بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

451 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قىيىنچىلىقى بار قېرىندىشىم ئۈچۈن تونۇشلاردىن ئاز تولا پۇل يىغىپ توپلىغان، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەۋەتىپ بېرىش نېسىپ بولماي يېنىمدا قالغان بولدى. يېقىندا يەنە بىر قېرىندىشىمنىڭ تۆت بالىسى بىلەن قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇشۇ يېنىمدا قالغان ئامانەتنى بېرىشنى ئويلىغانتىم، بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى باشتا كىمگە نىيەت قىلىپ يىغقان بولسام، چوقۇم شۇنىڭغا يەتكۈزۈشۈم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزىڭىزگە تەۋە ئاتىغان پۇل موھتاجنىڭ قولىغا تەگمىگەندىن كېيىن ئۇنى خاھلىغان بىرىگە بېرەلەيسىز. ئەمما، باشقىلار مەلۇم بىر كىشىگە دەپ بەرگەن پۇلنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتى بولمىسا، باشقا بىرىگە بېرەلمەيسىز.

452 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ 1) كەم قالغان روزىنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسەك، ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ مەسىلەن، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ياتاقداشلىرىم ئىچىدە روزا تۇتىدىغانلارنىڭ بولماسلىقى ھەم مەكتەپ سىياسىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك كۆپ روزا تۇتالمىغان چاغلىرىم بولغان. ئۆيگە قايتقان كۈنلەردە تۇتقىنىم ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا روزىنى كېيىن تولۇقلاپ تۇتۇش لازىملىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى ئەسلەپ رامازاندىن كېيىن شۇ كۈنلەرنىڭ كەم روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتاي دېگەنىدىم.

2) ئوقۇش ھاياتىمدا ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرلاپ روزىمىزنى سۇندۇرۇۋاتقان ئىشلار بولغان. مەن ئۇ چاغدا مەجبۇرلانغاندا بىر نەرسە يەپ، كېيىن داۋاملاشتۇرۇپ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلمەي، «بەرىبىر روزام بۇزۇلدى» دەپ چۈشلۈك تاماق يەپ قويغان ئىش بولغان. ئەمدى شۇ كۈنلەردىكى روزىنى تولۇقلىماقچى بولسام، 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەى روزا تۇتۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن!

1) كەم قالغان روزىنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسەك، تەخمىن بىلەن ھېسابلاپ تۇتىمىز. مەسىلەن 4 يىلدا بىر قىسمىنى تۇتالمىغان بولساق، 120 كۈندىن 20 ياكى 30 كۈننى تۇتقانغا چىقىرىۋېتىپ، قالغىنىنى تۇتىمىز. ھەر دۈشەنبە، پەيشەنبە ياكى خاھلىغان كۈنلەردە تۇتۇپ مېڭىپ تۇتالمىغان كۈنلەرنى تۇتۇپ بولدۇم دەپ قانائەت قىلغاندا، قازاسىنى قىلىپ بولغان بولىمىز.

2) پەقەت شۇ كۈننىڭ قازاسىنىلا تۇتسىڭىز بولىدۇ، 60 كۈن تۇتۇش كېرەك ئەمەس.

453 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، زاكات ئېلىۋېرىپ زاكات بەرگۈدەك پۇل (نىساب) يىغقانلار قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ئالىدىغان پېقىر – مىسكىنلەر زاكات ئېلىۋېرىپ، قولىدىكى ئىقتىساد نىساب ئۆلچىمى (85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى) گە يەتسە يەتكەن چاغدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن قولىدىكى پۇللارغا قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات ئايرىشى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشى زاكات بېرىدىغان بايلار قاتارىغا ئۆتكەن بولىدۇ.

454 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىسپىرتتىن خالىي (ئەمەلىيەتتە پەقەت يوق ئەمەس، ئەمما بەك تۆۋەن) ياكى تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىلار كەڭ كۆلەمدە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىلىرىدىمۇ سېتىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىغا قويغان ئۆلچىمى پەرقلىق ئىكەن. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم _ گەرچە بىز ئۇنى ئىچمىسەكمۇ _ تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىنىڭ فىقھىدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ ئىچىملىكنى قانچىلىك كۆپ ئىچسىمۇ مەس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپىرت ئىنتايىن تۆۋەن بولسا، بۇنى ئىچىش ۋە ئۇنى سېتىش ھارام بولمايدۇ. ئادەتتە پىۋىلاردا 10% ئىسپىرت بولىدۇ. بۇنى ئىچىش ۋە سېتىش ھارام. بۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ مەس قىلىدىغان ئىچىملىك قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ھەدىستىمۇ: «كۆپ ئىچسە مەس قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېيىلگەن. پىۋىلارنى كۆپ ئىچسە مەس قىلىدۇ. ئەمما، ئەڭ تۆۋەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردە 0.5% ياكى 1% ياكى 2% ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇلارنى كۆپ ئىچسىمۇ مەس قىلمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئىچسە ھارام بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلار بۇلاردىن نېرى تۇرۇپ، شۈبھىسىز، ھالال ئىچىملىكلەرنى ئىچكىنى ئەۋزەل. دېمەك، چەكلەنگىنى ئىسپىرت بولۇشى ئەمەس، ئاز يا كۆپ ئىچسە مەس قىلىدىغان بولۇشى. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

455 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىلەردىن پۇتبول ئويناش توغرىسىدا بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم. پۇتبول ئويناش زادى ھەقىقەتەن دۇرۇسمۇ؟ مەن چوڭلاردىن «پۇتبول ئوينىسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب: پۇتبولنىڭ خاۋارىجلارنىڭ ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كاللىسىنى كېسىپ، توپ قىلىپ ئوينىغانغا ئوخشىتىپ پۇتبول ئويناشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا بۇ كۆزقاراش توغرىمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇتبولنى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئوينىسا جائىز. سىز دېگەن قاراش خاتا.

456 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن تاكسىت (ئايمۇئاي بۆلۈپ تۆلەش) قىلىپ ئالساق بولامدۇ؟ ئىسلامدا ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى شەرت قىلىنمىسا، جائىز بولىدۇ.

457 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇھاجىرەتتە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر ئائىلىدە ئېرى بار بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى يوق (ياكى ئاز) بولسىمۇ زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئېرى ئۇ ئايالنى بېقىشى كېرەك. ئەر باقمىسا، ئاندىن ئۇ ئايال موھتاجلىقتىن زاكات ئالسا دۇرۇس بولىدۇ.

458 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئادەم توي قىلىدىغان جۈپتىنى ئۆزى تاللىغان بولامدۇ ياكى بۇ خۇددى تۇغۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان ۋاقتىنى ياكى ئاتا – ئانىسىنى ئۆزى تاللىيالمىغانغا ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىۋېتىلگەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا ئەزەلدە سىزنىڭ جۈپتىڭىزنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. بولغان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پۈتۈشى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، بۇ «ئىنساننىڭ دۇنيادا تاللاش ئىختىيارلىقى يوق… بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشقا بىرەر سەۋەب بېكىتكەن. شۇڭا، پەرزەنتلىك بولۇشنى نىيەت قىلغان كىشى توي قىلمىسا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا پۈتۈۋەتكەن ئىلمى غەيبنى بىزگە بىلدۈرمىگەن بولغاچقا، ھەربىر كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە توغرىنى ۋە پايدىلىق بولغاننى تاللاشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتىنى تاللاشقا تىرىشماي «ماڭا پۈتۈلگىنى كېلىدۇ…» دەپ ئولتۇرۇش توغرا ئەمەس.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارنى قىزلارنىڭ دىيانەتلىكلىرىدىن ئېلىشقا بۇيرۇغان. بۇمۇ بىر خىل تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. كۆرۈپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئاندىن باشقىلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاخىرىدا ئىستىخارە سېلىپ تاللايدۇ. دۇئاسىدا ئاللاھ تائالادىن خەيرلىك قىلىشىنى ۋە ئەڭ توغرىسىغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيدۇ.

459 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ مەن دوپپا تىكىۋاتىمەن، «دۆلەت گىربى»نى «بىسمىللاھ» بىلەن نەقىش قىلىپ تىكىپ بېرىڭ دەيدۇ. شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كىيىم – كېچەكلەرگە كەشتە قىلىپ تىكىش مەكروھ. دۆلەت گىربىنى تىكىش جائىز. لېكىن، بۇنداق خاھلىغانچە نەرسىلەرنى تىكىپ مىللىي پاسوندىكى دوپپىمىزنىڭ شەكلى ۋە گۈللىرىنى بۇزۇۋېتىش ياخشى ئەمەس.

460 -سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مېنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى، ماڭا كىرىسمەس سوۋغىتى بەردى، خاتىرە دەپتەر ۋە قەلەمكەن. مەن يۈزىدە رەت قىلالمايمەن، قوبۇل قىلدىم، ئەمما تېخى ئىشلەتمىدىم. شۇڭا، مېنىڭ قوبۇل قىلغىنىم گۇناھ بولامدۇ، بۇ دەپتەر – قەلەمنى ئىشلىتىشىم دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ «مۇشرىكلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش بابى»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە كافىرلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ، بىر پادىشاھ — ياكى بىر زالىم — بار بىر شەھەرگە كىردى. كېيىن پادىشاھ: ‹ئۇنىڭغا (سارەگە) ھاجەرنى بېرىڭلار› دەپ بۇيرۇدى». يەنە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلەنگەن بىر قوي گۆشى سوۋغا قىلىنغان». يەنە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «ئەيلەنىڭ پادىشاھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەردى». قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «دۇمەنىڭ پادىشاھى ئۇكەيدىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەدىيە بەرگەن»(2615 – 2618 – ھەدىسلەرگە قارالسۇن).

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، نورۇز، روژدېستۋو ۋە مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك كافىر مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدا ئۇلارغا ھەدىيە بېرىش جائىز بولمىسىمۇ، كافىرلارنىڭ چوشقا گۆشى، شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى، ياكى ھاراق – شاراب ۋەياكى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس شام، قارغايغا ئوخشىغان نەرسە – كېرەكلەر ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق». قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2/51 – 52. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

 

461 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بىر ئالىمنىڭ «ئېرى ئايالىنىڭ كۆكسىنى سۆيسە ياكى ئەمسە ئانىسى بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ گەپنىڭ شەرىئەتتە ئورنى بارمۇ – يوقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۇ گەپنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق.

462 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېمىۋاتقان، تېخى تاماق يېمىگەن قىز – ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكى تەگكەن كىيىم – كېچەكتە ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاماق يېگەن ياكى يېمىگەن قىز – ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكىمۇ ئېغىر دەرىجىلىك نىجاسەتتۇر. شۇڭا، تاماق يېمىگەن بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكى تەگكەن كىيىمنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش كېرەك. يۇيۇش بىئەپ بولسا، ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

463 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! چوڭلاردىن ئاڭلىسام، قىز پەرزەنتنىڭ كىيىمىنى ئوغۇل پەرزەنتكە كىيگۈزسە ياخشى ئەمەسكەن. بۇ گەپنىڭ ئىسلامدا ئاساسى بارمۇ ياكى خۇراپىي گەپلەرمۇ؟ (كۆزدە تۇتقىنىم ئاياغ ياكى سىرتقى چاپان دېگەندەك قىز – ئوغۇللارغا پەرقى يوق كىيىملەر) ئاللا سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قىزلارغا خاس كىيىمنى ئوغۇللارغا كىيگۈزسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلەنگەن. ئەمما، ھەرئىككى جىنسقا مۇناسىپ ئاياغ ياكى سىرتقى چاپان دېگەندەك قىز – ئوغۇللارغا پەرقى يوق ھەرئىككى جىنسقا مۇناسىپ كىيىملەر بولسا كىيگۈزسە بولىدۇ.

464 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. مەن مەلۇم بىر كىشىدىن ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، ماڭا 50 مىڭ لىرا قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جەمئىي 36 مىڭ لىرا قەرز ئالغان ئىدىم (36 مىڭ لىرا بولغاندا، ئۇ كىشى ئۆتكەن يىلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالدى)، ئەسلىدە 50 مىڭ لىرا بولغاندا، 2022 – يىلى 12 – ئايدا قايتۇرۇپ بېرىشنى دېيىشكەن ئىدۇق، ئۇ كىشىنىڭ بىر بالىسى بولۇپ، مەن شۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن چاغدا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قىلغان ئىشىمدىن زىيان چىقىپ، قايتۇرۇشقا قۇربىم يەتمەي قايتۇرالمىدىم، بۇ قەرز ھازىرغىچە مەندە بار، ئۇ كىشىنىڭ مەندىن ئالىدىغان قەرزى بارلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ، ھازىرغىچە شۇ قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىمەن، جاپالىق ئىشلىۋاتىمەن.

1)  مەن قەرزنى شۇ كىشىنىڭ بالىسىغا مىراس ئايرىيدىغان چاغدا قايتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن گۇناھكار بولامدىم؟ (ھايات ۋاقتىدا دېيىشكەن قەرىز قايتۇرۇش مۆھلىتى تېخى كەلمىدى)

2)  ئۇ پۇلنىڭ مىراسى قانداق ئايرىلىدۇ؟ (ئۆزىنىڭ 5 ياشلىق بىر قىزى بار، يولدىشى ۋەتەندە، چەتئەلدە ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتا ئۈگەي قىزى بار، 5 ياشلىق قىزىنى چەتئەلدىكى ئۈگەي قىزى بىقىشنى ئۈستىگە ئالدى)

3)  بۇ پۇلنى ئۈگەي قىزىغا قايتۇرۇپ بىرەمدىم ياكى ئۆزۈم ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇپ، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ قىزىغا سەرپ قىلىپ بەرسەممۇ بولامدۇ؟

4)  مەن بۇ پۇلدىن مەلۇم بىرقىسىمىنى شۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا سەدىقە ئىھسان قىلىپ قويسام بولامدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولسا قانچىلىكىنى قىلسام بولىدۇ؟ ئاللاھ ھەممىلىرىدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندا مىراسخورلىرىغا بۇ قەرزنى خەۋەر قىلمىغانلىق ئۈچۈن گۇناھكار بولىسىز. ئەمما، قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا دەرھال قايتۇرالماسلىق ئايرىم مەسىلە. قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋاپات بولۇش بىلەن ئەمەلدىن قالىدۇ. 2) ئۇ پۇلنىڭ مىراس ئىشىغا سىز باش قاتۇرمايسىز. ئوغلىغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز بولدى. 3، 4) ئوغلىغا قايتۇرۇپ بېرىسىز، ساقلىمايسىز. ئۆگەي قىزىغىمۇ بەرمەيسىز، ۋەكالەتەن سەدىقىمۇ قىلمايسىز. چۈنكى بۇ مىراسخورلارنىڭ ھەققى.

465 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەڭنى ئالدۇرۇشنىڭ ۋە مەڭ چېكىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەڭنى ئالدۇرۇشنىڭ ھۆكمى جائىز. مەڭ چېكىش ھارام.

466 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەيكەل ياساش ۋە رەسىم سىزىش ھاراممۇ؟ ئەگەر ھارام بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن زىمىنلاردىكى ھەيكەللەر چېقىۋىتىلمىگەن؟ مەسىلەن مىسىر، ئىراق، سۈرىيە، ئوردۇن قاتارلىق جايلاردىكى (نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىلگەن ھەيكەللەر، مىسىردىكى پىرامىت ئىچىدىكى، «شىر باشلىق ھەيكەل» دېگەندەك) ياكى بۇ ھەيكەللەر بۇرۇن بايقالماي يېقىنقى زامانلاردا بايقالغانمۇ؟ ۋاقتىڭىز چىققاندا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەيكەل ۋە رەسىم سىزىش مەسىلىسىدە يېقىندا «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسەرىگە مۇراجىئەت قىلغايسىز. ئادەتتە ئۇلۇغلىنىدىغان ياكى چوقۇنىلىدىغان ھەيكەللەر ئېنىق ھارام. چوقۇنۇشقا ياكى ئۇلۇغلاشقا ياتىدىغان ھەيكەللەرمۇ شۇنداق. ئۇلۇغلانمايدىغان بولسا ھارام ئەمەس. مەسىلەن بالىلار قورچاقلىرى، پالاس، گىلەم ياكى ياستۇقلاردىكى سۈرەتلەر دېگەندەك.

يەنە «ھەيكەل ياساش بىلەن ياسالغان ھەيكەلنى ئۆيىدە ساقلاشنىڭ ھۆكمى پەرقلىق» دەپ قارىغان ئالىملارمۇ كۆپ. يەنى «ھەيكەلنى ياكى سۈرەتنى چەكلەنگەن نىيەتتە ياساش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. ئەمما، ئۇنى ساقلاش چوڭ گۇناھ ئەمەس» دېيىشىدۇ. دېمەك، ھەيكەل ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇت بولسا چېقىۋېتىلگەن. ئىبادەت قىلىنمايدىغان بولسا ياكى ئۇلۇغلانمايدىغان بولسا قالدۇرۇلغان. قارايدىغان بولساق، ساھابە كىراملەر فەتھ قىلغان مىسىر، ئىراق، شام قاتارلىق دىيارلاردىكى چوقۇنۇلمايدىغان ھەيكەل ۋە رەسىملەر چېقىۋېتىلمىگەن. مەسىلەن، ئىراق فاتىھى ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىرسانىڭ قەسرى جايلاشقان مەدائىننى فەتھ قىلغاندا ئۇنىڭدىكى ھەيكەل ۋە سۈرەتلەرگە چېقىلمىغان. بۇنى ساھابە كىراملەر ئەيىبلىمىگەن. ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى تۈزلىۋېتىشكىمۇ كۈچىمىگەن. بۇنى ساھابە كىراملار تەرىپىدىن «ئىجماﺋ» دېگىلى بولىدۇ. ئۇ سۈرەت ۋە ھەيكەللەر بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. دېمەك، ساھابە كىراملەر چوقۇنۇلمايدىغان ھەيكەللەرگە ۋە سۈرەتلەرگە تەگمىگەن. مىسىردىمۇ شۇنداق. «ئەبۇل ھەۋل» دەپ ئاتالغان بېشى ئادەم، تېنى شىر شەكلىدىكى ھەيكەل ۋە پىرامىدلاردىكى، ئەين شەمس قاتارلىق جايلاردىكى باشقا ھەيكەللەر ساھابە كىراملاردىن 300 زات مىسىرغا بارغاندا بار ئىدى. ئەمما ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىكى ھەيكەللەر ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇتلار بولغاچقا، ئۇلار چېقىۋېتىلگەن.

467 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز شېكەر ۋە قىيامدىن ئەدرەك/ پەۋادە ۋە ناۋات ئىشلەپ چىقىرىمىز. بىز ئۆتكەندە بىر تېۋىبنىڭ تەلىپى بويىچە ئەدرەكنى پىننە قېتىپ پىننە تەملىك قىلىپ ئىشلىگەن. بۇ تەلەپكە لايىق ياخشى ئىشلەنگەندىن كېيىن ئەمدى تېۋىپنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى تېۋىبلارنىڭ بىر خىل دورىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەندىر ماددىسى قاتىدىكەن. تۈركلەردىك چېچىلاڭغۇلۇق، كەيپىيات بۇزۇلۇش، تېز ئاچچىقلىنىش (سىترەس) دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن كىشىلەر ئۈچۈن تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بۇ دورىنى كەندىر قېتىلغان ئەدرەك سۈپىتىدە ئىشلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سورايدىغىنىم: بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنى داۋالاشقا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئېنىق ھۆكمىنى بىلىپ ئاندىن ئىشلەپ چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق توغرىسىدا قارار ئالماقچى ئىدۇق. جاۋاب قالدۇرغايلا.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىجلىق. كەندىر مەس قىلغۇچى ماددا بولغاچقا، تېببىي داۋالاشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر مەلۇم دورىنىڭ تەركىبىگە كەندىر قېتىلىدىغان بولسا، باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان كەندىر ئىنتايىن ئاز مىقداردا بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغۇچى ئۇ دورىنى كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ مەس بولمايدىغان بولسا، كېسەلگە باشقا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلمايدىغان بولسا، ئۇ دورىنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بەلگىلىگەن مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي، پەقەت كېسەلدىن داۋالىنىش ئۈچۈنلا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يەنە بۇنى بىر مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن خۇمار بولۇپ قالمايدىغان بولۇشىمۇ شەرت.

468 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ مەن ياشاۋاتقان يەردە تۇرمۇش لاۋازىمەتلىرىنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ھەممىسىدە ھاراق ساتىدۇ. گۆش تۈرىدىكى نەرسىلەردىن باشقا، سەي – كۆكتاتلارنى، ماي، نان، تۇزدىن شىكەرگىچە ھەممىسىنى چوڭ دۇكانلاردىن سېتىۋالىمىز. ھاراق ساتقان دۇكاندىن بىرنەرسە سېتىۋېلىش بىلەن ھاراق ساتىدىغان رېستۇراندا تاماق يېيىشنىڭ ھۆكمى ئوخشامدۇ؟ مەسىلەن مەن پىۋا تىزىپ قويغان تۈرۈك رېستۇرانلىرىغا بارماسلىقنى تەشەببۇس قىلغىنىمدا، باشقا ئۇيغۇرلار: «ھاراق ساتىدىغان ھەممە يەردىن سودا قىلىپ سېتىۋالىسىزغۇ؟» دەپ، كۆپ سورىدى. مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. مەن ئاۋىستىريەدە ياشايمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. تۇرمۇش لاۋازىمەتلىرى ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ ھەممىدە ھاراقمۇ ساتىدىغان بولسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئۇ دۇكانلاردىن ھالال لاۋازىمەتنى سېتىۋېلىش جائىز. زۆرۈرىيەت بولمىسا، يەنى ھاراق ساتمايدىغان باشقا دۇكانلار بار بولسا، ئۇ دۇكانلاردىن سېتىۋالمايمىز. ھاراق ساتىدىغان رېستورانلارغا كەلسەك، ئۆيدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بار بولسا ياكى باشقا ھاراقسىز رېستورانلار بار بولسا، زۆرۈرىيەت بولمىغاندىن كېيىن، ھاراقلىق رېستوراندا تاماق يېيىشكە بولمايدۇ. بىرەرسى ھاراقسىز رېستوران پەقەتلا يوق بىر جايدا ئاچ قالىدىغان بولسا، ئاندىن ھاراق بار رېستوراندا تاماق يېسە جائىز.

469 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر تىجارەتچى بىر مالنىڭ باھاسىغا ئۇ مالنىڭ ئەسلى باھاسىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قانچە ھەسسە باھا قوشسا بولىدىغاندۇ؟ ئاندىن ئوتتۇرىدا بىر تونۇشتۇرغۇچى بولسا ئۇنىمۇ رازى قىلىش توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا قانچىلىك پاي بەرسە بولىدىغاندۇ؟ دىنىمىزدىكى يولنى بىر كۆرسىتىپ بەرسىلىرى. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىجارەتتە مونوپۇللۇق ياكى ئالداش بولمىسا پايدا ئېلىشنىڭ چېكى يوق. 100% پايدا ئالسىمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرىدىكى تونۇشتۇرغۇچىغىمۇ بېرىدىغان شېرىنكانە ياكى تاپان ھەققىنىڭ چېكى يوق. ئۆرپ – ئادەت بويىچە ياكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە بەرسە بولىدۇ.

470 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىزدىن مال سېتىۋالماقچى بولغان كىشى پۇلنى بىراقلا تۆلىيەلمىگەنىلكتىن كىردىت شىركەتلىرى بىلەن دىيىشىپ سېتىۋالىدۇ. يەنى ئۆسۈملۈك قەرز ئالىدۇ. قەرز بەرگۈچى بىزدەك مال ساتقۇچى شىركەتلەرگە بۇ مال باھاسىنىڭ 1% ياكى 2% ىنى بەرسە بۇ پۇل بىزگە ھالال بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى بىزدىن باشقا ئىككىلى تەرەپ كاپىردۇر. مۇسۇلمان بولسا، ئۇنداق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ پۇل بىزگە ھالال بولمىسا، بۇ شېرنكانىنى ئىشقا ئېھتىياجى بار بىرەرسىنى ئىشقا ئېلىپ مۇئاش قاتارىدا بەرسەك بولامدۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ باجلىرى بەك ئېغىر تاپاۋەتنىڭ 30% نى ئالىدۇ. شۇ قاتارلىق باج تۆلەشكە ئىشلەتسەكچۇ راۋا بولۇرمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆسۈملۈك قەرزگە مال ساتقانلىق سەۋەبىدىن قەرز بەرگۈچى تەرىپىدىن بېرىلگەن شېرىنكانە ھارام. چۈنكى، بۇ شىرىنكانىنى بانكا قەرزدىن كەلگەن ئۆسۈمنىڭ بىر قىسمىدىن بېرىدۇ. بۇ يەنە ئۆسۈمگە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. ئىككىلى تەرەپ كافىر بولسىمۇ ئوخشاش.

مۇسۇلماننىڭ جازانىلىك كىرىمدىن ھەرقانداق بىر شەكىلدە پايدىلىنىشى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆسۈمگە ئالاقىدار كىرىمنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىش جازانە يېيىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا، ئۇ كىرىمنى توك، سۇ گاز قاتارلىقلارنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە ياكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تۆلەشكە ياكى باج تۆلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغانلىق ئۇ كىرىمگە ئىگە بولغانلىق ئاندىن خەجلىگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىدىن پۇلنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە خەجلىگەنلىكى ھەققىدە ھېساب ئالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مۇشۇ كىرىمنى مائاشقا ۋە باجغا تۆلىمىگەن تەقدىردە، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھالال پۇلىدىن تۆلىگەن بولاتتى. دېمەك، بۇ ئۆسۈمدىن پايدىلانغانلىق يەنى جازانە يېيىش دېگەنلىكتۇر.

471 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «ھەزرىتى» كەلىمىسىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى توغرىمۇ؟ بۇ سوئالىنى سورىشىمدىكى سەۋەب مەن بۈگۈن بىر سۆھبەتكە قېتىلغان. ئۇ يەردىكى ئۇستازلار «ھەزرىتى ئاللاھ» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ سۆزلىدى. مەن بۇ گەپنى تۇنچى قېتىم ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن: «نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار: «ھەزرىتى دېگەن بۈيۈك دېگەن گەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنى ئاتىغاندا بۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ» دېدى. بۇ توغرىمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ھەزرەت» دېگەن كەلىمە ئەرەب تىلىدا ئۇلۇغلاشنى ۋە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، «جانابى ئاللاھ، بۈيۈك ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى» دېگەندەك مەنىلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى تەسەۋۋۇف ئەھلىلا ئەمەس، تارىختىن بۇيان تۈرلۈك يۆنىلىشتىكى جىمى ئالىملار ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ كەلىمەنى ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ.

472 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش توغرىسىدا ئىككى سوئالىم بار ئىدى.

1. نېمە ئۈچۈن دىنىمىزدا كۆپ بالىلىق بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟ كۆپ بالىلىق بولۇشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟

2. سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىلىق بولۇشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئايالىم ئىككىمىز ياۋروپادا ئوقۇۋاتىمىز، ئايلىق كىرىمىمىز ئىككىمىزگە يېتىدۇ، لېكىن بالىلىق بولساق ھازىرچە ئىقتىساددىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىمىز تېخى بۇ يەرنىڭ پۇقراسى ئەمەس، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ نوپۇسى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، بىز بالىلىق بولۇشنى بىرقانچە يىل كېچىكتۈرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ، ئائىلىلىرىنىمۇ سالامەت ۋە خاتىرجەم قىلسۇن! 1) نىكاھلىنىش دىنىمىزدا تەرغىب قىلىنغان ۋە پەزىلەتلىرى كۆپ بىر ئىش. نىكاھلىنىشتىن ئاساسلىق مەقسەت نەسىلنىڭ داۋام ئېتىشىدۇر. نىكاھلىنىش ئارقىلىق ئىنسان ئۇرۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىلىدۇ ھەمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇ زاتنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ياخشى پەرزەتنىڭ دۇئاسى بىلەن شاپائىتىگە ئېرىشىش ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشتەك يارىتىشتىن كۆزلەنگەن ھېكمەتلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ ئاساسلىق نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشىغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. لېكىن، ئۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئامىلى ئەمەس. بەلكى، ئىلغار مائارىپ، توغرا تەربىيە، ئادالەت ۋە ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىز نىكاھلىنىشنى تەرغىب قىلغاندەك، تۇغۇمچان ئايالنى ئېلىشنىمۇ، پەرزەنتلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنىمۇ تەرغىب قىلغان.

2) سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىلىق بولۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى جائىز. لېكىن، «ئايلىق كىرىمىمىز ئىككىمىزگە يېتىدۇ، بالىلىق بولساق ھازىرچە ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز» دېيىش خاتا. چۈنكى، رىزىقنى ئاللاھ خاھلىغانچە بېرىدۇ ۋە بېكىتىدۇ. ھەربىر جانلىق ئۆزىنىڭ رىزقى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئەكسىچە، كېلىدىغان پەرزەنت سىزگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

473 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئايال كىشىنىڭ ئىستانبول – كونيا ئارىسىدا ئىككى بالىسى بىلەن پويىزدا سەپەر قىلىشى توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەپەردە 15 ياشتىن چوڭ ئوغۇل بالىسى بىللە بولسا ئاندىن بولىدۇ.

474 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھازىر تۈركىيەدە ياز كۈنلىرى ناماز خۇپتەننى سائەت 10 دىن ئاشقاندا ئوقۇيدىكەن. كېچە بەك قىسقا، ئىشقا مېڭىش ئىشلىرىمىز ۋە ئۇيقۇنى بەك ئاز ئۇخلاپ، ئارام ئېلىش ئىشلىرى قالايمىقان، بالىلارمۇ كېچىكىپ ئۇخلىسا ئەتتىگىنى قوپالمايدىكەن. شۇڭا، خۇپتەننى سەل بالدۇر ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامال بار ئەزان چىققاندىن كېيىن ئوقۇڭ! ياز كۈنلىرى بالدۇر ئارام ئېلىش ئېھتىياجى بولغان كۈنلىرى ئەزان چىقىشتىن 20 – 25 مىنۇت ئەتراپىدا بۇرۇن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا خۇپتەن ۋاقتى كىرىدۇ.

475 – سوئال: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆينىڭ ئىجارىسىنى لايىق رەۋىشتە ئەمەس، بەكراق ئۆستۈرىۋالسا جازانىغا كىرەمدۇ؟ مەسىلەن 750 لىرالىق ئۆينى 1200 گە ئۆستۈرىۋالسا جازانىغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆينىڭ ئىجارىسى بازار ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. جازانە بىلەن ئالاقىسى يوق.

476 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ھاياسىز كىيىنىشى مەۋجۇت بولغان چېنىقىش ۋە سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرىغا ئاياللارنىڭ ۋە قىز – ئوغۇل كىچىك بالىلارنىڭ كىرىشى توغرا بولامدۇ؟ ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھايا چېگراسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار نامەھرەم ئەرلەرگىلا ئەمەس بەلكى ئاياللارغا قارىتامۇ ئەۋرەتلىرىنى يۆگىشى لازىم. ئاياللار ئاياللارغا بەدىنىدىن _ مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشاش _ بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئاچسا بولىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئاچسا ياكى باشقىلارنىڭكىگە قارىسا بولمايدۇ. 4 – 5 ياشتىن يۇقىرى ئوغۇل – قىزلارنىڭمۇ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقان ئاياللارنى كۆرۈشى ھايا ۋە ئەدەب جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ كۆرگىنىنى چوڭلارغا سۈپەتلەپ بېرىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ زېھنىدە كۆرگىنىنىڭ سەلبىي تەسىرى قالىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىمىزنىمۇ ئەۋرەتكە قارىماسلىققا كۆندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەۋرەتلەر يۆگەلمەيدىغان جايلارغا بېرىش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا، ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يۆگەش، باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قارىماسلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

477 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىز ئېغىر رېماتىزم ئىدى، يېقىندا بۇ كېسەلنى داۋالاش رېتسىپىنى تاپتۇق. ئاددىي ھەم قولاى ئۇسۇلكەن، ئەمما داۋالاش رېتسىپى بولسا: ئاق ھاراققا سوقۇلغان قارامۇچنى قوشۇپ، مەلھەم قىلىپ بەدەننىڭ سىرتىغا سۈركەش ئىكەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ساقايغان ئېغىر كېسەللەر بار ئىكەن. مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېسەل داۋالىساق، شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. ئەگەر ھاراقنى باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەدەن سىرتىدىن ئىشلەتسە مەلۇم كېسەلگە شىپا قىلىدىغانلىقى ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇر تەرىپىدىن تەكىتلەنسە ۋە بۇ كېسەلگە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلمىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ھاراقنى سىرتتىن ئىشلەتسە جائىز بولىدۇ، ئەمما ئىچىشكە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

478 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەگەر بىرسى قىز پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ، گېنېتىكىلىق ئۇسۇلدا ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇمىغا ئەر تەرەپنىڭ ئېكىس خروموسوملۇق ئۇرۇقلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ بالىياتقۇغا يەرلەشتۈرىدىكەن. ئومۇمىي جەريان پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېخنىكا ۋە كۈچ تەلەپ قىلغاچقا، ھازىر پەقەت بايلارلا بۇنداق قىلالايدىكەن. ئەگەر بىر مۇسۇلمان كىشى قىز پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ، ئاللاھتىنمۇ تىلەپ بۇ ئۇسۇلنىمۇ قوللانسا، بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىپ، پەرزەنتىنىڭ جىنسىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئۈچۈن تېببىي چارە قوللانسا بولىدۇ. چۈنكى، شۇ خىل چارە – تەدبىرلەردىن كېيىن تۆرەلگەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دائىرىسىدە بولۇپ، بۇ ئىش ئايەتلەرگە ۋە ھەدىسلەرگە زىت ئەمەس. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان جىنستىكى پەرزەنت ئاللاھ ئىرادە قىلسا، ئاندىن ئاپىرىدە بولىدۇ. ئىرادە قىلمىسا، ساق ئۇرۇقنى ساق تۇخۇمچىغا ئۇچراشتۇرغان تەقدىردىمۇ پۈتۈلگىنىدىن باشقىسى بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

479 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاياللار ئۆمرەدىن كېيىن چاچنى بىرتال قولغا يۆگىگۈدەك ھەممىسنىڭ ئۇچىدىن كېسەمدۇ ياكى ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئازراق كەسسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللار چېچىنىڭ ئۇچىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بارماقنىڭ ئۇچىدىكى بوغۇمچىلىك كېسىشى كېرەك.

480 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ۋەتەندە قالغان ئاتا – ئانا ۋە بالىلىرىغا ئۆمرە قىلسا بولامدۇ؟ بەزىلەر «بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر «تىرىك ئادەمگە ئۆمرە قىلىنمايدۇ» دەيدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھايات كىشى ئۆمرە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ياكى ئاغرىقچان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار خالىس ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما، ھەق ئېلىپ ۋەكالەتەن ئۆمرە قىلىشقا بولمايدۇ.

481 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. توردا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئېلان شىركىتى باركەن ipg دەپ. ئالدى بىلەن بۇ شىركەتكە ئەزا بولىدىكەن . 1 – دەرىجىدىن 9 – دەرىجىگىچە دەرىجىسىگە قارىتا ئەزا بولۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەيدىكەن. ئاندىن ھەركۈنى شۇ شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىدىكەن. مەسىلەن: 1- دەرىجىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 700 لىرا تۆلەپ، كۈندە 7 تال ۋەزىپە ئالىدىكەن. ھەربىر ۋەزىپىگە 4 لىرادىن كۈندە 28 لىرا، ئايدا 840 لىرا ئىش ھەققى ئالىدىكەن. بۇ شىركەت يۇتۇبىدىكى قاناللار بىلەن توختاملاشقان شىركەتكەن. قىلىدىغان ئىش شۇ شىركەتنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن قاناللىرىغا ئەزا بولۇپ، ئاندىن قوللاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەزا بولۇپ قوللىغان جاينى رەسىمگە تارتىپ يوللايدىكەن. ۋەزىپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شىركەتكە سۇنسا تەكشۈرۈپ، توغرا بولسا، ئاندىن ئىش ھەققىنى بېرىدىكەن. شۇ بويىچە قايتا پۇل تۆلىمەستىن شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىپ بىر يىل ئىشلىگىلى بولىدىكەن. ئەگەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولسا، ئىككىنچى دەرىجە ئۈچۈن 1450 لىرا تۆلەپ، كۈندە 15 ۋەزىپە ئېلىپ، ھەر بىرى ئۈچۈن يەنە 4 لىرادىن 60 لىرا، ئايدا 1800 لىرا تاپىدىكەن. يەنە بۇنىمۇ بىر يىل پۇل تۆلىمەستىن شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىپ بىر يىل ئىشلىگىلى بولىدىكەن. بۇ شەرىئەتتە جائىز بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ شۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئىش ئىككى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ: بىرى، ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ياللىنىپ تۇرۇپ ئەزالىققا پۇل تۆلەش توغرا ئەمەس. يەنە بىرى، يۇتۇبتىكى كۆرۈرمەن ياكى بارماق بەرگەنلەر سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشلەش ساختىلىق قىلغانلىقتۇر.

482 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۆي ئىجارە توختامى مۇددىتى توشۇشقا 4 ئاي قالغاندا، ئۆي ئىگىسى «ئۆينى بىكارلاپ بەر» دەپ تۇرۇۋالغان. ئىجارىگە ئالغۇچى «توختام مۇددىتى توشقۇچە بىكارلاپ بەرمەيمەن» دەپتۇ. ساقچىغا بارسا 6 ئاي بىكارغا ئولتۇرىسەن دەيدىكەن. قانداق قىلغۇلۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. توختام مۇددىتى توشقۇچە «بىكارلاپ بەر» دېيىش ئەھدىگە ۋە توختامغا ۋاپا قىلمىغانلىق ۋە بۇزۇشتىن ئىبارەت گۇناھتۇر. ئۇنداق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، رەت قىلسا بولىدۇ ۋە توختامنى كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىغا بارسا بولىدۇ. ئەمما، بىكارغا ئولتۇرماي ئىجارە بېرىشى كېرەك. مۇددەت توشقاندا ئۆينى بىكارلاپ بېرىشى ياكى ئىككى تەرەپ يېڭى باھاغا دېيىشىپ يېڭىدىن توختام تۈزۈشى كېرەك.

483 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ياۋروپادا ياشايمەن، بەزەن سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى ھەپتىدە بىرەر كۈن بىر – ئىككى سائەت پەقەت ئاياللارغىلا ئاچىدۇ ۋە ئاياللارلا كىرىپ سۇ ئۈزىدۇ. قارىساق كۆپۈنچە مۇسۇلمان ئاياللار كىرىدىكەن، لېكىن كاپىر ئاياللارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىز ئوچۇق، ئەمما ھايالىق سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى كىيىپ سۇ ئۈزسەك بولامدۇ ياكى كاپىرلارنىڭ ئالدىدا چوقۇم بېشىمىزنى يۆگىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز ئۇ كاپىرلارنى تونۇمايمىز، شۇڭا بىرسىگە تەسۋىرلەش نىسبىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇسۇلمان ئاياللار كاپىر ئاياللار ئالدىدا بەدىنىدىن — مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشاش — بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئاچسا بولىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئاچسا ياكى باشقىلارنىڭكىگە قارىسا بولمايدۇ.

484 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ئىستانبۇلدا ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرىنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مەن دۇچ كەلگەن مەسىلە: ئىش ئىگىسى ماڭا «ماتېرىيال ئېلىپ ئوڭشاپ بەر» دەپ بەزىدە قولۇمغا پۇل بېرىدۇ ياكى كېيىن بېرىدۇ. ماتېرىيال ئەكىلىپ ئوڭشاپ بېرىمەن. ماتېرىيال ساتقۇچى نورمال ئادەم بارسا 1500 لىراغا ساتىدىغان ماتېرىيالنى ماڭا 1000 لىراغا بېرىدۇ. ئوتتۇرىدا يۈزدە ئەللىك باھا پەرقى بولۇپ، مەن ئالغان باھانى دېسەم، ئىش ھەققىمگە ئازلا پۇل قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەسلى ئالغان باھاسىنى دېمىسەم، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولامدىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەسلى ئالغان باھاسىنى دېمىگەن تەقدىردە، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولىسىز. شۇڭا، ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى ئايرىم دېيىشىپ ئەسل باھاسىنى ئېيتىش كېرەك ياكى ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى ئايرىم دېيىشمەي، يېڭى ماتېرىيالنىڭ سىز سېتىۋالىدىغان باھاسى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ھەممىنى قوشۇپ بىرلا باھا قويۇش لازىم.

485 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ۋاتساپ ئىشلىتىۋاتقان كۆپىنچە كىشىلەر، بولۇپمۇ ئۆلىمالىرىمىزمۇ بىراۋنىڭ ۋاتسىپىغا يوللىغان ئۇچۇرىنىڭ كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولىدىغان (يەنى ئۇچۇر كۆك رەڭگە ئايلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدىغان) ئالاھىدىلىكىنى تاقاپ قويۇپ ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر يوللىغان كىشى يوللىغان ئۇچۇرىنىڭ ئوقۇلغان – ئوقۇلمىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. تاكى شۇ كىشى ئۇچۇرغا جاۋاب بەرمىگۈچە ئوقۇغان بولسىمۇ ئوقۇمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىسلامدا بۇ ساختىپەزلىك ھېسابلىنامدۇ؟ بەزىلىرىمىزنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قېچىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسىلىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەپ دېتالىغا شۇ ئىقتىدارنى قوشقۇچىلارنىڭ شۇخىل ئىقتىدارنى ئەسلىدە نېمە ئۈچۈن ئىجاد قىلغانلىقىغا بىر قارىۋېتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇخىل ئىقتىدارنىڭ ئىككى خىل رولى بارلىقى مەلۇم.

بىرى، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىسا، رەنجىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. بۇنداق قىلغاندا، ئۇچۇر قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنى «ۋاتساپقا ۋاقتى چىققاندا قاراپ، ئالدىرىماي جاۋاب قايتۇرىدىغان قىلىپ تەڭشىۋاپتۇ» دەپ چۈشىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ خۇددى باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلىرىنى باش سۈرەت بار كۆزنەك ئاستى ياكى يېنىغا تەڭشەپ قويۇپ بەلگە بېرىپ قويغانغا ئوخشاش ئىش. ياكى بولمىسا مېھمانخانىلاردا ئىشىك تۇتقۇچىغا «ئاۋارە قىلماڭ» بەلگىسىنى ۋاقتىنچە ئېسىپ قويغانغا ئوخشاش، ئىشلەتكۈچىمۇ ۋە قارشى تەرەپمۇ ئۆزلىرى بىلىشىپ توغرا چۈشىنىشىدىغان بىرخىل بەلگە -ئىشارەتلىك مۇئامىلە شەكلى. بۇخىل مۇئامىلە شەكلى ۋاتساپنىڭ مەزكۇر ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ چۈشىنىشىدىغان ۋە ئەپنىڭ ئۆزىدە شۇخىل ئالاقە شەكلى بار بولغان، ھەمدە ئەپ دېتالىنى ئىشلەتكۈچى ھەر ئىككى تەرەپ شۇنى قوبۇل قىلىپ تېلېفونغا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، قارشى تەرەپ كەلگەن ئۇچۇرغا كېچىكىپ جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، بۇ جائىزدۇر. چۈنكى، ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ جاۋابنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋاقتىدا قاراپ بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان قەرىنە بار بولدى. «ئوقۇلدى» بەلگىسىنى كۆرۈنمەس قىلىشى بىر قەرىنە. شۇڭا، قارشى تەرەپ ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرمىغاندا، بۇ تەرىپىنى چۈشىنىپ جاۋاب كۈتۈش ئەقەللىي ئىش بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتىمۇ قارشى تەرەپ ئۇ ئۇچۇرنى تېخى كۆرمىگەن بولۇشىمۇ، كۆرگەن بولسىمۇ تېخى جاۋابىنى تەييارلىيالمىغان بولۇشىمۇ ياكى ئالدىراشچىلىقتا جاۋاب بېرەلمىگەن بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن.

مۇنۇ سەھىھ ھەدىسمۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقنى قارشى تەرەپكە ئېنىق ئىپادىلىمەسلىكنىڭ ياكى قولايسىزلىق سەۋەبىدىن جاۋابنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ۋە ياكى باشتا ئاڭلىماي قېلىپ كېيىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كېچىكسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ:

ــ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﻩﺭﺩﻯ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ‹ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ – ﻳﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ› ﺩﯦﺴﻪ، يەنە ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ: ‹ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﻯ› ﺩېيىشتى. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:

ــ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ توغرۇلۇق ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﭼﻰ ﻗﯧﻨﻰ؟ ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ:

ــ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ، ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺗﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ:

ــ ئامانەتنى ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

ــ بىر ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜتكىن، ــ ﺩﯦﺪﻯ»(«سەھىھۇلبۇخارىي»: 59).

يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئۇ كىشىگە بىلدۈرمىگەن. ھەتتا ئۇ كىشىگە مەن سوئالىڭنى ئاڭلىدىم، سەل تۇرۇپ جاۋابىنى بېرەيمۇ دېمىگەن. ئەمما سورىغان ۋاقىتتىن كېچىكىپ بولسىمۇ بەرگەن. بۇنى ياندىكىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن ئۇقۇپ ئاندىن سوئال سورىغۇچىنى چاقىرىپ جاۋاب بەرگەنمۇ، ياكى دەسلەپ جاۋاب قايتۇرماي، سۆزلەۋاتقان تېما بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئاڭلىسىمۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ گېپىنى تۈگىتىپ ئاندىن سوئال سورىغۇچىنى چاقىرغانمۇ نامەلۇم. ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جاۋابنى كېچىكىپ بولسىمۇ بەرگەن.

يۇقىرىقى ئىقتىدارنى قوشۇشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى تونۇشمايدىغانلارنىڭ ياكى تولا ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرىغا خالىسا جاۋاب قايتۇرماستىن قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى قارشى تەرەپكە ھېس قىلدۇرۇش: ئەگەر سىز تونۇشمايدىغان، بىلىشمەيدىغان بىرى بولۇپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرغا جاۋاب كەلمىگەن، ئۈستىلەپ ئۇچۇرنىڭ ئوقۇلغانلىق بەلگىسى كۆرۈنمەسكە تەڭشەلگەن بولسا، بۇ ۋاتساپنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ ئىشلىتىۋاتقان كىشىنىڭ تونۇشمايدىغانلارغا ئالدىراپ جاۋاب قايتۇرماسلىقنى تاللىغانلىقىنى ئوپئوچۇق ئەكىس ئەتتۈرگىنىنىڭ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن ئۇچۇرلاشقىسى يوقلىقىنىڭ، ئۆزىنى تارتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. بۇمۇ يوللۇق ئىش بولۇپ، خۇددى نا تونۇش كىشى بىرىنىڭ ئىشىكنى قاقسا قاقسا ئىچىدىن سادا كەلمىسە ۋە بۇنىڭغا ئۆزىچىلا يامانلاپ كەتسە بولمىغاندەكلا بىر ئىش. دېمەك، بۇ جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرماسلىقىمۇ جائىز بىر ئىش.

نەتىجىدە ھەر ئىككى ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقان ياكى سۆزلىشىش پۇرسىتى بولغاندا نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇچۇر قىلغۇچىنىڭ سوراش ھەققى بار. خۇددى ئىشىك قاققۇچىغا ياكى تېلېفون قىلغاندا قوبۇل قىلمىغان كىشىگە قارشى تەرەپنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سوراش ھەققى بولغىنىغا ئوخشاش. سەۋەب يوللۇق بولسا، شۇ بويىچە؛ يولسىز بولسا، باشقىچە، ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. لېكىن، تېلفۇننى قوبۇل قىلمىغانغا، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ ناتونۇش نومۇرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا قاراپلا ئېنىق دەلىللىمەيلا دەرھال گۇمان قىلىشقا، قارشى تەرەپنى قەستەن ئالمىغانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا، دەلىللىمەي تۇرۇپلا ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلەشكە بولمىغاندەك، سىزىق كۆرۈنمىگەن تۇرۇقلۇق قارشى تەرەپنىڭ كۆرۈشكەندىكى سەۋەب كۆرسىتىشىنى نەزەرگە ئالماسلىققا، تاكى ئىش ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغۇچە ئىناۋەتكە ئالماسلىققا، ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىش مەۋھۇم ۋە ئەپنى ئىشلەتكۈچى ئالدىن ئۈسكىنىسىنى كەلگەن ئۇچۇرلار رەڭلەنمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئىشارە بېرىپ قويغان. شۇڭا، يۈزتۇرانە سوراپ بىلمەي تۇرۇپ ئەيىپلەشمۇ، قارشى تەرەپنىڭ باھانىسىنى ئېنىق دەلىلسىزلا يالغانغا چىقىرىپ ئاغرىنىشمۇ ئورۇنسىز ئىش بولىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلارنى ئوقۇلغان قىلىپ كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇشى ئەسلىدىلا ئۇنىڭ ئەركىنلىكى. ھەم شەرئەن مۇباھ. چۈنكى، ئەكسىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل يوق. شۇڭا، ئۇچۇر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئەپنىڭ شۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى، ھەم شۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئىشلەتكۈچى ئىستېمالچىلار بولغانلىقى جەھەتتىن ئۇلارنىڭمۇ توغرا چۈشىنىشى، بىھۇدە گۇمان بىلەن قارشى تەرەپنى ھەرخىل سەلبىي ئەيىبلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئېنىق پاكىتسىز ھالدا رەنجىشى، ھەمدە بىھۇدە كۆڭۈلسىزلىك چىقىرىشقا زورۇقۇشى توغرا ئەمەس. ھەر تۈرلۈك ئەھۋالدا مۇمكىنقەدەر ياخشى ئويلاش، ئېنىق پاكىت ياكى روشەن قەرىنە بولمىغان ئەھۋالدا ئەيىبلەشكە ئالدىرىماسلىق گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت جۈملىسىدىندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم!

486 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىتكوۋين ئېلىپ سېتىش ئۈچۈن BİNANCE ھېسابى ئاچقانتىم. شۇڭا، بۇ ئىشقا كىرىشتىن بۇرۇن، «بۇنىڭ شەرىئەتتە جائىز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالايلى» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلشىمتى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. بۇنى ھارام دېگەنلەرمۇ، شۈبھىلىك دېگەنلەرمۇ بولغاچقا يەنە كېلىپ خەتىرىمۇ چوڭ بولغاچقا، «جائىز ئەمەس» دېيىلىۋاتىدۇ.

487 – سوئال: تەمەتتۇ ھەجى قىلىش ئۈچۈن مەدىنەدىن ئېھرام باغلاپ كېلىپ تاۋاپ قىلدىم، ئاندىن سەفا – مەرۋەنى يەتتە قېتىم سەئيى قىلىپ بولۇپ چاچ ئالدۇرغىلى ماڭغۇچە ئارىلىقتا، ئېھرامدىن چىقىش نىيىتى بىلەن ئۆسمىگەن تىرناقلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىپتىمەن. «تىرناق ئالساممۇ ئېھرامدىن چىققان بولىمەن» دەپ ھېسابلاپتىمەن، كەينىدىن چاچنى ئالدۇردۇم. چاچ ئالدۇرماي تۇرۇپ تىرناق ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىرناقلىرىمنى ئېلىپ بولۇپ كەينىدىنلا بىلدىم. بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن قانداق جازا كېلىدۇ؟ جازانى قانداق ئۇسۇلدا ئادا قىلسام بولىدۇ؟ قوي قان قىلغۇدەك شارائىت بار ھالەتتە قوي قان قىلماي روزا تۇتسا ياكى مىسكىنگە تاماق بەرسىمۇ ئوخشاش ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننى تويغۇزۇش، ياكى بىر قوي قان قىلىش كېرەك. بۇلاردىن قايسىبىرىنى تاللىسا ئىختىيارى. خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىننى تويغۇزىدۇ (1 – 2 ۋاق تاماق ياكى تاماقنىڭ پۇلىنى بەرسىمۇ بولىدۇ)؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿…ھەدىيە قىلىنغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن روزا تۇتسۇن ياكى سەدىقە بەرسۇن، ياكى قۇربانلىق قىلسۇن…﴾( 2/«بەقەرە»، 196) دېگەن.

488 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. كىچىك بالىلارنىڭ سول قولىدا خەت يېزىپ ئادەتلىنىپ قالغان بالىنى چوقۇم ئوڭ قولىدا يېزىشقا ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ لېكىن، تاماقنى ئوڭ قولىدا يەيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئوڭ ياكى سول قولنى ئىشلىتىش مېڭىگە، ھەتتا ئىرسىيەتكە ئالاقىدار بولۇپ، سولخەي بالىلارنى چوقۇم ئوڭ قولدا يېزىشقا مەجبۇرلاش كېرەك ئەمەس ھەم مەجبۇرلاش زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. يېزىش قاتارلىق ئىشلارنى ئوڭ قولىدا قىلىش مۇستەھەب بولۇپ، ئوڭ قولىدا يازالمايدىغانلار سول قولىدا يازسا بولىدۇ. ئەمما، پاكىزلىققا ۋە سالامەتلىككە تەسىرى بولماسلىق ئۈچۈن ئوڭ قولدا يەپ – ئىچىشكە كۆندۈرۈش زۆرۈر. تىرىشىپ بېقىپ ئوڭ قولىدا يەپ – ئىچەلمىسە، ھېچ گەپ بولمايدۇ.

489 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھازىر كومپۇتېر ياكى يانفۇن سىستېمىلىرىدا ياش بالىلارنى ساقال – بۇرۇتلۇق بوۋايلارغا ئايلاندۇرىدىكەن. فوتو سۈرەتلەرنى شۇنداق تەھرىرلەش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. فوتو سۈرەتنى ساختىلىق ياكى ئالدامچىلىقتەك يامان غەرەزدە ئشىلەتمەيدىغان بولۇپ، ئۆزى ياكى كىچىك بالىلار ئويناش ئۈچۈن رەسىمنىڭ چىرايىنى ساقال – بۇرۇتلۇق ياكى ياش – قېرى كۆرسىتىپ تەھرىرلەش جائىز.

490 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. مەن تۈنۈگۈن مەككەگە كەلگەن ئۆمۈر ھەم پەرز ھەج نىيىتى بىلەن يولدا توساقلار چىڭ بولغانلىقى سەۋەب ئېھرام باغلاپ كىرىش مۇمكىن بولمىدى. كىرىپ بولغاندا بەزى قېرىنداشلار: «سىلەر ئۆزرىلىك، شۇڭا ئېھرام باغلاش مۇمكىن بولغان ھامان ئېھرام باغلاپ كەففارەتىگە قوي قان قىلىش ياكى 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ بىرىنى قىلساڭلار بولدى» دېيىشتى. بەزىلەر: «ياق، سىلەر بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ. ھازىر مەككەنىڭ ئىچىدە بولغاندىكىن ‹مەسجىدى ئائىشە›گە چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىپ، ئۆمرە قىلىسىلەر ھەم مىيقاتتىن ئېھرام باغلىمىغاننىڭ كەففارەتىگە قوي قان قىلىسىلەر» دېگەچكە، ئىككى خىل گەپ بولۇپ قالدى. شۇنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا .باشقىلار ھەم كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارغىمۇ جاۋاب بولۇپ قالسا. ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ھەج ياكى ئۆمرەگە ماڭغاندا، ئەگەر قەستەن ياكى بىلمەي، ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ئېھرام باغلاش بەلگىلەنگەن ئورۇن (مىيقات) دىن ئېھرامسىز (ئېھرامنى نىيەت قىلمايستىن) ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، تېخى تاۋاپ قىلمىغان بولسا، قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كەلسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق جازا ياكى كەففارەت كەلمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.

ئەمما، مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئاندىن ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىپ، تاۋاپنى باشلاپ ياكى ھەج – ئۆمرە پائالىيەتلىرىدىن بىرەرسىنى قىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ مىيقاتقا قايتىشىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بەرىبىر قان كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ھەج ياكى ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغان كىشى كەمتۈك ئېھرام باغلىغان ھالدا ئىبادەتكە تۇتۇش قىلىپ بولغان بولىدۇ. نەتىجىدە مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قوي قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن كىشى ئۈچۈن بۇنى باشقا بىر ئىش بىلەن ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. قان ئورنىغا روزا تۇتسا ياكى تاماق بەرسە بولمايدۇ.

مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھراملىقى يېنىدا بار تۇرۇپ، ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئېھرامنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىنگە ئاشلىق ياكى بىر – ئىككى ۋاق تاماق بېرىش ۋەياكى بىر قوي قان قىلىش بىلەن بولىدۇ. جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلغان:

〖سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولغانلىقتىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسە، روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە قىلىش، ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن〗(2/«بەقەرە»: 196).

(ئۆتۈپ كەتكەن مىيقاتقا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر مىيقاتقا قايتسۇن، ئوخشاش)

بۇ ئەھۋالدا، ئۆتۈپ كەتكەن مىيقاتقا قايتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنراق ياكى يىراقراق بىر مىيقاتقا قايتسۇن، ئوخشاش. چۈنكى ئۇ مىيقاتلارنىڭ ھەممىسى ئېھرام باغلىغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش.

ئەمما، بىرەر مىيقاتقا قايتمايلا، تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلىغان تەقدىردە، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، بۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرەدىكى بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ ئۆتۈش. بۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ، بۇ كىشى مىيقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

«مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئېھرام باغلىسا ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ مىيقاتى ئەمەس، مەككەدە ياشايدىغانلارنىڭ مىيقاتى. شۇڭا، بۇرۇنقى سىرتتىن كەلگەن چاغدىكى ئۆمرە ئۈچۈن ئەمەس، مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئۆمرە قىلماقچى بولسا ئاندىن «مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرسە بولىدۇ.

491 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ۋەتەندا قالغان ئاتا – ئانىمىز ھەققىدە ئۈمرە ۋە ھەجنى قانداق قىلىمىز؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكرى. كىشى ئۆزىگە پەرز ھەج ۋە ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاپات بولغان ياكى ھازىر ھاياتتا بولسىمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەرەمگە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ئۈچۈن ھەج – ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ.

492 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ ھەج توغرۇلۇق بىرنەچچە سوئالىم بار ئىدى، سىلىدىن پەتۋا ئالايمىكىن دېگەن.

1. مەن بۇ يىل ھەج قىلىش ئارزۇسى بىلەن كەلگەن، لېكىن «سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى ئەرەفاتتىكى تەكشۈرۈشلىرى بەك قاتتىق بولىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا بىرەر ئۆمەككە قېتىلىپ قىلالمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ئىھرامىنى ئورنىمىزدىن باغلاپ ئاندىن ئەرەفاتقا چىقىشىمىز سەل قىيىن بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز ئۆيدىن ئىھرامنىڭ نىيىتىنى قىلىپ يۇيۇنۇپ، ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ، ئىھرامنى كىيمەي نورمال كىيىم بىلەن ئەرەفاتقا چىقىۋېلىپ ئاندىن كىيسەك، ھەجنى تاپقان بولامدۇق؟

2. ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى ھەجدە ھەجنىڭ ھەممە ۋاجىباتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ تۇرۇپ ھەج قىلالىشى تەس بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا ھەربىر قىلىنماي قالغان ۋاجىباتقا بىردىن قوي قۇربانلىق توغرا كېلەمدۇ ياكى بىرنى قىلسىلا ئادا تاپامدۇ؟

3. ئادا قىلىنماي قالغان ۋاجىباتلار ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىق ھاجىلارغا ۋاكالىتەن يۇرتىدىكى يېقىنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ قويسا، شۇلار ئۇ ئادەمگە ۋاكالىتەن قىلىپ قويسىمۇ ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكرى.

1. مەككەدە ئۆيدىن چىقىشتا يۇيۇنۇپ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ ئىھرامنى كىيمەي نورمال كىيىم بىلەن ئىھرامنىڭ نىيىتىنى قىلىپ «تەلبىيە» ئېيتىپ، ئەرەفاتقا چىقىۋېلىپ ئاندىن ئەرەفاتتا كىيسە، ھەجنى تاپقان بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇنىڭ بىلەن ئىھرام بىلەن ئەرافاتتا تۇرۇشتىن ئىبارەت ھەجنىڭ ئاساسلىق ئىككى رۇكنى ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ (كېيىن ئىفازەت تاۋاپى بىلەن سەفا – مەرۋىدە سەئيى قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى رۇكنى قالىدۇ). چۈنكى، ئىھرام باغلاش ئىھراملىق كىيىمىنى كىيىش بولماستىن، بەلكى ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت. نىيەتنىڭ ئورنى بولسا دىلدۇر. ئىھراملىق كىيەلمىگەن بولسىمۇ «ئىھرام باغلىدىم» دەپ نىيەت قىلىشى ۋاجىب. نىيەت قىلغان بولسا، گەرچە ئىھراملىق كىيمىسىمۇ ئۇ كىشى ئىھرامغا كىرگەن، ئەمما كىيىم – كېچەك كىيىۋېلىش ئارقىلىق ئىھرامدا چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. بۇ نىيەتنى «لەببەيكە» دەپ ئېيتىپ تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. تەلبىيە ئېيتىش دېگەن «لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إِنَّ الْحَمْدَ، وَالنِّعْمَةَ، لَكَ وَالْمُلْكَ، لاَ شَرِيكَ لَكَ (ھازىر بولدۇم ئى ئاللاھ! ھازىر بولدۇم. ھازىر بولدۇم، سېنىڭ شېرىكىڭ يوق، ھازىر بولدۇم. شۈبھىسىزكى، جىمى ھەمدۇسانا، مەرھەمەت ۋە پادىشاھلىق ساڭا خاستۇر، سېنىڭ شېرىكىڭ يوقتۇر)» دېگەن كەلىمىلەرنى ئاۋازلىق ھالەتتە ئېيتىشنى كۆرسىتىدۇ. ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئىھرامنى نىيەت قىلغانلىقتىن، ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىنگە ئاشلىق ياكى بىر – ئىككى ۋاق تاماق بېرىش ۋەياكى بىر قوي قان قىلىش بىلەن بولىدۇ.

2. ھەربىر قىلىنماي قالغان ۋاجىباتقا بىردىن قوي قۇربانلىق توغرا كېلىدۇ. بەزىبىر خاتالىق سەۋەبلىك فىديە بېرىش توغرا كەلسە، يۇقىرىقىدەك تاللاش ئارقىلىق ئاشلىق ياكى سەدىقە فىديە بەرسىمۇ ۋەياكى قان قىلسىمۇ بولىدۇ.

3. ھەجنىڭ قۇربانلىقى چوقۇم مىنادا ياكى مەككەدە قىلىنىشى كېرەك. ئەمما، بىرەر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقتىن ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكتىن ۋاجىب بولغان قاننى يۇرتىدا قىلسىمۇ بولىدۇ. گەرچە بۇ مەسىلىدە مەزھەبلەرئارا قاراشلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، سەلەفلەردىن كەلگەن بىرقانچە بايانلاردىمۇ نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئومۇمىي دەلىللەرگە بىرمۇبىر نەزەر سالغىنىمىزدا، قۇربانلىقنى نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بۇ قۇربانلىقنىڭ ئۆزى يېمەيدۇ، يۇرتىدىكى پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

493 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. روزا ھېيتتا بىر كۈن نەپلە روزا تۇتۇش چەكلەنگىنىدەك، قۇربان ھېيتتا تەكبىر ئېيتىش تۆتىنچى كۈنى توختىتىلىدىغان بولغاچقا، 4 كۈن روزا تۇتۇلمامدۇ؟ بىز فرانسىيەدە تۇرىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەر مالىكىي مەزھەبتە. ئۇلارنىڭ مەزھىبىدە قانداق قارايدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىككى ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى (نەفلە ياكى كەففارەت، ياكى نەزىر روزا) روزا تۇتۇش ھارامدۇر. تەشرىق كۈنلىرى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ (يەنى ھىجرىيە 12 – ئاينىڭ) 11 -، 12 – ۋە 13 – كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كۈنلىرىدۇر. چۈنكى، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن. روزا ھېيت كۈنى بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان بىلەن باشقا ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان. بەزى كىتابلاردا ئىككى ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرى «روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بەش كۈن» دەپمۇ كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىدىغان ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان كۈنلەردۇر» دېگەن(«مۇسلىم»: 1141). روزا ھېيت كۈنى ئېغىز ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلغان كۈن بولۇپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ ھەمدە ئىسمىغىمۇ زىت كېلىدۇ. چۈنكى، «روزا ھېيت كۈنى» دېيىلىدىغان «يَوْم الْفِطْرِ»نىڭ سۆز تەرجىمىسى «ئېغىز ئېچىش كۈنى» بولۇپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇۋالغانلىق «ئېغىز ئېچىش كۈنىدە ئېغىزىنى ئېتىۋالغان»لىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا «ئىجماﺋ» بار. يەنى مالىكىي مەزھەبمۇ ھەنەفىي مەزھەبكە ئوخشاش بۇ 5 كۈندە روزا تۇتۇشنى ھارام دەيدۇ. لېكىن، تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلار روزا تۇتسا بولىدۇ.

494 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن غايىبانە دۇئا قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بۇنى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇقتۇرۇپ قويغىنىمىز ياخشىمۇ ياكى رىيا بولۇپ قالامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قېرىندىشىغا غايىبانە يەنى قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماي دۇئا قىلىش باشقىلارغا دۇئا قىلغانلىق ئەجرىگە شۇنداقلا پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇئا قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سىر ئىخلاس قىلىشتا ۋە دۇنياۋى مەنپەئەت كۈتمىگەنلىكتەدۇر. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

«كىم (مۇسۇلمان) قېرىندىشىغا غايىبانە دۇئا قىلسا، ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە: ”ئامىن! ساڭىمۇ شۇنىڭ ئوخشىشى بولسۇن! “ دەيدۇ». («مۇسلىم»: 2732)

دېمەك، قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماسلىق بۇ دۇئانىڭ شەرتى ۋە ئالاھىدىلىكى. ئەمما، قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماسلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ دۇئا قىلىپ، كېيىنچە ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ ئۇقتۇرسا، ئىخلاسنى زىدىلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەل ئىخلاس بىلەن قىلىنىپ بولغان.

495 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىز ياۋروپادا ياشايمىز، بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمىزنىڭ 2009 – يىلدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلىقى، ئەمما ھازىر خرىستىيان ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ھەققە دەۋەت قىلغان بولساقمۇ ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزى ياخشى، ئاق كۆڭۈل كىشى بولغاچ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ نورمال ئالاقىسى بار. ئەمدى بىز مۇشۇ خىل ھالەتتە ئۇ كىشى بىلەن قانداق مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولساق بولىدۇ؟ دەۋەتنىڭ كېيىنكى قەدىمىنى قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي سىزگە ئۇچۇر قىلىشىم، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئالدى بىلەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن ھىدايەت سورايمىز! دىنىمىزدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولۇپ كەتكەن كىشى «مۇرتەد» دەپ ئاتىلىدۇ. «مۇرتەد» ئىسلام دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى، شۇنداقلا مەنسۇبىيىتىنى، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كىملىكىنى ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكنىڭ پارچىلىنىشىغا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى دىنىمىزدا ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلامدا مۇرتەدنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مىراسلاشماسلىق، نىكاھلانماسلىق ۋە نامىزىنى چۈشۈرمەسلىك، بوغۇزلىغان مېلىنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك قاتارلىق ئايرىم ئەھكاملىرى بار. جۈملىدىن: ئۇنداق كىشىلەر نەسىھەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ مۇرتەدلىكىدە چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ياخشى كۆرۈش ﯞﻩ ئاللاھ ئۈچۈن ﻧﻪﭘﺮﻩتلىنىشمۇ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ»(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18547) دېگەن ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن ئىمان ۋە ئاللاھ يولىدا مۇھەببەت – نەپرەت پوزىتسىيەسىنى ئېنىق قىلىش كېرەك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولماسلىق، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىق ۋە سالام – سەھەت قىلماي تاشلىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغانلار ئۇنى يوقلاپ، دەۋەت قىلىپ تۇرسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى تۇغقاندارچىلىق سىلە – رەھىم ئاساسىدا بېرىش – كېلىش قىلسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 217).

﴿ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر. شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر. شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 86 — 91).

﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 54).

﴿كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا – كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ﴾(16/«نەھل»: 106). ۋەللاھۇ ئەئلەم!

496 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! «زەمزەمنى ياپون ئالىملىرى تەتقىق قىپتۇ. باشقا سۇغا 1% زەمزەم ئارىلاشتۇرسىمۇ ئۇ سۇغا زەمزەملىك خۇسۇسىيىتىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى تەجرىبە قىلىنىپتۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستمۇ؟ ئۇنداق بولسا، ئەكەلگەن زەمزەمگە سۇ قېتىپ مېھمانغا قۇيساق ياكى ساقلاپ ئىچسەك بولامدىغاندۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالىملارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدىن خەۋىرىم يوق. ئىشەنچلىك خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن. زەمزەمنى باشقا سۇلارغا ئارىلاشتۇرسىمۇ، ئۇ سۇلار زەمزەمنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىكى پىرسەنتىگە قاراپ زەمزەم نىسبىتى بولىدۇ. زەمزەم سۈيى ئۇلۇغ دىياردىن ۋە ئۇلۇغ بۇلاقتىن كەلتۈرۈلگەن شىفالىق مۇبارەك سۇ بولغاچقا، ئۇنى ئارىلاشتۇرماي، ساپ ھالەتتە سۇنۇش مۇناسىپ. ئەگەر ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، مېھمانلارغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.

497 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كۆپىنچىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى بانكىلارنىڭ كرېدى كارتلىرى ئارقىلىق ئېنتېرنېتتىن مال سېتىۋالغاندا، ساتقۇچى مالنىڭ پۇلىنى كارتىدىن تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، بانكا ئازراق پۇل ئېلىش بەدىلىگە ئۇ پۇلنى تاكسىت قىلىش (يەنى بىر قانچە ئايغا بۆلۈپ تاپشۇرۇش) مۇلازىمىتى بار ئىكەن. 1) مال ساتقۇچى تاكسىت قىلمايدىغان ماللارنى بىز كارتىدىكى پۇلغا سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، بانكىغا تۆلەشتە بۆلۈپ تۆلەش ۋە بىرئاز بۆلۈپ تۆلەش ھەققى بېرىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟ 2) ئەگەر بانكىغا ھېچقانداق پۇل بەرمەستىن، يەنى پەقەت شۇ سېتىۋالغان مالنىڭ پۇلىنى بۆلۈپ تاپشۇرساقچۇ؟

مەسىلەن: بىر مالنى 1000 لىراغا سېتىۋالدۇق دېسەك، مال ساتقۇچى كارتىدىن پۇلنىڭ ھەممىنى تۇتىدۇ، ئاندىن بانكا بىزگە «بۇ 1000 لىرانى 3 ئايغا بۆلۈپ تاپشۇرسىڭىز، ئايدا 350 لىرادىن تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇنداق قىلساق، مالنىڭ پۇلىدىن كۆپ تۆلەيمىز (يەنى 1050لىرا)، ئەمما بۆلۈپ تۆلەيمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، بىر قېتىمدىلا 1000 لىرا تۆلەيمىز.

بانكا بەزىدە پائالىيەت قىلىپ بۆلۈپ تۆلىسەكمۇ، بىر قېتىمدىلا تۆلىسەكمۇ ئارتۇق پۇل ئالماي مالنىڭ ئەسلى پۇلىنى تۆلەشكە ماقۇل بولىدىكەن. يەنى ئۇ چاغدا ئۈچكە بۆلسەكمۇ، بۆلمىسەكمۇ يەنىلا 1000 لىرا تۆلەيدىغان گەپ، بۇ چاغدا بۆلۈپ تۆلىسەك بولامدۇ؟ ۋاقىتلىرى چىققاندا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كرېدى كارتلىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭا، قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا كرېدى كارت ئىشلىتىش ھارام. تاۋار سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن پۇل بولسا بانكا كارت ئىگىسىگە بېرىپ تۇرغان قەرز بولۇپ، ئۇنى كېچىكىپ ياكى قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەش ئۈچۈن ئانا قەرزگە قوشۇلغان پۇلمۇ جازانەدىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ خىل ئىشتا جازانە توختام بىلەن قەرز ئېلىش ۋە جازانە يېگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى قات جازانە بار.

498 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر مۇنداق بىر ئەھۋال بار، كىتاب – ماتېرىياللار تۈركىيەدىكىلەرگە بىرخىل باھادا، ياۋروپا – ئامېرىكىدىكىلەرگە بىرخىل باھادا سېتىلىۋاتىدۇ، يەنە باشقا ھەرخىل تور دەرسخانىلىرىدىمۇ ئوخشاش دەرس ئوخشىمىغان دۆلەتتىكىلەرگە ئىككى خىل باھا (دوللار باھاسى، لىرا باھاسى) بويىچە ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. بۇخىل پەرقلىك باھا ئۇسۇلى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىشىلەر سودا – سېتىق، ئېلىم – بېرىملىرىدا ۋە ئۆز مال – مۈلكلىرىدە شەرىئەت ئەھكاملىرى دائىرىسىدە ئەركىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار! پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29). بۇنىڭغا ئاساسەن، ئالداش، يالغانچىلىق، ساختىلىق، مونوپوللۇق ۋە قايمۇقتۇرۇش بولمىسىلا، تاۋار ۋە خىزمەتنى ئىككى تەرەپ رازىلاشقان باھادا سېتىش – سېتىۋېلىش جائىزدۇر. كىتاب ساتقۇچىنىڭمۇ، دەرس ئۆتكۈچىنىڭمۇ ئوخشىمىغان دۆلەتتىكىلەرگە ياكى ئوخشىمىغان توپلارغا پەرقلىق باھا قويۇشى يۇقىرىقى دائىرىدە بولسا جائىزدۇر.

499 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلەمدۇ؟ نامىزىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ ئائىلىسىدىكىلەر قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىسلام ھارام قىلغان ئېغىر جىنايەت ۋە چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29،) دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئېيتقانكى: «ئۆزىنى بوغۇپ ئۆلۈۋالغان ئادەم دوزاختىمۇ ئۆزىنى ئۆزى بوغۇپ جازالىنىدۇ، ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆلۈۋالغان ئادەم دوزاختىمۇ ئۆزىگە ئۆزى تىغ تىقىپ جازالىنىدۇ»(«بۇخارىي»: 1365). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسىتىش ۋە كىشىلەرنى بۇ ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، ساھابە كىراملەرنىڭ چۈشۈرۈشىگە يول قويغان. چۈنكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇپۇر ئەمەس. ئەھلىسۈننە – ۋەلجامائە ئېتىقادىدا مۇسۇلماننى شىرك ۋە كۇپۇردىن باشقا بىرەر گۇناھ سەۋەبلىك كاپىر دېيىش يوق. شۇڭا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە نامىزىغا قاتنىشىش پەرز كىفايەدۇر. ئۇنداق بولىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلسا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، دۇئا قىلىپ قويسا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بەرسە ھېچقىسى يوق.

500 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! دېڭىزغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇش گۇناھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم: «ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯘﻏﺎ سىيمىسۇن، كېيىن ﺋﯘ ﺳﯘﺩﺍ ﻏﯘسۇل قىلىپ قالىدۇ» ﺩﯦﮕﻪن(«بۇخارىي»: 239)، يەنە: «لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىڭلار، ئۇلار بولسا: سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋە كىشىلەر سايىدايدىغان ئورۇنلارغا چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشتۇر»(«ئەبۇ داۋۇد»، 26) دېگەن. بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئالىملار كۆلچەكلەر، ئېقىن سۇلار ۋە دېڭىزدەك كىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان ياكى ئىچىدىغان سۇلارغا چوڭ ۋە كىچىك تەرەت قىلىشنى سۇنى مەينەت قىلغانلىق، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىك ۋە كېسەل تارقىلىشقا سەۋەب بولۇش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ «ھارام»، «مەكروھ» ۋە «ئادەمىي ئەخلاققا زىت» دەپ قارايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ