ شاخلار قۇرۇغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى‏(بۇخارىي: 1361). بۇرەيدە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە خورمىنىڭ ئىككى شېخىنى قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇنداق قىلىشتىكى ھېكمەت بۇ جىرىم ۋە گىياھلار قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتچە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ تەسبىھلەر مېيىتكە ئۇنس – ئۈلپەت بولىدىغانلىق جەھەتتىن ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت يېغىشقا سەۋەب بولىدىغانلىق جەھەتتىن پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، غەربلىكلەرنى دوراپ ئەمەس، يۇقىرىقى ھەدىسكە ۋە ساھابەنىڭ ئىش -ئىزلىرىغا ئەگىشىش نۇقتىسىدىن قەبرىگە جىرىم ۋە گۈل – گىياھ تىكىش مۇستەھەب. بۇنىڭغا ئاساسەن قەبرىلەردە ئۆسكەن گۈل – گىياھلارنى يۇلۇۋېتىشمۇ مەكروھ.

508 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئىسلامغا زىت ناخشا – مۇزىكا قوشمىغان، ئاياللارنى چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بىلىملەرنى تارقىتىش ئارقىلىق يۇتۇب (YOUTUBE) دا پۇل تېپىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ يۇتۇبدا قانال ئاچقاندىن كېيىن يۇتۇب شىركىتى بىزدىن ئېلان چىقىش ئىقتىدارىنى ئېچىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. ئېلان ئاچقاندىن كېيىن بىزنىڭ فىلىمنى باشقىلار كۆرسە، فىلىمنىڭ بېشى، ئوتتۇرىلىرىدا ۋە ئاخىرلىرىدا ئېلان چىقىدۇ. بۇ ئېلان شۇ فىلىمنى كۆرگەن ئادەمنىڭ توردىن بۇرۇنقى ئىزدىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىتا پەرقلىق چىقىدۇ. مەسىلەن، بىرسى بۇرۇن توردىن ماشىنا ئىزدىگەن بولسا، بىزنىڭ قانالدىكى فىلىمگە چىققان ئېلاندىن ماشىنىنى ماختىغان ئېلان چىقىدۇ. باشقىلار كىيىم – كېچەك ئىزدىگەن بولسا، ئۇ ئادەمگە كىيىم – كېچەكنىڭ ئېلانى چىقىدۇ. شۇڭا، كىمگە قانداق ئېلان چىقىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەزىلەرگە ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرىنى ماختاپ چىقىشى مۇمكىن، بەزىلىرىگە يېمەك – ئىچمەكنى ماختاپ چىقىشى مۇمكىن. شۇ بىزنىڭ فىلىمنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېلاننى تارقىتىش ئارقىلىق، يۇتۇب شىركىتى بىزگە پۇل بېرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلامغا زىت مەزمۇن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بىلىملەرنى تارقىتىش ئارقىلىق يۇتۇب (YOUTUBE) دا پۇل تېپىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى جائىز ۋە مۇستەھەب. ئېلان ئارقىلىق كىرىم قىلىشقا كەلسەك، ئەسلىدە يۇتۇبدىكى ئېلانلار مۇباھ تاۋارلارنىڭلا ئېلانلىرى بولغان بولسا كىرىم چەكلەنمەيتتى. بىراق، ئەمەلىيەت شۇكى، ئادەتتە قانال ئىگىسى يۇتۇب ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق چەك قويالمايدۇ. ھاراق، قىمار، ئۆسۈم، دىنسىزلىق، يالىڭاچلىق ۋە خرىستىيان تەشۋىقاتى، … دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلانلارنى قىسمەن سۈزۈپ چەكلىگىلى بولسىمۇ، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە ھەتتا يانفۇن ئېلانلىرىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ھارام مەزمۇنلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئېلانلارنى كۆرگۈچى ئاتلاپمۇ كېتەلمەيدۇ. ئېلان چوقۇم ئاخىرىغىچە قويۇلۇشى كېرەك. ئەھۋال بۇ ئىكەن، يۇتۇب ئېلانلىرىدىن قىلغان كىرىم ھارام ياكى ھارام ئارىلاشقان، ياكى ئەقەللىي تەقدىردە شۈبھىلىك كىرىم بولىدۇ. شۇڭا، بۇ شەكىلدە پۇل تېپىش خىيالىدىن ۋاز كېچىش لازىم. ئەگەر بۇرۇن بىلمەستىن مۇشۇنداق قىلىپ كىرىم قىلغان بولسا، ئۇنى موھتاجلارغا بېرىۋېتىشى كېرەك.

509 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. ياۋروپادا بالىلىرىمىزنى خەتنە قىلدۇرماقچى بولغىنىمىزدا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا مۇسۇلمان دوختۇر تېپىلمايدىغان بولغاچقا، يىراقلارغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، خەتنىنى كافىر دوختۇرلار قىلسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دىنىمىزدا خەتنە قىلغۇچى مۇسۇلمان بولۇشى شەرت دەيدىغان بىر كۆرسەتمە يوق. بۇ داۋالىنىش دائىرىسىدىكى ئىش بولغاچقا، گەرچە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇر ئەۋزەل بولسىمۇ، مۇسۇلمان دوختۇر تېپىلمايدىغان جايلاردا ئىشەنچلىك كافىر دوختۇر قىلسىمۇ بولىدۇ.

510 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. بىر شىركەت باشقا شىركەتلەرنىڭ يانفون ئەپلىرىنى ۋە تۈرلۈك تاۋارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئېلان – تەشۋىقات، مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغانلار بۇ مۇلازىمەتنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ توردا ئېلىپ بارىدۇ. خېرىدارلارنىڭ بۇ تونۇشتۇرۇشنىڭ ھەقىقىي شەخس تەرىپىدىن سۇنۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشى ئۈچۈن بۇ ئورۇندا ئىشلىگۈچى باش سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈچلۈك قاراشتا ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن قولى (بېغىشقىچە) ئەۋرەت ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېلىم – سېتىم ۋە تاۋار تونۇشتۇرۇشتا كىملىكنى ئىسپاتلاش ۋە خېرىدارنى قويۇلۇپ كەتمەسلىك جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، گىرىم قىلمىغان ۋە ياغلىق ئارتقان ھالدىكى باش سۈرىتىنى تورغا چىقارسا، ئېھتىياج سەۋەبلىك جائىز بولىدۇ ۋە ئايال كىشىنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما، خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا نامەھرەملەر بىلەن سۆزلىشىشتە نازكەرەشمە قىلىشتىن ۋە شەيتانغا يول ئاچىدىغان ھەرقانداق سۆھبەتتىن قەتئىي ساقلىنىشى زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

511 – سوئال:سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ پوسما كىيىپ ناماز ئوقۇغاندا پېشانىمىزنىڭ جاينامازغا تولۇق تېگىشى ئۈچۈن پېشانىمىزنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى ئاچماي ئوقۇۋەرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەلبەتتە، ئۆزۈر بولمىسا پېشانە يەرگە ياكى يەردىكى جاينامازغا تەگكىنى ئەۋزەل. قاتتىق سوغۇق، پىژغىرىم ئىسسىق ياكى كېسەللىك تۈپەيلى ئېھتىياج تېپىلغاندا، دوپپا، تۇماق ياكى پوسما كىيگەن ھالدا ۋەياكى قولىغا پەلەي كىيگەن ھالدا سەجدە قىلسا، پېشانە ياكى ئالىقانلىرى بىۋاسىتە يەرگە ياكى جاينامازغا تەگمىسىمۇ، سەجدە ۋە ناماز توغرا ئادا بولىدۇ. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ «ئىسسىقتا ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ» بابىدا ھەسەن (بەسرىي) ئېيتتىكى: «ﺳﺎﮪﺎبەلەﺭ (ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﯩﯔ ياكى سوغۇقنىڭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ) قوللىرىنى ﻳﻪﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺩوﭘﭙﯩﻐﺎ ﺳﻪﺟﺪﻩ قىلىۋېرەتتى». بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبى شەيبەمۇ «مۇسەننەف» (2754) تە «سەھىھ» سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

512 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا توي كۈنى توي زىياپىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىگىت ۋە كېلىنچەك بىرقانچە دوستلىرى بىلەن دېڭىز بويلىرىغا ياكى گۈزەل مەنزىرىلىك يەرلەرگە بېرىپ رەسىملەرگە چۈشۈپ، چۆرگىلەشنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا زىت بولغان تەرىپى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز ئۆلچەملىك كىيىنىپ ۋە زىبۇ – زىننەتلىرىنى يۆگەپ شەھەر ئايلانسا، رەسىمگە چۈشسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي، ئۇلار بىر – بىرىگە ھالال ئەر – ئايال بولغانلىقتىن، بۇ دىنىمىزدا چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، كېلىنچەكنىڭ شۇنداقلا قىز قولداشلىرىنىڭ ئالاھىدە گىرىم قىلغان ھالدا يۈزى ئوچۇق ۋە ھەتتا تار كۆينەك بىلەن نامەھرەم يىگىتلەر ئالدىدا تۇرۇشى ھەرقانداق چاغدا توغرا بولمىغىنىدەك، توي كۈنىمۇ توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ كېلىنچەكنىڭ نامەھرەملەر ئالدىدا ياكى باشقا قىز – ئاياللارنىڭمۇ يىگىت قاتارلىق نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ۋە كوچا كويلاردا شۇنداق ھالەتتە يورغىلاپ يۈرۈشى، قويۇق ئارىلىشىپ كۈلكە – چاقچاق، ئۇسسۇل – تاماشا قىلىشى، ئارىلاش رەسىملەرگە چۈشۈشى … قاتارلىق نالايىق ئىشلارنى قىلىشىپ ئايلىنىشى دىنىمىزنىڭ ئەخلاقىي كۆرسەتمىلىرىگە زىت كېلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

513 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تېزەر / يۇ ئىس دى تى (Tether/(USDT نې پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىپ ئەمەس، پۇل يۆتكەشكە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىيزر ياكى تىتەر ياكى يو ئىس دى تى ئىسمى بىلەن تونۇلغان شىفىرلىك پۇل بلوكچىين زەنجىرىغا تەۋە بولۇپ، بۇ تۈرلۈك شىفىرلىك پۇللارنى پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىش ھازىرغا قەدەر ئالىملار تەرىپىدىن جائىز ئەمەس دەپ قارالماقتا.

مەزكۇر شىفىرلىك پۇلنىڭ قىممىتى بىر قەدەر مۇقىم (Stabile coin) بولغاچقا، مۇبادا بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە پۇل يۆتكەش ئىشلىرىدا بانكا ياكى باشقا ۋىسىتە ياكى يۇقىرى چىقىم ياكى ۋاقىتنى تېجەش شۇنداقلا نازارەت قىلىنماسلىقتەك ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ پۇل يۆتكەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دوللەرنى تىتەرگە ياكى باشقا قەغەز ۋە شىفىرلىك پۇللارغا ئايلاندۇرۇپ  ۋاقىتلىق تېز ئىشلىتىۋالسا، 1. پۇلنىڭ قىممىتىنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشەنچلىك ئورۇن بولۇش شەرتى بىلەن، 2. ئېھتىياج بولغىنىدا، پۇلنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي،  پۇل يۆتكەش زۆرۈرىيىتى بولسا. جائىز بولىدۇ. دېمەك، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن يۇقىرىقى 2 شەرت بىلەن بۇ پۇلنى ئېلىپ – سېتىش جائىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

514 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز، مۈشۈك قاتارلىق پاكىزە بولغان ئەرمەك ھايۋانلارنى سېتىش – سېتىۋېلىشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمىدۇر؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۈشۈكنى ئۆيلەردە بېقىش ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا جائىز.  ئۇنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشمۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرمىسىلا تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا جائىزدۇر. ئۇنى ساتقان پۇلمۇ ھالالدۇر.

515 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز، تىرناققا خېنە قويۇپ سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقساق بولامدۇ – بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىرناققا قويغان خېنە ياكى سىر خېنە دىققەتنى تارتىدىغان شەكىلدە قېنىق ياكى شوخ رەڭ بولسا سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقىشقا بولمايدۇ. يەڭگىل ۋە دىققەت تارتمايدىغان بولسا سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقىشقا بولىدۇ.

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ