مۇقەددەس كىتابلاردىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

مۇقەددەس كىتابلاردىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

ئاپتورى: پروفېسسور ئابدۇلئەھەد داۋۇد

ئىنگلىزچەدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇستاز سەييىد مەھبۇب ئەلى شاھ

سۇنغۇچى: دوكتور فۇئاد ئابدۇلمۇنئىم ئەھمەد

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە: مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت.

 

مۇئەللىفنىڭ كىتابىنىڭ بېشىدا قىلغان سۆزى: مەن شۇنى ئوچۇق دەپ قويۇشنى خاھلايمەنكى، بۇ تەتقىقاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلار مېنىڭ شەخسىي كۆزقاراشلىرىم بولۇپ، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن.

ئوچۇق بىلىنسۇنكى: مەندە خىرىستىيان دوستلىرىمنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى يارىلاندۇرۇش غەرىزى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، مەن ئىمان نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەزرىتى ئىيسا، ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنى خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىمەن. زىرا ئاللاھ تائالا: ﴿ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلار) گە ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، يەنە بىز ئۇنىڭغا (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلارمىز»﴾(2/«بەقەرە»: 136) دېگەندۇر. شۇنداقلا پېقىر شەخسەن خىرىستىيانلار بىلەن ئارىمىزدا شىددەتلىك بىر تالاش – تارتىش سەھىپىسىنى ئېچىشنىمۇ خاھلىمايمەن. بىراق، مەن ئۇلارنى بارلىق سەمىمىيىتىم بىلەن چىن دىلىمدىن بۇ مۇھىم تېما ئۈستىدە سالماق ۋە دوستانە ئىزدىنىپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ناۋادا خىرىستىيانلار ئۆز ئېتىقادلىرىنى بىر تەرەپتە قويۇپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ۋەھدانىيىتىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھاسىل بولغۇسى بىر ئورتاقلىق ئېھتىماللىقتىن ھالقىپ مۇقەررەرلىشىدۇ، ئەلبەتتە. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا ئاللاھنى «بىر» دەپ بىلىشكە توختىغاندا پەرقلىق ئىدېئولوگىيەلىك كۆزقاراشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.

كىتابنىڭ مۇئەللىفى: ئابدۇلئەھەد داۋۇد، ئەسلى ئىسمى دېيۋىد بېنجامىن كەلدانى (David Benjamin Keldânî) بولۇپ، رىم كاتولىك مەزھىبىنىڭ سابىق پوپى ئىدى. ئۇ چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە چۈشىنىپ يەتكەن ۋە قانائەت ھاسىل قىلغان ھالدا مۇسۇلمان بولغان ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ﴿ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر. ئۇلار ھەرقانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 112 – 115) دەپ سۈپەتلەنگەن ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار) ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مۇئمىنلەردىن بىرى ئىدى.

 ئابدۇلئەھەد قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سەمىمىي ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمانلار سېپىگە قوشۇلدى ھەمدە ئىسلام ۋە ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

 

 ئابدۇلئەھەدنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئابدۇلئەھەد داۋۇد (ھ. 1282) مىلادى 1866 – يىلى ئىراننىڭ ئۇرمىيە شەھرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا كاتولىك مەزھىبى بويىچە تەربىيەلىنىپ، بۇ ساھەدە يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1892 – يىلى رومادىكى «فايد (Propaganda Fide College)» دىن ۋە پەلسەپە تەتقىقات فاكۇلتېتىغا كىرىپ 1895 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە پوپلۇققا تەيىنلەنگەن.

1897 – يىلى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەۋخارىستىيا «تەڭرىنىڭ داستىخىنى (Eucharistic Congress)» قۇرۇلتىيىدا شەرق كاتولىك مەزھىپىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاللانغان.

1895 – يىلى تۇنجى قېتىم، تىرىك سۇريانىي تىلىدا «ھەقىقەت ساداسى (Qala-La-Shárá)» نامىدا ژۇرنال چىقىرىپ خىرىستىيان دىنى ھەققىدە تەشۋىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلغان. «مەريەم مۇناجاتى (Ave Maria)»نى بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ 1900 – يىلى سۆزلىگەن «يېڭى ئەسىر ۋە زامانىۋىي ئىنسانلار» ناملىق نۇتقى ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنى تەشۋىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى نۇتقى بولۇپ قالغان. شۇ يىلى ئۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ شەكسىز ھەقىقەت يولىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈگەندىن كېيىن، چېركاۋنىڭ پۈتۈن قارشىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئۆز ئىختىيارى بىلەن پوپلىقتىن ئىستىپا بەرگەن ۋە تەبرىزدە پوچتا ۋە تاموژنا ئىدارىسىدا مۇپەتتىش بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنرەك ئوقۇتقۇچى ۋە تىلماچ سۈپىتىدە ئىران قاچار خانىدانى ۋەلىئەھ شاھزادىسى ۋە تەبرىز ئەمىرى مۇھەممەد ئەلى مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرگەن.

1904 – يىلى ئىستانبۇلدا شەيخۇلئىسلام جامالىددىن ئەپەندى ۋە نۇرغۇن ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئىستانبۇلدا ياشىغان توققۇز يىل مابەينىدە يوقسۇللۇققا، بالىچاقا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ھىجران ئازابىغا چىداپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش/تەتقىقات ۋە ئۆزى ھەق بىلىپ مەھكەم ئېسىلغان دىنغا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىش يولىدا بار – يوقىنى تەسەددۇق قىلغان.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئىنجىل ۋە كرېست (The Gospel and the Cross)» بولۇپ، بۇ كىتاب ئۆز بابىدا يېگانە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇشبۇ كىتابىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كرېستقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسىنىڭ ئويدۇرۇلغان بىر ئەپسانىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

بىز كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى بولغان «مۇقەددەس كىتابلاردىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ناملىق ئەسەر بولسا ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇرمىلانغان مۇقەددەس كىتابلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق نۇبۇۋۋەتىنى ئىسپاتلاشتا مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا يېزىلغان ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.

ئابدۇلئەھەد مۇنداق دەيدۇ: «بىرەر دىننى تەتقىق قىلماقچى بولغان كىشى قائىدە بويىچە ئۆزى باھالىماقچى ۋە رەددىيە بەرمەكچى بولغان دىننىڭ ئەھكاملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇشى، ئۇ دىننىڭ ئاساسىي ۋە تارماق مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ يەكۈنلىگەن بولۇشى؛ ئەينى دەمدە ئۆزى دەۋەت قىلماقچى بولغان دىننىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ھەقىقىي بەخت – سائادىتىگە كاپالەت سۈپىتىدە باقىي ئالەمگە دائىر مۇقەددەساتلىرى ۋە پانىي ئالەمنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئامىللىرىنى بايان قىلالىشى كېرەك».

ئابدۇلئەھەد ئەنە شۇنداق يول تۇتۇپ ماڭغان. ئۇ ئىبرانىيچە، ئارامىيچە ۋە سۇريانىيچە يېزىلغان مۇقەددەس كىتابلارنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇزۇن يىللار خىرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇقەددەس كىتابلارنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ جەريانىدا مەزكۇر كىتابلاردىكى بىر قىسىم ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشلارنى بايقىغانىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ قىممەتلىك تەتقىقاتىغا بۈيۈك بىر ئەۋزەللىك قوشقان ئىدى.

مەزكۇر كىتاب مالايشىيا «ساراۋاك (Sarawak)» ۋىلايىتىدىكى «ئىسلام گۈللىنىش جەمئىيىتى»نىڭ تەلىپى بىلەن «قاتار شەرىئەت مەھكىمىسى» ۋە «قاتار دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى»نىڭ ساخاۋىتىدە ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇپ پايدىلىنالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سىنگاپوردا ئىنگلىزچە نەشر قىلىندى.

 

مۇئەللىف بۇ كىتابىنى ئاساسلىق ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: تەۋراتتىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

ئىككىنچى قىسىم: «ئىنجىل»دىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

 

مۇئەللىف كىتابىنىڭ «تەۋراتتىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ناملىق بىرىنچى قىسمىدا «ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى»دىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم نۇقتا بىلەن تەتقىقاتىنى باشلاپ، «ئاللاھ» دېگەن سۆزنىڭ ئىبرانىي تىلدا: «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان، پۈتكۈل كائىنات ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ھاياتلىق ئىشلىرىنى پىلانلىغان، شەيئىلەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ئىلاھنىڭ زاتى» دېگەن مەنادا قوللىنىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ زات ھەقىقىتىنىڭ ئىنسان ئەقلىدىن تاشقىرى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ زاتىدىن ئايرىم تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئاللاھ ئۆزى سۈپەتلىگەندەك بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنى گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىشى لازىملىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

ئۇ يەنە ئېنىق قىلىپ ئاتا (ئاللاھ)، ئوغۇل (ئىيسا)، مۇقەددەس روھ (جىبرىل ئەلەيھىسسالام) قاتارلىقلارنى «بىر ئىلاھقا مەركەزلەشكەن ئۈچ ئىلاھ» دەيدىغان خىرىستىيانلىق ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇق ئەقىدە ئىكەنلىكىنى، ئاتا (ئاللاھ) غا ياراتقۇچى ۋە ۋەيران قىلغۇچى، ئوغۇل (ئىيسا)غا پىداكارلىق، مۇقەددەس روھ (جىبرىل) غا بولسا ھاياتلىق سۈپەتلىرىنى بېرىشنىڭ يەككە ھالەتتە بولسۇن ياكى بىرلەشكەن ھالەتتە بولسۇن ماھىيەتتە مۇكەممەل بولمىغان ئۈچ خىل مەۋجۇتلۇقنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى، ئۈچ خىل مەۋجۇتلۇقنىڭ دەرىجە پەرقىنىڭ ئاساسى ئاتا (ئاللاھ) ئوغۇل (ئىيسا) دىن، ئوغۇل (ئىيسا) مۇقەددەس روھ (جىبرىل) دىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بولۇپ، بۇ مۇقەددەس بىرلىكتىكى تەرتىپكە رىئايە قىلماسلىق بولسا كەچۈرگۈسىز گۇناھ ھېسابلىناتتى.

ئابدۇلئەھەد «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى «كەلىمەتۇللاھ» ئىبارىسى بىلەن سۈپەتلىگەنلىكىنى، خىرىستىيانلارنىڭ بۇ ئىبارىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى «ئاللاھنىڭ بىر كەلىمەسى» ئىبارىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ دېگەن باھانە بىلەن ئىيسانىڭ ئەت ۋە سۆڭەككە يوشۇرۇنغان ئىنسان شەكىلدىكى ئالاھىدە بىر ئىلاھىي ۋۇجۇدقا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن تەپسىرلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەپسىرلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىزاھلايدۇ. دەرۋەقە چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ كەلىمەنىڭ گرېك تىلىدىكى ھەقىقىي مەنىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

«ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان ۋاقتىدا ۋۇجۇدقا كەل دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەريەم ئانىمىزنىڭ بەچچىدانىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام بارلىققا كەلدى».

ئۇ ئاخىرىدا «تەۋرات» ۋە «قۇرئان»نىڭ «مۇقەددەس ئۈچ ئىلاھلىق» ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى «ئىنجىل»نىڭمۇ بۇ ئەقىدىنى ئوچۇق شەكىلدە قوللاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، «ئۈچ ئىلاھ»لىق ئەقىدىسى ھەققىدىكى «ئىنجىل» بايانلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەقىدىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئۇ «ئىنجىل»لار ھەزرىتى ئىيسانىڭ تىلى بىلەنمۇ يېزىلمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام زامانىدىن ئاز دېگەندە ئىككى ئەسىر كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. دېمەك: ئاللاھ ئوغۇل (ئىيسا)نىڭ ئاتىسى ئەمەس، شۇنداقلا ئاتىنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەس، ﴿ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس﴾(112/«ئىخلاس»: 3).

 

ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشى بىلەن بېشارەت بېرىدۇ

 مۇئەللىف يەنە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «تەۋرات»تىكى «مەدھىيە ۋە سالام» كەلىمەسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى خەۋەر قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. دېمەك، مالىشىيا (سۇريانىيچە يېزىلغان «تەۋرات» نۇسخىلىرىدىن بىرى) دىكى «كۈتۈلگەن ئىنسان» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىدى. ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار كەلگەن ئىدى: «قارا، مەن يېقىندا بىر ئەلچى ئەۋەتىمەن ئۇ ئالدىدا يول ھازىرلايدۇ، تۇيۇقسىز ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ سەن ياخشى كۆرىدىغان ئۇلۇغ يول ھەمراھىڭدۇر، ئۇ سەن سۆيۈنىدىغان، ۋەدە قىلىنغان پەيغەمبەردۇر».

«ئۇنى قويۇۋەتمە! ئۇ كېلىپ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ». بۇ سۆزلەر «قۇرئان كەرىم»دىكى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئۇيغۇن كېلەتتى: ﴿ئاللاھ بارچە نۇقساندىن پاكتۇر. ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 1).

 ئۇ ئىسرا ۋە مىراجنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ، جۈملىدىن مۇسا ۋە ئىلياس ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تەجەللى تېغىدا جىسمەن زاھىر بولۇشى مۇمكىن بولغىنىدەك ئەقىلغا سىغىدىغان مەقبۇل ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە «ھەمد» ۋە «ئەھمەد»دىن ئىبارەت ئىككى كەلىمىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ سۆز يىلتىزىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»دە «ئەھمەد»نىڭ كېلىدىغانلىقى ئىيسانىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىيسا «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن «تەۋرات»نى تەستىقلىغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى﴾(61/«ساف»: 6).

ئۇ يەنە ئامىنەنىڭ ئاتىسىز قالغان ئوغلىغا «مۇھەممەد» دەپ ئىسىم قويۇلۇشىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقىنى، بۇ ئىسىمنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىسىم ئىكەنلىكىنى روشەن بايان قىلدى ۋە بۇنى ئىسلامغا نىسبەتەن بۈيۈك بىر مۆجىزە ھېسابلىدى.

 

ئەھدە ئىسھاققا ئەمەس ئىسمائىلغا بېرىلگەن

مۇئەللىف: «ئاۋۋال تۇغۇلۇش» مەسىلىسى ۋە «ساماۋىي ئەھدە» توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسھاق ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلىقى ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھاجەردىن تۇغۇلغان قانۇنلۇق بالىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاللاھ بىلەن ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئارىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ ئىسمائىل تۇغۇلغان ۋاقتىدا بولغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىنىڭ بىرى ئىسمائىلنىڭ خەتنە قىلىنىشى ۋە پاكلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن پات يېقىندا ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتى يەر يۈزىدىكى پۈتۈن خالايىقلارغا ئومۇملىشىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: «سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن كەلگەن بالا ساڭا ۋارىسلىق قىلىدۇ» دېگەن بايانلار باردۇر. بۇ ئەھدە ئىسمائىل تۇغۇلغان ۋاقتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇ «زەبىھۇللاھ (ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق)»نىڭ ئەسلىدە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى، ۋەھالەنكى بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ كىتابلارنى ئۆزگەرتىپ ئىسمائىل دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا ئىسھاق ئىسمىنى قويۇپ قويغانلىقىنى سەۋەبلىك ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭ دەل (تەۋراتقا) ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ تىپىك دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھەقىقەتەنمۇ «تەۋرات»تا مۇنداق بايانلار كەلگەن ئىدى: «بىردىنبىر ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ، ساھىللاردىكى قۇملارنىڭ سانىدەك كۆپەيتىمەن». كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتىنىڭ ھاجەرگە سەھرادا دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ: «ئەۋلادلىرىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، ئۇلارنى سان – ساناقسىز كۆپەيتىمەن، ئىسمائىل مېۋىلىك بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ». خىرىستىيانلار «مېۋىلىك» دېگەن كەلىمىنى ئىبرانى تىلىدىن «ياۋا ئېشەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان كەلىمىگە تەرجىمە قىلىۋەتكەن ئىدى(1).

ئۇ «بارنابا ئىنجىل (Gospel of Barnabas)»ىدا كەلگەن: «ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام (ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى) ‹ئۇلۇغ پەيغەمبەر ــ قرال داۋۇدنىڭ نەسلىدىن كېلىدۇ› دېگەن يەھۇدىيلەرنى ئەيىبلىدى» دېگەن سۆزلەرنى دەلىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھدىسنىڭ ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ۋەدە ئىكەنلىكىنى، ئىسمائىلنى ئاتىسى «ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق» قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، «سېنىڭ بىردىنبىر ئوغلۇڭ» كەلىمىسىنىڭ ئەسلىدە ئىسھاقنى ئەمەس ئىسمائىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

ھاۋارىي پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرىنىڭ پاساتچىلىقى

مۇئەللىف ھاۋارىي پاۋلۇسنىڭ(2) مەكتۇبلىرىنىڭ پىتنە – پاسات تۇغدۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى كەمسىتىش ئىدىيىسى بارلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى. چۈنكى، ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سىڭلىسى سارە بىلەن نىكاھلانغان دەپ بۆھتان چاپلاپلا قالماي ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ھالبۇكى بۇ ھەقىقەت بولغاندا ئىدى، بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى. بۇ ئىددىئا بويىچە ئىسھاق ئەلەيھىسسالام يىرگىنچلىك قىلمىشتىن توغۇلغان ئوغۇلغا ئايلىنىپ قالاتتى.

مۇئەللىف مۇنداق دەيدۇ: «سوراپ باقايلى: بۇ ھاۋارىي بۇ لەنەتلىك جىنايەت ھەققىدىكى ‹ئۆزىنىڭ قېرىنداش ياكى قانداش ھەمشىرىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان كىشىگە ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن! پۈتۈن ئىنسانلار بۇنىڭغا «ئامىن» دېسۇن!› دېگەن بايانلارنى ئوقۇپ باقمىغانمىدۇ؟

ئۇ ئاخىرىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پەيغەمبەر ۋە قەبىلە رەئىسى ئىكەنلىكىنى، كىچىك ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆي – مۈلۈكلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا «ئەھدە ساھىبى» ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بىنا قىلغان بەيتۇللاھنى قوغداش ئۈچۈن ھىجازغا كېتىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا ئاللاھ ئىسمائىلغا پەيغەمبەرلىك ماقامى ئاتا قىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىپ ئۆز دەۋرىگە ئۇيغۇن بولغان شەرىئەتنى ئەمىلىيلەشتۈرگەنلىكىنى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىپ جاھانغا تارقالغانلىقى ۋە مۇشۇ ئەۋلادلار ئىچىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

 

«تەۋرات»تىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

مۇئەللىف ئابدۇلئەھەد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەش ئۈچۈن «شىيلو»نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «تەۋرات»تا تىلغا ئېلىنغان «شيلو» كەلىمىسىنىڭ سەلتەنەت ۋە شەرىئەت ساھىبىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ كەلىمە تۈگەنچە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى. چۈنكى، «تەۋرات»تىكى بىر ئىبارىدە: «شىيلو» كېلىپ ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەنگە قەدەر سەلتەنەتنىڭ يەئقۇب ئوغلى يەھۇزادىن ئايرىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ يەنە يەھۇزا قەبىلىسىنىڭ ئۇزاق زامانلار ئەۋۋەل تامامەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە يەھۇزا ئۇرۇقىدىن بىرەر شەخس ياكى جامائەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ھالبۇكى يەھۇدىيلەرنىڭ تېخىچە پەقەتلا «شىيلو»نىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئۆزىنىڭ «تەۋرات»نى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، ھەرگىزمۇ «تەۋرات»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان شەرىئەت بىلەن كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا خالىس تەۋھىد ۋە ئىلگىرىكى بارلىق شەرىئەتلەرنى، جۈملىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان شەرىئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەقىدىدىن تەركىب تاپقان ئەڭ ئاخىرقى دىننى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئەڭ ياخشى ئىسلام دۆلىتى بەرپا قىلالىغانلىقىنى، نەتىجىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەلتەنەت ۋە شەرىئەت ساھىبى «شىيلو» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە بۈيۈك كۇنستانتىننىڭ ھەق ھىدايەت يولىدىكى خىرىستىيانلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ، «دانىيال پەيغەمبەر» ناملىق كىتابنىڭ 7 – بابىدا كەلگەن «بۈيۈك ھادىسىلەر» ئىبارىسىنى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەزگىلى دەپ تەپسىر قىلىدۇ.

ۋاقتاكى دانىيال ئەلەيھىسسالام چۈشىدە تۆت جانىۋارنى كۆرگەن ئىدى. ساماۋىي پەرىشتە ئۇنىڭغا مەزكۇر چۈشنىڭ تەبىرىنى مۇنداق بايان قىلغان:

بىرىنچى جانىۋار قاناتلىق شىر؛ بۇ دۈشمەنلىرىگە بۈركۈتتەك تېز ھەم كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدىغان كەلدان ئىمپېرىيەسىنىڭ سېمۋولى ئىدى.

ئىككىنچى جانىۋار ئېيىق؛ بۇ ئېفىيوپىيەگىچە يېتىپ بېرىپ، يەر شارىنىڭ شەرقىي يېرىم شارىدىكى ئۈچ قىتئەنى ئىشغال قىلغان قەدىمكى فارس ئىمپېرىيىسىگە سىمۋول قىلىناتتى.

ئۈچىنچى جانىۋار بولغان تۆت قاناتلىق ۋە تۆت باشلىق يولۋاس بولسا ئىسكەندەر فەتھىلىرىنىڭ سىمۋولى ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىپايان مەملىكىتى تۆتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.

تۆتىنچى جانىۋار ئون مۈڭگۈزلۈك تۆمۈر چىشلىق ھايۋان بولسا: قەدىمكى خىرىستىيانلارنى دەھشەت ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغان ئون نەپەر روما ئېمپېراتۇرىنىڭ سىمۋولى ئىدى.

مۇئەللىف ئابدۇلئەھەد تۆتىنچى جانىۋارنىڭ بېشىغا ئۇرغان «كىچىك مۈڭگۈز»نىڭ يالغاندىن خىرىستىيان سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە خىرىستىيان دىنىغا بىر تەرەپتىن «مۇقەددەس ئۈچ ئىلاھ» ئەقىدىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن نىكېئا (بۈگۈنكى تۈركىيە بۇرسا ۋىلايىتى ئىزنىك ناھىيىسى) دا مىڭدىن ئارتۇق راھىب قاتناشقان قۇرۇلتاي ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىنكى پادىشاھلىق پەرمان بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىنىڭ – قۇستەنتىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ ساپ ئەقىدىلىك خىرىستىيانلارغا قاتتىق زەربە بېرەتتى، كىتابلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ چېركاۋلىرىنى تاقىغان ئىدى ھەمدە چېركاۋلارنى ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىۋەتكەن ئىدى.

 

دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈش تەبىرى

 ئابدۇلئەھەد دانىيال ئەلەيھىسسالام كۆرگەن چۈشنى تىلغا ئالىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چۈشتىكى «ئېسىلزادە ئوغلى» دەپ سۈپەتلەيدۇ. دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىكى «پەيغەمبەرلەر سۇلتانى، ئىنسانىيەتنىڭ يولباشچىسى» دەپ سۈپەتلەنگەن، تۆت كۆز بىلەن كۈتۈلۈۋاتقان شەخسنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى ۋە دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىكى «بەرناشا ــ ئېسىلزادە ئوغلى»نىڭ بۇلۇت ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە كەلگەن بايانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستۈنكى ئالەملەرگە قىلغان مىراج سەپىرى ۋەقەلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا (بىر لەھزەدە) سەپەر قىلدۇرۇلغان. ئاندىن ئۇنى ئۈستۈنكى ئالەملەرگە ئېلىپ چىققان زات ھەر شەيئىگە قادىر بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ دۇيادىكى تارتىش كۈچى قانۇنى دائىرىسىدىن ئۆزى ياراتقان باشقا بىر ئىلاھىي قانۇنلار دائىرىسىگە ئېلىپ چىققان ئىدى. ئاپتور داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «خاجەم/چوڭام» ئىبارىسى بىلەن تىلغا ئالىدىغانلىقىنىمۇ نەقىل كەلتۈرىدۇ ۋە «تەۋرات»تا كەلگەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئەسلى تېكىستىنى ئېچىپ تاشلايدۇ: «مېنىڭ ئىگەم خاجەمگە ئوڭ تەرىپىمدە ئولتۇر، دۈشمەنلىرىڭنى ئىككى قەدىمىمنىڭ ئاستىدا خار قىلىپ بەرگەيمەن دېدى». («ماركوس ئىنجىلى»، 12: 36)

ئۇ بۇ يەردىكى «ئىگەم» ئىبارىسى ئاللاھنى، «خاجەم» ئىبارىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەزرىتى داۋۇد قرال بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىبراھىم، يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر «ئاتىلار»، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر بولسا «ئوغۇللار» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىرىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە يەھۇدىيلەرنىڭ «خاجەم» ئىبارىسى «ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالام»نى كۆرسىتىدۇ دېگەن قارىشىغا قارىتا ــ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى بۇنى ئوچۇقچە ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن تۇۋاقلىدى، داۋۇد: ــ «بۇ ۋەدە قىلىنغان كىشى» ئەگەر ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولسا قانداقمۇ ئۇنى «خاجەم» سۆزى بىلەن تىلغا ئالسۇن؟

مۇئەللىف بۇ تېكىستنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ قانداقتۇر ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ، ناسارالارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇئەللىف يەنە خىرىستىيانلار ئارىسىدا ئوقۇش چەكلەنگەن «بارنابا ئىنجىل»ىنىڭ خىرىستىيان دىنى كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ھەقىقىتىنى ئەڭ كۆپ ئايدىڭلاشتۇرىدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ساغلام سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ ۋە ئەھدىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا بولۇپ، ئۆتكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىنى ئاسماندا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ توغرىسىدا بىر قانچە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا «بارنابا ئىنجىل»ىنىڭ باشقا كىتابلارغا قارىغاندا ساماۋى كىتابلارغا بەكرەك ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساماۋىي ئەھدىنىڭ ئەلچىسىدۇر

ساماۋىي ئەھدىدىكى ھەقىقەتنىڭ بايانى

مۇئەللىف خىرىستىيان ئۆلىما ۋە ئاۋامنىڭ «ئىنجىل» تېكىستلىرىنىڭ ئەسىل مەنىسىگە ئالاقىدار خاتا چۈشەنچىلىرىنى تۈزىتىدۇ:

«مەن يېقىندا پەيغەمبەر ئەۋەتىمەن، ئۇ ئالدىمدا يول ھازىرلايدۇ، سەن ئىزدەۋاتقان ئاشۇ خاجە، سەن ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ پەيغەمبەر ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ، قاراپ تۇر. ئۇ كېلىدۇ» («تاناھ» ۋە «كونا ئەھد»نىڭ بىر كىتابى بولغان «مالاكى كىتابى»، 3: 1).

ئۇلار بۇ تېكىستتىكى بىرىنچى پەيغەمبەر – يەھيا، ئىككىنچى پەيغەمبەر بولسا ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىيسا دەپ قارايتتى.

مۇئەللىف يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ يول ھازىرلىمىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتاب نازىل بولمىغانلىقىنى، يېڭى بىر شەرىئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىلەر گەرچە ئۆز ئىچىدە ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، تۆت خىل «ئىنجىل»دا ئورتاق بىرلىككە كېلىنگەن ئىختىلاپسىز بىر مەسىلە ئىدى.

ئۇ ھەر خىل شەكىللەردىكى «بۈيۈك ھادىسە» ئىبارىسىنىڭ ئوخشاش بىر ئادەمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ پەيغەمبەر»نىڭ ئەھدە قىلىنغان پەيغەمبەر (يەنى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن) شەرىئەت ساھىبى، باتۇر قوماندان، ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، بۈيۈك ئەخلاقلىق دېگەن سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقىنى، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدۇ ھەمدە ھەقىقەتپەرۋەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسلامنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

مۇئەللىف يەنە بارچە قەۋملەر ئارىسىدا ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئەڭ كۆپ يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسىنىڭ «تەۋرات» شەرىئىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنى ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىككە نىسبەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسرائىل بۇتپەرەس پادىشاھىنىڭ نازارىتى ئاستىدا «بەئىل» ياكى باشقا (ئاتالمىش) ئىلاھلار نامى بىلەن كاھىنلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنداقلا «تەسنىيەتۇلئىشتىرا»(3) تومىدا ئىرمىيا (Jeremiah) ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدا كەلگەن تۆۋەندىكى بايانلارنىمۇ قايتا – قايتا تىلغا ئالدى: «ئىسلامغا دەۋەت قىلىش بىلەن پەيغەمبەرلىك قىلغان پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ھەق بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر».

«قۇرئان كەرىم» ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىگە ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى لازىم تۇتۇپ چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىشقا چاقىرىش بىلەن ئىسلامنى يەتكۈزگەنلىكنى بايان قىلىدۇ.

 

 ئىسلام ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىدۇر

ئابدۇلئەھەد ئىسلامنىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى سەلتەنىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ دانىيالنىڭ كىتابىدا كەلگەن «مەملىكەت، سەلتەنەت ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈلۈك سەلتەنەت بولىدۇ. بارلىق سەلتەنەتلەر ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ ۋە ئىتائەت قىلىدۇ» دېگەن مەتىن بىلەن كەڭ مەنىدىكى ئىسلام مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، يەنى تەۋھىد ئۈستىۋارلىقىدىكى بارلىق دىنلارنىڭ سەلتەنىتى دەۋەتچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ سەلتەنەت دائىرىسى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشى بىلەن ئاللاھنىڭ زېمىندىكى سەلتەنىتى ئەمەلگە ئاشتى. چۈنكى، ئۇ دىن ئىلگىرىكى دىنلارنى تولۇقلىغۇچى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچى دىندۇر. مۇسەۋىيلىك بىلەن خىرىستىيانلىق ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار ئوتتۇرىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىپ ئارىنى ئىسلاھ قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئىككى دىننى ھەممە كىشىنىڭ ئوخشاش مۇسۇلمان بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان ئىسلام دىنى بىلەن بىرلەشتۈرگۈچىدۇر.

ئۇ يەنە ئىيسا ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەۋارىيلىرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاپ: «گەرچە خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلەر مۇناجاتلىرىدا ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكرار – تەكرار تىلغا ئالىدىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەزمۇننى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە شەرھلەپ، ئۇنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ۋە باشقا چېركاۋلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان چېركاۋ دەپ قارىۋالىدۇ» دەيدۇ.

ئۇ خىرىستىيانلار ئوقۇيدىغان مۇنۇ «مۇقەددەس ھۆكمەت» ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇ: «ئاسمانلاردىكى پەرۋەردىگار ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر، ئۇ زېمىندا ئەمىنلىك بەرپا قىلدى. ئىنسانلار ئارىسىدا گۈزەل نىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى». ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى ئېلان قىلىدۇ: «ئۈستۈنكى ئالەملەردىكى ئاللاھقا گۈزەل مەدھىيەلەر خاستۇر، زېمىندا ئىسلام بار. ئىنسانلار ئارىسىدا ‹ئەھمەد› ئەلەيھىسسالام باردۇر» («لۇكا ئىنجىلى»، 2: 14).(4)

چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىپ يەھۇدىيلەر ئۆز نەسلىدىن چىقىدۇ دەپ قارايدىغان «ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى» ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كېلىدىغان بولۇپ، «ئەھمەد» ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىيلەرنىڭ نەسلىدىن كېلىشى يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى سەلتەنىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى جىھادقا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەل ئاللاھ تەرىپىدىن ھىدايەت ۋە ھەق دىن ئۈزرە بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «ئىنجىل» رىۋايەتلىرىدىكى «ئېسىلزادە ئوغلى» بولۇپ، زۇلمەت دۆلەتلىرىگە خاتىمە بېرىدىغان ئىسلام دۆلىتى قۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەنىدى.

مۇئەللىف مۇنداق دەيدۇ: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بەنى ئىسرائىلغا خاس ئىدى، ئۇ شەرىئەتنىڭ ئۆزىگە خاس ماددىي ۋە مىللىي خاراكتېرى بار ئىدى. لېكىن، بەنى ئىسرائىل ئالىملىرى ۋە پۈتۈكچىلەر ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئادىتىگە ئەگىشىپ بۇرمىلىۋېتىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەتلەرنى ئەيىبلىدى. ئاشۇ يەھۇدىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن ئادا – جۇدا بولدى. ئۇلارنى خىيانەت بىلەن ئەيىبلىدى، شەيتاننىڭ بالىلىرى دەپ سۈپەتلىدى».

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار ئەلچىگە، ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» لاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 157).

 

«يېڭى ئەھد»(«ئىنجىل») تىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولمىش «‹ئىنجىل›دىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» كەلسەك، مۇئەللىف ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تىلى بولغان ئارامى تىلىدا ھەقىقىي بىر «ئىنجىل» قالدۇرمىغانلىقىنى، كىشىلەر ئارىسىدا قوللىنىلىۋاتقان، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاۋارىيلىرىدىن قالغان تۆت «ئىنجىل»نىڭ ماھىيەتتە گرېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەز – نەسىھەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۇريانىي تىلىدا يېزىلغان بىر «ئىنجىل» نۇسخىسى «بەشىتا / Peshitta (قولاي تەرجىمە دېگەن مەنىدە)»نى ئاساسىي دەلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەزكۇر نۇسخىدا «ئىنجىل» كەلىمەسىنىڭ ئورنىغا «كارونا (ۋەز – نەسىھەت)» دەپ يېزىلغانىدى، بۇ ۋەز – نەسىھەتلەر ياكى كىتابلارغا «مۇقەددەسلىك سۈپىتى» پەقەت نىكېئا/ئىزنىك قۇرۇلتىينىڭ قارارى بىلەنلا بېرىلىدىغان بولدى. باشقا بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان سان – ساناقسىز رىسالىلەر ئىچىدىن يىگىرمە بىر رىسالە بىلەن قارشى پىكىردە بولغان ئەللىكتىن ئارتۇق «ئىنجىل» دىن مۇقەددەسلىك سۈپىتى تارتىۋېلىندى. دېمەك خىرىستىيان دۇنياسى 325 يىل مۇددەت ئىچىدە «ئەھد»تىن، يەنى ئىلاھىي كىتابتىن مەھرۇم قالغان ئىدى.

مۇئەللىف مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تىلىدىكى «ئىنجىل» رىسالىلىرىدىن كىچىككىنە بىرەر ئابزاسنىمۇ تېپىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشى بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدۇر.ھەقىقىي «ئىنجىل»نىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەت نىكېئا قۇرۇلتىيىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بوينىدىدۇر».

مۇئەللىف «لۇكا ئىنجىلى»(5)دا كەلگەن «ئەيودوكىيا» ئىبارىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە «لۇكا»نىڭ باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاب ئەمەسلىكىنى، شۇڭا «ئەيودوكىيا»نىڭ سۇريانىيچە ياكى ئىبرانىيچە سۆزمۇسۆز تەرجىمە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر «ئەيودوكىيا» كەلىمىسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئۇ «ئىنجىل»نىڭ سۇريانىيچە نۇسخىسى بولغان «بەشىتا / Peshitta»غا مۇراجىئەت قىلغىنىدا «ئەيودوكىيا» كەلىمىسىنىڭ گۈزەل ئارزۇ مەنىسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بايقايدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ «ئەيودوكيا»نىڭ ئەسلىگە ئۇيغۇن بولغان سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى ئەمەس ئىدى.

ئۇ «قودشا» كىتابىنى(6) تارىخ نۇقتىسىدىن باشقا «ئىنجىل»لاردىن نىسبەتەن بۇرۇنراق دەپ قاراپ ۋاراقلاشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە، «ئەيودوكىيا»نىڭ «يېڭى بېشارەت، گۈزەل بېشارەت» مەنىسىدە ئىكەنلىكى ۋە «ئەيودوكىيا»نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، بىرىنچى بۆلەك بولغان «ئەيود»نىڭ گۈزەل مەنىسىدە؛ ئىككىنچى بۆلىكى بولغان «دوكيا»نىڭ بولسا گرېك تىلىدا ھېچقانداق مەناغا ئىگە ئەمەسلىكى، ئەسلىدە ئۆزگەرتىلگەن سۆز بولۇپ، توغرىسى مەدھىيىلەش مەنىسىدىكى «دوكويەت» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن تۈرلىنىپ چىققان ئىسىمداش پېئىلنىڭ مەدھىيىلەش، مەدھىيىلەنگۈچى مەنىلىرىدىكى «دوكسا» ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن تارىختا «ئەھمەد»، «مۇھەممەد» ئىسىملىك بىرەر شەخسنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، «مۇھەممەد» دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسىمنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە خاس بولۇشىمۇ تاسادىپىيلىق ياكى توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەسلىكىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ.

 

 يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشى بىلەن بېشارەت بېرىشى

مۇئەللىف يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ پەيغەمبەرنىڭ خىرىستىيانلار ئىددىئا قىلغاندەك مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەمەس بەلكى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇ قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىنتايىن دىققەت قىلغان ئاساستا دەلىللەپ چىقىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابلار بۇرمىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقىنى پەقەت ئىسلامىي نۇقتىدىنلا بىلگىلى بولاتتى.

«ئىنجىل»دا يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن: «مەندىن كېيىن يېقىندا بىر پەيغەمبەر كېلىدۇ» دەپ كەلگەن. مۇئەللىف ئىيسا ۋە يەھيا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ بىر يىل ئىچىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن يەھيا ئەلەيھىسسالام ئىشارە قىلغان پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئىيسا بولالمايدىغانلىقىنى، يەھيا ئەلەيھىسسلامنىڭ يەھۇدىيلەرنىڭ «ئۇ پەيغەمبەر ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن: «ياق سىلەرنى قۇتقۇزغۇچى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەمەس، بۇندىن باشقا يەنە بىر قۇتقۇزغۇچى بار، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھ ئالدىدا شۇ قەدەر مەرتىۋە ساھىبىدۇركى، ھەتتا يەھيامۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئايىقىنىڭ بوغۇچىنى يېشىپ قويۇشقا لايىق دەپ قارىمايدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دەلىل كەلتۈرىدۇ: «ئەگەر مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغان بولسا يەھيا ۋە يەھيانىڭ ئەسھابلىرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولاتتى. يەھيا ئىيسانىڭ قەۋمىگە ۋەز ئېيتىش ۋە ئۇلارنى پاكلاشتىن ئۆزىنى تارتقان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، يەھيا مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئىئوردانىيە دەرياسىدا ئادەتتىكى ئىنسانلارنى پاكلىغاندەك پاكلىغان (چوقۇندۇرغان) ئىدى».

ئۇ يەنە مۇنداق سوئال قويىدۇ: «ئۇنداقتا مەريەم ئوغلى ئىيسا قانداقمۇ ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئوغلى بولسۇن؟»

مۇئەللىفنىڭ قەلبى «بارنابا ئىنجىل»ىدا كەلگەن مۇنۇ بايانلاردىن تەسكىن تاپىدۇ: «مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەر شەيئىدىن ئىلگىرى يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنىدى». بۇ سۆز يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەندىن كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەر مەندىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى، چۈنكى ئۇ مەندىن بۇرۇن يارىتىلغانىدى» دېگەن سۆزىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۇرۇپ بېرىدۇ.

مۇئەللىف ئاخىرىدا يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدە ئېيتىلغان ــ ئۇنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يول ھازىرلىغۇچى بولۇشى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ ئۇلۇغ فاتىھ بولۇشى، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ مەسجىدىگە كېلىپ تىنچلىق، خاتىرجەملىك دىنى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۆز مەسجىدى بىلەن بىرگە قۇددۇسنىڭ مەرتىۋىسىنى ئالاھىدە كۆتۈرۈشى قاتارلىق سۆزلەرنىڭ رېئاللىق ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان قۇرۇق دەۋالار ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئايال زاتى يەھيادىنمۇ بۈيۈك بىر ئىنسان تۇغمىدى، بىراق ئىلاھىي سەلتەنەتنىڭ ئاخىرقى نەپىرى يەھيادىنمۇ بۈيۈكتۇر» دېگەن سۆزى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر پاكىتتۇر. دەرۋەقە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىشنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەنى يىگىرمە ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

مۇئەللىف «پاراكلىت (Paraclete)»نىڭ رۇھۇل قۇدۇس ئەمەس ئىكەنلىكىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ يېتىپ، «ئىنجىل»دا كەلگەن «پاراكلىت» كەلىمىسىنىڭ «ئىنجىل»نىڭ ئەسىل تىلى بولغان ئارامىيچە بىلەن ئەمەس گرېكچە بىلەن يېزىلغانلىقىنى، شۇنداقلا مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قەۋمىگە شارائىت ئېتىبارى بىلەن ئاغزاكى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.

«پاراكلىت (Paraclete)» گرېكچەدە ــ بىرەر مەسىلىنىڭ تەرەپدارى ياكى مۇقەددەس روھ دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز بىلەنمۇ ئوينالغان بولۇپ، ئەسىل كەلىمە ئەھمەد ياكى مەھمۇد مەنىسىدە بولىدۇ.

مۇئەللىف «پاراكلىت» سۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ «پاراكلىت»نىڭ سۈپەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنجىلنىڭ تۆتىنچى بايانىدىن روشەن بولۇشىچە ‹پاراكلىت› ئالاھىدە بىر ئادەمدۇر، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملاردىن باشقىلار ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسان شەكلىگە جايلاشقان پاك روھقا ئىگە مەخلۇقتۇر. پاراكلىت ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز ۋەھىيدۇر، ئۇ كېلەچەكتە يۈز بەرگۈسى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدۇ».

ئاخىرىدا مۇئەللىف بۇ سۈپەتلەرنىڭ پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنجىل»دىكى سۈپەتلىرى

مۇئەللىف مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنجىل»دىكى «ئېسىلزادە ئوغلى» دېگەن سۈپىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەب شەجەرىسىدىكى بۇرمىلاشنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئالايلۇق، «ئىنجىل»دا ھەزرىتى ئىيسانىڭ نەسەبى مەريەم ئوغلى ئىيسا بولغاندىن كېيىن يۈسۈف ئوغلى بولغان، ئاندىن ئۇنىڭ بىر قانچە ئوغۇل – قىز بىر تۇغقانلىرى بولغان، ئاندىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان، ئاندىن ئېسىلزادە ئوغلى، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئوغلى، (ئاللاھ بۇنداق دېيىشتىن ساقلىغاي)، ئاندىن پەقەتلا ئوغلى بولغان، ئاندىن مەسىھ، ئاندىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان نېمەت بولغان.

مۇئەللىف «ئىنجىل»دە كەلگەن «ئېسىلزادە ئوغلى» ئىبارىسى بىلەن ئىيسا مەسىھنىڭ ئۆزىگە ئەمەس بەلكى باشقا بىرىگە ئىشارە قىلغانلىقىنى، چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن ئەبەدىلئەبەد نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان «ئېسىلزادە ئوغلى»نىڭ كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز شەرىئىتى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئېزىپ كەتكەن قويلىرىنى (مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىيلەرنى) قۇتقۇزۋالىدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن (كۇفۇر ئۈزرە چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى رەت قىلغان) ئۆچكىلەرنى ئەتراپقا تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ۋە «ئېسىلزادە ئوغلى»نىڭ يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ سەلتەنەتى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان دىن بەرپا قىلىدىغانلىقىنى روشەنلەشتۈرگەن.

ئۇ ئاخىرىدا «ئېسىلزادە ئوغلى» دېگەن سۈپەتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

 

 خاتىمە

ئەسەر مۇئەللىفنىڭ مۇنداق يەكۈنى بىلەن پايانىغا يېتىدۇ: بىزلەر ئۆزىمىزگە «قۇرئان كەرىم»نى يولباشچى قىلىشىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتەمۇل ئەنبىيا (ئاخىرقى پەيغەمبەر) ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىپ، ئۇ زاتنىڭ دەل مۇقەددەس كىتابلار ئىشارە قىلغان ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلغۇچى، يەر يۈزىدە ھەقىقىي ئېسەنلىك دۆلىتىنى قۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى ئايدىڭلاتقۇچى ئاداققى (ۋە ئەبەدىي) شەرىئەتنىڭ ساھىبى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھۆكۈمگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا دۇئايىمىز: بارلىق مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن!

مەنبە: قاتار «ئۈممەت» ژۇرنىلى، م. 1988 / ئاۋغۇست / مجلة «الأمة» محرم ھ. 1409

——————————————————–
1. «فىرات»: مېۋىلىك، «فىرئام»: ياۋا ئېشەك دېگەن مەنىدە — ت.
2. تارسۇسلۇق پاۋلۇس ياكى پاۋىل (Paulos، م. 5 – 67) — چېركاۋ سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. «يېڭى ئەھد»تە «پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرى» سۈپىتىدە 14 مەكتۇپ بار بولۇپ، پۈتۈن خرىستىيان ئالەمىگە خىتاب قىلسىمۇ، مەكتۇبلار ئومۇمىي خەلققە ئەمەس، ئوخشىمىغان توپلۇقلارغا، مەۋجۇد ھادىسىلەر ھەققىدە يېزىلغان. — ت.
3. تەسنىيە (سفر التثنية أو سفر تثنية الاشتراع / Book of Deuteronomy): ئەرەبچە «ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپقان» دېمەكتۇر، ئىبرانىيچە ئىسمى «دەۋارىم (سۆزلەر)» بولۇپ، ئاساسلىق «ئون پەرھىز»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تەكرار ئۇرغۇلانغان ۋە يەھۇدىي قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «تاناھ» ۋە «كونا ئەھد»نىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى بولغان «تەۋرات»نىڭ 34 بابتىن تەشكىل تاپقان 5 – كىتابىدۇر. —ت.
4. لېكىن، بۇ جۈملە ھازىرقى «لۇكا ئىنجىلى» تەرجىمىسىدە بۇرمىلىنىپ: «ئۇلۇغلۇق ئۈستۈنكى ئالەملەردىكى ئاللاھقا خاستۇر، زېمىندا سالام باردۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا خۇشاللىق باردۇر» دەپ ئېلىنغان. — ت.
5. لۇكا ئىنجىلى (Gospel of Luke): «يېڭى ئەھد»نىڭ تۆت كىتابىنىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ ئۇزۇنى بولۇپ، پاۋلۇسنىڭ دوختۇرى، ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بولمىغان لۇكا تەرىپىدىن يېزىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ۋافتىزچى يۇھاننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى، بولۇپمۇ ھاياتىدىكى ئاخىرقى ھەپتىنى بايان قىلىدۇ. 24 بۆلۈم، 1151 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 80 – 110 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. لۇكا «ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك» دېمەكتۇر. — ت.
6. خىرىستىيانلاردىن نەستۇرىيلارغا ئائىت ئىبادەت كىتابى. — ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ